دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
كۈنىمىزدە بىز تىلاۋەت قىلىۋاتقان «قۇرئان كەرىم» جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ نەق ئۆزىدۇر. ئۇ بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، بەلكى ئۇ دۇنيادىمۇ جىبرىل ئەلەيھىسسالام ئېلىپ چۈشكەن ئەسلىي ھالىتى بويىچە تىلاۋەت قىلىنىپ تۇرىدۇ.
سەھىھ ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: «قىيامەت كۈنى قارىيغا: ‹ئوقۇ، ئۆرلە، دۇنيادا تەرتىل قىلىپ ئوقۇغىنىڭدەك تەرتىل بىلەن ئوقۇ! سېنىڭ مەرتىۋەڭ سەن ئوقۇغان ئاخىرقى ئايەت بىلەن بەلگىلىنىدۇ› دېيىلىدۇ».(«تىرمىزىي»، 2914 – ھەدىس. تىرمىزىي «ھەسەن» دېگەن.)
«قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە نازىل قىلىپ بەرگەن ھىدايەت كىتابى ۋە بىزگە تاشلاپ بەرگەن قۇتقۇزۇش ئارغامچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلغان ۋە ئەمەل قىلغانلار نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. شۇڭا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەزمۇنىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەتتۇر.
قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ ۋە قارىيلارنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان، نامازنى ئادا قىلىدىغان ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر﴾.(«فاتىر» سۈرىسى، 29 – ، 30 – ئايەتلەر.)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قۇرئاننى ماھىرلىق بىلەن ئوقۇيدىغان كىشى پۈتۈكچى مالائىكىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. قۇرئاننى دۇدۇقلاپ، قىينىلىپ تۇرۇپ ئوقۇيدىغان كىشى بولسا قوش ئەجىرگە ئېرىشىدۇ». («بۇخارىي»، 4937 – ھەدىس. «مۇسلىم»، 798 – ھەدىس.)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يەنە مۇنداق رىۋايەت قىلغان: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن ئىدى: «كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا بىر ياخشىلىققا ئېرىشىدۇ. بىر ياخشىلىققا ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ. مەن ‹ئەلف، لام، مىم›نى بىر ھەرپ دەپ قارىمايمەن، بەلكى ‹ئەلف› بىر ھەرپ، ‹لام› بىر ھەرپ ‹مىيم› بىر ھەرپتۇر». («تىرمىزىي»، 2910 – ھەدىس. تىرمىزىي: «ھەسەن، سەھىھ ھەدىس» دېگەن.)
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «كىمكى قۇرئان ئوقۇش ۋە ماڭا زىكىر ئېيتىش بىلەن بولۇپ كېتىپ، مەندىن بىر نەرسە تىلەشكە ۋاقىت چىقىرالمىغان بولسا، تىلىگەنلەرگە بېرىدىغان نەرسىنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىنى ئۇنىڭغا بېرىمەن. ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ باشقا سۆزلەرگە بولغان ئارتۇقچىلىقى ئاللاھنىڭ ئۆز مەخلۇقاتلىرىغا بولغان ئارتۇقچىلىقىغا ئوخشايدۇ». («تىرمىزىي»، 2926 – ھەدىس. تىرمىزىي: «ھەسەن» دېگەن.)
قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇش توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئاننى چىرايلىق ئاۋازدا ئوقۇمىغان كىشى بىزدىن ئەمەس».(«ئەبۇ داۋۇد»، 1469 – ، 1470 – ھەدىسلەر. «سەنەدى ھەسەن».)
مۇئاز ئىبنى ئەنەس رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇغان ۋە ئوقۇغىنىغا ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ ئاتا – ئانىسىغا قىيامەت كۈنى تاج كىيدۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ نۇرى قۇياش نۇرىدىنمۇ نۇرلۇقتۇر. ئاتا – ئانىسىغا شۇنداق بولغان يەردە قۇرئان ئوقۇغان ۋە ئەمەل قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىگە قانداق مۇكاپاتلار بولىدىغاندۇ؟!» («ئەبۇ داۋۇد»، 1453 – ھەدىس. «سەنەدى ئاجىز».)
دارىمىي سەنەدى بىلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «قۇرئان ئوقۇڭلار! ئاللاھ قۇرئان بار قەلبنى ئازابلىمايدۇ».(«دارىمىي»، 3363 – ھەدىس. «سەنەدى سەھىھ».)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇھۇد شېھىتلىرىنى ئىككىدىن – ئىككىدىن قىلىپ بىر يەرگە يىغقاندىن كېيىن: «ئۇلارنىڭ قايسىسى قۇرئاننى كۆپرەك يادقا بىلىدۇ؟» دەپ سورايتتى. ئۇلارنىڭ قايسىسىغا ئىشارەت قىلىنسا ئۇنى بۇرۇن يەرلىكىگە قوياتتى. بۇ ھەدىسنى بۇخارىي رىۋايەت قىلغان.(«بۇخارىي»، 1343 – ھەدىس.)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىلەردۇر» دېگەن («سەھىھۇل بۇخارىي» 5027 – ھەدىس.) سۆزىمۇ قۇرئاننىڭ ئەقىدە، ئەھكام ۋە بارلىق مەزمۇنلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئەلۋەتتە، قۇرئاننى ئۆگىنىش، تىلاۋەت قىلىش، يادلاش ۋە توغرا تىلاۋەت قىلىشنى ئۆگىتىشمۇ ئەۋزەل ئىبادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئەمەللەر قاتارىدا ﴿قۇرئاننى تەرتىل بىلەن ئوقۇغىن﴾ («مۇززەممىل» سۈرىسى، 4 – ئايەت.) دېگەن بۇيرۇقمۇ بار بولۇپ، ھەربىر مۇسۇلمان بۇ ئەدەب – قائىدىگە رىئايە قىلىشى، بولۇپمۇ قارىيلار بۇنىڭغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ مېڭىشى كېرەك.
شۇنداقلا، قارىيلارنىڭ ئېسىل ئەخلاقلىق، ئالىيجاناب، كەمتەر، سالماق، تەمكىن بولۇشى، قۇرئاننى ئۇلۇغلاش يۈزىسىدىن قۇرئان چەكلىگەن ئىشلاردىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇشى، نامۇناسىپ ھۈنەر – كەسىپلەرگە يېقىن يولىماسلىقى، زالىم، تەكەببۇرلار ئالدىدا بېشى ئۈستۈن، سالىھلار، ياخشىلار ۋە مىسكىنلەر ئالدىدا كەمتەر بولۇشى، ئومۇمەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئېسىل بولۇشى لازىم. (ئىمام نەۋەۋىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقلىرى»، 195 – بەت.)
ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئى قارىيلار! بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، سىلەرگە ھەق يول ئايان بولدى، ياخشى ئىشلارغا ئالدىراڭلار، كىشىلەرگە يۈك بولۇپ قالماڭلار». (ئىبنى جەئد: «مۇسنەد»، 1921 – نومۇر. بەيھەقىي: «ئىمان شاخلىرى»، 1163 – نومۇر.)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «قارىيلار كېچىلەرنى ئۇخلاپ ئۆتكۈزگۈچىلەردىن تەھەججۇد نامازلىرى بىلەن، روزا تۇتمايدىغانلاردىن روزا تۇتۇشلىرى بىلەن، خۇشال، يايراپ يۈرگۈچىلەردىن غەم قايغۇلىرى بىلەن، كۈلۈپ يۈرگۈچىلەردىن يىغا – زارلىرى بىلەن، قۇرۇق پاراڭغا چۆككۈچىلەردىن سۈكۈت قىلىشلىرى بىلەن، تەكەببۇرلاردىن كەمتەرلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرۇش لازىم».( ئەبۇ ئۇبەيد: «قۇرئان پەزىلەتلىرى»، 113 – بەت. ئىبنى ئەبى شەيبە: «ئەلمۇسەننەف»، 8 – توم، 305 – بەت.)
ھەسەن بەسرى رەھىمەھۇللاھ: «سىلەردىن بۇرۇنقىلار (ساھابىلەرنى دېمەكچى) قۇرئاننى پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن مەكتۇپ دەپ قاراپ، كېچىلىرى ئۇنىڭ مەنىلىرىنى تەپەككۇر قىلغان ھالدا تەھەججۇد نامىزى ئوقۇيتتى، كۈندۈزلىرى كېچىدە ئوقۇغانلىرىغا ئەمەل قىلاتتى» دېگەن. (ئاجۇررىي: «قارىيلارنىڭ ئەدەپ – ئەخلاقلىرى»، 51 – بەت.)
فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: «قارىي ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرگۈچىدۇر. شۇڭا ئۇ قۇرئاننى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن ئويۇنچىلارنىڭ ئويۇن – تاماشاسىغا، غاپىللارنىڭ غەپلىتىگە، قۇرۇق پاراڭچىلارنىڭ پاراڭلىرىغا جور بولماسلىقى كېرەك».(ئەبۇ نۇئەيم: «ئەۋلىيالار زىننىتى»، 8 – توم، 92 – بەت.)
قۇرئان ئۆگەنگۈچى ئوقۇتقۇچىلىققا سالاھىيىتى تولۇق توشىدىغان، تەقۋادارلىقى بىلەن تونۇلغان، ئالىملىقى ئېتىراپ قىلىنغان، گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن نېرى تۇرۇش بىلەن مەشھۇر بولغان ئۇستازلاردىن ئىلىم ئېلىشى كېرەك. چۈنكى، مۇھەممەد ئىبنى سىيرين، مالىك ئىبنى ئەنەس ۋە باشقا سەلەف ئالىملىرى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن): «بۇ ئىلىم _ دىندۇر. دىنىڭلارنى كىمدىن ئېلىۋاتقانلىقىڭلارغا (ئوبدان) قاراڭلار» دېگەن.(«مۇسلىم»، 1 – توم، 14 – بەت. خەتىب باغدادىي: «ئەلفەقىھ ۋەلمۇتەفەققىھ»، 845 – نومۇر.)
جانابىي ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كىتابى بولغان «قۇرئان كەرىم»نى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆز لايىقىدا ئەجىر ئاتا قىلغاي، ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز رازىلىقىغا مۇۋەپپەق قىلغاي، ئاللاھتىن قورقىدىغان ۋە تەقۋادارلىق قىلىدىغانلاردىن قىلغاي، ئامىين!
ھىجرىيە 1440 ـ يىل (مىلادىيە 2019)، رامىزان.