ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇستاز! ئاللاھ ئىلىملىرىنى زىيادە قىلسۇن ۋە شۇنداقلا ئۈممەتكە ۋە مىللەتكە مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرسۇن!
ئۆزلىرىنىڭ «ئىككىنچى قېتىملىق رامازانلىق زۆرۈر بولغان دىنىي مەسىلىلەردە پەتۋا ۋە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى» 16 – نومۇرلۇق سوئالدا: «‹ئى نامى گۈزەل مۇھەممەد! كەل شاپائەت ئەيلە، كەمتەر قۇلۇڭغا› دەپ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن شاپائەت تىلىسە دۇرۇس بولىدۇ» دەپ بېرىلگەن پەتۋادا تۆۋەندىكىلەرگە چۈشەنچە بېرىشلىرىنى سورايمىز:
1) يۇقىرىدىكى سوئالدا شاپائەتنى ئاللاھتىن تىلىمەي پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن تىلىگەن، ئەمەلىيەتتە شاپائەت ئاللاھتىن سورىلىدۇ، بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا: ﴿قُل لِّلَّهِ ٱلشَّفَٰعَةُ جَمِيعٗاۖ / شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر﴾ دېگەن.
2) بېرىلگەن جاۋابتا دەلىل قىلىنغان ئايەتتە: ﴿وَلَوۡ أَنَّهُمۡ إِذ ظَّلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ…﴾ ئۆزىگە زۇلۇم قىلىپ گۇناھقا پاتقانلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ۋاقتىدا گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاللاھقا دۇئا قىلىپ قويۇشىنى ئۆتۈنۈپ قېشىغا كېلىشكە دەلىل چىقىدۇ. ئەمما، ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ قەبرىسىگە كېلىپ ئاللاھتىن گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇ زاتنى ۋەسىلە قىلىشقا ساھابە، تابىئىنلەردىن ۋە سەلەف سالىھلەردىن بۇ توغرىدا بىرەر ئەسەر بارمىدۇ؟ بولغان تەقدىردىمۇ بۇ ئايەت ئۇ زاتنىڭ دۇئاسى بىلەن شاپائەت تىلەشكە دەلىل بولىدۇ، سورالغان سوئالنىڭ مەزمۇنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ زاتىدىن شاپائەت تەلەپ قىلىشتۇر.
3) بېرىلگەن جاۋابتا: «تۆت مەزھەب ئۆلىمالىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ كۆزقارىشى» دېيىلگەن. گەرچە بۇ كۆزقاراش ئاساسەن تۆت مەزھەبنىڭ 6 – ئەسىردىن كېيىنكى ئۆلىمالىرىنىڭ كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان بولسىمۇ، قۇرئان، سۈننەتتىن دەلىلسىز، بولغاندىمۇ ئاجىز، توقۇلما ۋە ياكى ساھابە، تابىئىنلەرنىڭ بۇ ھەقتە كەلگەن بىرەر ئىش – ئىزى ياكى ئەسەرلىرىمۇ بايان قىلىنمىغان، بەلكى ساھابەلەردىن كەلگەن ئەسەرلەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات تاپقاندىن كېيىن، تاغىسى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە تەقۋا سەلەف سالىھ ھايات كىشىلەرنىڭ دۇئاسى بىلەن ۋەسىلە قىلىنغان. بۇ ھەقتە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىز بۇرۇن قۇرغاقچىلىق بولۇپ كەتسە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ۋەسىلە قىلاتتۇق، ئەمدى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىنى ۋەسىلە قىلىمىز» دېگەن. بۇ ئەسەردە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋاپات تاپقاندىن كېيىن ئۇ زاتنى ۋەسىلە قىلىپ شاپائەت تىلەشنىڭ دۇرۇس بولمايدىغانلىقى چىقىدۇ، چۈنكى دۇرۇس بولىدىغان بولسا ئىدى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىنى ۋەسىلە قىلماي پەيغەمبىرىمىزنى ۋەسىلە قىلغان بولاتتى.
4) بېرىلگەن جاۋابتا: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قەبرىسىدە بەرزەخ ئالەمىدە شۇ ئالەمگە مۇناسىپ ھالەتتە ھايات» دېيىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى دۇنيا ھاياتىدا ھايات سالىھلەردىن ۋەسىلە قىلغاندەك ۋەسىلە قىلىپ شاپائەت تىلەشنىڭ دۇرۇسلۇقى چىقمايدۇ، چۈنكى دۇنيا ھاياتى بىلەن بەرزەخىي ھايات ئوخشىمايدۇ. (مەدىنە مۇنەۋۋەرە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلىرى يوللىدى).
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئالدى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا پەرقلىق قاراشلارنىڭ بارلىقىنى ۋە تۆت مەزھەبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ شاپائەت تىلەش جائىز» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى مۇناسىپ كۆرۈش بىلەن بىرگە، ھەرقايسىلىرىنىڭ ئون يىللارچە شەرئىي ئىلىملەرنى ئوقۇغان ۋە بۇ تۈرلۈك مەسىلىلەردە ئەھلى ئىلىملەر ئوتتۇرىدا ئۇزۇن – ئۇزۇن مۇزاكىرە ۋە مۇناقەشەلەرنىڭ بارلىقىنى بىلگەن تۇرۇقلۇق، كۆپچىلىك ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەقتىكى دەلىل ۋە ئاساسلىرىنى سوراپ سۈرۈشتە قىلىشلىرى ئارتۇقچە دەپ قارايمەن. چۈنكى، سەئۇدىي ئەرەبىستان ئىلىم ئەھلىلىرى ياقلىغان مەلۇم قاراشنى بىردىنبىر توغرا قاراش دەپ ئويلىۋېلىپ، ئۆلىمالارنىڭ قاراشلىرى پەرقلىق بولغان بىر مەسىلىدە دەلىللەرنى قايتىدىن تەھلىل قىلىش ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئايىغى چىقماس بەس – مۇنازىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ خىل ئىزاھات تەلەپ قىلىشنى جەمئىيەتتىكى ئىلمىي مەسىلىلەرگە دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ پىكىر قاتناشتۇرۇش ۋە تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىدە تالىبۇل ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىگە لايىق ئىش ۋە ئەقەللىي بۇرچ دەپ قارىغانلىقىمدىن ھەرقايسىلىرىغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن ئاللاھتىن تەۋپىق تىلەيمەن ھەمدە «يۇقىرىقى 4 نۇقتىغا ئىلمىي ئىزاھات بېرىش پايدىلىق» دەپ قارايمەن.
1) ھەرقايسىلىرىنىڭ «ئەمەلىيەتتە شاپائەت ئاللاھتىن سورىلىدۇ» دېگەن سۆزلىرى پاكىت تەلەپ قىلىنغان مەسىلىنى مۇسەللەم (قارشى تەرەپ ماقۇل كېلىدىغان) مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش (المصادرة على المطلوب) تۇر. چۈنكى، بۇ يەردىكى قاراش ئوخشىماسلىقى دەل مۇشۇ نۇقتىدا بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل دەئۋانى دەلىل، نەتىجىنى مۇقەددىمە قىلىۋېلىش پاكىت كەلتۈرەلمەسلىكنى يۆگەش ۋە پاكىت كەلتۈرۈشتىن قېچىش بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئۇ جۈملە مۇسەللەم بولىدىغان بولسا، بۇ مۇزاكىرەنىڭ نېمە كېرىكى؟!
﴿قُل لِّلَّهِ ٱلشَّفَٰعَةُ جَمِيعٗاۖ / شاپائەتنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر﴾(39/«زۇمەر»: 44) دېگەن ئايەتكە كەلسەك، مۇفەسسىرلەرنىڭ بايانى ۋە ئايەتنىڭ سىياقۇ سىباقىغا قارىغىنىمىزدا، مۇشرىكلەر شاپائەت تەمە قىلىپ، بۇتلارغا چوقۇنغان. ئۇ بۇتلار ئەسلىدە سالىھلەرنىڭ ھەيكەللىرى ئىدى. شۇڭا، ئاللاھ تائالا ئۇلارغا رەددىيە بېرىپ، ئۇ بۇتلارنىڭ ئۆزىمۇ، سالىھلەرمۇ ئاللاھ ئىجازەت بەرمىگەن تەقدىردە شاپائەت قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. چۈنكى، قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئىجازەت بەرگەن زاتلاردىن باشقا ھېچكىم شاپائەت قىلالمايدۇ. شاپائەتكە ئىجازەت بەرگۈچى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلغۇچى يېگانە ئاللاھتۇر. شاپائەتچىلەر ئاللاھ ئىجازەت بەرگەن زاتلاردۇر. شاپائەت قىلىنغۇچىلار بولسا ئاللاھ رازى بولۇپ، ئۇلار ھەققىدە شاپائەتچىلەرنىڭ شاپائىتىنى قوبۇل قىلغانلاردۇر. شۇڭا، «ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇتقا ئىبادەت قىلماڭلار» دېمەكچى. ئۇنداق بولمايدىغان بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆزى ئىجازەت بەرگەنلەردىن باشقىغا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ﴾(34/«سەبەئ»: 23)، ﴿ئاللاھنىڭ ئىجازىتىسىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا شاپائەت قىلىدىغان كىمكەن بۇ؟﴾(2/«بەقەرە»: 255)، ﴿ئاللاھنىڭ ئىجازىتىسىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا شاپائەت قىلىدىغان كىمكەن بۇ؟﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 28)، ﴿مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ﴾(19/«مەريەم»: 87)، ﴿بۇ كۈندە مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئىزىن بەرگەن ۋە سۆزىدىن ئاللاھ رازى بولغان ئادەمنىڭ شاپائىتىدىن باشقا ھېچقانداق شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ﴾(20/«تاھا»: 109)، ﴿ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان نەرسىلىرى شاپائەت قىلالمايدۇ. پەقەت ھەق بىلەن گۇۋاھلىق بەرگەن (يەنى لا الە الا ﷲ دېگەن، تىلى بىلەن ئېيتقاننى دىلى بىلەن) ھەقىقىي بىلگەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا﴾(20/«تاھا»: 86)… دېگەن ئايەتلىرىچۇ؟
نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «مەن يەنە (قىيامەﺕ كۈنى) شاپائەﺕ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىندىم»(1)، «قىيامەت كۈنى مەن ئادەم بالىسىنىڭ خوجىسىدۇرمەن. قەبرىدىن بىرىنچى بولۇپ تىرىلىدىغان كىشى مەندۇرمەن. مەن شاپائەتچىلەرنىڭ ۋە شاپائىتى قوبۇل قىلىنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلىدۇرمەن»(2) دېگەن سۆزلىرىچۇ؟!
مەزكۇر ئايەتلەر ۋە سەھىھ ھەدىس شەرىفلەر ئاللاھ ئىجازەت بەرگەن زاتلارنىڭ شاپائەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەمدۇ؟! ئەجىبا ھەرقايسىلىرى بۇ ئايەتنى مۇتلەق كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھ ئىجازەت بەرگەن زاتلارنىڭ شاپائەت قىلىشىنى ئىنكار قىلىشامدىلا؟! بۇ مۇشۇ ھەقتىكى ئايەتلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويغانلىق بولمامدۇ؟! مەزكۇر ئايەتنى مۇجاھىد قاتارلىق مۇفەسسىرلەر: «يەنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا پەقەت ئۇ زات ئىجازەت بەرگەنلەرلا شاپائەت قىلىدۇ» دەپ تەفسىرلىگەن(3). باشقا ئايەتلەر بىلەن بىللە چۈشەنگىنىمىزدىمۇ تەفسىرى شۇنداق چىقىدۇ. ئۇنداقتا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھ شاپائەت قىلىشقا ئىجازەت بەرگەن زاتمۇ – ئەمەسمۇ؟!
ۋەلھاسىل، مەزكۇر ئايەت «شاپائەتنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىجازەت بېرىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدىكى ئىش» دېگەن نۇقتىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ دەتالاش نۇقتىسى ئەمەس، شۇڭا ئۇ ئايەتنى مۇددىئايىڭلارغا دەلىل قىلىش توغرا بولمايدۇ. دەلىل كەلتۈرۈلىدىغان نۇقتا، يەنى دەتالاش نۇقتىسى شۇكى: «شاپائەتچى زاتلاردىن شاپائەت تىلىنەمدۇ يوق؟» ھەرقايسىلىرىنىڭ «شاپائەت پەقەت شاپائەتچىدىنلا تىلىنىدۇ» دېگەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئاساسەن، «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن شاپائەت سورىلىدۇ» دېمەي ئامال بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ زات يۇقىرىقى نۇرغۇن ئايەت ۋە ھەدىسلەر كۆرسەتكىنىدەك شاپائەتچىدۇر. بۇ سەۋەبتىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستىكىدەك، «قىيامەت كۈنى كىشىلەر توپ – توپ بولۇشۇپ، ھەربىر ئۈممەت ئۆز پەيغەمبىرىگە ئەگىشىپ مېڭىپ: ‹ئى پالانى (پەيغەمبەر)! شاپائەت قىلغىن، ئى پالانى (پەيغەمبەر)! شاپائەت قىلغىن› دەپ ئاخىرى شاپائەت قىلىش نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بېرىپ توختايدۇ، ئەنە شۇ كۈن ئاللاھ ئۇنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا تۇرغۇزىدىغان كۈندۇر»(4).
«قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەر ئادەم، نۇھ، ئىبراھىم، مۇسا ۋە ئىيسا قاتارلىق ئەنبىيائلاردىن شاپائەت تىلەيدۇ. ئۇ زاتلارنىڭ ئاخىرقىسى:
— مەن ئۆزۈم شاپائەتكە موھتاجمەن، مەندىن باشقا بىرەيلەننىڭ قېشىغا بېرىپ بېقىڭلار، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بېرىپ:
— ئى مۇھەممەد! سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ھەم پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىدۇرسەن، ئاللاھ سېنىڭ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بارلىق گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلىۋەتكەن، بىزنى تىلىۋالغان بولساڭ، بىزنىڭ ھالىمىزنى، بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەتنى كۆرمەيۋاتامسەن؟ — دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال بېرىپ ئەرشنىڭ ئاستىغا كېلىپ رەببىم ئەززە ۋە جەللە ئۈچۈن سەجدىگە باش ئۇرىمەن، ئاندىن ئاللاھ ماڭا ئۆزىگە لايىق كېلىدىغان گۈزەل ھەمدۇسانالار خەزىنىسىدىن مەندىن ئىلگىرى ھېچكىمگە ئاچمىغان ئىشىكلەرنى ئېچىپ بېرىدۇ، ئاندىن:
— ئى مۇھەممەد! بېشىڭنى كۆتۈر، سورىغىن بېرىلىدۇ، سۆزلىگىن ئاڭلىنىدۇ، شاپائەت قىل، شاپائىتىڭ قوبۇل قىلىنىدۇ، — دېيىلىدۇ. مەن:
— ئۈممىتىمنى تىلىۋالىمەن، ئى رەببىم! ئۈممىتىمنى تىلىۋالىمەن، ئى رەببىم! ئۈممىتىمنى تىلىۋالىمەن، ئى رەببىم! — دەپ شاپائەت قىلسام، ماڭا:
— ئى مۇھەممەد! ئۈممىتىڭدىن ھېساب – كىتاب قىلىنمايدىغانلارنى جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىدىن ئوڭ تەرەپتىكى دەرۋازىدىن ئېلىپ كىرگىن، باشقا دەرۋازىلاردىن كىرىشتىمۇ ئۇلار باشقىلارغا ئوخشاش كىرەلەيدۇ، — دېيىلىدۇ». كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم يەنە: «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، جەننەتنىڭ دەرۋازا قاناتلىرىدىن ئىككى قاناتنىڭ ئارىلىقى مەككە بىلەن ھىميەر – ياكى مەككە بىلەن بۇسرا – ئارىلىقىدەك ئارىلىق باردۇر» دېدى(5).
دېمەك، قىيامەتتە مۇئمىنلەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن شاپائەت تىلەيدۇ ۋە ئۇ زاتنىڭ شاپائىتى قوبۇل قىلىنىدۇ. ئەنبىيائلەردىن ھېچبىرى «شاپائەتنى ئاللاھتىن تىلەڭلار» دېمەيدۇ. نەتىجىدە ئاللاھ تائالا بۇ توغرا تىلەكنى ئىجابەت قىلىدۇ.
2) ئەسەر بار. مىسالغا ئالايلۇق: ئىمام ئىبنى كەسىر ئىمام مالىكتىن سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلدىكى: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ خەلىپەلىك دەۋرىدە قەھەتچىلىك يۈز بەرگەنىدى، بىر كىشى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قەبرىسىگە كېلىپ: ‹ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۈممىتىڭ ئۈچۈن ئاللاھتىن يامغۇر تىلەپ بەرگەيسەن! ئۇلار ھالاك بولۇپ كەتتى› دېگەنىدى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭ چۈشىگە كىرىپ، ئۇنىڭغا: ‹ئۆمەرگە بارغىن، ئۇنىڭغا مەندىن سالام يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگىن ۋە ئۇنىڭغا: ”سەگەك ۋە ھوشيار بول“ دېگىن› دېگەن. ئۇ كىشى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قېشىغا كېلىپ چۈشىنى ئېيتىپ بېرىۋىدى، ئۆمەر: ‹كۈچۈم يەتمىگەندە ئاندىن بولدى قىلىمەن› دېگەن»(6).
﴿وَلَوۡ أَنَّهُمۡ إِذ ظَّلَمُوٓاْ أَنفُسَهُمۡ جَآءُوكَ فَٱسۡتَغۡفَرُواْ ٱللَّهَ وَٱسۡتَغۡفَرَ لَهُمُ ٱلرَّسُولُ لَوَجَدُواْ ٱللَّهَ تَوَّابٗا رَّحِيمٗا / ئۇلار ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغاندا، ساڭا كېلىپ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلىسە، پەيغەمبەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىسە ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلار ئاللاھنى كەچۈرۈم قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان تاپاتتى﴾(4/«نىساﺋ»: 64) دېگەن ئايەتتە «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا بارسا، ئۇ زات مەغپىرەت تىلىسە» دېگەنلىك دەل شاپائەتنىڭ ماھىيىتىدۇر. بۇ ئۇ زاتنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەرتىۋىسى ۋە مەقامىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنى رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن بۇرۇنقى ئەھۋالغا خاس قىلىۋېلىشقا، «مۇقەييەد» قىلىۋېلىشقا ئاساس يوق. شۇڭا، ئايەت مۇتلەق مەنىدە قالىدۇ. ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف قاتارلىق ئەسھاب كىراملەرمۇ، ھەمزە ئىبنى قاسىم قاتارلىق سەلەفلەرمۇ شۇ بويىچە ئەمەل قىلغان، تۆت مەزھەب ئۆلىمالىرىمۇ شۇنداق چۈشەنگەن. ئىمام قۇرتۇبىي ۋە ئىبنى كەسىر قاتارلىق مۇفەسسىرلەرمۇ تەفسىرلىرىدە مەزكۇر ئايەتنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھايات ۋاقتىغا خاس دەپ قەيت قىلمىغان. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەنبىيائلەر قەبرلىرىدە ھايات بولۇپ، ئۇلار ناماز ئوقۇيدۇ» دېگەن(7). ئاخىرەتتىكى مۇئمىنلەرنىڭ ۋە ئەنبىيائلەرنىڭ پەيغەمبىرىمىزدىن شاپائەت تىلىشىمۇ ئۇ زاتتىن شاپائەت تىلەشنىڭ جائىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3) نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن شاپائەت تىلەش ھەققىدە يۇقىرىقىدەك ئايەت ۋە ھەدىسلەر، شۇنداقلا ئەسھابلەرنىڭ ئىش – ئىزلىرى بار بولغاچقا، ئۇنىڭ جائىزلىقى تۆت مەزھەبنىڭ كىتابلىرىدا بايان قىلىنغان. ئەلۋەتتە بۇ كېيىنكى ئەسىرلەردىكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى. بۇنى ئىنكار قىلغانلىق ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىنى دەلىلسىز دېيىش ھەقىقەتكە كۆز يۇمغانلىق ۋە تەئەسسۇبىيەتتۇر. ئىلگىرىكىلەردە «جائىز ئەمەس» دەيدىغانلار چىقمىغاچقا، ئۇلارنىڭ دەۋرىدە بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە جائىز دېيىشكە ئېھتىياج چۈشمىگەن. شۇڭلاشقا، ئۇلاردىن تاكى ئىمام ئىبنى تەيمىييەگە قەدەر بىرەرسىنىڭ «جائىز ئەمەس» دېگەنلىكىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. «جائىز ئەمەس» دېگەندەك ياۋا قاراش ئوتتۇرىغا چىققاندا، ئاندىن ئالىملار «جائىز» دەپ چىڭ تۇرغان.
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىنى ۋەسىلە قىلىشى يەنىلا شۇ پەيغەمبەرنىڭ مەقامىنى ۋەسىلە قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ياكى يامغۇر تىلەشتە شۇنداق بىر كىشىنى ئالدىغا چىقىرىپ تىلەش قائىدە بولۇشى ۋە ياكى پەيغەمبەر ئورنىغا باشقا بىر سالىھ كىشىنى ۋەسىلە قىلسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بولۇشىمۇ ئېھتىماللىقتۇر. يەنە كېلىپ ئۆمەرنىڭ: «بىز پەيغەمبىرىمىزنى ۋەسىلە قىلاتتۇق» دېگەن سۆزى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن تاكى شۇ كۈنگە قەدەر پەيغەمبىرىمىزنى ۋەسىلە قىلىپ كەلگەنلىكىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. بۇ يەنە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ۋەسىلە قىلسا بولمايدۇ دېگەنلىكمۇ ئەمەس. شۇڭا، ئەسھابلەر رەسۇلۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇ زاتنى ۋەسىلە قىلغان.
ئوسمان ئىبنى ھۇنەيف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدىكى: «بىر ئەما پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ:
— ئاللاھقا دۇئا قىلسىلا، ماڭا شىپالىق بەرسۇن! — دېگەنىدى، ئۇ زات:
— خاھلىساڭ ساڭا دۇئا قىلاي، خاھلىساڭ سەۋر قىلغىن. بۇ سەن ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر، — دېدى. ئۇ ئادەم:
— دۇئا قىلىپ قويسىلا! — دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى كامىل تاھارەت ئېلىپ، مۇنۇ دۇئانى ئوقۇشقا بۇيرۇدى: ‹ئى ئاللاھ! مەرھەمەت پەيغەمبىرى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ساڭا يۈزلىنىۋاتىمەن. ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مەن سېنىڭ ھۆرمىتىڭ بىلەن ئاللاھقا مۇناجات قىلىۋاتىمەن. ئى ئاللاھ! پەيغەمبىرىڭنى مەن ئۈچۈن شاپائەتچى قىلغىن!›»(8)
يۇقىرىدىكى ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پاكىت شۇكى، ئۇ كىشى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنمۇ ئۇ زاتتىن يامغۇر تىلەشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئۆمەرنىڭمۇ بۇنى توغرا تاپقانلىقىدۇر. دېمەك، بۇ يەردىكى مەسىلە نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەقامى ۋە مەرتىۋىسى ئاساسىدا ئاللاھتىن تىلەشتۇر. بولمىسا ئۆمەر پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىسىنى دەپ يۈرمەي، ئابباسنى ۋەسىلە قىلىمىز دېسىلا بولاتتى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەقامى ۋە مەرتىۋىسى بولسا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياكى بەرزەخ ئالەمىدە كېمىيىپ قالمايدۇ. شۇڭا، ئۇ زاتنى مەيلى ھايات ۋاقتىدا، مەيلى ۋاپاتىدىن كېيىن، مەيلى بەرزەخ ئالەمىدە بولسۇن، بار چاغدا ياكى يوق چاغدا بولسۇن ئوخشاشلا ۋەسىلە قىلىشقا، ئۇ زاتتىن شاپائەت تىلەشكە بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى ھەمزە ئىبنى قاسىممۇ باغدادتا يامغۇر تىلىگەندە، ئاق ساقىلىنى سىقىمداپ تۇرۇپ: «ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئاق ساقىلى بىلەن يامغۇر تىلىگەن ئاشۇ كىشىنىڭ ئەۋلادىدىنمەن، شۇڭا بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن» دەپ تەكرارلاۋەرگەن ۋە بوۋىسى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ۋەسىلە قىلىۋەرگەندە، يامغۇر ياغقان. بۇ مەشھۇر ۋەقەلىكتۇر(9).
ھەنبەلىي مەزھەبتىكى توغرا قاراشتا سالىھ كىشى ۋەسىلە قىلىنىدۇ. ئىمام ئەھمەدمۇ شاگىرتى ئەبۇبەكرى مەررۇزىي (ئۆ. ھ. 275 / م. 888) گە يازغان «مەنسەك» رىسالىسىدە: «دۇئادا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋەسىلە قىلىنىدۇ» دەپ يازغان(10). ئىمام ئىبنى قۇدامەمۇ رەسۇلۇللاھنىڭ قەبر شەرىفىنى زىيارەت قىلىش ئادابىنى بايان قىلىپ: «… قەبر شەرىفكە كېلىپ: …مەن ساڭا گۇناھلىرىمدىن مەغپىرەت تىلەپ، سەندىن رەببىمگە شاپائەت تىلەپ كەلدىم… دەيدۇ» دېگەن(11). ھەتتا ئىمام ئىبنى تەيمىييەمۇ ئىمام ئەھمەدنىڭ يۇقىرىقى قارىشىنى ئىنكار قىلالمىغان ۋە سەلەفلەردىن ۋەسىلە قىلغان ئەھۋاللارنىڭ رىۋايەت قىلىنغانلىقىنى كىتابلىرىدا بايان قىلغان(12). شۇنداق تۇرۇقلۇق «سەلەفلەردىن ئەسەر بارمۇ؟» دېيىش ئارتۇقچە.
ھەتتا رەسۇل ئەكرەم سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دۇنياغا كەلمەستىمۇ مەدىنە ئەتراپىدىكى يەھۇدىيلەر ئەۋس ۋە خەزرەج قاتارلىق مۇشرىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ قالسا: «ئى ئاللاھ! بىزگە زامان ئاخىرىدا ئەۋەتىلىدىغان، بىز تەۋراتتا سۈپىتىنى كۆرگەن نەبىي بىلەن نۇسرەت ئاتا قىلغىن!» دەپ دۇنياغا تېخى كەلمىگەن زاتنى ۋەسىلە قىلىشاتتى ۋە نۇسرەت ئاتا قىلىناتتى(13).
بۇ ئاللاھ ئاتالانىڭ: ﴿ئۇلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇلاردىكى كىتاب (تەۋرات) نى تەستىقلايدىغان كىتاب (قۇرئان) نازىل بولغان چاغدا (ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى). ئىلگىرى ئۇلار (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ۋاسىتە قىلىپ) كافىرلارغا قارشى ئۆزلىرىگە ياردەم كېلىشىنى تىلەيتتى، ئۇلار بىلىدىغان (يەنى تەۋراتتا سۈپىتى بايان قىلىنغان) پەيغەمبەر كەلگەن چاغدا ئۇنى ئىنكار قىلدى. ئاللاھ كافىرلارغا (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ تۈگەنچىسىنى ئىنكار قىلغان يەھۇدىيلەرگە) لەنەت قىلدى﴾(2/«بەقەرە»: 89) دېگەن ئايەتىدە بايان قىلىنغان.
سەھىھ ھەدىستە «ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئەبۇ تالىبنىڭ مۇنۇ شېئىرىنى ئوقۇغان:
ئاپئاق يۈزى شېپى قىلىنىپ تىلىنۇر يامغۇر،
يېتىملەر غەمگۈزارى، تۇللارغىمۇ پاسىبان ئېرۇر.
يەنى ئابدۇلمۇتتەلىب يامغۇر تىلىگەندە، نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى يېنىغا ئېلىپ چىققانلىقى تەسۋىرلەنگەن بېيىتنى ساھابەلەر ئەسلەپ ئوقۇغان(14). تەبەرانىينىڭ رىۋايەتىدە رەسۇلۇلۇللاھ ئەسھابلىرىدىن ئۇ بېيىتنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلغان(15).
يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سەھىھ ھەدىس ۋە بايانلاردىن 4 – ئېتىرازنىڭمۇ جاۋابى چىقىدۇ.
يۇقىرىقىلار سەلەف سالىھ ۋە ئۆلىمالارنىڭ بۇ بارىدىكى ئىش – ئىزى ۋە بايانلىرىدىن ئازغىنە بىر قىسمى بولۇپ، گەپ ئۇزىراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن ئىخچاملاشقا تىرىشتىم. سەئۇدىي ئەرەبىستاندا ئوقۇغان قېرىنداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم ۋە تەۋسىيەم شۇكى، ئەرەبىستان ئالىملىرى كىرىۋالغان تار ۋە يۈزەكىي، بىر تەرەپلىمە يۆنىلىشتىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىپ، ئەھلىسۈننەت ئارىسىدا قاراش پەرقلىق بولغان مەسىلىلەردە تېخىمۇ كەڭ قورساق بولۇش ۋە قارشى پىكىرنى ئاسانلا يوققا چىقارماسلىق، ئىلمىيلىكنى ۋە چوڭقۇر ئىزدىنىشنى، مۇتەئەسسىبلىكتىن يىراق تۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ بىرلىكىنى قوغداپ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ دادىل كۈچ چىقىرىش ۋە خىزمەتكە ئاتلىنىشتۇر. ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرىغا ئەگىشىشكە ۋە ئەمەل قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغاي!
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1446، 24 – زۇلقەئدە / م. 2025، 22 – ماي
1. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (335)؛ مۇسلىم (521).
2. مۇسلىم (6079).
3. «تەفسىرۇ مۇجاھىد»، 1 – ج، 357 – بەت؛ «تەفسىرۇ ئىبنى كەسىر»، 7 – ج، 102 – بەت؛ «تەفسىرۇ قۇرتۇبىي»، 15 – ج، 264 – بەت؛ «تەفسىرۇ شەۋكانىي»، 15 – ج، 264 – بەت.
4. بۇخارىي (4718).
5. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (4712)؛ مۇسلىم (194). ھەدىس ئازراق قىسقارتىلدى.
6. ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە ۋەننىھايە»، 7 – ج، 105 – بەت. ئىبنى كەسىر، ھافىز ئىبنى ھەجەر («فەتھۇلبارىي»، 2 – ج، 495 – بەت) لەر: «بۇ سەھىھ ئىسنادتۇر» دېگەن.
7. ئەبۇ يەئلا (3425)؛ بەززار (6888). ھۈسەين سەلىم ئەسەد ۋە ئالبانىي («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 2790) لار: «سەھىھ» دېگەن.
8. ئەھمەد (17279)؛ تىرمىزىي (3578)؛ ئىبنى ماجە (1385). تەبەرانىي («ئەلمۇئجەمۇسسەغىر»، (508) ۋە ئالبانىي («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 1279) لار: «سەھىھ» دېگەن.
9. لالەكائىي: «كەراماتۇل ئەۋلىياﺋ»، 137 – بەت.
10. مىرداۋىي: «ئەلئىنساف»، 2 – ج، 319 – بەت.
11. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 3 – ج، 494 – بەت.
12. مەسىلەن، «قائىدە جەلىيلە»، (524، 525) 2 – ج، 199 – بەت؛ «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 1 – ج، 264 – بەت.
13. بەغەۋىي: «مەئالىمۇتتەنزىل»، 1 – ج، 120 – بەت؛ ئەبۇ نۇئەيم: «دەلائىلۇننۇبۇۋۋە»، (44). بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەرنى سۇيۇتىي («ئەددۇررۇل مەنسۇر»، 1 – ج، 464 – بەت) تەپسىلىي بايان قىلغان. ئىبنۇلقەييىممۇ («بەدائىئۇل فەۋائىد»، 4 – ج، 954 – بەت) شۇنداق دېگەن.
14. بۇخارىي (1009).
50. تەبەرانىي: «ئەددۇئاﺋ»، (2180).
ئاۋازلىق نۇسخىسى:

