رامازاندىكى كېچىلىك ئىبادەتلىرىڭىز

رامازاندىكى كېچىلىك ئىبادەتلىرىڭىز

مۇئمىنگە شەرەپ كەلتۈرگۈچى كېچە نامىزى كۆكلەرنىڭ ئەمىنى بولمىش جىبرىل ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن يەر يۈزىنىڭ ئەمىنى بولغان مۇھەممەد مۇستافا ئەلەيھىسسالامغا ئېلىپ كېلىنگەن بىر ھەقىقەتتۇر. جىبرىل ئەلەيھىسسالام مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە شۇنداق دېگەن: «ئەي مۇھەممەد! خاھلىغىنىڭچە ياشا، ھامىنى ۋاپات بولىسەن، خاھلىغان كىشىنى ياخشى كۆر، ھامىنى ئۇنىڭدىن ئايرىلىسەن، خاھلىغىنىڭچە ئەمەل قىل، نەتىجىسىنى كۆرىسەن. بىلگىنكى، مۇئمىننىڭ شەرىپى كېچىسى قىيامدا تۇرۇشتۇر، ئىززىتى ئىنسانلاردىن بىھاجەت بولۇشتۇر»([1]). شۇڭا، رامازان كېچىلىرى قىيامدا تۇرۇش باشقا كېچىلەردە قىيامدا تۇرغانغا ئوخشىمايدۇ، رامازان كېچىلىرىدىكى قىيام شەرەپ ئۈستىگە شەرەپتۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رامازان كېچىلىرىنى «قۇرئان» بىلەن ئۆتكۈزەتتى، جىبرىل ئەلەيھىسسالاممۇ رامازان كېچىلىرىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن «قۇرئان كەرىم»نى تىلاۋەت قىلىپ ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا كېلەتتى ۋە بىر – بىرىگە «قۇرئان» ئوقۇپ بېرەتتى، بىر – بىرىنى تىڭشايتتى. ھەدىس شەرىپتە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىنسانلارنىڭ ئەڭ سېخىيسى ئىدى. بولۇپمۇ، رامازاندا جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشكەندە، تېخىمۇ سېخىي بولۇپ كېتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامازان ئېيىنىڭ ھەر كېچىسى جىبرىل ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ‹قۇرئان› ئوقۇشاتتى. شۇنى كېسىپ ئېيتىش مۇمكىنكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ياخشىلىق قىلىشتا مەيىن شامالدىنمۇ سېخىي ئىدى»([2]).

سەلەفلەرمۇ رامازان كېچىلىرىدە «قۇرئان»نى ئالاھىدە كۈتۈۋالاتتى. ئۇلار بۇ ئايدا باشقا ئايلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇزۇنراق قىيامدا تۇراتتى. سەلەفلەردىن بەزىلەر «قۇرئان»نى رامازان كېچىلىرىدە ئوقۇپ بىر تامام قىلسا، بەزىلىرى ئون كېچىدە، يەنە بەزىلىرى يەتتە كېچىدە تاماملايتتى، ھەتتا ئۈچ كېچىدە بىر قېتىم تاماملايدىغانلارمۇ بار ئىدى([3]).

رامازان كېچىلىرىدە قىيامدا تۇرۇشنىڭ باشقا ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا پەزىلىتى كۆپ بولۇپ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى رامازاندا چىن ئىشىنىش بىلەن ساۋاب ئۈمىد قىلىپ قىيامدا تۇرسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»([4]). بۇ يەردىكى ئىشىنىش ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىش بولسا ئاللاھنىڭ شۇ مۇكاپاتنى بېرىدىغانلىقىنى چىن دىلدىن تەستىق قىلىپ ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلىپ، ئاللاھقا ئىخلاسمەنلىك بىلەن تەلپۈنگەن ھالدا، رامازان كېچىلىرىنى ئىبادەت ۋە قىيامدا تۇرۇش بىلەن ئۆتكۈزۈش دېمەكتۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم رامازاننىڭ بەزى كېچىلىرى ساھابەلىرى بىلەن بىللە قىيامدا تۇرغان بولۇپ، كېيىنچە ئۈممىتىگە پەرز بولۇپ قېلىشىدىن ھەزەر قىلىپ بىللە قىيامدا تۇرۇشتىن يالتايغان، بۇ ھەقتە رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «سىلەرگە پەرز قىلىنىشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم»([5]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇپ، ۋەھىي ئۈزۈلگەندىن كېيىن، «پەرز قىلىنىشىدىن» خاتىرجەم بولۇنغان ۋاقىتتا ھەزرىتى ئۆمەر([6])، ئۇبەي ئىبنى كەئب([7]) ۋە تەمىم ئەددارىي([8]) (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولغاي) لارنى كىشىلەرگە رامازان كېچىلىرىدە ناماز ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇدى، ئۇلار جامائەتكە ئىمام بولغىنىدا بىر رەكئەتتە يۈز ئايەت ئەتراپىدا ئوقۇيتتى، ھەتتاكى كىشىلەر قىيامنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ھاسىلارغا تايىنىۋالاتتى، جامائەت پەقەت سوھۇرلۇق ۋاقتىدىلا قايتىشاتتى.

 پۈتۈن كېچە قىيامدا تۇرۇش يۈكسەك ھىممەت ئىگىلىرىلا بەجا كەلتۈرەلەيدىغان ئىش بولۇپ، بۇ خىل ھىممەت زامانىمىز كىشىلىرىدە ئازلاپ كەتتى، قىيامنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى ــ ئىمام ئەھمەد بايان قىلغاندەك ــ جامائەتنىڭ تاقىتىگە يارىشا بولىدۇ. پۈتۈن كېچە داۋام قىلىدىغان قىيام ھەققىدە ئىمام ئەھمەدتىن سورالغاندا، ئۇ: «بۇ مۇشەققەتلىك بىر ئىشتۇر. بولۇپمۇ تۈن قىسقا كۈنلەردە كىشىلەرنىڭ تاقىتىگە يارىشا بولغىنى ئەقىلگە مۇۋاپىقتۇر» دېگەنىكەن.

ئىمام ئەھمەد رامازاندا جامائەتكە ناماز ئوقۇپ بېرىدىغان بەزى شاگىرتلىرىغا: «بۇلار ئاجىز كىشىلەردۇر» دېيىش ئارقىلىق جامائەتكە كۆيۈمچانلىق قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار جامائەتكە يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسى «قۇرئان»نى تامام قىلىپ بېرەتتى([9]).

 بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «قۇرئان»نى يىگىرمە يەتتە كېچىدە ياكى ئوتتۇز كېچىدە تامام قىلىش ئاجىزلارغا ماس كېلىدۇ. لېكىن، زامانىمىزدىكى ئاجىزلىق ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، بەزىدە ئىمامدىن بىر رەكئەتتە بىرقانچە ئايەتتىن ئارتۇق ئوقۇماسلىقنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى كۆرۈپ قالىمىز. ھەتتا بەزىلەر ئىمام بىلەن بۇ بىرقانچە ئايەتلىك نامازغا تۇرغىنىدىمۇ، دۇنيانىڭ ئۆتكۈنچى لەززەت ۋە ئەرزىمەس ماتالىرىنى قوغلىشىپ، ئىككى ياكى تۆت رەكئەتتىن كېيىنلا نامازدىن قايتىپ كېتىشىدۇ، ئەگەر ئۇلار ئىمام پۈتۈن نامازنى تامام قىلغانغا قەدەر سەبر قىلغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگىنىدەك، پۈتۈن كېچە قىيامدا تۇرغاننىڭ ساۋابى ئەمەل دەپتەرلىرى([10]) گە يېزىلغان بولاتتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر قېتىم ساھابەلىرى بىلەن كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىچە، يەنە بىر قېتىم تۈن يېرىمىغىچە قىيامدا تۇردى، ساھابەلەر:

ــ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، كېچىنىڭ قالغان قىسمىدىمۇ بىز بىلەن قىيامدا تۇرغان بولسىلىچۇ! ــ دېيىشتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جاۋابەن:

ــ بىر كىشى ئىمام قايتقانغا قەدەر بىللە ناماز ئوقۇغان بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن كېچىنىڭ قالغان قىسمىنىڭمۇ ساۋابى يېزىلىدۇ، ــ دېدى([11]).

بۇ پەزىلەت ئىمام نامازنى تامام قىلغانغا قەدەر ئىمام بىلەن بىرلىكتە تۇرغان كىشىگە خاستۇر. ئىمام ئىبنى رەجەب بۇ ھەدىس ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىس كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە قىيامدا تۇرۇش بولسۇن ياكى تۈن يېرىمىغىچە قىيامدا تۇرۇش بولسۇن، پەقەت ئىمام بىلەن بىرلىكتە قىيامدا تۇرغاندىلا پۈتۈن كېچە قىيامدا تۇرغاننىڭ ساۋابى يېزىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئىمام ئەھمەد بۇ ھەدىسكە بىنائەن ئىمام قايتمىغۇچە نامازدىن قايتمايتتى»([12]).

 رامازاندا قىيامدا تۇرۇش روزىنىڭ روھى بولغاچقا، ئىماملىرىمىز «قۇرئان»نى كېچە قىيامىدا تاماملاش خۇسۇسىدا يەڭگىل بولۇش بىلەن كىشىلەرگە ئۈلگە بولۇشاتتى. كېچە قىيامىدا يالغۇز تۇرغان كىشى ئۇزۇن تۇرۇۋالسا ياكى بىر جامائەتكە ئىمام بولۇپ بەرگەندە جامائەت ئۇ كىشىگە ئىقتىدا قىلىپ ئۇزۇن ئوقۇشىغا كۆنگەن بولسا ھېچقىسى يوق. ئىمام ئىبنى رەجەب مۇنداق دەيدۇ: «قىرائەتنى ئۇزۇن قىلىشنى خاھلىغان كىشى ئۆزى يالغۇز ئۇزۇن ئوقۇۋالسۇن، باشقىلارغا ناماز ئوقۇپ بەرگىنىدە ئۇلارمۇ ئۇ كىشىگە ئىتائەت قىلىپ ئۇزۇن ئوقۇشىغا رازى بولسا ئۇمۇ مەيلى»([13]).

روزىنىڭ روھلىرى بولغىنىدەك، كېچە قىيامىنىڭمۇ مەلۇم روھلىرى بار، قىيامنىڭ روھى ئاللاھتىن ھەقىقىي قورقۇش، تەسلىمىيەت ۋە خۇشۇدۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەھەججۇد نامازلىرىدا شۇنداق ئىدى: «ئازاب ئايەتلىرىگە كەلگىنىدە توختاپ ئاللاھتىن پاناھ تىلەيتتى، رەھمەت ئايىتىگە كەلسە توختاپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى سورايتتى»([14]). ھازىر بولسا كۆپىنچە ئىماملار تەراۋىھ نامىزىغا تۇرغىنىدا ئۆزىنىڭ شۇ تاپتا قايسى نامازنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرماي تۇرۇپلا ياكى ھېكمىتىنى چۈشەنمەستىنلا ئوقۇيدۇ، قەلب تەسكىنلىكى نامازنىڭ بىر رۇكنى، قەلبنىڭ ھازىر بولۇشى مەقسىتى بولسىمۇ، سەجدە ۋە رۇكۇلىرىدا قەلبى تەسكىنلىك تاپالمايدۇ. چۈنكى، قەلب تەسكىنلىكى ئالدىراپ – تېنەپ ئوقۇلغان نامازدا ھاسىل بولمايدۇ.

بىلىشىمىز كېرەككى، رۇكۇ – سەجدىلەرنى خۇشۇ بىلەن ئادا قىلىپ قىرائەتنى قىسقا قىلىش مەكرۇھ دەرىجىسىدىكى تېزلىك بىلەن ئوقۇلغان قىرائەتتىن ئەۋزەلدۇر؛ ئۇزۇن قىرائەت ۋە قەلب تەسكىنلىكى بىلەن ئوقۇلغان ئون رەكئەت ناماز مەكرۇھ ھالەتتىكى ئالدىراپ ئوقۇلغان يىگىرمە رەكئەت نامازدىن ياخشىدۇر؛ چۈنكى نامازنىڭ روھى قەلبنىڭ ئاللاھقا پۈتۈنلەي يۈزلىنىشىدۇر. ئۆزى ئاز، ئەمما سۈپەتلىك نەرسىلەر ئۆزى كۆپ، لېكىن لاياقەتسىز نەرسىلەردىن ياخشىدۇر. شۇنىڭدەك تەرتىل بىلەن قىرائەت قىلىش تېز ئوقۇشتىن ئەۋزەلدۇر، مۇباھ بولغان سۈرئەت ھەرپلەردىن ھېچنەرسىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق بولۇپ، بەزى ھەرپلەر چۈشۈپ قالغۇدەك دەرىجىدە تېز ئوقۇش جائىز ئەمەستۇر. ئەلبەتتە ئارقىسىدىكى جامائەت پايدىلىنالىغۇدەك شەكىلدە ئوچۇق قىرائەت قىلىش تېخىمۇ ياخشى([15]).

ئەي قىيامدا تۇرغۇچى روزىدار قېرىندىشىم! قىيامدا تۇرغىنىڭىزدا ئاللاھنىڭ مۇنۇ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى ئەسلەڭ: ﴿ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا، يەنى نامازدا ئىتائەتمەنلىك بىلەن تۇرۇڭلار﴾(بەقەرە: 238). قەلبتە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بولمىسا، نامازدىكى قىيامنىڭ بىر ئۆزى كۇپايە قىلمايدۇ. سىز ئاللاھنىڭ ئالدىدا قىيامنى ئۇزۇن ھېس قىلغىنىڭىزدا، دەرھال ئىنسانلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەللىك مىڭ يىللىق ئۇزۇنلۇقتا ئۆچرەتتە تۇرۇشىنى ئەسلەڭ! چۈنكى، ھاياتىڭىزدا ئاللاھ ئۈچۈن قانچىلىك قىيامدا تۇرغان بولسىڭىز مەھشەر كۈنىدىكى تۇرۇشىڭىز شۇنچىلىك مىقدارىدا ئاسانلاشتۇرۇلىدۇ.

كېچىنىڭ يېرىمىدا ياكى ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە ئاللاھ تائالا دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ مۇنداق دەيدۇ: «سورايدىغانلار بارمۇ؟ بېرىلىدۇ، دۇئا قىلىدىغانلار بارمۇ؟ ئىجابەت قىلىنىدۇ، مەغپىرەت تەلەپ قىلىدىغانلار بارمۇ؟ گۇناھلىرى كەچۈرۈلىدۇ، بۇ تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ»([16]).

ئەي روزىدار قېرىندىشىم! بۈگۈن مۇسۇلمانلىرىمىزنىڭ كېچىسى كۈندۈزگە ئايلاندى، بەزى كېچىلەر قىسمەن ياخشىلىقلار بىلەن ئاۋاتلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان كېچىلەر يەنىلا جىنايەت ۋە يازۇق – مەئسىيەتلەر بىلەن ۋەيران قىلىندى، رامازان كېچىلىرىدە ئىلاھىي رەھمەت چۈشىدىغان ۋاقىتلارنى باشقا كېچىلەرنى زايە قىلىۋەتكىنىڭىزدەك زايە قىلىۋەتمەڭ. ئەي قېرىندىشىم، ئۆزىڭىزدىن سوراپ بېقىڭ! سىز كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە نەدە بولىسىز؟ ئاللاھ بىلەن ئۇچرىشىشتىمۇ ياكى ئاللاھقا مۇناجات قىلىشتىن غەپلەتتە قالغان ئۇيقۇدىمۇ ۋە ياكى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىش بىلەن تولغان بىرەر سورۇندىمۇ؟

تاڭ ئاتقانغا قەدەر ئۇخلىغان بىر كىشىنىڭ گېپى بولغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ قۇلىقىغا شەيتان سىيىپ قويغان كىشىدۇر»([17]) دېگەن ئىدى. گۇناھ قىلماستىن كۈن چىققۇچە ئۇخلىغان كىشىگە شەيتاننىڭ قىلىقى بۇ بولسا، كېچىنى مەئسىيەتتە ئۆتكۈزگەن كىشىنى شەيتان نېمىمۇ قىلىۋېتەر – ھە؟! بەزىلەر ئۈچۈن كېچىنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈش ئېغىر كېلىدۇ. ھايھات! ئاللاھتىن غەپلەتتە قالغان بۇ ئۇزۇن كېچىنىڭ قانچىلىك قىممىتى بولماقچى؟!

ئىبنى مەسئۇد([18]) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا:

ــ كېچىدە قىيامدا تۇرۇشقا قادىر بولالمايۋاتىمىز، ــ دېيىشكەندە، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد:

ــ گۇناھىڭلار سىلەرنى كېچىلىك قىيامدىن مەھرۇم قىپتۇ، ــ دېگەنىكەن.

دەرۋەقە، فۇزەيل ئىبنى ئىياز([19]) ئېيتقانكى: كېچىدە قىيامدا تۇرۇشقا، كۈندۈزدە روزا تۇتۇشقا قادىر بولالمىساڭ، بىلگىنكى، سەن مەھرۇم كىشىسەن، خاتالىقلىرىڭ سېنى كىشەنلەپ قويۇپتۇ.

ئى ئاللاھ! سەن بىلەن يۈزلىشىدىغان ئاخىرەت كۈنىدە ھۇزۇرۇڭدا تۇرۇشىمىزنىڭ گۈزەل بولۇشى ئۈچۈن دۇنيادا سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇشىمىزنى گۈزەل قىلغىن! بىزنى دۇنيا خارلىقى ۋە ئاخىرەت ئازابىدىن ساقلىغىن… ئامىن!

 

مەنبە: دوكتور ئابدۇلئەزىز مۇستافا كامىل: «روزىنىڭ روھى ۋە مەنىلىرى».

ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد تۇرسۇن يۈسۈف

نەشر قىلغۇچى: ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

———————————————
([1]) ھاكىم: «ئەلمۇستەدرەك»، 7921 – ھەدىس. زەھەبىي: «سەھىھ» دېگەن. ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 1903) «ھەسەن» دېگەن.
([2]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 6 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2308 – ھەدىس.
([3]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 43 – بەت. بۇ ئەسەر ئەللامە ئىبنى رەجەب ئەلھەنبەلىينىڭ: «لەتائىفۇل مەئارىف» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇختەسەرى (ئىخچاملاشتۇرۇلغىنى) دۇر.
([4]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 37 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 759 – ھەدىس.
([5]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 924 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 761 – ھەدىس.
([6]) ھەزرىتى ئەبۇ ھەفس ئۆمەر ئىبنى ئەلخەتتاب ئەلئەدەۋىي ئەلقۇرەشىي (عُمَرُ بْنُ الْخَطَّابِ العَدَوِيُّ القُرَشِيُّ، ھ. بۇرۇن 40 – ھ. 23 / م. 583 – 644) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەڭ كاتتا ساھابىلىرىدىن ۋە راشىد خەلىپىلەرنىڭ ئىككىنچىسى (م. 634 – 644). ئىسلام تارىخىدا زور تەسىر قالدۇرغان زات. «ئەلفارۇق» نامى بىلەن مەشھۇردۇر. ھ. 23 – يىلى 23 – زۇلھەججە بامدات ناماز ئوقۇۋاتقان پەيتىدە كەينىدىن خەنجەر سېلىنغان، 26 – زۇلھەججە / م. 644 – يىلى 3 – نويابردا ۋاپات تاپقان. ــ ت.
([7]) ئەبۇلمۇنزىر ئۇبەي ئىبنى كەئب ئىبنى قەيس ئەلئەنسارىي (أُبَيُّ بْنُ كَعْبِ بْنِ قَيْسٍ الأَنْصَارِيُّ، ھ. ؟ – 30 / م. ؟ – 653) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ ئىككىنچى «ئەقەبە بەيئىتى»گە ۋە بارلىق غازاتلارغا قاتناشقان زات. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەھىي كاتىبلىرىدىن بىرى، ساھابە قارىيلارنىڭ پېشۋاسى. ــ ت.
([8]) ئەبۇ رۇقەييە تەمىم ئىبنى ئەۋس ئەددارىي ئەلفىلەستىينىي (تَمِيْمٌ بنُ أَوْسِ بنِ خَارِجَةَ الدَّارِيُّ الفِلَسْطِيْنِيُّ، ھ. ؟ – 40 / م. ؟ – 660) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ ھىجرىيە 9 – يىلى مۇسۇلمان بولغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن غازاتلارغا قاتناشقان ساھابە. خەلىپىلەر دەۋرىدىمۇ غازاتلارغا قاتناشقان، قارىي، ئابىد، مەشھۇر ساھابەلەرنىڭ بىرىدۇر. ــ ت.
([9]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 39 – بەت. بۇ ئەسەر ئەللامە ئىبنى رەجەب ئەلھەنبەلىينىڭ: «لەتائىفۇل مەئارىف» ناملىق ئەسىرىنىڭ مۇختەسەرى (ئىخچاملاشتۇرۇلغىنى) دۇر.
([10]) ئاللاھ تائالا ھەربىر بەندىگە ئىككى پەرىشتىنى مۇئەككەل قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭ ياخشى – يامان پۈتۈن ئىشلىرىنى نامە ئەمالغا تىزىملايدۇ ۋە ئۇ ۋاپات بولغاندا دەپتەرنى پېچەتلەيدۇ. قىيامەت كۈنى (ئۇنىڭغا) «نامە – ئەمالىڭنى ئوقۇغىن!» دېيىلىدۇ. ــ ت.
([11]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 20910 – ھەدىس؛ «ئەبۇ داۋۇد»، 1375 – ھەدىس؛ «تىرمىزىي»، 806 -، 1364 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 1605 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([12]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 40 – بەت.
([13]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي، يۇقىرىقى مەنبە، ئوخشاش بەت.
([14]) «مۇسنەدۇ ئەھمەد»، 23460 – ھەدىس؛ «نەسائىي»، 1132 – ھەدىس. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
([15]) ئابدۇرراھمان ئەلئاسىمىي: «ۋەزائىفۇ رامازان»، 42 – بەت.
([16]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 1144 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 758 – ھەدىس.
([17]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، 3270 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 774 – ھەدىس.
([18]) ئەبۇ ئابدۇرراھمان ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد ئەلھۇزەلىي (عَبْدُ اللهِ بنُ مَسْعُوْدٍ الهُذَلِيُّ، ھ. ؟ – 32 / م. ؟ – 653) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ــ ھەبەشسىتانغا، كېيىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلغان، ئۇزۇن مۇددەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزمىتىدە بولغان ساھابە، تەفسىرشۇناس ۋە قىرائەتشۇناس ئالىم. ھەزرىتى ئۆمەر ۋە ئوسمان خىلافىتىدە كۇفەگە قازى بولغان. ــ ت.
([19]) ئەبۇ ئەلى فۇزەيل ئىبنى ئىياز (الْفُضَيْلُ بن عِيَاضٍ، ھ. 107 – 187 / م. 726 – 803 – يىلى ئەتراپىدا) ــ تېگى ئەرەبلەردىن بولۇپ، ياشلىقىدا ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتى ئەبيۇرد / ئەبىۋەرد بىلەن سەرەخس (تۈركمەنىستاندىكى قەدىم يۇرتلار) ئارىسىدىكى چۆلدە يول توسار قاراقچىلىق قىلغان. فۇزەيل ئىبنى ئىياز زالالەتتە يۈرگەن كۈنلىرىدە بىر قېتىم مەشۇقەسىنىڭ يېنىغا كېتىۋېتىپ، بىر كىشىنىڭ: ﴿مۇئمىنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى ئاللاھنىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟﴾ (ھەدىد: 16) دېگەن ئايەتنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالىدۇ. بۇ ئايەتنى ئاڭلىغان فۇزەيل: «شۇنداق، ئەي پەرۋەردىگارىم! دىللىرىمىزنىڭ ئېرىيدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى!» دەۋېتىدۇ ۋە شۇندىن كېيىن ئىسلامغا ئۆزىنى ئاتاپ خۇراسان رايونىنىڭ بۈيۈك زاھىدلىرىدىن بولۇپ قالغان ئاتاقلىق ھەدىسشۇناس ئالىمدۇر. مەككەدە ۋاپات بولغان. «تۈركىيە دىيانەت ۋاقفى (TDV) ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»، 13 – جىلد، 208 – 209 – بەتلەر. ــ ت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ