سالىھ ئەمەلنىڭ پىرىنسىپلىرى

جامال ئەھمەد بەشىر

 

مۆمىن بەندە ئاللاھ تەرەپكە يۈزلەنگەن، ئاللاھنىڭ يولىدا ماڭغان ۋە ئاللاھ تەرەپكە ئاتلانغان ۋاقىتتا، مېڭىۋاتقان يولىدىن قىيىپ كەتمەسلىكى، كېتىۋاتقان توغرا يۆلىنىشىدە خاتالىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، يولىنى رۇسلايدىغان ۋە ئىش – ھەرىكەتلىرىنى توغرا ئۆلچەمگە چۈشۈرىدىغان قائىدە – پىرىنسىپلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بىزدىن ئالدىنقى سەلەف – سالىهلار قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى بايانلارنى ئىزدىنىش ئارقىلىق، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك شەرتلىرى ۋە پىرىنسىپ – قائىدىلىرى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئۇشبۇ شەرت ۋە قائىدىلەرسىز قىلىنغان ئەمەلگە، كەمچىللىك ۋە نۇقسانلىق يېتىپلا قالماي بەلكى، قىلىنغان ئەمەل ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ، نەتىجىدە، ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ئۆز – ئۆزىگە جاپا سېلىش، مۇشەققەت تارتىشتىن ئۆزگە بولماي قالىدۇ.

تۆۋەندە بىز مۇشۇ پىرىنسىپلار ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم دەپ قارالغانلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز:

1 – قىلغان ئەمەلنىڭ ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خالىس بولۇشى.

2 – قىلغان ئەمەلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىشى.

بەندە قانداق ئەمەل قىلىشىدىن قەتئىينەزەر نىيىتىنى ئاللاھ تائالا ئۈچۈن خالىس قىلمىقى زۆرۈر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى»([1]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەن بارلىق ئەمەللەرنىڭ دۇرۇس بولۇشى نىيەتكە باغلىق، ھەقىقەتەن كىشىگە ئۆزى نىيەت قىلغان نەرسىسى بولىدۇ»([2]).

ھەدىس قۇدۇسىيدا جانابىي ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: «مەن شېرىك كەلتۈرگۈچىنىڭ شېرىكىدىن ئەڭ بىھاجەتمەن، كىم مەندىن باشقا نەرسىنى ماڭا شېرىك كەلتۈرۈپ ئەمەل قىلسا، مەن ئۇنداق كىشىدىن ئادا – جۇدامەن»([3]).

بىر ئەمەلنى ئىخلاس بىلەن قىلىشتا، قىلىنغان ئەمەل چوقۇم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىدە شەرىئەت قىلىنغان رەۋىشتە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇكى: «ئى مۇھەممەد، ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، ئاللاھ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، دېگىن»([4]).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى ئىسلام دىندا بولمىغان بىر ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ نەرسە قوبۇل قىلىنمايدۇ»([5]).

مۇسۇلمان كىشى مانا بۇ ئىككى شەرتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى بولغان رىياخورلۇق، بىدئەتچىلىك ۋە شېرىك كەلتۈرۈش قاتارلىقلاردىن قوغدىنالايدۇ، ئەبۇل ئىززىل ھەنەفىي (ئاللاھ ئۇ زاتقا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق دەيدۇ: «بەندە ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئامان قېلىشى تۆۋەندىكى ئىككى تەۋھىد ئارقىلىق قولغا كېلى: بىرى، پەيغەمبەر ئېلىپ كەلگەن قۇرئان كەرىمنىڭ تەۋھىدى، يەنە بىرى، پەيغەمبەرگە ئەگىشىش تەۋھىدى»([6]).

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە مۇنداق دەيدۇ: «يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بىزدە ئىككى بۈيۈك ئەسلىي ئۆلچەم بار بولۇپ بىرىنچىسى: بىز پەقەت ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىمىز، ئىككىنچىسى بولسا: بىز ئىبادەتنى پەقەت، ئاللاھ شەرىئەت قىلىپ بېكىتكىنى بويىچە قىلىمىز، ئەكسىچە، بىدئەت ئارىلاشقان ئىبادەتلەردىن يىراق تۇرىمىز، مانا بۇ ئىككى ئۆلچەم بولسا: ئاللاھتىن ئۆزگە ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دېگەندىن ئىبارەت شاھادەت كەلىمىسنىڭ ھەقىقىتىدۇر. خۇددى ئاللاھ تائالا: «سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمىلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن ياراتتى»([7]) دەپ ئېيتقاندەك».

فۇزەيل ئىبنى ئىياز بۇ ئايەتتىكى «ئەمىلى ئەڭ ياخشى» دېگەن سۆزنى تەپسىرلەپ: «ئەمەلنىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن مەقسەت: قىلغان ئەمەلنىڭ ئاللاھقا ئەڭ خالس ۋە ئەڭ توغرا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەندە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن: ئەي ئەبۇ ئەلى، قانداق قىلسا ئەڭ خالىس ۋە ئەڭ توغرا قىلىنغان بولىدۇ؟ دەپ سوراشقان ۋە ئۇ مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: «بىر ئەمەل ئەگەر ئىخلاس بىلەن قىلىنىپ، ئەمما توغرا رەۋىشتە قىلىنمىسا، ئۇ ئەمەل قوبۇل قىلىنمايدۇ، ناۋادا ئۇ ئەمەل توغرا رەۋىشتە قىلىنىپ ئەمما، ئىخلاس بولمىسا تاكى ئۇ ئەمەل ھەم ئىخلاس بىلەن ھەمدە توغرا رەۋىشتە قىلىنمىغۇچە قوبۇل بولمايدۇ، ئىخلاس بىلەن دېگىنىمىز: ئەمەلنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن خالىس بولۇشىنى، توغرا رەۋىشتە قىلىنىشى دېگىنىمىز: ئەمەلنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ: «كىمكى، پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئىش قىلسۇن. پەرۋەردىگارىغا قىلىدىغان ئىبادەتكە ھېچكىمنى شېرىك كەلتۈرمىسۇن»([8]) دېگەن سۆزىنىڭ ھەقىقىتىدۇر»([9]).

ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىيە مۇنداق دېگەن: «بەندە: «ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز»([10]) دېگەن ئايەتنىڭ روھىنى پەقەت ئىككى بۈيۈك ئۆلچەم ئارقىلىقلار ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرالايدۇ. بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا ئەگىشىش بىلەن، يەنە بىرى بولسا، ئىبادەت قىلىنغۇچى زات ئاللاھقا خالىس بولۇش بىلەندۇر»([11]).

دېمەك، شەرىئەت يولغا قويغان شەكىلدە ئەمەل قىلىش مۇسۇلمان كىشىنى بىدئەت ئەمەللەرنى قىلىپ سېلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ ۋە بەندىنى بىدئەتچىلىكتىن خالىي قىلىدۇ.

3. ئەمەللەردە ئوتتۇراھاللىق ۋە ئىزچىللىق بولۇش

ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە تىلغا ئالغان، ئاللاھقا يېقىن بولۇش مەرتىۋىسىگە ئىگە قىلغۇچى سالىھ ئەمەللەر توغرىسدىكى مۇھىم قائىدىلەرنىڭ يەنە بىرى، ئەمەل – ئىبادەتلەردە ئوتتۇراھال بولۇش ۋە ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ»([12]). «ئاللاھ سىلەرگە دىندا ھېچقانداق مۈشكۈللۈكنى قىلمىدى»([13]).

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىچىڭلاردىن ھېچكىم ئۆز ئەمىلى بىلەن نىجات تاپالمايدۇ» دېۋىدى، كىشىلەر: «ئى رەسۇلۇللاھ! سىلىمۇ شۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋابەن: «مەنمۇ شۇنداق، لېكىن ئاللاھ تائالا مېنى ئۆز رەھمىتى ۋە پەزلى دائىرىسىگە ئالغان، ئوتتۇراھاللىققا يېقىن بولۇڭلار، ئەتىگەنلىكى، كەچقۇرۇنلۇقى ۋە كېچىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدىن (ئىبادەت ئۈچۈن) پايدىلىنىڭلار، نورمال بولۇڭلار، مەقسەتكە ئېرىشىسىلەر» دېگەن ئىدى([14]).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «ئوتتۇراھاللىققا يېقىن بولۇڭلار، بىلىڭلاركى ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمىلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ، ئەمەللەرنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكرەكى ئاز بولسىمۇ داۋاملىشىپ تۇرغىنىدۇر»([15]) .

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھا يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «ھەقىقەتەن دىن ئاساندۇر، دىندا قاتتىق يول تۇتۇشقا بولمايدۇ، كىمكى دىندا قاتتىق يول تۇتسا ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالماي ئىشلىرىدا يېڭىلىپ قالىدۇ، شۇڭلاشقا ئوتتۇراھال يول تۇتۇڭلار، توغرا قىلغىنىڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار، مۇكەممەللىك قولۇڭلاردىن كەلمىسە شۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار، ئەتىگىنى، كەچقۇرۇنلۇقى ۋە كېچىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدىن (ئىبادەت ئۈچۈن) پايدىلىنىڭلار»([16]).

ھاپىز ئىبنى رەجەپ ھەنبەلىي يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەدىسلەرنى شەرھلەش داۋامىدا ئەمەلنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈكرەكى دېگەن سۆزنى قىلىشتا تۆۋەندىكى ئىككى نەرسىگە ئىشارەت قىلىنغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، بىرىنچىسى، گەرچە ئەمەل ئاز بولسىمۇ، ئەمەل ئىگىسىنىڭ توختىتىپ قويماسلىقىدۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تەۋەلىرى، ئاياللىرى قىلىپ كەلگەن ئەمەللىرىنى مانا مۇشۇنداق ئۈزمەي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بولسا قىلىۋاتقان ئەمەلنى ئۈزۈپ قويۇشتىن توساتتى.

ئىككىنچىسى بولسا ئەمەلنىڭ ئاللاھقا ئەڭ سۆيۈملۈك بولۇشى بولۇپ، قىلىنغان ئەمەلنىڭ زورىغا، جاپالىق ۋە قىيىن شەكىلدە ئەمەس، بەلكى توغرا، ئوتتۇراھال ۋە ئوڭاي رەۋىشتە قىلىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.

ھاپىز ئىبنى رەجەپ ھەنبەلىي يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «توغرا قىلغىنىڭلاردىن خوشال بولۇڭلار» دېگەن سۆزى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «خۇشال بولۇڭلار» دېگەنلىكى يەنى، كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش يولىدا يېقىنلىق ئىزدەپ نورمال ماڭغان بولسا، ئۇ بۇ ئەمىلىدىن خۇشال بولسۇن دېگەنلىكىدۇر، چۈنكى ئۇ بۇ يولدا يۈرۈش ئارقىلىق ئاللاھقا يېتەلەيدۇ ۋە پەزىلەت جەھەتتە جاپالىق ئەمەل قىلىدىغانلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ، چۈنكى ئورتاھاللىق ۋە يېقىنلىق ئىزدەپ مېڭىلغان يول باشقا يوللاردىن ئەۋزەلدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى بۇ يولدا داۋام قىلسا ئۇ ئاللاھقا يېتىدىغانلىقى بىلەن خۇش بېشارەت ئالسۇن، چۈنكى سۈننەتتە ئوتتۇراھال يول تۇتۇش، ئۆزى ئىزدىنىپ تاپقان باشقا يولدىن ياخشى، يولنىڭ ياخشىسى بولسا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر، كىمكى ئۇنىڭ يولىدا يۈرسە باشقىلارغا قارىغاندا ئاللاھقا ئەڭ يېقىن بولالايدۇ.

بەدەننى ئەمەل – ئىبادەتكە كۆپ زورلاش بىلەن پەزىلەتكە ئېرىشكىلى بولماس، بەلكى ئاللاھ تائالاغا خالىس بولۇش بىلەن بىرگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىغا توغرا ئەگەشكەن ھەمدە قەلب مەرىپەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەمەللىرىنى كۆپلەپ قىلغاندا ئاندىن ئېرىشكىلى بولۇر. ئاللاھنى ئەڭ تونۇغان، دىنغا ۋە دىننىڭ ئەھكام – شەرىئەتلىرىگە ئەڭ ئالىم بولغان كىشى ئاللاھتىن ئەڭ قورقىدىغان، ئاللاھنى ئەڭ سۆيىدىغان ۋە ئاللاھتىن ئەڭ ئۈمىدۋار بولىدىغان كىشىدۇر، بۇنداق كىشى جىسمانىي ئەمەل جەھەتتە ئۆزىدىنمۇ كۆپ ئەمەل – ئىبادەت قىلىدىغانلاردىن جىق ئەۋزەل ھېسابلىنىدۇ»([17]).

دېمەك، دىنىي مەجبۇرىييەتلەرگە رىئايە قىلىش ۋە ئۇلار ئارىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تولىمۇ مۇھىم، مۇسۇلمان كىشى ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىييەتلەرنى ئورۇنداشتا بىرلا تەرەپكە كۈچەپ، يەنە باشقا تەرەپلەرگە سەل قاراپ تاشلىۋەتمەسلىكى لازىم.

شۇڭا، بىز ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىينىڭ كىشىلەرنى ئەمەل – ئىبادەتتە تۆت خىل سىنىپقا ئايرىغانلىقى ۋە بۇلار ئىچىدىن تۆتىنچى سىنىپقا تەۋە كىشىلەرنىڭ يولىنى كۈچلەندۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئالىملار شۇنداق ئېيتقان: ئىبادەتنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى ھەر بىر ۋاقىتتا شۇ ۋاقىتنىڭ تەلىپى ۋە ئورۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپىسى بويىچە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلىنغان ئەمەلدۇر([18]).

«مۆمىن كىشى شۇنى بىلىشى كېرەككى، خۇددى ئەھلى سۈننە ئالىملىرى ئېيتقىنىدەك، كىشىلەرنى ئەمەل – ئىبادەتكە تەكلىپ قىلىشتىن مەقسەت ئۇلارنى جاپاغا قويۇش ئەمەس، بەلكى ئەسلىي قائىدە بويىچە ئۇلار ئۈستىدىن جاپا ۋە قىيىنچىلىقنى كۆتۈرۋىتىشدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەرقانداق كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەجىر – ساۋاب بېرىشىنى كۆزلەپ ئۆزىنى مۇشەققەتكە قويۇشى توغرا ئەمەس».

شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىيە بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە ياكى سۆيگۈسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ جاننى قىيناش ۋە قانچىكى قىلىش تەسلەشكەنسېرى پەزىلىتى شۇنچە يۇقىرى بولسۇن ئۈچۈن نەپسىگە مۇشەققەتلەرنى يۈكلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىش ئىنتايىن مۇھىم، شۇنىڭدەك كۆپلىگەن نادان كىشىلەر ساۋاب بىلەن ئەجىر، تارتقان جاپانىڭ مىقدارىغا قاراپ بولىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئەمەلىيەتتە، ئىش ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ساۋاب ۋە ئەجىر قىلىنغان ئەمەلنىڭ ئۈنۈمى، مەنپەئەتى، پايدىسى ھەمدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە قىلغان ئىتائەتنىڭ مىقدارىچە بولىدۇ. قايسى ئەمەل ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ئىتائەتكار ۋە ئەڭ ئۇيغۇن رەۋىشتە قىلىنغان بولسا شۇ ئەمەل ئەڭ ئەۋزەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بىر ئەمەلنى كۆپ قىلىش بىلەن پەزىلەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ، بەلكى شۇ ئەمەلنىڭ قەلبتە پەيدا قىلغان تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن ئاندىن پەزىلەتتە ئۈستۈنلۈككە يەتكىلى بولىدۇ».

ئېتىبار بېرىشكە تېگىشلىك ئىش شۇكى، بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەرنىڭ تېگىگە پەقەت توغرا بىلىم ھاسىل قىلىش ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق يېتىش مۇمكىن بولۇپ، يۇقىرىقى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدە «بىلىڭلاركى» دېگەن سۆزنىڭ كېلىشى، دەل ئاللاھ تائالانىڭ ھۇزۇرىدا مەقبۇل بولغۇچى ۋە ياخشى ئەمەللەرنى مېۋە بەرگۈچى مەنپەئەتلىك ئىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان.

 

(ضوابط العمل الصالح – جمال أحمد بشير – مجلة البيان العدد : 11 شعبان 1408 – أبريل 1988)

تەرجىمىدە: رىدا.


([1]) «بەييىنە» سۈرىسى، 5 – ئايەت.
([2]) «سەھىھەين».
([3]) «سەھىھى مۇسلىم».
([4]) «ئال ئىمران» سۈرىسى، 31 – ئايەت.
([5]) «سەھىھەين».
([6]) «شرح العقيدة الطحاوية» 200 – يەت.
([7]) «مۇلك» سۈرىسى، 2 – ئايەت.
([8]) «كەھف» سۈرىسى، 110 – ئايەت.
([9]) «مجموع الفتاوى» 1/333 – 334 – بەتلەر.
([10]) «فاتىھە» سۈرىسى، 4 – ئايەت.
([11]) «مدارج السالكين» 1/83 – بەت.
([12]) «بەقەرە» سۈرىسى، 185 – ئايەت.
([13]) «ھەج» سۈرىسى، 78 – ئايەت.
([14]) «سەھىھۇل بۇخارى».
([15]) «سەھىھۇل بۇخارى».
([16]) «سەھىھۇل بۇخارى».
([17]) «المحجة في سير الدلجة»  45  – 53 – بەتلەر.
([18]) «مدارج السالكين» 1/88 – بەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ