دەسلەپكى ئىسلامىي جەمئىيەتنىڭ ئۇلۇغ بىر خانىمى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى

دەسلەپكى ئىسلامىي جەمئىيەتنىڭ ئۇلۇغ بىر خانىمى ئەسما بىنتى ئەبۇ بەكرى

(ھىجرەتتىن بۇرۇنقى 27 _ ھىجرىيە 73 / مىلادىيە 595 _ 692)

ئەي خانىم – قىزلار! بۇ خانىمنىڭ قىسسىسىگە قۇلاق سېلىڭلار.

دادىسىمۇ، ئېرىمۇ بۈيۈك، ئۆزىمۇ تالانتى ۋە پوزىتسىيەلىرىدە، كۆڭلى ۋە ئەمەللىرىدە بۈيۈك بىر خانىم.

ئۆزىنىڭ پىرىنسىپىغا ۋاپا قىلىپ، چىڭ تۇرغان پىرىنسىپچان بىر خانىم. تىنچلىق دەۋرى ۋە ئۇرۇشلاردىكى ئەڭ كاتتا ھادىسىلەرگە ئورتاقلاشقان بىر خانىم. ئۆي ئايالى بولۇپ، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىقلىرىغا سەۋر قىلغان، ھالاۋەتكە ئېرىشكىنىدە كۆرەڭلىمىگەن بىر خانىم. پەقەت بىر قىسىم بۈيۈك ئەرلەردىلا تېپىلىدىغان، مەردلەرچە يۈرىكى، پىشقان ئەقلى، كۈچلۈك ئىرادىسى بولغان بىر خانىم.

ئۇنىڭ قىسسىسى ئاياللارغا ئىبرەتتۇر، پېقىرلىق بىلەن سىنالغان ئاياللارغا ئۈمىدتۇر، ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغانلار ئۈچۈن خوتۇن كىشىنىڭمۇ ئەرلەردىن ئەقىللىق ۋە مەرد بولىدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر، ئايال كىشىنىڭ پەقەت ياسىنىش ۋە زىننەتلىنىشتىن باشقا غېمى يوق بىر كۆڭۈل ئېچىش قورالى بولۇشىنىلا خالايدىغانلار ئۈچۈن ئاياللارنىڭ گىرىم – پەردازنىڭ قۇلى ۋە ئەرلەرنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇشتىن باش تارتىپ، ئۈممەت قۇرۇلۇشىدا ئۇل – ئاساس ۋە ئۈممەتنىڭ ئالىي نىشانلىرىنىڭ روياپقا چىقىشىدا ياردەمچى بولىدىغانلىقىنىڭ بايانىدۇر.

ئەزىزلەر! بۇ خانىمنىڭ دادىسى رەسۇلۇللاھتىن قالسا تۇنجى مۇسۇلمان _ شەيخۇلئىسلام ئەبۇ بەكرىدۇر، ئېرى رەسۇلۇللاھنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى، ئاللاھ يولىدا تۇنجى قىلىچ كۆتۈرگۈچى، جىھاد بايراقدارى، مەرد قەھرىمان زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامدۇر. ئوغلى بولسا شېھىت، قەھرىمان چەۋەنداز، مۆمىنلەرنىڭ ئەمىرى ئابدۇللاھ ئىبنى زۇبەيردۇر.

ئۇ _ ئىككى بەلۋاغلىق ئەسما، بۈيۈك ئەسما، ئوغلى ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى بىجىرىم ئەركەكلەرمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە، مەردلەرچە پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ئەسمادۇر.

ئۇ ئائىشەنىڭ ھەدىسىدۇر، دەسلەپتە مۇسۇلمان بولغان ئون يەتتىنچى كىشىدۇر. ئۇ ھەق ۋە ھىدايەت قوشۇنىنىڭ، زېمىننى نۇرغا تولدۇرغان ئسلام قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى سېپىدا ئىدى. ساماۋى شەرىئەتكە ۋاپادار بولۇش ۋە ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇرۇش ئۈچۈن پەيغەمبەرگە بەيئەت بەرگەن ئىدى. ئىمان ئۇنىڭ كۆڭلىدە شۇ قەدەر چوڭقۇر ئورۇن ئالغانكى، ئىنسان ھېس – تۇيغۇلىرىنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى بولغان ئانا مۇھەببىتى بىلەن ئىماننىڭ توقۇنۇشۇپ قالغاندا ئىمانىنى تۇيغۇسىغا غالىب قىلالىغان ئىدى.

ئانىسى ئۇنى زىيارەت قىلىپ كەلدى. ھالبۇكى، ئانىسى تېخى ئىسلامغا كىرمىگەن بولۇپ، مۇشرىك ئىدى. ئۇزۇن ۋاقىت ئايرىلىشتىن كېيىن ئانىسى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىدىن ئۇنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، كۆڭلى يايراپ كەتتى. ئاندىن ئۇ ئانىسىنىڭ مۇشرىك ئىكەنلىكى، دىن رىشتىسىنىڭ نەسەب رىشتىسىدىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى ھەمدە ئاللاھنىڭ: ﴿ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بىر قەۋمنىڭ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن قارشىلاشقانلارنى دوست تۇتقانلىقىنى كۆرمەيسەن﴾([1]) دېگەنلىكىنى ئەسكە ئالدى – دە، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ، (سىڭلىسى) ئائىشەگە: «ئانام تېخىچە مۇشرىك پېتى. ئۇنىڭغا سىلە – رەھىم قىلىپ كۈتۈۋالىمەنمۇ، رەسۇلۇللاھتىن سوراپ بېقىڭ» دەپ ئادەم ئەۋەتتى.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ھەئە، ئانىڭىزغا سىلە – رەھىم قىلىڭ، ئۇنى كۈتۈۋېلىڭ» دەپ، ئۇنىڭغا ئىسلامنىڭ ھەرگىزمۇ ياخشىلارنىڭمۇ، يامانلارنىڭمۇ ھېسسىياتىغا توسقۇنلۇق قىلمايدىغانلىقى، كۆڭۈللەردىكى ئېسىللىك ئامىللىرىنى يوقىتىۋەتمەيدىغانلىقىنى ئۆگەتتى.

***

ئۇنىڭ ئىمانى ئەقلىگە ئوخشاشلا ئۆتكۈر بولۇپ، ھەر دائىم ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى تىزگىنلەپ تۇراتتى.

مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا، ئەبۇ بەكرى بارلىق پۇل – مېلىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىۋالغانىدى. ئائىلىسىنى ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇ ئارقىلىق ئۆز جېنى ۋە ئائىلىسىدىنمۇ ئارتۇق كۆرگەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئېلىۋالغانىدى.

بۇ ئىش ئەبۇ بەكرىنىڭ دادىسى ئەبۇ قۇھافە (ئۇ چاغدا ئەما ئىدى) گە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ ئېچىنغان ۋە ئاچچىقلانغان ھالدا كېلىپ:

–       ئۇ ئۆزى ئارقىلىق سىلەرنى غەم – ئەندىشىگە سېلىپ قويغاننىڭ ئۈستىگە، پۇل – مالنى ئېلىپ كېتىپ سىلەرنى جاپادا قويدىغۇ دەيمەن، _ دېۋىدى، ئەسما:

–       ياق بوۋا! ئۇنداق ئەمەس، – دېدى ۋە بىرقانچە تاشنى ئېلىپ، پۇل سالىدىغان ھەميانغا سېلىپ، ھەمياننى ساندۇقىغا تاشلاپ قويدى. ئاندىن بوۋىسىغا:

–       كېلىپ قاراپ باققىن، – دېدى. بوۋىسى قولىنى ھەمياننىڭ ئۈستىگە قويۇپ بېقىپ:

–       سىلەرگە بىرنەرسە تاشلاپ قويغان بولسا، ئوبدان قىپتۇ، – دېدى.

***

ھىجرەت قىلىش مەيدانغا كەلدى. ھىجرەت ئەسلىدە ئىككى ئادەم مەككىدىن يەسرىب (مەدىنە) كە يولغا چىققان ئاددىي بىر ھادىسىدۇر. ھەر كۈنى ئىككىسىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئادەم ھەر شەھەردىن يولغا چىقىدۇ. بۇ، ئاللاھ دۇنيانى ياراتقاندىن تارتىپ تا قىيامەتكىچە داۋاملىشىدىغان بىر ئىش. لېكىن، بۇ ھىجرەت نەتىجە ئېتىبارى بىلەن بۈيۈك ھىجرەتتۇر، چۈنكى ئۇ بىر شەھەردىن بىر شەھەرگە سەپەر قىلىش ئەمەس، بەلكى دەۋەتنىڭ بىر باسقۇچتىن يەنە بىر باسقۇچقا، يوشۇرۇنۇش ۋە ئاجىزلىق باسقۇچىدىن ئاشكارىلاش ۋە كۈچىيىش باسقۇچىغا، زەپەر ۋە ئۈستۈنلۈك باسقۇچىغا يۆتكىلىشىدۇر.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىدا بايراقلارنى لەپىلدىتىپ، دۇمباق چېلىپ ماڭىدىغان كارۋىنى، كەينىدىن قوغداپ ماڭىدىغان ئەسكەرلىرى يوق ئىدى. ئۇنىڭ كارۋىنىدا پەقەت ئۇ ئۆزى، ھەمراھى (ئەبۇ بەكرى) ۋە يولباشلىغۇچىسىدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى. لېكىن، ئۇنىڭ كارۋىنى بىلەن پەرىشتىلەر بىللە ماڭغان، ئۇنىڭ كارۋىنىنى رەھمەتلەر ئورىغان، كارۋىنىدىن قارا ئۆتمۈش يىراقلاپ، ئۇنىڭغا يورۇق كېلەچەك يېقىنلىشىۋاتقان ئىدى.

بۇ نوقۇل مەككىدىن يەسرىب (مەدىنە) كە ماڭغان كارۋان ئەمەس، بەلكى دىمەشققە، بەسرەگە، كۇفەگە، ئاندىن باغدادقا ۋە قاھىرەگە، ئاندىن قۇرتۇبەگە، سەمەرقەندكە ۋە دېھلىگە، پۈتۈن جاھانغا ماڭغان كارۋاندۇر.

بۇ كارۋان ئىككى ئەر، بىر ئايال – بۇ ئۇلۇغ ئىشتا پۈتۈن ئاياللارغا ۋەكىل بولغان بىر ئايالدىن تەركىب تاپقان كارۋاندۇر. بۇ ئايال ئۇ ئىككىسى بىلەن بىللە پۈتۈن يولنى باسمىدى، لېكىن ئۇلارنى يېمەك – ئىچمەك ۋە ئوزۇق – تۈلۈك بىلەن تەمىنلىدى. ئايال كىشى ئەر كىشى بارغان ھەر مەيدانغا ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارالمىسىمۇ، ئەرگە ئەنە شۇنداق ياردەملەرنى قىلالايدۇ. ئايال كىشى بولمىسا ئىدى، ئەرلەر بۇنداق تەۋەككۇلچىلىكلەرگە قادىر بولالماس ئىدى.

ئەسما تائام تەييارلاپ، رەسۇلۇللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەمراھىغا تائام توشۇغان ئىدى. ئۇ ئىككىسى غاردا ئىدى. بىر قېتىم ئوزۇق – تۈلۈكنى سالغان داستىخان يىرتىلىپ كېتىپ، ئۆزىنىڭ بەلۋېغىنى ئىككىگە پارچىلىدى – دە، بىرى بىلەن داستىخاننى تاڭدى، يەنە بىرىنى بەلۋاغ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئىككى بەلۋاغلىق» دەپ ئاتالدى.

بىر قېتىم ئۇلارغا تائام تەييارلاۋاتتى، قېشىغا ئەبۇ جەھل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كۆرەڭلىگەنچە كېلىپ، ئۇنىڭدىن دادىسىنى سورىدى.

ھىجرەت سىر تۇتۇلغان بولۇپ، مەككىدە بۇ سىرنى ئەلى ۋە ئەسمادىن ئىبارەت بىر ئەر، بىرلا ئايال بىلەتتى. ئۇ سىرنى ئاشكارىلاشقا ئۇنىمىدى. ئەبۇ جەھل ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىپ قورقۇتالمىغاندىن كېيىن، ئۇنى قولى بىلەن ئۇردى، ھالبۇكى ئۇ ھامىلىدار ئىدى.

قورقۇنچاقلار ئاشۇنداق قىلىدۇ.

ئەرلەرنى ئۇرۇشتىن ئاجىز كېلىۋىدى، ھامىلىدار بىر ئايالنى ئۇردى.

ھەر دەۋردىكى قورقۇنچاقلار ئاشۇنداق قىلىدۇ. يەھۇدىيلار قەھرىمانلار بىلەن جەڭگاھتا يۈزلىشىشتىن ئاجىز كېلىۋىدى، دەيرياسىندا ئاجىزەلەرنى، كىچىك بالىلارنى قىرغىن قىلدى. دەيرياسىن ئەسلىمىسى بىر كۈن سىئونىزىمنى ۋەيران قىلغۇسى!

***

ئەسما دادىسىنىڭ كەينىدىن يېتىشىۋېلىپ، نۇرلۇق مۇقەددەس كارۋان – ھىجرەت كارۋانىغا قوشۇلدى. ئۇ قاقاس چۆللۈكنى كېزىپ، قۇباغا كەلگەندىن كېيىن، ئابدۇللاھنى تۇغدى. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئىسلامدا تۇغۇلغان تۇنجى بوۋاق بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مەدەنىيەتنىڭ، بەرىكەت ۋە ياخشىلىقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى.

***

ئەپەندىلەر! زۇبەير ئەسماغا ئۆيلەنگەن چاغدا، نە مېلى، نە يېرى، نە دۇنيالىق ھېچنېمىسى يوق ئىدى. ئارانلا بىر تال ئېتى بار ئىدى. ئەسما يالغۇز نامراتلىققىلا سەۋر قىلىشى، ئۆزىگە مەھرۇملۇقنى تېڭىپ، يالغۇز ئېرىگىلا خىزمەت قىلىشى كېرەك ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇ بۇ ئاتقىمۇ خىزمەت قىلىشى، مېڭىپ يۈرۈپ خورما ئۇرۇقچىسى يىغىشى، ئاندىن ئۇرۇقچىنى ئېزىپ، ئاتقا ھەلەپ قىلىشى كېرەك ئىدى.

ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىگە سەۋر قىلدى. ئېرىگە ئىتائەتمەن، ئېرىنىڭ رازىلىقىغا ھېرىسمەن ئىدى.

بىر قېتىم رەسۇلۇللاھ تۆگە ئۈستىدە مېڭىۋېتىپ، ئۇرۇقچا كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ئەسمانى كۆرۈپ قالدى. ھالبۇكى، ئەسما ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئاچىسى، ھاممىسىنىڭ ئوغلىنىڭ ئايالى ئىدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەسمانىڭ مىنىۋېلىشى ئۈچۈن، تۆگىسىنى چۆكتۈرۈپ: – چۆك، چۆك، – دېدى.

كېيىن ئەسما مۇنداق دەيدۇ: «مەن زۇبەيرنى كۈنلەپ قالارمىكىن دەپ، (مىنگىلى) ئۇنىمىدىم».

ئەسما ئېرىنىڭ ئاچچىقلىنىشىدىن ئەنسىرەپ، پاك ۋە مەسۇم پەيغەمبەرنىڭ كەينىگە مىنىشكە ئۇنىمىدى. ئېرىمۇ ئاچچىقلاپ كەتمەيتتى، لېكىن بۇ قىلغىنى ئېرىنىڭ رازىلىقىغا زىيادە ھېرىسمەنلىكىدىن ئىدى.

دادىسى ئۇنىڭغا ئات باقىدىغانغا بىر خىزمەتچى بېرىۋىدى، ئۇ ئۆزىنى بىر مەلىكىگە ئايلانغاندەك ھېس قىلىپ قالدى.

ئەي ئوقۇرمەن قىز، ئەي مەھرۇملۇقنىڭ دەردىنى تارتىپ، تەقدىرنى سۆككىلى تاس قالغان كەمبەغەل ئەرلىك خانىم، قىسسىنىڭ داۋامىغا قۇلاق سېلىڭ!

ئەسما شۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە سەۋر قىلدى. ئاقىۋەتتە، ئۇ باي بولدى، ئۇنىڭغا ۋە ئېرىگە نېمەتلەر تۆكمە بولدى. ئېرى ۋاپات بولغاندا ئۇنىڭغا قالدۇرغان مىراسى… ئىدى.

كىم زۇبەيرنىڭ قالدۇرغان مىراسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايدۇ؟ ئۇرۇقچا تېرىپ، ئۇرۇقچا ئەزگەن ۋە كەمبەغەللىككە سەۋر قىلغان ئەسمانىڭ يولدىشى قانچىلىك مىراس قالدۇرغاندۇ؟

5,200,000 (بەش مىليون ئىككى يۈز مىڭ) كۈمۈش تەڭگە (ھەر 200 تەڭگە 20 مىسقال ئالتۇنغا تەڭ ئىدى).

زۇبەير ئۇنى نە ھارامدىن، نە باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئېلىۋېلىپ توپلىمىدى، شۇنداقلا مەسجىدتە ئولتۇرۇۋېلىپ، دەرس ئۆتۈپ، ۋەز ئېيتىپ: «مەن رەسۇلۇللاھنىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسىمەن، ئۇنىڭ ھاممىسىنىڭ ئوغلىمەن، ماڭا پوشكال – قۇيماق بېرىڭلار» دەپمۇ تاپمىدى. بەلكى ئۇ ئابدۇررەھمان ئىبنى ئەۋف ۋە باشقا ساھابىلەر تىجارەت قىلغاندەك تىجارەت قىلدى. ئاخىرىدا، كۆپلىگەن ساھابىلەرگە ئوخشاش مىليونىرلاردىن بولدى.

مۇسۇلمانلار ئەنە شۇنداق ئىدى. مۇسۇلمانلار دۇنيا ۋە دىن، مال ۋە تەقۋادارلىق ئەھلىلىرى ئىدى، كۈندۈزى ئىشتا، كېچىسى قىيامدا ئىدى.

ئۇ قولى كەڭرى، مەرد بىرى ئىدى. ئۇنىڭ مۇشۇنداق پۇل – مېلى ھەم ئۇنى ھېسابلايدىغان مىڭ قۇلى بار ئىدى. ئۇنىڭغا زاكات ۋاجىپ بولۇپ باقمىغان. چۈنكى، ئۇ ھېچ نەرسىنى ساقلىمايدىغان ئىدى.

بۇ پەزىلەتلىك خانىمغا كەلسەك، ئۇ بۇرۇن ئېرىنىڭ كەمبەغەللىكىدىن خېجىل بولمىدى ھەم كېيىن ئېرىنىڭ بايلىقى بىلەنمۇ كۆرەڭلەپ كەتمىدى، بەلكى ياخشى ئايال ۋە ۋاپادار خوتۇن بولۇۋەردى.

***

ئۇ ئەرلەرگە ئوخشاش شىجائەتلىك، قېيىنئانىسى سەفىييە بىنتى ئابدۇلمۇتتەلىبكە ئوخشاش جاسارەتلىك ئىدى، يەرمۇك كۈنى جەڭگە قاتنىشىپ، قەھرىمانلارچە جەڭ قىلغانىدى.

سەئىد ئىبنى ئاسنىڭ دەۋرىدە يېغىلىق بولۇپ، تىنچلىق بۇزۇلغاندا، ئۆزى ۋە ئائىلىسىنى قوغداش ئۈچۈن قولىغا خەنجەر ئېلىپ، خەنجەرنى يېنىدا ساقلاپ يۈرگەنىدى. ھەربىر قىز خەنجەر بىلەن ئەمەس، ئاددىيسى بېشىنى تىك تۇتۇپ، كۆزىنى يىغىپ، ھۆرمىتىنى ساقلاپ مېڭىش ئارقىلىق، شۇنداقلا غالجىر ئىتنى قوغلىغاندەك، ئۆزىگە كۆز تىككەن، ئۆزىگە تەمەدە بولغان ھەرقانداق ئادەمنى قوغلاش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداشنى بىلسە ئىدى، يەرشارىدىن بۇزۇقچىلىق نېرى كەتكەن بولاتتى.

ئەسما تىلى راۋان، پاساھەتلىك ئەدىب ۋە شائىر ئىدى. ئۇنىڭ ئېرىگە ئوقۇغان مەرسىيەلىرى بار.

ئۇنىڭ باشقا ئايال كىشى ئاجىز كېلىدىغان بۇ بۈيۈك پوزىتسىيەسىگە قاراڭ! بىر ئانىنىڭ ئۆز بالىسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ باققانمىدىڭىز؟

(ئوغلى) ئابدۇللاھ ھىجاز، ئىراق، پارس ۋە خۇراسانلارغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، مىسىرمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنغان ئىدى. ئۇنىڭ شامدىمۇ تەرەپدارلىرى بار ئىدى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەر تەرەپلىرى ئۇنىڭ ئىلكىگە ئۆتكەنىدى. بەنى ئۇمەييە پەقەت شامنىڭ ئازراق بىر قىسمىدىلا قالغانىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بەنى ئۇمەييەنىڭ دۇنياسى كېڭىيىپ، بۇ پادىشاھنىڭ چېگرالىرى كېمەيدى، دۇنياسى تارايدى. ئۇنىڭ بايرىقىنى مەشرىق ۋە مەغرىب ئاسمانلىرىدا لەپىلدەتكەن قوشۇنىدىن ئارانلا ھەرەم ئىچىدە ئۇنى چۆرىدەپ تۇرغان بىرقانچە كىشىلا قالدى، بۇ ئۇنىڭ قېپقالغان قوشۇنىنىڭ بارى ئىدى. مانچاناقلار ئۈستىدىن، دۈشمەن ئۇنى ئەتراپتىن قورشىۋالغانىدى. ئۇنىڭغا قېچىش تەكلىپى بېرىلىۋىدى، ئۇنىمىدى. قەھرىمانلىقلار ۋە شان – شەرەپلەرگە تولغان بۇ ئۇزۇن ھاياتىنى سەت بىر شەكىلدە ئاياغلاشتۇرۇشقا رازى بولمىدى، بەلكى دادىسىدەك مەردلەرچە ئۆلۈشنى، جەڭدە شاۋقۇن – سۈرەنلەر ئارا يىقىلىشنى، قان بىلەن يۇيۇلۇشنى، ھەرەمنىڭ تۇپرىقىنى ياستۇق قىلىشنى تاللىدى.

ئابدۇللاھ ئانىسىنىڭ قېشىغا خوشلاشقىلى ۋە ئۇنىڭدىن مەسلىھەت ئالغىلى باردى. ئانىسى بۇ چاغدا كۆزىدىن كەتكەن، يېشى يۈزگە بېرىپ قالغان ئىدى. ئانىسىغا:

–       ئانا! ئەھلىم ۋە بالىلىرىمغىچە جىمى كىشىلەر مېنى ياردەمسىز قويدى، مېنىڭ ئۈمىدىم قالمىدى. قەۋم ماڭا دۇنيا دېسەم خالىغىنىمنى بەرمەكچى. سەن قانداق قارايسەن؟ – دېدى.

ئانا بىرئاز ئىككىلەندى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتا ئوغلىنىڭ قۇبادىكى تۇغۇلغان ۋاقتىنى ئەسلىدى. ئوغلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ ھاياتىنى بىر – بىرلەپ ۋاراقلاپ چىقتى. ئۇنىڭغا نەپسى ۋە ھېسسىياتى غالىب كەلگىلى تاس قالدى. ئاندىن ئوغلىغا تاللايدىغان بۇ ھاياتلىقنىڭ ئوغلىنىڭ پۈتۈن شان – شەرىپى ۋە ھۆرمىتىنى تارتىۋالىدىغان ھاياتلىق ئىكەنلىكىنى، شان – شەرەپسىز ھاياتلىقتىن ئۆلۈمنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالدى – دە، كەسكىن ھالدا:

–       بەنى ئۇمەييەنىڭ شۇمتەكلىرى سەن بىلەن ئويناشمىسۇن! سەن مەردلەرچە ياشىدىڭ، ئەمدى مەردلەرچە ئۆل، – دېدى.

ئانا قارارىنى بەردى، بالىسىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى. ھالبۇكى، ئۇ بۇ جۈملىنىڭ ھەربىر ھەرپىنى ئۆزىنىڭ يۈرىكىدىن سۇغۇرۇپ چىقارغانىدى. گويا ئۇ يالغۇز بالىسىنىلا ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلماستىن، ئۆزىنىمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ئاندىن ئوغلىنى قۇچاقلاپ، بەدىنىنى سىلىدى، بويۇنلىرىنى ھىدلىدى. ئۇ بۇ دەملەردىن كېيىنكى كۈنلىرى ئۈچۈن ياشىغۇدەك ئوزۇق ئېلىۋاتاتتى.

ئوغلى كەتكەندىن كېيىن، يۈرىكىدە ھېچنەرسە تولدۇرالمايدىغان بىر بوشلۇقنى ھېس قىلدى، يۈرىكى قالمىغانلىقىنى سەزدى. ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئوغلى ئېلىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئوغلى شېھىت بولۇپ، ئون نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلدى.

***

ئەگەر بۇ پوزىتسىيە فرانسوز ياكى ئىنگىلىز بىر ئايالنىڭ پوزىتسىيەسى بولغان بولسا ئىدى، بۇ ھەقتە يۈزلەرچە داستان پۈتۈلگەن بولاتتى، يۈزلەرچە ھېكايە يېزىلغان بولاتتى. لېكىن، ئەسما مۇسۇلمان ئەرەب ئايال ئىدى. ئەرەبلەر ئەجدادلارنىڭ مىراسىنى نابۇت قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ بايان ۋە ئەدەبىياتىنى نابۇت قىلدى.

مانا بۇ ئۇلۇغ خانىم ئەسما، ئۇ تەۋە بولغان ئۈممەتنىڭ تارىخى ئۇنىڭدىن شەرەپ ھېس قىلىدۇ.

مەنبە: شەيخ ئەلى تەنتاۋىينىڭ «رجال من التاريخ» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: قاراخانىي

—————————–
([1]) «مۇجادەلە» سۈرىسى، 22 – ئايەت.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ