(ھىجرىيە 726 – 791 / مىلادىيە 1326 – 1389)
يارۋوپانىڭ چوشقىلىرى دەپ ئاتىلىدىغان سېرىبلاردىن ئىبارەت ئىسلام دۈشمەنلىرى بوسنىيەدىكى مۇسۇلمانلارغا قارشى دەھشەتلىك ئۇرۇش جىنايىتى ئېلىپ بارغاندا، ھەر ماكاندىكى، ھەتتا ياۋروپانىڭ ئۆزىدىكى كىشىلەرمۇ ۋە سېرىبلارغا ئوخشاش باشقا دۈشمەنلەرمۇ بۇ چوشقىلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلغان قەبىھ قىرغىنچىلىقلىرىدىن ھەيران قېلىشتى. چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال دېمەي مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بارغان ياۋۇزلۇقلىرى، جەسەتلەرنى قورقۇنچلۇق قىيناش كۆرۈنۈشلىرى ۋە مۇسۇلمانلارغا قىلىنغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر كېچە-كۈندۈز كىشىلىك ھوقۇققا رىئايە قىلىش ۋە ئەركىنلىكنى قوغداشنى دەۋا قىلىدىغان ياۋروپانىڭ يۈزىگە كېلىشتۇرۇپ سېلىنغان بىر تەستەك بولۇپ تۇرماقتا.
سېرىبلاردىن نېمىشقا شۇنداق قىلغانلىقى سورالغاندا، ئۇلار: «كوسوۋو ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدا بىزگە يەتكەن ئىشلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئېلىۋاتىمىز» دېگەن. بۇ قايسى ئۇرۇش؟ بىر قارا كۆلەڭگە بولۇپ، سېرىبلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ كەلگەن، ھەتتا سېرىبلار 600 يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئۆچ ئالغۇدەك بۇ ئۇرۇشنىڭ قەھرىمانى كىم؟
سۇلتان مۇراد بىرىنچى
كىچىك ئاسىيا ياكى ئاناتولىيە رايونى قەدىمكى دۇنيانىڭ بىرلا ۋاقىتتا مۇھىم ھەم خەتەرلىك جايلىرىدىن ئىدى. چۈنكى ئۇ يەر ئىسلام دۆلىتىنىڭ كونا ۋە ئەنئەنىۋى دۈشمىنى بولغان ۋىزانتىيە دۆلىتى بىلەن ئىسلام دۇنياسىنى باغلاپ تۇراتتى. ئاناتولىيە رايونى (سەلجۇقىيلاردىن كېيىن) كۆپلىگەن بەگلىكلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، كۆپىنچىسى ئاجىز ۋە چېچىلاڭغۇ ئىدى، گاھىدا ئۆزئارا ئۇرۇشاتتى. ئۇلارنىڭ ھالى ئەندەلۇستىكى تائىپىلەر دۆلىتىگە ناھايىتى ئوخشايتتى. نەتىجىدە، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئاناتولىيەگە بۇ چۇۋالچاق بەگلىكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرىدىغان ۋە ھىجرىيە 699-يىلى قۇرۇلغىنىدىن تارتىپ شۇنىڭغا تىرىشىپ كېلىۋاتقان ئوسمانىيلار دۆلىتىنى بەخش ئەتتى.
ئوسمانىيلار دۆلىتىگە رەھبەرلىك قىلغان تۇنجى كىشى ئەرتۇغرۇل ئوغلى ئوسمان بولۇپ، ھىجرىيە 699-يىلىدىن 726-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن رەھبەرلىك قىلغان كىشى ئورخان بىرىنچى بولۇپ، ھىجرىيە 726-يىلىدىن 761-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن. بۇ مەزگىللەردە ئىككى رەھبەر يېڭى دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىدارىي ئۇللىرىنى چىڭىتىشقا كۆڭۈل بۆلگەن. شۇ جەھەتتىن، ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ كۆلىمى ھالا كىچىك ئىدى ھەمدە بۈيۈك ۋە زور ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالالايدىغان كۈچلۈك دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ بەرپا بولۇشىدىكى تەدرىجىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە رىئايە قىلغانلىقتىن، (ياروپاغا جىھاد ئېچىپ ياۋروپاغا كېڭىيىش ۋە كونىستانتىنوپولنى فەتھ قىلىشتىن ئىبارەت) ئوچۇق نىشانلىرىدىن تېخى ھېچبىرىنى ئىشقا ئاشۇرمىغان ئىدى. 761-يىلى سۇلتان مۇراد ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قولغا ئالدى. ھالبۇكى دۆلەتنىڭ كۆلىمى 95 مىڭ كىلومېتىر كىۋادىرات ئىدى ھەم ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ ياۋروپادا گەلىبولۇ پورتىدىن باشقا بازىسى يوق ئىدى ۋە قاراسى بەگلىكىدىن باشقا ئوسمانىيلار دۆلىتىگە قوشۇلغان ھېچبىر ئاناتولىيە بەگلىكىمۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سۇلتان مۇراد بىرىنچى ئىككى ئىشنى قىلىشى كېرەك ئىدى. بىرىنچى: ئىسلامنىڭ چېگرىسى ھېسابلىنىدىغان ئاناتولىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىككىنچى: ۋىزانتىيە دۆلىتى جايلاشقان خىرىستىيان ياۋروپاغا جىھاد ئېچىش.
كونىستانتىنوپولنى فەتھ قىلىش ئاساسىي نىشان بولۇپ، ئوسمانىيلار دۆلىتى شۇ نىشان ئۈچۈن قۇرۇلغان.
تۇيۇقسىز زەربە
مۇراد بىرىنچى رەھبەرلىكنى قولغا ئالغان تۇنجى يىلىدىن باشلاپلا، ياۋروپادا ئوسمانىيلار ئۈچۈن ئىستىراتىگىيەلىك بىر نۇقتا پەيدا قىلىشقا ھەرىكەت قىلدى. نەتىجىدە، ۋىزاتىيە دۆلىتىگە قاراتقان بىر تۇيۇقسىز زەربىدە ھىجرىيە 7 62-يىلى بالقانغا تەۋە ئەدىرنە شەھىرىنى ئىگىلىدى. چۈنكى بۇ شەھەر پايتەخت كونىستانتىنوپولدىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم شەھەرلەردىن ئىدى. مۇراد بىرىنچى دەرھال ناھايىتى زېرەكلىك بىلەن، ھەربىي ۋە سىياسىي دانالىق بىلەن ئىستىراتىگىيەلىك بىر قارارنى چىقىرىپ، بۇ ئەدىرنە شەھىرىنى ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى قىلدى. چۈنكى بۇنداق قىلغاندا، ئەدىرنەنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك ئورنىدىن ۋە ئۇرۇشنى ياۋروپا لىنىيەسىنىڭ ئىچىگە يۆتكەشتە ئەدىرنەنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئەلىرىدىن پايدىلانغىلى بولاتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئەدىرنە تا ھىجرىيە 857-يىلى كونىستانتىنوپول فەتھ قىلىنغۇچە ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولۇپ كەلدى.
ئىسلام ۋۇجۇدىنىڭ ياۋروپا لىنىيەسىگە يۆتكىلىشى ياۋروپا خىرىستىيانلىرىدا قاتتىق ئىنكاس قوزغىغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تېزلا پىليا، گۈمۈلجىنە ۋە ۋوردار قاتارلىق بىرقانچە شەھەر يىقىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، كونىستانتىنوپول ياۋروپادا ھەر تەرەپتىن ئوسمانىيلار دۆلىتى بىلەن قورشىلىپ قالدى.
سۇلتان مۇرادنىڭ ئاناتولىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى
ئوسمانىيلا دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىكى ئوچۇق نىشان كونىستانتىنوپولنى فەتھ قىلىش ۋە ياۋروپادا ئىسلام تارقىتىش ئىدى. شۇڭا بۇ دۆلەتنىڭ سۇلتانلىرى مۇشۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئىدى. مۇراد بىرىنچى ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ تىزگىنىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، قۇدرەت تېپىش ۋە ياۋروپا ئۈستىدىن زەپەر قازىنىش ئۈچۈن ئاناتولىيەنى يەنى ئىچكى سەپنى، بىرىنچى ئاتلىنىش بازىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئۆزىنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى قىلدى. ئاندىن ئاناتولىيە بەگلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى تىنچ قوشۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن قۇدا-باجا بولۇش ۋە ئىتتىپاقلىشىشقا ھەرىكەت قىلدى.
(بۇ يولدا) مۇراد بىرىنچى ئالائىددىن ئىسىملىك بىر ئەشەددىي دۈشمەنگە دۇچ كەلدى. ئۇ قارامان دىيارىنىڭ بېگى بولۇپ، مۇرادنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى ئالدىدا قاتتىق توسالغۇ بولۇپ تۇرۇۋالدى. شۇنداقلا بۇ بەگ ئاناتولىيەنىڭ باشقا بەگلىرىنى مۇرادقا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇراد مۇسۇلمان بىلەن ئۇرۇشۇشنى يامان كۆرىدىغان بولسىمۇ، ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇشقا مەجبۇر بولدى. چۈنكى ئەپسۇس ئۇلار قۇدرەت تېپىش ۋە ئىسلامىي فەتھ يولىدىكى مۈشكۈل ئۆتەل ئىدى. ھالبۇكى چېچىلاڭغۇ ۋە ئىختىلاپلىق بىر سەپنىڭ ئەمدى ئىتتىپاقلىشىپ قۇدرەت تاپىدىغان ۋە نۇسرەت قازىنىدىغان ۋاقتى كېلىپ قالغان ئىدى.
مۇراد بىرىنچى بىرلىشىشنى رەت قىلغان ئاناتولىيەگە بەگلىرى بىلەن تۇتۇشۇش ئۈچۈن كۈچلۈك بىر قوشۇن توپلاپ، ئالائىددىننى مەغلۇپ قىلدى ۋە قارامان بەگلىكىنىڭ مەركىزى ئەنقەرە شەھىرىگە كىردى. مۇراد بىرىنچى دۈشمىنى ئالائىددىننى ئەپۇ قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ يامانلىقى ۋە مىكرىدىن ئەمىن بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنى ئۆزىگە مايىل قىلىشقا تىرىشتى. لېكىن بۇ قۇدا-باجىلىق ئالائىددىننىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىكنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاناتولىيەدىكى بەزى مۇستەقىل بەگلەر بىلەن يەنە بىر قېتىم يامانلىق پىلانلاپ، مۇراد بىرىنچىگە قارشى كۈچلۈك ئۇرۇش قوزغىدى. لېكىن مۇراد كونيا تۈزلەڭلىكى جېڭىدا يەنە بىر قېتىم ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى ۋە ئالائىددىن ئەسىرگە چۈشتى. مۇراد بىرىنچى يەنە بىر قېتىم ئۇنى ئەپۇ قىلدى. مۇراد ئوغلى بايەزىدنى گەرمىيان بېگىنىڭ قىزىغا ئۆيلىدى. قىزنىڭ دادىسى كۈتاھيا شەھىرىنى قىزىغا تەقدىم قىلدى. نەتىجىدە، بۇ شەھەر ئوسمانىيلار دۆلىتىگە قوشۇلدى. ئاندىن مۇراد ھەمىد ئوغۇللىرى (بەگلىكىنىڭ) بېگىنى ئىگىلىكلىرىنى ئوسمانىيلار دۆلىتىگە كېچىپ بېرىشكە مەجبۇر قىلدى.
مۇراد بىرىنچىنىڭ مۇشۇنداق مۇسۇلمان سەپنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ۋاقتىنى، تىرىشچانلىقىنى ۋە مالىنى سەرپ قىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ئاناتولىيە بەگلىرى ئىسلام دەۋىتى ۋە ئىسلام تارقىتىش مەسىلىسى ئالدىدا ئوخشاش ئىمانىي ۋە ئەخلاقىي سەۋىيەدە ھەم ئوخشاش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولسا ئىدى، مۇراد بىرىنچىنىڭ ياۋروپاغا قارشى ئۇرۇشىدا ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بايرىقى ئاستىدا بىرلىشىشكە ئالدىرىغان بولاتتى. لېكىن ھەر خىل تەمەلەر، ھاۋايى-ھەۋەسلەر، باشچىلىق ۋە دۇنيا مۇھەببىتى دائىما بۇ ئۈممەتنىڭ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ئارزۇ ۋە غايىلىرى ئالدىدا چوڭ توسالغۇ بولۇپ تۇرۇۋالىدۇ.
ياۋروپا فەتھلىرى
مۇراد بىرىنچى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچكى سېپىنى بىرلەشتۈرگەندىن كېيىن، يۈزىنى ئەسلىي تەرەپكە يەنى ياۋروپاغا، ۋىزانتىيە دۆلىتىگە قاراتتى. مۇراد بالقاندا ئەدىرنە شەھىرىنى ئىگىلەپ، ئەدىرنەنى ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىش بازىسى قىلىش ئۈچۈن ئۇنى ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ پايتەختىگە ئايلاندۇرغاندىكى تۇيۇقسىز زەربىدىن كېيىن، بالقان رايونىدا يەنە تېز ۋە تۇيۇقسىز زەربىلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پىليا، گۈمۈلجىنە، ۋوردار شەھەرلىرىنى ئىگىلىدى. بۇ يىقىلىش پايتەختى كونىستانتىنوپول ھەر تەرەپتىن ئوسمانىيلار بىلەن قورشىلىپ قالغان ۋىزانتىيە دۆلىتىگە نىسبەتەن جىددىي سېگنال ئىدى. بۇ تېز ۋە تۇيۇقسىز زەربىلەر ياۋروپا خىرىستىيانلىرىنىڭ يۈرەكلىرىگە قورقۇنچ سالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ياقى توختاپ قالغان ئەھلىسەلىپ ھۇجۇملىرى شوئارىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈردى. ئوسمانىيلار دۆلىتىگە قوشنا ياۋروپا پادىشاھلىرى رىم پاپاسىغا ياردەم سوراش خەتلىرىنى ئەۋەتتى ۋە رىم پاپاسىدىن مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشلىرىنى دىنىي ئاساسقا ئىگە قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەتتا كونىستانتىنوپول ئىمپىراتورى جون بەشىنچى پالايئولوگوس (John V palaıologos) ئالايىتەن ئۆزى پاپانىڭ قېشىغا باردى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تېزلىنىپ، ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى سۆيۈپ يىغلىدى ۋە ئۇنىڭدىن مۇسۇلمانلارغا قارشى مۇقەددەس ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ۋەھالەنكى ئۇلارنىڭ بىرى ئورتودوكىس، يەنە بىرى كاتولىك بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر مەزھەپ ئىختىلاپى ۋە بۇرۇندىن قاتتىق ئاداۋەت بار ئىدى، لېكىن ئىككى تەرەپ ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى بىر قول ئىدى. نەتىجىدە، پاپا شەرق چېركاۋى ئورتودوكىسنىڭ غەرب چېركاۋى كاتولىكقا بويسۇنۇشى شەرتى بىلەن كونىستانتىنوپول ئىمپىراتورىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. جون بەشىنچى پالايئولوگوس (John V palaıologos) بۇ تەڭسىز شەرتنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولدى.
ھۇجۇمنىڭ ئاقىۋىتى
پاپا ئۇربان بەشىنچىنىڭ ئوسمانىيلارغا قارشى ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشىنى ئېلان قىلىشى ئوسمانىيلار دۆلىتىگە قوشنا شەرقىي ياۋروپا پادىشاھلىرىنىڭ قەلبىدە قىزغىنلىق ۋە تەرەپبازلىق ئوتىنىڭ يېقىلىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، زەھەرخەندە سېرىب پادىشاھى ئۇروش بەشىنچى ۋېنگىرىيە، بوسنىيە ۋە رۇمىنىيە پادىشاھلىرى بىلەن بىرلەشتى ۋە ئوسمانىيلار دۆلىتى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىشتا بىرىنچىلىك شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، پاپا پات يېقىندا ئەۋەتىدىغان ياردەمچى قوشۇنلارنى كۈتمەستىنلا ئوسمانىيلارغا ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى. ئۇلار سۇلتان مۇراد بىرىنچىنىڭ ئاناتولىيەدىكى بەزى ئىچكى ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش ھەلەكچىلىكىنى پۇرسەت بىلىپ، مەرىچ (مارىتسا) دەرياسى بويىدىكى چىرمەن شەھىرىدە 60 مىڭ دەپ مۆلچەرلىنىدىغان بىر قوشۇن بىلەن ھۇجۇم قىلدى.
شەھەردىكى ئوسمانىيلار مۇداپىئەچى قوشۇنىنىڭ قوماندانى ئوسمانىيلار سەپلىرىدىكى داڭلىق قوماندان لالا شاھىن ئىدى. لالا شاھىن ئۆتكۈر، جەڭدە تەجرىبىلىك، سۇباتلىق ۋە ياۋروپالىقلار بىلەن جەڭ قىلىپ پىشقان قوماندان ئىدى. ئىككى قوشۇن ئارىسىدا زور پەرق بولۇشىغا قارىماي، ئۇنىڭ ئارسلان ئەسكەرلىرى ئەھلىسەلىپ ئىتتىپاقىغا ئېغىر مەغلۇبىيەت يەتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى جەڭدىن قېچىشلىرىدا مەرىچ دەرياسىغا غەرق بولدى، سېرىب پادىشاھى ئۇروش بەشىنچى نىمجان ھالدا قۇتۇلۇپ قالدى ۋە پۇرسەت تاپسا بىر كۈنى قايتا ئۇرۇشۇشنى نىيەت قىلىپ، مەغلۇپ بولغان ھالدا ئۆز ئېلىغا قايتتى.
مۇراد بىرىنچىنىڭ ياۋروپانى قورقۇتۇشى
ئوسمانىيلارنىڭ سېرىب پادىشاھى ئورۇش بەشىنچى رەھبەرلىك قىلغان ئەھلىسەلىپ ئىىتتىپاقى ئۈستىدىن غەلىبە قازىنىشى ئومۇمەن ياۋروپا خىرىستىيانلىرىنى، خۇسۇسەن بالقان پادىشاھ-ئەمىرلىرىنىڭ ئارامىنى بۇزغان بىر قارا كۆلەڭگە بولدى. قارا كۆلەڭگە ئۇلارنى تېخىمۇ پاراكەندە قىلىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇلارنى يەڭگەن كىشى سۇلتان مۇرادنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئوسمانىيلار قوشۇنى قوماندانلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، سېرىب پادىشاھىنىڭ يۈرىكىگە قورقونچ چۈشتى ۋە بۇ قېتىم سۇلتان مۇرادنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشىدىن قورقۇپ، ئوسمانىيلارغا قارشى ھەرقانداق بىر ئۇرۇشقا قاتنىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
بالقان پادىشاھلىرى ئورۇش بەشىنچىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى قايتا ئۇرۇش قىلىشتىن ئۆزىنى تارتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئوسمانىيلارغا قارشى ھەرىكەتنىڭ تىزگىنىنى يېڭى سېرىب پادىشاھى لازار ھىرېبېليانوۋىچ ((Lazar hrebeljanovic بىلەن بۇلغار پادىشاھى ئىۋان شىشمان (ivan shishman) ئىككىسى قولغا ئالدى. ئۇ ئىككىسىنى ئومۇمەن مۇسۇلمانلارغا، خۇسۇسەن ئوسمانىيلارغا قارشى چوڭقۇر ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك ھەمدە يەنە پادىشاھلىقلىرىنىڭ قولدىن كېتىشلىرىدىن ئەنسىرىشى بىرلەشتۈرگەن ئىدى.
ئىككىسى بالقاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئوسمانىيلار بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن چوڭ بىر قوشۇن تەييارلىدى. بالقاندا ئوسمانىي قوشۇنلىرى بىلەن يېنىك كۈچ سىنىشقاندىن كېيىن، ئەھلىسەلىپلەر ئوسمانىي ئارسلانلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى بىلدى-دە، خارلىقنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ، سۇلتان مۇرادقا جىزيە تۆلىدى. شىشمان ئوسمانىيلار تەرەپتىن ئەمىن بولۇش ئۈچۈن سۆيۈملۈك قىزىنى سۇلتان مۇراد بىرىنچىغا تەقدىم قىلدى. نەتىجىدە، مۇراد ئۇنىڭ قىزىنى ئالدى. بۇ ھال مۇراد بىرىنچىنىڭ ياۋروپا خىرىستىيانلىرىنىڭ قەلبلىرىگە قانچىلىق قورقۇنچ سالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
سېرىب ۋە بۇلغارلارنىڭ يىللىق جىزيەنى تۆلەشنى كېچىكتۈرۈشى نەتىجىسىدە، ئوسمانىي قوشۇنلىرى بۇ سەركەشلەرنى ئەدەبلەش ئۈچۈن قوزغىلىپ، بۈگۈنكى يۇگۇسلاۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى سېرىب شەھەرلىرىنى فەتھ قىلدى، ئاندىن ھازىر گېرىتسىيەگە جايلاشقان ماكىدونىيەنىڭ سېلانىك شەھىرىنى فەتھ قىلدى. بىز ئوسمانىيلارنىڭ قارشى چىققانلارغا ۋە ئاسىيلارغا مۇشۇنداق كۈچلۈك رەددىيە بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز.
سۇلتان مۇراد بىرىنچى «ياۋروپانى قورقۇتقۇچى ۋە ياۋروپانىڭ بىرىنچى قارا كۆلەڭگىسى» دېگەن لەقەمگە سازاۋەر بولغان بولۇپ، ۋىزانتىيە ئىمپىراتورى جون بەشىنچى پالايئولوگوس (John V palaıologos) مۇراد بىرىنچىنىڭ جازالىشىدىن قورققانلىقتىن، مۇرادقا قارشى چىققانلار بىلەن ئىتتىپاقلاشقان بالىسى ئاندىرونىكوسنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئىدى.
بۇلقا بىلەن سەندەل ئارىسىدا
مۇسۇلمانلار ياۋروپا سېپىدا ئارقىمۇئارقا زەپەر قۇچۇۋاتقان پەيتتە، ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ ئىچكى سېپىدا بىرقانچە ھادىسە يۈز بەردى. نەچچە مەررە مۇراد بىرىنچى تەرىپىدىن مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىقىنى تېتىغان ۋە ھەر مەررە مۇراد ئەپۇ قىلىپ كەچۈرۈۋەتكەن قارامان بېگى ئالائىددىن ھالا ئوسمانىيلارغا قارشى ئۆچ-ئاداۋىتىنى ئىچىدە ساقلاپ كەلگەنىدى. مۇراد بىرىنچىنىڭ ئەپۇ قىلىۋېتىشىگە ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان قۇدا-باجىلىقىغا قارىماي، ئۇنىڭ قەلبى تېخىمۇ قارىداپ، يەنە بىر قېتىم ئىسيان كۆتۈرۈشكە ۋە بويۇنتاۋلىق قىلىشقا بەل باغلىدى. ئالائىددىن ئوسمانىيلارنىڭ ياۋروپا سېپىدا جىھاد بىلەن ئالدىراشلىقىدىن پايدىلىنىپ، مۇنتەشە، ئايدىن، ساروخان بەگلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بىرقانچە قېتىم كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغىدى ۋە مەلۇم ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى.
مۇراد بىرىنچى ئىش يوغىناپ، ئوسمانىيلارنىڭ پۈتۈن مەۋجۇدىيىتىگە تەھدىد سېلىشتىن بۇرۇن، بۇ يېڭى پىتنىنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن ئاناتولىيەگە ئالدىراپ قايتتى. مانا بۇ – ھۆكۈمدارنىڭ ئىشلارنى جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش فىقھسىدۇر. چۈنكى دۆلەت ئىچىدىكى بۇ ئاسىيلارنى تاشلاپ قويۇش ئوسمانىيلار دۆلىتىنى ۋە تاشقى دۈشمەنلەر ئالدىدىكى ھەيۋىتىنى يەرگە ئۇراتتى. مۇسۇلمان سەپ قانچە زىچ ۋە قانچە ئۇيۇل بولسا، شۇنچە كۈچلۈك ۋە تاشقى دۈشمىنى بىلەن ئېلىشىشقا شۇنچە قابىل بولىدۇ.
ئەھلىسەلىپ ھەر قېتىمقىدەك بۇ خەتەرلىك ھادىسىدىن ۋە مۇراد بىرىنچىنىڭ ئاناتولىيە ئۇرۇشى بىلەن ئالدىراشلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئوسمانىيلار بالقاندا ئىگىلىۋالغان جايلارنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن يېڭى ئەھلىسەلىپ قوشۇنى ھازىرلاشنى قارار قىلدى. نەتىجىدە، سېرىبلار، بۇلغارلار ۋە بوشناقلار ئىتتىپاقلىشىپ زور قوشۇن تەييارلىدى ۋە سېربىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوسمانىيلارنىڭ مۇداپىئەچى قوشۇنى ئۈستىدىن چەكلىك بىرقانچە ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردى.
كوسوۋو ئۇرۇشىنىڭ قەھرىمانى مۇراد بىرىنچى
ئەھۋال جىددىي، ۋەزىيەت قالايمىقان ئىدى، كەسكىن بىر قارار چىقىرىش كېرەك ئىدى. بۇنداق قارارنى ئىككىلى سەپتە تەڭ ھەرىكەت قىلىپ، ئىسلام دۈشمەنلىرىگە قارشى ئىككىلى تەرەپتىن نەچچە جەڭ نۇقتىلىرىنى فەتھ قىلغان باتۇر قەھرىمانىمىز مۇراد بىرىنچىنىڭ تىپىدىن بولمىغان ھېچبىر ئادەم چىقىرالمايتتى. مۇراد ئوسمانىي قوماندانلىرىنىڭ ياۋروپالىقلار بىلەن جەڭ قىلىشتىكى تەجرىبىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، بەزى ياراملىق قوماندانلىرىنى بالقاندا ئەھلىسەلىپ ئىتتىپاقى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئەۋەتتى، ئۆزى ئالائىددىن ۋە ئاناتولىيەنىڭ ئاسىي بەگلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا ئاتلاندى. چۈنكى ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى ئاناتولىيەدە مۇسۇلمان بىلەن ئۇرۇشۇشنى يامان كۆرەتتى. شۇڭا ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىنى مۇسۇلمان سەپنىڭ بىرلىكىنى پارچىلىغۇچىلار ۋە قارشى چىققۇچىلار بىلەن ئۇرۇشۇشلىرىنىڭ ئادالەتكە ياتىدىغانلىقى ۋە شەرىئەتتە يوللۇقلىقىغا قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۆزى قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىشى زۆرۈر ئىدى.
ئەھلىسەلىپ ئىتتىپاقىنىڭ بالقاندا قولغا كەلتۈرگەن كىچىك غەلىبىلىرى بۇلغار پادىشاھىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىسىنى بۇزۇشقا ۋە ئوسمانىيلار دۆلىتىنىڭ چېگرىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولغانىدى. لېكىن ئۇ كۈچى يەتمەيدىغان، قارا بوران كەبى ئۆزىگە باستۇرۇپ كەلگەن زور ئوسمانىي قوشۇنلىرىغا دۇچ كەلدى. نەتىجىدە، ئۇ قورقۇنچاق چاشقاندەك شىمال تەرەپكە قاچتى ۋە بۇلغارىيەنىڭ شىمالىدىكى نىكوپولىس شەھىرىگە پاناھلاندى. ئوسمانىيلار قوشۇنلىرى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كېلىپ، شەھەرنى مەھكەم قامال قىلدى. ئۇ بىرنەچچە قېتىم قامالنى بۆسۈشكە ئۇرۇنۇپ كۆرگەن بولسىمۇ، ئوڭۇشسىز بولدى. ناھايەت، مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشتى. مۇراد بىرىنچى ئۇنىڭ خىيانىتىنىڭ جازاسى سۈپىتىدە ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتسە بولاتتى، لېكىن ئۇنىڭ ئېلىنىڭ يېرىمىنى ئېلىپ، ئوسمانىيلار دۆلىتىگە قوشقاندىن كېيىن، ئادىتىكىدەك ئۇنى ئەپۇ قىلدى.
مۇراد بىرىنچىنىڭ بۇ شىشماننى ئەپۇ قىلىشى ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا قارشى كۈشكۈرتكەن باش جىنايەتچى يەنى يىلاننىڭ بېشى سېرىپ پادىشاھى لازار ھىرېبېليانوۋىچ (Lazar hrebeljanovic) نىڭ قولىدىكى ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ ئەخمەقلىق قىلغانلىقىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئىدى. بۇ زەھەرخەندە لازار كۈچلۈك بىر قوشۇن ھازىرلاپ، نىكوپولىس شەھىرىدە قامالدا قالغان شىشمانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تېزدىن قوشۇن باشلاپ كەلدى، لېكىن ئۇ شىشمان ئەسىرگە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن كېچىكىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئوسمانىيلار يېتىشىۋېلىشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئېلىغا كىرىۋېلىپ قورغانلىرىدا پاناھلىنىۋېلىش ئۈچۈن، قوشۇنلىرى بىلەن غەرب تەرەپكە چېكىندى.
بۇ مەزگىلدە مۇراد بىرىنچى ئاناتولىيە ئۇرۇشلىرىنى تۈگىتىپ، ياۋروپا سېپىغا ئالدىراپ كەلگەن ۋە نىكوپولىس شەھىرىنى قامال قىلىشقا قاتناشقان ئىدى. شۇڭا ئۇ شىشماننىڭ ئەدىبىنى بېرىپ، قانات-قۇيرۇقلىرىنى قىرقىغاندىن كېيىن، لازارنىڭ ئۆزىنىڭ ئېلىغا كىرىۋېلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا يېتىشىۋېلىش ئۈچۈن قوشۇنلىرى بىلەن چاپتى. نەتىجىدە، ئوسمانىيلار كوسوۋو تۈزلەڭلىكىدە ئۇنىڭغا يېتىشتى. ئىككى قوشۇن ئارىسىدا قاتتىق جەڭ بولدى. ئىككىلى تەرەپ بىر-بىرىگە غەزەپ-نەپرەتتە ئىدى. مۇسۇلمانلار قاتتىق سەۋر قىلدى. ئاخىرىدا، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇسۇلمانلارغا ياردىمىنى چۈشۈردى. غالجىر ئىت لازار مۇسۇلمان ئەسىرلەرگە قىلغان قىرغىنچىلىقلىرى ۋە بەتبەشىرىلىكلىرى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ جەڭ ھىجرىيە 791-يىلى 15-شەباندا بولدى.
مۇراد بىرىنچىنىڭ شېھىت بولۇشى
مۇسۇلمانلارنىڭ مەلئۇن سېرىبلار ئۈستىدىن قولغا كەلتۈرگەن زور غەلىبىسىدىن كېيىن، سۇلتان مۇراد بىرىنچى ئەسكەرلەرنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈردى. دانا رەھبەر دېگەن شۇنداق بولىدۇ. ئۇ شېھىتلەرنىڭ سەپلىرىنى ئايلىنىپ، شېھىتلەرگە مەرھەمەت، يارىدارلارغا شىپا تىلىدى. شۇ جەرياندا مىلوش ئوبىلىچ ئىسىملىك بىر بەدبەخت سېرىب ئەسكىرى ئورنىدىن تۇردى. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قىلىچلىرىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆلگەن قىياپەتكە كىرىۋالغان ئىدى. ئۇ مۇسۇلمان بولغۇسى بارلىقىنى ۋە سۇلتان بىلەن پاراڭلاشقۇسى بارلىقىنى ئېيتىپ، سۇلتان مۇراد تەرەپكە ئالدىرىدى. مۇھاپىزەتچىلەر ئۇنى تۇتۇۋالالايتتى، لېكىن سۇلتان مۇراد ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ قولىدا مۇسۇلمان بولۇشىدىن ساۋاب تېپىش ئۈچۈن، مۇھاپىزەتچىلەرگە ئۇنى قويۇپ بېرىشكە ئىشارەت قىلدى. بۇ سېرىب ئىتى سۇلتانغا يېقىن كەلگەندىن كېيىن، يالغاندىن سۇلتاننىڭ قولىغا سۆيمەكچى بولدى، ئاندىن بۇ كاپىر ناھايىتى نامەردلەرچە، خىيانەت بىلەن يېڭىدىن زەھەرلىك خەنجىرىنى چىقىرىپ، سۇلتان مۇرادقا قاتتىق سانجىدى. مۇھاپىزەتچىلەر بۇ ئىتقا ئېتىلىپ كېلىپ، ئۇنى قىلىچلىرى بىلەن پارە-پارە قىلدى، لېكىن بۇنىڭ ھېچ پايدىسى يوق ئىدى. نەتىجىدە، مۇراد بىرىنچى ھىجرىيە 791-يىلى 15-شەبان شۇ جەڭ كۈنى 65 يېشىدا شېھىت بولدى. ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي!
بۇ ئۇلۇغ قەھرىماننىڭ مەرتىۋىسى، پەزىلىتى ۋە ئاللاھقا بولغان چوڭقۇر ئىمانىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئالامەتلەردىن بىرى شۇكى، ئۇ بۇ قېتىمقى جېڭىنىڭ ياۋروپا ئەللىرىدە ئاللاھ تائالانىڭ كەلىمىسىنى ئالىي قىلىش ۋە تەۋھىد دەۋىتىنى تارقىتىش ئۈچۈن قىلغان، سانى 37 گە يەتكەن ۋە ھەممىسىدە نۇسرەت ۋە زەپەر قازانغان ئۇزۇن جەڭلىرى قاتارىدىكى ئاخىرقى جەڭ بولىدىغانلىقىنى تۇيغاندەك، جەڭ كېچىسى مۇنداق دۇئا قىلغان: «يا رەھمان! يا رەھىم! ئى كۆكلەرنىڭ پەرۋەردىگارى! ئى دۇئالارنى قوبۇل قىلغۇچى! مېنى ياردەمسىز تاشلاپ قويمىغىن. يارەھمان! يا رەھىم! بۇ قېتىم پېقىر بەندەڭنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلغىن، بىزگە مول يېغىن ياغدۇرغىن، قارا بۇلۇتلارنى كەتكۈزگىن، دۈشمىنىمىزنى كۆرەيلى. بىز سېنىڭ گۇناھكار بەندىلىرىڭمىز، سەن كۆپلەپ بېغىشلىغۇچى زات سەن، بىز سېنىڭ پېقىرلىرىڭمىز، جېنىمنى ساڭا پىدا قىلىمەن، ئۈمىدىمىزنى يەردە قويمىغىن، مۇسۇلمانلارنى دۈشمەن ئالدىدا خار قىلمىغىن. ئەي ئاللاھىم! سېنىڭ ئىززىتىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، جىھادىم بىلەن بۇ پانىي دۇنيانى ئىستىمەيمەن، بەلكى سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئىستەيمەن. سېنىڭ رازىلىقىڭدىن باشقا ھېچنېمە كېرەك ئەمەس. ئىلاھىم! ئىززىتىڭ ۋە ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سېنىڭ يولۇڭدىمەن، مېنى سېنىڭ يولۇڭدا ئۆلۈش بىلەن شەرەپلەندۈرگىن».
ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇنىڭ تىلىكىنى قوبۇل قىلدى. نەتىجىدە، ئۇزاق يىللىق جىھادىي ھاياتىنى ئاللاھ يولىدىكى ھەرقانداق بىر مۇجاھىد ئىزدەيدىغان ئەڭ قىممەتلىك نەرسە بىلەن ئاياغلاشتۇردى ۋە ئىستىگەن گۆھەرگە ئېرىشىپ، ئەڭ ئۈستۈن ماقامغا يەتتى ھەمدە ئەنەس ئىبنى نەزر، بەرا ئىبنى مالىك، نوئمان ئىبنى مۇقەررىنگە ئوخشاش قوشۇنلارغا رەھبەرلىك قىلغان ۋە ئاللاھتىن شېھىتلىك سورىغان شېھىت قوماندانلار قاتارىغا قوشۇلدى. ھەممىسىدىن ئاللاھ رازى بولسۇن!
دۈشمەنلەرنىڭ گۇۋاھلىقى
مۇسۇلمانلار ئۆز قەھرىمانلىرىدىن بىرەر قەھرىماننى ياكى رەھبەرلىرىدىن بىرەر رەھبەرنى ماختىسا، بۇ تەبىئىي ۋە كۈتۈلىدىغان بىر ئىش. گاھىدا بەزىلەر بۇ خىل ماختاشتا دىن ۋە تەرەپبازلىق تۈرتكىسىدە زىيادە مۇبالىغىلىك ۋە يان بېسىش باردەك ئويلاپ قالىدۇ. لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ بىرەر قەھرىمانىنى ئۇنىڭ قولىدا مەغلۇبىيەتنىڭ ئاچچىقىنى تېتىغان ئىسلام دۈشمەنلىرى ماختىسا، بۇ ئۇشبۇ قەھرىماننىڭ يۈكسەك پەزىلىتى ۋە يۇقىرى ئورنىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئارتۇقچىلىق سۇلتان مۇرادتا ئۆز ئورنىنى تاپقان بولۇپ، دۈشمەنلەرنىڭ گۇۋاھلىقلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار!
(ئۇنىڭ بىلەن زامانداش) ۋىزانتىيەلىك تارىخچى ھالكونىدىلاس مۇراد بىرىنچى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇ كۆپلىگەن زور ئىشلارنى تەۋرەتكەن ۋە ئاناتولىيەدە ياكى بالقاندا بولسۇن 37 جەڭگە كىرگەن ھەم ھەممىسىدىن زەپەر بىلەن چىققان. ئۇ پۇقرالىرىغا ئۇلارنىڭ ئىرق ۋە دىن پەرقلىرىگە قارىماستىن شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى».
فرانسىيەلىك تارىخچى كىرىنارد مۇنداق دېگەن:
«مۇراد ئوسمان خانىدانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەركەكلىرىدىن بىرى ئىدى. بىز ئۇنى خاراكتېر جەھەتتىن باھالاپ قالساق، ئۇنىڭ ئۆز دەۋرىدىكى پۈتۈن ياۋروپا ھۆكۈمدارلىرىدىن ئۈستۈن سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز».
پايدىلانغان مەنبەلەر:
1. تاريخ الدولة العثمانية، د. علي حسون.
2. تاريخ الدولة العلية، محمد فريد وجدي.
3. الدولة العثمانية المفترى عليها، د. عبد العزيز الشناوي.
4. عوامل نهوض وسقوط الدولة العثمانية، د. علي الصلابي.
5. أطلس تاريخ الإسلام، حسين مؤنس.
6. التاريخ الإسلامي، محمود شاكر.
7. شذرات الذهب، ابن العماد الحنبلي.
8. أيام الإسلام، شريف عبد العزيز.
مەنبە: شەرىف ئابدۇلئەزىز زۇھەيرىينىڭ «أبطال سقطوا من الذاكرة» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: قاراخانىي