نىيىتىڭ ياخشى بولسۇن

نىيىتىڭ ياخشى بولسۇن

بەزى كىشىلەرنىڭ كىشىلەرگە قىلغان مۇئامىلىلىرى ھەققىدە ئىنچىكە ئويلىنىشقا باشلىدىم. ئۇلار بىلەن يىللارچە ياشاپمۇ، ئۇلارنىڭ بىرەر قېتىم تەبەسسۇم قىلغانلىقىنى، ئەدەپ يۈزىسىدىن قىسقا بولسىمۇ بىرەر قېتىم كۈلگەنلىكىنى، گەپ قىلىۋاتقان ئادەمگە ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولغانلىقىنىمۇ ئېسىمگە ئالالمىدىم. ئۇلارنى مۇشۇنداق ئۆسۈپ يېتىلگەن ئوخشايدۇ، بۇلاردىن باشقىسىنى قىلالمايدىغان چېغى دەپ ئويلىدىم. كېيىن ئۇلارنى بەزى جايلاردا ئۇچراتتىم. ئۇلار بەزى كىشىلەرگە، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بايلار ۋە نوپۇزى بار كىشىلەرگە كۈلۈمسىرەشنى ۋە قىزغىن مۇئامىلە قىلىشنى ياخشى قىلالايدىكەن. بۇنىڭدىن شۇنى بىلىپ يەتتىمكى، ئۇلار بۇلارنى پەقەت مەنپەئەت ئۈچۈنلا قىلىدىكەن، شۇڭا كاتتا ئەجىرلەرنى قولدىن بېرىپ قويىدىكەن.

مۇئمىن كىشى ئەخلاقى ۋە ياخشى مۇئامىلىسى بىلەنمۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇ بۇلارنى مەنسەپ ياكى مال – دۇنيا ئۈچۈن ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ماختىشى ئۈچۈن ئەمەس، تويىنى قىلىپ قويۇشى ياكى قەرز بېرىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرۈشى ۋە كىشىلەرگە ياخشى كۆرسىتىشى ئۈچۈنلا قىلىدۇ.

شۇنداق، ياخشى ئەخلاقنى ئىبادەت دەپ قارىغان ئادەم بايغىمۇ، كەمبەغەلگىمۇ، مۇدىرغىمۇ، خىزمەتچىگىمۇ ئەڭ ياخشى شەكىلدە مۇئامىلە قىلىدۇ.

ئالايلۇق، سىز كوچا تازىلايدىغان بىر بىچارە ئىشچىنىڭ يېنىدىن ئۆتتىڭىز، ئۇ سىز بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن سىزگە قولىنى تەڭلىسە ئۇنىڭغا قانداق قىلىسىز؟ چوڭ بىر مەسئۇلنىڭ يېنىغا كىردىڭىز، ئۇ قولىنى تەڭلىسىچۇ؟ سىزنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش، تەبەسسۇم قىلىش ۋە ئوچۇق چىراي بولۇش …لاردا ئۇ ئىككىسىگە تۇتىدىغان مۇئامىلىڭىز ئوخشاش بولامدۇ؟ سىزنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىڭىزنى مەن بىلمەيمەن.

ئەمما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بولسا بۇلاردا ئۇ ئىككىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاتتى.

قانداق بىلىسىز؟ بەلكىم، سىز كۆزگە ئىلماي، تەكەببۇرلۇق قىلغان كىشى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە، سىز ھۆرمەتلىگەن ۋە كۆڭۈل بۆلگەن زېمىن توشقۇچىلىك نۇرغۇن كىشىدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «قىيامەت كۈنى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك ۋە ئورۇن جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولىدىغىنىڭلار ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغىنىڭلاردۇر» دېگەن(1).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (ئەشەج ئىبنى ئابدۇلقەيسكە): «سەندە ئاللاھ ۋە رەسۇلى ياخشى كۆرىدىغان ئىككى خىسلەت باركەن» دېگەن.

ئۇنداقتا بۇ ئىككى خىسلەت قايسى؟ كېچىلىرى ئىبادەت قىلىش ۋە كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇشمىدۇ؟!

ئەشەج رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خۇشال بولۇپ: «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇلار قايسى؟» دەپ سورىۋېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاسان ئاچچىقلانماسلىق ۋە ئېغىر بېسىقلىق» دەپ جاۋاب بەرگەن(2).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن «ياخشىلىق دېگەن نېمە؟» دەپ سورىلىۋېدى، ئۇ: «ياخشىلىق دېگەن گۈزەل ئەخلاقتۇر» دېگەن(3).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن يەنە «كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئەڭ سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەر نېمە؟» دەپ سورىلىۋېدى، ئۇ: «ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ۋە گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇش» دېگەن(4).

رەسۇلۇللاھ يەنە: «مۇئمىنلەردىن ئىمانى ئەڭ مۇكەممەل بولغانلىرى ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل ۋە چىقىشقاق بولغانلىرى بولۇپ، ئۇلار باشقىلار بىلەن چىقىشالايدۇ، باشقىلارمۇ ئۇلار بىلەن چىقىشالايدۇ. باشقىلار بىلەن چىقىشالمايدىغان، باشقىلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقىشالمايدىغان كىشىدە ياخشىلىق يوقتۇر» دېگەن(5).

«قىيامەت كۈنى نام – ئەمەل تارازىسىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر توختايدىغان نەرسە يوقتۇر»(6).

«شۈبھىسىزكى، كىشى ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇپ، كېچىلىرى ئىبادەت قىلغۇچىلارنىڭ دەرىجىسىگە ئېرىشىدۇ»(7).

ئەخلاقى گۈزەل بولغان كىشى ئىككىلا دۇنيادا پايدىغا ئېرىشىدۇ. خالىسىڭىز ئۇممۇ سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ تۆۋەندىكى سۆزىگە قاراڭ، ئۇ رەسۇلۇللاھ بىلەن ئولتۇراتتى، ئاخىرەتنى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇ يەردە تەييارلىغان نەرسىلىرىنى ئويلاپ مۇنداق سوئال سورىدى:

_ ئى رەسۇلۇللاھ! بىر ئايال بۇ دۇنيادا ئىككى قېتىم توي قىپتۇ. ئۇ ئايالمۇ ۋە ئۇ ئايال تەگكەن ئىككى ئەرمۇ ۋاپات بولۇپ، جەننەتكە كىرگەن بولسا، ئۇ ئايال قايسىسىنىڭ بولىدۇ؟

رەسۇلۇللاھ نېمە دەپ جاۋاب بەرگەندۇ؟ ئۇ ئىككىسىدىن كېچىلىرى كۆپرەك ئىبادەت قىلىدىغىنىغا دەپمۇ؟ ياكى بەكرەك روزا تۇتىدىغىنا دەپمۇ؟ ۋەياكى ئىلمى كۆپرەكىگە دەپمۇ؟

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

_ ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغىنىنىڭ بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

ئۇممە سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەيران قالدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ھەيران قالغانلىقىنى كۆرۈپ:

_ ئى ئۇممۇ سەلەمە! گۈزەل ئەخلاق دېگەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ، _ دېدى.

شۇنداق، گۈزەل ئەخلاق دېگەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما دۇنيانىڭ ياخشىلىقى بولسا كىشىلەرنىڭ چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈشى، ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقى بولسا كاتتا ئەجىرگە ئېرىشىشتۇر. كىشى ياخشى ئەمەللەرنى قانچىلىك كۆپ قىلسا قىلسۇن، ئەخلاقى ناچار بولسا، ئۇلار بىكار بولۇپ كېتىشى مۇمكىن.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا بىر ئايالنىڭ ئىشلىرى تىلغا ئېلىنىپ، ئۇ ئايال روزا تۇتىدىكەن، سەدىقە قىلىدىكەن، مۇنداق مۇنداق ئىشلارنى قىلىدىكەن، لېكىن قوشنىسىغا تىلى بىلەن ئازار بېرىدىكەن، (يەنى ئەخلاقى ناچاركەن) دېيىلىۋېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇ دوزىخىي بولىدۇ» دېگەنىدى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەربىر گۈزەل ئەخلاقتا ياخشى ئۈلگە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ئەڭ سېخىيسى، ئەڭ باتۇرى، ئەڭ ئېغىر بېسىقى ئىدى؛ يۈزى ئېچىلمىغان قىزدىنمۇ بەكرەك ھايالىق، ئىشەنچلىك، راستچىل ئىدى. مۇئمىنلەردىن ئىلگىرى كاپىرلار، سالىھلاردىن ئىلگىرى پاسىقلار بۇنى ئېتىراپ قىلغانىدى. خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇنىڭغا تۇنجى ۋەھىي چۈشكەن چاغدا ئۇنىڭ چىرايىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى كۆرۈپ مۇنداق دېگەنىدى: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سىلىنى ھەرگىز رەسۋا قىلمايدۇ، (نېمە ئۈچۈن؟؟) چۈنكى سىلى خىش – ئەقرىبالارغا سىلە – رەھىم قىلىدىلا، ئاجىز – بىچارىلەرگە ياردەم قىلىدىلا، يوقسۇللارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىلا، مېھمانلارنى ياخشى كۈتىدىلا، بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىدىلا، راست سۆزلەيدىلا، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىلا…».

بىز قىيامەت كۈنىگىچە تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغان قۇرئاندا ئاللاھ تائالا ئۇنى مەدھىيىلەپ مۇنداق دېگەن: ﴿(ئى مۇھەممەد!) سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن﴾(68/«قەلەم»: 4)

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى. شۇنداق، ئۇنىڭ ئەخلاقى قۇرئان ئىدى. ئۇ ﴿ياخشىلىق قىلىڭلار، ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدۇ﴾(2/«بەقەرە»: 195) دېگەن ئايەتنى ئوقۇغاندا ياخشىلىق قىلاتتى. شۇنداق، چوڭ – كىچىككە، باي – كەمبەغەلگە، يۇقىرى – تۆۋەن ھەربىر كىشىگە ياخشىلىق قىلاتتى.

ئاللاھ تائالانىڭ ﴿ئەپۇ قىلىڭلار ۋە كەچۈرۈڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 109) دېگەن ئايىتىنى ئاڭلىغاندا ئەپۇ قىلاتتى ۋە كەچۈرەتتى. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىڭلار﴾(2/«بەقەرە»: 83) دېگەن ئايىتىنى تىلاۋەت قىلغاندا ئەڭ ياخشى سۆزلەرنى قىلاتتى. مادامىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزنىڭ ئۈلگىمىز، ئۇنىڭ يولى بىزنىڭ يولىمىز بولغانىكەن، ئۇنداقتا ھەر زامان ئۇنىڭغا ئەگىشىشىمىز لازىمدۇر.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭ، ئۇ كىشىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلاتتى؟ ئۇلارنىڭ خاتالىقلىرىنى قانداق تۈزەيتتى؟ ئۇلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە قانداق چىدايتتى؟ ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن قانداق جاپا چېكەتتى؟ ئۇلارنى دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قانداق بېغىشلايتتى؟

سىز ئۇنىڭ بىر كۈنى يوقسۇلنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن چېپىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر كۈنى مۇئمىنلەر ئارىسىدىكى داۋانى ئايرىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر كۈنى بولسا كاپىرلارنى دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى، … ئاخىرى ياشىنىپ، ئاجىزلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرىسىز. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئەھۋالىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەنىدى: «رەسۇلۇللاھ ياشىنىپ قالغاندىن كېيىن نامازلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى ئولتۇرۇپ ئوقۇيتتى». (نېمە ئۈچۈن؟) باشقىلار ئۈچۈن كۆپ جاپا چېكىپ ھالىدىن كەتكەنلىكى ئۈچۈن. شۇنداق، باشقىلار ئۈچۈن كۆپ چېكىپ ھالىدىن كەتتى. چۈنكى، كىشىنىڭ ھىممىتى قانچە چوڭ بولسا، جاپاسىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ گۈزەل ئەخلاققا كۆڭۈل بۆلۈشى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنكى، ئۇ زات ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىپ: «ئى ئاللاھ! مېنىڭ يارىتىلىشىمنى گۈزەل قىلغاندەك ئەخلاقىمنىمۇ گۈزەل قىلسىلا»(8) دەيتتى، يەنە: «ئى ئاللاھ! مېنى ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە قىلسىلا، بۇ سىلىدىن باشقا بىرىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. مېنى يامان (ناچار) ئەخلاقتىن يىراق قىلسىلا، بۇمۇ سىلىدىن باشقا بىرىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ»(9) دەيتتى.

دېمەك، بىز مۇسۇلمانلارنى ئۆزىمىزگە قارىتىش ۋە ئۇلارغا دەۋەت قىلىش، كاپىرلارغا ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن ئەخلاقتا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىشكە ئېھتىياجلىقمىز.

بىر ئىشارەت

نىيىتىڭ ياخشى بولسۇن، شۇندا باشقىلارغا قىلغان مۇئامىلەڭ ئاللاھقا يېقىنلىشىشقا سەۋەب بولىدىغان ئىبادەت بولىدۇ.

دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان

——————
1. «تىرمىزى». سەھىھ.
2. «مۇسلىم».
3. «مۇسلىم».
4. «تىرمىزى». سەھىھ.
5. «تىرمىزى». سەھىھ.
6. «ئەبۇ داۋۇد». سەھىھ.
7. «تىرمىزى». سەھىھ.
8. «ئەھمەد». سەھىھ.
9. «مۇسلىم».

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ