تۆگە قۇشىنىڭ گۆشى ھالالمۇ؟

تۆگە قۇشىنىڭ گۆشى ھالالمۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، تۆگە قۇشىنىڭ گۆشى ھالالمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

قۇشلاردىن پەقەتلا تىرناقلىرى بىلەن قاماللاپ تۇتىدىغان ياكى تاپ يەيدىغانلىرى ھارام قىلىنغان بولۇپ، تۆگە قۇشى بۇنىڭ قاتارىدا ئەمەس. دېمەك، تۆگە قۇشىنىڭ گۆشى شەرئى بوغۇزلىغان تەقدىردە، ھالال.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىھراملىق ھالىتىدە تۆگە قۇشىنىڭ تۇخۇمى كەلتۈرۈلگەن چاغدا: «بىز ئىھراملىق كىشىلەرمىز، ئۇنى ئىھرام باغلىمىغانلارغا يېگۈزۇڭلار» دېگەن.(1)

ساھابە كىراملار ھەرەمدە ئىھراملىق ھالەتتە تۆگە قۇشىنى ئوۋلىغان كىشىلەرگە بىر تۆگە جازا بەلگىلىگەن. بۇ ئۇنىڭ ھالاللىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام بەيھەقىي رىۋايەت قىلىدۇكى، ئوسمان، ئەلى، زەيد ئىبنى سابىت، ئىبنى ئابباس، مۇئاۋىيە ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار بىر تۆگە قۇشى ئوۋلىسا، بىر تۆگە جازا كېلىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن. تابىئىنلاردىن سەئىد ئىبنى مۇسەييەب بىلەن ئۇرۋەدىنمۇ شۇنداق رىۋايەت قىلىنغان. ئىمام مالىك: «مەن تا ھازىرغىچە ئىھراملىق كىشى بىر تۆگە قۇشى ئۆلتۈرۈۋەتسە، بىر تۆگە كېلىدۇ، دەپ ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن» دېگەن.(2)

ئىمام شافىئىي رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى: «ئەگەر ئىھراملىق كىشى تۆگە قۇشى ئوۋلاپ قالسا، ئۇنىڭدا بىر تۆگە جازا بار» دېگەن.(3)

ئالىملار يەنە تۆگە قۇشىنىڭ تۇخۇمىنى چېقىۋەتكەن ياكى ئوۋلىغان ئىھراملىق كىشىنىڭ جازاسى ئۈستىدىمۇ توختالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۆگە قۇشىنىڭ گۆشىنىڭ ھالاللىقىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىمام ئىبنى ئابىدىن: «بىلگىنكى تۆگە قۇشى بىلەن غاز تۆگىگە ئوخشاش بوينىنىڭ ئاستى تەرىپىدىن بوغۇزلىنىدۇ» دەيدۇ.(4)

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 3 – رامازان / م. 2011، 3 – ئاۋغۇست

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 176 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————
1. «ئەھمەد»، (783).
2. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (9646 – 9652).
3. ئىمام شافىئىي: «ئەلئۇم»، 2/190.
4. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6/303.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ