تۈركىستان ئەللامەسى مۇبەششىر تىرازىي

(ھىجرىيە 1314 – 1397/ مىلادىيە 1896 – 1977)

 

 

ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش ۋە ھەق ئىسلام دىنىنى قوغداش يولىدا بارلىقىنى پىدا قىلغان مۇجاھىد ئەللامە، ئىسلام مۇتەپەككۇرى، غەربىي تۈركىستان ئالىملىرىنىڭ چوڭى ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى بۈيۈك ئالىملارنىڭ بىرى، غەربىي تۈركىستاننىڭ كۈرەشچان رەھبىرى، ئەدىب ۋە شائىر شەيخ مۇبەششىر تىرازىي ھۇسەينىي ھەزرەتلىرى غەربىي تۈركىستاننىڭ تىراز شەھىرىدە مۆتىۋەر بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ مۇھەممەد غازىخان ھۇسەينىي ئوغلى ئەللامە شەيخ مۇھەممەدخان ھەزرەتلىرىنىڭ پەرزەنتىدۇر. ئاتىسى ئىسلام فىقھىسىدا تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇستازى ھەم ئەرەب تىلى ئىلىملىرى ۋە شەرق ئەدەبىياتى پېشۋالىرىدىن بىرى. ئانىسى خىتاي ئىشغالىيىتىگە ئۇچرىغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام دۆلىتى ئەمىرلىرىنىڭ ئاخىرقىسى بولغان ئەمىر بۈزۈرۈكخاننىڭ نەۋرىسىدۇر (ئۇنىڭ بوۋىسى بۈزۈرۈكخان ئەينى دەۋردە تەختىنى ئۆزىنىڭ قوشۇن ئەمىرى ياقۇبخان بەدەۋلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئىككى ھەرەم شەرىپكە ھىجرەت قىلغان ۋە شۇ يەردە ئىبادەت بىلەن مەشغۇل بولغان. مەدىنە مۇنەۋەرەدە ۋاپات تېپىپ، جەننەتۇلبەقىگە دەپنە قىلىنغان).

تىرازىي دەسلەپكى ئوقۇشىنى تىراز شەھىرىدە ئاتىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدا خۇسۇسىي ئۇستازلارنىڭ قولىدا تاماملىغان. ئاندىن تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇشلىرىنى تاماملاش ئۈچۈن تاشكەنت شەھىرىگە يۆتكەلگەن ۋە ئەبۇلقاسىمخان ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئاندىن بۇخاراغا سەپەر قىلىپ، شۇ يەردە 1917 – يىلى ئالىي مەكتەپ ئوقۇشلىرىنى تاماملاپ، تەپسىر، فىقھى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى پەنلىرى بويىچە مۇتەخەسسىسلەشكەن. شۇنىڭدەك ئۇ سۇلتان ئابدۇلھەمىد تەرىپىدىن يىراق شەرقكە ئەۋەتىلگەن ئىسلام يەتكۈزۈش ئۆمىكىنىڭ رەئىسى شەيخ مۇھەممەد ئەسەلىي شامىينى ئۇستاز تۇتۇپ، ھەدىس ئىلمىدە مۇتەخەسسىسلىك ئىجازىتىگە ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن يۇرتى تىرازغا قايتىپ كېلىپ، تۈركىستاندا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنىڭ ۋە رەھبەرلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن كوممۇنىست رۇس ئىشغالىيىتىگە قارشى جىھادىنى باشلىغان ۋە 1917 – يىلى «تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلار ئىتتىپاقى»نى تەشكىللەپ، تۈركىستاندىكى ئومۇميۈزلۈك ئىسلامىي ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى قوللىغان ۋە فەرغانە پايتەختى قوقەند شەھىرىدە 1917 – يىلى ئەلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تۈركىستان تارىخىدىكى شۇ خەتەرلىك مەزگىلدە تۈركىستان خەلقىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى چەكتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.

شەيخ تىرازىي يازما ۋە خۇتبىلىرى بىلەن دىنسىزلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. بولۇپمۇ دەھرىي، دىنسىز نېمەت ھەكىمنىڭ تۈركىستان تىلىدىكى «مۇھەممەد ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمۇ؟» ناملىق كىتابىدا تارقاتقان شۈبھىلەرگە رەددىيە بەرگەن. نېمەت ھەكىم مەزكۇر كىتابى بىلەن ۋەھىينى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئىنكار قىلىپ، پەيدىنپەي ياراتقۇچىنىمۇ ئىنكار قىلغان بولۇپ، تىرازىي بۇ دىنسىزغا رەددىيە بېرىش ئۈچۈن، «قۇرئان ۋە پەيغەمبەرلىك» نامىدا تۈركىستان تىلىدا بىر كىتاب يازغان ۋە جۈمە خۇتبىلىرىدە ئۇنى بىر بۆلەكتىن – بىر بۆلەكتىن سۆزلىگەن. ئاخىرىدا موسكۋادىن ئۇنى تۇتۇش، تۈركچە، پارسچە ۋە ئەرەبچە ئەسەرلىرىنى مۇسادىرە قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈپ قولغا ئېلىنغان ۋە بىر مەزگىل تۈرمىدە ياتقان.

تىرازىي ئىماملىق ۋە خاتىبلىق قىلغاچ، «ئىسلاھ» ژۇرنىلى ۋە «ئايىنە» ژۇرنىلىغا ئوخشاش تاشكەند ۋە سەمەرقەندتە چىقىدىغان ئىسلامىي ژۇرناللاردا ئىزچىل ماقالە يېزىپ تۇرغان ۋە تۈركىستان ئالىملىرى جەمئىيىتىنىڭ ساداسى بولغان «إيضاح المرام (ئىيداھۇل مەرام)» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرلىك خىزمىتىنى قىلغان ھەمدە 1923 – يىلى شەرئى مەھكىمىنىڭ قازىلىقىنى، 1934 – يىلى تىراز شەھىرىدىكى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ رەئىسلىكىنى قىلغان. لېكىن، رۇسلارنىڭ ئىسلام شەرىئىتى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالغانلىقى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى تاقىغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر ئىككى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. بۇ مەكتەپلەرنى تىرازىي رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە يەتكەن دىنسىزلىق ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دىنىي مائارىپ ئاساسىدا ئاچقانىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن تىرازىي غەربىي تۈركىستان خەلقى تەرىپىدىن «ئاسىيا خەلقلىرى قانۇن چىقىرىش قۇرۇلتىيى»غا قاتنىشىدىغان تۈركىستان ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. بۇ قۇرۇلتاي كېرېنسكىنىڭ رەئىسلىكىدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت دەۋرىدە، ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ كېلەچىكىنى بەلگىلىشى ئۈچۈن رۇستىن باشقا پۈتۈن خەلقلەرنىڭ ۋەكىللىرىنىڭ ئىشتىراكى بىلەن موسكۋادا ئېچىلىشى قارا قىلىنغان ئىدى. لېكىن، لېنىن باشچىلىقىدىكى كوممۇنىست بولشېۋىك پارتىيەسىنىڭ كېرېنسكى باشچىلىق قىلىۋاتقان دېموكراتىك مېنشېۋىك پارتىيەسىنى بېسىپ كېتىشى بىلەن سىياسىي ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ، مەزكۇر قۇرۇلتاي ئەمەلدىن قالغان. نەتىجىدە، كوممۇنىست رۇسلار قورال كۈچى بىلەن تۈركىستاندىكى ئۈچ ئىسلامىي ئەمىرلىكنى يەنى قوقەند ئەمىرلىكى، خىۋە ئەمىرلىكى ۋە بۇخارا ئەمىرلىكىنى ئىشغال قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزبەكىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان دەپ بەش جۇمھۇرىيەتكە پارچىلىغان. ئاندىن ئۇلارنى 1923 – يىلى سوۋىت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىغا قوشقان ۋە بۇ جۇمھۇرىيەتلەر تۈركىستان دېگەن ئىسىمنىڭ ئورنىغا «ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋىت جۇمھۇرىيەتلىرى» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، تۈركىستان دېگەن بۇ ئىسىم 1924 – يىلى رۇس قانۇنى بىلەن بىكار قىلىنغان.

بۇ زۇلۇم ۋە تاجاۋۇزچىلىقلارغا تۈركىستان خەلقى سۈكۈت قىلمىغان ۋە تەسلىم بولمىغان، بەلكى تۈركىستاننىڭ ھەممە تەرەپلىرىدە مۇسۇلمان خەلقنىڭ ئىمانىدىن ئېتىلىپ چىققان خەلق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى قوزغالغان.

تىرازىي دىنىي ئالىم ۋە سىياسىي رەھبەر بولۇش سۈپىتى ھەم تىراز شەھىرىدىكى تۈركىستان ئازادلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇجاھىد خەلقكە يېتەكچىلىك قىلغان. لېكىن، بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى 15 يىل داۋاملاشقاندىن كېيىن مەغلۇپ بولغان. بۇ قارشىلىقتا تۈركىستان تۇپراقلىرى بەش مىليون شېھىت بەرگەن ۋە بەش مىليون ئادەم سىبىرىيە لاگېرلىرىغا پالانغان. ئۈچ مىليون ئادەم ئاللاھ يولىدا خىلمۇخىل دۆلەتلەرگە ھىجرەت قىلىپ، يۇرتلىرىنى تەرك ئەتكەن.

تىرازىيمۇ دىنىنى، ھاياتىنى ۋە ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، يۇرتى تۈركىستاندىن باشقا ئىسلامىي بىر يۇرتقا ھىجرەت قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇ ئۇزۇن يىل تىلى ۋە قەلىمى بىلەن ئىزچىل جىھاد قىلىپ، ھەر تەرەپتىن ئۇنى خەتەرلەر قورشىۋالغاندىن كېيىن، شارائىت ئۇنى ھىجرەتكە قىستىغان. نەتىجىدە، ئۇ ئۈچ قېتىم سولانغان ۋە بىر قېتىم رۇس ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن تۈركىستاندا پالانغان، ئاندىن كوممۇنىست ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «دىنىي ئالىم، مىللىي رەھبەر، كوممۇنىزم ئىنقىلابىنىڭ دۈشمىنى» دەپ قارىلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش تەكلىپى بېرىلگەندىن كېيىن ھىجرىيە 1438 – يىلى زۇلقەدە (مىلادىيە 1930 – يىلى ئاپرېل) دا ئافغانىستانغا ھىجرەت قىلغان.

تىرازىي ئافغانىستان پايتەختىگە يېتىپ كەلگەندە، ئافغانىستان باش ۋەزىرى مۇھەممەد ھاشىمخان ئۇنى كۈتىۋېلىپ، پادىشاھ مۇھەممەد نادىرشاھنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ بارغان ۋە شۇ يەردە پادىشاھنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان. پادىشاھ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىدىن ئۇنىڭغا ئايرىم رەۋىشتە پۇقرالىق بەرگەن. ئاندىن نادىرشاھ ئۇنى يېزىقچىلىق ۋە تەرجىمە بۆلۈمىنىڭ باش مۇدىرى ۋە پادىشاھ سارىيىدا ئىسلام ئىشلىرى نازارەتچىسى قىلغان. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئىسلام دۇنياسى بىلەن ئالاقىلىشىش ئىدى. ئەللامە تىرازىي ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىپ كەلگەن مۇسۇلمان ئەرەب رەھبەرلەر ۋە ئالىملار بىلەن پادىشاھ سارىيى ئارىسىدا كۆۋرۈك بولغانىدى.

ھىجرىيە 1350 – يىلى (مىلادىيە 1930 – يىلى) شەيخ مۇبەششىر تىرازىي ھەزرەتلىرى ئافغانىستان بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھلىقى ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈش توغرىسىدا سەئۇدىي ھۆكۈمىتى بىلەن كېڭىشىش ئۈچۈن، پادىشاھ مۇھەممەد نادىرشاھنىڭ تەكلىپى بىلەن سەئۇدىغا سەپەر قىلغان ۋە ئۇ يەردە تۇنجى قېتىم پەرز ھەجنى ئادا قىلغان. ئاندىن كېلەركى يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈش ئۈچۈن، نادىرشاھ ئەۋەتكەن ئۆمەك بىلەن سەئۇدىغا يەنە بىر قېتىم سەپەر قىلغان.

ئۇ دائىم «ئىسلاھ» گېزىتى، «ئەنىس» گېزىتى، «كابۇل» گېزىتى دېگەندەك ئافغانىستان گېزىتلىرىدە ھەر خىل تېمىلاردا ماقالە يېزىپ تۇرغان. ھەتتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسەر – يازمىلىرى بىلەن نادىرشاھنىڭ دەۋرىدىكى ئافغانىستان جەمئىيىتىگە ئەڭ كۆپ پايدا بەرگەن كىشى بولۇپ قالغان ئىدى ۋە ئاخباراتچىلىق مۇكاپاتىغىمۇ ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ كۆپلىگەن ئىسلامىي كىتابلارنى يازغان ئىدى.

ئۇ ئافغانىستاندا جىم تۇرماستىن، رۇس – گېرمانىيە ئۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ، ۋەتىنىنى بولشېۋىك رۇسلارنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن، شۇ چاغدا گېرمانىيەدە تۇرغان پەلەستىن مۇجاھىدى ھاجى ئەمىن ھۇسەينىينىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق گېرمانىيە رەھبىرى گېتلىر بىلەن كېلىشىپ، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا بىر فرونت قۇرغان. ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، گېرمانىيە رۇس ئەسكەرلىرى قاتارىدا ئەسىرگە ئالغان تۈركىستانلىق ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى چېنىقتۇرغاندىن كېيىن قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئەللامە تىرازىي رەھبەرلىكىدىكى ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق تۈركىستانلىق مۇجاھىدلارغا قېتىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. لېكىن، گېرمانلارنىڭ يېڭىلىشى نەتىجىسىدە رۇسلار ئافغانىستان دۆلىتىدىن تىرازىي ۋە ئۇنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم ئادەملىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. 1943 – يىلى ئاپرېلدا نادىرشاھنىڭ ئوغلى زاھىرشاھنىڭ دەۋرىدىكى ئافغانىستان ھۆكۈمىتى رۇسلار بىلەن بولغان مەنپەئەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خىيانەتچىلەرچە ئەللامە تىرازىي ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى قولغا ئالغان ۋە بۇ مەھبۇسلۇق بەش يىل بىر ئاي ئۈچ كۈن داۋاملاشقان. 1948 – يىلى ئافغانىستان پارلامېنتىنىڭ بىر قارارى بىلەن تىرازىي ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى قويۇپ بېرىلگەن.

ئاندىن ئۇ 1950 – يىلىدىن باشلاپ، مىسىردا تۇرۇشنى قارار قىلغان. پادىشاھ فارۇق دەۋرىدىكى مىسىر ھۆكۈمىتى ئۇنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، ئۇنىڭغا مۆتىۋەر كىشىلەرنىڭ ۋە مۇجاھىد رەھبەرلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئايلىق مائاش بېكىتىپ بەرگەن.

ئۇ مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، تۈركىستان مەسىلىسىنى قوزغىتىش ۋە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تۈركىستان بىرلىكى جەمئىيىتىنى قۇرغان. ئۇ تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇتۇقلۇق ھالدا قاھىرەدە ئەرەب تىلىدا ۋە تۈركىستان تىلىدا «تۈركىستان ئاۋازى» ۋە «تۈركىستان» نامىدا ئىككى ژۇرنال چىقارغان. «تۈركىستان ئاۋازى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى شەرقىي تۈركىستانلىق كۈرەشچان مۇجاھىد ئىبراھىم ۋاسىلىي بولغان. «تۈركىستان» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى كۈرەشچان مۇجاھىد مۇھەممەدئەمىن ئىسلامىي بولغان.

تىرازىي بالىلىرىنى ئىسلام ئىلىملىرىنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن ئەزھەرگە كىرگۈزگەن. ئۆزى مۇسۇلمان جەمئىيەت خىزمىتىگە ھەمدەم بولۇش ئۈچۈن، ماقالە يېزىش ۋە ئىسلامىي كىتابلارنى تۈزۈش بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۇ ئەزھەر ماشايىخلىرى ۋە مىسىر پەتىۋا كومىتېتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسلامىي مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭىشىپ تۇراتتى ھەم ئۆز قاراشلىرىنى مىسىر گېزىت – ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىپ تۇراتتى. ئۇ 1950 – يىلىدىن تا ۋاپاتىغىچە مىسىردا ياشىغان.

تىرازىينىڭ مۇستەملىكىگە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى پىرىنسىپى «پۈتۈن ئىسلام خەلقلىرىنىڭ مەسىلىلىرى ھەممە مۇسۇلماننىڭ مەسىلى، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تىرىشىش، مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قالغان ئىسلام خەلقلىرىنى ئازاد قىلىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز» ئىكەنلىكىدە خۇلاسىلىنىدۇ. تىرازىي ئافغانىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ياپونىيە ۋە ئەرەب ئەللىرىدىكى گېزىت – ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە بۇ پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تىرازىي نەسىھەت دىننىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايتتى. شۇڭا بىز ئۇنىڭ ھەر خىل مۇناسىۋەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، كۆپلىگەن ئەرەب – ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ پادىشاھلىرى ۋە رەئىسلىرىگە ھەم دىن ئىشلىرى مەسئۇللىرىغا ئوچۇق – يورۇقلۇق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن تەكلىپ – پىكىرلىرىنى بەرگەنلىكىنى كۆرىمىز. تىرازىي ئۇلاردىن رەھمەت ۋە مەمنۇنىيەت خەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالاتتى. ئۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى بەزى مەسئۇللارنىڭ نەزىرىنى كوممۇنىزمنىڭ ئىسلام ئەللىرىگە تارقىلىش خەتىرىگە ئاغدۇرغان. ۋەھالەنكى، كوممۇنستلار ۋە ئۇلارنىڭ قۇيرۇقچىلىرى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلارنى تارتىۋاتقان ئىسلام خەلقلىرىگە يالتىراق شوئارلىرى ۋە ياردەم قولىنى سۇنۇش باھانىسى بىلەن كوممۇنىزمنى تارقىتىۋاتاتتى.

ئۇ ھەر ۋاقىت ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىشىشىگە چاقىرغۇچى ئالىملاردىن ئىدى. چۈنكى، ئاللاھ مۇسۇلمان بەندىلىرىنى بىرلىشىشكە، ھەمكارلىشىشقا ۋە ئۆزئارا كۆيۈنۈشكە بۇيرۇغان ئىدى. بىرلەشكەندە مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچى ۋە ئىززىتى بولاتتى، ئىسلام دۈشمەنلىرى ئالدىدا ھەيۋىتى بولاتتى. ئاللاھ تائالا كۆپلىگەن ئايەتلەردە بىرلىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلغان بولۇپ، شۇ ئايەتلەرنىڭ بەزىلىرى مۇنۇلاردۇر: ﴿ (ئى ئىنسانلار!) سىلەرنىڭ دىنىڭلار ھەقىقەتەن بىر دىندۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇرمەن، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار﴾ ([1])، ﴿ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئارغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەھكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار﴾ ([2])، ﴿ (پۈتۈن سۆز – ھەرىكەتلىرىڭلاردا) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ – قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ﴾ ([3])، ﴿مۆمىنلەر ھەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار﴾ ([4]).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ مۇنداق دېگەن: «مۆمىن مۆمىنگە نىسبەتەن بۆلەكلىرى بىر – بىرىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرغان بىناغا ئوخشايدۇ»([5]).

شۇ جەھەتتىن، تىرازىي جىمى ئەسەرلىرىدە ئىسلام دۇنياسىنى بىرلىشىشكە چاقىرىق قىلغان ۋە ئاخىرقى دەۋرلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ چۈشكۈنلىشىش سەۋەبىنى بايان قىلغان. ئۇ سەۋەب بولىسمۇ دىنغا چىڭ ئېسىلىشتىن يىراقلىشىش.

مەككە مۇكەررەمەدە «ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى» قۇرۇلغاندا، تىرازىي ئىتتىپاقنىڭ باش كاتىپى شەيخ مۇھەممەد سۇرۇر سەببان ئالىيلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇنىڭغا بىر خەت يازغان. خېتىدە ئۆزىنىڭ قارىشىنى ۋە ئىتتىپاقنى قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ ئومۇمىي ئىسلام دۇنياسىنى قېرىنداشلىشىشقا، ئىتتىپاقلىشىشقا ۋە بىرلىشىشكە چاقىرىپ كۆپ ماقالىلەرنى يازغان. شەيخ تىرازىي ۋە شەيخ سەببان ئىككىسى دوست بولۇپ، قاھىرە ۋە مەككىدە بىر – بىرلىرىنى يوقلىشىپ تۇراتتى ۋە بەزى ئىسلامىي مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشەتتى. ئىتتىپاق تىرازىينىڭ پىكىر – ئىدىيەلىرىگە ھۆرمەت قىلاتتى، تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلاتتى. 1972 – يىلى ئۇنىڭ «الإسلام الدين الفطري الأبدي» (ئەلئىسلام ئەددىينۇل فىترىييۇل ئەبەدىي) دېگەن ئىككى قىسىملىق كىتابىنى خىراجەت ئاجرىتىپ نەشر قىلدۇرغانىدى. ئىتتىپاق 1977 – يىلى ئۇنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى بىلگەندە، تونۇشلۇق ئىسلام يازغۇچىسى ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىي يازغان «ئەللامە تىرازىي ئاللاھنىڭ ئامانىتىدە» ناملىق بىر ماقالە بىلەن تەزىيە بىلدۈرگەن ئىدى.

ھىجرىيە 1378 – يىلى (مىلادىيە 1958 – يىلى) تىرازىي ھەج قىلماقچى بولۇپ، چوڭ ئوغلى پروفېسسور ئۇستاز نەسرۇللاھ تىرازىي – ئاخىرقى بۇخارا پادىشاھى ئالىمخاننىڭ قىزىنىڭ يولدىشى – بىلەن قاھىرەدىن سەئۇدىغا سەپەر قىلغان ۋە پادىشاھ سەئۇد ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىلەن كۆرۈشكەن. پادىشاھ ئۇلارغا ئېسىل ھەدىيەلەرنى بەرگەن.

ھىجرىيە 1388 – يىلى (مىلادىيە 1968 – يىلى) تىرازىي ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقىنىڭ چاقىرىقى بىلەن مۇقەددەس زېمىنلارغا يەنە بىر قېتىم سەپەر قىلىپ، پادىشاھ فەيسەل ئىبنى ئابدۇلئەزىز بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، پادىشاھ فەيسەل ئۇنى قىزغىن قارشى ئالغان ۋە ئۇنىڭغا قىممەتلىك ھەدىيەلەرنى بەرگەن. پادىشاھ فەيسەل ئۇنىڭ بۈيۈك ئىسلام ئالىملىرىدىن بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى.

شەيخ تىرازىي مىلادىيە 1977 – يىلى 21 – فېۋرال، ھىجرىيە 1397 – يىلى 3 – رەبىئۇلئەۋۋەل دۈشەنبە كۈنى قاھىرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن. مىسىر خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى ئالىملار، ئەدىبلەر ۋە دەۋەتچىلەردىن تەشكىللەنگەن بىر كارۋان ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالاشقان. ئۇنىڭ نامىزىنى ئەزھەر باش شەيخى ئابدۇلھەلىم مەھمۇد چۈشۈرگەن ۋە قاھىرە مۇقەتتەمدىكى تىرازىي جەمەتى قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان.

مىسىردىكى ئىلىم ۋە پىكىر ئىگىلىرى ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 1987 – يىلى «ئەين شەمس» ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۈچ كۈن ئۇ توغرىسىدا ئىلمىي يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن.

مىسىر، سەئۇدى، سۈرىيە، ئافغانىستان، پاكىستان، تۈركىيە ۋە ھىندىنوزىيە قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە، شۇنىڭدەك ھىندىستان، ياپونىيە ۋە ياۋروپادا كۆپلىگەن ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار، بەزى تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇستازلىرى شەيخ تىرازىي ھەزرەتلىرىنىڭ كىملىكى، ئىلمىي تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئىسلامغا سۇنغان ئۇلۇغ خىزمەتلىرى بارىسىدا ماقالىلەرنى، قەسىدىلەرنى ۋە تەتقىقات ئەسەرلىرىنى يازغان. شەيخ تىرازىينىڭ سالاھىيىتى، جىھادى ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرى توغرىسىدا يەنە بەزى مىسىر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئەنگە ئېلىنغان ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق رىسالىلىرىمۇ بار.

ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە كەلسەك، ئەسەرلىرىنىڭ سانى خىلمۇخىل ئىسلامىي تېمىلاردا 50 پارچە كىتاب ۋە رىسالىگە يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنى ئۇ ئەرەبچە، پارسچە ۋە تۈركچە ئۈچ خىل تىلدا يازغان. ئۇنىڭ كىتابلىرى دۈشمەنلەر ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى قوزغىغان پىتنە – ئۇرۇش ئاپەتلىرىنىڭ، شەھۋانىيلىق ۋە دەھرىيلىكنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان بۇ زاماندىكى مۇسۇلمان ئىنسان ئۈچۈن مۇھىم ئەپكارلار بىلەن تولغان. شۇنىڭدەك، ئۇ ئەرەب ئەللىرىدە ياشىغان 45 يىل داۋامىدا 46 خىل گېزىت – ژۇرناللاردا ئىسلامىي مەسىلىلەر توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالىلەرنى يازغان. ئۇ ژۇرناللار مەسىلەن، مىسىردىكى «ئەزھەر» ژۇرنىلى، «خەلق» گېزىتى، «ئىسلام مۇنبىرى» ژۇرنىلى، دىمەشقتىكى «شۇرا» گېزىتى، «ئىسلام بىرلىكى» ژۇرنىلى، سەئۇدىدىكى «ھىجاز ئاۋازى گېزىتى» قاتارلىقلار. ئۇ يەنە ھىندىستان، پاكىستان ۋە ياپونىيەدىكى بەزەن گېزىتلاردىمۇ ماقالە ئېلان قىلغان.

ئەللامە مۇبەششىر تىرازىي ئۆتكۈر شېئىرىي ئەقلىيەتكە ئىگە شائىر بولۇپ، مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئىلىم – مەرىپىتىنىڭ ئېنسىكلوپېدىيىلىكى ۋە غايىسىنىڭ روشەنلىكىنىڭ مېۋىسىنى كۆرگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ شائىرلىقىنى ئىلىم بىلەن ئوزۇقلاندۇرغاچقا، ئۇنىڭ شېئىرلىرى تىلى كۈچلۈك، مەنىسى چوڭقۇر، كۆڭۈلگە تەسىرچان چىققان. ئۇ ئەرەبچە، تۈركچە، پارسچىدىن ئىبارەت چوڭ ئۈچ ئىسلامىي تىلدا پاساھەتلىك قەسىدىلەرنى پۈتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ 11 دانە پارسچە ئەسىرىنىڭ ئىچىدىكى «يادكار زندان يا آيينة جهان» دېگەن مەسنەۋىسى تۆت مىڭدىن ئارتۇق بېيىتتىن تەركىب تاپقان، پەيلاسوپ ۋە دانىشمەنلەرچە چوڭقۇر ئوي- پىكىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. تىرازىي بۇ مەسنەۋىدىكى 24 بېيىتتا ئىسلام شائىرى مۇھەممەد ئىقبال بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ھېكايە قىلىدۇ. سۆھبەتتە ئەللامە ئىقبال ئەللامە تىرازىيدىن سوئال سوراپ مۇنداق دەيدۇ: «سەلەفلەر ئۆلۈمدىن قورقمايتتى، ئەمما بۈگۈنكى مۇسۇلمانلار ئۆلۈمدىن قورقىدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب نېمە؟». تىرازىي مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «سەۋەبى ئىماننىڭ كۈچلۈك ۋە ئاجىز بولۇشىغا بېرىپ تاقىلىدۇ. چۈنكى، سەلەفلەر ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ۋە ئىسلام شەرىئىتىگە بولغان ئىمانىدا كۈچلۈك ئىدى. ئەمما، ھازىرقى مۇسۇلمانلار ئىسلام تەلىماتلىرىدىن يىراقلىشىش، پىكىر ۋە ئەمەلدە غەربنى دوراش نەتىجىسىدە ئىمانلىرى ئاجىزلاشتى».

ئەللامە تىرازىي ئىككى مۇناسىۋەت بىلەن ئەللامە ئىقبال بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، بىرىنچىسى: ئىقبال ھىجرىيە 1354 – يىلى، مىلادىيە 1931 – يىلى پادىشاھ مۇھەممەد نادىرشاھنىڭ تەكلىپى بىلەن ھىندىستان ئالىملىرى ئۆمىكى قاتارىدا ئافغانىستاننى زىيارەت قىلغاندا ئىككىسى ئۇچراشقان. شۇ ۋاقىتتىكى زىيارىتى 1931 – يىلى 2 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن 4 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە بولغان. ئىككىنچىسى: تىرازىي 1936 – يىلى داۋالىنىش ئۈچۈن ھىندىستانغا بېرىپ، مەلۇم كۈن دېھلىدا تۇرغان. شۇ چاغدا ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ چوڭ ئالىملىرى ۋە رەھبەرلىرى ئۇنى زىيارەت قىلىپ كۆرۈشىۋېلىشقا ئالدىرىغان. شەيخ سۇلايمان نەدەۋىي، شەيخ ئەھمەد سەئىد، ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ مۇپتىسى شەيخ مۇھەممەد كۇفايەتۇللاھ، دىيوبەندتىكى ئالىملار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شەيخ قارى مۇھەممەد تەييىبلار ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ئىدى. ئەللامە دوكتور مۇھەممەد ئىقبال تىرازىينىڭ ھىندىستاندا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، لاھۇردىن دېھلىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنى لاھۇردا «ئىسلامىي بىرلىشىشنىڭ ۋاجىپلىقى» ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان.

ئۇنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرى:

1.     يادكار زندان يا آيينة جهان.

2.     «درة التيجان في مدح السلطان». پارسچە يازغان شېئىر دىۋانى بولۇپ، ئۇنى ئۆزى ئەرەبچىگە شېئىرىي تەرجىمە قىلغان.

3.     «أزهار حديقة الحياة». تۈركچە، پارسچە ۋە ئەرەبچە شېئىر دىۋانى.

4.     «عقد اللآل في عقد الأمثال». نەزمە، قوليازما.

ئۇنىڭ باشقا كىتابلىرىدىن:

1.     القرآن والنبوة.

2.     الإسلام الدين الفطري الأبدي.

3.     عسكرية در إسلام (پارسچە بولۇپ، ئوغلى دوكتور ئابدۇللاھ تىرازىي پارسچىدىن ئەرەبچىگە «إلى الجندية أيها العرب» نامىدا تەرجىمە قىلغان) .

4.     النبذة في السيرة النبوية.

5.     كشف اللثام عن رباعيات الخيام.

6.     الأخلاق في الإسلام.

7.     المرأة وحقوقها في الإسلام.

8.     القرآن.

9.     التدين.

10. سرعة انتشار الإسلام لماذا؟

11. إياك والخمر.

12. علوم وفنون در إسلام.

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1.     تتمة الأعلام للزركلي.

2.     ۋېكىپىدىيا.

3.     http://www.almoajam.org/poet_details.php?id=5572

4.     http://akhbar – alkhaleej.com/news/article/1081973

5.     https://www.adabislami.org/news/3154

تەييارلىغۇچى: قاراخانىي.
————————-
([1]) سۈرە «ئەنبىيا»، 92 – ئايەت.
([2]) سۈرە «ئال ئىمران»، 103 – ئايەت.
([3]) سۈرە «ئەنفال»، 46 – ئايەت.
([4]) سۈرە «ھۇجۇرات»، 10 – ئايەت.
([5]) بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز