ئۇسۇل فىقھىنى ئۆگىنىشنىڭ پايدىلىرى

ئۇسۇل فىقھى ئىلمى خالىس ئىسلامىي ئىلىم بولۇپ، باشقا ئۇممەتلەردە ئۇنىڭ ئوخشىشى تېپىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ قانۇن ـ دەستۇرلىرى مەلۇم ئاساسقا تايانمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن،  ئۇلار بۈگۈن بىر قانۇن تۈزسە ئەتىسى ئۆزگەرتىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، بىزنىڭ ئىسلام شەرىئىتىمىزدە مۇجتەھىدلەر ئۇسۇل فىقھى قائىدىلىرىگە تايانغان ئاساستا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتىن فىقھىي ھۆكۈملەرنى يەكۈنلەپ چىقارغاچقا، ھەرقانداق ئەسىرگە ۋە ماكانغا ماس كېلىدۇ. دېمەك، مەيلى مۇجتەھىد قۇرئان ۋە ھەدىستىكى دەلىللەرنى ئوچۇق بايان قىلىش ۋە دەلىل كەلمىگەن مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلىشىدا بولسۇن ۋە ياكى قازى قانۇن ماددىلىرىنى ھەقىقىي چۈشىنىش ۋە ئۇنى ئادىللىق بىلەن تەتبىقلاشتا بولسۇن ۋە ياكى فىقھىشۇناس تەتقىقات ۋە تەھلىل قىلىش ۋە ھەرخىل مەزھەپ ۋە كۆزقاراشلارنى سېلىشتۇرۇشىدا بولسۇن ئۇسۇل فىقھى ئىلمىدىن ئايرىلالمايدۇ.

جامالدىن ئسىنەۋىي مۇنداق دەيدۇ «ئۇسۇل فىقھى ئىلمى پايدىسى ناھايىتى كۆپ، قەدىر – قىممىتى يۇقىرى ۋە نام – شەرىپى ئۈستۈن بىر پەن چۈنكى، ئۇ كىشىلەرنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى ئىسلاھ قىلىدىغان شەرئىي ھۆكۈم ۋە پەتىۋالارنىڭ مۇنارى. شۇنداقلا ئىجتىھات قىلىشتىكى ئاساس ۋە توختىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ماددا».

دېمەك، ئۇسۇل فىقھى ئىلمىنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپ بولۇپ تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

1. ئىسلام شەرىئىتىنى قوغدايدۇ، يەنى، ئۇسۇل فىقھى ئىلمى كىشىلەرنىڭ شەرئىي دەلىللەردىن چەتنەپ كېتىشىنى چەكلەيدۇ، شۇنداقلا شەرئىي قانۇن چىقىرىشنىڭ ئەسلىي ۋە فەرئىي مەنبەلىرىنى روشەنلىشتۈرىدۇ.

2. دەلىل كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرىنى كونترول قىلىپ باتىل دەلىللەر ئىچىدىن سەھىھ دەلىللەرنى ئايرىپ چىقىدۇ ۋە سەھىھلىكى ئىسپاتلانمىغان زەئىپ ھەدىسلەر ۋە پاكىت ھۆججىتى بولمىغان دەلىللەرگە تايىنىپ دېيىلگەن كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى ئىچىپ تاشلايدۇ.

3. ئىجتىھاد ئەمەلىيىتىنى ئاسانلاشتۇرۇپ يېڭى مەسىىلىلەرگە ئۆزىگە مۇناسىپ ھۆكۈملەرنى ئاتا قىلىدۇ.

4. ئۇسۇل فىقھى ئىلمى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى ئۆز رايى ـ ھەۋەسلىرى بىلەن تەپسىرلەش ۋە شەرھلەشتىن توسۇپ بىرلىككە كەلگەن ئومۇمىي قائىدە ـ پىرىنسىپ بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ.

5. ئۇسۇل فىقھى ئىلمى قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفنى خاتا چۈشىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئىختىلاپ ۋە بۆلگۈنچىلىكتىن ساقلايدۇ.

6. زاھىرىي جەھەتتىن قارىمۇقارشى بولۇپ قالغان دەلىللەرنى جەملەش ۋە مۇۋاپىقلاشتۇرۇش يوللىرىنى بايان قىلىدۇ ۋە بۇ ھەقتە تەنە قىلغۇچىلارنىڭ شۈبھىلىرىنى قاتتىق رەت قىلىدۇ.

7. قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفتىن ھۆكۈملەرنى مۇۋاپىق يوسۇندا چىقىرىدۇ.

8. فىقھىشۇناس ۋە تالىپ ئۇسۇل فىقھى ئىلمى ئارقىلىق ئۆزىگە توغرا چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدىغان فىقھىي ئىقتىدارنى يېتىلدۈرىدۇ ۋە فىقھىي ھۆكۈملەرنى ئومۇميۈزلۈك مۇكەممەل بىلەلەيدۇ.

9. ئالىملارنى ئىختىلاپقا سېلىپ قويغان سەۋەبلەرنى بىلەلەيدۇ ۋە ئۇلار ئۈچۈن شۇ ھەقتە ئۆزۈر بايان قىلالايدۇ.

10. ئۇسۇل فىقھى ئىلمى فىقھىشۇناسلار ئوتتۇرىسىدىكى نۇرغۇنلىغان فىقھىي ئىختىلاپلارغا ھۆكۈم قىلىپ ئۇلارنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنغان سۆزلىرىنىڭ قىممىتى ۋە ۋەزنىسىنى بايان قىلىدۇ.

11. مەزھەپ تەئەسسۇپلىقى ۋە قارىغۇلارچە ئەگىشىشتىن چەكلەپ توغرا دەلىل ۋە ئەسەرگە ئەگىشىشكە چاقىرىدۇ.

12. ئۇسۇل فىقھى ئىلمى ئارقىلىق فىقھىشۇناسلار ئوتتۇرىسىدىكى مەزھەپ تەئەسسۇپلىقى يوقىتىلىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ بىلەن فىقھىي كۆزقاراش ۋە مەزھەپلەر ئۆزئارا سېلىشتۇرۇلۇپ ئۇسۇل – قائىدە ۋە دەلىلگە تايىنىپ قوبۇل قىلىنىشى ئەڭ ھەقلىق ۋە ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ كۈچلۈك كۆزقاراش تونۇلىدۇ.

13. ئۇسۇل فىقھى ئىلمى دەلىل كەلتۈرۈشنىڭ توغرا يولىنى ئىزاھلاپ بېرىدۇ، چۈنكى ھەرقانداق دەلىل بىلەن دەلىل كەلتۈرۈش توغرا ئەمەس. ئاۋۋال دەلىلنى ئىسپاتلاپ ئاندىن دەلىل كەلتۈرۈش كېرەك. مەسىلەن، بەزى كىشىلەر سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇت ياسىغانلىقى ۋە بۇت ياساشقا بۇيرۇغانلىقىنى بۇت ياساشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىگە دەلىل قىلىدۇ. بۇنداق دەلىل كەلتۈرۈش توغرا ئەمەس. چۈنكى، بىزدىن ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭ شەرىئىتى بىزنىڭ شەرىئىتىمىزگە مۇۋاپىق بولغاندىلا ئاندىن بىـز ئۈچۈنمۇ شەرىئەت بولالايدۇ، دېمەك بىزنىڭ شەرىئەتتە بۇت ياساش سەھىھ ھەدىسلەر ئارقىلىق قاتتىق چەكلەنگەن.

14. ئۇسۇل فىقھى ئىلمى ئارقىلىق فىقھىي مەزھەپلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۇسۇل ۋە ئاساسلىرىنى بىلگىلى ۋە ئۇلارنىڭ دەلىللەرنى تەرتىپكە سېلىشىنى تونۇغىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئۇلاردىن بەزىلىرى «قىياس»نى ساھابىنىڭ سۆزىدىن ئالدىن ئورۇنغا قويسا، يەنە بەزىلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە قىلىدۇ.

15. ئۇسۇل فىقھى ئىلمى پەتىۋا بەرگۈچىنىڭ شەرتلىرى ۋە ئەدەپلىرى ۋە پەتىۋا بېرىش قائىدە ـ پىرىنسىپلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

16. توغرا ۋە ئېتىبارغا ئېلىنغان دەلىللەرگە مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق مۇنازىرىلىشىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش قائىدىلىرىنى تەرتىپكە سالىدۇ.

17. ئىسلام ئەقىدىلىرىنى دەلىل كەلتۈرۈش ئۇسۇللىرى ھىمايە قىلىش ۋە يولدىن چىققۇچىلارنىڭ شۇبھىلىرىنى رەت قىلىش ئارقىلىق ساقلاپ قالالايدۇ.

18. ئۇسۇل فىقھى ئىلمى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ كەڭچىلىك ۋە ئاسانلاشتۈرۈش خۇسۇسىيىتىدە توختىلىپ بۇ دىننىڭ گۈزەللىكىنى تېخىمۇ نامايەندە قىلىدۇ.

19. ئۇسۇل فىقھى ئىلمى ئىسلام فىقھىسىنى شاللاق ھالەتتە ئېچىلىشتىن ۋە جانسىز قاتمال ھالەتتە تۇرۇپ قىلىشتىن ساقلايدۇ.

20. ئۇسۇل ئىلمى بىلەن باشقا گرامماتىكا ۋە بالاغەت قاتارلىق ئىلىملەر  ئوتتۇرىسىنى باغلايدۇ.

 

مەنبە: «العلوم الإسلامية – دكتور أحمد الحجا الكردي».

«معالم أصول الفقه عند أهل السنة والجماعة» – محمد بن حسين بن حسن.

 

ئەزھەر ئوغلى

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ