«ئۈممىتىمدىن فەرجنى، يىپەك رەختلەرنى، ھاراقنى ۋە چالغۇ ئەسۋابلارنى ھالال سانايدىغان خەلقلەر بولماي قالمايدۇ...» دېگەن ھەدىس توغرىسىدا

«ئۈممىتىمدىن فەرجنى، يىپەك رەختلەرنى، ھاراقنى ۋە چالغۇ ئەسۋابلارنى ھالال سانايدىغان خەلقلەر بولماي قالمايدۇ…» دېگەن ھەدىس توغرىسىدا

ھىشام ئىبنى ئەممار دېدىكى: بىزگە سەدەقە ئىبنى خالىد سۆزلەپ بەردىكى: بىزگە ئابدۇرراھمان ئىبنى يەزىد ئىبنى جابىر سۆزلەپ بەردىكى: بىزگە ئەتىييە ئىبنى قەيس ئەلكىلابىي سۆزلەپ بەردىكى: بىزگە ئابدۇرراھمان ئىبنى غەنم ئەشئەرىي سۆزلەپ بەردىكى: ماڭا ئەبۇ ئامىر — ياكى ئەبۇ مالىك — ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزلەپ بەردى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ ھەرگىزمۇ ماڭا يالغان ئېيتمىدى، ئۇ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ئۈممىتىمدىن فەرجنى، يىپەك رەختلەرنى، ھاراقنى ۋە چالغۇ ئەسۋابلارنى ھالال سانايدىغان خەلقلەر بولماي قالمايدۇ. بىرمۇنچە كىشىلەر ئېگىز تاغنىڭ ئېتىكىگە چۈشۈپ ماكانلىشىپ، يايلاققا قويۇۋەتكەن پادىلىرىنى كەچقۇرۇنلۇقى پادىچىسى قايتۇرۇپ كەلگەندە، ئالدىلىرىغا بىر پېقىر ھاجەتمەن بولۇپ كەلسە، ئۇلار: ‹ئەتە قايتا كەل› دېيىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنى كېچىسى ھالاك قىلىپ، تاغ بىلەن باستۇرۇۋېتىدۇ، يەنە باشقىلارنى قىيامەتكىچىلىك مايمۇن ۋە چوشقا سۈرىتىگە كىرگۈزۈۋېتىدۇ». ئىمام بۇخارىي «سەھىھۇلبۇخارىي»دا مۇئەللەق (سەنەدىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسى بايان قىلىنمىغان) رىۋايەت قىلغان.

ئىمام بۇخارىينىڭ بۇ ھەدىسنى «ھىشام ئىبنى ئەممار بىزگە ياكى ماڭا سۆزلەپ بەردىكى» دېيىشنىڭ ئورنىغا «ھىشام ئىبنى ئەممار دېدىكى» دېگەن ئىبارە بىلەن كەلتۈرۈشى ئىمام بۇخارىينىڭ ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا ئىنتايىن ئىنچىكىلەيدىغانلىقىدىن بولۇپ، بۇ ھەدىسنى ھەقىقەتەن سەنەدلىك ئەمەس، بەلكى مۇئەللەق رىۋايەت قىلغاندۇر. ھافىز ئىبنى ھەجەر «فەتھۇلبارىي» (10/52) دا ئېيتقاندەك، بۇ ھەدىس «سەھىھۇلبۇخارىي»نىڭ جىمى رىۋايەتلىرىدە ۋە نۇسخىلىرىدا مۇشۇنداق كەلگەن.

گەرچە ئىمام بۇخارىي ھىشام ئىبنى ئەممار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان ۋە سەھىھىدە ئۇنىڭدىن سەنەدلىك ئىككى ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ بىرىدە «ھىشام ئىبنى ئەممار بىزگە سۆزلەپ بەردىكى» (2078) دەپ، يەنە بىرىدە «ھىشام ئىبنى ئەممار ماڭا سۆزلەپ بەردىكى» (3661) دېگەن بولسىمۇ، بۇ ھەدىستە ئۇنداق دېمىگەن. بۇ تۈرلۈك «مۇئەللەق» ھەدىسلەرنى ئەگەر ئىمام بۇخارىي باشقا ئورۇندا سەنەدلىك رىۋايەت قىلمىغان بولسا، ھافىز ئىبنى ھەجەر «تەغلىقۇتتەئلىق» (2/8) تە ئېيتقاندەك، «تاللانغان ۋە تەۋرەنمەس قاراش شۇكى، ئىمام بۇخارىي بىۋاسىتە ھەدىس ئاڭلىغان ئۇستازلىرىدىن بىرىدىن مۇئەللەق رىۋايەت قىلىپ، بۇ مۇئەللەق رىۋايەتنى سەھىھىدە باشقا ئورۇندا سەنەدلىك رىۋايەت قىلمىغان بولسا، بۇنىڭ ھۆكمى باشقا مۇئەللەق رىۋايەتلەرگە ئوخشاشتۇر. چۈنكى، ئۇنى جەزملەشتۈرۈپ رىۋايەت قىلغىنىغا قاراپ ‹سەھىھلىكنى بىلدۈرىدۇ› دېگىلى بولسىمۇ، ئۇنى ئۇ ئۇستازىدىن ئاڭلىمىغان بولۇش ئېھتىماللىقى باردۇر. بۇنىڭ ئىسپاتى شۇكى، ئىمام بۇخارىي بىۋاسىتە ھەدىس ئاڭلىغان ئۇستازلىرىدىن بىرقانچە ھەدىسنى مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان. ئاندىن ئۇ ھەدىسلەرنى كىتابىدا ئۇ ئۇستازلاردىن ۋاسىتىلىك رىۋايەت قىلغان. يەنە ‹ئەتتارىخ› كىتابىدا بەزى ئۇستازلىرىدىن بىر مۇئەللەق رىۋايەتنى كەلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى ئۇ ئۇستازىدىن ئۆزى ئاڭلىمىغانلىقىنى ئېنىق دېگەن». ھافىز ئىبنى ھەجەر يەنە ئەلخەتىبتىن: «‹دېدى/ئېيتتى› دېگەن سۆز ئەگەر مۇھەددىسنىڭ ئادىتىدە ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغانغا ئىشلىتىلىدىغان بولمىسا، ئۆز قۇلىقى بىلەن ئاڭلىغاننى بىلدۈرمەيدۇ» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان. بۇنىڭ يەنە بىر تىپىك مىسالى: ئىمام بۇخارىي سەھىھىدە «ھەججاج ئىبنى مىنھال دېدى…» (1364) دەپ مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان. ھەججاج ئىبنى مىنھال ئىمام بۇخارىي نۇرغۇن ھەدىسنى بىۋاسىتە ئاڭلىغان ئۇستازى بولسىمۇ، بۇ ھەدىسنى ئۇنىڭدىن مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان. يەنى ئىمام بۇخارىي بۇ ھەدىسنى ئۇنىڭدىن بىۋاسىتە ئاڭلىمىغان، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن بۇخارىي ئوتتۇرىدا بىر راۋىي بار. بۇ ۋاسىتىنى ئىمام بۇخارىي: «ماڭا مۇھەممەد سۆزلەپ بەردىكى، ئۇ دېدىكى: ھەججاج ماڭا سۆزلەپ بەردىكى» (3463) دەپ ئېنىق بايان قىلغان. مانا بۇ ئىمام بۇخارىينىڭ مەزكۇر ھەدىسنى ئۇستازى ھەججاجدىن ئاڭلىمىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئىمام بۇخارىي ھىشام ئىبنى ئەممارنىڭ ھەدىسىنى «مەن ئاڭلىدىم» ياكى «ماڭا سۆزلەپ بەردى» دېمىگەن بولغاچقا، ئىمام زەھەبىي: «ئىمام بۇخارىي بۇ ھەدىسنى ئۆزى بىۋاسىتە ئۇستازىدىن ئاڭلىماي رىۋايەت قىلغان» دېگەن. قاراڭ: «تەزكىرەتۇل ھۇففاز»، 4/88. ئىبنى ھەزم، ئابدۇلھەق، ئىبنۇل ئەرەبىي، ئەبۇ نۇئەيم، ھافىز مۇغۇلتاي ئىبنى قىلىچ ۋە ئىبنى مەندە قاتارلىق مۇھەددىسلەرمۇ ئىمام زەھەبىيگە ئوخشاشلا: «بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى تۇتاشمىغان» دېگەن. قاراڭ: ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 9/59؛ سەخاۋىي: «فەتھۇل مۇغىس»، 1/56.

دېمەك، ئىمام بۇخارىي بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلغاندا «ماڭا سۆزلەپ بەردى» دېيىشنىڭ ئورنىغا «ھىشام دېدىكى» دەپ رىۋايەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى، بۇ ھەدىس ئۆزىنىڭ سەھىھىدە ئاساس قىلغان سەنەدى تۇتاشقان ھەدىسلەردىن بولماستىن، قوشۇمچە يانداشتۇرۇپ كەلتۈرگەن ھەدىسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر.

مەلۇمكى، ئىمام بۇخارىي بۇ سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىنى «سەنەدلىك سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، مۇئەللەق ھەدىسلەر بۇ توپلامدىكى ئاساسلىق سەنەدلىك ھەدىسلەر دائىرىسىگە كىرمەيدىغان بولغاچقا، ئىمام بۇخارىي ئۇنى چوقۇم دەلىل سۈپىتىدە كەلتۈرگەن بولمايدۇ. بەلكى سەنەدلىك سەھىھلەر قاتارىدىن ئەمەسلىكىنى ياكى ئۇنىڭدا بىرەر ئىللەت ياكى خاتالىق بارلىقىنى بىلدۈرۈش ياكى بىرەر ئايەت ياكى ھەدىس مەزمۇنىنى ئىزاھلاش قاتارلىق مەقسەتلەر ئۈچۈن يانداشتۇرۇپ بايان قىلىدۇ. ھافىز ئىبنى ھەجەر بۇ ھەقتە: «‹سەھىھەين› دېيىشتە سەنەدلىك ھەدىسلەر كۆزلەنگەندۇر. ئىمام دارەقۇتنىي سەھىھەيندىكى ھەدىسلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ مۇلاھىزە بەرگەندە، سەھىھ توپلىمىنىڭ باشقا يېرىدە سەنەدلىك كەلتۈرۈلۈپ باقمىغان مۇئەللەق ھەدىسلەر ئۈستىدە توختالمىغان. چۈنكى، ئۇ بۇ تۈرلۈك ھەدىسلەر سەھىھ توپلامنىڭ مەزمۇنى ۋە تېمىسى ئەمەس، بەلكى قوشۇمچە يانداشتۇرۇپ كەلتۈرۈلگەن دەپ بىلگەن» دەيدۇ. قاراڭ: «تەغلىقۇتتەئلىق»، 1/344. شۇڭا، ئىمام بۇخارىي بۇ تۈرلۈك مۇئەللەق ھەدىسلەرنىڭ سەھىھ بولۇشىنى شەرت قىلماي بايان قىلىدىغان بولغاچقا، «سەھىھۇلبۇخارىي»دىكى بۇ تۈرلۈك مۇئەللەق ھەدىسلەرنى بايان قىلغاندا، «بۇخارىي سەھىھىدە رىۋايەت قىلغان» دېمەي، «بۇخارىي سەھىھىدە مۇئەللەق رىۋايەت قىلغان» دېيىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمام بۇخارىي بۇ ھەدىسنى ھاراق – شاراپ تېمىسىدا كەلتۈرگەن. مۇبادا «چالغۇ ئەسۋابلارنى ھالال سانايدىغان خەلقلەر بولماي قالمايدۇ» دېگەن ئىبارە سەھىھ بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇنى چالغۇ ئەسۋاپلارغا ئايرىم باب بېكىتىپ بايان قىلغان بولاتتى. چۈنكى، چالغۇ ئەسۋابلار ھەر دەۋردە كەڭ تارقالغانلىقتىن «ئۇنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر» دەپ قارىغان بولاتتى ۋە چالغۇ ئەسۋاپلارنى ھارام دېيىشتە بۇنى ئاساس قىلغان بولاتتى. نەتىجىدە ئۇنى ئۇنىڭ شاگىرتى ئىمام مۇسلىممۇ سەھىھىدە رىۋايەت قىلغان بولاتتى.

ئۇنداقتا، بۇ مۇئەللەق ھەدىسنىڭ سەھىھۇلبۇخارىيدىن باشقا كىتابلاردا سەنەدلىك كەلگىنىچۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ سەنەدىگە قاراش لازىم. قارايدىغان بولساق، ئۇنى ئەبۇ داۋۇد (4039)، ئەلبەيھەقىي («ئەسسۇنەنۇلكۇبرا»، 20777)، ئىسمائىلىي («ئەلمۇستەخرەج»)، تەبەرانىي («ئەلمۇئجەمۇلكەبىر»، 3339)، ئەبۇ نۇئەيم («ئەلمۇستەخرەج»)، ئىبنى ھىببان (6754) قاتارلىقلار سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان. لېكىن، بۇ رىۋايەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە، مەسىلەن ئەبۇ داۋۇد رىۋايەتىدە ھاراق ياكى چالغۇ ئەسۋاپلار تىلغا ئېلىنمىغان. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 10/54.

ئۇنىڭدىن باشقا رىۋايەتلەرنىڭمۇ بىر – بىرلەپ سەنەدىگە ۋە ئەھۋالىغا قاراش لازىم. ھەممەيلەننىڭ سەنەدىدە ئەتىييە ئىبنى قەيس دېگەن بىر راۋىي بار. گەرچە ئۇ راستچىل ۋە خېلى ئىشەنچلىك سالىھلەردىن بولسىمۇ، ئىمام ئىبنى ھەزم ئەتىييە ئىبنى قەيس ئەلكىلابىينى ئەستە تۇتۇشى ئېنىق بولمىغان كىشى دەپ قارىغان. شۇڭا ئەستە تۇتۇش ۋە ئاڭلىغاننى ئەينەن يەتكۈزۈش قابىلىيىتىنىڭ تەقەززاسى بىلەن مەزكۇر مۇئەللەق ھەدىسنىڭ سەنەدى ئۈزۈكتۇر. قاراڭ: «ئەلمۇھەللا»، 1/231.

راۋىيلەرگە باھا بېرىشتە ئەبۇ ھاتىم قاتارلىق نوپۇزلۇق مۇھەددىسلەر ئەتىييەنى «رىۋايەتى پاكىت بولالايدىغان راۋىي» دەپ قوبۇل قىلمىغان، پەقەتلا «ئۇنىڭ رىۋايەتلىرىنى يانداشتۇرۇپ يېزىپ قويۇشقا بولىدۇ» دەپ قارىغان ۋە بۇنى ئۆزىنىڭ ئىستىلاھى بويىچە 4 – دەرىجىدىكى راۋىيلەر قاتارىدا «سالىھۇل ھەدىس» دەپ ئىپادىلىگەن. قاراڭ: ئىبنى ئەبى ھاتىم: «ئەلجەرھۇ ۋەتتەئدىل»، 2131 – تەرجىمىھال، 6/384. ئۇ كىتابىدا ئۆز ئىستىلاھىدا «سالىھۇل ھەدىس» ئىبارىسىنىڭ رىۋايەتى زەئىفلىكنى كۆرسىتىدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق بايان قىلغان. قاراڭ: ئىبنى ئەبى ھاتىم: «ئەلجەرھۇ ۋەتتەئدىل»، 2/37.

شەيخ ئالبانىيمۇ بۇ نۇقتىنى باشقا بىر راۋىي ھەققىدە توختالغاندا مۇنداق تەكىتلىگەن: «‹سالىھۇل ھەدىس› ئىبارىسى ئىمام ئەبۇ ھاتىمنىڭ ئىستىلاھىدا راۋىينى زەئىف دەيدىغان ئىبارە بولۇپ، ئۇنىڭ رىۋايەتى دەلىل بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ». قاراڭ: «ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 3/112.

ئىمام بۇخارىيمۇ ئۇنىڭ بۇ رىۋايەتىنى سەنەدلىك ۋە ئىشەنچلىك سۈپىتىدە كەلتۈرمىگەن. بەلكى زەئىفلىكىنى بىلدۈرۈپ «مۇئەللەق» كەلتۈرگەن. بۇ ھەدىسنى باشقا مۇناسىۋەتلىك بابلاردىمۇ تەكرارلىمىغان. ئىمام بۇخارىي بۇ ھەدىسنى يەنە «ئەتتارىخۇل كەبىر» (967) دىمۇ ئىبراھىم ئىبنى ئابدۇلھەمىدتىن سەنەدلىك رىۋايەت قىلغان بولۇپ، سەنەدى ئىنتايىن زەئىف بولغاچقا، ئەتىييە ئىبنى قەيسنىڭ رىۋايەتىنى كۈچلەندۈرەلمەيدۇ. ھەتتا بۇ رىۋايەت ئەتىييە ئىبنى قەيسنىڭ ئۆزىدىن كەلگەن بولۇشى چوڭ ئېھتىمال. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىمام بۇخارىي ئۇشبۇ ئەسەرىدە بۇ ھەدىسنىڭ تېكىستىنى تولۇق كەلتۈرمىگەن.

ئىمام بۇخارىي بۇ ھەدىسنى يەنە ئابدۇللاھ ئىبنى سالىھتىن سەنەدلىك مۇنداق رىۋايەت قىلغان: «ئۈممىتىمدىن بەزى كىشىلەر ھاراقنى باشقا نام بىلەن ئاتاپ ئىچمەي قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ بېشىدا ناخشىچى ئاياللار چالغۇ ئەسۋاپلارنى چېلىپ تۇرىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۇۋېتىدۇ. ئۇلارنى مايمۇن ۋە چوشقىلارنىڭ سۈرىتىگە كىرگۈزۈۋېتىدۇ». قاراڭ: «ئەتتارىخۇل كەبىر»، 967؛ بۇنى ئىمام ئىبنى ماجە (4020) مۇ ئوخشاش رىۋايەت قىلغان. لېكىن، بۇ رىۋايەتنىڭ راۋىيلىرىدىن مۇئاۋىيە ئىبنى سالىھ، ھاتىم ئىبنى ھۇرەيس ۋە مالىك ئىبنى ئەبى مەريەم قاتارلىقلار زەئىف بولغاچقا، سەنەدى زەئىف بولۇپ، ئەتىييە ئىبنى قەيسنىڭ رىۋايەتىنى كۈچلەندۈرەلمەيدۇ.

ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭ بۇنىڭدىن سەھىھرەك رىۋايەتى (4039) دە چالغۇ ئەسۋاپلار تىلغا ئېلىنماي، قىسقارتىلىپ، يىپەك بىلەن يۇڭ ئارىلاشتۇرۇلغان تاۋار بىلەن يىپەك رەختلەر تىلغا ئېلىنغان ۋە بۇ رىۋايەتكىمۇ ئىمام ئەبۇ داۋۇد «يىپەك بىلەن يۇڭ ئارىلاشتۇرۇلغان تاۋارنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىدىن يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن كۆپرەك كىشى كىيگەن» دەپ ئۇ ھەدىسنىڭ زەئىفلىكىنى ئىپادىلىگەن. شۇڭا، بۇ نۇقتىدا ئىمام ئىبنى ھەزمنىڭ: «بۇ ھەدىس سەنەدلىك رىۋايەت قىلىنغان بولسىمۇ، سەنەدتىكى راۋىيلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە قەدەر ئىشەنچلىك ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ساغلام كىشىلەر بولۇشى شەرت. مەزكۇر ھەدىس شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان بولسا ئىدى، ئىككىلەنمەستىن قوبۇل قىلغان بولاتتۇق» دېگىنى توغرا چىقىدۇ. قاراڭ: «ئەلمۇھەللا»، 9/ 59.

ئەلۋەتتە ئىمام ئىبنۇسسالاھ ۋە ئىبنى ھەجەر قاتارلىق كۆپچىلىك ئالىملار بۇ مۇئەللەق ھەدىسنىڭ باشقا كىتابلاردا سەنەدلىك كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ سەھىھلىك شەرتىگە توشىدىغان سەنەدلىك سەھىھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىشقان. شۇنداقتىمۇ سەنەدلىك كەلگەن باشقا رىۋايەتلەردىكى جىمى راۋىيلەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ ۋە ئارىسىدىكى ئەتىييە ئىبنى قەيس يەنىلا يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك زەئىف چىقىدۇ. ھافىز ئىبنى ھەجەر «فەتھۇلبارىي» (10/54) دا ئۇنى «شاملىق تابىئىن، ئەبۇ ھاتىم ۋە باشقىلار ئۇنى ئىشەنچلىك دەپ قارىغان» دېگەن سۆزىدە خاتا كەتكەن بولۇپ، بىز يۇقىرىدا ئەبۇ ھاتىمنىڭ باھاسىنى ئوغلىنىڭ كىتابىدىن نەقىل قىلدۇق. مەزكۇر ھەدىسنى ئەبۇ ئامىر ياكى ئەبۇ مالىك دەپ ئىككىلىنىشنىڭ مەنبەسىمۇ شۇ ئەتىييە بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇشىنىڭ زەئىفلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، ئىمام بۇخارىي مەزكۇر ھەدىسنى مۇئەللەق كەلتۈرۈشى سەنەدىنىڭ تۇتاشمىغانلىقىدىن ياكى ساھابەنىڭ ئىسمىدە ئىككىلىنىش بولغانلىقتىن، ياكى ھەدىسنىڭ ئىبارىلىرى بىر خىل كەلمىگەنلىكتىن، ۋەياكى ئەتىييە ئىبنى قەيسنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولغان.

يەنە بىر قىسىم ئالىملار بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» دېگەن بولسىمۇ، ھەدىستىكى چالغۇ ئەسۋاپلارنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، ئۇنىڭ گۇناھ – مەئسىيەتكە ئىشلىتىلگەندىكى ھالىتىنى، بولۇپمۇ ھاراق – شاراپ ۋە ئەيش – ئىشرەتكە يانداشقان سازلارنى ھارام دەپ چۈشەنگەن. ئەمما، «ھارام ئارىلاشمىغان بولسا مۇباھ» دەپ قارىغان. ئىمام ئابدۇلغەنىي نابۇلسىيمۇ: «بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ھەدىسلەر مەزمۇنىدا تىلغا ئېلىنغان ھاراق، زىنا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئېنىق ھارام ئىشلارنىڭ ھاراملىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئەمما، چالغۇ ئەسۋاپلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ھاراملىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. چۈنكى، چالغۇ ئەسۋاپلار ۋە كۆڭۈل ئېچىشلار مەزكۇر ھارام ئىشلاردىن خالىي بولسا مۇباھ ئىشلار قاتارىدىندۇر» دېگەن. قاراڭ: «ئىيزاھۇددەلالاتى فى سىمائۇل ئالاتى»، 80 -، 81 – بەت. ئىمام شەۋكانىي قاتارلىق بەزى ئالىملار «بۇ ھەدىس سەھىھتۇر، لېكىن ئۇنىڭ ھارام دېگەن ھۆكۈمنى بىلدۈرۈشى ئېھتىماللىقتۇر» دەپ يەكۈنلىگەن. قاراڭ: «نەيلۇل ئەۋتار»، 8/179. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1448، 28 – جۇمادىيەلئەۋۋەل / م. 2026، 20 – نويابىر