سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! بىزدىن بىرەيلەن «كافىرلار مەسجىدكە كىرسە بولامدۇ؟» دەپ سوراپتى، بىر تۇڭگان: «ئۇلار غۇسۇل قىلمىغاچقا، ئەلبەتتە كىرىشكە بولمايدۇ، لېكىن دىن تەشۋىق قىلىش ئۇچۇن ئەكىرسە بولىدۇ» دەپتى، مەن: ئاللاھنىڭ: ‹‹مۇشرىكلار نىجىس، ئۇلار ھەرەم مەسجىدىگە يېقىنلاشمىسۇن›› دېگەن ئايەتى بار، بۇ ئايەت كەسكىن ھۆكۈم بىلەن كەلدى. شۇڭا، كىرىشكە بولمايدۇ دېسەم، ئۇ: «شىئەن تەرەپتىكى مەسجىدلەردە دىنىمىزنى باشقىلارغا تەشۋىق قىلىش، دىنىمىزنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىنى ئۇلارغا كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى مەسجىدكە ئەكىرىدىغان ئىش بار» دەيدۇ، مۇشۇنىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟ ئاللاھ سىلىدىن رازى بولسۇن!
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
سىز دەلىل قىلىپ كۆرسەتكەن ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿مۇشرىكلار نىجىسلاردۇر. شۇڭا، ئۇلار مەسجىدى ھەرەمگە مۇشۇ يىلدىن كېيىن يېقىن يولىمىسۇن﴾(9/«تەۋبە»: 28) دېگەن ئايەتى مەسجىدى ھەرەمگە خاستۇر.
ئالىملار كافىرنىڭ مەسجىدكە كىرىشىنىڭ ھۆكمىدە ھەر خىل قاراشلاردا بولغان. بەزىلەر: كافىرلار بارلىق مەسجىدلەرگە كىرسە بولىدۇ، مەسجىدى ھەرەممۇ ئوخشاش، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر: كافىرلار مۇسۇلمانلارنىڭ رۇخسىتى بىلەن مەسجىدلەرگە كىرسە بولىدۇ، پەقەتلا مەسجىدى ھەرەم ۋە ھەرەمدىكى بارلىق مەسجىدلەرگە كىرمەيدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر: كافىرلار ھەرقانداق مەسجىدكە كىرسە بولمايدۇ، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر: كافىرلار مەسجىدكە كىرگۈزۈلمەيدۇ. پەقەتلا ئىشلەش زۆرۈرىيىتى بولغاندىلا كىرسە بولىدۇ، دەپ قارىغان.
يۇقىرىقى قاراشلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا دەلىللىرى بار بولۇپ، بۇلارنى بىر – بىرلەپ تەھلىل قىلساق گەپ ئۇزىراپ قالىدۇ. دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك بولغىنى: مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىشلىق بىرەر ئېھتىياج بولۇپ قالسا، ياكى كىرىشى ئىسلام تەشۋىقاتى ئۈچۈن بولسا، كافىرلار مەسجىدى ھەرەمدىن باشقا بارلىق مەسجىدلەرگە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجازىتى بىلەن كىرسە بولىدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. بۇ قاراشنىڭ بەزى دەلىللىرىنى مىسالغا ئالايلى:
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نەجد تەرەپكە ئاتلىق قوشۇن ئەۋەتكەن ئىدى، ئۇلار بەنى ھەنىفە قەبىلىسىدىن سۇمامە ئىبنى ئۇسال ئىسىملىك بىر ئادەمنى تۇتۇپ كېلىپ ئۇنى مەسجىدنىڭ تۈۋرۈكىگە باغلاپ قويدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم چىقىپ: «ئى سۇمامە، نېمە تەلىۋىڭ بار؟» دېۋىدى. سۇمامە: ئى مۇھەممەد، ئەگەر مېنى ئۆلتۈرسەڭ، قان قىساسى ۋاجىب بولغان ئادەمنى ئۆلتۈرگەن بولىسەن، ئەگەر ئەپۇ قىلىۋەتسەڭ، رەھمەت ئېيتىشنى بىلىدىغان بىرىگە ئىنئام قىلغان بولىسەن، ئەگەر پۇل – مال خاھلىساڭ، خاھلىغىنىڭنى تەلەپ قىل، دېدى. ئۇ شۇ ھالەتتە قويۇپ قويۇلدى، ئەتىسى رەسۇلۇللاھ: «ئى سۇمامە، نېمە تەلىۋىڭ بار؟» دېۋىدى. سۇمامە: ساڭا ئېيتقىنىمدەك، ئەگەر ئەپۇ قىلىۋەتسەڭ، رەھمەت ئېيتىشنى بىلىدىغان بىرىگە ئىنئام قىلغان بولىسەن، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنى يەنە شۇ ھالەتتە قويۇپ قويدى، ئەتىسى رەسۇلۇللاھ: «ئى سۇمامە، نېمە تەلىۋىڭ بار؟» دېۋىدى. سۇمامە: ساڭا ئېيتقىنىمدەك، دېۋىدى. رەسۇلۇللاھ «سۇمامەنى يېشىۋېتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دەرھال مەسجىدكە يېقىن بىر خورمىزارلىققا بېرىپ غۇسۇل قىلدى، ئاندىن مەسجىدكە كىرىپ: گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئې مۇھەممەد! ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، زېمىن ئۈستىدە ماڭا نىسبەتەن سىلىنىڭ چىرايىلىرىدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرىدىغان بىر چىراي يوق ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا سىلىنىڭ چىرايلىرى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك چىراي بولۇپ قالدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، زېمىن ئۈستىدە ماڭا نىسبەتەن سىلىنىڭ دىنلىرىدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرىدىغان بىر دىن يوق ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا سىلىنىڭ دىنلىرى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك دىن بولۇپ قالدى، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، زېمىن ئۈستىدە ماڭا نىسبەتەن سىلىنىڭ يۇرتلىرىدىنمۇ بەك ئۆچ كۆرىدىغان بىر يۇرت يوق ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا سىلىنىڭ يۇرتلىرى ماڭا ئەڭ سۆيۈملۈك يۇرت بولۇپ قالدى، لەشكەرلىرى مېنى ئۆمرە قىلاي دەپ ماڭغىنىمدا تۇتۇۋالغان ئىدى، قانداق قارايدىلا؟ دەپ ئىمان ئېيتقان ئىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا خۇش بېشارەت بېرىپ ئۇنى ئۆمرە قىلىشقا بۇيرىدى. ئۇ ئۆمرە قىلىپ مەككەگە كەلگىنىدە بىرسى ئۇنىڭدىن: ھەق دىندىن باتىل دىنغا چىقتىڭمۇ؟ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ياق، لېكىن مەن ئاللاھنىڭ رەسۇلى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىلەن مۇسۇلمان بولدۇم، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەمدى بۇندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىجازەت قىلمىغۇچە يەمامەدىن سىلەرگە بىر تال بۇغداي دېنىمۇ كەلمەيدۇ، دېدى.(1)
ئوسمان ئىبنى ئەبىل ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، سەقىف قەبىلىسىنىڭ ئۆمىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىغا كەلگەندە مەسجىدتە تۇرۇش ئۇلارنىڭ دىللىرىنى ئېرىتىشى ئۈچۈن ئۇلارنى مەسجىدىگە چۈشۈرگەن.(2)
«ئۇلارنى مەسجىدكە چۈشۈرۈش ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى، خۇشۇلىرىنى، نامازلاردىكى يىغىلىشلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارىغا قىلغان ئىبادەتلىرىنى كۆرۈشى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ دىللىرىنى بەكراق ئېرىتىشى ئۈچۈن ئۇلارنى مەسجىدكە چۈشۈرگەن».(3)
مۇھەممەد ئاتىسى جۇبەير ئىبنى مۇتئىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: مەن – مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن بەدر ئەسىرلىرى ھەققىدە سۆزلىشىش ئۈچۈن مەككەدىن مەدىنەگە كەلگىنمدە – رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شام نامىزىدا تۇر سۈرىسىنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: ﴿ياكى ئۇلار ھېچنىېمىسىزلا يارىتىلدىمۇ ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ياراتقۇچىلارمىكەن ياكى ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۇلار يارىتىپتىمۇ؟ ياق! ئۇلار كەسكىن ئىشەنمەيدۇ، ياكى ئۇلارنىڭ يېنىدا رەببىىڭنىڭ خەزىنىلىرى بارمىكەن ياكى ئۇلار ئىگەللىۋالغۇچىلارمىكەن؟﴾(52«تۇر»: 35 – 37) دېگەن ئايەتكە كەلگەندە يۈرىكىم قېپىدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالغان ئىدى.(4)
ئۇمەير ئىبنى ۋەھب رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كىيىمىنىڭ ئىچىگە شەمشەرنى يوشۇرۇپ ئەسىرلەرنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان قىياپەتتە كەلگىنىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنى مەسجىدىگە كىرگۈزگەن. ئاخىرىدا ئۇمەير ئىبنى ۋەھب شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان.(5)
ئەبۇ سۇفيان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمۇ مۇشرىك ۋاقتىدا سۈلھ تۈزۈش ئۈچۈن مەدىنەگە بارغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدىگە كىرگەن.(6)
نەجران خرىستىئانلىرى ئۆمىكى كەلگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدىگە كىرگەن. بۇ چاغدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەسىر نامىزى ئوقۇۋاتقان ۋاقتى ئىدى.(7)
شەرىك ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەبۇ نەمىر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇ ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «ﺑﯩﺰ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﺗﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ، ﺗﯚﮔﻪ ﻣﯩﻨﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻛﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ، ﺋﯘ ﺗﯚﮔﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯚﻛﺘﯜﺭﯛﭖ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ:
— ﻗﺎﻳﺴﯩﯖﻼﺭ ﻣﯘﮪﻪﻣﻤﻪﺩ ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﻠﻪﺭ؟ — ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ. پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﺎﺭﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ھاسىسىغا تايىنىپ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ:
— ھاسىسىغا تايىنىپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ مۇنۇ ﺋﺎﻕ يۈزلۈك زات ﺷﯘ، — ﺩﯦﺪﯗﻕ. ﺋﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻣﮕﻪ:
— ﺋﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻤﯘتتەلىبنىڭ ﺋﻮﻏﻠﻰ! — ﺩﯦﺪﻯ. پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ:
— سۆزلەۋەر، قۇلىقىم سەندە، — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘ:
— ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﭘﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻥ، ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﯔ ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، — ﺩﯦﺪﻯ. پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:
— ﺧﺎھلىغانچە ﺳﻮﺭﺍﯞﻩﺭﮔﯩﻦ، — ﺩﯦﺪﻯ، ﺋﯘ:
— ﺳﯧﻨﯩﯔ ﯞﻩ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﯞﻩﺭﺩﯨﮕﺎﺭﻯ ھەققى بىلەن ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﯧﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ئەۋەتتىمۇ؟ — دېگەنىدى، ئۇنىڭغا:
— ئەلبەتتە ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ:
— ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼﮪ ھەققى بىلەن ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﺩﻩ ﺑﻪﺵ ۋاقىت ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺩىمۇ؟ — ﺩېگەنىدى، ئۇنىڭغا:
— ئەلبەتتە ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ:
— ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼﮪ ھەققى بىلەن ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﮪﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺭﺍﻣﺎﺯﺍﻥ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻱ ﺭﻭﺯﺍ تۇﺗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗدىمۇ؟ — ﺩېگەنىدى، ئۇنىڭغا:
— ئەلبەتتە ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، — ﺩﯦﺪﻯ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ:
— ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻼﮪ ھەققى بىلەن ﺳﻮﺭﺍﻳﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺋﺎﻟﻼﮪ ﺳﯧﻨﻰ ﺑﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺯﺍﻛﺎت ﺋﯧﻠﯩﭗ، ئۇنى ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﺩىمۇ؟ — ﺩېگەنىدى، پەيغەمبەر ﺳﻪﻟﻠﻪﻟﻼﮪﯘ ئەلەيھى ﯞﻩﺳﻪﻟﻠﻪﻡ:
— ئەلبەتتە ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، — ﺩﯦﺪﻯ. ھېلىقى ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮪﻘﺎ:
— ﺳﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ، ﻣﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ، ﺳﻪﺋﺪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺑﻪﻛﺮ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﺯﯨﻤﺎﻡ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺳﻪﺋﻠﻪﺑﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪﻥ، — ﺩﯦﺪﻯ».(8)
شافىئىي ئالىملاردىن خەتىيب شىربىينى مۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەسجىدكە كافىرلارنى كىرگۈزگەنلىكى سەھىھ ھالەتتە ئىسپاتلانغان بولۇپ، بۇ 9/«بەرائەت» سۈرىسىدىكى(9) ئايەت چۈشۈپ بولغاندىن كېيىنلىكى ئېنىق، چۈنكى ئۇ ئايەت توققۇزىنچى يىلى نازىل بولغان، ئۆمەكلەر بولسا ئونىنچى يىلى كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە نەجران خرىستىئانلىرىمۇ بار ئىدى. ئۇلار دەسلەپ قىلىپ جىزيە ئېلىش بېكىتىلگەنلەردۇر. ئۇلار كەلگەندە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى مەسجىدىگە چۈشۈرۈپ ئۇلار بىلەن مەسىھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇندىن باشقا مەسىلىلەردە مۇنازىرە قىلغان».(10)
يەنە كافىرلارنىڭ مەينەتلىكى ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدەنلىرى پاكىز بولسا مەسجىدكە كىرىشى مەسجىدنى بۇلغىۋەتمەيدۇ. كافىرلار جۇنۇب ياكى ھەيزدار ھالەتتە بولغان ئەھۋالدىمۇ ئوخشاش، چۈنكى كافىرلاردا جۇنۇبلىقتىن پاكلىنىش ئېتىقادى يوق، يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى مەسجىدكە كىرگۈزىۋەرگەن.
يۇقىرىقى سەھىھ دەلىللەرگە ئاساسەن كافىرنىڭ مەسجىدكە كىرىشىگە مۇسۇلمان رۇخسەت قىلغان ئەھۋالدا مەسجىدكە كىرسە بولىدۇ، دەپ قارىساق، كافىرلارنى مەسجىدكە كىرگۈزگەندە بەزىبىر ئىشلارغا دىققەت قىلىش لازىم:
1. كافىرلار مەسجىدكە كىرگەندە بەدەنلىرىدە ياكى ئاياقلىرىدا مەينەتلىك بولۇپ ياكى ئەخلەت تاشلاپ مەسجىدنى مەينەت قىلىۋەتمەيدىغان بولۇشى.
2. ئاياللار يېرىم – يالىڭاچ ھالەتتە كىرمەسلىكى.
3. ناماز ئوقۇۋاتقانلارنىڭ نامىزىغا، ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىبادىتىگە دەخلى قىلماسلىقى.
4. تاماكا چەككەن ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان مەسجىدنىڭ ئالاھىدە ھەققى – ھۆرمىتىگە لايىق كەلمەيدىغان ھالەتتە كىرمەسلىكى.
خۇلاسە: ئىسلام تەشۋىقاتىدىن تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولۇشى ئۈمىد قىلىنىدىغان، ياكى مەسجىدكە كىرسە ۋەز – نەسىھەتلەرنى ئاڭلاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەتلىرىنى كۆرۈپ مۇسۇلمانلارغا قارىتا چۈشەنچىسى تۈزىلىپ كېتىدىغان ياكى ئىشلەش ياكى رېمونت قىلىش قاتارلىق مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ كافىرلارنى مەسجىدى ھەرەمدىن باشقا بارلىق مەسجىدلەرگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلسا بولىدۇ. كىم بىلىدۇ بەلكى مەسجىدكە كىرگەن كافىر تەسىرلىنىپ قالسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ھىدايەت قىلىپ، مۇسۇلمان بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە كافىر تۇرۇپ مەسجىدكە كىرگەنلەر ئاساسەن مۇسۇلمان بولغان ياكى مەسجىدكە كىرىپ كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرى كېيىن ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولغان. شۇڭا، كافىرلارنىڭ مەسجىدكە كىرىشى بىر خىل جانلىق ئىسلام تەشۋىقاتى ھېسابلىنىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1433، 12 – سەفەر/ م. 2012، 6 – يانۋار
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 42 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (4372)؛ «مۇسلىم»، (1764).
2. «ئەبۇ داۋۇد»، (3026). بۇ ھەدىس زەئىف. قاراڭ: زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 4/259. ئالبانىيمۇ «زەئىف» دېگەن.
3. ئەزىمئابادىي: «ئەۋنۇل مەئبۇد»، 8/185.
4. «بۇخارىي»، (4854).
5. «ئىبنى هىشام سىيرەتى»، 3/213، 214.
6. ئىبنى هىشام: يۇقىرىقى مەنبە، 5/51.
7. ئىبنى هىشام: يۇقىرىقى مەنبە، 3/114.
8. «بۇخارىي»، (63).
9. 9/«تەۋبە» سۈرىسىنىڭ بىرقانچە ئىسمى بولۇپ، كۆپلىگەن سەلەفلىرىمىزدىن كەلگەن مەشھۇر ئىسىملىرىنىڭ بىرى «بەرائەت»تۇر.
10. ئەلخەتىب ئەششىربىينىي: «مۇغنىل مۇھتاج»، 4/248.

