ئىلىمنىڭ ئۈممەت ھاياتىدىكى رولى

دوكتور راغىب سەرجانىي

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىنىڭ تارىخلىرىنى ۋە مۇسۇلمان بولمىغان ئالىملارنىڭ كۆزنى چاقنىتىدىغان قىسسىلىرىنى ئۆگەنگەن چېغىمىزدا، ئىلىمنىڭ ھاياتتىكى رولى ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئەمەلىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىيەلەيمىز:

بىرىنچى: ئىلىم بولسا ھەرقانداق شەخس ۋە ئۈممەتنى ئەزىزلىك ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرىدىغان پارلاق يولدۇر.

شۇنىسى ئېنىقكى، بىلىمسىزلەر ئۈچۈن ھۆكۈمرانلار ئارىسىدا ئورۇن يوق. نادانلىققا پېتىپ كەتكەن، نام – ئاتاقسىز بىر ئۈممەت ھېچكىم پەرۋا قىلمايدىغان، ئېتىبارغا ئالمايدىغان، كۈچلۈك گۇرۇھلار تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنىشقا، ھوقۇق ۋە بايلىقلىرى تالان – تاراج قىلىنىشقا ئۇچرايدىغان «ئېزىلگۈچى» ئۈممەتتۇر. ھازىرقى نۇرغۇن ئۈممەتلەر بۇنىڭغا دەلىلىدۇر.

ۋەھالەنكى، ئىسلام ئۈممىتى ئۇزۇن زامانلار ئىزچىل ئىلىم – مەرىپەت بىلەن قوراللىنىپ، ئىنسانىيەتنى مەدەنىيلىشىش ۋە تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلىگەن ئىدى. كېيىن غەرب ئەللىرى مۇسۇلمانلار بىلەن زىددىيەتلىشىش يولى ئارقىلىق، بولۇپمۇ، «ئەندەلۇس» يولىدىن بۇ مول ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا قادىر بولالىدى. كېيىن غەربنىڭ تېز سۈرئەتتە گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتتىكى يۈكسىلىشى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىلىم يوللىرىدىن غاپىل قالغان ۋە ئىلمىي پىروگراممىلار تاشلىنىپ قالغان بىر دەۋرىگە توغرا كەلدى. مانا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان نەتىجە بولسا، ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئاجىزلىق ۋە تۈرلۈك ئېھتىياجلاردا پاسسىپ ھالدا غەربكە «تايىنىپ قېلىش» بولدى.

ئەپسۇسلىنارلىقى، مۇشۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ يەنىلا غەربنىڭ پايدا – مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن ئۇلارغا مۇناسىۋەت بوشلۇقلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ بېرىشىمىز ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزدۇر. مانا بۇ مۇسۇلمان ئۆلىمالارنى بىئارام بولۇپ تولغىنىشقا ۋە ئىلمىي تەتقىقاتتىكى ئىزدىنىشلىرى ئارقىلىق غەربنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا تىرىشچانلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولغان نەرسىدۇر.

ئىككىنچى: ئىلىم يولى ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل يولدۇر.

ھەرقانداق شەخس ۋە ئۈممەت بۇ جەھەتتە باراۋەردۇر. خۇددى ئىمام مۇسلىم ئۆزىنىڭ كىتابىدا: «تەننىڭ راھىتى بىلەن ئىلىم ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ بايان قىلغىنىدەك، ئىلم يولىغا ماڭغان كىشى ئۈچۈن بۇ يول راھەت ئەمەس، بەلكى جاپالىقتۇر. شۇڭا، مۇسۇلمان ئالىملار مانا مۇشۇنداق جاپالىق ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقى ئۈچۈن «جىھات قىلىشتىكى بۈيۈك ئۈلگىلەر» دەپ تەرىپلەنگەن. دېمەك، ئىلىم يولى داۋاملىق كۆرەش قىلىشقا ۋە ئەزىزلىككە چاقىرىدۇ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى بۇ ھەقتە ئۈلگە بولالايدۇ. مەسلەن: ياپونىيەنىڭ ۋەيران بولغاندىن كېيىنكى گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى ئىلىمدۇر. ياپونىيە ۋە تىرىشىپ ئىلىم ئىگىلىگەن ياپون خەلقىنى ئىلىم خار قىلمىدى، ئۇلار ھەتتا تەرەققىياتتا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتكۈچە راھەت يولىنى تاللىمىدى. يۈز يىل ئىلگىرى ھېچقانچە تىلغا ئېلىنمايدىغان ئامېرىكا قوشما شىتاتى بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم ساھەسىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈش ۋە توختاۋسىز ئىزدىنىش ئارقىلىق بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى.

ئۈچىنچى: ئىلىم ئۆز ئىگىسى ئۈچۈن ئۆتكۈر قايچىدۇر.

بۇ قايچا ئىلىم يولىدىكى مۇشكۈللەرنى ۋە نادانلىقلارنى كېسىپ تاشلاپ، دۇنيادا ئۈستۈنلۈككە يول ئاچىدىغان، ئاخىرەتتە دەرىجىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان قورالدۇر.

ئىلىم ئىگىسىنىڭ ئاخىرەتتىكى دەرىجىسى ھەققىدە ئاللاھ تائالا «مۇجادەلە» سۈرىسىنىڭ 11 – ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ». ئىلىم ئەھلىلىرى بىلەن ئىلىمسىزلەرنىڭ باراۋەر ئەمەسلىكىنى بايان قىلىپ «زۇمەر» سۈرىسىنىڭ 9 – ئايىتىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئېيتىڭ (ئى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام)، بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بۇلامدۇ؟ پەقەت (ساغلام) ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالالايدۇ».

ئىلىم يولىدا ھېرىسمەنلىك بىلەن ئىلىم ئۆگەنگۈچى ئۈچۈن بايلىقنىڭ لەززەتلىرىدىنمۇ ئۈستۈن بولغان لەززەت باردۇر. مانا بۇ ئۆلىمالارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىش ئۈچۈن مال – دۇنيا ۋە تىجارەتلىرىنى تاشلىشىغا تۈرتكە بولغان نەرسىدۇر.

ئالىملارنىڭ تۆلىگەن بۇ قۇربانلىقلىرى ئۈچۈن خەلق ئۇلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، شۇڭا، تارىخ ئۆز خەلقىنى ئۈستۈنلۈككە ۋە شان – شەرەپكە يېتەكلىگەن، شۇنداقلا خەلقنى يۈكسەلدۈرىدىغان دۇردانە ئەسەرلەرنى يازغان قەدىمقى ۋە ھازىرقى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ قىسسىلىرى بىلەن تولغان.

مەسلەن: ئەررازىي، جابىر ئىبنى ھەييان، خارەزمىي، تەبەرىي، سۇيۇتىي، غەززالىي… ۋە ئۇلاردىن باشقا مۇسۇلمان بولمىغان شەخسلەردىن ئېدىسون، ئېينىشتېيىن، … قاتارلىقلار تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.

تۆتىنچى: ئۈممەتنىڭ گۈللىنىشى ھەربىر شەخسنىڭ ئىلمىي گۈللىنىشكە بولغان ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

ئالىملارنىڭ ئىلىم يولىدا ئۇتۇق قازىنىشى ئۈچۈن دادا، ئانا ۋە ياخشى ھەمراھتىن شەكىللەنگەن، ئەنە شۇ ئالىملار تەربىيەسىنىڭ دەسلەپكى مەنبەسى بولغان ئائىلىنىڭ رولى ناھايىتى مۇھىمدۇر. يەنە ئالىملار ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ۋە كەشپىياتلىرىنى ئەمەلىي رېئاللىققا يۈزلەندۈرىدىغان، ئۇلار ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىدا تەتقىقات سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىدىغان دۆلەتنىڭ رولىمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئالىملارغا ۋە ئىلىم تەلەپ قىلغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۇلارنىڭ ئىلىم ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان، ئىزدەنگۈچى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ نەتىجىلىرىگە مۇكاپات تەسىس قىلىپ بېرىدىغان كارخانىچىلارنىڭمۇ تۈرتكىلىك رولى بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالىمنىڭ قىممىتىنى كۆتۈرىدىغان ۋە تۆۋەنلىتىدىغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق تەمىنات ھازىرلاپ بېرىدىغان جەمئىيەتنىڭمۇ چوڭ رولى بار. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئالىمنىڭ ئىلىم تەلەپ قىلىش يولىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان، ئۇنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ماددىي شارائىتلاردۇر.

ئۆلىمالار ۋە مەشھۇر ئەربابلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۈممەتنى سالىھ كىشىلەر ماڭغان يولغا باشلىيالايدىغان ئىماملار ۋە ئالىملارنىڭ چىقىشى ئۈچۈن «ئەگەر قادىر بولالىسا» ئىلمىي ۋە ماددىي جەھەتتىن ئۇلارغا كېپىل بولۇش رولى بار.

بەشىنچى: ئىلىم ئۆگىنىشتە ۋاسىتىچى يوق.

ئىلىم يولىدا ئىخلاسمەن، تىرىشچان كىشى ئۈستۈنلۈككە ۋە ئۇلۇغلۇققا يېتەلەيدۇ، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ تۇرۇپ ئىلىمنى دەۋا قىلغۇچى كىشى ئۆز مېھنىتى سەۋەبلىك پەقەت ئاز بىر قىسىم نېسىۋىگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن.

خۇددى ئىمام غەززالىي ئۆزىنىڭ «ئىھيائۇ ئۇلۇمىددىن» دېگەن كىتابىدا: «ھەتتاكى سەن ئۆزۈڭنى پۈتۈنلەي ئىلىمگە بېغىشلىمىغۇچە ئىلىم ساڭا ئۆزىنىڭ بىر قىسمىنىمۇ بېغىشلىمايدۇ» دېگىنىدەك، قايسىبىر ئۈممەت ئىلىمگە ئىشتىياق باغلاش ۋە ئىلىم ئۈچۈن پۈتكۈل زېھنىنى سەرپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، شۈبھىسىزكى بۇ ئۈممەت ھەممە ئۇنىڭ بىلەن دوستلىشىشنى، ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشنى ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىشنى كۆزلەيدىغان باشلامچى ئۈممەت بولالايدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتكە بېكىتكەن قانۇنىيىتى ھەم شۇنداقتۇر.

ئۇلۇغ ئاللاھدىن بىزگە ئىلىمنى ۋە ئىلىمدىن ئىلگىرى ئۆزىدىن قورقۇشنى رىزق قىلىپ بېرىشنى، ئىسلام ئۈممىتىنى مەدەنىيەتنىڭ باشلامچىسى ۋە ئەڭ ئەزىز ئۈممەت قىلىپ بېرىشىنى، شۇنداقلا ئىلىمنىڭ ھەقىقىتى بىلەن قەلبلىرىمىزنى جەملەپ بېرىشىنى سورايمىز!

ئى ئاللاھ! پۈتكۈل ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن ئىلىم پەيغەمبىرىگە رەھمەت، بەرىكەت ۋە خاتىرجەملىكنى ئاتا قىلغىن! ئامىين!

 

مەنبە: العلم في حياة الأمم – د. راغب السرجاني – https://islamstory.com

تەرجىمىدە: خەتتاب

 

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ