(ھ. 1371 – 1425/ م. 1951 – 2004)
ئائىلە كېلىپ چىقىشى
ئابدۇقادىر تاش ھ. 1371 – يىلى، م. 1951 – يىلى ئاسىيالىق ئۇيغۇر تۈركلىرىگە تەۋە بولغان بىر ئائىلىدە تائىفتا تۇغۇلىدۇ(1). 20 – ئەسىرنىڭ 50 – يىللىرى خىتاي ھاكىمىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىپ «شىنجاڭ» دەپ ئاتاپ، ئۆزلىرىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلاندۇرۇۋالغاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىمۇ باشقا نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنىڭ قاتارىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا پاناھلىنىدۇ.
ئوقۇش تارىخى
ئابدۇقادىر تاش ھ. 1395 – يىلى (م. 1975 – يىلى) ئىمام مۇھەممەد ئىبىنى سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى كەسپىدە باكالاۋرلىقنى ئالىدۇ. ھ. 1400 – يىلى (م. 1980 – يىلى) ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ئوكلاھوما ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېلان – ئاخبارات كەسپىدە ماگىستىرلىققا، ھ. 1403 – يىلى (م. 1983 – يىلى) ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى جەنۇبىي ئېلىنويس ئۇنىۋېرسىتېتىدا خەلقئارالىق ئېلان – ئاخبارات كەسپىدە دوكتورلۇققا ئېرىشىدۇ.
ئىلمىي ھاياتى
ئابدۇقادىر تاش سەئۇدىدا كۆپلىگەن ئاكادېمىك ۋە تەشۋىقات خىزمەتلىرىنى قىلغان بولۇپ، 1983 – يىلىدىن 1990 – يىلىغىچە رىيادتىكى ئىمام مۇھەممەد بىن سەئۇد ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات قىسمىدا ياردەمچى ئوقۇتقۇچى، كاندىدات ئوقۇتقۇچى ۋە رەئىسلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن ۋە بىرقانچە گېزىت – ژۇرناللارنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى قىلغان. مەسىلەن، 1990 – يىلى «دەۋەت» ژۇرنىلىنىڭ، 1991 – يىلى «مۇسۇلمانلار» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى قىلغان بولۇپ، بۇ خىزمەتلىرى بەش يىل داۋاملاشقان. 1994 – يىلى «Arab news» نامىدىكى ئىنگىلىزچە گېزىتنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى ئۆتىگەن.
2000 – يىلى «اقرأ (ئىقرائ)» تېلىۋىزىيە قانىلىنى تەسىس قىلىپ، ئىككى يىل بۇ قانالنىڭ مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان. 2002 – ، 2003 – يىللىرى ئارىسىدا بىرقانچە دۆلەتتىكى گېزىتلەرنىڭ باش مۇھەررىرلىكى بىلەن بىرگە «دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى» تەرىپىدىن چىقىرىلغان «ئىسلام دۇنياسى» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرلىكىنى قىلغان.
دوكتور ئابدۇقادىر تاش ئىسلام ئاخباراتچىلىق ئاسمىنىدا چاقنىغان ۋە بۇ ساھەدە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر يورۇق يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئاخباراتچىلىقنى ۋاسىتە، دەۋەتنى غايە قىلىپ ئىسلام دەۋىتىدە ئالاھىدە رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ ھەقتە بىرقانچە كىتابلارنى، ئونلىغان ئىلمىي تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازغان، شۇنداقلا بۇ كىتاب – ماقالىلەر مۇشۇ ساھەنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسىغا ئۇل سالغان ۋە كېيىنكىلەرمۇ شۇنى ئاساس قىلغان.
ئابدۇقادىر تاش ئىسلام ئاخباراتچىلىقىنىڭ نەزەرىيەۋى قىسمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئەمەلىي تەتبىقلاش دەرىجىسىگە يۈكسەلدۈرگەن، بىرقانچە كەسپىي ئىسلام مەتبۇئاتلىرىنىڭ رەئىسلىكى ۋە مۇھەررىرلىكىنى ئۆتىگەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى «مۇسۇلمانلار» گېزىتى، «دەۋەت» ژۇرنىلى، «ئىسلام دۇنياسى» گېزىتى ۋە «ئەررىسالە» سەھىپىسى قاتارلىقلار. ئۇ يەنە تۇنجى كەسپىي ئىسلامىي تېلىۋىزىيە قانىلى بولغان «اقرأ (ئىقرائ)» قانىلىنىڭ تۇنجى مۇدىرى بولغان، ئۇنىڭدىن بۇرۇن سەئۇدى ئەرەبىستان «قۇرئان كەرىم» رادىئوسىدا ۋە سەئۇدى تېلېۋىزىيەسىدە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان.
ئاللاھ ئابدۇقادىر تاشنىڭ قىسقىغىنە ئۆمرىگە بەرىكەت بەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلىم ۋە ئاخبارات ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى ناھايىتى مول ئىدى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىكى چوڭ تەسىرى ھەرخىل ساھەلەردە ئىز قالدۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. بۇ ساھەلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى ۋە خەير – ساخاۋەت تەشۋىقاتى بولۇپ، تۆۋەندە بىز بۇ نۇقتىنى يورۇتۇپ ئۆتىمىز.
ئەسەرلىرى
ئاخبارات ساھەسىدە:
«الصورة النمطية للعرب في مرآة الإعلام الغربي (ئەرەبلەرنىڭ غەرب ئاخبارات ئەينىكىدىكى تىپ ئوبرازى)».
«الإعلام والتغريب الثقافي (ئاخبارات ۋە كۈلتۈر جەھەتتىن غەربلەشتۈرۈش)».
«الإعلام وقضايا الواقع الإسلامي (ئاخبارات ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتىكى مەسىلىلىرى)».
«نظريات إعلامية في القنوات الفضائية (سۈنئىي ھەمراھ قاناللىرىدىكى ئاخباراتچىلىق نەزەرىيەلىرى)».
دەۋەت ۋە پىكىر ساھەسىدە:
«أميركا والإسلام تعايش أم تصادم؟ (ئامېرىكا بىلەن ئىسلام… چىقىشىپ ياشاشمۇ ياكى توقۇنۇشمۇ؟)».
«قدَرُنا أن نكون إسلاميين (ئىسلامچى بولۇشىمىز بىزنىڭ پىشانىمىز)».
« الثقافة والإعلام وما بينهما (كۈلتۈر، ئاخبارات ۋە بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت)».
«رؤى على طريق الدعوة (دەۋەت يولىدىكى كۆز قاراشلار)».
«الصحوة الإسلامية… وقفات للمراجعة ورؤى للمستقبل (ئىسلامىي ئويغىنىش… قايتا قاراپ چىقىش ئۈچۈن توختىلىش ۋە كېلەچەك كۆز قاراشلىرى)».
زۇلۇم ئاستىدا قالغان ۋە ئاز سانلىق ھالەتتىكى مۇسۇلمانلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەردە:
«تركستان الشرقية وأهلها المنسيون (شەرقىي تۈركىستان ۋە ۋە ئۇنتۇلغان ئاھالىسى)».
«المسلمون في الاتحاد السوفياتي… مشاهدات وشهادات صحفية (سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمانلار … كۆز بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللار ۋە ئاخبارات گۇۋاھلىقلىرى)».
«المسلمون في آسيا الوسطى والدور الإسلامي المطلوب (ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمانلار ۋە تەلەپ قىلىنىۋاتقان ئىسلامىي رول)».
خەير – ساخاۋەت تەشۋىقاتى ھەققىدىكى قارىشى
ئابدۇقادىر تاشنىڭ داۋاملىق ھالدا خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈشى، خەير – ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇشقا كۈچەشلىرى، تەشۋىقاتنى خەير – ساخاۋەت خىزمىتىگە بويسۇندۇرۇشقا بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە خەير – ساخاۋەتكە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشى ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
ئۇنىڭ يەنە ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن رېئال بولغان مۇكەممەل، ئىلمىي ۋە سىستېمىلىق بىر پىلان تۈزۈش مەقسىتىدە، «خەير – ساخاۋەت تەشۋىقاتى» دەپ نام قويغان سسستېمىلىق بىر پىكىرگە ئاساس سېلىشى ئۇنىڭ ئىسلام تەشۋىقاتچىلىقىنىڭ بايراقدارى سۈپىتىدە خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
مەرھۇم ئۆزىنىڭ «خەير – ساخاۋەت تەشۋىقاتىنى جانلاندۇرۇش ھەققىدە» دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «خەير – ساخاۋەت ساھەسى ھازىرقى زاماندىكى خىزمەت ساھەلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. كىشىلەر بۈگۈنكى كۈندە ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىن ئىبارەت ئىككى ئەنئەنىۋى خىزمەت ساھەسىگىلا چەكلىنىپ قالمىدى. بەزى تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە قارايدىغان بولساق، يېقىنقى مەزگىللەردە خەير – ساخاۋەت ساھەسىدىكى تەرەققىيات نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقىنىڭ نۇرغۇن دەلىللىرىنى تاپالايمىز. مەسىلەن، ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى خەير – ساخاۋەت ساھەسى ئومۇمىي دارامەتنىڭ %2.1 نى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، 1999 – يىلى ئامېرىكا پۇقرالىرى خەير – ساخاۋەت ئورگانلىرىغا ئىئانە قىلغان پۇل – مالنىڭ قىممىتى 190 مىليارد دوللارغا يەتكەن ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ يىللىق ئىئانە نىسبىتى يىلىغا 15 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى ئانالىز قىلىنغان».
ئاندىن ئۇ يەنە غەرب دۆلەتلىرىدىكى خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئۈلگە سۈپىتىدە تۆۋەندىكىلەرگە ئىشارە قىلىپ ئۆتىدۇ: «ئامېرىكىلىقلار پۇل – مالنى ئىئانە قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆز ۋاقتىنىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى خەير – ساخاۋەت خىزمەتلىرىگە ئاجرىتىش ئارقىلىق ۋاقتىنى ۋە كۈچىنىمۇ ئىئانە قىلىدۇ. ستاتىستىكىلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە خەير – ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئاجراتقان ئوتتۇرىچە ۋاقتى ئالتە سائەت ئەتراپىدا ئىكەن، شۇنداقلا ئەنگىلىيەدىمۇ 155 مىڭدىن ئارتۇق خەير – ساخاۋەت ئورگىنى بار بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇقىم ۋە ئىشتىن سىرتقى بولۇپ نەچچە يۈز مىڭ خىزمەتچىلەر ئىشلەيدىكەن ۋە ئۇ ئورگانلار نەچچە مىليون كىشىگە خىزمەت قىلىدىكەن».
خەيرىيەت ۋە ياردەم جەمئىيىتى
دوكتور ئابدۇقادىر تاش مانا بۇ ئۈلگىلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، سەئۇدى جەمئىيىتىنىڭمۇ خەير – ساخاۋەت ۋە ئىنسانىي ياردەملىرى مول بولغان ئالاھىدە بىر جەمئىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى، بۇ جەمئىيەت ئىسلامنىڭ قايناق بۇلىقىنى مەنبە قىلىدىغان بولۇپ، قىممەت قاراش ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى شۇ بۇلاقتىن ئالىدۇ. ئابدۇقادىر تاش مانا بۇ خەير – ساخاۋەت مايىللىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك نەتىجە بېرىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان تىپىك ئامىللارغا ئىشارە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ جەمئىيىتىمىزدىكى شەخس ۋە جامائەتلەردە خەير – ساخاۋەت قىلىش مايىللىقى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما مۇھىم بولغىنى بۇ خىل مايىللىقنىڭ تەشكىللىك مۇئەسسەسە خىزمىتىگە ئايلىنىشى ھېلىھەم ئاستا، تەسىرى ھېلىھەم چەكلىك بولۇپ قالماقتا. بۇنىڭ ئەڭ ئېنىق كۆرۈنۈشى بولسا، دۆلەت ئىچىدە خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا ئەنگە ئالدۇرغان خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرىنىڭ سانى ئارانلا ئىككى يۈزدىن ئاشىدۇ، بۇ جەمئىيەتلەردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ سانىمۇ ئىزچىل ناھايىتى ئاز بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. خەير – ساخاۋەت ئورگانلىرى ۋە جەمئىيەتلىرى ئىككى ئىشتىن شىكايەت قىلىۋاتىدۇ.
1. ئۆزلىرىگە كېلىۋاتقان ئىئانىلەرنىڭ ئازلىقى سەۋەبىدىن ئىمكانىيەتلىرىنىڭ ۋە كىرىمىنىڭ ئاز ۋە يېتەرلىك بولماسلىقى.
2. پۇقرالارنىڭ شۇ ئورگان ۋە جەمئىيەتلەردىكى خىزمەت – پائالىيەتلەرگە خالىس قاتنىشىشقا بولغان يۈزلىنىشىنىڭ تۆۋەنلىكى.
بۇنىڭ بىرقانچە سەۋەبى بار بولۇپ، سەئۇدى جەمئىيىتىدىكى كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە مەدەنىيىتىدە ئىئانە پىكرىنىڭ يىلتىز تارتمىغانلىقى ۋە روشەن بولمىغانلىقى شۇ سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.
خەير – ساخاۋەت ساھەسى ۋە قايتا قاراپ چىقىش
ئابدۇقادىر تاش ھازىرقى يېتەرسىز رېئاللىق خەير – ساخاۋەت ساھەسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان رەسمىي ۋە غەيرىي رەسمىي ئاپپاراتلارنى بۇ رېئاللىقنى ئەڭ ياخشى تەرەپكە ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ جەھەتتە كىشىنى ئىلىھاملاندۇرىدىغان بېشارەتلەر ۋە ھەر خىل ۋاسىتە ۋە تۈرلۈك يوللاردىن پايدىلىنىپ، خەير – ساخاۋەت خىزمىتىنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدىكى ئىجتىمائىي ئاڭنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇنۇشلارمۇ بار. يېقىنقى يىللاردا خەير – ساخاۋەت تىپىدىكى ئورگان ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ كۆپىيىشىدەك بەزى ياخشى نەتىجىلەرمۇ بار.
شۇڭا، بىز خەلق ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خەير – ساخاۋەت ساھەسىگە بولغان دىققەت – ئېتىبارىنى ئاشۇرۇش، بۇ ساھە توغرىسىدىكى ئىجتىمائىي ئاڭنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، بۇ ساھەنىڭ پائالىيەتلىرىگە بولغان قوللاش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ۋە پائالىيەتلەرگە قاتناشقان شەخس – جەمئىيەتلەرنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم رول ۋە تەسىرگە ئىگە بولغان خىلمۇخىل تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئالاھىدە ھەمكارلىق ئورنىتىشىمىز لازىم. چۈنكى، مۇشۇ ۋاسىتىلەرنىڭ ھەسسىسى ۋە ئاكتىپ ھەرىكەتلىرى بولمىسا، يۇقىرىدىكى نىشانلىرىمىزنىڭ تولىسى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. سەئۇدىدىكى تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ خەير – ساخاۋەت ساھەسىگە قانچىلىك ئىشتىراك قىلىۋاتقانلىقى بۇ ئاپپاراتلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى، بۇ ساھە ھەققىدە روشەن قاراشقا ئىگە ئەمەسلىكىنى، مۇكەممەل پىلان ۋە پۇختا تەرەققىيات لايىھەسىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىزمىتى
ئابدۇقادىر تاش ئۆز تونۇشىدا خەير – ساخاۋەت تېمىسىنى ئاڭلىتىشقا توسالغۇ بولۇۋاتقان يوچۇقلارغا ئىشارە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خىزمىتىگە قارىتىلغان ئەڭ گەۋدىلىك مۇلاھىزىلەرنى تۆۋەندىكىچە خۇلاسىلەيدۇ:
1. خەير – ساخاۋەت ساھەسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتە مەتبۇئات ۋاسىتىلىرى بىلەن رادىئو – تېلېۋىزىيە ۋاسىتىلىرى ئوتتۇرىسىدا بىرقەدەر پەرق بولسىمۇ، ئەمما، ئومۇمەن، خەير – ساخاۋەت ساھەسىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈش ئىنتايىن چەكلىك.
2. بۇ خىل كۆڭۈل بۆلۈش ناھايىتى چەكلىك بولۇش بىلەن بىرگە يەنە يىل بويى ئىزچىل داۋاملاشمايدۇ، ئەكسىچە ئاساسەن رامازان ئېيىغا بەلگىلىنىپ قېلىپ، «پەسىل خاراكتېرلىك» تۈس ئېلىپ قالىدۇ.
3. تېلېۋىزور ئالاھىدە تەسىر كۈچىگە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما خەير – ساخاۋەت ساھەسىدىكى خىزمەتلەرگە ئىشتىراك قىلىشتا ئاساسەن ئورۇن ئالمايۋاتىدۇ.
4. مەيلى گېزىت – ژۇرنال ساھەسى بولسۇن ياكى رادىئو – تېلېۋىزىيە ساھەسى بولسۇن، تەشۋىقات قىزغىنلىقى تولۇق چۈشەنچە ۋە ئەتراپلىق پىلانغا ئىگە بولالمىغاننىڭ ئۈستىگە كەسىپىيلىكى تۆۋەن بولۇش، خەير – ساخاۋەت مەسىلىلىرىنى سۇنۇشتىكى تەقلىدچىلىك، خەۋەر تارقىتىش ۋە ئىز قوغلاپ خەۋەر قىلىش بىلەنلا كۇپايىلىنىش قاتارلىقلار بىلەن سۈپەتلىنىپ كەلمەكتە.
5. تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بوشلۇقى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپتىكى مەلۇماتلارنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە نەتىجىلىك، مۇنتىزىم، قويۇق ئالاقىنىڭ بولماسلىقى كېلىپ چىقماقتا.
ئابدۇقادىر تاش بارلىق ئەيىب – نۇقساننى تەشۋىقاتقىلا ئارتىپ قويماي، ئادىل ۋە ئىنساپلىق بولۇش ئۈچۈن خەير – ساخاۋەت ساھەلىرىنىڭمۇ خەير – ساخاۋەت خىزمەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا كۈچىمىگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدا ئۆزىنىڭمۇ بىر ئۈلۈش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئويلىنىشقا تېگىشلىك يېرى، بۇ ئورگان ۋە جەمئىيەتلەر ئۆز نىشانلىرىغا يېتىشتە تەشۋىقاتقا قانداق مۇئامىلە قىلىش ھەققىدە روشەن پىكىرگە ئىگە ئەمەس. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، كۆپ سانلىق ئورگان ۋە جەمئىيەتلەر تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىدە ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىك ساھەلىرىدىكى ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئورگانلىرى مۇپتىلا بولغان تار ۋە ئەبجەش چۈشەنچىلەرنى ئاساس قىلىدۇ.
چۈشەنچىنى يېڭىلاش
يۇقىرىقىلاردىن كېيىن دوكتور ئابدۇقادىر تاش بىزنىڭ «خەير – ساخاۋەت تەشۋىقاتى» دېگەن ئاتالغۇ ھەققىدە يېڭى بىر چۈشەنچە ۋە رامكىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا رېئال، ئەمەلىي بولغان ئىلمىي پروگرامما تۈزۈشىمىز كېرەكلىكىنى، شۇنداق قىلغاندىلا بىز كۈتۈۋاتقان خەير – ساخاۋەت تەشۋىقاتى تۆۋەندىكى بىرقانچە ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنى ئېلىپ بارالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
1. تەشۋىقات پروگراممىلىرىدا ھەر ۋاقىت خەير – ساخاۋەت چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە خەلقنىڭ دىققىتىنى شۇ تەرەپكە بۇراش، شەخس، ئائىلە ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي توپلارنى ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق خەير – ساخاۋەت خىزمىتىنى قوللايدىغان ئىجتىمائىي ئاڭ شەكىللەندۈرۈش.
2. خىلمۇخىل تەشۋىقات يوللىرى بىلەن خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بۇ جەمئىيەتلەر ھەققىدە ئىجابىي چۈشەنچە پەيدا قىلىش. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خەير – ساخاۋەت تەشۋىقاتلىرى خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىدىكى خاتا مەشغۇلاتلارنى ۋە سەلبىي تەرەپلەرنى توغرىلىشى، تەنقىد قىلىشى، يېتەرسىزلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىشى لازىم. چۈنكى، تەشۋىقاتنىڭ ۋەزىپىسى نوقۇل تارقىتىش ۋە ماختاش بولۇپلا قالماي، تەنقىد قىلىش ۋە توغرىلاش ۋەزىپىسىمۇ بار، ئەمما بۇ ماختاش ۋە تەنقىدلەر چوقۇم ئىنچىكە ئىزدىنىش بىلەن بىرگە ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ۋە ئەمەلىي تەكشۈرۈشلەر ئاساسىدا بولۇشى كېرەك ۋە ئورۇنسىز ھېسسىيلىقتىن ۋە مۇبالىغىلەردىن يىراق بولۇشى لازىم.
3. خەير – ساخاۋەت خىزمەتلىرىگە ئىئانە يىغىش ئۈچۈن تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش.
چۈنكى، ئىئانە يىغىش پائالىيەتلىرى خەير – ساخاۋەت خىزمەتلىرىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، مەملىكەتلىك ياكى رايونلۇق پائالىيەت شەكلىدە ياكى خەير – ساخاۋەت ئورگانلىرىغا تەۋە پائالىيەت شەكلىدە يىلنىڭ مەلۇم كۈنلىرىنى ئىئانە يىغىشقا بېكىتىش ناھايىتىمۇ زۆرۈردۇر.
مانا بۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىز خەير – ساخاۋەت تەشۋىقاتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان تەجرىبىلىك مۇتەخەسىسلەرنى ۋە خەير – ساخاۋەت ئورگانلىرى تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنغان كىشىلەرنى ۋە يەنە سەئۇدىدىكى تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كومىتېت قۇرۇشنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ كومىتېتنىڭ ۋەزىپىسى خەير – ساخاۋەت تەشۋىقاتىغا مەملىكەت خاراكتىرلىك ئىستراتېگىيە پىلانى تۈزۈش، خەير – ساخاۋەت خىزمەتلىرىنى قوللايدىغان تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئەمەلىي پىلان لايىھەلەش، خەير – ساخاۋەت ئورگانلىرىنىڭ تەشۋىقاتتىكى رولىنى جانلاندۇرۇش، بۇ ئورگانلار بىلەن تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە ھەمكارلىق ساھەسى پەيدا قىلىش بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ ئاساسىي كومىتېتتىن رايون ۋە ۋىلايەتلەردە خىزمەت قىلىدىغان تارماق كومىتېتلار بارلىققا كەلسىمۇ بولىدۇ.
11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن
خەير – ساخاۋەت خىزمەتلىرىگە قارىغۇلارچە ھۇجۇم قىلىش مەزگىللىرىدە، ئۆز – ئۆزىنى تەنقىدلەش ۋە تۈزىتىش رامكىسىدىن ئېتىلىپ چىققان ئوبيېكتىپ قوغدىنىش ھەققىدە ئابدۇقادىر تاش «ئىسلام خەيرىيەت خىزمىتى ۋە خىرىسلارغا قارشى تۇرۇش» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە يازىدۇ. ئۇ ماقالىسىنى مۇنۇ سوئاللار بىلەن باشلايدۇ: بىز نېمىشقا كرىزىس مەزگىللىرىدە خەتەرنى ھېس قىلالمايمىز؟ بىز راستىنلا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاپەتنىڭ يۈز بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرىدىغان، ئاپەت يۈز بەرگەندە ئاندىن ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزىدىغان ئاجىز ئۈممەتمۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ مەلۇمات – تەجرىبىلەرنىڭ ئازلىقى ۋە ئۆزىمىزنىڭ پاسسىپلىقىمۇ؟ ياكى قەلبىمىزنى بېسىۋالغان ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك تۇيغۇلىرىمۇ؟
ئاندىن ئابدۇقادىر تاش بۇنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە رېئاللىقىمىزدىكى بىر ۋەقەنى يورۇتۇپ ئۆتىدۇ. ھەقىقەتەنمۇ بۇ دۆلەتتىن بالقىغان ئىسلامىي خەير – ساخاۋەت خىزمەتلىرى 2001 – يىلى 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن بۇرۇن قارىغۇلارچە ھۇجۇملارغا دۇچ كەلدى. بۇ ھۇجۇملار بىرقانچە يىل بۇرۇن سەئۇدىدىكى بەزى ئىسلامىي خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقىسى بار، بۇ ئورگانلارنىڭ بەزى كاتىبلىرى ۋە ئەزالىرى ئاشۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا مۇناسىۋەتلىك بەزى گۇمانلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دەپ قارىلاش بىلەن باشلاندى. ئەمما، بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە چاپلانغان تۆھمەتلەرنى رەت قىلىشى ۋە ئۇنى يوقىتىشى ناھايىتى ئاجىز بولغانىدى، ھەتتا بەزى جەمئىيەتلەر باشقىلارنى تېخىمۇ شۈبھىگە سېلىپ سۈكۈت قىلىۋالدى، بەزىلىرى ئۆزلىرىگە چاپلانغان تۆھمەتلەرنى يۇيۇش ۋە بۇ تۆھمەتلەرنىڭ ئىسلامىي خەير – ساخاۋەت خىزمەتلىرىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن پىلانلانغان سۇيىقەست ئىكەنلىكىنى پاش قىلىش ئۈچۈن بايانات ئېلان قىلدى.
2001 – يىلى 11 – سېنتەبىر ۋەقەسى يۈز بېرىپ، بۇ ۋەقە سەئۇدىدىكى دەۋەت، قۇتقۇزۇش ۋە خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قارىلىنىشىغا سەۋەب بولدى ۋە بۇ جەمئىيەتلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملار توختىماي داۋاملاشتى. بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئەرز ئىدى. بۇ ئەرزنامىدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى خەير – ساخاۋەت ۋە دەۋەت ئورگانلىرى ئەرز قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئورگانلار: دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى، خەلقئارا ئىسلام قۇتقۇزۇش ھەيئىتى، خەلقئارا ياشلار ئىسلام كېڭىشى ۋە ئىككى ھەرەم خەير – ساخاۋەت ئورگىنى قاتارلىقلار ئىدى.
قارىغۇلارچە ھۇجۇملارنىڭ داۋام قىلىشى
يۇقىرىقىلاردىن كېيىن ئابدۇقادىر تاش بۇ ھۇجۇملارنىڭ توختاپ قالمىغانلىقى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچىيىپ، تەشۋىقات يۈزىدىلا توختاپ قالماي سىياسىي دائىرىلەر ۋە پارلامېنتتا قارار ماقۇللاشقا قەدەر كېڭەيگەنلىكىگە ئىشارە قىلىدۇ. بۇ ھۇجۇملارنىڭ كۈچەيگەنلىكىنىڭ ئاخىرقى دەلىلى بولسا ئامېرىكا پارلامېنت ئەزاسى ۋېينىرنىڭ ئۆتكەن يىلى نويابىردا «سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ 2003 – يىللىق مالىيە ھېسابى» نامىدا ئېلان قىلغان ھۆججىتىدۇر. بۇ ھۆججەت ناھايىتى خەتەرلىك ھۆججەت بولۇپ، بىز ئۇنى قىسقىچە كۆزدىن كەچۈرۈپ باقايلى.
بىرىنچى بولۇپ بۇ ھۆججەتتە دېيىلىدىغىنى «سەئۇدى ئىزچىل تېررورچىلارنى تەمىنلەپ كېلىۋاتىدۇ، سەئۇدى ئۆزىدە تۇرۇشلۇق مەلۇم شەخسلەر ۋە خەيرىيەت جەمئىيەتلىرى ئارقىلىق تېررورلۇقنى قوللاشنىڭ ئاساسىي مەنبەسىدۇر، سەئۇدىدىكى مەسئۇللار بىرقانچە يىللاردىن بۇيان بۇ مەسىلىگە كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى» قاتارلىقلار.
مەزكۇر ھۆججەت بۇ ھۆكۈملەرنى چىقىرىشتا تۆۋەندىكى تەشۋىقات ۋە ئىستىخبارات دوكلاتلىرىنى دەلىل قىلغان. شۇ دوكلاتلاردىن بىرى، ئوتتۇرا شەرق ئاخبارات ئىنىستىتوتىنىڭ 2003 – يىلى 3 – ئىيۇلدىكى دوكلاتى بولۇپ، دوكلاتتا سەئۇدى ھۆكۈمىتى قوللاۋاتقان خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرىنىڭ تۆت مىليارد دوللاردىن ئارتۇق پۇلنى پەلەستىن ئىنقىلابىنى قوللاشقا سەرپ قىلغانلىقى، بۇ ياردەملەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «خاماس» تەشكىلاتىغا ۋە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچىلارنىڭ ئائىلىرىگە قارىتىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يەنە بىر دوكلاتتا مۇنداق مەزمۇنلار تىلغا ئېلىنىدۇ: «سەئۇدى ھۆكۈمىتى قوللاۋاتقان نۇرغۇنلىغان دىنىي ئىنىستىتوتلار ۋە بۇ ئىنىستىتوتلاردىن تارقالغان تەشۋىقاتلار ئۆچمەنلىكنى، باشقىلارنى قوبۇل قىلماسلىقنى ۋە غەربكە قارشى تېررورىزم ئىدىيەلىرىنى تەشەببۇس قىلىدۇ».
ئاخىرقى يەنە بىر دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باش كاتىبى دېفىد ئوفھاسىر (2003 – يىلى ئىيۇلدىكى) بىر قېتىملىق پارلامېنت يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: «سەئۇدى ھۆكۈمىتى نۇرغۇن مەسىلىلەردە تېررورلۇقنى قوللاشنىڭ ئاساسلىق مەركىزىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ».
ۋېينىر ھۆججىتىنىڭ مەقسەتلىرى
ئابدۇقادىر تاش بۇ ھۆججەتتىكى ئاساسلىق مەقسەتلەرنى مۇنداق بايان قىلىدۇ: پارلامېنت قارار ماقۇللاش ئارقىلىق سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال شەرتسىز ھالدا بىرقانچە ئىشلارنى ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلماقچى، بىز بۇ يەردە شۇ ئىشلارنىڭ خەير – ساخاۋەت ۋە دەۋەت خىزمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز.
1. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى تېررورلۇقنى قوللاۋاتقان ياكى ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇۋاتقان سەئۇدىدىكى خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى ۋە باشقا تەشكىلاتلار، مەكتەپلەر ۋە ئىنىستىتوتلارنى پۈتۈنلەي تاقاش.
2. سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقنى قوللاپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىۋاتقان، سەئۇدىينىڭ سىرتىدىكى خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرى، باشقا تەشكىلاتلار، مەكتەپلەر ۋە ئىنىستىتوتلارغا بولغان قوللىشىنى توختىتىش.
3. سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى شەخس ۋە ھەيئەتلەرنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچى – سىرتىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بولغان قوللىشىنى توختىتىش.
مەزكۇر ھۆججەتتە يەنە شۇ تەشەببۇس قىلىنىدۇكى، ئەگەر سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ بۇ تەلەپلىرىگە بويسۇنۇپ ئىجرا قىلمىسا، ئامېرىكا رەئىسى دەرھال سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈش ۋە دىپلوماتىيە يولى بىلەن ئامېرىكىغا سەئۇدى پۇقرالىرىنىڭ كىرىشىنى چەكلەش ئارقىلىق سەئۇدى ھۆكۈمىتىنى جازالىشى لازىم.
خەير – ساخاۋەت مۇئەسسەلىرىگە ئوبيېكتىپ تەۋسىيەلەر
يۇقىرىدىكىسى پارلامېنت ئەزاسى ۋېينىرنىڭ سۇنغان ھۆججىتىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى. بۇ ھۆججەت پەقەت ئىسلامىي خەير – ساخاۋەت خىزمەتلىرىنى يۈزەكى باھالاپ قويۇشلا ئەمەس، بەلكى بۇ خىزمەتلەرنىڭ مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش، ئۇنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە پۈتۈنلەي يوق قىلىشتىن ئىبارەت ناھايىتى روشەن نىشانغا ئىگە. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، سەئۇدىدىكى خەير – ساخاۋەت جەمئىيەتلىرىنىڭ بۇ ھۇجۇملارغا يەنىلا ئىلگىرىكىدەك مۇئامىلە قىلىشى مۇمكىنمۇ؟
شەكسىزكى، ھېسسىي چۇقانلار بىلەنلا، شۇنداقلا ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغان ۋە ھۇجۇمنىڭ كەينىدە تۇرغانلارنىڭ نىيەتلىرىدىن شەكلەندۈرىدىغان باياناتلار بىلەنلا ئۆزىنى ئاقلاشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق. شۇڭا، بۇ تەشكىلات ۋە ھەيئەتلەر جىددىي ھەرىكەت قىلىشى ۋە قىلغان ھەرىكىتى شەخس ۋە گۇرۇپ ھالىتىدە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. بۇ تەشكىلاتلار يەنە ھازىر ۋە كەلگۈسىدە ئۆزلىرى دۇچ كېلىدىغان خەتەرلەرنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىشى، جانلىق ۋە ئەمەلىي رەۋىشتە مۇكەممەل ھەل قىلىش پىلانى تۈزۈشى لازىم. شۇنداقلا بۇ ئىشلاردا ئەتراپلىق كۆزقاراش ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆز – ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە ئاساسلىنىشى كېرەك.
بۇ ھەيئەت ۋە ئورگانلارنىڭ تۇنجى بولۇپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئاشۇ ھۇجۇملارغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىشتۇر. يەنى «رەت قىلىش ۋە سۇيىقەست ئىستراتېگىيەسى»گە تايىنىشتىن توختىشى لازىم. چۈنكى، بۈگۈنكى كۈندە يۈز بېرىۋاتقان مەسىلىلەرگە يالغۇز سۇيىقەست نەزەرىيەسى بويىچىلا قاراش ئېغىر خاتالىقتۇر، شۇنداقلا بۇ ھۇجۇملارغا ئىزچىل رەت قىلىش ۋە ئۆزىنى ئاقلاش يولى بىلەن مۇئامىلە قىلىشمۇ ئىشنى تېخىمۇ ئوساللاشتۇرۇۋېتىدۇ ۋە كۆزلەنگەن نەتىجە ئەمەلگە ئاشماي قالىدۇ.
شۇڭا، بىز ئىسلامىي قۇتقۇزۇش ۋە خەير – ساخاۋەت ھەيئەتلىرىنى يېڭى بىر ئىستراتېگىيەگە چاقىرىمىز. بۇ ئىستراتېگىيەنى «رىقابەت ۋە پۇرسەت ئىستراتېگىيەسى» دەپ ئاتاش مۇمكىن. بۇ خىل ئىستراتېگىيە «رەت قىلىش ۋە سۇيىقەست ئىستراتېگىيەسى»دىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدۇ. بۇ ئىستراتېگىيە ئۆزئارا بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى ئىجابىي ئامىل ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى، بۇ ھۇجۇملارغا سۇيىقەست نەزەرىدە ئەمەس، بەلكى رىقابەت نەزەرىدە قاراش. بۇنىڭ ئۈچۈن خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى رىقابەتكە ئىجابىي شەكىلدە قارشى تۇرۇشى، بۇ رىقابەتكە ھېچقاچان كۈچلۈك رىقابەتلەرگە قارشى تۇرالمايدىغان ۋاقىتلىق ھېسسىياتلاردىن يىراق ھالدا رېئال، سستېمىلىق ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىشى لازىم.
ئەمدى بۇ ئىستراتېگىيەنىڭ يەنە بىر ئامىلى بولسا مۇشۇ ھۇجۇملارنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان پۇرسەت دەپ بىلىشتۇر. چۈنكى، ئىسلامىي خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى، بولۇپمۇ سەئۇدىدىكى تەشكىلاتلار بىر خەلقئارالىق ئومۇمىي پىكىرگە موھتاج بولماقتا. پۇختا پىلان ۋە ئەتراپلىق ئىجرا قىلىش بۇ ھۇجۇملارنى زىياندىن پايدىغا ئايلاندۇرىدىغان ھەمدە ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان ئالتۇن پۇرسەتنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.
يۈزلىنىش ئىستراتېگىيەسى
دوكتور ئابدۇقادىر تاش بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ مۇنداق ئۈچ نۇقتىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
1. ئىسلامىي قۇتقۇزۇش ۋە خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ۋە خىزمەت پروگراممىسىغا قايتا قاراپ چىقىش.
چۈنكى، ھازىرقى ۋاقىت بولسا ئىسلامىي خەير – ساخاۋەتنىڭ دائىرىسىنى ۋە چۈشەنچىسىنى ئىنسانىي كىشىلىك ھوقۇق يۆنىلىشىگە كېڭەيتىش ۋە بۇ خىزمەتنىڭ دىنىي ۋە دەۋەت تۈسىنى يېنىكلىتىش ۋاقتىدۇر.
2. ئىككىنچى نۇقتا ئىسلامىي خەير – ساخاۋەت خىزمەتلىرىنىڭ قانۇن ۋە تەشكىلىي قىسمىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھازىرقى ئەھۋالدا بىز پەقەت ئۆزىمىزنى قوغداشقىلا قاراپ قېلىپ، باشقا ئىشلارغا سەل قارىساق بولمايدۇ. شۇڭا، ئىسلامىي خەير – ساخاۋەت خىزمەتلىرىنى دوست – دۈشمەنلەرنىڭ شۈبھىلىرىدىن ۋە ھۇجۇمغا ئۇچراش مۇمكىنچىلىكى بولغان يوچۇقلاردىن پۇختا تەشكىلىي ئىنتىزام ۋە قانۇن ئارقىلىق قوغدىشىمىز لازىم.
سەئۇدىدىكى خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئۆزلىرىگە قارشى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە سۇنۇلغان ئەرزنامىلەرگە رەددىيە بېرىشى، بۇنىڭغا سەل قارىماسلىقى ۋە بۇ ئىشلارنى تەجرىبىلىك مۇتەخەسىسلەردىن پايدىلىنىپ قانۇنلۇق ھالدا ئېلىپ بېرىشى لازىم.
3. تەشۋىقاتقا، يەرلىك ۋە خەلقئارالىق پىكىرلەرگە ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇش.
ئىسلامىي خەير – ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى تەشۋىقات ۋە ئومۇمىي ئالاقىلەرگە ئەپسۇسلانغۇدەك دەرىجىدە سەل قارىدى. دېمەك، تەبىئىي شارائىتلاردا سەل قارىغان ئىكەن، ھازىرقىدەك قىيىن شارائىتلاردا بۇ ئىشنى تېخىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ.
ئابدۇقادىر تاشنىڭ ۋاپاتى
ئابدۇقادىر تاش ھ. 1425 – يىلى سەپەر ئېيىنىڭ 14 – كۈنى دۈشەنبە (م. 2004 – يىلى 4 – ئاپرېل) جىددە شەھىرىدىكى دوختۇرخانىدا ئىككى يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئۆپكە راكى سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتتى ۋە ئەتىسى بامدات نامىزىدىن كېيىن ھەرەم مەسجىدىدە نامىزى چۈشۈرۈلدى.
مەنبە: http://www.humanitygate.com/pioneer/81
http://w.mdar.co/detail1360799.html
تەرجىمىدە: ئەنسىز
1. دوكتورنىڭ ئاتىسى مەرھۇم مۇھەممەد تاش ھاجىم خوتەننىڭ لوب ناھىيىسىدىن دەپ قارىلىدۇ. — ساجىيە.