رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قول قەيەردە تۇرىدۇ؟

رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قول قەيەردە تۇرىدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نامازدا رۇكۇدىن تۇرۇپ، سەجدىگە بېرىش ئارىلىقىدا ئۆرە تۇرغاندا، ئىككى قول قەيەردە تۇرىدۇ؟ قىيامدا تۇرغاندەك قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرامدىمىز ياكى قولنى ساڭگىلىتىپ تۇرامدىمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئادەتتە، نامازدا رۇكۇدىن بۇرۇنقى تۇرۇشىمىزدا، ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇش سۈننەت بولۇپ، رۇكۇدىن تۇرغاندا قولنى قانداق ھالەتتە تۇتۇش مەسىلىسىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس.

كۆپچىلىك ئالىملار قولنى تاشلاپ تۇرۇش سۈننەت دەپ قارايدۇ. بۇ ھەنەفىي، مالىكىي، شافىئىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى بولۇپ، ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن بىر رىۋايەتتىمۇ شۇنداق.

ئىمام مىرغىينانى مۇنداق دەيدۇ: «قائىدە شۇكى، سۈننەت زىكىر ئېيتىلىدىغان ئۆرە تۇرۇشلا بولسا، قول باغلاپ تۇرىدۇ، بولمىسا، قول باغلىمايدۇ. مۇشۇ توغرا قاراشتۇر، بۇنىڭغا ئاساسەن قۇنۇت دۇئاسى ئوقۇغاندا ۋە جىنازا نامىزى ئوقۇغاندا قول باغلاپ تۇرىدۇ. رۇكۇدىن تۇرغاندا ۋە ھېيت نامىزى تەكبىرلىرى ئارىلىقىدا قولىنى تاشلاپ تۇرىدۇ».(1)

ئىمام سەرەخسى مۇنداق دەيدۇ: «زىكىر ئېيتىلىدىغان ئۆرە تۇرۇش ئۇزىراپ كېتىدىغان بولغاچقا، قول باغلاش ئەڭ مۇۋاپىق».(2)

بۇلارنىڭ قارىشىدا، بۇ ئارىلىقتا «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» ياكى «رەببەنا ۋەلەكەلھەمدۇ» دېگەن زىكىرلەر بولسىمۇ، لېكىن بۇ، ئۇزۇن تۇرۇش بولمىغاچقا، قول باغلاپ تۇرمايدۇ.

ئىمام كاسانى مۇنداق دەيدۇ: «ئىماملىرىمىز رۇكۇ بىلەن سەجدە ئارىلىقىدىكى ئۆرە تۇرۇشتا قول باغلاپ تۇرۇشنىڭ سۈننەت ئەمەسلىكىدە بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن، چۈنكى بۇ مۇقىم تۇرۇش ئەمەس، ئۇنىڭدا قىرائەت قىلىشمۇ يوقتۇر».(3)

دېمەك، ھەنەفىي مەزھەپ قارىشىدا، يا قىرائەت قىلمايدىغان، يا مۇقىم تۇراقلىشىپ ئۇزۇن تۇرمايدىغان، يۆتكىلىش باسقۇچى بولغان ئۆرە تۇرۇشتا ئىككى قولنى تاشلاپ تۇرىدۇ.

بۇ يەردە ئېيتىپ قويۇش كېرەككى، ھەنەفىي مەزھەپ ئالىملىرىدىن ئىمام كاسانى قاتارلىق كېيىنكى بىر گۇرۇپ ئالىملار بۇ ئارىلىقتا قول باغلاپ تۇرۇشنى سۈننەت دەپ تاللىغان بولۇپ، بۇ تاللىشىغا: «رافىزىيلارغا خىلاپ ئىش قىلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز، چۈنكى ئۇلار قولىنى تاشلاپ تۇرۇشىدۇ» دېگەن.(4)

بەلكى، بۇلار، بۇ مەسىلىدە ئېنىق بىر كۆرسەتمە كەلمىگەن دەپ قاراپ، قولنى تاشلاپ تۇرۇشنىڭ سۈننەت ئىكەنلىكى ئېنىق مۇئەييەنلەشمىگەچكە، رافىزىيلارغا خىلاپ كېلىدىغانلىق جەھەتتىن قول باغلاپ تۇرۇشنى تاللىغان بولسا كېرەك. بولمىسا، ئەسلى سۈننەت دەپ قارىغان بىر ئىشنى، رافىزىيلارغا قارشى تۇرۇش يۈزىسىدىنلا بۇنداق ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

مالىكىي مەزھەپ قارىشىدا، رۇكۇدىن بۇرۇنقى تۇرۇشتا بولسۇن ياكى رۇكۇدىن كېيىنكى ئۆرە تۇرۇشتا بولسۇن ھەممە تۇرۇشتا ئىككى قولنى تاشلاپ تۇرۇش سۈننەت دەپ قارىلىدۇ.(5)

ئەلۋەتتە، مالىكىي مەزھەپ ئالىملىرىدىنمۇ بەزىلەر ئىمام مالىكنىڭ مۇۋەتتادا كەلگەن قارىشى بويىچە، نامازدا قول باغلاپ تۇرۇشنى تاللىغان، ئەمما كۆپچىلىك ئالىملار ئىبنى قاسىمدىن كەلگەن رىۋايەتنى تۇتۇپ، نامازدا قول تاشلاپ تۇرۇشنى تاللىغان.

شافىئىي مەزھەپ قارىشىدىمۇ بۇ ئارىلىقتا قولنى تاشلاپ تۇرىدۇ. ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: «رۇكۇدىن تۇرۇپ بېلىنى رۇسلىغاندا ئىككى قولىنى تاشلايدۇ».(6)

ھەنبەلىي مەزھەپ قارىشىدا، ئىمام ئەھمەد كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىغا قويۇپ: «رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە خالىسا ئىككى قولىنى تاشلاپ تۇرىدۇ، خالىسا ئوڭ قولىنى سول قولى ئۈستىگە قويىدۇ» دېگەن. ھەنبەلىي مەزھەپتە يەنە قولنى تاشلاپ تۇرىدۇ دەيدىغان بىر رىۋايەت، قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ دېگەن يەنە بىر رىۋايەتمۇ مەۋجۇت.(7)

يۇقىرىقىلارغا قارايدىغان بولساق، ئىككى نەرسىنى خۇلاسىلەش مۇمكىن:

 1. تارىخ جەھەتتىن ئەڭ پېشقەدەم مەزھەپلەر قارىشىدا، قولنى تاشلاپ تۇرۇش كەلگەن.

 2. تۆت ئىمام ئىچىدە مۇشۇ تارماق مەسىلىدە سۆزى ئېنىق نەقىل قىلىنغىنى ئىمام ئەھمەد بولۇپ، ئىمام ئەھمەد بۇ ئىشتا نامازخاننى ئىختىيارىغا قويغان.

كېيىن زاھىرىي ئالىم ئىمام ئىبنى ھەزم كېلىپ: «نامازدىكى بارلىق ئۆرە تۇرۇشلاردا ناماز ئوقۇغۇچى ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ بېغىشى ئۈستىگە قويۇشى مۇستەھەپ بولىدۇ» دېيىش ئارقىلىق، قول باغلاپ تۇرۇشنى تاللىغانلارنىڭ ئەڭ پېشقەدەملىرىدىن بولغان.(8)

ئاخىرىدا دەۋرىمىزدە ياشىغان مۇھەددىس شەيخ ئالبانى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بولسا رۇكۇدىن كېيىنكى بۇ ئارىلىقتا قول باغلاپ تۇرۇشقا تۇنجى بولۇپ بىدئەت تامغىسىنى ئۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «مۇشۇ تۇرۇشتا – يەنى، رۇكۇدىن تۇرۇشتا – ئىككى قولنى مەيدىگە قويۇشنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكىدە شەك قىلمايمەن، چۈنكى ناماز ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر شۇنچە كۆپ تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ بىرەرسىدىمۇ قول باغلاپ تۇرۇش پەقەت كېلىپ باقمىغان. ئۇنداق قىلىشنىڭ بىرەر دەلىلى بولىدىغان بولسا بىزگە يېتىپ كەلگەن بولاتتى، بۇنى كۈچلەندۈرىدىغىنى شۇكى، مېنىڭ بىلىشىمچە، سەلەفلەردىن ھېچكىم ئۇنداق قىلىپ باقمىغان، ھەدىس ئىماملىرىدىن ھېچكىم ئۇنداق قىلىشنى تىلغا ئېلىپ باقمىغان».(9)

ھازىرقى ئالىملاردىن شەيخ بىن باز رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرى قول باغلاپ تۇرۇشنى سۈننەت دەپ قاراپ، شەيخ ئالبانى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ بىدئەت دېگەن قارىشىغا: «بۇ ئېنىق خاتالىقتۇر، بۇ ھۆكۈمنى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بىرەر ئەھلى ئىلىم دەپ باققان ئەمەس، ھەم بۇ يۇقىرىقى سەھىھ ھەدىسلەرگە خىلاپ» دەپ رەددىيە بەرگەن.(10)

لېكىن، بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا: مۇشۇ مەسىلىدە تالاش – تارتىشنى ئايرىيدىغان سەھىھ ھەدىسلەر كەلگەنمۇ؟ ئەگەر كەلگەن بولسا نېمە ئۈچۈن ئىلگىرىكى 3 مەزھەپ ئالىملىرى بىلەن ئىمام ئەھمەدمۇ بىر رىۋايەتتە ۋە ھازىرقى زامان مۇھەددىسلىرىدىن بولغان شەيخ ئالبانى ئۇنى قوبۇل قىلمىغان؟

مېنىڭچە، بۇ ھەقتە دەلىل قىلىنغان ھەدىسلەر سەھىھ بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ قول باغلاپ تۇرۇشقا قارىتا دالالىتى ئېنىق ئەمەس، بولمىسا، ئالىملار ئوتتۇرىسىدا بۇنچىۋالا قاراش ئوخشاشماسلىقى بولمىغان بولاتتى.

ئۇنداق بولسا، قول باغلاپ تۇرىدۇ دېگەن ئالىملارنىڭ ھەدىسلەردىن كەلتۈرگەن دەلىللىرىگە بىر قاراپ باقايلى:

ئەبۇ ھازىم رىۋايەت قىلىدۇكى، سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: جامائەت نامازدا ئوڭ قولىنى سول بىلىكىنىڭ ئۈستىگە قويۇشقا بۇيرۇلاتتى، ئەبۇ ھازىم دېدى: مەن ئۇنى، ئۇ ئىشنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەنسۇپ قىلدى، دەپلا بىلىمەن.(11)

ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدا ئۆرە تۇرغىنىدا ئوڭ قولى بىلەن سول قولىنى تۇتاتتى.(12)

يەنە بىر رىۋايەتتە: تەكبىر چۈشۈرۈپ ئىككى قولىنى ئىككى قۇلىقىغا ئۇدۇل كەلگىچە كۆتۈرۈپ، ئاندىن ئوڭ قولىنى سول قولىنىڭ ئالقىنى، بېغىشى ۋە بىلىكىنىڭ ئۈستىگە قويدى، دەپ رىۋايەت قىلغان.(13)

بۇ ھەدىسلەردە رۇكۇدىن ئىلگىرى – كېيىن دەپ ئايرىمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋەيەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئايرىغان بىرەر رىۋايەت كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، نامازدا ھەر خىل ئەھۋالدا ئۆرە تۇرغاندا، قول باغلاپ تۇرۇش يوللۇق بولىدۇ.

بۇلار يەنە ئەقلىي جەھەتتىن: قول باغلاپ تۇرۇش خۇشۇغا ئەڭ يېقىن. يەنە نامازدا قول باغلاپ تۇرۇش ئەسلى قائىدە، قول تاشلاپ تۇرۇش بۇ قائىدىگە خىلاپ، دەپ دەلىل كۆرسەتكەن.

ئەستايىدىل قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ھەدىستىن كەلتۈرگەن دەلىللىرى بۇ مەسىلىدە ئېنىق ۋە ئوچۇق دەلىل ئەمەس. چۈنكى، ئۇ ھەدىسلەردىكى ئۆرە تۇرۇشنىڭ رۇكۇدىن كېيىنكى ئۆرە تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى ھەدىسنىڭ سۆز ئورانىدىن يىراق، ئۇ پەقەتلا قۇلاق قاققاندىن كېيىنكى قىرائەت قىلىش باسقۇچىدىكى ئۆرە تۇرۇشنى كۆرسىتىشتە ئېنىق.

بۇ سەۋەبتىن، ئىلگىرىكىلەردىن ئىمام ئەھمەد، كېيىنكىلەردىن شەيخ ئالبانى بۇ ھەدىسلەردىن قول باغلاپ تۇرۇشقا ئېنىق دالالەت چىقىدۇ دەپ قارىمىغان. شەيخ ئالبانى دېگەندەك ھېچبىر ھەدىستە رۇكۇدىن كېيىن ئۆرە تۇرغاندا قول باغلاپ تۇرۇشقا ئېنىق دەلىل كەلمىگەن. ھالبۇكى، ۋائىل ئىبنى ھۇجر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە باشقا ساھابە – كىراملار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىنىڭ پۈتۈن تەپسىلاتلىرىنى رىۋايەت قىلغان تۇرۇقلۇق قول باغلاپ تۇرۇش ھەققىدە پەقەت توختىلىپ باقمىغان.

قولنى تاشلاپ تۇرىدۇ دېگەن ئالىملار: قول تاشلاپ تۇرۇش ئەسلى قائىدە بولۇپ، قىرائەت قىلىش باسقۇچىدا ئۆرە تۇرغاندا قول باغلاپ تۇرۇش ھەققىدە ھەدىسلەر كەلگەن بولغاچقا، ئەسلى قائىدىنى تاشلاپ قول باغلاپ تۇرىمىز، رۇكۇدىن كېيىن قول باغلاپ تۇرۇش ھەققىدە دەلىل كەلمىگەچكە قويۇۋېتىپ تۇرىمىز، دەپ قارىغان.

قول باغلاپ تۇرۇش بىر خىل نامازدا تۇرۇش ئۇسۇلى بولغاچقا، ئېنىق بىرەر دەلىل بولمىسا، ئىبادەت شەكلىنى ئىجتىھاد قىلىپ ياكى قىياس قىلىپ بەلگىلەش مۇمكىن بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، رۇكۇدىن تۇرغاندىكى ئۆرە تۇرۇش ئۆز ئالدىغا ئۆرە تۇرۇش بولماستىن سەجدىگە بېرىشقا تەييارلىق قىلىپ بېلىنى رۇسلاپ تۇرۇشتىن ئىبارەت، شۇڭا، ئۇنىڭدا مەخسۇس قىرائەت قىلىنمايدۇ، ئۇزۇنمۇ تۇرۇلمايدۇ.

ئىبراھىم نەخەئىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋىتىر نامىزىدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ، ئاندىن كېيىن تاشلاپ تۇراتتى.(14)

بۇ رىۋايەت ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قۇنۇت دۇئاسىدىن كېيىن قولىنى تاشلاپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دۇئانى رۇكۇدىن كېيىن قىلىدىغان بولسا، بۇ رۇكۇدىن كېيىن قولنى تاشلاپ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. دۇئانى رۇكۇدىن ئىلگىرى قىلىدىغان بولسا، يەنىلا قىرائەت تۈگىگەندىن كېيىن قولىنى تاشلاپ تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، قول باغلاپ تۇرۇش قىرائەت قىلىش باسقۇچىغا خاسلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، قول باغلاپ تۇرۇشنى تاللىغانلارنىڭ رۇكۇدىن كېيىنكى ئەھۋالنى رۇكۇدىن بۇرۇنقى ئەھۋالغا قىياس قىلىش ياكى قول باغلاپ تۇرۇش ھەققىدە مۇتلەق كەلگەن ھەدىسلەرنىڭ ئىبارىسىنىڭ ئومۇملىقىغا تايىنىشتىن باشقا بىرەر ھەدىستىن ئېنىق دەلىلى يوق.

شۇڭا، بۇ خۇسۇستا ھەدىستە ئېنىق كۆرسەتمە كەلمىگەن بولغاچقا، ئىمام ئەھمەدنىڭ ناماز ئوقۇغۇچىنى ئىختىيارىغا قويۇپ قويغان قارىشى، ئەمەلىيەتتە، بۇ ھەقتە ئالاھىدە بىر كۆرسەتمە كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكنى بىلەلمەي قالغانلىقتىن ئىككىنىڭ بىرىنى تاللىيالماي، توختاپ تۇرۇشتىن ئىبارەت ياكى بۇ ھەقتە ئالاھىدە بىر كۆرسەتمە كەلمىگەن، دەپ قارىغانلىقتىن كەڭرى قويۇۋېتىش بولسا كېرەك.

ئەمدى ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تاللاش كېرەك بولسا، قولنى تاشلىۋېتىپ تۇرۇش دەلىل جەھەتتىن خېلى ئېغىر باسىدۇ. چۈنكى، ناماز دېگەن كېيىنكىلەر ئىلگىرىكىلەردىن كۆزى بىلەن كۆرۈپ ئۆگىنىدىغان ئەمەلىي ئىبادەت. بىزگە كەلگەن قاراشلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتىكىلىرى ھەنەفىي، مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قاراشلىرى بولۇپ، بۇ كېيىنكىلەرنىڭ قارىشىغا نىسبەتەن بۇرۇنراق ھەم مۆتىۋەر قاراش ھېسابلىنىدۇ. ئاشۇ ئىلگىرىكى ئەسىرلەردە كۈندە ۋە ھەممە يەردە ئوچۇق – ئاشكارە ئوقۇلۇپ تۇرىدىغان نامازدەك بىر ئىبادەتتە پېشقەدەملەر بىلمەي قالىدىغان بىرەر ئەھۋال بولۇشى ئېھتىمالدىن يىراق. كېيىن ئىمام ئەھمەد كېلىپ، بۇ ئىشتا نامازخاننى ئىختىيارىغا قويغان. بىر قانچە ئەسىردىن كېيىن كەلگەن ئىمام ئىبنى ھەزم ۋە ئىمام كاسانى قاتارلىق باشقا ئالىملار قول باغلاپ تۇرۇشنى تاللىغان.

شۇڭا، بۇ نۇقتىنى يۇقىرىقى ئىبادەت دېگەندە ئايرىم دەلىل بولۇشى كېرەك دېگەن نۇقتا بىلەن بىللە جۇغلاپ قارىساق، بۇ، قولنى باغلاپ تۇرۇشقا كەلتۈرۈلگەن ھەدىسلەردىكى ئومۇملۇق ياكى مۇتلەقلىقتىن جانلىق چىقىدۇ.

يەنە تېخى رۇكۇدىن بۇرۇن قول باغلاپ تۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ، سەلەفلەر ئارا بىرئاز قاراش ئوخشاشماسلىقى بولغان مەسىلىدۇر.

قانداقلا بولمىسۇن، بۇ مەسىلە بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، نامازنىڭ ۋاجىپلىرى قاتارىدىن بولماستىن، نامازنىڭ سۈننەت ۋە مۇستەھەپ دائىرىسىدىكى ئەدەب – قائىدىلىرى جۈملىسىدىندۇر. ئالىملار يۇقىرىقىدەك ئوخشمىغان قاراشلاردا بولغاچقا، يەنە كېلىپ، باشقىچە قاراشنى بىدئەت ياكى سۈننەتكە خىلاپ دەپ كەتكىدەك دەرىجىدە ئېنىق دەلىل تېپىلمايدىغان بولغاچ، بىر قاراشنى كېسىپ سۈننەت دەپ جەزم قىلغىلى بولمايدۇ. خالىغانلار قوللىرىنى تاشلاپ تۇرسا، خالىغانلار قول باغلاپ تۇرسا، ئارتۇقچە تالاشمىسا مۇۋاپىق.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2012. 4. 11

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 31 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————————
1. «الهداية»، 1/48.
2. «المبسوط»، 1/166.
3. «بدائع الصنائع»، 1/201.
4. «فتح القدير»، 1/288.
5. «منح الجليل شرح مختصر خليل»، 1/262.
6. «المجموع»، 3/376.
7. «الإنصاف»، 2/63.
8. «المحلى»، 4/112.
9. «صفة صلاة النبي صلى الله عليه و سلم من التكبير إلى التسليم كأنك تراها»، 145 – بەت.
10. «مجموع فتاوى ومقالات متنوعة»، للشيخ بن باز رحمه الله. القسم الثاني 11/137.
11. «بۇخارىي»، 740 – ھەدىس.
12. «سنن النسائي»، 961 – ھەدىس. سەنەدى «سەھىھ» دېيىلگەن.
13. «سنن النسائي»، 963 – ھەدىس. سەنەدى «سەھىھ» دېيىلگەن.
14. «مصنف عبد الرزاق»، 4/325 – بەت، 7952 – نومۇر.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.