سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ، ئاتام ئۆلۈپ كەتكىلى بىرنەچچە يىللار بولدى. بىز ئانام بىلەن ئالتە ئوغۇل، (بۇنىڭ ئىككىسى ئاتامنىڭ بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئايالىدىن بولغان ئوغۇل، بىرى ئانامنىڭ بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن يولدىشىدىن بولغان ئوغۇل) ئىككى قىز، (بىرى ئانامنىڭ بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن يولدىشىدىن بولغان قىز) بىلەن قالدۇق. ئاتامنىڭ ھايات ۋاقتىدا قايتۇرالمىغان بەزى قەرزلىرىنى پۇلى بار بالىلىرى بىرلىشىپ قايتۇرغان، ئەمدى دادامدىن قالغان بىر يۈرۈش قورۇ – جاي مىراس قالغان.
1. سوئال: يۇقىرىدىكى ئەھۋال ئاستىدا، ئىسلام شەرىئىتى بويىچە مىراسنى قانداق تەقسىم قىلىش كېرەك؟
2. سوئال: ئەگەر قورۇ – جاينى ساتماي مىراس بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كەلسە، قانداق قىلىش كېرەك؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
ئەسلىدە ئاتىنىڭ قەرزلىرىنى مىراس قالغان قورۇ – جاينى سېتىپ قەرزنى شۇنىڭ پۇلىدىن قايتۇراتتى. ئوغۇللار يېنىدىن تۆلىۋەتكەن بولسا، بۇ پەرزەنتلىرىدىكى ۋاپادارلىقتىن ئىبارەت ئېسىل ئەخلاقتۇر.
قەرز ئادا قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن باشقا ئىقتىساد بولماي پەقەت قورۇ – جايلا قالغان بولسا، بۇ مىراس ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى بىلەن ئايالىغا تەقسىم قىلىنىدۇ. ئايالىنىڭ بۇرۇنقى ئېرىدىن بولغان بالىلىرىغا (ئۆگەي بالىلارغا)، يەنى بىر قىز بىلەن بىر ئوغۇلغا مىراس تەگمەيدۇ، چۈنكى بۇلار ۋاپات بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى ئەمەس. ئۇلار ئۆز ئاتىلىرى ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۆز ئاتىسىدىن مىراس ئالىدۇ.
ۋاپات بولغۇچىنىڭ بۇرۇنقى ئايالىدىن بولغان قىز – ئوغۇل پەرزەنتلەرمۇ ئۆز پەرزەنتلىرى بولغاندىكىن ئۇلار مىراسخورلاردۇر. ئۇنداقتا مىراس ئۆز پەرزەنتلىرى بولغان بەش ئوغۇل، بىر قىز، جەمئىي ئالتە پەرزەنت بىلەن ئايالىغا مۇنداق تەقسىم قىلىنىدۇ:
ۋاپات بولغۇچىنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى بولغاندىكىن ئايالىغا مىراسنىڭ سەككىزدىن بىرى تېگىدۇ.
قالغىنى بەش ئوغۇل، بىر قىزغا بىر ئوغۇلغا ئىككى قىزنىڭ ھەسسىسى تېگىدىغان ئۆلچەم بىلەن تەقسىم قىلىنىدۇ. يەنى ئايالى سەككىزدىن بىرىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قالغىنىنى 11 ئۈلۈش قىلىپ ھەربىر ئوغۇلغا 2 ئۈلۈشتىن، بىر قىزغا بىر ئۈلۈشتىن بېرىمىز.
ئەمدى ھەربىر مىراسخورنىڭ ئۈلۈشلىرى بەلگىلىنىپ بولغاندىن كېيىن قورۇ – جاينى ئۇنچە كۆپ كىشىگە تەقسىم قىلىۋەتسە پايدىلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان بولغاچقا، ياكى بەزىلەر بۇ قورۇ – جايدا ئولتۇرۇشنى خاھلىمايدىغان ياكى ئېھتىياجى يوق بولغاچقا، بۇلارنىڭ ئالدىدا 3 خىل ئىختىيارلىق بار:
1. قورۇ – جاينى سېتىپ پۇلىنى يۇقىرىقىدەك ئۈلۈشىۋېلىش.
2. قورۇ – جاينى ساتماي ئۆزئارا نېسىۋىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىۋېتىش. يەنى بىر قىز ياكى بەزىلەر بىر ئاكىسىغا: «مېنىڭ نېسىۋەمنى ساڭا بېرىۋېتەي، سەن ئولتۇرغىن» دېگەندەك.
3. قورۇ – جاينى ساتماي بەزى مىراسخورلار ئۆز نېسىۋىلىرىنى بەزى مىراسخورلارغا سېتىۋېتىش ياكى پۇل بېرىپ رازى قىلىش. مەسىلەن، «مېنىڭ ئۆيۈم بار، ماڭا ئۆي لازىم ئەمەس، ئۆيدە سەن ئولتۇرۇپ ماڭا پۇلىنى بەرگىن، نېسىۋەمنى ساڭا ساتاي، ياكى ماڭا مۇنچىلىك پۇل بەر، نېسىۋەم ساڭا تەۋە بولسۇن» دېسە بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 16 – رەجەب / م. 2011، 18 – ئىيۇن
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 132 – نومۇرلۇق پەتۋا.