رامازاندىكى ۋاقىتلىرىڭىز

رامازاندىكى ۋاقىتلىرىڭىز

رامازان شەرەپلىك بىر ئايدۇر. خۇددى مەسجىدى ھەرەم ماكان سۈپىتىدە ھۆرمەتلىك بولغىنىغا ئوخشاشلا رامازان ئېيىمۇ زامان سۈپىتىدە ھۆرمەتلىكتۇر. بۇ ھۆرمەت ۋە ئۇلۇغلۇق ئاللاھ تائالانىڭ كالامىنىڭ ئۇشبۇ ئايدا چۈشكەنلىكىدىندۇر. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇ: ﴿رامازان ئېيىدا «قۇرئان» نازىل بولۇشقا باشلىدى، «قۇرئان» ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر﴾(بەقەرە: 185).

 پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەتنىڭ بايانى بولغان ئايەتلەر نازىل بولغان ئاينىڭ ۋاقىتلىرىنىڭ قىممەتلىك ۋە ئۇلۇغ بولۇشى ھەقتۇر. «قۇرئان كەرىم»دىن ئىلگىرى چۈشۈرۈلگەن ساماۋى كىتابلارمۇ رامازان ئېيىدا چۈشكەن بولۇپ، ئۇلار ھىدايەتنىڭ باياناتلىرى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى ئىدى. ئىمام ئەھمەد «مۇسنەد»([1])ىدە ۋاسىلە ئىبنى ئەسقاﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ھەقىقەتەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىپىلىرى رامازاننىڭ تۇنجى كېچىسىدە، ‹تەۋرات› رامازاننىڭ ئالتىسىدا، ‹ئىنجىل› رامازاننىڭ ئون ئۈچىدە نازىل قىلىنغان ئىدى» دېگەن([2]).

 شۇڭا، رامازاننىڭ ۋاقىتلىرى ئالاھىدە ۋە قىممەتلىكتۇر. كىمكى رامازاندىكى ۋاقىتلىرىنى زايە قىلىۋەتسە، بوشاڭلىق قىلغان، نەپسىگە زۇلۇم قىلغان ۋە ئۆزىگە شۇ يىلدىن بىر ئايدا ئادىل مۇئامىلە قىلمىغان بولىدۇ.

 رامازاندىكى ۋاقىتلارنى زايە قىلىۋېتىش ــ گەرچە زىياننى سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ ــ بەئەينى ئۆمۈرنىڭ زايە بولۇشىدۇر. كىمكى رامازاندا بوشاڭلىق قىلىپ، پۇرسەتلەرنى قولدىن بېرىپ قويسا، ئۆمرىنىڭ قالغان قىسمىدا تېخىمۇ كۆپ بوشاڭلىق قىلىپ، پۇرسەتلەرنى قاچۇرۇپ قويىدۇ. ئەگەر ھەر مىنۇت ۋاقتىنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ۋە زايە بولۇۋاتقانلىقىدىن غەپلەتتە قالغان بولسا، بۇ (ئاللاھ تائالاغا قاراپ ماڭغان) سەپىرىدە نورمال يول يۈرۈش بىلەن نىشانغا يېتىپ بېرىش ئارىسىدىكى باسقۇچلارنى ئىدراك قىلىشتىن بىخۇد قالغانلىقىغا ئىشارەدۇر.

 ئەي قېرىندىشىم! ھايات سەپىرىڭىزنى كۆزىتىپ رامازان ئېيىدىكى يولچىلىقىڭىز بىلەن سېلىشتۇرۇڭ. بۇ ئايدا ئۆزىڭىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز ئۈچۈن، ۋاقتىڭىزنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىگە قاراپ بېقىڭ!

 ئىمام ئىبنۇلقەييىم مۇنداق دېگەن: «بەندىنىڭ يۈرىكى سوقۇپلا تۇرىدىكەن، ئۇ ئاللاھ تائالاغا سەپەر قىلغۇچىدۇر. بۇ سەپەرنىڭ مۇددىتى ئۆمۈردۇر. كېچە بىلەن كۈندۈز بىردىن باسقۇچ بولۇپ، كىشى نىشانغا يېتىپ بارغانغا قەدەر توختىماستىن داۋاملىشىدۇ. ئاقىل كىشى قىلغان ياخشىلىقلىرىنىڭ مۇكاپاتىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشتۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن سەپىرىنى تاماملاشقا كۆڭۈل بۆلىدۇ.

ئىنسان ئوغلى خىلمۇخىل كېلىدۇ. بەزىلەر كۇپۇرلۇق ۋە خىلمۇخىل مەئسىيەتلەردىن ئىبارەت جەھەننەمگە يېقىنلاشتۇرىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئوزۇق – تۈلۈك ئېلىپ سەپىرىنى تاماملايدۇ، بەزىلەر ئاللاھ تائالا ۋە ئۇنىڭ جەننىتىنى مەقسەت قىلىپ سەپىرىنى تاماملايدۇ. مانا شۇلار ئۈچ قىسىمدۇر:

بىر قىسمى، ھەق دادىغا يەتكۈزگۈچىلەردۇركى، ئۇلار پەرزلەرنى ۋاقتىدا ئادا قىلىدۇ، تۈرلۈك نەفلە ئىبادەتلەرنى كۆپلەپ قىلىدۇ، ھارام، مەكروھ ۋە بەزى مۇباھلارنىمۇ تەرك ئېتىدۇ؛

يەنە بىر قىسمى، مەقسەتكە يەتكۈچىلەردۇركى، ئۇلار پەرزلەرنى ئادا قىلىپ ھاراملاردىن ساقلىنىدۇ؛

ئۈچىنچى بىرى، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ياخشى ئەمەل بىلەن يامان ئەمەلنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭدۇر»([3]).

سىز ــ روزىدار قېرىندىشىم! ــ ھايات مۇساپىڭىزدىن ئەقەللىي بىر ئايلىق ئۆمرىڭىزنىڭ ھېساب – كىتابىنى قىلىش ۋە رامازان ئېيىدىكى تۇرمۇشىڭىزغا قاراش ئارقىلىقلا قالغان ھايات سەپىرىڭىزنىڭ قانداق داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلەلەيسىز. ئۆزىڭىزدىن سوراڭكى: مەن ھەق دادىغا يەتكۈزگۈچىلەردىنمۇ ياكى مەقسەتكە يەتكۈچىلەردىنمۇ؟ ۋە ياكى رامازان ئېيىنى ۋە قالغان پۈتۈن ھاياتىنى زايە قىلىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىلاردىنمۇ؟

 ئەگەر سىز رامازاندا ۋە باشقا چاغلاردا، ياخشىلىققا ئالدىرىغۇچىلاردىن ــ ھەق دادىغا يەتكۈزگۈچىلەردىن ــ بولسىڭىز مۇكاپاتىڭىز ﴿راھەت – پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېئمەتلىك جەننەت بولىدۇ﴾(ۋاقىئە: 89).

 ئەگەر مەقسەتكە يەتكۈچىلەردىن بولسىڭىز سائادەتمەنلەردىندۇرسىز! ﴿(ئى مۇھەممەد) سائادەتمەنلەردىن ساڭا سالام﴾(ۋاقىئە: 91).

 ئەمما، سىز ۋاقىتلىرىنى زايە قىلىۋەتكەن ئۆز نەپسىگە زۇلۇم قىلغانلاردىن بولسىڭىز، رامازان ۋە «قۇرئان كەرىم» سىزدىن شىكايەتچى بولۇشتىن ئىلگىرى تەۋبىگە ئالدىراڭ!

رامازاندا ۋاقىتنى زايە قىلىۋەتكەن كىشى باشقا ۋاقىتلاردا تېخىمۇ بەكرەك زايە قىلىۋېتىدىغان بولغاچقا ئىمام ئىبنى رەجەب يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دەيدۇ:

ئى ئۆمرىنى ئىتائەتسىزلىكتە زايە قىلىۋەتكەن كىشى!

ئى رامازاندا ۋە باشقا چاغلاردا بوشاڭلىق قىلىپ، ۋاقتىنى زايە قىلىۋەتكەن كىشى!

ئى كېچىكتۈرۈش ۋە بوشاڭلىقنى دەسمايە قىلىۋالغان كىشى! سېنىڭ بۇ دەسمايەڭ نېمىدېگەن يامان!

ئى رامازاننى ۋە «قۇرئان كەرىم»نى شىكايەتچى (دەۋاگەر) قىلىۋالغان كىشى! شاپائەت كۈنى (قىيامەت كۈنى) ئۆز ئۈستۈڭدىن شىكايەت قىلغۇچىدىن سەن قانداقمۇ شاپائەت ئۈمىد قىلىسەن؟!»([4])

 بىز رامازاندا ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بىلەن نەپس – خاھىشىمىز، ھاۋايى – ھەۋىسىمىزنىڭ ئازدۇرۇشلىرىدىن ئىبارەت ئىككى ئىشنىڭ بىرىنى تاللاش بىلەن سىنىلىمىز.

ئاگاھ بولۇڭ ئى روزىدار قېرىندىشىم! ھاۋايى – ھەۋەس ئاساسىي سەرمايىڭىز بولغان ھايات مىنۇتلىرىڭىزنى ئېلىپ كەتمىسۇن.

مۈلۈك بېرىلدى ساڭا چىڭ تۇتقىن ئىلكىڭدىكىنى،

كىم باشقۇرمىسا مۈلكىنى بېشىغا چىقار بىر كۈنى.

ئوغرى سائەت ئېلىپ كەتمىسۇن ئالدىراتقىن ئۆمۈرنى،

بەزىسىنى زايە قىلساڭ يوقىتىسەن ھەممىنى،

ۋاقتىڭ كەتتى بەختىڭ كەتتى چىشلىسەڭمۇ بارماقنى،

داد – نادامەت پايدا قىلماس چاقساڭمۇ گەر سۆڭەكنى.

 ئاللاھ تائالا بىز بەندىلەرنىڭ مۇبارەك رامازان ئېيىدا ئۆزىنىڭ قەھر – غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىزنى خاھلايدۇ. ﴿ئى مۇئمىنلەر، (گۇناھلاردىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن سىلەردىن ئىلگىرىكىلەرگە (يەنى ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە)روزا پەرز قىلىنغاندەك، سىلەرگىمۇ رامازان روزىسى پەرز قىلىندى﴾(بەقەرە: 183).

 ھاۋايى – ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ، شەھۋەتلىرىگە ئەگەشكەن بىر تۈركۈم قەۋملەر رادىئو – تېلېۋىزورلاردا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىنتېرنېت بلوگلىرىدا روھىيىتىمىزگە فىسق – فۇجۇر، فىتنە – فەساتلارنى تېرىش بىلەن بىزنى ئىتائەتتىن ۋە تەقۋادارلىقتىن ئۇزاقلاشتۇرۇشنى قاتتىق ئارزۇ قىلىشىدۇ.

﴿ئاللاھ سىلەرگە (ھالال ۋە ھارامغا دائىر ئەھكاملارنى) بايان قىلىشنى، سىلەردىن بۇرۇنقىلار (يەنى پەيغەمبەرلەر ۋە ياخشىلار) نىڭ يوللىرىغا سىلەرنى ھىدايەت قىلىشنى، گۇناھىڭلاردىن قىلغان تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خاھلايدۇ، ئاللاھ ھەممىنى (يەنى بەندىلىرىنىڭ ھەممە ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ سىلەرنىڭ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلىشنى خاھلايدۇ. شەھۋەتلەرگە ئەگىشىدىغانلار (يەنى شەيتانغا ئەگىشىدىغان فاجىرلار) توغرا يولدىن بۇرۇلۇپ كېتىشىڭلارنى (شۇلارغا ئوخشاش فاجىر بولۇشۇڭلارنى) خاھلايدۇ﴾(نىسا: 26 – 27).

 رامازان، ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلىشنى ۋە ئۆمرىنى گۈللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلار ئۈچۈن كەم ئۇچرايدىغان بىر پۇرسەتتۇر.

رامازان ۋاقتى بەلگىلەنگەن قىسقا ئۆمۈردۇر، كۈتۈلگەن باشلىنىشى، بىلىنگەن ئاخىرلىشىشى باردۇر. ئىنسان ئۆمرىنىڭ بىر قىسمى تۈرلۈك ئىبادەتلەرنى مەلۇم ۋاقىتلاردا ئادا قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، رامازان ئىنساننىڭ بۇ ئۆمرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن ئۆرنىكىدۇر. ئىنساننىڭ ئۆمرىنىڭ قالغان قىسمى ئۇخلاش ۋە ئارام ئېلىشتەك ئىنسانىي تەبىئەتكە ئالاقىدار ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىشقا بەلگىلەنگەن بولۇپ، بۇ قىسم يۇقىرىقى قىسىمنى بەجانىدىل ئادا قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. مۇبادا بىز ئىبادەتنى ئادا قىلىشقا بەلگىلەنگەن ئۆمرىمىزنى زايە قىلىۋېتىپ، ئۇنى ئىنسانىي تەبىئەتكە ئالاقىدار ھاجەتلەرنى راۋا قىلىشقا بەلگىلەنگەن ئۆمرىمىزگە ئوخشاش قىلىۋەتسەك، روھىمىزنىڭ ھەققىنى تېنىمىزگە ئۆتكۈزۈۋەتكەن بولىمىز – دە، ئۆزىمىزنى زىيانغا ئۇچراتقان ۋە روھلىرىمىزغا زۇلۇم سالغان بولىمىز. دەرۋەقە، بۇ ئۆمرىمىزنىڭ قالغان قىسمىنىڭ كۆپىنچىسىدە تەن ساقلىق ۋە ۋاقىت بار تۇرۇپ مۇشۇنداق داۋاملىشىپ ماڭىدۇ. شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقانكى: «ئىككى چوڭ نېئمەت بار بولۇپ، كۆپىنچە ئىنسانلار ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ. بىرى، سالامەتلىك؛ ئىككىنچىسى، بىكار ۋاقىت»([5]).

ئىبنۇل جەۋزىي بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسان ساغلام تۇرۇپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكلىرىدىن بىكار بولالماسلىقى مۇمكىن. ئۆزى باي، لېكىن تېنى ساغلام بولماسلىقى مۇمكىن. ساغلاملىق ۋە بوش ۋاقىتتىن ئىبارەت بۇ ئىككى نېئمەت بىر ئىنساندا تېپىلغاندا، ھۇرۇنلۇق ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن غالىپ كەلسە (راھەت بىلىنسە)، ئۇ دەل زىيان تارتقۇچىدۇر. چۈنكى، دۇنيا ئاخىرەتنىڭ ئېكىنزارى ۋە پايدىسى ئاخىرەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان تىجارەت مەركىزىدۇر. كىمكى بوش ۋاقتى ۋە تەن ساقلىقىنى ئاللاھنىڭ ئىتائىتىگە ئاتىسا، ئۇ كىشى نىجاتلىققا ئېرىشكەن كىشىدۇر. ئەكسىچە، كىمكى تېنى ساق تۇرۇپ، بوش ۋاقتىنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن ئۆتكۈزسە، ئۇ كىشى زىيان تارتقاندۇر. چۈنكى، بوش ۋاقىتتىن كېيىن ئالدىراشچىلىق، ساغلاملىقتىن كېيىن كېسەللىك كېلىشى مۇمكىن»([6]).

 رامازان ئۆمۈرلەردىكى ۋە ۋاقىتلاردىكى زىياننى ئۆلچەيدىغان بىر تارازىدۇر. رامازاننىڭ ئوتتۇرا ياكى ئاخىرىدا ئاكتىپ ئىبادەت قىلىش خىيالى بىلەن ئەۋۋەلقى ئونىدا بوشاڭلىق قىلىپ پەزىلەتلەردىن مەھرۇم قالىدىغانلارمۇ، رامازاننىڭ بېشىدا ئاكتىپ ئىبادەت قىلىپ، ئېغىر كەلگەنلىك ياكى باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغانلىق سەۋەبىدىن ئوتتۇرا ۋە ئاخىرىدا ھۇرۇنلۇق قىلىدىغانلارمۇ ۋە ھەتتا پۈتۈن ئاي غەپلەتتە ياشاپ، رامازانغا قانداق كىرگەن بولسا شۇنداق چىقىپ كېتىدىغانلارمۇ، ھەتتا «قۇرئان كەرىم»نى «قۇرئان» ئېيىدا تەرك ئەتكەنلىكى، بەدىنى روزا تۇتقان بولسىمۇ، قەلبى روزا تۇتمىغانلىقى، كېچىلىرى قىيامدا تۇرماي ۋە ئىبادەت قىلماي ئۇخلىغانلىقى ۋە رامازان ئېيىنىڭ ھۆرمىتى قەلبىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن رامازانغا كىرگەندىكىدىنمۇ ناچارراق چىقىپ كېتىدىغان كىشىلەرمۇ باردۇر.

ئاقتى ئۆمۈر ماللىرىڭنىڭ ۋاقىتلىرى ئەي،

بولدى ئىسراپ، يوقتى شەپقەت يوقاتقانغا ھەي.

خەجلىدىڭ ئۆمرۈڭنى سەن ھەقىقەتەن زىيانىدا،

ئاغرىق كېلەر ئارقىدىنلا ئاغرىقىن پەيدىنمۇپەي.

شۈبھىسىزكى، رامازان ئېيى بىز يېتىشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەنزىلگە بىزنى يېقىنلاشتۇرالايدىغان بىر پۇرسەتتۇر. شەكسىزكى، ياخشىلىقتا ئىلگىرى بولغۇچىلارنىڭ مەنزىلى قەلبلەر تەلپۈنىدىغان، بويۇنلار سوزۇلىدىغان بىر مەنزىلدۇر. ئۇنداق ئىكەن، قەلبلىرىمىزنى ئۇ تارازا – مىزانغا قويايلى، پەرزلەرنى كامىل ئادا قىلىش ۋە نەفلە ئىبادەتلەرنى كۆپرەك قىلىۋېلىش بىلەن ھارام ئىشلاردىن ساقلىنىش، شۇنداقلا مەكروھ ئىشلارنى تەرك ئېتىش ئۈچۈن بۇ مەنزىلگە ئۆزىمىزنى رامازاندا ۋە باشقا ۋاقىتلاردا تەڭلەشكە تىرىشايلى.

 مۇبارەك رامازان ۋاقىتلىرىنى نەپسىمىزنى بۇ شەكىلدە تەربىيەلەشتە ئۆتكۈزەلىسەك، قەلبلىرىمىز تەدرىجىي ھالدا ئاللاھقا يېقىن دەرىجىلەرگە يېتەلىشى مۇمكىن.

ئى ئاللاھ! ئىشىمىزنىڭ ئاساسى بولغان دىنىمىزنى ياخشىلاپ بەرگىن. ياشاۋاتقان دۇنيايىمىزنى ياخشىلاپ بەرگىن. ھاياتلىقىمىزدا ھەرقانداق بىر ياخشىلىقنى زىيادە قىلىپ بەرگىن. ئۆلۈمنى ھەرقانداق بىر يامانلىقتىن راھەت قىلىپ بەرگىن! … ئامىن!

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

————————————-
([1]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد (مسند الإمام أحمد بن حنبل)»، مەشھۇر تۆت مەزھەبنىڭ بىرى بولغان ھەنبەلىي مەزھىبىنىڭ ئىمامى بۈيۈك مۇھەددىس ئەبۇ ئابدۇللاھ ئەھمەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەنبەل ئەششەيبانىي ئەلمەرۋەزىي (ھ. 164 – 241 / م. 780 – 855) تەرىپىدىن ئوغلى ئابدۇللاھقا سۆزلەپ بېرىلىپ، شۇ ئوغلى تەرىپىدىن يېزىلىپ رەتلەنگەن چوڭ ھەجىملىك ھەدىس توپلىمىدۇر. ھەربىر ساھابىنىڭ رىۋايەتلىرى جەملەنگەن «مۇسنەد» شەكلىدە تۈزۈلگەن بۇ ئەسەردىمۇ ساھابەلەرنىڭ ئىسىملىرى ئېلىپبەلىك تەرتىپتە ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن خۇلەفائى راشىدىن، ئاندىن ئەشەرەئى مۇبەششەرە، ئاندىن ئەھلى بەيتتىن باشلاپ مۇئەييەن تەرتىپتە يېزىلغان. ئىمام ئەھمەد ئەسەردە ھەدىس تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكەن 61 يىللىق ئۆمرىدە 283 ئۇستازىدىن ئاڭلاپ توپلىغان، 904 ساھابىدىن كەلگەن «سەھىھ»، «ھەسەن» ۋە ئاز بىرقىسمى «زەئىف» دەرىجىدىكى 30 مىڭغا يېقىن (تەكرارلانغانلىرى بىلەن 40 مىڭ) ھەدىسنى تاللاپ كەلتۈرىدۇ. ئەسەرنى تەھقىقلەپ نەشرگە تەييارلىغان شەيخ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت باشچىلىقىدىكى ئىلمىي گۇرۇپپا تەرىپىدىن بېكىتىلىشچە، ئۇنىڭدىكى ھەدىسلەرنىڭ سانى 27 مىڭ 679 «مەرفۇﺋ» (ئىنتايىن ئاز بىرقىسمى «مەۋقۇف» ۋە «مەقتۇﺋ») ھەدىس بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىمام ئەھمەدنىڭ ئوغلى قوشۇپ قويغىنى 642 ھەدىستۇر. ئەڭ بۈيۈك ھەدىس توپلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەزكۇر كاتتا خەزىنىنىڭ مۇكەممەل نەشرى شەيخ شۇئەيب ئەلئەرنائۇت باشچىلىقىدىكى ئىلمىي گۇرۇپپا تەرىپىدىن 2001 – يىلى بېيرۇتتا 50 تومدا نەشر قىلىنغاندۇر. ــ ت.
([2]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 16536 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([3]) ئىبنۇلقەييىم: «تەرىقۇل ھىجرەتەين»، 288 – بەت.
([4]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 77 – بەت.
([5]) «بۇخارىي»، 6412 – ھەدىس.
([6]) ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇل بارىي»، 5933 – ھەدىسنىڭ شەرھىسى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ