بەزى كىشىلەر بىلەن يىگىرمە ياش ۋاقتىدا ئولتۇرىسەن، ئۇلارنىڭ مۇئەييەن ئۇسلۇبى، مەنتىقىسى ۋە چۈشەنچىسى بارلىقىنى ھېس قىلىسەن. ئۇلار بىلەن يەنە ئوتتۇز ياش ۋاقتىدا ئولتۇرىسەن، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارلىرىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، ھېچقانداق تەرەققىي قىلمىغانلىقىنى بايقايسەن. يەنە بەزى كىشىلەر بىلەن ئولتۇرىسەن، ئۇلارنىڭ ھاياتىدىن مەنپەئەت ئالىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ھەر كۈنى ئالدىنقى كۈندىكىدىن تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئازراق ۋاقىت ئۆتسىمۇ، دىنى ۋە دۇنياسىدا ئىلگىرىلەش بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىسەن. بۇ ھەقتە كىشىلەرنىڭ تۈرلىرىنى بىلمەكچى بولساڭ، كەلگىن، ئۇلارنىڭ ئەھۋاللىرى ۋە قىزىقىشلىرى توغرىسىدا ئىنچىكە ئويلىنىپ باقايلى!
سۈنئىي ھەمراھ (تېلېۋىزىيە) قاناللىرىنى مىسالغا ئالساق، بەزى كىشىلەر ئىلىم – مەرىپەت چۈشەنچىلىرى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى ئاشۇرىدىغان نەرسىلەرنى كۆرىدۇ. ئۇلار پايدىلىق سۆھبەتلەرنى كۆرۈش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىدۇ، ئۇلاردىن مۇنازىرە، تىل، چۈشەنچىلەردە ئاجايىب ماھارەتلەرنى، ھازىر جاۋابلىقنى، مۇنازىرە ئىقتىدارىنى، قايىل قىلىش ئۇسلۇبلىرىنى ئۆگىنىدۇ.
بەزى كىشىلەر مەغلۇپ بولغان مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى تەسۋىرلەيدىغان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ياكى تەسىرلىك درامىلارنى، ياكى قورقۇنچلىق خىيالىي فىلىملەرنى، ۋەياكى ئەمەلىيەتتە بولمايدىغان، ئەرزىمەس پەرەزىي ھېكايە فىلىملىرىنى كۆرۈشنى قولدىن بېرىپ قويمايدۇ.
ساڭا ئىلتىماس قىلىمەنكى، كەلگىن، بەش يىل ياكى ئون يىلدىن كېيىن بىرىنچى تۈردىكى كىشىلەر بىلەن ئىككىنچى تۈردىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىغا نەزەر سالغىن، قابىلىيەت ۋە ماھارەتلەردە قايسىسى بەكرەك تەرەققىي قىلغان بولىدۇ؟ چۈشىنىش ئىقتىدارىدىچۇ؟ مەدەنىيەت ساپاسىنىڭ ئېشىشىدىچۇ؟ قايىل قىلىش ئىقتىدارىدىچۇ؟ ئىشلارغا تۇتقان مۇئامىلە ئۇسۇلىدىچۇ؟
ئېنىقكى، بىرىنچى تۈردىكىلەر بەكرەك تەرەققىي قىلغان بولىدۇ، ۋە يەنە ئۇلارنىڭ ئۇسلۇبىمۇ ئۆزگەرگەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ دەلىللىرى ئايەت، ھەدىس، سان – سىپىر ۋە ھەقىقەتلەر بولسا، ئىككىنچى تۈردىكىلەرنىڭ دەلىللىرى بولسا ئارتىس ۋە ناخشىچىلارنىڭ سۆزلىرى بولىدۇ. بىر كۈنى ئىككىنچى تۈردىكىلەرنىڭ بىرى سۆزلەش جەريانىدا: ئاللاھ: «ئى بەندەم، تىرىشقىن، مەنمۇ سەن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىمەن» دېگەن، دەپ سالدى. ئۇنىڭغا بۇنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزى ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىۋېدۇق، ئۇنىڭ چىرايى ئۆزگۈرۈپ گەپ قىلمىدى. كېيىن ئۇنىڭ بۇ سۆزى ھەققىدە ئويلاندىم. ئۇنىڭ تىلغا ئالغىنى مىسىر خەلق ماقال تەمسىلى ئىكەن. بۇ ماقال تەمسىل كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ بىرىدىن ئۇنىڭ زېھنىدە قالغان بولسا كېرەك.
شۇنداق، قازاندا نېمە بولسا چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ.
كەلگىن، باشقا بىر تەرەپكە يەنى گېزىت ۋە ژۇرناللارنى ئوقۇشقا قاراپ باقايلى.
قانچىلىك كىشى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، قابىلىيەت ۋە ماھارەتلىرىنى ئۈستۈرۈش، بىلىم-مەرىپەتلىرىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولىدىغان پايدىلىق خەۋەر ۋە مەلۇماتلارنى ئوقۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ؟ قانچىلىك كىشى تەنتەربىيە، سەنئەت سەھىپىلىرىدىن باشقىسىغا پەرۋا قىلمايدۇ؟ ئەمەلىيەتتە ھازىر بەزى گېزىتلەر تەنتەربىيە ۋە سەنئەت سەھىپىلىرىنى باشقا سەھىپىلەرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئارقىلىق كۆپەيتىشتە رىقابەتلىشىدىغان بولۇپ كەتتى.
بىز ئولتۇرىدىغان سورۇنلىرىمىز، ئۆتكۈزىدىغان ۋاقىتلىرىمىز توغرىسىدىمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاش دېيەلەيمىز. سەن قۇيرۇق بولماي، باش بولماقچى بولساڭ، قابىلىيەت ۋە ماھارەتلەر نەدىلا بولسا، ئۇلارنى ئىز قوغلاپ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرگىن، ئۆزۈڭنى ئۇلارغا ئادەتلەندۈرگىن.
ئابدۇللاھ قاتتىق غەيرەتلىك بىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا بەزى قابىلىيەت ۋە ماھارەتلەر يېتەرسىز ئىدى. بىر كۈنى ئۇ پېشىن نامىزىنى ئوقۇش مەقسىتىدە مەسجىدكە بېرىش ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقتى. ئۇنىڭ نامازغا بولغان ھېرىسمەنلىكى، دىنغا بولغان مۇھەببىتى ئۇنىڭغا تۈرتكە بولاتتى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلاتتى. مەسجىدكە بېرىپ بولۇشتىن ئىلگىرى نامازلارنىڭ ئوقۇلۇپ بولۇشىدىن ئەنسىرەپ نامازلارغا ئالدىرايتتى.
ئۇ يولدا بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىش كىيىمى كىيىۋېلىپ خورما دەرىخىنى پۇتاۋاتقان بىرى بار ئىدى. ئابدۇللاھ ئەزاننىمۇ ئاڭلىمىغاندەك، تەكبىرنىمۇ كۈتۈپ ئولتۇرمايدىغاندەك تۇرغان، نامازغا ئەھمىيەت بەرمەيۋاتقان بۇ ئادەمدىن ھەيران قىلىپ:
— چۈشە ۋۇي، ناماز ئوقۇيمىز، — دەپ ۋارقىرىدى غەزەپلىنىپ تۇرۇپ.
— بولىدۇ، بولىدۇ، — دېدى ئۇ سوغۇققانلىق بىلەن.
— ھەي ئېشەك، تېز بولە ۋۇي، ناماز ئوقۇيمىز!!
— مەن ئېشەك…!! — دەپ ۋارقىرىدى ئۇ ئادەم.
ئاندىن ئۇ ئادەم ئابدۇللاھنىڭ بېشىنى يارماقچى بولۇپ خورمىدىن بىر تال شاخنى سۇندۇرۇپ پەسكە چۈشمەكچى بولدى. ئابدۇللاھ بۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى تۇنۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بېشىغا ئارتىۋالغان ئەرەب رومىلىنىڭ بىر تەرىپى بىلەن يۈزىنى يېپىۋېلىپ، يۈگۈرۈپ مەسجىد تەرەپكە قېچىپ كەتتى.
ئۇ ئادەم غەزەپ بىلەن خورمىدىن چۈشتى. ئۆيىگە بېرىپ، نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئازراق ئارام ئالغاندىن كېيىن ئىشىنى تاماملاش ئۈچۈن خورمىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلدى.
ئەسىر ۋاقتى كىرىپ، ئابدۇللاھ مەسجىدكە بېرىش ئۈچۈن ئۆيىدىن چىقىپ، ھېلىقى خورما دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتتى. قارىغۇدەك بولسا ھېلىقى ئادەم يەنە ھېلىقى خورما دەرىخىنىڭ ئۈستىدە تۇرغۇدەك. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇللاھ ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ:
— ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قانداق ئەھۋاللىرى؟ — دېدى.
— ئاللاھقا شۈكرى، ياخشى، — دېدى ئۇ ئادەم.
— بۇ يىل مېۋىلەر قانداقراق؟
– ئاللاھقا شۈكرى، قەدىر ئەھۋال.
– ئاللاھ سىلىنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلىپ بەرسۇن، سىلىگە رىزىق ئاتا قىلسۇن، تۇرمۇشلىرىنى كەڭ – كۇشادە قىلىپ، سىلىنى ئىشلىرىنىڭ ۋە بالىلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئەجىرلىرىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن!
ئۇ ئادەم بۇ دۇئادىن خۇشال بولۇپ، دۇئاغا «ئامىن» دېدى. ئابدۇللاھقا رەھمەت ئېيتتى. ئابدۇللاھ مۇنداق دېدى:
— قارىغاندا، سىلى ئىشلىرى بىلەن قاتتىق مەشغۇل بولۇپ كېتىپ ئەسىرنىڭ ئەزىنىغا دىققەت قىلالماي قاپتىلا، ئەسىرگە ئەزان ئېيتىلىپ بولدى. تەكبىر ئېيتىلىشقا ئاز قالدى. بەلكىم ئازراق ئارام ئېلىۋېلىش ئۈچۈن خورمىدىن چۈشسىلە، نامازغا ئۈلگۈرۈۋېلىشلىرى مۇمكىن، ئىشلىرىنى نامازدىن كېيىن تاماملىۋالالا. ئاللاھ سىلىنى داۋاملىق سالامەت قىلغاي…
ئۇ ئادەم: «ئىنشائاللاھ، ئىنشائاللاھ» دەپ خورمىدىن ئاستا چۈشتى. ئاندىن ئابدۇللاھنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ مۇنداق دېدى:
— بۇ گۈزەل ئەخلاقلىرىڭ ئۈچۈن ساڭا رەھمەت! كاشكى، پېشىن ۋاقتىدا يېنىمدىن ئۆتكەن ئادەمنى كۆرەلىگەن بولسامچۇ، ئۇنىڭغا كىمنىڭ ئېشەك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويغان بولاتتىم.
نەتىجە
باشقىلارغا مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلۇڭغا ئاساسەن ئۇلارنىڭ ساڭا مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلى بەلگىلىنىدۇ. (باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ، ئۇلار ساڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ.)
دوكتور مۇھەممەد ئەرىفىينىڭ «استمتع بحياتك» ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمە قىلغۇچى: پىنھان