ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي

ئەبۇ رەيھان بىرۇنىي

(ھ. 362 – 440 / م. 973 – 1048)

 

«ئۇتۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، ئاللاھنىڭ سوۋغىسىدۇر. ئاللاھ ئۇنى بىر قەۋمگە بەرسە، يەنە بىر قەۋمگە بەرمەيدۇ. ئىقتىسادىي بوھرانلارنىڭ چارىسى ھېچبىر شەكىلدە ماددىي بولمايدۇ، بەلكى نوقۇل مەنىۋىدۇر»

— بىرۇنى

 

ئەللامە ئېدۋارد ساخاۋ مۇنداق دەيدۇ: «بىرۇنىي تارىخ تونۇغان ئەڭ بۈيۈك ئەقىلداردۇر ۋە ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىلىم تارىخىدا كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ ‹ھادىسە›دۇر». بۇ مۇھىم ھۆكۈمنى ياقۇت ھەمەۋىي فەقىھ نىشاپۇرىيدىن رىۋايەت قىلغان مۇنۇ رىۋايەت چۈشەندۈرۈپ بەرسە كېرەك. نىشاپۇرىي مۇنداق دەيدۇ: ئەبۇ رەيھاننىڭ قېشىغا كىردىم، ھالبۇكى ئۇ نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ جان تالىشىۋاتقان ئىكەن. ئۇ شۇ ھالىتىدە مەندىن: «بىر كۈنى ماڭا ئانا تەرەپ مومىلارنىڭ مىراسى ھەققىدە نېمىدېگەنىدىڭ؟» دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ: «مۇشۇ ھالەتتىمۇ (شۇنى سوراۋاتامسەن)؟» دېسەم، ئۇ ماڭا: «ئۇھ! دۇنيادىن بۇ مەسىلىنى بىلىۋېلىپ ئايرىلغىنىم بىلمەي ئايرىلغىنىمدىن ياخشى ئەمەسمۇ؟» دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا بۇرۇن دەپ بەرگىنىمنى قايتا دەپ بەردىم. ئۇ دېگەنلىرىمنى ئەستە تۇتۇۋالدى ھەم ماڭا ۋەدە قىلغىنىنى ئۆگىتىپ قويدى. ئاندىن ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ يولغا چىقىپ تۇرۇشۇمغا يىغا – زارىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم.

بىرۇنى تەتقىقاتچى، پەيلاسوپ ۋە ماتېماتىك ھەم بىلىم ساپاسى يۇقىرى كىشىلەردىن ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ يارقىن ئالاھىدىلىكى – بۇ جىمى مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر – ئىلىم بىلەن دىننى باغلاش، يەنى ئىلىمنى ئەخلاق ۋە تەقۋالىق ئارقىلىق ئىنسانغا خىزمەت قىلدۇرۇش. ياقۇت ھەمەۋى ئۇنىڭ مەرۋە شەھىرى جامە مەسجىدىنىڭ چوڭ ئامبارىدىكى كىتابلىرىنىڭ تىزىملىكىنى كۆرگەن. تىزىملىك 60 ۋاراق كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى خەتلەر ئۇششاق ئىدى. ئەبۇلفەرەج مالاتىي (ئىبنى ئەلئىبرىي) ئۇنىڭ كىتابلىرىنى ناھايىتى پۇختا يېزىلغان دەپ باھالىغان ھەم ئۇنى ئىسلام مەدەنىيىتى ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئەڭ بۈيۈك ماتېماتىك، دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكى مۇسۇلمانلار ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىلىملەرگە ئىسلام تامغىسىنى بېسىشتۇر ۋە ئۇ ئىلىملەرنى كائىناتنىڭ گېرىكچە ئېستېتىكىلىق چۈشەنچىسىدىن ئازاد قىلىپ، دىنامىكىلىق ئىسلامچە چۈشەنچىگە يۆتكەشتۇر.

ئۇ ئىلىمنى تەرجىمە ۋە نەقىل باسقۇچىدىن ئىجادىيەت ساھەسىگە تەرەققىي قىلدۇردى. نەتىجىدە، ئۇنىڭ ئەمگىكى ئىسلامچە تامغىنىڭ چاقناپ چىقىشى ۋە ئىسلامچە تەجرىبىۋى ئىلمىي مېتودنىڭ پارلاپ چىقىشىنىڭ بەلگىسى بولدى. ئۇ گېرىك ۋە ھىندى مەدەنىي مىراسلىرىدىن كۆرگەنلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭغا باھا ۋە تۈزىتىش بەردى ھەم بەزى يېڭى مەزمۇنلارنى قوشتى. ئۇ كۆز قاراشلىرىغا يېتىشتە ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللاندى. ئۇ كەڭ تارقىلىپ كېيىنكى ۋاقىتلاردا مۇسۇلمانلارنى قايمۇقتۇرغان «ئىشراق مېتودى»غا قارشى تۇرۇشتا تەجرىبىگە تايانغان ئىلمىي مېتودنىڭ نامايەندىسى بولغان ئىدى.

بىرۇنى ئۆزىنىڭ ئىلمىي مېتودىدا ئەسلىي مېتودلارغا مۇراجىئەت قىلىشنى چىڭ تۇتتى ۋە بۇنى تەتقىقاتلىرىدا ئەمەلىي يۈرگۈزدى. ئۇ «تەتقىق قىلىش ۋە تەجرىبە قىلىش»نى مەرىپەت ھاسىل قىلىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىپ، ئېتىراپقا ئېرىشكەن قاراشلارنىمۇ تەكشۈرمەستىن، ئىزدەنمەستىن قوبۇل قىلىشقا رايى بارمىدى ۋە شەيئىلەرنى ئەقلى بىلەن سىناپ، تەجرىبە قىلدى. مانا بۇ بىرۇنىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنىڭ سىرىدۇر. ئۇ ئىلمىنى ئىشراق مەزھىپى ئۈستىگە قۇرۇپ چىققان چاغداشلىرىنىڭ مەسلىكىنى رەت قىلدى. ئىشراق مەزھىپى سوپىلارنىڭ ئارىسىدا كەڭ تارقالغان بولۇپ، بۇ مەزھەب مەرىپەت مەنبەلىرى مۇجاھەدە (نەپسى بىلەن كۈرەشمەك)، رىيازەت (روھىي چېنىقماق) ۋە مۇكاشەفە (يوشۇرۇن غەيبىي مەنىلەر ۋە مەۋجۇتلۇقتىكى ھەقىقىي ئىشلاردىن خەۋەردار بولماق) دەپ قارايدۇ. شۇنداق! بىرۇنى «مەرىپەت نەپسنى دۇنياۋى مەنپەئەتلەردىن يىراق تۇرۇش ۋاسىتىلىرى بىلەن چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل بولىدۇ» دېگەن گەپنى رەت قىلىپ، ئەقىل بىلەن قەلبنى بىرلەشتۈرگەن ھالدا، مەرىپەت چۈشەنچىسىنى ئىسلامىي چۈشەنچە مۇقىملاشتۇرغان شەكىلدە تەھرىرلىدى ۋە ئىلىمنى ئەقىل ئارقىلىق ھاسىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىگە چاقىردى.

بىرۇنىنىڭ بۇنداق قارشى پوزىتسىيە تۇتۇشى تەبىئىي ئىش ئىدى. چۈنكى ئىسلام پىكرى گىرېكچە پىكرىي چۈشەنچىنى رەت قىلاتتى. چۈنكى گرېتسىيە پىكرىنىڭ يىلتىزى ۋە چۈشەنچىلىرى ئىسلام پىكرىنىڭ روھى ۋە تەبىئىتىگە تۈپتىن ئوخشىمايتتى.

بۇ پەرقلەرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىكى شۇكى، گېرىك روھى سۇبيېكتىپقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. يەنى سۇبيېكتنىڭ ماھىيەتلىك تۇيغۇسى ۋە باشقا سۇبيېكتلاردىن ئايرىملىقىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئىسلام روھى بولسا ھەممە ئىچىدە مەلۇم بىر سۇبيېكتقا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ (سۇبيېكت) نى ھەر خىل سۇبيېكتلار بارلىققا كەلتۈرگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ بارلىق سۇبيېكتلار ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ. بۇ سۇبيېكتلار پەقەت ئۇنىڭ ئىزلىرىدىندۇر ۋە يارىتىشىندۇر. ئۇ قانداق خاھلىسا شۇنداق ماڭدۇرىدۇ ۋە ئۆزى خاھلىغانچە ئىدارە قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ئىسلامىي ئىلمىي مېتودىنىڭ ئىجادىيەتچىل مېتود ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىلىرىدىن بىرى، ئۇ ئاسترونومىيە مەسىلىلىرىنى «قۇرئان»نىڭ ئىشارەتلىرىگە يېقىنلاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلىم – پەننىڭ سىرلىرىنى «قۇرئان»نىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرى بىلەن باغلىغان تۇنجى كىشى بولغان.

ئىلىم – پەن ساھەسىدە سۇنغان قوشۇمچە تۆھپىلىرىگە كەلسەك، ئۇنى نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان دېيىشكە بولىدۇ.

1.     جۇغراپىيەلىك بىر قانۇنىيەتنى تېپىپ چىققان بولۇپ، بۇ قانۇنىيەت شەرق ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ كۆپىنچىسىگە ئاساس بولغان ۋە ئاستىرونومىيەدە شەرقلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سۆزىگە تايانغان.

2.     بۇلۇڭنى تەڭ ئۈچ بۆلەككە بۆلۈش (Angle trisection) توغرىسىدا ئىزدەنگەن. ئۇ ئۈچبۇلۇڭ ئىلمىگە پىششىق ئىدى. ئۇنىڭ كىتابلىرى ئۇنىڭ سىنۇس تېئورمىسىنى بىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

3.     سېلىشتۇرما ئېغىرلىق (poids specifique) نى ئۆلچەش ئۈچۈن تەجرىبە يۈرگۈزگەن ۋە بۇنى ئۆلچەشتە ئاددىي بىر ئۈسكۈنە لايىھەلەپ چىققان. جىسىمنى ھاۋا ۋە سۇ بىلەن ئۆلچەش ئارقىلىق زىچلىق مىقدارىنى بىلەلىگەن.

4.     ھىندى رەقەملىرى ۋە ئۇنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن قىممىتىنىڭ ئۆزگىرىشى توغرىسىدا يازما يازغان.

5.     يالغۇز سىركۇل ۋە سىزغۇچ بىلەنلا يەشكىلى بولمايدىغان كۆپلىگەن گېئومېتىرىيەلىك مەسىلىلەرنى يەشكەن ۋە بۇ ھەقتە ئېنسىكلوپېدىيە يازغان.

6.     كىتابلىرىدا سۇيۇقلۇق بېسىمى ۋە مۇۋازىنىتىغا ئائىت بەزى ھادىسىلەر ھەققىدە توختالغان. قۇدۇق سۈيىنىڭ يىغىلىشىنى سۇنىڭ ئەتراپلاردىن تەپچىپ كېلىدىغانلىقى بىلەن چۈشەندۈرگەن. قۇدۇق سۈيىنىڭ مەنبەسىنىڭ قۇدۇققا يېقىن سۇلار ئىكەنلىكى، قۇدۇققا يىغىلغان سۇ يۈزىنىڭ ئاشۇ سۇلار بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئاندىن بۇلاق سۈيىنىڭ قانداق بۇلدۇقلايدىغانلىقى، قۇدۇق سۈيىنىڭ قەلئەلەرگە ۋە مۇنارلارنىڭ ئۈستىگە قانداق ئۆرلەيدىغانلىقىنى شەرھلىگەن. ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىنتايىن روشەن، ناھايىتى ئىنچىكە ۋە قولاي ئۇسلۇب بىلەن ئىزاھلىغان.

7.     ئاۋاز تېزلىكى بىلەن نۇر تېزلىكىنى سېلىشتۇرغان ۋە نۇر تېزلىكىنى ئىنتايىن تېز دېگەن.

8.     نۇرغۇنلىغان مېتال ۋە تاشلارنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىنى بۈگۈنكى ھازىرقى زامان ئۆلچىمى بىلەن پەرقلەنمىگۈدەك دەرىجىدە ئىنچىكە بېكىتكەن. ئۇ مېتاللار ئالتۇن، كۈمۈش، سىماب، مىس، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن، ياقۇت، زۇمرەت، ئۈنچە ۋە كىرىستال قاتارلىقلار.

بىرۇنىنىڭ نامى بىلەن تونۇلغان يەنە كۆپلىگەن مەسىلىلەر بار بولۇپ، ئۇلار: يەرشارىنىڭ دېئامېتىرىنى ھېسابلاش، يەرشارىنىڭ كۆلىمى، قۇياشنىڭ ھەجمى ۋە قۇياشنىڭ كائىناتنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى بېكىتىش قاتارلىقلار.

ئۇنىڭ نەزەرىيەلىرىدىن بىرى، گۈلنىڭ بەرگى ئۈچ، ياكى تۆت، ياكى بەش، ياكى ئالتە، ياكى 18 بولىدۇ. يەتتە ياكى توققۇز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس دېگەن نەزەرىيەدۇر. بۇ نەزەرىيەنى ھازىرغىچە تېخى ھېچكىم بۇزالمىدى.

بىرۇنى ئىلىم ھاسىل قىلىشتىكى سەۋرچانلىقى، ئىنتىزار بولۇپ كۈتكەن ئىلىمگە ئېرىشكەندە قاتتىق خۇشال بولۇپ كېتىدىغانلىقى بىلەن تونۇلغان. ئۇ ئىلىم ھاسىل قىلىشتا ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە تەقلىدتىن يىراق تۇرۇش مېتودىنى قوللىناتتى.

رازىي «مانى» دېگەن كىتابتىن بىر نەرسىنى رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بىرۇنى رازىينى خاتالىشىپ قالغان دەپ پەرەز قىلىپ، ھەقىقەتكە يېتىش ئۈچۈن شۇ نەرسىنىڭ مەنبەلىرى ھەققىدە 40 يىل ئىزدەنگەن. ئۇ نەرسىنى بىلگىنىدە، ئۇنى ئوچۇق جاكارلىغان. ئۇ ئىلىم مەنبەلىرىدىن ئىزدىگىنىنى تاپالىغان چاغدا، ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتەتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «خۇددى ئۇسسۇز ئادەم سۇنى كۆرگەندە قانداق خۇشال بولسا، مەنمۇ شۇنداق خۇشال بولۇپ كەتتىم».

تۆۋەندىكى مۇنۇ سۆزى ئۇنىڭ چوڭقۇر چۈشەنچىلىرىدىن بىرىدۇر: ئالىملارنىڭ گاھىدا «ئاللاھۇ ئەئلەم (ئاللاھ ئەڭ بىلگۈچىدۇر)» دەيدىغان سۆزىدە بىلىمسىزلىككە يول قويۇش يوق. يەنى «ئاللاھۇ ئەئلەم» دېگەن كىشى بۇنى دەپ قويۇش بىلەن ئىنسان بىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلارنى بىلمەسلىكتىن ئۆزىنى ئاقلىيالمايدۇ.

ئادەتتە ئۇ بىرەر نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويسا، جىق مىسال كەلتۈرمەي ئازلا مىسال كەلتۈرەتتى. سەۋەبى ئۆزىدىن كېيىنكى تەتقىقاتچىنى تېخىمۇ چوڭ باسقۇچقا يېتىش ئۈچۈن ئىجتىھات قىلىشقا ئۈندەش. ئۇ ئېيتىدۇ: «مەن ئەسەرلىرىمدە كەلتۈرگەنلىرىم ھەققىدە تەتقىقاتچى دىتلىق ۋە ئىجتىھاتلىق ھەمدە ئىلىمنى سۆيىدىغان بولسا ئۆزى ئىزدەنسۇن دەپ ئەسەرلىرىمنى مىساللاردىن خالىي قىلىمەن. ئەمما ئۇنداق بولمىسا، ئۇ چۈشەنسۇن يا چۈشەنمىسۇن، پەرۋايىم پەلەك».

بىرۇنى «الجماهر في معرفة الجواهر» دېگەن كىتابىدا ئۆزىنىڭ بىر ئىقتىسادىي نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ نەزەرىيەسىنىڭ ھازىرقى زامان ئىقتىسادىي نەزەرىيەلەر بىلەن كۈچلۈك ماسلىقى بار. غەرب دائىرىلىرىمۇ ئۇ نەزەرىيەنىڭ قىممىتىنى بېكىتكەن. بىرۇنى مەنپەئەت ئالماشتۇرۇشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇئامىلىلەردە مۇقىم بىر قىممەت قوللىنىشقا چاقىرغان. بىرۇنى بۇ پىكرىنى ئىنسانلارنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشقا بولغان ئېھتىياجىدىن يەكۈنلىگەن. شۇنىڭدەك ئۇ يەنە ئالتۇن – كۈمۈشنى (مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى قىلىپ) بېكىتىپ، ئۇنى بېسىپ يېتىۋالغاندىكى باھا ئۆرلەپ كېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيانلار ھەققىدە توختالغان. ئۇ تۇنجى قېتىم: «ئالتۇننىڭ قىممىتى ئۆزىنىڭ مېتالىدىن ئەمەس، بەلكى ئېتىباردىندۇر؛ تەبىئىي ئەمەس، بەلكى قوللىنىشتىندۇر» دېگەن.

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «ئالتۇن – كۈمۈش بىلەن ھاياتلىق مۇشەققەتلىرى ۋە تىرىكچىلىك جاپالىرى قولايلىشىۋىدى، كۆڭۈللەر ئالتۇن – كۈمۈش توپلاشقا مايىل بولۇپ، ئۇنى ساقلاشقا ۋە ئۇنى كۆپەيتىشكە قاتتىق ھېرىس بولدى. ئالتۇن – كۈمۈش ئەسلىي تەبىئىتى بىلەن ئەمەس، كىشىلەرنىڭ بەلگىلىشى بىلەن؛ شەرىئەت بىلەن ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا قوللىنىشى بىلەن يۇقىرى ئورۇنغا چىقتى. چۈنكى ئالتۇن – كۈمۈش ئاچنى تويدۇرالمايدۇ، ئۇسسۇزنى قاندۇرالمايدۇ، يا بىرەر زىياننى توسالمايدۇ، يا بىرەر ئازاردىن ساقلىيالمايدۇ».

بىرۇنى پۇل – مالنى توپلاپ بېسىپ يېتىۋېلىش، ئۇنى ئالمىشىشقا قويۇپ بەرمەسلىك مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان. چۈنكى پۇل – مالنىڭ ئالمىشىش ھەرىكىتى ھاياتلىق زۆرۈرىيەتلىرىدىن بىرىدۇر. بۇ ھەرىكەت توختىسا، زور ئىقتىسادىي كرىزىس بولىدۇ. بىرۇنى پۇل – مالنى بېسىپ يېتىۋېلىشنى ئەيىبلىگەن ۋە پىكرىگە مۇنۇ «قۇرئان» ئايىتىنى دەلىل قىلغان: ﴿ئالتۇن – كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن﴾(9/«تەۋبە»: 34).

بىرۇنى ئاللاھنىڭ ئالتۇن – كۈمۈشنى يارىتىشىدىكى ھېكمىتىنىڭ ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ كىشىلەرنىڭ قوللىرىدا پۇل سۈپىتىدە ئايلىنىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان. بۇ ئىككىسى بېسىپ يېتىۋېلىنسا، خەلقنىڭ ئۇلاردىن پايدىلىنىشى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ۋە ئۇ ئىككىسى توغرىسىدىكى ئىرادىسىگە خىلاپ بولىدۇ.

بىرۇنىنىڭ قارىشىچە، ئالتۇن – كۈمۈش كانلىرىدىن چىقىرىلغاندىن كېيىن يېيىش – ئىچىشتىن باشقىسىغا ئىشلىتىش توغرا بولمايدىغان ئورۇلغان زىرائەتكە، بوغۇزلانغان چارۋىغا ئوخشاش بولىدۇ. بۇ ئالتۇن – كۈمۈشمۇ قېزىپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئالتۇن – كۈمۈشنىڭ ئۆزى شۇ پېتى ياكى قەغەز پۇل ھالىتىدە قوللاردا پۇل بولۇپ ئايلىنىشتىن باشقىسى توغرا بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بىرۇنى ئالتۇن قاچىلارنىڭ ھارام قىلىنىش ھېكمىتىنى مۇنداق دەپ كۆرسىتىدۇ: «ئالتۇن ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا پايدا – مەنپەئەت ئالماشتۇرۇشىنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېكىتىلگەن ئىكەن، بۇ ۋاقىتتا (يەنى قاچا قىلىپ ئىشلەتكەن ۋاقىتتا) ئالتۇن مەنپەئەتسىز نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ».

ئۇ ئىقتىساد ساھەسىدە خەلقلەرنىڭ مەردلىك ۋە ئادەمگەرچىلىككە ئوخشاش مەنىۋىيەتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: «ئادەمگەرچىلىك كىشىنىڭ ئۆزى ۋە يېقىنلىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، مەردلىك بولسا ئۇلاردىن باشقىلارغىمۇ قارىتىلىدۇ».

يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ئىقتىسادىي بوھرانلارنىڭ چارىسى ھېچبىر شەكىلدە ماددىي بولمايدۇ، بەلكى نوقۇل مەنىۋىدۇر. ئەگەر كىشىلەرنىڭ قەلبلىرىگە شۇ ئادەمگەرچىلىك ۋە مەردلىك مەنىلىرى ئورناشسا ئىدى، ھېچبىر ئىنسان ئۆزى يالغۇز تۈرلۈك نېمەتلەر بىلەن ھۇزۇرلىنىپ، باشقا بىرىنىڭ دەرد – ئەلەملەر بىلەن ياشىشىغا تاقەت قىلالمىغان بولاتتى ھەمدە ئۆزىنىڭ قولىدىكى تەڭگىنىڭ ۋە توپلىغان مالنىڭ ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى، بىر جايدا توختاپ قالماي يۈرۈشىشى كېرەكلىكىنى بىلگەن بولاتتى».

شەكسىزكى، بۇ نەزەرىيە بىرۇنىنىڭ قالتىسلىقى، پەم – پاراسىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، پىكرىنىڭ ئىسلام جەۋھىرى بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە بۇ نەزەرىيە ئۇنىڭ بۈيۈكلۈكى ۋە نەقەدەر تالانتلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت يەنە بىر تەرەپنىمۇ ئېچىپ بېرىدۇ.

***

ئۇنىڭ تارىخ ساھەسىدىمۇ ئەمگەكلىرى بار بولۇپ، ئالدىنقى قاتارىدىكىسى: «الآثار الباقية عن القرون الخالية (ئۆتكەنكى ئەسىرلەردىن قالغان ئىزلار)» ناملىق كىتابىدۇر. ئۇنىڭ يەنە بىر نادىر كىتابى «تحقيق ما للهند من مقولة (ھىندىستانغا ئائىت رىۋايەتلەرنىڭ تەھقىقى)». ئۇنىڭ بۇ كىتابىدىن ياۋروپالىقلار ھىندىستان توغرىسىدىكى تەتقىقاتلاردا بەك جىق پايدىلانغان. ھەتتا كارل بروكلېمان مۇنداق دېگەن: «بۇ ئالىم ئەرەب ئەدەبىياتىدا تەڭدىشى يوق ئالىم سانىلىدۇ. ئۇ ياۋروپا تەتقىقات ساھەسىگە نۇرغۇنلىغان خىزمەتلەرنى سۇنغان. ئۇنىڭ بۈگۈن پاكىستان دەپ ئاتىلىۋاتقان ھىندىستاننىڭ ئىسلامىي قىسىملىرىغا قىلغان سەپىرى ئۇنىڭغا كەڭ مەرىپەت ھازىرلاپ بەرگەن، ھەتتا ئۇ تارىخ، مەدەنىيەت ۋە دىنلار ساھەسىدىكى تەتقىقاتلىرىنى پۇختا ۋە مۇكەممەل قىلىش ئۈچۈن، سانسكرىت تىلىنى پىششىق ئۆگەنگەن».

ئۇنىڭ «القانون المسعودي (قانۇنى مەسئۇدىي)» دېگەن كىتابى ئاسترونومىيە، گېئومېتىرىيە ۋە جۇغراپىيەدە ئەڭ بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيە دەپ سانالغان بولسا، «الآثار الباقية عن القرون الخالية (ئۆتكەنكى ئەسىرلەردىن قالغان ئىزلار)» دېگەن كىتابى تارىخ ۋە جۇغراپىيە ئىلىملىرىدە ئەڭ بۈيۈك ئېنسىكلوپېدىيە ھېسابلانغان. ئۇ بۇ كىتابىدا گرېتسىيە، ھىندى، ئەرەب ئىلىملىرى ئارىسىدا، مىللەتلەرنىڭ ئەقلىيەتلىرى ئارىسىدا، دىنلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرقى ۋە تارىخى ئارىسىدا كەڭ سېلىشتۇرمىلارنى ئېلىپ بارغان. ھەتتا ئۇ ئۆزى مەنسۇپ بولغان مەدەنىيەت رامكىسى ئىچىدە ئەڭ مول ۋە ئەڭ كەڭرى ئىلىمگە ئىگە ئالىم دەپ سۈپەتلەنگەن.

ئۇنىڭ تارىخنى تەھقىقلەشتە ئۆزىگە خاس ئىلمىي مېتودى بار بولۇپ، بۇ مېتودنى ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى يازغان تارىخچىلار تونۇشتۇرغان. ئۇنىڭ مېتودىنىڭ ئاساسلىرى:

1.     ئىزدەنمەكچى بولغان ماددىنى تەتقىق قىلىش.

2.     ئۆتكۈر كۆزلەرنى كور، سەزگۈر قۇلاقلارنى پاڭ قىلىدىغان، ئەقىل قوبۇل قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەيدىغان تەرەپبازلىقنى يامان كۆرۈش.

3.     ھۆكۈملىرىدە تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىللاردىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىش.

4.     خاتىرىلەنگەن قەدىمكى تارىخ ئالدىدا ئېھتىيات يولىنى تۇتۇش. شۇنىسى مۇقەررەركى، نە ئەقىل بىلەن دەلىللەش ئارقىلىق، نە يوقنى بارغا قىياس قىلىش ئارقىلىق ئۆتكەن خەلقلەرنىڭ تارىخى ۋە ئەھۋاللىرىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. كۆڭۈلنى ھەقنى تېپىشقا توسالغۇ بولىدىغان سەۋەبلەردىن خالىيلاشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ خەۋەرلەرنى تەكشۈرۈش ۋە قانچىلىك ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن، خەۋەرلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش كېرەك. بىرۇنى كۆڭۈل توختىغۇدەك بىرەر ئىسپاتى ياكى دەلىل – پاكىتى يوق گەپنى قوبۇل قىلمايتتى.

ئۇنىڭ تارىخ تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئىلمىي چۈشەنچىلىرىدىن بىرى، ئۇنىڭ باشقا خەلقلەرنىڭ مەدەنىيەتلىرىنى تەرجىمىلەرگە تايانماستىن ئەسلى مەنبەلىرىدىن تەتقىق قىلىشىدۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ سىريانچە ۋە ئىبرىچە تىللارنى ئۆگەنگەن.

***

ئەبۇ رەيھان مۇھەممەد ئىبنى ئەھمەد بىرۇنىنىڭ ئەسلى پارستۇر، تۈرك دەيدىغانلارمۇ بار بولۇپ، ھ. 364 – يىلى (م. 973 – يىلى) خارەزىم يېزىلىرىدىن بىرىدە تۇغۇلغان ۋە پارسىي بىر مۇھىتتا ئۆسكەن. ئەرەب تىلى ۋە فىقھى ئۆگەنگەن.

ئۇنىڭ ئىلمىي يۈزلىنىشى ئەرەب تىلى ۋە فىقھىغا چوڭقۇرلاشقا تۈرتكە بولغان ۋە تېزلا نەچچە ئىلىمدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئىدى. نەتىجىدە، ئۇ جۇغراپىيەشۇناس، تارىخشۇناس، تەبىئىي پەن ۋە ئاسترونومىيە ئالىمى بولغان. ئاندىن ئۇ كۆپ سەپەر قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ تىل ئۆگىنىشتە ئاجايىب ماھارىتى بار ئىدى. نەچچىلىغان تىلنى پىششىق ئىگىلىگەنىدى.

بىرۇنى بىر مەزگىل دوستى ئىبنى سىناغا ھەمراھ بولغان. شۇ جەرياندا ئىككىسى سامانىيلار دۆلىتى ئەمىرلىرىنىڭ بىرى بولغان نۇھ ئىبنى مەنسۇر سامانىينىڭ كۇتۇبخانىسىغا كېلىپ تۇرغان. ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا ئىلمىي ئالاقىلەر بولغان. بىرۇنى فارابىي، كىندىي ۋە مەسئۇدىيلارنىڭ قاراشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ۋە گرېتسىيە پەلسەپەسى ھەم ئارستوتېل قاراشلىرىنىڭ نوپۇزىدىن ئازاد بولۇشقا چاقىرغان رازىينىڭ قاراشلىرىغا چوڭقۇر چۆككەن.

ئۇ ھەر ۋاقىت كۆزگە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا بېرىلگەن ۋە يېزىقچىلىق قىلىپ ئولتۇرغان ھالدىلا كۆرۈنەتتى. قولى قەلەمدىن، كۆزى نەزەردىن، ئەقلىي تەپەككۇردىن ئايرىلمايتتى.

·       ئۇ ياۋروپا ۋە ئەرەب ئاسترونومىيە ئالىملىرىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن قالتىس ئاسترونومدۇر.

·       ھازىرقى زامان گېئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن گېئولوگىيەدە ئالاھىدىدۇر.

·       تارىختا مەرىپىتى كەڭرى، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى تارىخچىدۇر.

·       ماتېماتىكىدا زور ئالىم بولۇپ، نىيوتون ۋە گىئورگى كۆپلىگەن ماتېماتىكا قانۇنىيەتلىرىنى ئۇنىڭدىن ئالغان.

·       جۇغراپىيەدە گۇمانىتارلىق جۇغراپىيەنىڭ ئاتىسى سانىلىدۇ.

·       بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ ئەدىب ۋە تىلشۇناس ئىدى.

ئۇنىڭ بىرۇنى دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا تارىخچىلاردىن ياقۇت ھەمەۋى ۋە سۇيۇتىي مۇنداق دېگەن: بىرۇنى خارەزىملىقلارنىڭ تىلىدا ياقا يۇرتلۇق دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇ خارەزىمدا ناھايىتى ئاز تۇراتتى، سەپەر قىلىپلا يۈرەتتى. ئۇ يۇرتتىن ئۇزۇن يوقاپ كەتكەچكە، كىشىلەر ئۇنى ياقا يۇرتلۇق كۆرۈپ، بىرۇنى (ياقا يۇرتلۇق كىشى) دەپ ئاتاشقان. سەمئانىي «اللباب»تا مۇنداق دېگەن: «ئۇ شۇنداق ئاتالغان، چۈنكى ئۇ خارەزىم شەھىرىنىڭ ياقىسىدا تۇراتتى. شەھەرنىڭ بۇ يېرى ياقا يۇرتلۇقلارغا خاس ئىدى. ئۇ يەرنىڭ ئىسمى بىرۇن ئىدى. ئۇ شۇ يەرگە نىسبەت بېرىلگەن».

بىرۇنىنىڭ چاغداشلىرى ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بايقىغان ۋە خىلمۇخىل ئىلىملەردىكى ئۈستۈنلۈكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۇ ھايات چېغىدىلا ھەر ياققا يېيىلغان بولۇپ، خۇددى ئۇنىڭ چاغدىشى ۋە ئىلمىي شۆھرەتتىكى تەڭدىشى بولغان ئىبنى سىنا «رەئىس» دېگەن ئاتاق بىلەن تونۇلغاندەك، ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ ئالىملىرى ئارىسىدا «ئۇستاز» دېگەن ئاتاق بىلەن تونۇلغان. بۇ ئىككى نام بىۋاسىتە بىرۇنى بىلەن ئىبنى سىنانى كۆرسىتەتتى. بىرۇنى شەرقتە «ئۇستاز» دېگەن نام بىلەن تونۇلغاندەك، ئوتتۇرا ئەسىردە غەربلىكلەرگىمۇ شۇ نام بىلەن تونۇلغان. شۇ دەۋرنىڭ لاتىنچە كىتابلىرىدا ئۇنىڭ «Master Aliporon» دەپ ئېلىنغانلىقىنى كۆرىمىز.

بىرۇنى 180 نەچچە پارچە كىتاب قالدۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپى يىتىپ كەتكەن. ساقلىنىپ قالغانلىرىنىڭ مەشھۇرلىرى:

1.     «القانون المسعودي (قانۇنى مەسئۇدىي)»، ئاسترونومىيە ھەققىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنسىكلوپېدىيە.

2.     «الآثار الباقية عن القرون الخالية (ئۆتكەنكى ئەسىرلەردىن قالغان ئىزلار)»، جۇرجان سارىيىدىكى چېغىدا يازغان تۇنجى كىتابى بولۇپ، ئۇنى م. 1000 – يىلى جۇرجان ئەمىرى قابۇسقا ھەدىيە قىلغان.

3.     «مقاليد علم الهيئة (ئاسترونومىيە ئىلىمنىڭ ئاچقۇچلىرى)».

4.     «الجماهر في معرفة الجواهر (جاۋاھىرات ھەققىدە بايانات)»، بۇ كىتابىنى سۇلتان مەۋدۇد ئىبنى مەسئۇد ئىبنى مەھمۇد غەزنەۋى ئۈچۈن يازغان. ئۇ كىتابتا گېئولوگىيە، مېتال ۋە ئېسىل تاشلار ھەققىدە توختىلىدۇ.

5.     «تحقيق ما للهند من مقولة مقبولة في العقل أو مرذولة (ھىندىستانغا ئائىت رىۋايەتلەرنىڭ تەھقىقى)»، 80 بابتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ئەھۋالى، بايراملىرى، كالىندارلىرى، قانۇنلىرى ۋە ئاھالىلىرى ھەمدە ئاللاھقا ۋە مەۋجۇداتقا بولغان ئېتىقادلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

6.     «التفهيم لأوائل صناعة التنجيم (ئاسترونومىيە ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە)»، بۇ 1029 – يىلى ئاسترونومىيە ۋە ماتېماتىكا ھەققىدە ئەرەبچە ۋە پارسچە يازغان كىتابى بولۇپ، ئۇنى رەيھانە بىنتى ھەسەن خارەزىمىيگە تەقدىم قىلغان.

7.     «الصيدلة (دورىگەرلىك)»، دورىلارنىڭ ماھىيەتلىرى، ئىسىملىرى، ئىلگىرىكىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئوخشىمىغان قاراشلىرىنى تەتقىق قىلغان.

8.     «الفلسفة الهندية (ھىندى پەلسەپەسى)»، ھىندىلارنىڭ ئەھۋاللىرى، ئۇلارنىڭ ئاللاھ ۋە مەۋجۇدات ھەققىدىكى ئېتىقادلىرى ۋە باشقا پەلسەپەۋى ئىشلار توغرىسىدا توختالغان.

9.     «تحديد نهايات الأماكن (ماكانلارنىڭ چەكلىرىنى بېكىتىش)»، گېئولوگىيە ئىلمى ھەققىدە ئىنچىكە مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

10. «رسائل البيروني (بىرۇنى رىسالىلىرى)»، 1948 – يىلى ھەيدەرئابادتا «دارۇلمەئارىف ئوسمانىيە مەتبەئەسى»دە بېسىلغان. ماتېماتىكا، بولۇپمۇ گېئومېتىرىيە ھەققىدىكى تۆت رىسالىدىن تەركىب تاپقان.

باشقا ئەسەرلىرىدىن «مقالة في النسب»، «الإسطرلاب»، «تقاسيم الأقاليم» قاتارلىقلار بار.

ياقۇت ھەمەۋى «معجم الأدباء»دا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭ ئىلمى نۇجۇم ۋە ئاسترونومىيە، مەنتىق ۋە ھېكمەت ئىلىملىرى توغرىسىدىكى كىتابلىرىغا كەلسەك، ئۇلار سان بېكىتىشتىن ئۈستۈندۇر». بەيھەقىي ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭ يازغان ئەسەرلىرى بىر تۆگە يۈدۈمىدىن ئاشىدۇ».

بىرۇنى زېرەكلىكى ۋە ناھايىتى ئۆتكۈرلۈكى بىلەن تونۇلغاندەك، تەمەسىزلىكى بىلەنمۇ تونۇلغان. ئۇ جۇرجان ئەمىرى قابۇس ئىبنى ۋۇشمگىرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ئاستىدا ياشىغان. بۇ ئەمىر ئۇنىڭ مەشھۇر كىتابى «الآثار الباقية»نى تۈزۈشىگە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بەرگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بىرۇنى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ سارىيىغا يۆتكەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ھىندىستاننى ئايلىنىپ شەھەرلىرىنى كېزىش پۇرسىتى ھازىرلانغان، غەزنەۋىيلەرنىڭ فەتىھلىرىگە قاتناشقان ۋە ھىندىستان ھەققىدە ئىشەنچلىك مەلۇماتلارنى توپلىغان.

بىرۇنى ئۆزىنىڭ پادىشاھلارغا يېقىن بولۇش ياكى كىشىلەر ئارىسىدا مەرتىۋە قازىنىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى خالىس ئىلىم ئىگىلەش ئۈچۈن ئىلىم ئوقۇغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلغان. ئۇ ئاسترونومىيە ئىلىملىرىنىڭ مۇھىم تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتابى «القانون المسعودي»نى يازغان چاغدا، دادىسى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىگە ئوخشاش ئىلىمنى ۋە ئالىملارنى ياخشى كۆرىدىغان سۇلتان مەسئۇد ئۇنى مۇكاپاتلىغان. بىرۇنى ئۇنىڭ بەرگەن مۇكاپاتىنى رەت قىلغان. سۇلتان ئۇنى بىر پىل يۈدۈمى ئېغىرلىقىدىكى كۈمۈش پۇل بىلەن مۇكاپاتلىغانىدى. ئۇ كۆپلىگەن كىشىلەر ئارزۇ قىلىپمۇ يېتەلمەيدىغان بۇ يۈكسەك مەرتىۋىنى قوبۇل قىلمىغان ۋە ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتىپ، پۇلنى خەزىنىگە قايتۇرىۋەتكەن. يەنە بىر رىۋايەتتە كېلىشىچە، سۇلتان ئۇنىڭغا ئۈچ تۆگە يۈدۈمى ئېغىرلىقىدا كۈمۈش پۇل بەرگەن. ئۇ رەت قىلىپ: «ئىلىم ئىلىمغا خىزمەت قىلىدۇ، پۇل – مالغا ئەمەس» دېگەن.

بىرۇنى ئۆزى ھەق دەپ قارىغان مەسىلىدە كىشىلەرنىڭ رايى ۋە گېپىگە باقمايتتى. ئۇنىڭ تەسىرى ۋە پەزىلىتىنى بىلگەن غەربلىك ئالىملار ئۇنى ئېتىراپ قىلغان. مېيېرھوف مۇنداق دەيدۇ: «بىرۇنىنىڭ ئىسمى كەڭ مەلۇماتلىق چوڭ ئالىملار كارۋىنىدىكى ئەڭ ئوبرازلىق ئىسىم بولۇپ، ئىسلامدىكى ئالتۇن دەۋر ئەنە شۇلار بىلەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولىدۇ».

ئارىسو بوب مۇنداق دەيدۇ: «مەيلى ماتېماتىكا، مەيلى ئاسترونومىيە، مەيلى جۇغراپىيە، مەيلى ئىنسانشۇناسلىق، مەيلى دىنشۇناسلىق بولسۇن، ھېچبىرىنىڭ تارىخى بىرۇنىنىڭ شۇ پەنلەرنىڭ ھەربىرىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى ئېتىراپ قىلماستىن مۇكەممەل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. بىرۇنى پۈتۈن ئەسىرلەردىكى مۇتەپەككۇر ئەقىللەرنىڭ ئەڭ يارقىنلىرىدىن بىرى ئىدى ۋە ئالەمنى يارىتالايدىغان جەۋھەرىي سۈپەتلەرگە ئىگە ئىدى».

گېئورگى سارتون «المدخل إلى تاريخ العلم» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: «م. 11 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى بىرۇنى دەۋرىدۇر. چۈنكى ئەبۇ رەيھان (بىرۇنى) بۇ تارىخىي ھەقىقەتتە مەشرىق ۋە مەغرىب ئۇپۇقلىرىدا چاقنىغان بىر ئىسىم ئىدى. بىرۇنى گۇمانىتارلىق جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ ۋە بەزى ماتېماتىكا ئىلىملىرىنىڭ ئاساسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھالبۇكى ياۋروپا ئۇ ۋاقىتتا رىم كالېندارى سىستىمېسىنى ئىشلىتىۋاتاتتى. ياۋروپالىقلارنىڭ گېئومېتىرىيەدىكى مەلۇماتلىرى پىساگوردىن ئىلگىرى تونۇشلۇق بولغان بۇ كىچىككىنە سەۋىيەدىن ئاشمايتتى. ئۇ چاغلاردا ئەرەب ئەللىرى يۈكسەك ماتېماتىكا ئىلىملىرىدىن ئىبارەت يورۇق نۇرلار ئېتىلىپ چىقىۋاتقان يېنىق مەشئەل ئىدى».

جوزېف شاھت (Joseph Schacht) مۇنداق دەيدۇ: «شۇنىسى ئېنىقكى، بىرۇنىنىڭ پىكرىي جاسارىتى، بىلىم ئاشۇرۇشقا خۇشتارلىقى، خام خىيالدىن يىراقلىقى، ھەقىقەتپەرۋەرلىكى، كەڭ قورساقلىقى ۋە ئىخلاسى قاتارلىق بۇ خىسلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردە ئوخشىشى يوق ئىدى. بىرۇنى رېئاللىقتا ئىستېداتلىق، ئىجادكار ۋە ئۆتكۈر ئىدراك ئىگىسى ئىدى».

بارتولىد مۇنداق دەيدۇ: «بىرۇنىنىڭ دىنىي ئېتىقادلار، بولۇپمۇ ھىندى دىنلىرى ھەققىدىكى قاراشلىرى بۈگۈنكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئەرزىيىدۇ. بىرۇنى دىنىي ئېتىقادلارنىڭ ھەر ماكاندا مەلۇم بىر سەۋەبلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىدراك قىلغان. ئۇ يۇقىرى قاتلامنىڭ دىنى بىلەن تۆۋەن قاتلامنىڭ دىنى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقكە ئەھمىيەت بېرەتتى. دىنىي ئەقىدىلەرنى شەرھلىگەندە، مۇتلەق ئېتىراز بىلدۈرمەيتتى، تەنقىدلىمەيتتى. شۇنىڭدەك، ئۇ ئىمكانقەدەر ھەربىر دىننىڭ ئېتىقادچىلىرى قوللىنىۋاتقان ئىبارىلەرگە رىئايە قىلاتتى. بىر دىن بىلەن يەنە بىر دىننى پەرقلەندۈرمەكچى بولسا، ئۇ ئىككىسىنى ساپ ئىلمىي يوسۇندا سېلىشتۇراتتى».

بىرۇنى ئىلمىي بايقاشلىرىدا «قۇرئان» مېتودىغا ۋە ئىسلامغا زىچ باغلانغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ھاياتلىق ۋە كائىناتنىڭ تەبىئىتى ھەققىدىكى ئاسترونومىيەلىك ۋە گىئومېتىرىيەلىك تەجرىبىلىرىم چەكسىز بىر پىلانلىغۇچى ئەقىلنىڭ بارلىقىغا باشلاپ ئاپاردى. ئاسترونومىيە ئىلمىنىڭ بايقاشلىرى كائىناتتىكى يوشۇرۇن قالتىسلىقلارنى ۋە ئاجايىب ئىنچىكىلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇلار تەڭداشسىز بىر نىزامغا ۋە قالتىس بىر پۇختىلىققا دالالەت قىلىدۇ. تەبىئىي سەۋەبلەر ئۇنى چۈشەندۈرۈشكە يەتمەسلىكى مۇمكىن».

بىرۇنى ئېنىقلاپ چىققان ئۇل مەسىلىلەردىن بىرى، يەر شارىنىڭ ئايلىنىشى ۋە تارتىش كۈچىدۇر. تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ ئىبارىسى:

«زېمىننىڭ ئايلىنىشى ۋە يەر يۈزىدىكى ھايۋان ۋە تۇرالغۇ قاتارلىق نەرسىلەرنىڭ بوشلۇققا ئۆرلىشىگە كەلسەك، تارتىش كۈچى ئۇلارنى تۇتۇپ تۇرىدۇ. زېمىن ئۈستىدىكى ھەر نەرسە زېمىن مەركىزىگە باغلىنىقلىقتۇر».

يىغىپ ئېيتقاندا مۇنداق دېيىش مۇمكىن: بىرۇنىنىڭ گېئولوگىيە، مېتال، ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە ئىلىملىرىدا ۋە تەبىئىي پەنلەردە ھەم ئىقتىسادتا ئىجابىي ئىلمىي ھەسسىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ بۈيۈك تۆھپىسى ئىلىمدىكى ئىسلامىي بىلىش مېتودىنى تەھرىرلەش ۋە ئۇنى ئىسلامچە تەجرىبىۋى ئېقىمنىڭ ئۆزلۈكىنى بايقىغان شەكىلدە تەتبىقلاشتۇر. ئۇ گرېتسىيە چۈشەنچىلىرىدىن ئازاد بولۇپ، دىن بىلەن ئىلىمنى بىرى – بىرىگە باغلاشتا ‹قۇرئان›نىڭ يولىدا ماڭغان ھەمدە توغرا ئىمان ۋە بەندە بىلەن رەب ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىشنى نەتىجىلەرنى يەكۈنلەش ۋە توسالغۇلارنى ئېچىشنىڭ يولى قىلغان. ئۇ بۇ مەنىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «ئۇتۇق ۋە مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ سوۋغىسىدۇر. ئاللاھ ئۇنى بىر قەۋمگە بەرسە، يەنە بىر قەۋمگە بەرمەيدۇ».

بىرۇنى ھ. 440 – يىلى، م. 1048 – يىلى غەززەدە ۋاپات بولغان.

 

مەنبەلەر:

1. ئۇستاز ئەنۋەر جۇندىينىڭ «نوابغ الإسلام» ناملىق كىتابى.

2. ئەھمەد مۇھەممەد شەنەۋانىينىڭ «موسوعة عباقرة الحضارة العلمية في الإسلام» ناملىق كىتابى.

3. ئەلى ئىبنى ئابدۇللاھ دەففانىڭ «رواد علم الجغرافية في الحضارة العربية والإسلامية» ناملىق كىتابى.

تەرجىمىدە: مۇھەممەد قاۋۇل قاراخانىي

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ