كىرئالغۇدا يۇيۇش يەتتە قېتىم يۇيغانغا ھېسابمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، فىقھى كىتابلاردا «ئىت چېپىلىپ قويغان» نەرسىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش توغرۇلۇق گەپلەر ئۇچرايدىكەن. بۇ ئىتنىڭ يالاپ قويغىنىنى بىلدۈرەمدۇ، پۇرىغىنىنىمۇ، تەگكىنىنىمۇ؟ ئىتنى تۇتۇپ قالساق ياكى ئىت كىيىمىمىزگە ياكى بەدىنىمىزگە سۈركىلىپ قالسىچۇ؟ قانداق ئەھۋالدا كىيىم ۋە ئاياغنى يەتتە قېتىم يۇيۇش كېرەك بولىدۇ؟ كىرئالغۇغا سېلىپ بىر يۇساق بۇ يەتتە قېتىمنىڭ ئورنىنى ئالامدۇ؟ قولدا يۇسا قانداق قىلغاندا يەتتە قېتىم يۇيۇلغان بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئىت يالىغان، شۆلگىيى يۇققانغا «چېپىلغان» دەيمىز.

ئىتقا مۇناسىۋەتلىك سۇيۇقلۇقلار تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شۆلگىيى، تەرى، ماڭقىسى، كۆز يېشى، پوق – سۈيدۈكى ۋە ئاشۇرۇپ قويغان سۇيۇقلۇقلار.

ئەمما ئىتنىڭ تۈكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا پاكىزدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن تۈك قۇرۇق بولسا ياكى پاكىز سۇدا ھۆل بولغان بولسا، تۇتۇپ قالساق ياكى كىيىم – كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەرگە تېگىپ كەتسە ھېچ گەپ بولمايدۇ. شافىئىي مەزھەپتە تۈكى مەينەت. بۇنىڭغا ئاساسەن ھۆل بەدىنى بىر نەرسىگە تەگسە مەينەت بولۇپ كېتىدۇ.([1])

ئىتنىڭ شۆلگىيى يۇققان ياكى ئىت يالاپ قويغان كىيىم مەينەت بولۇپ كېتىدىغان بولغاچقا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، كىيىمنىڭ مەينەت بولغان يېرىنى يەتتە قېتىم يۇيۇش كېرەك. شۇنداقلا ئىتنىڭ بۇرنىدىكى سۇيۇقلۇق، ياكى سۈيدۈكى، ياكى پوقى يۇقۇپ قالغان ئەھۋالدىمۇ يەتتە قېتىم يۇيۇپ تازىلاش كېرەك.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قاچاڭلارغا ئىت چېپىلىپ قويسا، ئۇنى يەتتە قېتىم يۇيۇڭلار».([2])

يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «دەسلىپىدىكى بىر قېتىم توپا بىلەن»، يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «يەتتىنچى قېتىم توپا بىلەن»، يەنە بەزى رىۋايەتلەردە: «سەككىزىنچى قېتىمدا توپا بىلەن يۇيۇڭلار!» دەپ ھەر خىل كەلگەن.([3])

يەتتە قېتىم يۇغاندا بىرىنچى قېتىمدا ياكى يەنە بىر قاراشتا سەككىزىنچى قېتىمدا توپا بىلەن ياكى توپىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان سوپۇنغا ئوخشاش نەرسە بىلەن يۇيۇلىدۇ.

ئالىملارنىڭ يەنە بىر قارىشىدا، ئىت شۆلگىيىنى باشقا نىجاسەتلەرگە ئوخشاش ئۈچ قېتىم يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.

ئىمام مالىك، داۋۇد زاھىرىي قاتارلىق بىر قىسىم ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، ئىت شۆلگىيى يۇقۇپ قالسا كىيىم مەينەت بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇنى مەينەتلىكىدىن ئەمەس، پەقەت ئىبادەت نۇقتىسىدىن يۇيۇۋېتىش مۇستەھەپ.([4])

ئەلۋەتتە، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى دەلىل جەھەتتىن خېلى كۈچلۈك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىت شۆلگىيى ئادەتتە ئۇستىخانلارنى يۇمشىتىۋېتىدىغان مىكروبلۇق ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدىكى مىكروبلارنى يالغۇز سۇ بىلەنلا يوقاتقىلى بولمىسا كېرەك.

ئىت چېپىلىپ قويغان كىيىمنى يەتتە قېتىم يۇيۇش شەرت دەپ قارىغان كۆپچىلىكنىڭ قارىشى بويىچە دېسەك، كىرئالغۇنىڭ كۆپ ئايلىنىشىنى يەتتە قېتىم يۇيۇشقا ھېسابلىغان تەقدىردىمۇ ئاخىرقى بىرىنى ياكى سەككىزىنچىسىنى توپا بىلەن يۇيۇش شەرتى توشماي قېلىشى تۇرغانلا گەپ. ئەمما توپىنىڭ ئورنىغا كىرئالغۇغا سالىدىغان سوپۇن ۋە پاكىزلىغۇچى سۇيۇقلۇقنى قويساق، بۇنىڭ بىلەن پاك بولدى دېيىش مۇمكىن. بۇ مەسىلىدە ئالىملاردا ئىككى خىل قاراش بولسىمۇ، سوپۇن ۋە پاكىزلىغۇچىلارنى توپىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ دەپ قاراش مۇۋاپىق. چۈنكى بۇنىڭ بىلەن ھەدىستە مەقسەت قىلغان مۇكەممەل پاكىزلاش ۋۇجۇتقا چىقىدۇ.([5])

ئەمما، يەتتە قېتىمنى شەرت قىلمىغان ياكى بىر قېتىمىنى توپا بىلەن دەپ شەرت قىلمىغان، نىجاسەتنىڭ تازىلىنىشى شەرت دەپ قارىغان ئاز سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، بۇنداق كىيىملەر كىرئالغۇدا يۇيۇش بىلەن پاك بولۇپ كېتىدۇ، ئەلۋەتتە.

بىر قېتىم يۇيۇش: سۇغا چىلاپ ياكى ئۈستىگە سۇ قۇيۇپ بولغاندىن كېيىن سىقىۋېتىش بىلەن بولىدۇ. سىقىشنى شەرت قىلماي، ئۈستىگە سۇ قۇيۇش ياكى سۇغا چىلاش بىلەن كۇپايىلىنىدىغان ئالىملارمۇ بار.([6])

ئاياق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سىققىلى بولمايدىغان، ئەمما نىجاسەتنى سىڭدۈرىۋالىدىغان نەرسىلەر بولسا، ئىمام ئەبۇ يۈسۈف رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ئۈچ قېتىم يۇيۇپ، ھەر قېتىمدا بىر قۇرۇتۇش كېرەك. بۇ تۈرلۈك نەرسىلەرنى سىقىش قىيىن بولغاچقا، قۇرۇتۇش سىقىشنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. ئىمام مۇھەممەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قاتارلىق ئالىملار: «سىققىلى بولمىغاچقا قەتئىي پاكىزلىغىلى بولمايدۇ» دەيدۇ.([7])

ئەلۋەتتە، مەيلى ئۈچ قېتىم دەيلى، مەيلى يەتتە ياكى سەككىز قېتىم دەيلى، شۇنچە قېتىم يۇغاندىن كېيىن نىجاسەت تازىلانسا، شۇنداق. ئەمما يۇغاندىن كېيىن يەنىلا نىجاسەت قالسا قايتا يۇيۇش لازىم. كىرئالغۇدا يۇغاندىمۇ شۇنداق بولىدۇ، ئەلۋەتتە.

يەنە بىر نۇقتا، ئىت شۆلگىيى قاتارلىقلار كىيىم، قاچا، بەدەن، بىسات ۋە ئۇندىن باشقا ئىشلىتىدىغان ھەرقانداق نەرسىگە يۇقسا، تازىلىماقچى بولساق، شۇ نىجاسەت يۇققان جاينىلا يۇيۇۋەتسە بولىدۇ. ھەممە يېرىنى يۇيۇش كېرەك ئەمەس.

خۇلاسە: ئىت چېپىلغان كىيىملەرنى كىرئالغۇدا سوپۇن ۋە پاكىزلىغۇچى سۇيۇقلۇق بىلەن يۇسا پاك بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم.

4 – 5 – 2016

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2-توم، 22-نومۇرلۇق پەتىۋا.

———————————————–

([1]) «مجموع الفتاوى» 21/617.
([2]) سەھىھەين: «بۇخارى» 172 – ھەدىس. «مۇسلىم» 279 – ھەدىس.
([3]) «مۇسلىم» 279 – 280 – ھەدىسلەر.
([4]) «المجموع» 2/523.
([5]) «المغني» 1/46. «روضة الطالبين» 1/32.
([6]) «بدائع الصنائع» 1/66. «المغني» 1/48 «الذخيرة» 1/190.
([7]) «بدائع الصنائع» 1/88. «مغني المحتاج» 1/86. «المغني» 1/36. «بلغة السالك» 1/23.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز