شەيخۇلئىسلام مۇستافا سەبرى

(ھىجرىيە 1286 – 1373 / مىلادىيە 1869 – 1954)

 

تۈركىيە تۆت ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت خەلىپىلىك ۋە سەلتەنەت پايتەختى بولغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئىككى ئەسىر كاپىرلارنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ كەلگەن. سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ شۇ چاغدىكى دۇنيانىڭ پايتەختى كونىستانتىنوپولنى فەتھى قىلغان. ئاللاھ ئۇزۇن ئەسىرلەر بويى ئوسمانىيلار ئارقىلىق ئىسلامنى، مۇسۇلمانلارنى قوغدىدى، ئۇلار ئارقىلىق كۆپ پايدىلارنى يەتكۈزدى ۋە ئۇلارنىڭ قوللىرىدا مىليونلىغان ئازغۇنلارنى ئىسلامغا كىرگۈزدى. ئەزان ۋە تەكبىر ئۇلارنىڭ قوللىرى بىلەن ياۋروپانىڭ يۈرىكى بالقانغىچە يېتىپ باردى. بۇ دۆلەتنىڭ ساناپ تۈگەتكۈسىز ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە ئىسلام ئۈچۈن ھەددى – ھېسابسىز خىزمەتلىرى بار، ئەلۋەتتە.

لېكىن ئاللاھنىڭ كائىناتتىكى قانۇنىيىتى ئۆزگەرمەستۇر. كېيىن سۇلتانلار بارا – بارا ئاجىزلاشتى، دۇنياغا بېرىلدى، جىھادنىڭ ئۆزلىرىگە پەرز ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇدى، ئاۋۋال سەل قارىغانلىقىتىن، ئاندىن ئاجىز كەلگەنلىكتىن زېمىنلىرىدا يەھۇدىي، ماسۇنىي ۋە تۇران مىللەتچىلىكى قاتارلىقلارنىڭ كېڭىيىشىگە رازى بولدى. سۇلتان ئابدۇلھەمىد دۆلەتنى قۇتقۇزۇشقا تىرىشقان بولسىمۇ، بوران – چاپقۇنلار ئۇنىڭغا بوي بەرمىدى، داۋانلار ئېگىز ۋە چوڭ ئىدى.

نەتىجىدە، سۇلتان مەنسىپىدىن ئېلىندى، ئۇنىڭدىن كېيىن مەنسەپكە ھېچبىر كۈچى يوق كىشىلەر ئىگە بولدى، ماسۇنىي «بىرلىك ۋە تەرەققىيات جەمئىيىتى» ھاكىمىيەتنى ئىگىلىدى. ئاندىن ئىلمانىيلارنىڭ ئاتىسى، ئىسلام دىنىنى ئۆچ كۆرگۈچىلەرنىڭ ئۈلگىسى، خىيانەت ۋە غالچىلىقنىڭ نەمۇنىسى، ئەڭ چوڭ ئازغۇن مۇستاپا كامال مەيدانغا كېلىپ، 1922 – يىلى سۇلتانلىقنى، 1924 – يىلى خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇردى ۋە دۆلەتنىڭ ئازغۇن دىنسىز جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ئەزاننى ئەرەبچە توۋلاشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئاياللارنى ھىجابسىزلىققا، ئەرلەرنى شەپكە كىيىشكە مەجبۇرلىدى، ئەرەب ئېلىپبەسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، ئەسلىدە تۈرك تىلى ئەرەب ئېلىپبەسى بىلەن يېزىلاتتى، تۈرك تىلىدىن نۇرغۇنلىغان ئەرەبچە سۆزلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا غەرب تىللىرىدىن سۆز قوبۇل قىلدى، ھەجنى مەنئى قىلدى ۋە تۈرك خەلقىنى تامامەن غەربلەشتۈردى.

شەيخۇلئىسلام مۇستافا سەبرى ئەپەندى رەھىمەھۇللاھ ئەنە شۇ قاتتىق زاماندا ياشىغان ئىدى.

مۇستافا سەبرى ئەپەندى ھىجرىيە 1286 – يىلى (مىلادىيە 1869 – يىلى) ئاناتولىيەنىڭ توقاد شەھىرىدە، تۈرك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. تۈركىيەدە ئومۇملاشقان ھەنەفىي مەزھىپى بويىچە ئوقۇپ چوڭ بولغان ۋە 22 يېشىدا سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ جامەسىدە مۇدەررىس بولغان. ئۇ بۇ مەنسەپكە تاللانغانلار ئىچىدە يېشى ئەڭ كىچىكى ئىدى. ئېنىقكى، بۇ ئۇنىڭ بالدۇرلا كۆزگە چاقنىغانلىقىنىڭ دەلىلىدۇر. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەن شاگىرتلىرىدىن 50 ئوقۇغۇچىغا ئىجازەت بەرگەن بولۇپ، بۇ زور سان ھېسابلىنىدۇ.

سۇلتان ئابدۇلھەمىد (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي!) ئۇنى يىلدىز سارىيى كۇتۇپخانىسىنىڭ كاتىپلىقىغا تاللىغان ئىدى. بۇ ئۇنىڭغا كېلاسسىك ئەسەرلەرنى قوغداش قانۇنى بويىچە ساراي تېشىغا ئېلىپ چىقىش چەكلىنىدىغان قىممەتلىك كىتابلارنى مۇتالىئە قىلىش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەرگەن ئىدى. ئاندىن ئۇ «ئوسمانلى مەجلىسى مەبئۇسان»دا ئۆز يۇرتى توقادنىڭ ۋەكىلى بولۇپ تاللاندى. مەجلىسى مەبئۇسان دېگىنىمىز خەلق كېڭىشىگە ئوخشايدىغان مەجلىس بولۇپ، ئوسمانىيلار ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى بارلىق ئەللەردىن تاللانغان ۋەكىللەر ئۇنىڭدا ۋەكىللىك قىلاتتى.

شۇ چاغدا ئۇ «ھەق بايانى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىكىنى قىلغان بولۇپ، بۇ ژۇرنال ئۇ رەئىسلىك قىلىۋاتقان «ئىلمىي جەمئىيەت» تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان ژۇرنال ئىدى. ئۇ يەنە، «دارۇل ھېكمەت»نىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، بۇ ئورگان شۇ چاغدىكى ئوسمانيلار دۆلىتىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئالىملىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىلمىي ئورگان ئىدى.

سۇلتان ئۇنى ئالىي پالاتا ئەزالىقىغا تەيىنلىگەن ئىدى. ئۇ يەنە دارۇل ھەدىسنىڭ ھەدىس شېرىپ مۇدەررىسى، ھىجرىيە 1323 – يىلى ئىسلام ئالىملىرى كېڭىشىگە قاراشلىق شەرئى ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىش ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق كۆپلىگەن ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەنگەنىدى. لېكىن، دىققەتنى تارتىدىغان تەرىپى ئۇنىڭ نۇتۇق قابىلىيىتى بولۇپ، ئۇ بۇ قابىلىيىتىنى تۇران مىللەتچىلىرىنىڭ ئەپت – بەشىرىسى ۋە ئۇلارنىڭ دىنسىزلىق خاھىشلىرى، ماسۇنىي ئىتتىھادچىلار[1] يەنى سۇلتان ئابدۇلھەمىد رەھىمەھۇللاھ مەنسەپتىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن دۆلەتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا كىرگۈزىۋالغان بىرلىك ۋە تەرققىيات جەمئىيىتىنىڭ ئەيىبلىرىنى ئېچىشقا ئىشلەتكەن ئىدى.

بۇ جەمئىيەت ۋە ئىتتىھادچىلار ھەققىدە سۆزلىسەك گەپ ئۇزىراپ كېتىدۇ. ئۇلارنى يىغىنچاقلاپ چۈشەندۈرسەك، ئۇلار دۆلەتنى چەكتىن ئاشقان تۈرك – تۇران مىللەتچىلىكىگە پاتۇرۇپ قويغان بولۇپ، ئەرەب، كورد، ئالباندەك تۈرك بولمىغان مۇسۇلمانلارنى تۈركلەردىن تۆۋەن سانايتتى. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ يىقىلىشىنى ۋە كۈچىنىڭ پارچىلىنىشىنى تېزلەتكەن ئەسەبىيلىك ئوتىنى ياققان ئىدى. شائىر ھافىز ئىبراھىمدەك مۇسۇلمانلار ئىتتىھادچىلارنىڭ رەھبەرلىرىدىن نىيازى، ئەنۋەر، شەۋكەت، مەدھەت قاتارلىقلار بىلەن ئالدانغان بولۇپ، بىر تۈركۈملەر ئۇلارنى ماختىغان ئىدى. كېيىن كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ يامان نىيەتلىرى ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن كېچىككەن ئىدى.

شەيخ بەزى بۇرادەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىتتىپاقلىق ۋە ھۆرلۈك نامىدا بىر پارتىيە پارتىيەنى قۇرغانىدى. ئۇ مۇئاۋىن پارتىيە رەئىسى، رەسمىي باياناتچىسى ۋە پارلامېنتتا ئۆكتىچى پارتىيەلەر رەئىسى بولغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۇقىرى نۇتۇق قابىلىيىتى ئارقىلىق ئىتتىھادچىلارغا قارشى سىياسەتلەرنى راۋاجلاندۇرىدىغان، ئۇلارنىڭ رەسۋاچىلىقلىرى ۋە يەھۇدىيلار بىلەن ئىچ پەش تارتىشىشلىرىنى ئېچىپ تاشلايدىغان ئۇشبۇ پارتىيەنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك پائالىيەتچىسى بولغانىدى. شەيخ مۇستافا سەبرى بۇ مىللەتچى ئىتتىھادچىلارنىڭ ئەيىبلىرىنى ئېچىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پارلامېنتتىكى ئورنىدىن پايدىلانغان ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىشنى پىلانلىغاندىن كېيىن، شەيخ 1913 – يىلى مىسىرغا، ئاندىن ياۋروپاغا قاچتى ۋە كىشىلەرنى بۇلاردىن ئاگاھلاندۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئازغۇنلۇقلىرىنى ئېچىپ تاشلاشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇ رومېنىيەنىڭ بۇخارېست شەھىرىدە تۇرغان ئىدى.

ئاندىن بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈرك ئارمىيەسى رومېنىيە بىلەن ئۇرۇشىۋاتقان ئەسنادا تۈرك ئارمىيەسى ئۇنى قولغا ئېلىپ، ئىستانبۇلغا يوللىدى. ئۇرۇش تۈرك ئىتتىھادچىلارنىڭ يېڭىلىشى ۋە قېچىشى بىلەن ئاياغلاشقۇچە ئۇ قاماقلىق پېتى تۇردى.

سۇلتان ۋەھىدۇددىن ئۇنى ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ شەيخۇلئىسلامى، يۇقىرى پالاتانىڭ ئەزاسى قىلىپ تەيىنلىدى. ھەمدە ئۇ ۋەزىرئەزەم (باش مىنىستىر) نىڭ پارىژ سۆھبەت سەپىرىدە ئالتە ئاي ئۇنىڭ ئورۇنباسارى بولدى. بۇنىڭ ھەننىۋاسى ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شەيخۇلئىسلام مەنسىپى شۇ چاغدىكى ئوسمانىيلار دۆلىتى تۈزۈمىدە ۋەزىرئەزەم مەنسىپىنىڭ كەينىدىلا تۇراتتى.

ئاندىن ئىتتىھادچىلاردىن كېيىن كامالچىلار مەيدانغا كەلدى ۋە مۇستاپا كامال زېمىندا بۇزۇقچىلىق تېرىدى. شەيخۇلئىسلام مۇستافا سەبرى ئەپەندى ھىجرىيە 1341 – يىلى (مىلادىيە 1922 – يىلى) سۇلتانلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش قارارىدىن كېيىن، تۈركىيەنى تەرك ئېتىشكە قىستالدى ۋە گرېتسىيەگە كەتتى. ئۇ يەردە ئەتراپىغا تۈركلەرنى توپلىدى ۋە تۈركچە گېزىت چىقىرىپ، مۇستاپا كامالنىڭ قەبىھ يۈزىنى ۋە سىياسەتلىرىنى ئاشكارىلىدى. نەتىجىدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى گرېتسىيەدىن ئۇنى كۆزدىن نېرى قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىسىرغا سەپەر قىلىپ، مىسىردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ ئىشلار (1922 – يىلى) شۇ بىر يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئىدى.

كېيىن ئۇ مىسىردىن ھىجازغا باردى ۋە پادىشاھ شەرىف ھۇسەين ئۇنى بىر مۇددەت مەككىدە مېھمان قىلدى. ئۇ شەرىف ھۈسەيننىڭ خەلىپىلىكنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تېزلا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، مىسىرغا قايتىپ كەتتى ۋە ھىجرىيە 1373 – يىلى (مىلادىيە 1954 – يىلى) ۋاپات بولغۇچە مىسىردا تۇرۇپ قالدى.

ئۇ قاھىرەدە يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىغا قارىماستىن، مالامەتچىنىڭ مالامىتىدىن قورقماي، ئىسلامنى قوغداش يولىدا زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تىرىشچانلىقلىرى تۆۋەندىكىلەردە گەۋدىلىنىدۇ:

بىرىنچى: كامالچىلارنىڭ ئىسلامغا ۋە تۈركىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى پىلانلىرىنى ئېچىپ تاشلاش. ئۇ بۇ جەھەتتە مۇستاپا كامال تەرەپتە تۇرىدىغان ۋە ئۇنى تۈركىيەنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەپ قارايدىغان كۆپلىگەن مىسىرلىق زىيالىيلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. شۇڭا، مىسىرنىڭ گېزىت – ژۇرناللىرى شەيخۇلئىسلامنى «قالاق ۋە تۈركىيەدە يوقىتىپ قويغان مەنسىپىنى سېغىنىپ قالغان گەپ» دەپ ئىزچىل قارىلىدى ۋە ئۇنىڭ كۆپلىگەن ماقالىلىرىنى چەكلىدى. شۇ يەردە ئۇ «النكير على منكر النعمة من الدين والخلافة والأمة (ئەننەكىير ئەلا مۇنكەرىن نېئمە مىنەددىين ۋەلئۈممە)» ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىقتى، كىتابىنى كۆپلىگەن مىسىرلىقلار قارشى چىققاندىن كېيىن لېۋانغا بېرىپ شۇ يەردە باسقۇزدى. بۇ كىتابتا ئۇ كامالچىلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلامغا، مۇسۇلمانلارغا قارشى پائالىيەتلىرىنى پاش قىلىپ، ئىتتىھادچىلار بىلەن كامالچىلارنىڭ بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى ئىكەنلىكى، ئىككىلىسىنىڭ يەھۇدىيلار بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. چۈنكى، كامالچىلارنىڭ مالىيە مىنىستىرى يەھۇدىي ئىدى، مائارىپ مىنىستىرى خالىدە زىيامۇ يەھۇدىي پۇشتىدىن ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «كامالچىلار ۋە ئىتتىھادچىلار بىر پارتىيە. ئىتتىھادچىلارغا ئاللاھنىڭ لەنىتى بولسۇنكى، ئۇلار ئارمىيەگە سىياسەتنى كىرگۈزۈپ، يامان بىر ئىشنى پەيدا قىلدى، ئارمىيە سىياسەتكە ئارىلاشقاندىن كېيىن، ئارمىيە دۆلەتكە ئاپەت بولدى. ئۇلار ئىمپىرىيەنى ئىككى ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىپ، شۇ ئارقىلىق خەلىپىلىكنى، دۆلەتنى، ئۈممەتنى نابۇت قىلدى. سىز يەھۇدىيلاردىن باشقا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچى ۋە تېشىدا ئىتتىھادچىلارنى ۋە كامالچىلارنى ئىزچىل دوست تۇتقان بىرەر مىللەتنى ياكى بىرەر قەۋمنى تاپالمايسىز».

شەيخۇلئىسلام مىسىردا تۇرۇپ بىر يىلچە ئۆتكەندىن كېيىن، مۇستاپا كامال خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندا، مىسرلىقلاردىن ئالدىنىپ قالغانلار شەيخۇلئىسلامنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ راستلىقىنى بىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ لېۋاندىن رومېنىيەگە، ئاندىن گرېتىسيەگە سەپەر قىلدى ۋە گرېتسىيەدە «يارېن» نامىدا بىر گېزىت چىقاردى. گرېتسىيەلىكلەر تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇنى قوغلاپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ 1929 – يىلى ئىككىنچى قېتىم مىسىردا پاناھلاندى ۋە ھىجرىيە 1373 – يىلى (مىلادىيە 1954 – يىلى) ئۆلگەنگە قەدەر مىسىردا تۇرۇپ قالدى.

ئىككىنچى: شۇ چاغدا مىسىردا تارقالغان ناچار يازمىلارنىڭ ئەپت – بەشىرىسىنى ئېچىش

ئەينى ۋاقىتتا گېزىت – ژۇرناللاردا ۋە بەزى كىتابلاردا چىرىك ئىدىيەلەر تارقالغان بولۇپ، شەيخ ئەلى ئابدۇرازىقنىڭ «الإسلام وأصول الحكم (ئەلئىسلام ۋە ئۇسۇلۇلھۇكم)» دېگەن كىتابى شۇ كىتابلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. كېيىنچە ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇنىڭ بۇ كىتابنى تۈزۈشىگە تاھا ھۈسەين ياردەملەشكەن ئىكەن. ئۇنىڭدا ئىككىسى ئىسلامنىڭ پەقەتلا بىر دىن ئىكەنلىكى، دۆلەت ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، سىياسەتنى دىندىن ئايرىشنى ئىلگىرى سۈرگەن، مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيەدە قىلغىنىمۇ مۇشۇ ئىدى. مۇستاپا كامالنىڭ ئىنقىلابى مىسىردىكى زامانىۋىلىقنى قوغلىشىدىغانلارنىڭ كۆپىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار تۈركىيەدىن خەلقى مۇسۇلمان، ھۆكۈمىتى دىنسىز بىر «زامانىۋى» دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۈلگىسىنى كۆرگەن ئىدى. شەيخۇلئىسلام ئىلاھىي قانۇن بىلەن ئىنسانىي قانۇن ئارىسىنى ئايرىپ، ئىلاھىي قانۇننىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ۋە ئىنسانىي قانۇننىڭ ئاپەتلىرىنى بايان قىلغان ۋە ئىلاھىي قانۇننى قوللىنىش ھەققىدە پەيدا بولغان شۈبھىلەرگە رەددىيە بەرگەن.

كېيىن شەيخۇلئىسلام مۆجىزىلەرنى ۋە كاراماتلارنى ئىنكار قىلغۇچىلار ياكى ئۇنى ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار ئىكەنلىكىدىن چىقىرىپ تاشلايدىغان دەرىجىدە تەۋىل قىلىدىغانلار بىلەن تىركەشتى. ئۇلار ئىچىدە بىر قانچە نەپەر يۈز ئابرۇيلۇق كىشىلەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ قارىشىچە ئەقىلگە ماس ۋە شەيئىلەرنىڭ تەبئىتىگە ئۇيغۇن بولغانلىقى ئۈچۈن قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇستاز مۇھەممەد ئابدۇھ، مۇھەممەد فەرىد ۋۇجدى، مۇھەممەد ھەسەن ھەيكەل ۋە باشقا بىر تۈركۈم كىشىلەرگە رەددىيە بېرىپ، مۇشۇ بابتىكى مۇھىم كىتابى «موقف العقل والعلم والعالم من رب العالمين (مەۋقىفۇلئەقل ۋەلئىلم ۋەلئالەم مىن رەببىلئالەمين)»نى يېزىپ چىقتى. بۇ كىتابى چوڭ ھەجىملىك كىتاب بولۇپ، تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن.

ئاندىن ھىجرىيە 1354 – يىلى (مىلادىيە 1934 – يىلى) «قولي فى المرأة (قەۋلى فىلمەرئە)» دېگەن كىتابىنى چىقاردى، ئۇنىڭدا مىسىر پارلامېنتىغا سۇنۇلغان بىر قانۇن لايىھىسىگە رەددىيە بەرگەن ئىدى. مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە ئائىلە ھەق تەلەپ قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشقا چەك قويۇش، تالاققا چەك قويۇش ۋە مىراستا ئەر بىلەن ئايالنى باراۋەر قىلىش … تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

ئۇنىڭ يەنە «مسألة ترجمة القرآن (مەسئەلەتۇ تەرجەمەتىلقۇرئان)» ناملىق بىر كىتابى بار. كىتابىدا ئەزھەر باش شەيخى مۇھەممەد مۇستافا مەراغىغا رەددىيە بەرگەن بولۇپ، مەراغى نامازدا قۇرئاننىڭ تۈركچە ۋە باشقا تەرجىمىلىرىنى ئوقۇسا، ناماز دۇرۇس بولىدۇ، دەپ پەتىۋا بەرگەن ئىدى. چۈنكى، كامالچىلار نامازنى قۇرئاننىڭ ئورنىغا تۈركچە تەرجىمىسى بىلەن ئوقۇشقا بۇيرۇق قىلغانىدى. مەراغى بۇ پەتىۋاسى بىلەن كامالچىلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى قوللاپ بەرگەندەك ئىش قىلغانىدى.

شەيخۇلئىسلام يەنە «موقف البشر تحت سلطان القدر (مەۋقىفۇلبەشەر تەھتە سۇلتانىلقەدەر)» دېگەن كىتابىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقىدا قېلىشى، يۆلىنىۋېلىشى ۋە چۈشكۈنلىشىشى ئۇلارنىڭ قازا – قەدەر ئەقىدىسىگە بېرىپ تاقىلىدۇ، دەپ دەۋا قىلغانلارغا رەددىيە بەرگەن ۋە ئۇلارنىڭ داۋراڭلىرىغا كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن جاۋاب قايتۇرغان.

شۇنداقلا يەنە «القول الفصل بين الذين يؤمنون بالغيب والذين لا يؤمنون (ئەلقەۋلۇل فەسلۇ بەينەللەزىينە يۇئمىنۇۋنە بىلغەيب ۋەللەزىين لايۇئمىنۇۋن)» ناملىق كىتابى بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىدىن شەكلەندۈرىدىغان دىنسىز ماددىزمچىلارغا، غەيب، پەيغەمبەرلىك ۋە مۆجىزە قاتارلىقلارنى ئىنكار قىلىدىغان كىشىلەرگە رەددىيە بەرگەن.

ئۇنىڭ يەنە بۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن كىتابلىرى ۋە يۈزلىگەن ئەرەبچە، تۈركچە ماقالىلىرى بار.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ئىسمىنى تۈركىيەگە قايتىشتىن چەكلەنگۈچىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىدىن چىقىرىۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مىسىردا قاتتىقچىلىق ۋە قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈردى، ماددىي ۋە مەنىۋى تۈمەنمىڭ ئازاب – ئۇقۇبەتلەرنى باشتىن ئۆتكۈزدى، ھەتتا ئۈچىنچى قېتىم پاراخوت بىلەن ئائىلىسىنى ئېلىپ ئىستانبۇلدىن مىسىرغا سەپەر قىلىش ئۈچۈن كىتابلىرىنى سېتىشقىمۇ مەجبۇر بولدى. لېكىن، ئۇ بوشاشمىدى، ھەق دەپ قارىغان يولدىن چېكىنمىدى، ماڭغان يولىدا مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. مىسىر تۈرلۈك كۈشەندىلەر ئارىسىدا ھەرتەرەپتىن تالاشتا قالغان، ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان ھەققانىيەتچىل ئالىملار كەم بولغان ئاشۇنداق بىر پەيتتە ئۇنىڭدەك بىر رەببانىي ئالىمغا موھتاج ئىدى.

شەيخۇلئىسلامنىڭ سۈپەتلىرى

شەيخۇلئىسلام مۇستافا سەبرىدە بىنانىڭ ئۇل – تۈۋرۈكلىرى كەبى مۇھىم سۈپەتلەر بار بولۇپ، ئۇلار:

بىرىنچى: پىكىر مۇستەقىللىقى

ئۇ قارا – قويۇق ئېقىملارغا ئەگەشمەيتتى، بىر كىشىنى ياكى بىر توپلامنى ھەقكە قانچىلىك ئەگىشىدىغانلىقى، ھەقكە قانچىلىك بوي ئېگىدىغانلىقىغا قاراپ دەڭسەيتتى. ئۇنىڭ زامانىدا بۇ قىيىن بىر ئىش بولۇپ، ئۇنىڭغا پەقەت ئازغىنا كىشىلەرلا قادىر بولالايتتى. بۇ جەھەتتە شەيخ رەشىد رىزا ئۇنىڭغا ئوخشايدۇ. لېكىن، شەيخ مۇستافا سەبرىنىڭ پىكىردىكى مۇستەقىللىق ئارتۇقچىلىقى سەۋەبىدىن، رەشىد رىزا خۇسۇسەن، بۇ ئىشتا ئۇنىڭ مەرتىۋىسىگە يېتەلمىگەن. مۇستافا سەبرى ئەپەندى ئىسلامىي بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى كۆپلىگەن شەخسلەرنى تەنقىدلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا: بۇ مەشھۇر شەخسلەرنى نېمىشقا تەنقىدلەيسىز؟ دېيىلگىنىدە، ئۇ: «مېنىڭ كىتابىم تەرجىمىھال كىتابى ئەمەس، پىرىنسىپلار كىتابى» دېگەن ئىدى.

ئىككىنچى: ئۇنىڭ ھەقتە ۋە ھەق دەۋىتىدە چىڭ تۇرۇشى

مەلۇمكى، مىسىر ئۆتكەنكى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تا يېرىمىغىچە بولغان مەزگىللەردە غەربپەرەس، شەرقشۇناس، يالاقچى قاتارلىقلار بىلەن ھەقىقىي ئىخلاسمەنلەر ئارىسىدا چوڭ بىر جەڭگاھقا ئايلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىخلاسمەنلەر ئارىسىدا دىننى توغرا چۈشىنىدىغان ۋە كەلگەن شۈبھىلەرنى پاچاقلىيالايدىغانلار ئاز ئىدى. نەتىجىدە شەيخۇلئىسلام جۈرئەت بىلەن ھەق دەپ قارىغىنىنى كۈچلۈك ئۇسلۇب ۋە يارقىن دەلىللەر بىلەن قوغداشكە يۈزلەنگەن ئىدى.

ئۈچىنچى: ئىلمىكالامنى پۇختا بىلىشى

بۇ تەرىپى ئۇنىڭ «موقف العقل والعلم والعالم من رب العالمين (مەۋقىفۇلئەقل ۋەلئىلم ۋەلئالەم مىن رەببىلئالەمين)» دېگەن كىتابىدىن روشەن چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ كىتابىنى دىنسىزلىق تارالغان بىر زاماندا يېزىپ، ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقىنى ئەقلىي، كالامىي دەلىللەر بىلەن، يەنە بەزىدە پەلسەپىۋى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاشقا تىرىشقان ئىدى.

تۆتىنچى: شىجائىتى

شەيخۇلئىسلام ناھايىتى شىجائەتلىك زات بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى ئۇنى ئىتتىھادچىلارغا، ئاندىن كامالچىلارغا، بولۇپمۇ مىسىر ۋە باشقا يەرلەردىكى غەربپەرەسلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئۈندىگەن ئىدى، ئۇ بۇ يولدا يولۇقۇشى مۇمكىن بولغان ئەزىيەت ۋە سۇيىقەستلەرگە ئېرەڭشىمەيتتى. ئۇنىڭ يازمىلىرىدا شىجائەت ناھايىتى روشەن ئەكس ئەتكەن.

بەشىنچى: كەسكىن ۋە ئىرادىلىك ئىكەنلىكى

شەيخۇلئىسلام ناھايىتى كەسكىن ۋە ئالىي ھىممەتلىك كىشى ئىدى. ئۇ بۇ كەسكىنلىكى ۋە ئىرادىسىدە تا ئاللاھ ۋاپات تاپقۇزغىچە چىڭ تۇرۇپ، كەينىنى قىلمىغان ياكى بوشاشمىغان ئىدى. ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن!

ئالتىنچى: دۈشمەنلەرنىڭ رەزىل پىلانلىرى، شەرقشۇناس ۋە غەربپەرەسلەرنىڭ شۈبھىلىرىنى تولۇق ئاڭقىرىشى

بۇ خىل سىياسىي ئاڭ شۇ چاغدىكى كۆپىنچە ئۆلىمالاردا مەۋجۇت ئىدى. بۇ تەرىپى ئۇنىڭ ھەممە يازمىلىرىدا ئوچۇق گەۋدىلەنگەن. مەن ئۇنىڭ شۇ يازمىلىرىدىن ئالىملارنى سىياسەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا چاقىرىپ ئېيتقان سۆزىنى نەقىل قىلىمەن: «سىياسەتتىن يىراق تۇرغان ئالىملار بەئەينى ئىنئام ۋە ئېھتىراملارنىڭ بەدىلىگە ھاكىمىيەتنى سىياسەتچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن كىشىلەردۇر».

چاغداشلىرىنىڭ كۆزىدىكى شەيخۇلئىسلام مۇستافا سەبرى

ئۇ توغرىسىدا ئۇستاز مۇھىببىددىن خەتىب: «ئۇ ئەڭ قورقماس ئەركەكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پەزىلىتى ئۆز زامانداشلىرىنىڭ پەزىلىتىدىن بۈيۈكتۇر» دېگەن.

ئۇستاز كەۋسەرى: «مۇجاھىدلارنىڭ كۆز قارىچۇقى» دېگەن.

ئۇستاز ئابدۇلفەتتاھ ئەبۇ غۇددە: « ئۇنىڭ ‹موقف العقل والعلم والعالم من رب العالمين (مەۋقىفۇلئەقل ۋەلئىلم ۋەلئالەم مىن رەببىلئالەمين)› دېگەن كىتابى دەتالاشسىز دەۋر بۆلگۈچ كىتابتۇر» دېگەن.

ئاللاھ تائالا شەيخۇلئىسلام مۇستافا سەبرىگە رەھمەت قىلسۇن ۋە مۇسۇلمانلارغا ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرسۇن! كۆپلىگەن ماشايىخلار نە قىممىتى، نە ۋەزنى، نە ھەيۋىتى ۋە نە ھېچبىر سۆزى يوق مائاشچىلارغا ئايلىنىپ قالغان بۇ زاماندا، ئۇنىڭدەك كىشىلەرگە تولىمۇ موھتاج بولماقتىمىز. ئىننا لىللاھى ۋەئىننا ئىلەيھى راجىئۇن!

مەنبە: شەيخ مۇسا شەرىفنىڭ «عظماء منسيون فى التاريخ الحديث» ناملىق كىتابى ۋە islamonline.net.

تەرجىمىدە: قاراخانىي

——————————————
[1]تۈركچە ئاتىلىشى: ittihad ve terekki cemiyeti.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ