ئاتىسى ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئوغۇلنىڭ ئاتىسىدىن مىراس ئېلىشى

ئاتىسى ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئوغۇلنىڭ ئاتىسىدىن مىراس ئېلىشى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، قولۇمدا بىر دېلو بار ئىدى، 9 قېرىنداشنىڭ ئاتا – ئانىسىدىن قالغان قورۇ – جاي چېقىلىپ 10 مىليوندىن ئارتۇق تۆلەم كەلگەن. ئەمما، بۇ پۇلنى 8 قېرىنداش ئۆز ئالدىغا ئىگەللىۋېلىپ، بىرسىگە تېگىشلىك نېسىۋىسىنى بەرمىگەن، چۈنكى بۇياق 93 – يىلىلا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ كىشىنىڭ ئۈچ بالىسى يېتىمچىلىكتە چوڭ بولغان. 8 قېرىنداش بۇ بالىلارنىڭ ئاتىسىنى ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن دەپ قاراپ بۇلارغا تېگىشلىك مىراسنى بەرمىگەن، بەرگەن بولساڭلار، ھال كۈنىمىز ياخشىلىنىپ قالاتتى دەپ يالۋۇرسىمۇ مانا ئەتە – ئۆگۈن دەپ بۈگۈنگىچە سوزۇپ كەلگەن. بۇ 8 قېرىنداشنىڭ ھال – كۈنى ئىنتايىن ياخشى، ھەربىرى مىليون پۇلنىڭ ئېگىسى، ھەتتا چەتئەللەرگىچە سودا قىلىدۇ. بۇ بالىنىڭ سوتقا دەۋا ھەققىنى تۆلىگىدەكمۇ پۇلى يوق، دەۋا ھەققى ئاز بولغاندىمۇ 50 مىڭدىن تۆۋەن بولمايدۇ، ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ ئۆزىگە تېگىشلىك بىر مىليوننىڭ ئۈستىدىن دەۋا قىلغان ھالەتتىمۇ 15 مىڭدىن چۈشمەيدۇ. شۇڭا، مەن ئاخىرى بۇ بالا بىلەن ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى كېلىشتۈرۈش ئارقىلىق بۇ دېلونى ھەل قىلىش قارارىغا كەلدىم. يەنە بىرسىگە ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىن قىيىنچىلىقى بارلىق ئىسپاتنى ئالغاندىن كېيىن دەۋا پۇلىنى كېيىن تۆلەشكە ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلماقچىمۇ بولدۇم. ئەمما، ئۆزى تۇرۇشلۇق رايون بۇ خىل ئىسپاتنى كېسىپ بەرمىسە بىزمۇ ئىلتىماس قىلىشقا ئامالسىز قالىمىز. شۇڭا، مەن يەنىلا ھەممە ئۇرۇق – تۇغقانلارنى سوتتا ئۇچراشتۇرۇپ يۈرگەندىن كۆرە، سىرتتا كېلىشتۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. 8 قېرىنداشنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي بىلىمى يۇقىرى ھاجىملاردىن ئىكەن. شۇڭا، مېنىڭ بۇ جەھەتتە قانۇن بىلىمىم يېتىشكەن بىلەن دىنىي بىلىمىم يېتىشمەسلىكى، ھەتتا 8 ئادەم بىرلىشىپ مەن ۋە مېنىڭ دەۋاگىرىمگە پسىخىكىلىق ھۇجۇم قىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، مەن دىنىي ھەم قانۇن، ھەتتا پسىخىكا جەھەتتىن ھەرقايسى ئېھتىماللىقلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۇسۇللارنى ئالدىن تەييارلىق قىلماقچى.

يىغىپ ئېيتقاندىكى مەقسەت: دىنىمىزدىكى مىراسنىڭ قانداق تەقسىملىنىدىغانلىقى، بېرىشكە تېگىشلىكلىكى، يېتىم بالىنىڭ رىزقى قاتارلىق يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا ماس كېلىدىغان بارلىق دىنىي بىلىمدىن ماڭا بىر يول كۆرسەتكەيسىلەر. رەھمەت. بالىلارنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى مۇنداق: مەمەت بىلەن مەريەم ئىككىسى ئەر ئايال، بۇلارنىڭ 9 پەرزەنتى بار بولۇپ ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1،2،3،4،5،6،7،8،9 بۇنىڭ ئىچىدە 1 ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن، قالغان 8 پەرزەنت تېخى ھايات. دېمەك، 1 مەمەت بىلەن مەريەمدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن. ئەمدى بۇ 1 نىڭ يەنە 3 بالىسى بار بولۇپ، ئىككى ئوغۇل بىر قىز.

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

بىر پەرزەنت ئاتىسىنىڭ ھايات چېغىدا ۋاپات بولۇپ، پەرزەنت قالدۇرغان بولسا، كېيىن بۇ پەرزەنتنىڭ ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن پەرزەنتىنىڭ بالىلىرى بولغان نەۋرىلىرى قالغان بولسا، يەنە ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى قالغان بولسا، بۇ نەۋرىلەر چوڭ دادىسىدىن مىراس ئالالمايدۇ. مىراسنى پەقەتلا مېيىتنىڭ ھايات قالغان پەرزەنتلىرى بىلەن ئايالى ۋە ئاتا – ئانىسىدەك باشقا مىراسخورلىرى ئالىدۇ.

مەزكۇر سوئالدا بىر ئوغۇل 3 بالا قالدۇرۇپ 93 – يىلى ۋاپات بولغان. ئاندىن بۇ ئوغۇلنىڭ ئاتىسى 8 پەرزەنت بىلەن ئايالىنى قالدۇرۇپ ۋاپات بولغان. ئاندىن ئايالى ۋاپات بولغان.

ئالدى بىلەن ۋاپات بولغان بىر ئوغۇلنىڭ مال – مۈلكى بار بولغان بولسا 3 پەرزەنتى بىلەن ئاتا – ئانىسىغا، ئايالىغا شەرئى تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

ئاندىن ئاتىنىڭ مىراسى 8 پەرزەنت بىلەن ئايالىغا تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. ئايالىغا پۈتۈن مىراسنىڭ 8 دەن بىرى تېگىدۇ، قالغىنى 8 پەرزەنتكە تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ. ئوغۇلغا ئىككى ھەسسە، قىزغا بىر ھەسسە.

ئاندىن ئانىنىڭ مال – مۈلكى باشقا مىراسخور بولمىغان ئەھۋالدا 8 پەرزەنتكە تەقسىم قىلىپ بېرىلىدۇ.

دېمەك، شەرئى تەقسىم بويىچە ئاشۇ 3 نەۋرىگە چوڭ دادىسىدىن مىراس تەگمەيدۇ.

نېمە ئۈچۈن دېگەندە ئاشۇ 3 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى چوڭ دادىسى ۋاپات بولغان چاغدا ھايات ئەمەس بولۇپ، مىراس قالدۇرغۇچى ۋاپات بولغان چاغدا مىراسخور ھايات بولۇشى شەرتتۇر.

ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇ نەۋرىلەر تاغىلىرى بىلەن بىللە مىراسخور بولالمايدۇ؟ چۈنكى، ئىسلام شەرىئىتى مىراس تۈزۈمىدە 1 – دەرىجىلىك مىراسخور بار بولغان ئەھۋالدا 2 – دەرىجىلىك مىراسخورلىرى مىراس ئالالمايدۇ. نەۋرىلەر چوڭ دادىسىغا نىسبەتەن 2 – دەرىجىلىك تۇغقان، چۈنكى ئۇلارنى چوڭ دادىسىغا ئاتىسى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. ئەمما، باشقا 8 پەرزەنت بولسا 1 – دەرىجىلىك تۇغقان، چۈنكى ئۇلار دادىسىغا بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ.

ئەگەر تۇغقانلىق دەرىجىسىدىن قەتئىينەزەر تۇغقان بولغاندىن كېيىن مىراسخور بولۇشى كېرەك دەيدىغان بولساق، مېيىتنىڭ باشقا يىراق تۇغقانلىرىنىمۇ مىراسخور قىلساق بولاتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئىش يوق.

بۇ شەرىئەت مىراس تۈزۈمىدىكى «ھەجب» دېگەن قائىدىگە ئاساسلانغان بولۇپ، بۇ قائىدىگە ئاساسەن يېقىن تۇغقانلار يىراق تۇغقانلارنى «مەھجۇب»، يەنى مىراستىن توسۇپ قويىدۇ.

بەزى ئەرەب دۆلەتلىرىدە 1946 – يىللاردىن تارتىپ قانۇن بېكىتكەندە ئاتىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئوغۇلنى خۇددى ھاياتتەكلا پەرەز قىلىپ تۇرۇپ پۈتۈن مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ھالقىپ كەتمىگەن دائىرىدە ئۇنىڭ نېسىۋىسىنى ئايرىپ، قالدۇرغان پەرزەنتلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان قانۇن چىقىرىلغان بولۇپ، بۇ قانۇن «ۋاجىب ۋەسىيەت قانۇنى» دەپ ئاتالغان. لېكىن، بۇ قانۇن «قۇرئان» ۋە «ھەدىس»، شۇنداقلا شەرىئەت مىراس تۈزۈمىگە خىلاپ بولغاچقا، شەرئى جەھەتتىن باتىلدۇر.

ئۇنداقتا بۇ تۈردىكى يېتىم بالىلارنىڭ نامراتلىق ئەھۋالىغا قارىتا شەرىئەتتىكى يەڭگىللىتىش چارىلىرى قايسىلار؟

ئەسلىدە چوڭ دادا بىر ئوغلى ۋاپات بولۇپ پەرزەنتلىرى قالغان چاغدا يا ھايات ۋاقتىدىلا ئاشۇ 3 نەۋرىسىگە بىرنەرسە ھەدىيە بېرىۋەتسە ياخشى بولاتتى، بەرمىگەن تەقدىردە، ۋەسىيەت قىلغان بولسا بولاتتى. ئاللاھ تائالا دەيدۇ:

﴿بىرىڭلارنىڭ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەگەر مال – دۇنيا قالدۇرىدىغان بولسا، ئاتا – ئانا، خىش – ئەقرىبالىرىغا مۇۋاپىق مىقداردا ۋەسىيەت قىلىش تەقۋادارلارنىڭ ئۆتۈشكە تېگىشلىك بۇرچى سۈپىتىدە پەرز قىلىندى. ئۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىمكى ئۇنى ئۆزگەرتىدىكەن، ئۇنىڭ گۇناھى پەقەت ئۇنى ئۆزگەرتىدىغانلارغىلا يۈكلىنىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر. كىمكى بىرەر ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ناھەقچىلىققا مايىل بولۇپ كېتىش ياكى قەستەن زۇلۇم قىلىشى ئەھۋالىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ قويسا، ئۇنىڭغا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر﴾(2/«بەقەرە»: 180 – 182).

بۇ تۈردىكى مىراس ئالمايدىغان تۇغقانلىرىغا ۋەسىيەت قىلىشنى بەزى ئالىملار ۋاجىب دەپ قارىسا، بەزىلەر مۇستەھەب، دەپ قارىغان.

يەنە مىراس تەقسىماتى قىلىنغان سورۇنغا مىراسخور بولمىغان ئۇرۇق – تۇغقانلار قاتنىشىپ قالغان تەقدىردە، ئۇلارغا ئازغىنە بىرنەرسە بېرىشمۇ تەرغىب قىلىنغان ئىش. لېكىن، ۋاجىب ئەمەس. ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ﴿ۋارىس ئەمەس تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر مىراس تەقسىمات ۋاقتىدا ھازىر بولسا، ئۇنىڭدىن ئۇلارغا بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار﴾(4/«نىساﺋ»: 8).

سەئىد ئىبنى جۇبەير رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «بەزى كىشىلەر، بۇ ئايەتنى، يەنى ﴿ۋارىس ئەمەس تۇغقانلار، يېتىملەر ۋە مىسكىنلەر مىراس تەقسىمات ۋاقتىدا ھازىر بولسا، ئۇنىڭدىن ئۇلارغا بېرىڭلار، ئۇلارغا چىرايلىق سۆز قىلىڭلار]. ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان دەپ تۇرۇۋېلىشىدۇ، ياق! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىغان. لېكىن، بۇ كىشىلەر ئەمەل قىلماي سەل قارىغان مەسىلىلەردىن بىرى، مىراسنى بىر تەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە كىشىلەر ئىككى خىل، بىرى، مىراسخورلار. بۇلار مىراسخور ئەمەس تۇغقانلارغا مىراستىن ئازراق بىرەلەيدىغانلاردۇر. يەنە بىرى، مىراس تەگمەيدىغانلار (يېتىمگە قاراپ قويىدىغان كىشىلەردەك) بولۇپ، بۇلار مىراس تەگمەيدىغان تۇغقانلارغا چىرايلىق سۆز قىلىپ: (مەن ساڭا بىرنەرسە بېرىش ھوقۇقۇم يوق) دەيدىغانلاردۇر».(1)

بۇنداق ئەھۋالدا، مىراسخورلار مىراسخور بولمىغان تۇغقانلارغا ئازراق بىرنەرسە بەرسە بولىدۇ. بۇ سىلە – رەھىم قىلىشتىن ئىبارەت. ۋاجىب ئەمەس. بەرمىسە تەلەپ قىلىش ھەققى يوق.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن مەزكۇر نەۋرىلەرنىڭ ھەق دەۋا قىلىشى ئورۇنسىز، قانۇنغا تايىنىپ دەۋا قىلىپ ئالغان ھەقمۇ ئۇلارغا ھارام بولىدۇ.

پەقەتلا تاغىلىرى ئۆز رازىلىقى بىلەن سىلە – رەھىم قىلىپ بىرنەرسە بەرسە قوبۇل قىلسا بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 18 – شەئبان / م. 2011، 19 – ئىيۇل

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 131 – نومۇرلۇق پەتۋا.

————
1. «بۇخارىي»، (2759).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ