(ھ. 113 – 172 / م. 731 – 788)
شەيخ ئەلى تەنتاۋىي
سىلەر زور تەۋەككۇلچىلىك قىسسەلىرىنى ئوقۇپ باقتىڭلارمۇ؟ ياكى شۇنداق كىنولارنى كۆرۈپ باقتىڭلارمۇ؟ بىر ئەدىب خىيالىي توقۇپ چىققان ئەڭ غارايىب بىر قىسسەنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار! خىيالىي قىسسەلەرنىڭ ئەڭ ھەيران قالارلىقىمۇ مەن سىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان بۇ رېئال تارىخىي قىسسەنىڭ ھەقىقىتىگە يېتەلمەيدۇ.
ھاياتلىق ئەڭ ئېغىر مۇسىبەتلەر بىلەن سىناپ، نېرۋىسى بېجىرىم ئادەملەرنىمۇ ساراڭلىققا ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشكە ئۈندەيدىغان نۇقتىغا چۈشۈرۈپ قويغان، ئاخىرىدا مەغلۇبىيەت نۇقتىسىدىن ئۇتۇق ۋە نىجاتلىق چوققىسىغا بىرلا سەكرىگەن بىر ئەركەكنىڭ قىسسەسى.
***
دەمەشق بىر قاراڭغۇ دەۋردە ئىدى. دەمەشققە ھاۋايى – ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان يارىماس ھۆكۈمدارلار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. ئۇلار مەردلىك ۋە فەتىھلەردىن قورققاق، گۇناھ ۋە بۇزۇقچىلىقلارغا كەلگەندە جاسارەتلىك، كىشىلەرگە زۇلۇم قىلىش بىلەن شەيتانغا قۇلچىلىق قىلىشنى جەملىگەن، ئويۇن – تاماشا يىغىلىشلىرى ۋە ساز سورۇنلىرىدىن باشقا غەملىرى بولمىغان، ئۆزلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن پۇل – ماللارنى شائىرلارغا، ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن ناخشىچىلارغا، خوتۇنلارغا ۋە شارابلارغا بۇزۇپ چاچىدىغان، ئۆزلىرى ئەيش – ئىشرەتكە بېرىلىپ ئۇخلىغان، دۈشمەنلىرى بولسا تۈنلىرىنى بىدار ئۆتكۈزگەن، ئۆزلىرى مەنسەپپەرەسلىك ۋە كەيپ – ساپا بىلەن مەست بولغان، كۈشەندىلىرى بولسا سەگەك تۇرغان، ئۆزلىرى لەززەت كۆرپىلىرىدە ياتقان، رەقىبلىرى بولسا كۈرەش كۈنى ئۈچۈن تەييارلىنىۋاتقان ئىدى.
ئەنە شۇلار بولسا ئۇمەۋىيلەرنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدىكى ئۇمەۋىيلەرنىڭ بەزى ۋالىيلىرىدۇر. ئۇمەۋىيلەرنىڭ نەۋرىلىرى ئەجدادلىرىنىڭ ئىزلىرىنى ئۇنۇتۇپ، جىھاد كىيىمىنى سېلىپ تاشلىۋەتكەن، فەتىھ بايرىقىنى چۈشۈرۈپ، ئويۇن – تاماشا ۋە پاراغەتكە بوي ئەگكەن، دۆلەتنىڭ ئۇپۇقىدىن شۇ نۇرلۇق يۇلتۇزلار يوشۇرۇنۇپ، دۆلەتنىڭ تىزىملىكىدىن شۇ بۈيۈك ئىسىملار غايىب بولۇپ، ئۇلار ئىچىدە نە مۇئاۋىيە، نە ئابدۇلمەلىك، نە ۋەلىد، نە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئوخشاشلىرى قالمىغان، ۋالىيلىرى ئىچىدە بولسا زىياد ۋە ھەججاجنىڭ ئوخشاشلىرى، قوماندانلىرى ئىچىدە بولسا قۇتەيبە ۋە ئىبنى قاسىم، مۇھەللەب ۋە تارىق… نىڭ ئوخشاشلىرى قالمىغان، خەلىفەلىك تەختىدە زەئىپ ۋە كىچىك خەلىفەلەر ئولتۇرغان ئىدى.
ئۇمەۋىيلەر زۇلۇم قىلغان ۋە بۇزۇلغان ئىدى. زۇلۇم ۋە بۇزۇقلۇق قوشكېزەك بولۇپ، ھۆكۈمدار ئادىل بولغىنىدا قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك بولغان. پۇقرالارغا زالىم بولغىنىدا ئاجىز ۋە يارىماس بولغان.
ئۇمەۋىيلەر قىلغان زۇلۇملىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى تېتىدى:
يوشۇرۇنچە ئوتۇنلار تەييارلانغان، پارتلاتقۇچ دورا ھازىرلانغان ئىدى، تۇنجى ئۇچقۇن چىقسىلا ئوت ئالاتتى. ئۇچقۇن زېمىننىڭ چېتىدىن – خۇراساندىن چىقتى. ئوت ياندى، ئويغاق ۋالىي نەسر ئىبنى سەييارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمۇ كارغا كەلمىدى.
ئۇمەۋىيلەر ئاۋۋالقى ئەجدادلىرى مۇئاۋىيە ۋە ئابدۇلمەلىكنىڭ ئىزىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بىر ئادەم ئىزدىدى ۋە ئۇنى تاپتى. ئۇ (ئاخىرقى خەلىفە) مەرۋان ئىدى. مەرۋان ئىسمىغا ئوخشاشلا قاتتىق قورامتاش ئىدى، ھەقىقىي ئەركەك ئىدى. لېكىن، ئەپسۇس! دۇنيا ۋاپاسىز، ئارقىسىنى قىلىپ كېتىۋېرەتتى. شۇنداق قىلىپ ئوت ياندى ۋە ئەتراپقا سوزۇلۇپ، پۈتۈن جايلارغا تۇتاشتى، ئۇمەۋىيلەر مەڭگۈگە يوقالدى.
ئەرەبلەر نابۇت بولدى. ئۇلارنى نابۇت قىلغىنى بۆلۈنۈش ۋە جاھىلىيەت تەرەپبازلىقى ئىدى. مانا بۇ ئەرەبلەرنىڭ مەڭگۈلۈك مۇسىبىتىدۇر. ئەگەر ئەرەبلەر بىرلەشكەن بولسا ئىدى، ئەگەر بىر سەپ بولغان بولسا ئىدى، تۈنۈگۈن نە مۇئتەسىمنىڭ تۈرك قۇللىرى، نە ھەرخىل مىللەتتىن بولغان قۇللارنىڭ قۇللىرى ئۇلارغا ھۆكۈمران بولالماس ئىدى، بۈگۈن ئىنسانلارنىڭ ئىتلىرى، ئىنسانىيەتنىڭ مىكروپلىرى بولمىش يەھۇدىيلار ئۇلارغا غالىب كېلەلمەس، پەلەستىننى باسالماس ئىدى.
ئىسلام دۆلىتىگە ئابباسىيلار ئىسمى بىلەن فارسلار ھۆكۈمران بولدى.
سارايلار ئۇمەۋىيلەردىن خالىي قالدى. ئۇمەۋىيلەر بىلەن قەبرلەر تولدى. ئاللاھنىڭ زىكرىدىن يۈز ئۆرۈگەن ئۇمەۋىيلەر قارا تۇپراق ئاستىغا كىرىپ كەتتى. يېڭى دۆلەت ئۇمەييە ئوغۇللىرىنى ئىز قوغلاپ ئۆلتۈردى، كۆيدۈردى ۋە ھالاك قىلدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن پەقەت بىر ياش قۇتۇلۇپ قالالىدى. ئۇ بولسىمۇ مەن سىلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچى بولغان قەھرىمان – ئابدۇرراھمان ئىبنى مۇئاۋىيە ئىبنى ھىشامدۇر. ئۇنىڭ سەككىز ياشلىق كىچىك ئۇكىسى ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىسى بەدرمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇتۇلۇپ قالغانىدى.
بۇلار يەر يۈزىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئىسلامنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان جايلارغا ئىسلام بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئاپارغان ئائىلىنىڭ قالدۇقىدۇر. فارس چېگرالىرىنىڭ ئاخىرىدىن مىسىر چېگرالىرىنىڭ ئاخىرىغىچە سوزۇلغان ئىسلامنى بۇ ئائىلە بۇ يەردىن ھىندىستانغا ۋە چىن چېگرالىرىغىچە، ئۇ يەردىن فرانسىيەنىڭ ئوتتۇرىغىچە يەتكۈزگەنىدى. ئۇ ئائىلىنىڭ قوشۇنلىرى كونىستانتىنوپولنىڭ سېپىللىرىغىچە ۋە ھەبەشىستان تاغلىرىغىچە يېتىپ بارغانىدى.
مانا بۇ ئۈچى ئابدۇششەمس جەمەتى(1)دىن چىققان ئۇلۇغ مەردانلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىلىرىدۇر. ئەگەر بۇلار يوقالسا، زېمىندا ئابدۇششەمسنىڭ ھېچبىر ئىزى قالمايتتى. دۆلەت، قوشۇن ۋە خەلقتىن ئىبارەت پۈتۈن دۇنيا ئۇلارغا قارشى ئىدى. كىشىلەر ئۇمەۋىيلەرنىڭ ئاخىرقى خەلىفەلىرىنىڭ دەردىنى جىق تارتقاچقا، ئۇمەۋىيلەرگە دۈشمەن ئىدى. بارچە دۇنيا ئۇمەۋىيلەرگە يوپۇرۇلۇپ كەلدى، ئۇمەۋىيلەرنىڭ فەتىھلىرىنى ئۇنۇتتى. بەلكى ئۇمەۋىيلەر ئۆزلىرى زۇلۇم تېرىغاچقا، ھالاكەت ئۇلارنىڭ ھوسۇلى بولدى. كېيىنكىلىرى زۇلۇم قىلغان بولسىمۇ، ئىلگىرىكىلىرىنىڭ ياخشىلىقىنى كىشىلەر ئۇنۇتتى. كىشىلەر ھەممە ئىشنى كەچۈرەلىسىمۇ، ھۆكۈمدارنىڭ خەلقنى ئاچ قويۇش بەدىلىگە قورساق لىقلىغانلىقىنى، خەلقنىڭ دەرد – ئەلەملىرى بەدىلىگە ھۇزۇر سۈرگەنلىكىنى، بىر ناخشىچى خوتۇننىڭ ياكى بىر شائىرنىڭ ھەققىنى بېرىش ئۈچۈن خەلقنى مەھرۇم قويغانلىقىنى كەچۈرمەيدۇ. كىشىلەر ھەممىسى ئورنىدىن تۇردى. نەگە قاچىدۇ؟ نېمە قىلىدۇ؟ نەگە بارىدۇ؟ ھالبۇكى، بارلىق يۇرتلار ئابباسىيلاردىن بولغان ئەبۇلئابباس ئابدۇللاھ سەففاھقا بوي ئەگكەن تۇرسا! نەگە يوشۇرۇنىدۇ؟ ھالبۇكى، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى تونۇپ قالسىلا دەپ قويىدىغان تۇرسا! ئۇنىڭ يېنىدا چاكىرى بەدردىن باشقا ياردەمچىسى يوق ئىدى، ئاچىسىنىڭ ئوغلىغا تەگكەن بىر مەرۋايىتتىن باشقا پۇل – مېلى يوق ئىدى، ناۋادا ئۇ مەرۋايىتنى سېتىش ئۈچۈن چىقارسا، ئۇلار ئۇنى تونۇپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتەتتى.
ئۈمىد ئۈزۈلگەن بىر ھالەت ئىدى. لېكىن، ئابدۇرراھمان نائۈمىد بولمىدى. ئابدۇرراھماننىڭ پولاتتىن ياسالغان پەيلىرى، غايىبتىن قارايدىغاندەك كۆزى، ئەقىللەر ئويلاپ يېتەلمەيدىغان كاللىسى بار ئىدى. ئۇ كۆزىنى شەھەر – يۇرتلارغا تىكتى، ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە ئېتىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ شەھەر – يۇرتلارنى كاللىسىغا كەلتۈرۈپ، ھەممىسىنى ئويلاپ چىقتى ۋە ئەندەلۇستىن باشقىنى تاپالمىدى. لېكىن، ئۇ ئۆزى ئىراقتا ئىدى. ئىراقتىن قانچە يىراق سەن ئەي ئەندەلۇس؟!
ئۇ ئۈمىدسىزلەنمىدى، ئەندەلۇسقا قاراپ ماڭدى. ھالبۇكى، ئەندەلۇس ئالدىدا چۆللەر، تاغلار، خەتەرلەر بار ئىدى. ئەندەلۇس ئالدىدا چوڭ ئوكيانلار بار ئىدى.
فۇرات دەرياسى ئۇنىڭ ئالدىنى توسىۋىدى، ئۆزىنى ئېتىپ فۇراتتا ئۈزدى. ئۇكىسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. كىچىك ئۇكىسى ھالىدىن كەتكەنىدى، ئۇلار ئۇكىسىغا ئامانلىق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ توۋلىۋىدى، ئالدىنىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا باردى، ئاكىسىنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالمىدى. نەتىجىدە ئۇلار ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۇكىسىنى بوغۇزلىدى. ئۇ قاراپ قالدى. ئۇنىڭ يېنىدا پەقەت چاكىرى بەدر قالدى.
ئۇ داۋاملىق يۈردى، كېچىسى مېڭىپ، كۈندۈزى يوشۇرۇندى، يېزىمۇ – يېزا بۇلۇڭ – پۇچقاقلاردا ماڭدى. يول تۈگىمەيتتى. قايسى يول، دەمسىز؟ ئەندەلۇسنىڭ يولى ئەي خالايىق! دەمەشقتىن بېيرۇتقا ئوزۇق – تۈلۈكسىز، ئۇلاغسىز مېڭىشنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭلار. تەسەۋۋۇر قىلالىدىڭلارمۇ؟ ئابدۇرراھماننىڭ ئىراق تەرەپلەردىن شامغا، شامدىن مىسىرغا، مىسىردىن ترېپولىغا، ترېپولىدىن تۇنىسقا، تۇنىستىن ئالجىرىيەگە، ئالجىرىيەدىن ماراكەشنىڭ يىراق تەرىپىگە مېڭىشىنى، ئاندىن دېڭىزدىن ئۆتۈشىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىسىلەر؟ ھالبۇكى، ئۇ چاكىرىدىن باشقا ئادىمى يوق يالغۇز، يوقسۇز ۋە ئاجىز قاچقۇن ئىدى.
كاشكى، ئۇنىڭ يولدا كۆرگەن، ئۇچرىغانلىرى ھەققىدە مەندە بىر تەزكىرە بولسا – ھە! شۇنداق بولۇپ قالسا ئىدى، چوقۇم تەۋەككۇلچىلىك قىسسەلىرى بابىدا ئاجايىباتلارنىڭ ئاجايىباتى بولار ئىدى. لېكىن، ئەپسۇس! ئۇ خاتىرىلەنمىگەن.
ئۇ ئەندەلۇسقا يېتىپ كەلدى. ئەندەلۇس دۆلەتتىن يىراقتا ئىدى، يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، پارتلىغان ئىنقىلابلارنى تېخى بىلمىگەن ئىدى. ئەرەبلەرنىڭ بۇ يەردىن ئىسپانلار ئارقىلىق، بۇ يەردىن بەربەرلەر ئارقىلىق، يىراقتىن ئابباسىيلارنىڭ ياردەمچىلىرىدىن ئىبارەت فارسلار ئارقىلىق تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقى ئەرەبلەرنىڭ پەرۋايىغا كىرىپ چىقمىغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىختىلاپلىشىش، تەرەپبازلىق خاراكتېرى بىلەن بولۇپ، ئۇ ئىشلارغا كارى بولمىغانىدى. پۈتۈن تارىخىمىزنى بۇزغان، تېخىچە ئىچىمىزدە داۋاملىشىۋاتقان بۇ ئىختىلاپنىڭ تەسىرلىرى لىۋاندا بىر ئەسىر بۇرۇنقى ئەيندارە قىرغىنچىلىقىغا قەدەر داۋاملاشتى.
بۇ قاچاق كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئۆزىنى ئېتىپ، دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس بىر سىياسىيون كەبى سىياسىيون بولۇشقا، ئۆزىنى كىشىلەرگە تېڭىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە بوسۇندۇرۇشقا قادىر بولدى. كىشىلەر ئەنە شۇنداق تالانتقا، نۇتۇققا بوي ئېگىدۇ. ئۇ جەڭ كېچىپ، ئۇرۇشلارنى ئىدارە قىلىپ، تارىختىكى ئەڭ قالتىس قوماندان كەبى قوماندان بولۇشقا قادىر بولدى. ئاخىرى، ئەندەلۇسنىڭ خوجىسىغا ئايلاندى.
ئابدۇرراھمان داخىلنىڭ سەرگۈزەشتى پۈتۈن ئۈممەت تارىخىدىكى ئەڭ قالتىس سەرگۈزەشتتۇر. بۇ قالتىسلىق ئۇنىڭ خۇددى قۇياش قارنى تاغدىن ئېرىتىپ تاشلىغاندەك، قىينچىلىقلارنى ئېرىتىپ تاشلىغان ئۈمىدى ئۈچۈن؛ شەرقنى غەربكە قوشقان ھىممىتى ئۈچۈن؛ يوقلۇقتىن زور بارلىق ياساپ چىقالىغان تالانتى ئۈچۈندۇر. ئۇمەۋىيلەرنىڭ پاتقاققا مىلەنگەن، قانغا چۆمۈلگەن مىراسىنى قولغا ئېلىپ، ئۇنى يۇلتۇزدىنمۇ يۈكسەك، كۈن نۇرىدىنمۇ پارلاق قىلغان قاچاق بىر ئەركەك. ئىككى يېرىم ئەسىر ياشىغان بىر دۆلەت قۇرغان، ئۆز پۇشتىدىن ئابدۇرراھمان ناسىر ۋە ھەكەمدەك قەھرىمانلارنى چىقارغان، ياۋروپا ۋە رىم پادىشاھلىرىنى دۆلىتىنىڭ بوسۇغىسىغا باش قويدۇرغان بىر ئەركەك.
ئەي ئىسلام ياشلىرى! تارىخىڭلاردا قەھرىمانلىق ۋە ئىنسانىي يۈكسەكلىكنىڭ ئەڭ قالتىس مىساللىرى بار. تارىخنى ئوقۇپلا بولدى قىلماڭلار، بەلكى ئۆز ھەرىكىتىڭلار بىلەن تارىخ يېزىڭلار. مەن سىلەرگە بۈگۈن ئابدۇرراھمان داخىلنىڭ قىسسەسىنى سۆزلەپ بەرمىدىم، بەلكى تارىخىنى سىلەرنىڭ ئوقۇشۇڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئەسلىتىپ قويدۇم.
مەنبە: شەيخ ئەلى تەنتاۋىينىڭ «تارىختىن ئەزىمەتلەر/ رجال من التاريخ» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي
1. ئابدۇششەمس جەمەتى قۇرەيش قەبىلىسىگە تەۋە بىر جەمەت.