سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرى ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىنى تەبرىكلىشىدۇ. بۇنىڭ دىنىمىزدا ھۆكمى نېمە؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.
بىز مۇسۇلمانلار ھازىر بىر ياندىن، دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن تۈرلۈك ۋاسىتىلەر بىلەن دىنىمىزدىن، ئەخلاقىمىزدىن ۋە ئەنئەنىلىرىمىزدىن تەدرىجىي يىراقلاشتۇرۇش پىلانلىرىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. يەنە بىر ياندىن، ئۆزىنىڭ دىنىنى ۋە ئەنئەنىسىنى بىلمەي چوڭ بولۇۋاتقان ياشلىرىمىز غەيرى دىندىكىلەرنىڭ ئادەتلىرىنى سىڭدۈرۈۋېلىپ، دۇنيادىكى ئومۇم مودىغا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ ماڭىدىغان خەتەرلىك ئەھۋال كېلىپ چىقىۋاتىدۇ. ئىچىمىزنى ئېچىشتۈرىدىغىنىمۇ شۇ، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ زىيانكەشلىكلىرى يەتمىگەندەك مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرىدە سادىر بولۇۋاتقان نادانلىقلار سەۋەبىدىن ئېتىقادىمىز، ئەخلاقىمىز خەۋپكە ئۇچرىماقتا.
مۇسۇلمانلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىپ، ئەقىدە ۋە ئەخلاققا ئېغىر زىيان ئۇرۇۋاتقان يامان ئادەتلەردىن بىرى، ھەر يىلى 2 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاتالمىش «ئاشىق – مەشۇقلار» بايرىمىدۇر. بۇ بايرامنىڭ غەيرى دىن ئەھلىنىڭ ئادەتلىرىدىن ئىكەنلىكى تالاش – تارتىش قوبۇل قىلمايدىغان بىر ھەقىقەت. شۇنداق بولغاچقا، مەن بۇ يەردە بۇ بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر ئۈستىدە ئالاھىدە توختىلىشىم ھاجەتسىز.
ئاللاھ تائالا ئىمان – ئىسلام ۋە ھىدايەت نېمىتى ئاتا قىلغان ھەر بىر مۇسۇلمان بۇ بايرامنىڭ رىملىق بۇتپەرەستلەر بىلەن خرىستىئانلاردىن كەلگەن ئادەت ئىكەنلىكىنى، دىنىمىز ئىسلامدا بۇنداق بايرامنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ پىتنە – پاساتقا، ياشلارنىڭ ئەيش – ئىشرەتكە بېرىلىشىگە يېشىل چىراغ بولۇپ بېرىدىغان، ناشايان ۋە ھارام قىلىنغان ئىشلارنى شۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن ھالال ساناشقا، ئەخلاقىي جەھەتتىن چۈشكۈنلۈككە يول ئېچىپ بېرىدىغان، مەيلى شەخسنىڭ ۋە ياكى كوللېكتىپنىڭ بولسۇن، ساغلام تۇرمۇشىغا بىھۇدىلىك ۋە ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغان بۇ خىل تۈستىكى بايراملارنى تەبرىكلەشنىڭ ھاراملىقىنى، ھەر قانداق شەكىلدە بۇ بايرامغا قاتنىشىشقا، تەبرىكلەيدىغانلارغا تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سۇنۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىۋېلىشى لازىمدۇر.
چۈنكى، ئىسلامدا بەلگىلەنگەن بايرام، پەقەت ئىككى ھېيت بولۇپ، جاھىلىيەت بايراملىرىنىڭ ئورنىغا ئاللاھ تائالا بۇ ئىككى ھېيتنى ئالماشتۇرۇپ بەرگەن.
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە كەلگەندە، مەدىنە ئەھلىنىڭ ئويۇن – تاماشا قىلىدىغان ئىككى كۈنى بار ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ بۇ ئىككىسى نېمە كۈن؟ ـ دەپ سورىغانىدى، ئۇلار:
ــ بىز جاھىلىيەت دەۋرىدە مۇشۇ ئىككى كۈندە ئويۇن – تاماشا قىلاتتۇق، ـ دېدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:
ــ ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىككى كۈننىڭ ئورنىغا بۇلاردىن ياخشىراق بولغان ئىككى ھېيت كۈنىنى ئالماشتۇرۇپ بەردى، ـ دېدى.(1)
شۇنداقلا بۇ ئاتالمىش ئاشىق – مەشۇقلار بايرىمىنى تەبرىكلەش، ئۇ كۈندە ئالاھىدە كىيىنىپ تاماشاغا ھازىرلىنىش ۋە شۈ كۈن ئۈچۈن بىراۋغا ئاتاپ ئالاھىدە سوۋغا – سالام ئېلىش ۋە تەقدىم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كافىرلارنىڭ ئەنئەنىلىرىنى چوڭ بىلىش ۋە ئۇلارغا ئوخشىۋېلىشتىن ئىبارەت. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
(روشەن دەلىللەر كەلگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكەن ۋە ئىختىلاپ قىلىشقانلاردەك بولماڭلار، ئەنە شۇلار چوڭ ئازابقا دۇچار بولىدۇ.)(2)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى باشقا قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇ شۇلاردىن بولىدۇ».(3)
بۇ بايرامنى تەبرىكلەشنىڭ ئۆزى، ئاللاھنىڭ دىنى ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق، مۆمىنلەرنىڭ يولىنى تۇتماي، كافىرلارغا ئۆزىنى يېقىن تۇتۇشتىن ئىبارەت ساغلام ئەقىدە تەقەززاسىغا زىت كېلىدىغان قىلمىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كافىرلارغا ئامراقلىقنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: (ئى مۆمىنلەر! يەھۇدىي ۋە ناسارالارنى دوست تۇتماڭلار، ئۇلار ئۆزئارا دوستلاردۇر. سىلەردىن كىمكى ئۇلارنى دوست تۇتىدىكەن، ئۇمۇ شۇلاردىندۇر. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھەقىقەتەن ھىدايەت قىلمايدۇ .)(4)
بۇ يەردە شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ بايرامنى تەبرىكلەش ئەقىدىنى زىدىلىگەندىن سىرت، ئەخلاقنى بۇزىدۇ، گۇناھ – مەئسىيەتلەرنى ئوچۇق – ئاشكارا جاكارلاشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ جەھەتتىن، بۇ بايرامنى تەبرىكلەش گۇناھى تېخىمۇ ئېغىرلىشىدۇ.
بۇ بايرام كافىرلارغا خاس بايرام بولغاچقا، بۇ بايرامنى تەبرىكلەش يات قىز – ئوغۇل مۇناسىۋىتىگىلا چېتىشلىق ئەمەس، بەلكى شەرئى نىكاھ بىلەن ئەر – خوتۇن بولغانلارنىڭمۇ، بۇ مۇناسىۋەتتە بىر – بىرىگە سوۋغات تەقدىم قىلىشى ئوخشاشلا چەكلىنىدۇ.
بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن ياشلارنىڭ ئالاھىدە ياسىنىشى، بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن پۇل خەجلىشى، يات قىزلارغا گۈل ۋە باشقا نەرسىلەرنى سوۋغا قىلىشى، نامەھرەمگە ئارىلىشىشى، بايراملىق سورۇنلارغا قاتنىشىشى ھارام بولغىنىدەكلا، نامەھرەملەر ئارا ناشايان ئىشلارنىڭ سادىر بولۇشى ئۈچۈن، دۇكانلار، ئاشخانىلار ۋە مېھمانخانىلارنىڭ ئالاھىدە تەييارلىق كۆرۈشى ۋە خىزمەت سۇنۇشىمۇ ئېغىر قىلمىش ۋە چوڭ گۇناھلاردىندۇر. تىجارەتچىلەرنىڭ بۇ كۈنگە خاس تاۋارلارنى سېتىش ئارقىلىق تاپقان كىرىمىمۇ ھارام كىرىمدۇر.
ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ بۇنداق تەبرىكلەشلەرگە قاتنىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى بىر مەسئۇلىيەتتۇر.
ياشلارمۇ بۇ بايرامنىڭ ھۆكمىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاغىنە – بۇرادەرلەرنى بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇشى ۋاجىپتۇر.
جانابى ئاللاھ قىز – يىگىتلىرىمىزگە ساغلام ئەقىدە، مۇسۇلمانچە كىملىك، ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىش سالاھىيتىنى قولغا كەلتۈرگۈچى ئىززەت ۋە شەرەپ، غورۇر ۋە ئىپپەت ھەمدە شەرمى – ھايا ئاتا قىلغاي! ئامىن.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
2014. 2. 12
«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 2 – توم، 21 – نومۇرلۇق پەتۋا.
—————————————————
1. «ئەبۇ داۋۇد»، 1134 – ھەدىس. سەھىھ.
2. «ئال ئىمران» سۈرىسى، 105 – ئايەت.
3. «ئەبۇ داۋۇد»، 4029 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دەپ باھالىغان.
4. «مائىدە» سۈرىسى، 51 – ئايەت.