سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! تەكبىرنى تاق چۈشۈرۈش سۈننەتمۇ؟ ۋە ياكى تاق چۈشۈرۈش بىلەن جۈپ چۈشۈرۈش ئوخشاشمۇ؟
جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.
بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!
تەكبىرنىڭ ھۆكمى توغرا قاراشقا ئاساسەن تەكىتلەنگەن سۈننەت بولۇپ، تەكبىرنى تاق چۈشۈرۈشمۇ، جۈپ چۈشۈرۈشمۇ ئوخشاش سۈننەتتۇر. چۈنكى، ھەر ئىككى خىل تەكبىر چۈشۈرۈش ئۇسۇلى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن كەلگەندۇر.
ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرى تەكبىرنى جۈپ چۈشۈرۈشنى تاللىغان بولۇپ، تەكبىرنى جۈپ چۈشۈرگىنىمىزدە 17 جۈملە بولىدۇ، يەنى:
ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر
ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھ، ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھ
ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ، ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ
ھەييە ئەلەسسالا، ھەييە ئەلەسسالا
ھەييە ئەلەلفەلاھ، ھەييە ئەلەلفەلاھ
قاد قامەتىسسالا، قاد قامەتىسسالا
ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر
لا ئىلاھە ئىللەللاھ.
بۇ ئۇسۇل ئەبۇ مەھزۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھەدىستە ئەبۇ مەھزۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا تەكبىرنى 17 جۈملە ئۆگەتكەن» دېگەن.(1)
ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبى لەيلا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابەلىرى بىزگە سۆزلەپ بەردىكى، ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد ئەلئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قېشىغا كېلىپ: «يارەسۇلەللاھ! مەن چۈشۈمدە ئۇچىسىدا ئىككى يېشىل تون كىيگەن بىر كىشىنىڭ تامنىڭ ئۈستىدە ئۆرە تۇرۇپ جۈپ – جۈپ ئەزان توۋلاپـ، جۈپ – جۈپ تەكبىر چۈشۈرۈپ، ئارىلىقتا بىر ئولتۇرىۋەتكەنلىكىنى كۆردۈم» دېگەن. بۇنى بىلال ئاڭلىغاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ جۈپ – جۈپ ئەزان توۋلاپـ، جۈپ – جۈپ تەكبىر چۈشۈرۈپ، ئارىلىقتا بىر ئولتۇرىۋەتكەن. بۇ ھەدىسنىڭ راۋىيلىرى سەھىھنىڭ راۋىيلىرى بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا، ساھابە كىراملارنىڭ ھەممىسى ئىشەنچلىك، ئۇلارنىڭ ئىسمىنى بىلمەسلىكنىڭ زىيىنى يوق، دېگەن قارىشىغا ئاساسەن بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدى تۇتاشقان.(2)
يەنە بىر رىۋايەتتە: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنى بىلالغا ئۆگەتكىن» دېگەن. شۇنىڭ بىلەن بىلال ئورنىدىن تۇرۇپ جۈپ – جۈپ ئەزان توۋلاپ، جۈپ – جۈپ تەكبىر چۈشۈرۈپ، ئارىلىقتا بىر ئولتۇرىۋەتكەن. بۇ ھەدىسنى ئىمام تاھاۋىي رىۋايەت قىلغان.(3) بۇ رىۋايەتنىڭمۇ ئىسنادى سەھىھ.
يۇقىرىقى ھەدىسنى بەيھەقىي «مۇختەسەرى خىلافىيات» دېگەن كىتابىدا ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ نەۋرىسى ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى زەيدتىن: ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ئاتىسى ئارقىلىق بوۋىسىدىن دەپ رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىسنى ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ئىسنادى سەھىھ، بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر شاھىدى بار» دېگەن.(4)
يەنە ساھابەلەردىن بىلال، ئەبۇ مەھزۇرە، سەلەمە ئىبنى ئەكۋەﺋ ۋە سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلاردىن تەكبىرنى جۈپ ئېيتقانلىقىنى ئىمام تاھاۋىي رىۋايەت قىلغان.(5)
كۆپچىلىك ئالىملار تەكبىرنى تاق چۈشۈرۈشنى تاللىغان بولۇپ، تەكبىرنى تاق چۈشۈرگىنىمىزدە 11 جۈملە بولىدۇ، يەنى:
ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر
ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھ
ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ
ھەييە ئەلەسسالا
ھەييە ئەلەلفەلاھ
قاد قامەتىسسالا، قاد قامەتىسسالا
ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر
لا ئىلاھە ئىللەللاھ.
بۇنىڭدا «قاد قامەتىسسالا» دېگەن جۈملىدىن باشقا جۈملە تەكرارلانمايدۇ. بۇ ئۇسۇل ئابدۇللاھ ئىبنى زەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كەلگەن.(6)
ئىبنى خۇزەيمە بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» دېگەن. ئىمام تىرمىزىي «ئىلەل كەبىير» دېگەن كىتابىدا: «مەن مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىل (ئىمام بۇخارىي) دىن بۇ ھەدىس توغرىسىدا سورىسام: ‹ئۇ مېنىڭ نەزەرىمدە سەھىھ› دېدى» دېگەن.(7)
ئەبۇ قىلابە ئەنەس رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىلال ئەزاننى جۈپ، تەكبىرنى تاق ئېيتىشقا بۇيرۇلدى» دېگەن.(8)
يەنە بىر رىۋايەتتە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «بىلال ئەزاننى جۈپ، تەكبىرنىڭ ‹قاد قامەتىسسالات›دىن باشقا سۆزلىرىنى تاق ئېيتىشقا بۇيرۇلغان» دېگەن.(9)
دېمەك، يۇقىرىقى ھەر ئىككى ئۇسۇل رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن «سەھىھ» يول بىلەن كەلگەندۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن دىيارىمىزدىكى جۈپ ئوقۇش ئۇسۇلىمۇ «سەھىھ» ھەدىسكە تايانغان توغرا ئۇسۇل بولغاچقا، دىيارىمىزدىكى ھەنەفىي مەزھەب تاللىغان بويىچە ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ توغرا ئۇسۇلنى ئەتەي ئۆزگەرتىپ جېدەل – ماجىراغا، ئاۋاملار ئوتتۇرىسىدا غەلۋىگە سەۋەب بولۇشنىڭ ئورنى يوق. جېدەلگە سەۋەب بولمايدىغان ئەھۋالدا تاق ياكى جۈپ قايسىبىر ئۇسۇلدا تەكبىر ئېيتسا سۈننەتكە مۇۋاپىق ئىش قىلغان بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھ. 1432، 2 – سەفەر/ م. 2012، 16 – يانۋار
«پەتىۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 41 – نومۇرلۇق پەتۋا.
1. «ئەبۇ داۋۇد»، (502)؛ «تىرمىزىي» 192)؛ «نەسائىي»، (632). تىرمىزىي «ھەسەن، سەھىھ» دېگەن. ئالبانىيمۇ «سەھىھ» دېگەن.
2. «ئىبنى ئەبى شەيبە»، (2118)؛ بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (1829)؛ زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 1/259.
3. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 1/134.
4. ھافىز ئىبنى ھەجەر: «ئەددىرايە»، 1/115.
5. تاھاۋىي: «شەرھۇ مەئانىل ئاسار»، 1/136.
6. «ئەھمەد»، (16525)؛ «ئەبۇ داۋۇد»، (499).
7. زەيلەئىي: «نەسبۇررايە»، 1/259. ئالبانىيمۇ بۇ ھەدىسنى «سەھىھ» دېگەن.
8. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (603)؛ «مۇسلىم»، (378).
9. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (605)؛ «مۇسلىم»، (378).

