«كىمكى كۈندە يەتتە تال ئەجۋە خورمىسىدا ناشتا قىلسا، ئۇنىڭغا شۇ كۈن زەھەر ياكى سېھىر زىيان قىلمايدۇ» دېگەن ھەدىس توغرىسىدا

سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى كۈندە يەتتە تال ئەجۋە خورمىسىدا ناشتا قىلسا، ئۇنىڭغا شۇ كۈن زەھەر ياكى سېھىر زىيان قىلمايدۇ» دېگەن. («سەھىھەين»).

ئەجۋە مەدىنەنىڭ ئەڭ ئېسىل خورمىلىرىدىن بولۇپ، قارامتۇل كېلىدۇ. دەرىخى «لىينە» دەپ ئاتىلىدۇ. قاراڭ: ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 21/71.

بۇ ھەدىستە خورما تۈرى ئەجۋە دەپ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، مۇسلىمنىڭ بىر رىۋايەتىدە: «مەدىنەنىڭ (قارا تاشلىق) ئىككى سايلىقىنىڭ ئوتتۇرىدىكى خورمىلاردىن يەتتە تال» دەپ تۈر جەھەتتىن ئومۇمراق كەلگەن – يۇ، لېكىن مۇئەييەن ئورۇننى بەلگىلىگەن. يەنە بىر ھەدىستە: «ئۈست مەدىنەنىڭ ئەجۋىلىرىدە شىپا بار ياكى ئۇ تەڭ سەھەرنىڭ تىرياقىدۇر»(مۇسلىم، 2048) دەپ كەلگەن، يەنە بىر ھەدىستە: «ئەجۋە جەننەتتىندۇر. ئۇنىڭدا زەھەرگە داۋا بار»(تىرمىزىي، 2066) دېيىلگەن. شۇڭا، بۇ ھەدىستە كۆزدە تۇتۇلغان خورما ئەجۋە تۈرى ياكى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەلگىلىگەن (قارا تاشلىق) ئىككى سايلىق ئوتتۇرىدىكى مەدىنە ھەرەمىنىڭ ياكى ئۈست مەدىنەنىڭ خورمىسىدۇر. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. (قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/239).

بۇنى ھازىرقى پۈتۈن مەدىنەنىڭ ياكى پۈتۈن دۇنيانىڭ تۈرلۈك خورمىلىرىغا ئومۇملاشتۇرۇش ئايرىم دەلىلگە موھتاج بولغاندىن سىرت، ھەدىسلەردىكى ئەجۋە، ئالىيە ۋە مەدىنە خورمىسى دېگەن قەيتلەرگىمۇ زىتتۇر. مەلۇمكى، مەدىنەنى شەرقتە ۋاقىم سايلىقى، غەربتە ۋەبەرە سايلىقى، جەنۇبتا ئەير تېغى، شىمالدا سەۋر تېغى قورشاپ تۇرىدۇ ۋە بۇ ئىككى سايلىق بىلەن ئىككى تاغ مەدىنەنىڭ تۆت تەرەپتىكى چېگرىسىدۇر. جەنۇبتىكى ئەير تېغى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدىدىن 8 مىل يىراقلىقتا بولۇپ، بىر ئۇچى زۇلھۇلەيفە (ھازىر ئەبيار ئەلى) دە تۈگەيدۇ. شىمالدىكى سەۋر تېغى (ھازىرقى خەززان تېغى) ئۇھۇد تېغىنىڭ شىمالىغا توغرا كېلىدىغان كىچىك قىزغۇچ تاغ بولۇپ، بۇ تاغ ئۇھۇد تېغىنىمۇ ھەرەم دائىرىسىگە كىرگۈزىدۇ. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنە ھەرەمىنىڭ چېگرىسىنى «مەدىنە ئەير تېغىدىن سەۋرگىچە ھەرەمدۇر» دەپ بېكىتكەن (بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، 6755؛ مۇسلىم، 1370). يەنە بىر ھەدىستە «ئى ئاللاھ! ئىبراھىم مەككەنى ھەرەم قىلغان، مەن بولسام مەدىنەنىڭ ئىككى تېغىنىڭ ئارىسىنى ھەرەم قىلىمەن» دەپ دۇئا قىلغان (بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي، 3367؛ مۇسلىم، 1361). يەنە بىر ھەدىستە: «ئى ئاللاھ! بىزنىڭ مېۋىلىرىمىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن! بىزنىڭ شەھرىمىزگە بەرىكەت ئاتا قىلغىن!» دەپ دۇئا قىلغان (مۇسلىم، 1373).

بۇ سەۋەبتىن، مەدىنە ھەرىمى مەككە ھەرىمىدىن قالسا ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس زېمىندۇر. يېقىنقى تەتقىقاتلار ئومۇمەن خورمىنىڭ زەھەرگە قارىتا ئۈنۈمى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇنىڭدىن مەدىنە ئەجۋىسىنىڭ بەرىكىتى تۈپەيلى ئەجۋىنىڭ زەھەردىن مۇداپىئەلىنىشتە باشقا خورمىلاردىن ئەڭ مۇكەممەل ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

بۇ يەردە دىققەت قىلىنىشى كېرەك بولغان يەنە بىر نۇقتا شۇكى، ھەدىستىكى «زەھەر» كەلىمەسى ئەرەب تىلىدا ئۆلتۈرگۈچى زەھەرگە خاس بولماستىن، بەلكى ئۇ ئۆلتۈرمىسىمۇ ئېغىر زىيانلىق بولغان ھەرە، چايان ۋە قۇرت – قوڭغۇزلارنىڭ زەھىرىدەك زەھەرلەرگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ («لىسانۇل ئەرەب»، 12/302). شۇڭلاشقا بۇ ھەدىستىكىسى كۈنىمىزدە ياسالغان خىمىيەۋىي ئۆلتۈرگۈچى زەھەردىن بەكرەك، كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا دۇچار بولۇپ تۇرىدىغان ھاشارات چېقىۋېلىش، ۋاقتى ئۆتكەن يېمەك – ئىچمەكلەرنى ئىستېمال قىلىش، بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلىنىپ زەھەرلىنىشتەك ئەھۋاللاردىكى زەھەر كۆزدە تۇتۇلغان بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن. ئىمام ئىبنۇلقەييىممۇ: «مەزكۇر خورمىنىڭ ئۈنۈمى بەزى زەھەرلەرگە قارىتا بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا ھەدىس خاسلاشتۇرۇلغان ئومۇم بولىدۇ. يەنە ئۇنىڭ ئۈنۈمى شۇ يۇرتنىڭ ۋە ئاشۇ تۇپراقنىڭ ھەرقانداق زەھەرگە قارىتا ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى بولۇشىمۇ مۇمكىن» دېگەن («زادۇلمەئاد»، 4/90).

خورمىنىڭ زەھەرگە قارشى ئۈنۈمى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار كۆپ. مەسىلەن، دوكتور ئابدۇلكەرىم سەللال بىلەن دوكتور ئەھمەد ديسىيلار ئېلىپ بارغان پۇختا ئىلمىي تەتقىقات ئەنگىلىيە «كامبىردج ئۇنىۋېرسىتېتى» ئىلمىي ژۇرنالدا «يىلان – چايان زەھىرىنىڭ تەسىرىنى يوقىتىشتا خورما جەۋھىرىنىڭ تەسىرى» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىسپاتلىنىشىچە، ئىئوردانىيەنىڭ ئەڭ ناچار تۈردىكى بىر تال خورمىنى ئىستېمال قىلغۇچىلاردىن 5 سائەتتىن كېيىن ئالغان قان ئۆرنىكى يىلان زەھىرىگە قارشى %83 كۈچلۈك چىققان. يەنە بۇ تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، %5 لىك خورما جەۋھىرىنى بېرىش بىلەن يىلان زەھىرىنىڭ %34 ئەتراپىدا كۈچىنى، چايان زەھىرىنىڭ %71 ئەتراپىدا كۈچىنى يوقاتقان. %20 لىك خورما جەۋھىرىنى بېرىش ئوتتۇرىچە %87 – %100 ئارىسىدا پايدىلىق بولغان. (Inhibition of haemolytic activity of snake and scorpion venom by date extract – January 1997Biomedical Letters 55(217):51 – 56)؛ يەنە يېقىندا ئۇمماندىكى قابۇس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىككى تەتقىقاتچى دوختۇرىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يىلانلارنىڭ چېقىشىغا ئۇچرىغانلارنى بىرنەچچە مىنۇتتىلا قۇتقۇزۇپ قالىدىغان دورىنى ئەجۋە خورمىسىدىن ئىشلەپ چىققانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئىجادىيەت پاتېنت ھوقۇق ئىشخانىسىدىن پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن (ئوممان ۋەتەن گېزىتىنىڭ 2018 – يىلى 3 – ئاپرىلدىكى سانى. تېمىسى: «ثمار العجوة توفر علاجًا جديدًا لسم الأفاعي»). يەنە ئەنگىلىيەنىڭ (the conversation) ناملىق ژۇرنىلى ئېلان قىلغان بىر تەتقىقاتتا فىرانسىيەلىك تەتقىقاتچىلار سۇرىيەلىك بىر تەتقىقاتچى بىلەن بىرلىكتە خورما شىرىسى ۋە جەۋھىرىنىڭ ئۇرۇش ۋە سانائەت سەۋەبلىك مۇھىت بۇلغۇنۇشىدا ديوكسىنات (Dioxins) دەپ ئاتالغان زەھەرنى تازىلاشتا ئۈنۈمىنى كۆرگەن. ئۇلار خورما شىرىسى ۋە جەۋھىرىنى مەلۇم مىقداردا ديوكسىنات (Dioxins) بىلەن بۇلغانغان سۇغا قويغاندا، بىر مىنۇت ئىچىدىلا بۇ زەھەرنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران قالغان ۋە بۇ تەجرىبە ئۇلارنى پۈتۈن دۇنيادىكى بۇلغىنىشلارنى تازىلاشتا مۇشۇ خورما جەۋھىرىنى ئىشلىتىشكە يۆنەلدۈرگەن (How date palm seeds can remove toxins from the environment – July 26, 2016).

تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى، ئەنگىلىيەلىك بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلار پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەجۋە خورمىسى ۋە مەدىنە خورمىسى ھەققىدىكى بۇ ھەدىس شەرىفلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، تەكشۈرۈپ باقماقچى بولۇپ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىدا، خورمىنىڭ جىگەردىكى زەھەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆتۈرۈشتە چوڭ رولى بارلىقىنى كەشپ قىلغان. ئۇلار ھەدىس بويىچە بىر گۇرۇھ كىشىگە ھەر كۈنى يەتتە تال خورما بېرىپ بىر ئاي داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن قارىسا، جىگەردىكى زەھەرگە قارشى تۇرىدىغان ئېنزىم سەۋىيەسى ئىنتايىن نورمال كۆرۈنگەن. ئۇلار مەزكۇر شەخسلەرنى تەجرىبە قىلىپ كۆرگىنىدە، ئۇلارنىڭ بەدىنىگە زەھەر كىرسىمۇ ئۇ ئېنزىم ئۆرلىمەيدىكەن. دېمەك، خورمىنىڭ ئالدىن قوغداش رولى بارلىقى سەۋەبلىك، بەدەن ئۇ ئېنزىمغا موھتاج بولمىغان ۋە ئۇنى ئىشلەپچىقارمىغان.

بۇ تەتقىقاتنى يەنە ئەنگىلىيەدىكى (telepathy) دەپ ئاتىلىدىغان جەمئىيەتمۇ تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ماشىنا ئىس – تۈتەكلىرىدىكى ۋە كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىشتىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىپ جىگىرى كاردىن چىقىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدىغان كىشىلەردىن قان ئۆرنىكى ئېلىپ قارىغىنىدا، ھەر كۈنى ناشتىدىن ئاۋرال يەتتە تال خورمىنى ئىستېمال قىلغان كىشىنىڭ بەدىنىدە زەھەر نىسبىتى ئىنتايىن ئازايغانلىقىنى بايقىغان. خورما ئىچكى زەھەرگە قارشى تۇرىدىغان فىيتۇخىميەۋىي ماددىلارغا باي بولغاچقا، ئۇ زەھەرنى يا تېرە ئاستىغا يىغىش ئارقىلىق، يا ئېرىتىپ چوڭ – كىچىك تەرەت بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق ئازايتىۋەتكەن.

دېمەك، ئىستېمال قىلىنغان خورمىنىڭ جەۋھىرى جىگەردىكى زەھەرگە قارشى تەبىئىي ئانتىبىيوتىك رولىنى ئوينىغان. بۇ جەمئىيەت مەزكۇر تەتقىقاتنى ئەنگىلىيەدىكى (telepathy) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا كېلىشىچە: «يەتتە تال خورمىنى ھەزم قىلغاندىن كېيىن، رادار جىھازلىرى بەدەننى ئوراپ تۇرغان بىر سپېكتر نۇرىنى كۆزەتكەن ۋە بۇ سپېكتر ھەدىستە كەلگەندەكلا تولۇق بىر كۈن داۋاملاشقان» (قاراڭ: پروفېسسور ئەھمەد شەۋقىي ئىبراھىم: «ئىنسانلار دۇنياسى، ئىنساننىڭ يېمەك – ئىچمىكى ئېنسىكلوپىدىيەسى» 3 – توم، 121 – 214 – بەتلەر).

بەلكى مۇشۇ سپېكتر نۇرى سېھىر قىلىنغان بىرەر يېمەكلىكنى ئىستېمال قىلغىنىدا ئۇنىڭ ئېنىرگىيەسىگە تاقابىل تۇرىدىغان بولسا كېرەك. يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، تېخى ئىلىم – پەن ۋە تېبابەت ئىلمىي تەتقىقاتلىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتمىگەندىن كېيىن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سەھىھ ئىسپاتلانغان ھەدىسىنى رەت قىلىۋېتىشنىڭ ئۆزى بىر جاھالەتتۇر (المعارضات الفكرية لأحاديث الصحيحين 3/1518 – 1525).

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1448، 28 – جۇمادىيەلئەۋۋەل / م. 2026، 20 – نويابىر