ئەپۇچانلىق

مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن تونۇلغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ئۇنىڭ تىللاردا داستان بولۇپ كەتكەن ئىش – ئىزلىرى، مەشھۇر ھېكايىلىرى بار ئىدى. ئۇ زېمىندا مەن ئەپۇ قىلالمايدىغان بىرەر نادانلىقنىڭ، سېخىيلىقىم ئارقىلىق ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان بىرەر موھتاجلىقنىڭ بولۇشىنى ئەسلا ياقتۇرمايمەن، دەيتتى.

ھېكايە قىلىنىشىچە، ئۇ خەلىپە بولۇپ ئىشلار ئىزىغا چۈشكەندىن كېيىن، بىر كېچىسى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن كىشىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن سىففىن كۈنىدىكى ۋەقەلىكلەر، شۇ كۈندە كىملەرنىڭ ئۆزىگە سۈيىقەست قىلىشقا كۈشكۈرتكەنلىكلىرى توغرىلىق سۆھبەتلەشتى. ئاخىرى ئۇلارنىڭ پارىڭى كۇفە شەھىرىدىن بولغان زەرقا بىنتى ئەدىي ئىسىملىك بىر ئايالغا بېرىپ توختالدى. ئۇ ئايال سىففىن كۈنى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قوشۇنىدا سەپلەرنىڭ ئارىسىدا ئەتەي تۇرۇۋېلىپ: – ئى ئەلى قوشۇنى! – دەپ ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ ۋارقىراپ، ھەزرىتى ئەلى قوشۇنىنى جەڭگە قىزىقتۇرۇپ، ئۆتكۈر شەمشەر كەبى شۇنداق تەسىرلىك سۆزلەرنى قىلاتتىكى، ئۇنىڭ سۆزىنى قورقۇنچاق ئادەم ئاڭلاپ قالسا جەڭگە چۈشۈپ كېتەتتى، قاچقان كىشى ئاڭلاپ قالسا ئارقىغا يېنىپ دۈشمەنگە قايتىدىن ئېتىلاتتى، سۈلھىلىشىش تەرەپدارلىرى ئاڭلاپ قالسا ئۇرۇشمىز دەپ چىڭ تۇرۇۋالاتتى، ئىككىلىنىپ قالغان ئادەم ئاڭلاپ قالسا ئىرادىسى قايتىدىن چىڭىپ كېتەتتى.

شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەمسۆھبەت كىشىلىرىدىن:

– ئۇ ئايالنىڭ شۇ چاغدا دېگەن سۆزلىرىنى قايسىڭلار يادا بىلىسىلەر؟ – دېدى. ئۇلار:

– ھەممەيلەن يادا بىلىمىز، – دېيىشتى.

– ئۇنداق بولسا ئاشۇ ئايال ھەققىدە ماڭا قانداق مەسلىھەت بېرىسىلەر؟

– بىزنىڭ مەسلىھەتىمىز شۇكى، ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەيلا، چۈنكى ئۇ ئۆلۈمگە لايىقتۇر.

– سىلەر كۆرسەتكەن مەسلىھەت نېمىدېگەن يامان! ئېيتقان سۆزۈڭلار نېمىدېگەن رەزىل! مەن زەپەر قۇچۇپ ئەپۇ قىلىۋېتەلەيدىغان ياكى جازالىيالايدىغان بولغىنىمدىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئەمىرىگە سادىق بولغان بىر ئايالنى ئۆلتۈرگەنلىكىم تارقىلىپ كەتسە ماڭا ياخشى بولامدۇ؟! ئەگەر ئۇنداق قىلسام پەسكەش ئادەم بولۇپ قالىمەن، ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن.

ئاندىن مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كاتىبىنى چاقىرىپ كۇفە ۋالىيسىغا مۇنداق مەكتۇپ يازدى: «ماڭا زەرقا بىنتى ئەدىينى ۋە ئۇنىڭ جەمەتى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ قەۋمىدىن بىر بۆلۈك چەۋەندازلارنى قوشۇپ ئەۋەتكىن، ئۇنىڭغا ياخشى ئۇلاغ ۋە ياخشى ئىگەر – جابدۇقلارنى تەييارلاپ بەرگىن».

بۇ مەكتۇپ ۋالىيغا يەتكەندىن كېيىن، ۋالىي ئۇ ئايالغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنى چاقىرتىپ كەلدى ۋە ئۇنىڭغا مەكتۇپنى ئوقۇپ بەردى. ئۇ ئايال مەكتۇپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: – مەن ئىتائەتكە بويۇنتاۋلىق قىلىدىغان ئايال ئەمەسمەن، – دېدى. شۇنىڭ بىلەن ۋالىي ئۇ ئايالغا چىرايلىق مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى پەردىسى ئەستەرلىك تاۋاردىن قىلىنغان بىر كاجىۋىغا چىقىرىپ ھەزرىتى مۇئاۋىيەنىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتتى.

ئۇ ئايال مۇئاۋىيەنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەن چاغدا مۇئاۋىيە ئۇنى قارشى ئېلىپ: – خۇش كەپلا، ھارمىغايلا ئى ھامما! قانداق ئەھۋاللىرى؟ سەپەرلىرى قانداقراق بولدى؟ – دېۋىدى، ئۇ ئايال:

– ياخشى سەپەر بولدى، – دېدى.

– سىلىنى نېمە ئۈچۈن چاقىرتىپ كەلگەنلىكىمنى بىلەملا؟

– مەن نەدىن بىلەي، غەيبنى پەقەت ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا بىلىدۇ.

– سىففىن كۈنى قىزىل تۆگىگە مىنىۋېلىپ، سەپلەر ئارىسىدا تۇرۇپ، جەڭ ئوتىنى يېقىپ، كىشىلەرنى ئۇرۇشقا كۈشكۈرتكەن ئايال سىلى ئەمەسمۇ؟

– شۇنداق، مەن شۇ.

– نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغان ئىدىلە؟

– ئى مۆئمنىلەرنىڭ ئەمىرى، بېشىمىز (يەنى، ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۆلۈپ، قۇيرۇقىمىز كېسىۋېتىلدى (يەنى، باش – پاناھسىز قالدۇق). زامان دېگەن ئۆزگىرىشچان نەرسىكەن، كىم ئوبدان ئويلانسا ھەقنى بىلىپ يېتىدىكەن. بىر ئىشتىن كېيىن يەنە باشقا ئىشلار بولۇپ تۇرىدىكەن.

– راست ئېيتتىلا، شۇ كۈنى دېگەن گەپلىرىنى بىلەملا؟ ھازىر يادىلىرىدا بارمۇ؟

– ياق، مەن ھازىر بىلمەيمەن.

– يارايدىلا، مەن سىلىنىڭ سىففىن كۈنىدە مۇنداق دېگەنلىكلىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم:

«ئەي لەشكەرلەر، چىراق دېگەن قۇياش نۇرى ئاستىدا يورۇمايدۇ، يۇلتۇزلار ئاينىڭ قېشىدا نۇر چاچالمايدۇ، قېچىر ئاتنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ. تۆمۈرنى پەقەت تۆمۈر بىلەنلا كەسكىلى بولىدۇ. بىلىڭلاركى، كىمكى بىزدىن يېتەكلەشنى تەلەپ قىلسا، بىز ئۇنى يېتەكلەيمىز. كىمكى بىزدىن بىرەر نەرسە سورىسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىمىز. ھەق ئۆزى ئىزدەۋاتقان نەرسىسىنى تاپتى (يەنى، دۈشمەننىڭ ئەدىبىنى بېرىشنىڭ پەيتى كەلدى). ئى مۇھاجىرلار، ئەنسارىيلار جامائىتى، بۇ جەڭدە بەرداشلىق بېرىڭلار! سىلەر خۇددى چېچىلىپ كەتكەن ئائىلە جەم بولغاندەك كۆرۈنۈۋاتىسىلەر، چوقۇم ھەق مەيدانغا چىقىپ باتىلنى (ناھەقنى) مەغلۇپ قىلىدۇ. چۈنكى، ھەقنى ياقىلىغان ئادەم ناھەقنى ياقىلىغان ئادەم بىلەن باراۋەر بولمايدۇ. مۆمىن بىلەن پاسىق باراۋەر بولامدۇ؟ ياق، ھەرگىز باراۋەر بولمايدۇ. شۇڭا، جەڭگە ئاتلىنىڭلار! سەۋر قىلىڭلار! بىلىڭلاركى، ئاياللار قولىنى خېنە بىلەن بويايدۇ. ئەركەكلەر بولسا قان بىلەنلا بويايدۇ. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئەڭ ياخشى ئىش سەۋر – تاقەتتۇر. جەڭگە قورقماستىن ئاتلىنىڭلار! بۇ شۇنداق كۈنكى، بۇندىن كېيىن نى – نى ئىشلار بولىدۇ. (يەنى، بۈگۈن ھەل قىلغۇچ كۈندۇر)».

– ئى زەرقا، بۇ سىلى قىلغان گەپ سۆزلەر ئىكەن، بۇ سىلىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىرى ئەمەسمۇ؟

– شۇنداق بولۇپ قالغانتى.

– ئەلى قانداق قان تۆككەن بولسا، سىلىمۇ قۇتراتقۇلۇقلىرى بىلەن شۇنىڭغا شېرىك بولۇپ قالدىلا.

– ئى ئەمىرۇلمۆمىنىن، ئاللاھ تائالا سىلىنىڭ خۇش – بېشارەتلىرىنى ياخشى قىلغاي، تەن سالامەتلىكلىرىنى داۋاملىق قىلغاي، جانابلىرىغا ئوخشاش ئېسىل زاتلار ياخشىلىق بىلەن خۇش – بېشارەت بېرىدۇ. بىللە ئولتۇرغان كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

– جەڭدە قىلغان ئاشۇ سۆزلىرى سىلىنى خوشال قىلغان ئوخشىمامدۇ؟

– ھەئە، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلىنىڭ قىلغان مۇشۇ سۆزلىرى مېنى خوشال قىلدى، شۇ چاغدا دېگەن گەپلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا نەدىمۇ ئىمكانىيىتىم بولسۇن؟ (يەنى، شۇ چاغدا دېگەن گەپلەر پەقەت ئېغىزدىلا دەپ قويغان گەپلەر خالاس).

– ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، سىلىنىڭ ھەزرىتى ئەلى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا بولغان ساداقەتلىرى ئۇنىڭغا ھاياتىدا بولغان سۈيگۈلىرىدىنمۇ بەكرەك مېنى ھەيران قالدۇردى. شۇڭا، قانداق ھاجەتلىرى بولسا ئېيتسىلا، ئادا قىلىنىدۇ.

– ئى ئەمىرۇلمۆمىنىن، مەن ھەزرىتى ئەلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ھېچكىمدىن بىر نەرسە سورىمايمەن، دەپ ئەھدە بېرىپ قەسەم قىلىۋەتكەن ئىدىم.

– سىلىنى تونۇيدىغانلارنىڭ بەزىسى ماڭا سىلىنى ئۆلتۈرۈۋېتىش توغرۇلۇق مەسلىھەت بەردى.

– بۇ مەسلىھەتچىدىن چىققان بىر پەسلىكتۇر، جانابلىرى ئۇنىڭ مەسلىھەتىنى ئالسىلا ئاشۇ پەسلىككە شېرىك بولۇپ قالىلا (بۇ سىلىگە لايىق ئەمەس)،

– ياق، مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلمايمەن، بەلكى بىز سىلىنى ئەپۇ قىلىۋېتىمىز، سىلىگە ياخشىلىق قىلىمىز، سىلىنىڭ ھاللىرىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمىز.

– ئى ئەمىرۇلمۆمىنىن، بۇ جانابلىرىنىڭ ماڭا قىلغان ئىززەت – ئىكراملىرىدۇر، سىلىگە ئوخشاش ئېسىل زاتلار ئۆچ ئېلىشقا كۈچى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق ئەپۇ قىلىۋېتىدۇ، يامانلىق قىلغانلارنى كەچۈرۈۋېتىدۇ، بىرەر نەرسە سورىمىسىمۇ بېرىۋېتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى مۇئاۋىيە ئۇ ئايالغا كىيىم – كېچەك، پۇل – پۈچەكلەرنى بېرىپ، يەنە ھەر يىلى ئون مىڭ دەرھەملىك ھوسۇل بېرىدىغان بىر پارچە زېمىننى بۆلۈپ بەردى. قول ئاستىدىكىلەرگە ئۇ ئايالنى يۇرتىغا خاتىرجەم ئاپىرىپ قويۇشنى بۇيرۇدى، كۇفەدىكى ۋالىيسىغا ئۇ ئايال بىلەن بىرگە ئۇ ئايالنىڭ جەمەتىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭلار، دەپ مەكتۇپ يازدى.

مەنبە: «ئەلمۇتالەئەتۇل ئەزھەرىييە» ناملىق كىتاب.

تەرجىمىدە: كارۋان.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.