قىزىق سۇغا بېسىپ يۇڭدالغان توخۇ گۆشى ھەققىدە

قىزىق سۇغا بېسىپ يۇڭدالغان توخۇ گۆشى ھەققىدە

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن توخۇ قۇشخانىلىرىدا توخۇنى بوغۇزلاپ بولغاندىن كېيىنلا قايناق سۇغا بېسىپ ئاندىن يۇڭدايدىغان، ئاندىن ئىچىنى تازىلايدىغان ئادەت بار، توخۇنى بۇ خىل ئۇسۇلدا تازىلاش توخۇنىڭ ھالاللىقىغا تەسىر يەتكۈزەمدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەلبەتتە، توخۇنىڭ قېنى بىلەن پوقى ئېغىر نىجىس نەرسىلەر قاتارىغا كىرىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن توخۇنى بوغۇزلاپلا، قېنى بىلەن ئىچ باغرىنى تازىلىۋەتمەستىن قىزىق سۇغا باسقاندا سۇ مەينەت بولۇپ، گۆشنى مەينەت قىلىۋېتىدۇ.

ئەگەر توخۇ بېسىلغان سۇ قايناۋاتقان سۇ بولسا، توخۇ مەينەت سۇدا پىشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنى پاكىزلاش مۇمكىن بولمايدۇ.

ئەگەر توخۇ بېسىلغان سۇ قايناۋاتقان سۇ بولماي، قىزىق سۇ بولسا، ئۇ سۇدا توخۇ پىشىپ قالمايدىغان بولسا، مەينەت سۇغا بېسىلغاندىن كېيىن توخۇ مەينەت بولۇپ كېتىدۇ. سۇدىن چىقارغاندىن كېيىن ئۇنى پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇۋەتسە، پاكىزلىنىپ، يېيىشكە بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇنداق گۆشلەرنىڭ ساغلاملىققا زىيانلىق بولۇش ئېھتىمالىمۇ بار. مەينەت سۇدا مەينەت بولۇپ كېيىن تازىلانغان گۆشنى يېيىشنى ئىنسان تەبىئىتى كۆتۈرمەيدۇ. شۇڭا، بۇنداق گۆشنى يېيىش مەكرۇھ بولىدۇ.

مالىكىي مەزھەب «ناوازىل» دېگەن كىتابىدا مۇنداق كەلگەن: «تۈكىنى يۇڭداش ئۈچۈن قىزىق سۇغا بېسىلغان توخۇنى بەزى ئالىملار مەينەت نەرسە بىلەن پىشۇرۇلغان تاماق دەپ قارىغان بولسىمۇ، بەزى ئالىملار يۇيۇۋەتسە پاكىز بولىدۇ، دەپ قارىغان. مۇشۇ توغرا قاراشتۇر».(1)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 13 – جامادىيەلئاخىر / م. 2011، 16 – ماي

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 182 – نومۇرلۇق پەتۋا.

———–
1. مەھدىي ۋەززانىي: «ئەلمىئيارۇل جەدىد»، 1/25.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ