(ھىجرەتتىن بۇرۇنقى 68 – ھىجرەتتىن بۇرۇنقى 3 / مىلادىيە 556 – 620)
ئىنتايىن قايغۇلۇق دەملەر ئىدى… رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېلىقى مۇنچاقنى ئۆرۈپ قاراپ، كۆزلىرىدىن ياشلار قۇيۇلدى.
ھېلىقى مۇنچاق… ئۇنى قۇرەيشلىك بىر ئادەم چوڭ بەرد غازىتىدا مۇسۇلمانلار ئەسىر ئالغان قېرىندىشى ئۈچۈن تۆلەم سۈپىتىدە ئەكەلگەنىدى. ئۇ مۇنچاق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەلللەمنىڭ يۈرىكىدە دۇنيادىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ قەلب تارىلىرىنى ئىگىلىۋالغان بىر ئايالنىڭ ئەسلىمىلىرىنى قايتىدىن ئويغاتتى. بۇ مۇنچاق ئۇنىڭ قەلبىگە ئەڭ سۆيۈملۈك بولغان بىر ئىنساننىڭ مۇنچىقى ئىدى. بۇ مۇنچاق ئۇنى ياخشى كۆرگەن، ئۇنىڭغا يۆلەكچى بولغان، ئۇنىڭ راھىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ راھىتىدىن كەچكەن بىر ئايالنىڭ مۇنچىقى ئىدى. بۇ مۇنچاق ئۇ ھىرا غارىدىكى چېغىدا ئۇنىڭغا يېمەك – ئىچمەك ئەكىلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەككىنىڭ ئالىپ تاغلىرىغىچە چىقىپ، ئاندىن ئۇنى خىلۋىتىدە تىنچ قالدۇرۇپ كېتىدىغان بىر ئايالنىڭ مۇنچىقى ئىدى، ئۇنىڭغا پۇل – مېلى ۋە ۋۇجۇدى بىلەن ياردەم بەرگەن بىر ئايالنىڭ مۇنچىقى ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جىبرىل تۇنجى قېتىم ۋەھىي ئېلىپ كەلگەندىكى قورقۇنچىسىنى بېسىش ئۈچۈن، ئۆزىنى چاپان بىلەن يۆگەپ قويغان شۇ بىر ئايالنى ئەسلىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھېلىقى مۇنچاقنى ئۆرۈپ قاراۋېتىپ، مەككە كاپىرلىرى مەككىنىڭ يوللىرىدا ئۆزىنى زاڭلىق قىلغاندا، ئۆزىگە تەسەللى بەرگەن ۋە ھېسداشلىق قىلغان شۇ ئايالنى ئەسلىدى. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى كىشىلەر ئۆزىنى يالغانغا چىقارغاندا ئۆزىگە ئىشەنگەن، كىشىلەر تەرك ئەتكەندە ئۆزىگە قولداش بولغان، كىشىلەر ئۆزىدىن ۋاز كەچكەندە ئۆزىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەن شۇ بىر ئايالنى ئەسلىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم 25 يىللىق ئەر – خوتۇنلۇق تىنچ تۇرمۇشتا چىڭراقمۇ بىر ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغان شۇ ئۆمۈر يولداشىنى ئەسكە ئالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كاپىرلار مەككە جىلغىسىدا مۇسۇلمانلارغا قامال يۈرگۈزگەندىن كېيىن، ئۆزى بىلەن بىر سەپتە ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىقنىڭ دەردىنى تارتقان شۇ ئايالنى ئەسكە ئالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆز ئالدىدىكى مۇنچاقنى ئۆرۈپ قارىغاچ، ئۇنىڭ قىزى زەينەبنىڭ تويى بولغان كۈنى قىزىنىڭ چېھرىدە ئىللىق تەبەسسۇم كۆرۈش ۋە بۇ تەبەسسۇمنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ كۆزىدە ئەكس ئېتىپ، ئۇنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالغان يېتىم قەلبىدە شۇ خۇشاللىقنى ئەھيا قىلىش ئۈچۈن، ئۇشبۇ مۇنچاقنى بوينىدىن چىقىرىپ، قىزىغا تاقاپ قويغان شۇ كۈننى ئەسكە ئالدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزىنىڭ گۆدەكلىكىدە باشتىن كەچۈرگەن يېتىملىك ۋە مەھرۇملۇق يىللىرىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇپ بەرگەن شۇ ئايالنى ئەسكە ئالدى – دە، ئۇنىڭ پاك مەڭزىلىرىنى بويلاپ ئىسسىق ياشلار تاراملىدى. بۇ مۇنچاق ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ ۋاپادار سۆيگۈنى، سادىق ھەمراھى، ھالال جۈپتى، سۆيۈملۈك ئايالى قەھرىمان خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مۇنچىقى ئىدى.
ئىسلامنىڭ ئايال بۈيۈكلىرى ھەققىدە يېزىش ئۇنچە تەس ئەمەس، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئەر بۈيۈكلىرى ھەققىدىكى نەچچە ئايلىق ئىزدىنىشتە تارتقان جاپالىرىمدىن بىر ئاز بولسىمۇ يەڭگىللەيمەنغۇ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن. نەدىكىنى، بۇ ئۈممەتنىڭ ئايال بۈيۈكلىرى ھەققىدە يېزىش ئەر بۈيۈكلەر ھەققىدە يېزىشتىن مىڭ ھەسسە قىيىن ئىكەن. بىز ھازىر سۈپەتلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىدىغان بۈيۈك بىر ئايال ئالدىدا تۇرماقتىمىز. بىز كۆپ ئاڭلاپ كەتكەن بىر گەپ بولىدىغان: «ھەرقانداق بۈيۈك بىر ئەرنىڭ ئارقىسىدا بۈيۈك بىر ئايال بار» دەپ. ئەمما، مەن ئىسلامنىڭ ئايال بۈيۈكلىرىنىڭ تەرجىمىھالىنى تەتقىق قىلغىنىمدىن كېيىن، بۇ گەپنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدىم. ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئاياللىرىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا سۆز ئۇ بولسىمۇ، «ھەرقانداق بۈيۈك بىر ئۈممەتنىڭ ئارقىسىدا بۈيۈك بىر ئايال بار!» ئىكەن. بۇ دېگىنىم ئاياللارغا خۇشامەت قىلغانلىق ئەمەس، بەلكى تەكرارلانغان تارىخ ۋەقەلىرىنى تولۇق تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن يەكۈنۈمدۇر. ئىسلامنى ۋە ئىسلامنىڭ ئەلچىسىنى ۋەھىي چۈشكەن دەسلەپكى مىنۇتلاردىن تارتىپ قوغدىغان تۇنجى كىشى خەدىجە ئىسىملىك ئۇلۇغ بىر ئايالدۇر. بىزنىڭ تا مۇشۇ كۈنىمىزگىچە زەمزەم سۈيىدىن ئىچىشىمىزگە ۋاسىتە بولغان تۇنجى كىشى ھاجەر ئىسىملىك بىر ئايالدۇر. ساھابىلەرگە ئۇلارنىڭ دىنلىرىنى ئۆگەتكەن ۋە بىزگە رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسلىرىنى نەقىل قىلغان كىشى ئائىشە ئىسىملىك بىر ئايالدۇر. ئىسلامدا ئايال كىشى بەزىلەر دەۋالغاندەك جەمئىيەتنىڭ يېرىمى ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتنىڭ بارلىقىدۇر. ئايال كىشىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردىكى ئاياللارنىڭ ئورنىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇقتۇر. ئۇ دۆلەتلەردىكى ئايال كىشى ئەرلەر سېتىۋالىدىغان بىر ماشىنىنىڭ يېنىدا يېرىم يالىڭاچ ئېلانغا چىقىپ بېرىش بەدىلىگە ئازراق دوللار ئېلىپ قورساق بېقىش ئۈچۈن، كىيىملىرىنى سېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ يەرلەردىكى ياش بىر قىز ئۆيىنىڭ ئىجارىسىنى تۆلەپ، قورسىقىنى قامدىغۇدەك بىر نەرسە تېپىش ئۈچۈن، ئەرلەر كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىدىغان بىر ژۇرنالغا قېپيالىڭاچ چىقىپ بېرىش ئۈچۈن كىيىملىرىنى سېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ئاياللار ئازراق ياۋرۇ بەدىلىگە ئۆزىنىڭ تېنى بىلەن ئەرلەرنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن، ياۋروپانىڭ بەزى چوڭ كوچىلىرىدا دۇكانلارنىڭ ئەينىكى ئارقىسىدىن يېرىم يالىڭاچ ئۆزلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ، گويا بىز ھېلىھەم ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قۇل بازارلىرىدا ياشاۋاتقاندەك.
ئەگەر سىز مۇسۇلمان بىر قىز بولسىڭىز، ئەگەر سىز مۇسۇلمان بىر خانىم بولسىڭىز، بېشىڭىزنى ئېگىز كۆتۈرۈڭ، بېشىڭىزنى كۆككە تاقاشقۇچە ئېگىز كۆتۈرۈڭ. چۈنكى، سىز كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ يەتتە قات ئاسماننىڭ ئۈستىدىن پەرىشتىلەرنىڭ چوڭى جىبرىل ئارقىلىق سالام يوللىغان خەدىجەنىڭ نەۋرىسىدۇرسىز. شۇنى بىلىڭكى، سىزنىڭ بۇ ئۈممەتتىكى رولىڭىز ئەرلەرنىڭ رولىدىن يۇقىرىدۇر. سىز قەھرىماندۇرسىز، سىز قەھرىماننىڭ ئانىسىدۇرسىز، سىز قەھرىماننىڭ جورىسىدۇرسىز، سىز قەھرىماننىڭ ھەمشىرىسىدۇرسىز، سىز قەھرىماننىڭ مۇئەللىمىسىدۇرسىز. شۇنى بىلىڭكى، سىزسىز ئېرىڭىز ھېچ نەرسىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. شۇنى بىلىڭكى، سىزسىز بالىلىرىڭىز نابۇت بولىدۇ. بىلىڭكى، بۇ ئۈممەتنىڭ يېڭىدىن تىرىلىش غېمىنى ئۈستىگە ئالىدىغان بىر ئەۋلادنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ۋاقتىڭىز كەلدى. خەدىجە ئانىڭىزغا ئوخشاش ئۆلۈمىڭىزدىن كېيىنمۇ تارىخ ئەسلەپ تۇرىدىغان بىر قەھرىمان بولۇڭ! خۇددى خەدىجە بۇ دىننى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كۆتۈرگەندەك، ئۇنى قەلبى بىلەن كۆتۈرىدىغان ئاياللار بولماي بۇ ئۈممەت ھەرگىزمۇ باش كۆتۈرەلمەيدۇ. پۈتۈن ۋاقىتلىرىنى پۇچەك كىنو – پروگراممىلارنى كۆرۈش بىلەن ئۆتكۈزىدىغان پۇچەك بىر ئايالنىڭ بالىياتقۇسىدىن ھەرگىزمۇ سالاھىددىن كەبى قەھرىمان چىقمايدۇ. ئەگەر مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك پادىشاھ مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيانغا ئانىسى ھىندى بىنتى ئۇتبە ئۇنىڭ قانات – قۇيرۇقى چىققاندىن تارتىپ بۈيۈكلۈك روھىنى تىكمىگەن بولسا ئىدى، ئۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىر غېرىچ تۇپراقنىمۇ فەتىھ قىلالماس ئىدى. ئەي ئىسلام ئاياللىرى! خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد سىلەرنىڭ ئۈلگەڭلار بولسۇن، ئۇنىڭدىن ئۈممەت بەرپا قىلىش سەنئىتىنى ئۆگەنگەيسىلەر.
خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پىل يىلىدىن 15 يىل بۇرۇن تۇغۇلغان. قۇرەيش ئىچىدە نەسەبى ئوتتۇراھال، ئورنى يۇقىرى، شەرىپى ئۈستۈنلەردىن بولۇپ، بويىغا يەتكەن چاغدا جاھىلىيەت ئاياللىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى تەرك ئەتكەنلىكى ئۈچۈن «تاھىرە (پاك قىز)» دەپ تونۇلغان. ئۇ پۇلدار ۋە شەرەپلىك بىر سودىگەر ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 25 يېشىدا، ئۇ 40 ياشتا ئۇنىڭغا ئۆيلەنگەن. ئۇ ئىنسانلار ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان بىرىنچى كىشىدۇر. مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھا قۇرەيشنىڭ كاتتا ئائىلىرىنىڭ بىرىدىن كېلىپ چىققان خانىم بولۇپ، ئاتىسى خۇۋەيلىد ئىبنى ئەسەد ئىبنى ئابدۇلئۇززا ئىبنى قۇسەي ئىبنى كىلاب ئىبنى مۇررە ئىبنى كەئب ئىبنى لۇئەي ئىبنى غالىب ئىبنى فىھردۇر. ئۇنىڭ نەسەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نەسەبى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆتىنچى بوۋىسى قۇسەي ئىبنى كىلابتا ئۇچرىشىدۇ. ئانىسى بولسا فاتىمە بىنتى زائىدە ئىبنى ئەسەم ئىبنى ھەدم ئىبنى رەۋاھە ئىبنى ھەجەر ئىبنى ئەبد ئىبنى مۇئەيس ئىبنى ئامىر ئىبنى لۇئەي ئىبنى غالىبتۇر. ئانىسىنىڭ نەسەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەككىزىنچى بوۋىسى، قۇرەيشلەر نىسبەت بېرىلىدىغان لۇئەي ئىبنى غالىبتا ئۇنىڭ بىلەن بىرلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى ئابدۇللاھ ئىبنى مەكتۇمنىڭ دادا تەرەپ ھاممىسىدۇر. خەدىجەنىڭ نەۋفەل، ئەۋۋام، ھىزام دەپ قېرىنداشلىرى بار بولۇپ، ئەۋۋام زۇبەير ئىبنى ئەۋۋام دېگەن ساھابىنىڭ دادىسى؛ ھىزام ھەكىم ئىبنى ھىزام دېگەن ساھابىنىڭ دادىسىدۇر.
ھەزرىتى خەدىجە بىنتى خۇۋەيلىد رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئىسلامنىڭ سۈبھى دەۋرىدە ئىسلامنى ھىمايە قىلغان مۇستەھكەم قورغاننىڭ ئورنىدا بولغانىدى. ئاللاھ ئىشەنچىلىك جىبرىلنى خەدىجەنىڭ ئېرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇ ھىرا غارىدا ئىبادەت قىلىۋاتقان چاغدا ئەۋەتكەندە، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى كۆرگەن ئىشتىن قورقۇپ كېتىپ، ئۆيىگە ئالدىرىدى. ئۇنى ۋاپادار ئايالى خەدىجە كۈتۈۋالدى ۋە ئۇنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرىنى ئاڭلىدى. ئاندىن ئۇ كۆيۈملۈك ۋە سالماق ئاۋازى بىلەن: «ئەنسىرەپ كەتمەڭ! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئاللاھ سىزنى ھەرگىزمۇ تاشلاپ قويمايدۇ، سىز دېگەن تۇغقانلارغا ياخشىلىق قىلىسىز، راست گەپ قىلىسىز، ئاجىز – بىچارىلەرنىڭ يۈكىنى كۆتۈرۈشۈپ بېرىسىز، مېھماننى ياخشى كۈتۈۋالىسىز، بېشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىسىز» دېدى. ئاندىن بۇ بۈيۈك قەھرىمان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ئېلىپ، تاغىسىنىڭ ئوغلى ۋەرەقە ئىبنى نەۋفەلنىڭ قېشىغا كەلدى. ۋەرەقە ئىنجىلدىن ئىلىمى بار، ناسارا دىنىدىكى ئادەم ئىدى. خەدىجە ئۇنىڭغا: «ئى تاغامنىڭ ئوغلى! قېرىندىشىڭنىڭ ئوغلىغا قۇلاق سالغىن» دېدى. ۋەرەقە: «ئەي قېرىندىشىمنىڭ ئوغلى! نېمە بولدۇڭ؟» دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كۆرگەن ئىشلارنى ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەردى. ۋەرەقە: «بۇ مۇساغا چۈشۈرۈلگەن ۋەھىينىڭ ئۆزى شۇ. كاشكى، مەن خەلقىڭ سېنى يۇرتۇڭدىن ھەيدەپ چىقىرىدىغان ۋاقتىدا ھايات بولسامچۇ؟!» دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋەرەقەنىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغان ۋە ئۆزىنى «ئىشەنچىلىك ۋە راستچىل» دەپ ئاتايدىغان خەلقى توغرىسىدا دېگەنلىرىدىن ھەيران قېلىپ: «ئۇلار مېنى يۇرتۇمدىن ھەيدەپ چىقىرامدۇ؟» دەپ سورىدى. ۋەرەقە: «ھەئە، ھەيدەپ چىقىرىدۇ. چۈنكى، سەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى (يەنى، ۋەھىينى) ئېلىپ كەلگەن ھەرقانداق كىشى ئەزىيەتكە ئۇچرىماي قالمايدۇ. سەن دىنغا دەۋەت قىلىدىغان چاغلاردا ھاياتلا بولسام، ساڭا يېقىندىن ياردەم قىلىمەن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، خەدىجە ئۇنىڭ دەۋاسىغا تۇنجى بولۇپ ئىمان ئېيتقان ۋە ئۇنى قوللاش ئۈچۈن جېنى ۋە مېلىنى قۇربان قىلغان كىشى بولدى.
بۇ بۈيۈك ئايال ئىسلامنىڭ تۇنجى لەھزىلىرىدىن باشلاپلا، چىن قەلبى بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ غەمگۈزارى ۋە يۆلەنچۈكى بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغان، ئۇنى بارچە ئىمكانىيىتى بىلەن قوللىغان، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى يەتكۈزۈشى يولىدا ئۇنىڭغا جېنىنى ۋە مېلىنى پىدا قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىلىكلەردىن قانداقلىكى ئەزىيەتكە يولۇقسا، خەدىجە ئۇنىڭغا تەسەللى بېرەتتى، ئۇنى يولىدا چىڭ تۇرۇشقا ئۈندەيتتى ۋە ئۇنىڭ ئېغىرىنى يىنىكلىتەتتى. مەككىلىكلەر مۇسۇلمانلارنى ئەبۇ تالىب جىلغىسىدا قامال قىلغان چاغدا، ئۇ شۇ قىيىن شارائىتلاردىمۇ ئېرىدىن ۋاز كەچمىدى، بەلكى مۇسۇلمانلارغا تېڭىلغان قامالنىڭ جاپاسىنى تەڭ تارتىش ئۈچۈن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن تەڭ جىلغىغا كىردى، يېشىنىڭ چوڭىيىپ قالغىنىغا قارىماي، جاپا – مۇشەققەت ۋە ئاچارچىلىقنىڭ دەردىگە تەڭ بەرداشلىق بەردى. بۇ گىگانىت قەھرىمان ئىككى قولى باغلاقلىق ئولتۇرماستىن، قېرىندىشىنىڭ ئوغلى ھەكىم ئىبنى ھىزامنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مۇسۇلمانلارغا تائام كىرگۈزۈش ئۈچۈن مەخپىي ھەرىكەتلەرنى قىلدى.
ئۈچ يىللىق ئاچارچىلىق ۋە قامالدىن كېيىن…
65 ياشقا تاقاپ قالغان بۇ قەھرىمان خانىم قامال ۋە ئاچارچىلىقلارنىڭ تەسىرىدە ئاغرىپ قالدى ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي، ھىجرەتتىن ئۈچ يىل بۇرۇن ئەبۇ تالىبنىڭ جىلغىسىدا روھىنى ياراتقۇچىسىغا تاپشۇردى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا قاتتىق قايغۇردى. بۇ ۋاپادار ئەر ئايالىنى قەبرىگە ئۆز قولى بىلەن قويۇش ئۈچۈن، قەبرىگە ئۆزى چۈشتى. نەتىجىدە، بۇ دىننىڭ ماڭا ۋە سىزگە يېتىپ كېلىشى ئۈچۈن ھاياتلىقىدا ئىسلامنى ۋە ئىسلام پەيغەمبىرىنى قوغدىغان بۇ قەھرىمان ئىنساننىڭ ھاياتى شۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشتى. ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى خەدىجەدىن رازى بولسۇن، ئۇنى ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى شەكىلدە مۇكاپاتلىسۇن!
ئىمام زەھەبى ئۇنىڭ ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ئۇ ئەقىللىق، ئۇلۇغ، دىندار، ئىپپەتلىك، ئېسىل ۋە جەننەت ئەھلىدىن ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا مەدھىيە ئوقۇيتتى، بارچە مۆمىنلەرنىڭ ئانىلىرىدىن ئۇنى ئارتۇق كۆرەتتى ۋە ئۇنى ھەددىدىن زىيادە ئۇلۇغلايتتى، ھەتتا ئائىشە: «مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى ھېچبىر ئايالىدىن خەدىجەدىن كۈنلىگەندەك كۈنلەپ باقمىدىم. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەدىجەنىڭ گېپىنى تولا قىلاتتى» دەيدىغان ئىدى.
بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھلىرىدە رىۋايەت قىلىدۇ: پەرىشتە جىبرىل پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! خەدىجە بىر قاچىدا يېمەك – ئىچمەك ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن ۋە مەندىن سالام ئېيتىپ قويغىن، شۇنداقلا، ئۇنىڭ ئۈچۈن جەننەتتە مەرۋايىتتىن بىر قەسىر سېلىنغانلىقى، قەسىردە نە ۋاراڭ – چۇرۇڭ، نە ھېرىپ چارچاشنىڭ يوقلۇقى بىلەن خۇش بېشارەت بەرگىن» دېدى.
ئىمام سۇھەيلىي ئېيتىدۇ: جىبرىل ئۇنىڭغا ۋاراڭ چۇرۇڭ ۋە ھېرىپ – چارچاش بولمىغان، مەرۋايىتلىق بىر قەسىردىن خۇش بېشارەت بەردى. چۈنكى، ئۇ ئەڭ ئالدىدا ئىمان ئېيتىش بىلەن بىرگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ باقمىغان، ئۇنى بىر كۈنمۇ چارچىتىپ باقمىغان، بىر كۈنمۇ ئۇنى سەلپىشلىمىگەن ۋە ئازار بەرمىگەن ئىدى.
مەنبە: جىھاد تۇربانىينىڭ «مائة من عظماء أمة الإسلام غيروا مجرى التاريخ» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: قاراخانىي