كىرپە گۆشىنى يېسە بولامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قەدىرلىك ئۇستاز! بىزنىڭ بىر تۇغقىنىمىز بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇپ، تېۋىپلار ئۇزاق مەزگىل كىرپە گۆشى يەپ بېرىشنى بۇيرۇغان ئىكەن. بۇ ھەقتە ئەتراپىمىزدىكى بەزى ئۆلىمالاردىن سورىساق، ئۇلار: «كىرپە ھارام» دەپ جاۋاب بەردى، يەنە بىر قىسىملىرى: «مالىكىي مەزھەپتە بوغۇزلاپ يېيىلسە ھارام بولمايدۇ» دەپ قارايدىكەن. «زۆرۈرىيەت بولغاندىكىن مەزھەپ ئاتلاپ ئەمەل قىلساق بولىدۇ. شۇڭا، يەۋەرسە بولىدۇ» دېدى. مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىلا!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

كىرپىنىڭ گۆشىنىڭ ھۆكمىدە ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى بار. ئىمام ئەبۇ ھەنىفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى بىلەن ئىمام ئەھمەد ھارام، دەپ قارىغان. بۇلار ئاساسلانغىنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىس بولۇپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ھەدىستە كىرپە توغرىسىدا: «مەينەت نەرسىلەردىن بىرى» دېگەن.([1])

لېكىن، ئىمام خەتتابى، بەيھەقى، ئىبنى ھەزم ۋە ھافىز ئىبنى ھەجەر قاتارلىق ھەدىس ئالىملىرى بۇ ھەدىسنى «ئاجىز» دەپ باھالىغان بولغاچقا، كىرپە گۆشىنى ھارام دېيىشكە دەلىللىككە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

ئىمام مالىك بىلەن ئىمام شافىئىي قاتارلىقلار كىرپىنىڭ گۆشى ھالال، دەپ قارىغان. بۇلار ئادەتتە، بىرەر دەلىل كەلمىگىچە بىر نەرسە ھارام دېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان «ھەر قانداق نەرسىنىڭ ئەسلى ھۆكمى مۇباھلىقتۇر» دېگەن فىقھىي قائىدىنى تۇتقان بولۇپ، كىرپىنى ھارام دەپ قارايدىغانلار ئېتىرازدىن خالىي سەھىھ بىر دەلىل ئەكىلىشى كېرەك، ئەكىلەلمىگەندىن كېيىن مۇباھ ھالىتىدە قالىدۇ، دەپ قارىغان.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن كىرپە گۆشىنىڭ ھۆكمى مۇباھ دېگەن قاراش جانلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋالىنىش زۆرۈرىيىتى بولغاندىكى ھالال دېگەن قاراش بويىچە ئەمەل قىلسا بولىدۇ.

ئەمما، كىرپىنىڭ قېنى نىجىس، بۇنىڭدا ئىختىلاپ يوق.

ئەلۋەتتە، گۆشى ھالال بولۇشى ئۈچۈن بوغۇزلاش شەرت. كىرپىنى بوغۇزلاش ئۇسۇلى: كىرپىنى سۇغا تىقىپ سۇنى سەل ئىسسىتقاندىن كېيىن بېشىنى سوزۇپ چىقىرىدۇ، شۇ چاغدا بوغۇزلاش كېرەك.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 8 – 16
——————————————
([1]) «ئەبۇ داۋۇد»، 3799 – ھەدىس. ئالبانى «ئاجىز» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز