سەپەردە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش

سەپەردە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىيارىمىزدا «نامازنى قەسىر قىلىش (قىسقارتىپ ئوقۇش) شەرتىگە توشىدىغان سەپەرگە چىققان كىشى سۈننەت نامازلارنى ئوقۇمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ يولۇچىغا ئاسانچىلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن پەرز نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇشقا بۇيرۇغان. شۇڭا، سۈننەت نامازلارنى ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق» دەيدىغان، سەپەر جەريانىدا ۋاقىت كەڭتاشا بولسىمۇ سۈننەت ئوقۇمايدىغان ئەھۋال كۆپىيىپ كەتتى. ئوقۇيمىزمۇ ياكى ئوقۇمايمىزمۇ؟ مۇشۇ ھەقتىكى توغرا پەتۋالارنى بايان قىلىپ بەرگەن بولسىلا!

يەنە بىر سوئال: نامازنى قەسىر قىلىپ ئوقۇغاندا سۈننەتمۇ قەسىر قىلىنامدۇ ياكى پەرزلا قەسىر قىلىنامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئالدى بىلەن شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، سۈننەت – تەكىتلەنگەن سۈننەت ۋە تەكىتلەنمىگەن سۈننەت دەپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. سۈننەتنىڭ بۇ ھەر ئىككى قىسمى نەفلە ناماز قاتارىغا كىرىدۇ، چۈنكى نەفلە دېگەن سۆز ئارتۇق دېگەنلىك بولىدۇ، نەفلە نامازلار پەرز نامازدىن ئارتۇق ھالەتتە پەرزدىكى نۇقساننى تولۇقلاش ئۈچۈن، ۋە يەنە تېخىمۇ ئارتۇق ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن پەرزدىن ئارتۇقچە ئوقۇلىدىغان نامازدۇر.

دېمەك، ھەرقانداق سۈننەت ناماز نەفلە ناماز ھېسابلىنىدۇ، لېكىن ھەرقانداق نەفلە ناماز سۈننەت ھېسابلانمايدۇ، بەلكى بەزىلىرى سۈننەت بەزىلىرى مۇتلەق نەفلە ناماز بولىدۇ. مەسىلەن، ناماز ئوقۇش مەكرۇھ بولمىغان ۋاقىتلاردا خاھلىغانچە ئوقۇلىدىغان، مۇئەييەن ۋاقىت تەلەپ قىلىنمىغان ناماز نەفلە نامازدۇر، سۈننەت ناماز ئەمەستۇر. ئەكسىچە، مۇئەييەن ۋاقىت تەلەپ قىلىنغان كېچىدىكى تەھەججۇد نامىزى، چاشگاھ ۋاقتىدا ئوقۇلىدىغان چاشگاھ نامىزى سۈننەت نامازدۇر.(1)

مۇتلەق نەفلە ناماز دېگىنىمىز ئادەتتە ناماز ئوقۇش چەكلەنمەيدىغان چاغلاردا ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن خاھلىغانچە ئوقۇيدىغان نامازدۇر. سەۋەبلىك سۈننەت ناماز دېگىنىمىز: تاھارەت ئالغاندىن كېيىن، مەسجىدكە كىرگەندىن كېيىن، كۈن تۇتۇلغاندا ئوقۇيدىغان نامازلاردەك بىرەر سەۋەب تۈپەيلىدىن ئوقۇيدىغان نامازلاردۇر. پەرز نامازنىڭ ئالدى – كەينىدە ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلار بولسا، بەش ۋاقىت پەرز نامازلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالدى – كەينىدە ئوقۇلىدىغان 12 رەكئەت ناماز بولۇپ، بامدات پەرزىدىن بۇرۇن ئىككى رەكئەت، پېشىن پەرزىدىن بۇرۇن تۆت، پېشىن پەرزىدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، شامدىن كېيىن ئىككى رەكئەت، خۇپتەندىن كېيىن ئىككى رەكئەت.

بۇ سۈننەت نامازلارنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە نۇرغۇن ھەدىسلەر كەلگەن. مەسىلەن، ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ: ‹كىمكى بىر كېچە – كۈندۈزدە ئون ئىككى رەكئەت (نەفلە) ناماز ئوقۇسا، بۇنىڭ سەۋەبىدىن ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتتىن بىر ئۆي بىنا قىلىپ بېرىدۇ› دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان».([2])^

جانابىي ئاللاھ سەپەر ئۈستىدە تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازلارنى قەسىر قىلىپ ئىككى رەكئەت ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغاندۇر، بۇنىڭدا بارلىق ئالىملار ئىتتىپاق، ئەمما سەپەر ئۈستىدە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇشتا ئالىملار ئىختىلاپلاشقان.

1. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، سەپەر ئۈستىدە سۈننەت ۋە باشقا نەفلە نامازلارنى ئوقۇش مۇستەھەب، بۇ كۆپ ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ شۇنداقلا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر.

2. ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرى: «سەپەردىكى كىشى بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى بىلەن ۋىتىرنى قولدىن بەرمەي ئوقۇيدۇ، قالغان پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدە داۋاملىق ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلارنى ئوقۇشتا ئىختىيارلىقى بار. خاھلىسا ئوقۇيدۇ» دەپ قارايدۇ. ئىمام ئەھمەد رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدىن پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدىكى ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلارنى سەپەردە ئوقۇش مەسىلىسى ھەققىدە سورالغاندا: «سەپەردە نەفلە ناماز ئوقۇسا ھېچ گەپ بولماس دەپ ئۈمىد قىلىمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن.(3)

دېمەك، بۇ قاراشمۇ سۈننەت نامازلارنى ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. كۆپچىلىك بىلەن پەرقى، كۆپچىلىك مۇستەھەب دېسە، بۇ قاراش كىشىنىڭ ئىختىيارلىقىغا قويۇپ قويغان جائىز ياكى ئادەتتىكىدەك تەكىتلەنمىگەن ئىش، كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بەزىدە مۇستەھەب بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ.

ئىمام ئىبنى تەيمىييە بۇ قاراشنى مۇنداق ئىزاھلىغان: «پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدىكى سۈننەت نامازلارنى ئوقۇشمۇ، ئالىملار ھەر ئىككى ئىش جائىز بولىدۇ، دەپ ئىتتىپاق قىلغان ئىشلار بابىدىندۇر، چۈنكى ئۇنى خاھلىغان كىشى قىلىدۇ، خاھلىغانلار قىلمايدۇ. بۇ بارلىق ئىماملارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن شۇنداقتۇر. ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىق ھەر ئىككىسى جائىز بولغان ناماز بولسا، بەزىدە ئىنسان ئۇنىڭغا ئېھتىياجى بولغاچقا، ئوقۇش ئەۋزەل بولۇشى مۇمكىن، بەزىدە نەفلەدىنمۇ ئەۋزەل بىر ئىش بىلەن شۇغۇللانغان ئەھۋالدا ئۇنى ئوقۇماسلىقى ئەۋزەل بولۇشىمۇ مۇمكىن».(4)

دېمەك، تۆت مەزھەب ئىماملىرى، شۇنداقلا ئاساسەن كۆپچىلىك ئالىملار سۈننەت نامازنى سەپەردە ئوقۇسا بولىدىغانلىقىدا ئىتتىپاق.

3. ھازىرقى زامان سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بىر قىسىم ئالىملار: بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىدىن، ۋىتىردىن باشقا بەش ۋاقىت نامازنىڭ ئالدى – كەينىدە ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلار سەپەر ئۈستىدە ئوقۇلمايدۇ، دەپ قارىغان.([5])^

بۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قارىشىدۇر. بۇلار: سەپەردە ۋىتىر نامىزى، كېچىدىكى تەھەججۇد نامىزى، يەنە بارلىق مۇتلەق نەفلە نامازلار، يەنە بىرەر سەۋەب بىلەن ئوقۇلىدىغان مەسىلەن، تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ناماز، چاشگاھ نامىزى، كۈن ياكى ئاي تۇتۇلۇش نامىزى قاتارلىق سۈننەت نامازلار ئوقۇلىدۇ، يەنە تىلاۋەت سەجدىسى قىلسا، تەھىييەتۇل مەسجىد ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بىزنىڭ (شافىئىي مەزھەب) ئىماملىرىمىز: ‹مەيلى بەش ۋاقىت پەرز نامازنىڭ ئالدى – ئارقىدا داۋاملىق ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلار بولسۇن، مەيلى باشقا نەفلە نامازلار بولسۇن، ئومۇمەن، سەپەر ئۈستىدە نەفلە نامازلارنى ئوقۇش مۇستەھەب› دەپ قارايدۇ. بۇ بىزنىڭ مەزھەبىمىز. شۇنداقلا ئەلقاسىم ئىبنى مۇھەممەد، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير، ئەبۇبەكرى ئىبنى ئابدۇراھمان، مالىك ۋە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. تىرمىزىي: ‹ساھابەلەردىن بىر گۇرۇپپا، ئەھمەد، ئىسھاق ۋە ئەھلى ئىلىملەرنىڭ كۆپچىلىكى مۇشۇ قاراشتا بولغان› دەپ يەنە: ‹بىر تۈركۈم ئالىملار: پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدە ئوقۇلىدىغان سۈننەت نامازلار سەپەردە ئوقۇلمايدۇ، دەپ قارىغان› دېگەن. بۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن ‹سەھىھەين›دە كەلگەن قاراشتۇر».(6)

دەلىل جەھەتتىن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ سەپەر ئۈستىدە سۈننەت ۋە باشقا نەفلە نامازلارنى ئوقۇش مۇستەھەب دېگەن قارىشى كۈچلۈك بولۇپ، بۇ قاراشنىڭ دەلىللىرى كۆپ، مەسىلەن،

1. سالىم ئېيتتىكى: «ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما سەپەردە تەھەججۇد نامىزىنى ئۇلىغىنىڭ ئۈستىدە ئوقۇۋېرەتتى، قاياققا يۈزلىنىپ قېلىشىغا پەرۋا قىلمايتتى». ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتتىكى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلىغى قاياققا قاراپ ماڭسا، شۇ ياققا قاراپ ئۇلىغىنىڭ ئۈستىدە نەفلە ۋە ۋىتر نامازنى ئوقۇيتتى، لېكىن ئۇلاغ ئۈستىدە پەرز ناماز ئوقۇمايتتى».(7)

بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەپەر ئۈستىدە نەفلە بىلەن ۋىتىرنى ئوقۇغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ۋىتىرمۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزەرىدە، سۈننەتتۇر.

2. ئىمام بۇخارىي «سەھىھ»ىدە: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇغان» دەپ رىۋايەت قىلغان.(8)

ئەسلىدە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابەلەر بىلەن بىر سەپەردە بولۇپ، كېچىچە يول يۈرگەچكە ھارغىنلىقتىن بامدات نامىزىغا ئويغىنالماي كۈن چىقىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۈن كۆتۈرۈلگىچە يۈرگەن، ئاندىن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلىغىدىن چۈشۈپ تاھارەت ئالغان، ئاندىن بىلال بامداتقا ئەزان توۋلىغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىككى رەكئەت ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن بامداتنى ئوقۇغان، ئۇ كۈنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر كۈنى ئوقۇغاندەكلا ئوقۇغان.(9)

مانا بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەپەر ئۈستىدە پەرز نامازدىن ئىلگىرى سۈننەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇ بولسىمۇ بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتى.

ئىمام نەۋەۋىي ئېيتىدۇ: «بۇ ھەدىستىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بامداتنىڭ پەرزىدىن بۇرۇن ئوقۇغان ئاشۇ ئىككى رەكئەت بامداتنىڭ سۈننىتىدۇر».(10)

3. ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ چاشگاھنى ئوقۇغانلىقىنى ئۇممۇ ھاﻧﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن باشقا بىرى بىزگە كۆرگەنلىكىنى خەۋەر قىلىپ باقمىغان. ئۇممۇ ھاﻧﯩﺌ نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەككە فەتھ قىلىنغان كۈنى نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۇنىڭ ئۆيىدە غۇسلى قىلىپ سەككىز رەكئەت ناماز ئوقۇغانلىقىنى ئېيتىپ: ‹مەن ئۇ زاتنىڭ ئۇنىڭدىن يەڭگىلراق، رۇكۇ – سەجدىلىرى مۇكەممەل ناماز ئوقۇغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان› دېدى».(11)

مۇسلىم رىۋايەتىدە «ئاندىن سەككىز رەكئەت چاشگاھ نامىزى ئوقۇدى» دەپ كەلگەن بولۇپ، ئىمام نەۋەۋىي بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دەيدۇ: «ئۇممۇ ھاﻧﯩﺌ رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ: ‹چاشگاھ نامىزى ئوقۇدى› دېگەن سۆزى بۇ نامازنىڭ تونۇلۇپ مۇقەررەر بولۇپ كەتكەن سۈننەت ئىكەنلىكىنى، بۇ نامازنى ‹چاشگاھ نامىزى› نىيىتىدە ئوقۇغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەشتۇر».(12)

بۇ ھەدىسمۇ سەپەر ئۈستىدە ۋاقىتقا چېتىشلىق «چاشگاھ نامىزى»دىن ئىبارەت سۈننەت ئوقۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.

4. بەراﺋ ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئېيتىدۇ: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن ئون سەككىز قېتىم سەپەردە بىللە بولدۇم، مەن ئۇنىڭ كۈن قىيىلغان ۋاقىتتا پېشىندىن بۇرۇن ئىككى رەكئەتنى تەرك قىلغانلىقىنى پەقەت كۆرۈپ باقمىدىم».(13)

بۇ ھەدىسنىڭ دالالىتىمۇ سەپەردە پەرز نامازلاردىن ئىلگىرى – كېيىنكى سۈننەتلەرنىڭ ئوقۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

5. ھەججاج ئىبنى ئەرتات ئەتىييەدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن بىللە سەپەر ئۈستىدە پېشىننى ئىككى رەكئەت ئوقۇپ ئارقىدىن ئىككى رەكئەت ئوقۇدۇم» دېگەن.(14)

يەنە ئىبنى ئەبى لەيلا، ئەتىييە ۋە نافىئلاردىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «مەن پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مۇقىم تۇرغاندىمۇ سەپەردىمۇ بىللە ناماز ئوقۇغان. ئۇ زات بىلەن بىللە مۇقىم تۇرغاندا پېشىننى تۆت رەكئەت، ئارقىدىن ئىككى رەكئەت ئوقۇدۇم، ئۇ زات بىلەن بىللە سەپەر ئۈستىدە پېشىننى ئىككى رەكئەت ئوقۇپ ئارقىدىن ئىككى رەكئەت ئوقۇدۇم. ئەسىرنى تۆت رەكئەت ئوقۇپ كەينىدىن ھېچ ناماز ئوقۇمىدى» دېگەن.(15)

ئىمام نەۋەۋىي يۇقىرىقى ئىككى ھەدىس توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «ئەتىييە، ھەججاج ۋە ئىبنى ئەبى لەيلا ھەممىسى زەئىف راۋىيلاردۇر، شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار رىۋايەت قىلغان بۇ ھەدىسكە تىرمىزىي «ھەسەن» دەپ باھا بەرگەن. بەلكى بۇ ھەدىس ئۇنىڭ نەزەرىدە باشقا رىۋايەتلەر بىلەن كۈچلەنگەن بولسا كېرەك».(16)

بۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندا بەزى زەئىف ھەدىسلەرمۇ بار. مەسىلەن، تاۋۇس رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇقىم تۇرغاندىمۇ، سەپەر قىلغاندىمۇ ئوقۇيدىغان پەرز نامازنى بەلگىلىگەن، بىز مۇقىم تۇرغاندىمۇ ئۇنىڭ ئالدى – كەينىدە ناماز ئوقۇيتتۇق، سەپەردىمۇ ئۇنىڭ ئالدى – كەينىدە ناماز ئوقۇيتتۇق».(17)

بۇ ھەدىسنىڭ ئىمام تاھاۋىي قىلغان رىۋايەتىدە مۇنداق كەلگەن: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇقىم تۇرغان ھالەتتە پەرز نامازنى تۆت رەكئەت، سەپەردە ئىككى رەكئەت بەلگىلىگەن. مۇقىم ھالەتتە پەرز نامازنىڭ ئالدى كەينىدە نەفلە ناماز ئوقۇلغاندەكلا سەپەر ئۈستىدىمۇ پەرز نامازنىڭ ئالدى – كەينىدە نەفلە ناماز ئوقۇلىدۇ».(18)

6. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە نەفلە نامازلارنى ئوقۇيتتى.(19)

7. ئابدۇراھمان ئىبنى يەزىد رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: «ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەج قىلغاندا (مەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغان ئىدىم)، بىز خۇپتەنگە ئەزان ئېيتقاندا ياكى شۇنىڭغا يېقىن بىر چاغدا مۇزدەلىفەگە كەلدۇق. ئابدۇللاھ بىر كىشىنى ئەزان ۋە تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇپ، شامنى ۋە ئۇنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى ئوقۇدى، ئاندىن كەچلىك تاماق ئەكەلدۈرۈپ يېدى. ئاندىن بىر كىشىنى ئەزان ۋە تەكبىر ئېيتىشقا بۇيرۇپ خۇپتەننى ئىككى رەكئەت ئوقۇشقا بۇيرۇدى. تاڭ سۈزۈلۈشىگىلا بامداتنى ئوقۇپ: ‹نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمبۈگۈنكى مۇشۇ كۈندە، مۇشۇ ئورۇندا، مۇشۇ نامازدىن باشقا ناماز ئوقۇمايتتى› دېدى. ئابدۇللاھ يەنە مۇنداق دېدى: ‹كىشىلەر مۇزدەلىفەگە كەلگەندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان شام بىلەن تاڭ سۈزۈلىشىگىلا ئوقۇلىدىغان بامدات ئەسلى ۋاقتىدىن ئۆزگەرتىلگەندۇر. مەن نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆرگەن›».(20)

8. ھەسەن بەسرىي: «بىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرىنى كۆرگەن. ئۇلار سەپەردە پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدە ناماز ئوقۇيتتى» دېگەن.(21)

ئىبنى ئەبى شەيبە يەنە ئەنەس ئىبنى مالىك، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەسۋەد، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس، جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ، ئۆمەر، ئەبۇ زەر، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب، ئىبراھىم نەخەئىي، ئەلقاسىم، ئۇرۋە ئىبنى زۇبەير قاتارلىق نۇرغۇن ساھابە ۋە تابىئىنلارنىڭ سەپەردە نەفلە ناماز ئوقۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلغان.

9. ئابدۇراززاق سەۋرىيدىن، ئۇ ھەممادتىن، ھەمماد ئىبراھىم نەخەئىيدىن: «ھەزرىتى ئۆمەر، ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار سەپەر ئۈستىدە پەرز نامازلاردىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ناماز ئوقۇيتتى» دەپ رىۋايەت قىلغان ۋە: «مەن سەۋرىينىڭمۇ شۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۈم» دېگەن.(22)

10. سۈننەت نامازلارنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا پەرز نامازلاردا يۈز بېرىدىغان كەمتۈكلۈكنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇش ۋە يەنە شەيتاننىڭ پەرز نامازلارنى تاشلاشقا ۋەسۋەسە سېلىشىدىن ساقلىنىش كۆزدە تۇتۇلغان. سەپەر ئۈستىدە بۇ مەنىلەر يەنىلا مەۋجۇد. دېمەك، سۈننەت نامازلارنى ئوقۇشتا مۇقىم كىشى بىلەن سەپەردىكى كىشى ئوخشاش، سەپەردىكى كىشى سۈننەت ئوقۇسا ھېچقانداق زەرەرگە ئۇچرىمايدۇ، چۈنكى ئۇنى ئۇلىغى ۋە قاتناش ۋاسىتىسىدىن يەرگە چۈشمەيلا ئوقۇۋالسا بولىدۇ.

ئەمدى «سەپەر ئۈستىدە سۈننەت ئوقۇسا بولمايدۇ» دەپ قارىغان بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىغا نەزەر سالساق، بۇ قاراش يۇقىرىقى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندۇر. بۇلارنىڭ دەلىلى بولسا:

ھەفس ئىبنى ئاسىم رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان: «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ھەمراھ بولغان ئىدىم، ئۇ زات سەپەردە ئىككى رەكئەتتىن ئارتۇق ناماز ئوقۇمايتتى(23)، ئەبۇبەكرى، ئۆمەر ۋە ئوسمانلارغىمۇ ھەمراھ بولغان ئىدىم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلاتتى، ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولغاي!»(24)

ئۇنىڭغا قارىتا كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ جاۋابى:

سەپەردە نەفلە ۋە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇش توغرىسىدا كەلگەن ھەدىسلەر ئىسپاتلىغۇچى، ئوقۇماسلىق توغرىسىدا كەلگەن ھەدىس ئىنكار قىلغۇچى بولغاچقا، ئىسپات مەزمۇنىدىكى ھەدىسلەر بۇ ھەدىسنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ كۆرمىگەنلىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەقەت قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى يا كۆپىنچە ئەھۋالدا قىلمىغانلىقىنى ياكى قىلغان بولسىمۇ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۇنى كۆرمەي قالغان بولۇشىنى ياكى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ كۆرگىنى بەزى ۋاقىتلاردا بولغان ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بەلكى بەزىدە پەرزدىن باشقا نامازلارنى چېدىرىدا ئوقۇغان بولسا، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما كۆرمەي قالغان بولۇشى مۇمكىن، ھەرھالدا بۇ سۈننەت ۋە نەفلە نامازلارنى سەپەردە ئوقۇمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئوقۇسا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئۇ كۆرمىگەن بولسا باشقىلار كۆرگەندۇر، مەسىلەن بامداتنىڭ ئىككى رەكئەت سۈننىتىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەپەر ئۈستىدە ئوقۇغانلىقى يۇقىرىدا سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىندى، بۇنى باشقىلار كۆرگەن ۋە رىۋايەت قىلغان.

يەنە ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كېيىنكى چاغلاردا مىنادا تۆت رەكئەت نامازنى قەسىر قىلماي تولۇق ئوقۇغانلىقىنى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئۆزى رىۋايەت قىلغان. مەسىلەن،

ناﻓﯩﺌ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: «مەن مىنادا نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن، ئەبۇبەكرى بىلەن، ئۆمەر بىلەن ۋە ئوسمان بىلەن (خەلىفە بولغان دەسلەپكى چاغلاردا قەسىر قىلىپ) ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇغان، كېيىنچە ئوسمان تولۇق ئوقۇدى».(25)

بۇ ھەدىسنىڭ مۇسلىمدىكى يەنە بىر رىۋايەتىدە ئاخىرىدا مۇنداق كەلگەن: «كېيىن ئوسمان تۆت رەكئەت ئوقۇغان. شۇڭا، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما ئىمام بىلەن ئوقۇغىنىدا تۆت رەكئەت ئوقۇيتتى. ئاشۇ نامازنى يالغۇز ئوقۇسا ئىككى رەكئەت ئوقۇيتتى». مانا بۇ ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭمۇ، يەنە تېخى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئۆزىنىڭمۇ سەپەر ئۈستىدە بەزىدە پەرزنى قەسىر قىلماي تۆت رەكئەت ئوقۇغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.

دېمەك، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ يۇقىرىدىكى «كۆرمىدىم» دېگەن سۆزىدىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ۋە ئەبۇبەكرى، ئۆمەر، ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارنىڭ سەپەردە سۈننەت نامازنى مۇتلەق ئوقۇمىغانلىقى چىقمايدۇ.

بەزىلەر: «ئاللاھ تائالا سەپەر ئۈستىدە يەڭگىللىتىش ئۈچۈن پەرز نامازنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلغان تۇرسا، پەرزنى قىسقارتىپ تۇرۇپ نەفلە ناماز ئوقۇشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس» دەيدۇ.

بۇنىڭ جاۋابى ئىككى خىل بولىدۇ:

بىرىنچىسى، نامازنى ئوقۇشنى تەلەپ قىلمىغانلىقى ئوقۇمىسا ئەيىبلەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئوقۇسا ئەيىبلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

ئىككىنچىسى، پەرز دېگەن ئوقۇمىسا بولمايدىغان نامازدۇر، ئەگەر تولۇق ئوقۇش بەلگىلەنگەن بولسا ئۇنى تولۇقلاش پەرز بولغان بولاتتى. ئەمما، نەفلە ۋە سۈننەت ناماز دېگەن ئىنساننىڭ ئىختىيارىغا قويۇلغان ئەمەلدۇر. شۇڭا، ئۇنى قىلسا مەيلى دېيىش سەپەردىكى كىشىگە ئاسانلىق بولىدۇ، ئۇ خاھلىسا ئوقۇپ ساۋابىغا ئېرىشىدۇ، خاھلىسا ئوقۇمايدۇ، گۇناھمۇ بولمايدۇ.(26)

يەنە ھازىرقى زامان سەئۇدى ئەرەبىستان ئالىملىرىدىن بەزىلەر: سەپەردە بامداتنىڭ سۈننىتى، ۋىتىر نامىزى، كېچىدىكى تەھەججۇد نامىزى، يەنە بارلىق مۇتلەق نەفلە نامازلارنى ئوقۇسا بولىدىغانلىقىغا ھەدىستە كەلگەن دەپ سەۋەب كۆرسىتىدۇ – يۇ، بىراق ئۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سەپەردە قىلغانلىقى ھەدىستە كەلمىگەن نامازلارنىمۇ جائىز دەيدۇ. مەسىلەن، تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان ناماز، كۈن ياكى ئاي تۇتۇلۇش نامىزى، تەھىييەتۇل مەسجىد قاتارلىق سەۋەبلىك سۈننەت نامازلارنى ئوقۇسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سەپەردە ئوقۇمىغان دېيىلگەن ئاشۇ سۈننەت نامازلارنى رەسۇلۇللاھنىڭ ئوقۇمىغانلىقى ئۇنى ئوقۇسا جائىز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.

سەپەر ئۈستىدە سۈننەت ئوقۇش ياكى ئوقۇماسلىقنى ھەنبەلىي مەزھەب قارىغاندەك سەپەردىكى كىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇش بەلكى ئەڭ مۇۋاپىق قاراش بولسا كېرەك، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ مۇستەھەب دېگەن قارىشىغا ماس كېلىدۇ. چۈنكى، سەپەردىكى كىشى بەزىدە بىئارام ھالەتتە بولغاچقا، سۈننەت ناماز ئوقۇشتا قىينىلىپ قالىدۇ. بەزىدە ئىنتايىن خاتىرجەم، قونالغۇ ياكى تۇرالغۇغا چۈشكەن ھالەتتە بولىدۇ، بۇ چاغدا كىشى خاھلىغانچە سۈننەت، نەفلە نامازلارنى ئوقۇپ ئاللاھ تائالاغا يېقىنلاشسا، ساۋاب كۆزلىسە بۇنىڭغا يول ئوچۇق. ھەقتائالا ئېيتىدۇ: ﴿كىمكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىرەر ياخشىلىق قىلىدىكەن ئاللاھ ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگۈچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر﴾(2/«بەقەرە»: 158).

بۇ مەسىلىدە بەزى ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ تاللىغان قارىشىمۇ مۇۋاپىق بولسا كېرەك، ئۇلار: سەپەر ئۈستىدە قورقۇنچ، ئەندىشە ۋە ئالدىراش ھالىتىدە نەفلە ۋە سۈننەت نامازلار ئوقۇمايدۇ. خاتىرجەم، بىخەتەر ھالەتتە ئوقۇيدۇ، چۈنكى نەفلە، سۈننەت نامازلار پەرز نامازلاردىكى نۇقسانلارنى تولۇقلايدىغان بولغاچقا، سەپەردىكى كىشى نەفلە، سۈننەت نامازلىرىدىن كېلىدىغان ساۋابقا ئوخشاشلا موھتاج، قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ھالىتى ئۆزرە ھالىتى بولغاچقا، ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغان.(27)

سەپەردە سۈننەت نامازلارنى ئوقۇغان تەقدىردە، تۆت رەكئەتلىك سۈننەت ناماز قەسىر قىلىنمايدۇ، چۈنكى بۇ ئەسلىدە پەرز ئەمەس ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئوقۇيدىغان نەفلە ناماز بولغاچقا، يا ئۇنى تۆت رەكئەت تولۇق ئوقۇيدۇ ياكى پەقەتلا ئوقۇمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 12 – زۇلقەئدە / م. 2011، 10 – ئۆكتەبىر

«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 43 – نومۇرلۇق پەتۋا.


1. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/3.
2. «مۇسلىم»، (728).
3. ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/68.
4. ئىبنى تەيمىييە: «مەجمۇئۇل فەتاۋا»، 22/279.
5. شەيخ بىننى باز: «تۇھفەتۇل ئىخوان» 71 – بەت؛ شەيخ بىننى باز: «ئەددەئۋە ئىلەلللاھى ۋەئەخلاقۇددئاتى» 2/122؛ شەيخ سالىھ ئەلفەۋزان: «ئەلمۇنتەقا»، 113 – نومۇرلۇق پەتۋا.
6. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/344.
7. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1098)؛ «مۇسلىم»، (700).
8. «بۇخارىي»، «سەپەردە پەرز نامازلارنىڭ ئالدى – كەينىدە ئەمەس، باشقا ۋاقىتلاردا نەفلە ناماز ئوقۇغان زات» دېگەن باب.
9. «مۇسلىم»، (681) قىسقارتىپ ئېلىندى.
10. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/36.
11. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: (1103)؛ «مۇسلىم»، (336).
12. ئىمام نەۋەۋىي: «شەرھۇ سەھىھى مۇسلىم»، 4/29.
13. «ئەبۇ داۋۇد»، (1222)؛ «تىرمىزىي»، (550). ئىمام تىرمىزىي: «بۇ ھەدىسنىڭ ھۆكمىنى ئىمام بۇخارىيدىن سورىسام: ‹ھەسەن› دېدى» دېگەن.
14. «تىرمىزىي»، (551). تىرمىزىي «ھەسەن»، دېگەن. ئالبانىي «زەئىف» دېگەن.
15. «تىرمىزىي»، (552). ئىمام بۇخارىي، تىرمىزىيلار: «ھەسەن» دېگەن.
16. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/346.
17. «ئەھمەد»، (2064)؛ «ئىبنى ماجە»، (1072).
18. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 1/422.
19. ئىمام ئىبنى قۇدامە («ئەلمۇغنىي»، 2/68): «بۇنى سەئىد ئىبنى مەنسۇر رىۋايەت قىلغان» دېگەن.
20. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: (1675)؛ «مۇسلىم»، (1288).
21. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (3844).
22. «ئابدۇرراززاق»، (4454).
23. بۇ سۆزنى تۆت رەكئەتلىك پەرز نامازنىڭ رەكئەت سانىنى ئىككى رەكئەتتىن ئارتۇق ئوقۇمايتتى دەپ چۈشىنىشكە بولغىنىدەك، پەرز نامازنىڭ ئالدى – كەينىدە سۈننەت ناماز ئوقۇمايتتى دەپ چۈشىنىشكىمۇ، ھەر ئىككىسىنى كۆزدە تۇتقان دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 2/577.
24. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1102)؛ «مۇسلىم»، (689).
25. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (1082)؛ «مۇسلىم»، (694).
26. يۇقىرىقى تەھلىللەر ئۈچۈن قاراڭ: ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 2/69 نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 4/346؛ ئىمام شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 3/269.
27. «فەتاۋا ھىنديە»، 1/139؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 2/131.

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ