(ھ. ؟ – 393 / م. ؟ – 1003)
شانلىق قاراخانىيلار دۆلىتى دەۋرىدە ئاجايىب بۈيۈك ئالىملار، پەيلاسوپلار، شائىرلار، تارىخچىلار، قوماندانلار ۋە تىلشۇناسلار مەيدانغا كەلگەن.
قاراخانىي تۈركلىرىدىن ئەبۇ نەسر فارابىي ئىسلام پەيلاسوپى دەپ ئاتىلىپ پەلسەپەدە، مەھمۇد كاشغەرىي ئەڭ بۈيۈك تۈركولوگ دەپ ئاتىلىپ، تۈرك – ئەرەب تىلشۇناسلىقىدا زور شۆھرەتلەر قازانغان بولسا، قاراخانىيلار دۆلىتى تەۋەلىكىدىكى فارابتا تۇغۇلغان ئۇشبۇ قەھرىمانىمىزنىڭ «سىھاھ» دەپ مەشھۇر بولغان «تاجۇللۇغە ۋە سىھاھۇل ئەرەبىييە (ئەرەب تىلنىڭ تاجى ۋە سەھىھ سۆزلۈكلىرى)»(1) دېگەن كىتابى ئۇنى ئەرەب تىلىنىڭ پېشۋاسى بولۇشقا لايىق قىلغان ۋە ئۇ بۇ كىتابى ئارقىلىق ئەرەب تىلشۇناسلىقىدا زور شۆھرەت قازانغان. جەۋھەرىينىڭ ۋاپاتىدىن بەش يىل كېيىن تۇغۇلغان مەھمۇد كاشغەرىينىڭ «دىيۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» كىتابى تۈرك تىلى ساھەسىدە ئەڭ چوڭ ئىشەنچلىك مەنبە بولغاندەك، ئىمام جەۋھەرىينىڭ «سىھاھ» كىتابى ئەرەب تىلى ساھەسىدە ئەڭ چوڭ ئىشەنچلىك مەنبەدۇر. ئىمام بۇخارىي ھەدىسلەرنى ئىلغاپ، ئەڭ سەھىھلىرىنى كىتابى «سەھىھۇلبۇخارىي»غا توپلىغاندەك، ئىمام جەۋھەرىيمۇ ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ ئەڭ سەھىھلىرىنى كىتابى «سىھاھ (سەھىھلەر)» دېگەن كىتابىغا توپلىغان ۋە ئۇنىڭ «سىھاھ» كىتابى «سەھىھۇلبۇخارىي»دەكلا زور مەرتىۋە قازانغان. شۇنداقلا، ئۇ بىر تىلشۇناس بولۇپلا قالماستىن، تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇچۇشنى سىناق قىلغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ شۇ سىنىقى بىلەن «ئىلىم شەھىدى» بولغان ۋە كېيىنكى ئۇچقۇچىلارغا ئۇل سېلىپ بەرگەن. ئەپسۇسكى، ئۇ ئەرەب دۇنياسىدا مەشھۇر بولسىمۇ، ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىرى ئارىسىدا تونۇلماي قالغان.
نام – شەرىپى ۋە تۇغۇلغان ۋاقتى
ئىمام جەۋھەرىينىڭ تولۇق ئىسمى ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىي(2) تۈركىي (مىللىتى تۈرك) ئوترارىي (يۇرتى ئوترار) – ئوترار فاراب شەھىرىنىڭ ئۆزىدۇر – بولۇپ، داڭلىق تىلشۇناستۇر ۋە تىل پېشۋالىرىنىڭ بىرىدۇر، ئەبۇ نەسر كۇنيەتىدۇر. ئۇ «دىيۋانۇلئەدەب» ناملىق لۇغەتنىڭ مۇسەننىفى ئەبۇ ئىبراھىم ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم ئىبنى ھۈسەين فارابىينىڭ ھەمشىرىسىنىڭ ئوغلىدۇر(3). تۈرك يۇرتلىرىدىن بولغان فارابتا تۇغۇلغان(4). لېكىن، كۆپلىگەن تەرجىمىھال كىتابلىرىغا ئۇنىڭ تەرجىمىھالى يېزىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتىنى تىلغا ئالغان ياكى ئىشارەت قىلغان بىرەرسىنىمۇ ئۇچرىتالمىدۇق.
جەۋھەرىي بىر يەردە مۇقىم تۇرۇشتىن سەپەر قىلىشنى ئەلا بىلەتتى. شۇڭا، ئۇ ئىراققا، ئاندىن ھىجاز زېمىنىغا بارغان. ھەج – تاۋاپنى تۈگەتكەندىن كېيىن خۇراسانغا قايتقان، كېيىن نىشاپۇرغىمۇ بارغان. نىشاپۇردا ئۇ ئاخىرەتكە راۋان بولغۇچە ئىزچىل مۇدەررىسلىك ۋە يېزىقچىلىق، ھۆسنخەت ئۆگىتىش، «قۇرئان» ۋە كىتاب كۆچۈرۈش قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولغان(5).
جەۋھەرىينىڭ شەيخلىرى
جەۋھەرىي ئىراققا كىرىپ، ئۆز زامانىسىنىڭ ئىككى شەيخى ۋە كۆز قارىچۇقى بولغان ئەبۇ ئەلى فارسىي ۋە ئەبۇ سەئىد سىيرافىيدا ئەرەب تىلى ئىلمىنى ئوقۇغان ۋە ھىجازغا سەپەر قىلىپ، ساپ ئەرەب تىلى بىلەن سۆزلەشكەن. بۇنى ئۇ «سىھاھ» دېگەن كىتابىنىڭ مۇقەددىمەسىدە تىلغا ئالغان. ئاندىن ئۇ شەھەر – يېزىلارنى كەزگەن، رەبىئە ۋە مۇزەر يۇرتلىرىنى بىرمۇبىر ئايلىنىپ، ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن كۆپ رىيازەت چەككەن(6).
جەۋھەرىي تاۋاپ قىلىش، يۇرتلارنى كېزىش، شام ۋە ئىراق ئالىملىرىدىن ئىلىم ئېلىش قاتارلىق ئىشلىرىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، خۇراسانغا قايتىپ، دامغانغا كەلگەن. ئۇ يەردە داڭلىق يازغۇچىلاردىن ۋە ئۇلۇغلاردىن بىرى بولغان ئەبۇ ئەلى ھۇسەين ئىبنى ئەلى ئۇنى دەرگاھىدا مېھمان قىلىپ، ئۇنىڭغا ناھايىتى ئىززەت – ئىكرام كۆرسەتكەن ھەم ئۇنىڭ ئەدەبىياتى ۋە ھۆسنخېتىدىن تېگىشلىك نېسىۋىسىنى ئالغان، ئاندىن ئۇنى نىشاپۇرغا يولغا سېلىپ قويغان. جەۋھەرىي نىشاپۇردا مۇقىم تۇرۇپ، مۇدەررىسلىك، يېزىقچىلىق، خۇشخەت تەلىمى، «قۇرئان» ۋە كىتاب كۆچۈرۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بولۇپ، گۈزەل ئىزلارنى ۋە ياخشى ناملارنى قالدۇرۇپ ۋاپات تاپقان(7).
جەۋھەرىي يەنە ئەرەب تىلىنى «دىيۋانۇلئەدەب» لۇغىتىنىڭ مۇسەننىفى، ئانا تەرەپ تاغىسى ئەبۇ ئىبراھىم ئىسھاق ئىبنى ئىبراھىم فارابىيدىنمۇ ئۆگەنگەن(8).
جەۋھەرىينىڭ شاگىرتلىرى
جەۋھەرىينىڭ ئەڭ داڭلىق شاگىرتلىرى: ئەبۇ ئەلى ھۇسەين ئىبنى ئەلى(9)، ئەبۇ ئىسھاق ئىبراھىم ئىبنى سالىھ ئەلۋەرراق(10) ۋە باشقىلار.
جەۋھەرىينىڭ تالانتى ۋە ئەخلاقى
جەۋھەرىي سەپەرنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ زېرەكلىك ۋە ئۆتكۈرلۈكتە، ئىلىمدە زامانىنىڭ مۆجىزىلىرىدىن بىرى ئىدى(11). ئۇ ئاللاھ ئەقىل – پاراسەت ۋە ئەخلاق – پەزىلەت بەرگەن كىشىلەردىن ئىدى. زەھەبىي ئۇنى «جاھان زېرەكلىرىدىن بىرى ئىدى» دەپ سۈپەتلىگەن(12). ئىبنى ھەجەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش سۈپەتلىگەن(13). ئۇ تىل – ئەدەبىيات ئىلمىدە چاقناپ، ئەرەب تىلشۇناسلىقىدا بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەك كىشىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.
جەۋھەرىينىڭ تالانتى تىل ئىلىملىرى ۋە ئەدەبىيات بىلەنلا توختاپ قالمىغان. بەلكى باشقا ئىلىم – پەنلەرگىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرگەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ ۋەكىللىكى ھۆسنخەت بولۇپ، جەۋھەرىي ئۇ جەھەتتىمۇ داڭدار نەمۇنىگە ئايلانغان. ھەتتا ئۇ ئىبنى مۇقلە، ئىبنى بەۋۋاب، مۇھەلھىل، يەزىيدىي قاتارلىق داڭدار خەتتاتلار بىلەن بىر قاتاردا سانالغان بولۇپ، ئۇنىڭ خېتى بىلەن ئىبنى مۇقلەنىڭ خېتىنى كۆرگەن ئادەم ئۇ ئىككىسىنى بىر – بىرىدىن ئايرىيالمىغىلى تاس قالاتتى(14).
ئالىملارنىڭ جەۋھەرىي ھەققىدىكى قاراشلىرى
ياقۇت ھەمەۋىي ئۇ توغرىسىدا: «ئۇ تىل – ئەدەبىيات ئىلمىدە ئىمامدۇر» دېگەن(15). ئەبۇلھۇسەين باخەرزىي ئۇنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇ ‹سىھاھۇللۇغە›نىڭ مۇئەللىفى بولۇپ، ئۇ كىتابىدا تەڭتۇشلىرىنىڭ ئارقىسىدىمۇ قالمىغان، زامانداشلىرىنىڭ دەرىجىسىدىن تۆۋەنمۇ قالمىغان ئىدى» دېگەن(16).
تىلشۇناس ئەبۇ مەنسۇر سەئالىبىي: «ئەبۇ نەسر ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىي دۇنيانىڭ مۆجىزىلىرىدىندۇر… ئۇ ئەرەب تىلى ئىلمىدە ئىمامدۇر. ئۇنىڭ ھۆسنخېتى گۈزەللىكتە داڭدار نەمۇنىگە ئايلانغان… ئۇنىڭ ‹سىھاھ› دەپ كىتابى بار» دېگەن(17). ئىبنى بەررىي: «جەۋھەرىي تىلشۇناسلار ئىچىدە ئەڭ ئۇستا گىرامماتىكىچىدۇر» دېگەن(18).
ئالىملارنىڭ جەۋھەرىينىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى
ئۇنىڭ «سىھاھ» ناملىق كىتابى ئالىملار، مۇدەررىسلەر ۋە تالىبلار ئارىسىدا ئەڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئالقىشقا ئېرىشكەن. ياقۇت ھەمەۋىي ئۇنىڭ تىل ھەققىدىكى بۇ كىتابى توغرىسىدا ئېيتىدۇ: «بۇ كىتاب بۈگۈن كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ئۇلارنىڭ تايانچىغا ئايلاندى. مۇسەننىف ئۆزىدىن ئىلگىرىكىلەرگە قارىغاندا ئەسەرىنى ناھايىتى رەتلىك، ناھايىتى قوللىنىشچان شەكىلدە ئوبدان يازغان. ئۇشبۇ كىتابنىڭ تۈزۈلۈشى ساغلام ئەقىل ۋە زور بىلىمدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇ ‹ئەلجەمھەرە / الجمهرة›(19) دېگەن لۇغەتتىنمۇ ياخشىراق، ‹تەھزىبۇللۇغە / تهذيب اللغة›(20) دېگەن لۇغەتتىنمۇ رەتلىكرەك، ‹مۇجمەلۇللۇغە / مجمل اللغة›(21) دېگەن لۇغەتتىنمۇ قولايراقتۇر»(22).
شائىر جەۋھەرىي
جەۋھەرىي ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئەدەبىياتى ئىلىملىرىدە چاقنىغان بولۇپ، ئەرەب تىلىغا ئائىت ھەرقانداق بىر پەن بولسا ئۇنىڭدا ئىز قالدۇرغان بولسا كېرەك. شېئىر – نەزمە ھەققىدە زەھەبىي: «جەۋھەرىينىڭ گۈزەل نەزمىسىمۇ بار» دېگەن(23). سەئالىبىيمۇ بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ: «جەۋھەرىينىڭ تالانتلىق شائىرلارچە ئەمەس، ئالىملارچە شېئىرلىرى بار» دېگەن(24). تۆۋەندىكى بېيىتلەر ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدىن نەمۇنىدۇر:
ئەي ئۆمرى زايە خام خىياللاردا،
قارا! قانچىلىك پارلىغان زامان.
قوپ بىز بىلەن ئەي ئويۇنگاھ مۇرتى،
بارايلى بىز تا بەھرى بۇشتەقان(25).
ئېرىشكۈمىز خۇشاللىق ئۇندا،
ئىككى جەننەتلىك مېۋە يېقىنلا.
بىز ئۇندا گويا ۋە قەسىرلەردە،
جەننەت كەۋسەرىن قىرغاقلىرىدا.
قۇشلار شاخلارنىڭ ئۈستىدە ئېيتار،
خۇش ئاۋازلىرى بىلەن ناخشىلار.
تەڭكەشلەپ بۇلبۇل دەمدەرلەرنى ھەم،
خۇددى زىل، بوم ۋە ئورتا تارىدەك.
پۇرسىتىڭ بۈگۈن، غەنىيمەت بىلگىن،
ئۇندىن باشقا چاغ يوققا تەڭ دېمەك(26).
جەۋھەرىينىڭ ئەسەرلىرى
جەۋھەرىينىڭ ئىككى قىسىملىق «سىھاھ»تىن باشقا كىتابى بولمىغان تەقدىردىمۇ، جەۋھەرىيگە «سىھاھ» يېتىپ ئاشاتتى. ئۇنىڭ يەنە باشقا پايدىلىق ئەسەرلىرىمۇ بار. ئۇنىڭ ئارۇز ھەققىدە بىر كىتابى بار بولۇپ، ئۇمۇ ياخشى تۈزۈلگەن بىر كىتاب ئىدى. ئۇ ئۇنى «ئارۇزۇلۋەرەقە / عروض الورقة» دەپ ئاتىغان. يەنە ئۇنىڭ گىرامماتىكا ھەققىدە «مۇقەددىمە» دېگەن كىتابىمۇ بار(27).
جەۋھەرىينىڭ لۇغەت كىتابى «سىھاھ»تا قوللانغان ئۇسۇلى
جەۋھەرىي ئۆزىنىڭ «سىھاھ» كىتابى ئارقىلىق ئەرەبچە لۇغەتلەرنىڭ تەرتىپى جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقۇچى ۋە تەرەققىي قىلدۇرغۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە تىل پېشۋالىرى ئىچىدە قالتىس ئىجادكار بىرى. جەۋھەرىي فەراھىدىينىڭ «مۇئجەمۇل ئەين / معجم العين»، ئىبنى دۇرەيدنىڭ « ئەلجەمھەرە / الجمهرة»، ئەزھەرىينىڭ «تەھزىبۇللۇغە / تهذيب اللغة» قاتارلىق لۇغەتلەردىن سۆزلۈك ئاختۇرغۇچى يولۇقىدىغان قىيىنچىلىقلارنى چۈشىنىپ يەتكەنىدى. ئىبنى دۇرەيد ۋە ئەزھەرىي ئوقۇرمەنلەرگە ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشنى كۆزلىگەن بولسىمۇ، نىشانىغا يېتەلمىگەن. شۇڭا، ئۇلارنىڭ لۇغەتلىرىدىن سۆزلۈك ئاختۇرغان ئادەم ئىزدىگىنىنى ئاسان تاپالمايتتى. شۇ جەھەتتىن، جەۋھەرىي لۇغەت ئاختۇرغان ئادەم خاھلىغىنىنى نەقمۇنەق تاپالىشى ئۈچۈن، لۇغىتىنى قولاي شەكىلدە تۈزۈشكە بار كۈچى بىلەن تىرىشقان(28).
جەۋھەرىي كىتابىغا ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ سەھىھلىرىنى تىزىشقا كۆڭۈل بۆلگەن. ئىمام سۇيۇتىي بىرقاتار مەشھۇر لۇغەت كىتابلىرىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن دەيدۇكى: «بۇ كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسىدە مۇئەللىفلىرى سەھىھلىرىنىلا ئېلىشقا ئەھمىيەت بەرمىگەن، بەلكى كىتابلىرىغا سەھىھ بولغان ۋە بولمىغاننىمۇ خاتىرىلىگەن… تۇنجى بولۇپ سەھىھلىرىنىلا ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، سەھىھ بىلەنلا كۇپايىلەنگەن كىشى ئىمام ئەبۇ نەسر ئىسمائىل ئىبنى ھەمماد جەۋھەرىيدۇر. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ كىتابىنى ‹سىھاھ (سەھىھلەر)› دەپ ئاتىغان»(29).
جەۋھەرىي كىتابىنىڭ مۇقەددىمەسىدە مۇنداق دېگەن: «مەن ئىراقتا ئەرەب تىلىنى تەھسىل قىلىپ، پىششىق ئىگىلىگەن ۋە ھېچبىر تىرىشچانلىقىمنى ئايىماستىن يېزا – سەھرالارغا بېرىپ ساپ ئەرەبلەر بىلەن ئېغىزاكى پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ئۇشبۇ كىتابقا ئاللاھ مەرتىۋىسىنى شەرەپلىك قىلىپ، دىن ۋە دۇنيا ئىلىملىرىنى ئۇنى بىلىشكە باغلاپ قويغان بۇ تىلدىكى مېنىڭ نەزەرىمدە سەھىھ بولغان سۆزلەرنى ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان بىر تەرتىپ بويىچە 28 باب قىلىپ تىزدىم. ھەربىر باب ئېلىپبە ھەرپلىرىنىڭ سانى ۋە تەرتىپى بويىچە 28 فەسىلدۇر»(30).
جەۋھەرىي بۇ مۇقەددىمەسىدە ئېيتقاندەك، كىتابىنى سۆزنىڭ ئاخىرقى ھەرپى ئاساسىدا 28 بابقا بۆلگەن، ئاندىن ئىككىنچى قېتىم سۆزنىڭ ئەۋۋەلقى ھەرپى ئاساسىدا ھەر بابنى فەسىللەرگە بۆلگەن. ئۇ بۇنىڭدا سۆزنىڭ زىيادە ھەرپلەردىن خالىي ئۆزەك ھالىتىنى ئېتىبارغا ئالغان. مەسىلەن، «الأرنب»، «الأنبوبة» دېگەن سۆزلەرنىڭ تەركىبىدە زىيادە ھەرپلەر بار بولۇپ، «أرنب»نىڭ ۋەزنى «أفعل»دۇر. بۇ سۆزدە ئەلىف زىيادە كەلگەن. «أنبوبة»نىڭ ۋەزنى «أفعولة»دۇر. بۇ سۆزدە ئەلىف، ۋاۋ، تا ھەرپلىرى زىيادە كەلگەن. چۈنكى، فا، ئەين، لامنىڭ باراۋىرىدە كەلگەن ھەرپلەر ئەسلىي ھەرپلەر دەپ سانىلىدۇ، ئۇنداق كەلمىگەنلىرى زىيادە ھەرپلەر قاتارىدىن سانىلىدۇ.
لېكىن بۇ كىتابنىڭ بەزەن يەرلىرى تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، تىلشۇناس ئەبۇ زەكەرىييا خەتىب تەبرىزىي: «بۇ كىتاب تەرتىپى ياخشى، ئىزدىگەننى ئاسان تاپقىلى بولىدىغان بىر كىتابتۇر. بۇ كىتابتا ياخشى مەنپەئەتلەر ۋە تىلدىكى مۈشكۈل سۆزلەرنىڭ ئىزاھلىرى كەلتۈرۈلگەن. لېكىن، شۇنداق تۇرۇپ، ئۇنىڭدا خاتالىقلار سادىر بولۇپ قالغان» دېگەن.
ئەبۇ زەكەرىييا تەبرىزىي بۇ خاتالىقلارنى كۆچۈرگۈچىگە ئەمەس، مۇسەننىفنىڭ ئۆزىگە ئارتىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەزكۇر خاتالىقلارنىڭ كۆچۈرگۈچى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى مۇسەننىف تەرىپىدىن سادىر بولغانلىقىدا شەك يوق. چۈنكى، كىتاب ھەرپلەر ئاساسىدا يېزىلغان. بۇنداق چوڭ كىتابلار سەۋەنلىك ياكى خاتالىقتىن خالىي بولالمايدۇ. بىراق بۇ ئازغىنە خاتالىقلار ئۇلارنىڭ ئىجتىھاد قىلىپ، مىڭ جاپادا تۈزەتكەن ۋە تەھرىرلىگەن نۇرغۇن توغرىلىرى يېنىدا ئەپۇ قىلىنىدۇ»(31).
بۇ خاتالىقلارنى باشقا بىر ئىشقا ئارتىدىغانلارمۇ بار. ئۇ ئىش بولسىمۇ جەۋھەرىي كىتابنى تەھرىرلەشتىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن كىتابنى تەھرىرلىگەن كىشى كىتابنى ئۇنىڭغا كۆرسىتەلمىگەن. بۇ خاتالىقلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا سۇيۇتىي مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، جەۋھەرىي ئۇنى يازغاندىن كېيىن تەھرىرلەپ «زاد» ھەرپىگە كەلگەندە، كاللىسىغا بىر ۋەسۋەسە كىرىۋېلىپ، ئۆگزىدىن سەكرەپ ئۆلگەن. كىتابنىڭ قالغان يەرلىرى تەھرىرلەنمەي شۇ پېتى قېپقالغان. ئاندىن ئۇنىڭ شاگىرتى ئىبراھىم ئىبنى سالىھ ئەلۋەرراق تەھرىرلەپ، نەچچە ئورۇندا ئېغىر خاتالىقلارنى سادىر قىلغان»(32).
قانداقلا بولمىسۇن، ئالىملار ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچىلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ خاتالىقلاردىن ۋاقىپلانغان. قەتئىي خاتالاشمايدىغان كىم بار؟! كىمنىڭ پەقەت توغرىسىلا بار؟! ئۇنىڭغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇنكى، ئۇمۇ ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى ئالىملارغا ئوخشاشلا ھەم خاتالاشقان ھەم توغرىنى تاپقان. مۇئەللىفى ھەممە ئادەمنىڭ بىردەك قايىللىقىغا ئېرىشكەن ۋە كېيىنكىلەرنىڭ تەنقىدىدىن ساقلىنىپ قالغان بىرمۇ كىتابنى بىلمەيمەن(33).
ئىمام ئەبۇ مۇھەممەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇلۋەھش بەررىي ئىبنى ئابدۇلجاببار ئىبنى بەررىي (ھ. 499 – 582 / م. 1105 – 1187) «سىھاھقا ھاشىيەلەر / الحواشي على الصحاح» دېگەن نامدا «سىھاھ»قا ھاشىيە يازغان ۋە «شىن» ھەرپىگە كېلىپ توختاپ قالغان. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئەسەرىدۇر. ۋەيەنە ئىمام رەزىييۇددىن ھەسەن ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ھەسەن ساغانىي (ھ. 577 – 650 / م. 1181 – 1252) «سىھاھقا تولۇقلىما / التكملة على الصحاح» دېگەن نامدا تولۇقلىما يازغان ۋە بۇ كىتابىدا جەۋھەرىي تىلغا ئالمىغان سۆزلەرنى قاتقان. بۇ تولۇقلىما ھەجىمدە سىھاھتىن چوڭراق.
زەينۇددىن مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇبەكرى ئىبنى ئابدۇلقادىر ئەررازىي (ھ. ؟ – 666 دىن كېيىن/ م. ؟ – 1268 دىن كېيىن) جەۋھەرىينىڭ «سىھاھ»ىنى كىچىك بىر لۇغەتكە قىسقارتىپ، ئۇنىڭغا «سىھاھتىن تاللانمىلار / مختار الصحاح» دەپ ئات قويغان. بۇ لۇغەت ھەتتا ئوقۇغۇچىلارغا قەدەر بۈگۈنگىچە كۆپ ئالقىشقا ئېرىشكەن داڭلىق بىر لۇغەتتۇر.
جەۋھەرىينىڭ ۋاپاتى
جەۋھەرىينىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا، تارىخىي مەنبەلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇنداق بىر قىسسە كەلتۈرۈلگەن: جەۋھەرىي ياغاچتىن ئىككى قانات ياسىغان ۋە ئۇلارنى ئارغامچا بىلەن ئىككى بېقىنىغا باغلىغان. ئاندىن نىشاپۇردىكى قەدىمىي بىر جامەنىڭ ئۆگزىسىگە چىقىپ: «ئەي خالايىق! مەن دۇنيادا باشقىلار قىلىپ باقمىغان بىر ئىشنى قىلدىم» دېگەن ۋە ئۆزىنى ئۇچۇۋاتقاندەك ئويلاپ، يىقىلىپ ئۆلگەن(34).
زەھەبىي: «ئەبۇ نەسر (جەۋھەرىي) نى بىر سەۋدا قاپلىۋېلىپ، قۇشنىڭ قانىتىغا ئوخشايدىغان ئىككى قاناتنى ئۆزىگە تاڭغان ۋە: ‹مەن ئۇچماقچىمەن› دېگەن. كىشىلەر كۈلگەن. ئاندىن ئۇ سەكرىگەن ۋە ئۇچقان. ئاندىن ئېغىر يارىلىنىپ ئۆلگەن» دېگەن(35).
ئۇنىڭ ۋاپات بولغان يىلى ھەققىدە بىرنەچچە خىل قاراش بار بولسىمۇ، زەھەبىي كىتابىدا ھ. 393 (م. 1003) – يىلى دەپ نەقىل قىلغان(36).
ھاياتىنى «قۇرئان» تىلىغا خىزمەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن، ئەرەب تىلىنىڭ پېشۋاسى ۋە ئىلىم شەھىدى ئىمام جەۋھەرىيگە جانابىي ئاللاھتىن ئۇلۇغ ماقاملار ۋە مول ئېھسانلار تىلەيمىز. ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى بولسۇن!
مەنبە:
1. https://islamstory.com (الجوهري)
2. موسوعة أعلام الفكر الإسلامي لوزارة الأوقاف المصرية.
3. زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»،
تەييارلىغۇچى: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي
1. بۇ كىتاب نۇرغۇن قېتىم بېسىلىپ نەشر قىلىنغان. ئەڭ قەدىمكى قوليازما نۇسخىلىرىدىن بىرى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھ ئابدۇلئەزىز ئاممىۋى كۇتۇبخانىسىدا ساقلانغان بولۇپ، ھ. 591 / م. 1194 – يىلى كۆچۈرۈلگەن. بۇ كىتابنى 16 – ئەسىردە مۇھەممەد ئىبنى مۇستافا ۋانكۆلۈ ئوسمانلى تۈركچىسىگە تەرجىمە قىلغان ۋە 1729 – يىلى ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ تۇنجى رەسمىي مەتبەئەسى بولغان «ئىبراھىم مۇتەفەررىقە مەتبەئەسى»دە بېسىلغان. بۇ ۋانكۆلۈ لۇغىتى ئىبراھىم مۇتەفەررىقە مەتبەئەسىدە يورۇق كۆرگەن تۇنجى كىتابتۇر. بۇ تەرجىمەنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بالىكەسىر شەھىرى كىتابخانىسىدا ساقلىنىقلىق.
2. ئۈنچە – مەرۋايىت، جەۋھەرلەرنى ساتقانلىقى ئۈچۈن «جەۋھەرىي» دەپ ئاتالغان. قاراڭ: فەتەنىي: «المغني في ضبط الأسماء لرواة الأنباء»، 85 – بەت.
3. سەفەدىي: «ئەلۋافىي بىلۋەفەيات»، 9/69؛ زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»، 17/80.
4. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «ئەدىبلەر قامۇسى (مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ)»، 2/656، (240).
5. يۇقىرىقى مەنبە.
6. يۇقىرىقى مەنبە. 2/656.
7. سەئالىبىي: «يەتىيمەتۇددەھر»، 2/117. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: يۇقىرىقى بەت. .
8. ئىبنى ھەجەر: «لىساۇنلمىيزان»، 1/167. سەفەدىي: «ئەلۋافىي بىلۋەفەيات»،9/69.
9. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «ئەدىبلەر قامۇسى (مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ)»، 2/656.
10. يۇقىرىقى مەنبە.
11. يۇقىرىقى مەنبە.
12. زەھەبىي: «تارىخۇل ئىسلام»، 27/283.
13. ئىبنى ھەجەر: «لىساۇنلمىيزان»، 1/401.
14. زەھەبىي: «تارىخۇل ئىسلام»، 6/372.
15. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «ئەدىبلەر قامۇسى (مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ)»، 2/656.
16. يۇقىرىقى مەنبە.
17. سەئالىبىي: «يەتىيمەتۇددەھر»، 2/117، 118.
18. سۇيۇتىي: «ئەلمىزھەر»، 1/75.
19. ئۆز زامانىدىكى لۇغەتشۇناسلارنىڭ پېشۋاسى ئەبۇبەكرى ئىبنى دۇرەيد ئەلئەزدىي (ھ. 223 – 321 / م. 837 – 933) نىڭ مەشھۇر ئەسەرى.
20. ئۆز زامانىدىكى لۇغەتشۇناسلارنىڭ پېشۋاسى ئەبۇ مەنسۇر مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد ئەلئەزھەرىي ئەلھەرەۋىي (ھ. 282 – 370 / م. 895 – 981) نىڭ مەشھۇر ئەسەرى.
21. ئۆز زامانىدىكى لۇغەتشۇناسلارنىڭ پېشۋاسى ئەبۇلھۇسەين ئەھمەد ئىبنى فارىس ئەلقەزۋىنىي ئەررازىي (ھ. 329 – 395 / م. 941 – 1004) نىڭ مەشھۇر ئەسەرى.
22. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «ئەدىبلەر قامۇسى (مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ)»، 2/657.
23. زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»،17/82.
24. سەئالىبىي: «يەتىيمەتۇددەھر»، 2/118.
25. بۇشتەقان نىشاپۇردىكى بىر سەيلىگاھلىق يېزىنىڭ ئىسمى.
26. سەفەدىي: «ئەلۋافىي بىلۋەفەيات»،9/70. شېئىرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئەلدەر.
27. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «ئەدىبلەر قامۇسى (مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ)»، 2/657.
28. دوكتور رەھاب خىزىر ئەككاۋىي: «ئىسلام تالانتلىقلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى (موسوعة عباقرة الإسلام)»، 3/169.
29. سۇيۇتىي: «ئەلمىزھەر»، 1/74.
30. يۇقىرىقى مەنبە.
31. يۇقىرىقى مەنبە، 1/75.
32. يۇقىرىقى مەنبە.
33. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «ئەدىبلەر قامۇسى (مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ)»، 2/658.
34. ياقۇت ئەلھەمەۋىي: «ئەدىبلەر قامۇسى (مۇئجەمۇل ئۇدەباﺋ)»، 2/658.
35. زەھەبىي: «سىيەرۇ ئەئلامىن نۇبەلاﺋ»،17/82.
36. يۇقىرىقى مەنبە.