تاماكا چەكسە تاھارەت سۇنامدۇ؟

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن بىر كۈنى بىرسىدىن تاماكا چەكسە تاھارەت سۇنمايدۇ، ئېغىزىنى چايقىۋېتىپ ناماز ئوقۇسا بولۇۋېرىدۇ دەپ ئاڭلىغان. مۇشۇ توغرىسىدا ئېنىق بىر جاۋاب بەرسىڭىز. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

مەلۇمكى، تاماكا ئومۇم ئىسلام كۆرسەتمىلىرى بىلەن ھاراملىقى ئىسپاتلانغان زىيانلىق چېكىملىكتۇر. ھازىر بارلىق ئالىملار ئوتتۇرىسىدا تاماكا چېكىشنىڭ ھاراملىقىدا ئىختىلاپ يوق، دېمەك، ئۇنى چەكسە گۇناھ بولىدۇ. ھارام ئىشنى قىلغان بولىدۇ.

ئۆزىنىڭلا تەن سالامەتلىكىگە زىيان ئۇرۇش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئەتراپتىكىلەرنىڭ، بولۇپمۇ، ئائىلە – تاۋابىئاتىنىڭ ساپ ھاۋادىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ سالامەتلىكىگە زىيان ئۇرۇش جەھەتتىن تاماكىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنى ئېغىر بولغاچقا، تاماكا چەككۈچىنىڭ گۇناھىمۇ شۇ دەرىجىدە ئېغىرلىشىدۇ.

تاماكىغا سەرپ قىلغان پۇلنىڭ ھېسابىنى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا بەرمەي چارە يوق. شۇڭا، تاشلىيالمايمەن دەپ سەل قارىماي قەتئىي ئىرادە بىلەن تاشلاشقا، تەۋبە قىلىشقا ئالدىراش لازىم. تاماكىنى تاشلىغانلارنىڭ كۆپلۈكى تاشلاش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بىراقلا تاشلىيالمىسا كۈنسايىن ئازايتىپ بىر قانچە باسقۇچتا تاشلاش ئانچە تەس ئەمەس.

تاھارەت مەسىلىسىگە كەلسەك، تاھارىتى بار كىشى تاماكا چېكىپ بولۇپ يېڭى تاھارەت ئالماستىن ئىلگىرىكى تاھارىتى بىلەن ناماز ئوقۇسا، تاھارەت بىلەن ناماز ئوقۇغان بولىدۇ، يەنى، تاماكا چەكسە تاھارەت سۇنمايدۇ.

ئەلۋەتتە، تاھارەت سۇنمىغىنى بىلەن ئۈستىگە تاھارەت ئېلىۋەتكىنى ئەۋزەل، بۇ تالاش – تارتىش قوبۇل قىلمايدىغان مەسىلە، ھېچ بولمىسا، باشقا مۇسۇلمانلارغا پۇراق بىلەن ئازار بەرمەسلىكى ئۈچۈن ئاغزىنى چايقىۋېتىشى لازىم، بولۇپمۇ، مەسچىتلەرگە كىرگەندە. دېمەك، تاھارىتى بار تۇرۇپ تاماكا چەككەندىن كېيىن قايتا تاھارەت ئېلىۋېتىشنىڭ ھۆكمى ئەۋزەل، قايتا تاھارەت ئالماي ئاغزىنى چايقىۋېتىپ ياكى تاماكا پۇرىقىنى يوقىتىۋېتىپ ناماز ئوقۇسا ناماز تاھارەت بىلەن ئادا تاپقان بولىدۇ، ناماز پەرزى بوينىدىن ساقىت بولىدۇ. ئاغزىنى چايقىۋەتمەي تاماكا پۇرىقى بىلەن مەسچىتكە كىرسە، جامائەتكە ئازار بەرسە نامىزى دۇرۇس، لېكىن ئازار بەرگەنلىك جەھەتتىن گۇناھكار بولىدۇ.

بەزىلەر: ھارام ئىشنى قىلسا تاھارەت سۇنىدۇ، تاماكا چېكىش ھارام، ئۇنداقتا تاماكا چېكىش بىلەن تاھارەت سۇنىدۇ، دەپ تۇرۇۋالىدۇ. شۇڭا، بىز تاھارەتنى نېمىلەرنىڭ سۇندۇرۇدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

تاھارەتنى سۇندۇرۇدىغان ئىشلار دىنىمىزدا ئېنىق، قۇرئان ۋە ھەدىس بۇنى ئېنىق بايان قىلغان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دىننى تولۇق يەتكۈزۈپ ۋەزىپىنى ئەڭ مۇكەممەل ئادا قىلغان. تاھارەتنى سۇندۇرۇدىغان ئىشلارنى ئادەتتە، ئىپتىدائىي ساۋات كىتابلىرىدىمۇ بۇنى تاھارەت بابىدا ئېنىق بىر – بىرلەپ ساناپ قويىدۇ، مەسىلەن، تەرەت قىلىش، يەل چىقىش، يۆلىنىپ ياكى يېتىپ ئۇخلاشتىن ياكى ساراڭلىقتىن ياكى ھوشىدىن كېتىش سەۋەبىدىن ياكى مەستلىك سەۋەبىدىن ئەقىل ئىشلىمەس ھالەتكە كېلىش، تۆگە گۆشى يېيىش، مېيىتنى يۇيۇش، قەي قىلىش، زەكىرىنى تۇتۇش، نامازدا قاقاھلاپ كۈلۈش… قاتارلىقلار.

بۇلارنىڭ بەزىلىرى بارلىق ئالىملار تەرىپىدىن ئىتتىپاق، يەنە بەزىلىرىنىڭ تاھارەتنى سۇندۇرۇدىغانلىقىدا ئىختىلاپ بار.

دېمەك، تاماكا چەكسە تاھارەت سۇنمايدۇ، دېگەن قاراشنىڭ دەلىلى: تاماكا چېكىشنىڭ تاھارەت سۇندۇرۇدىغان ئىشلار قاتارىدىن ئەمەسلىكىدۇر.

بەلكى بەزىلەر تاماكا يېقىنقى دەۋرلەردە پەيدا بولغان نەرسە تۇرسا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە بولمىغان بىر نەرسىنىڭ ھۆكمى قانداقمۇ قۇرئان ھەدىستە بەلگىلەنسۇن؟ دېيىشى مۇمكىن، بىز دەيمىزكى، قۇرئان ۋە ھەدىس تاكى قىيامەتكە قەدەر بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىنىڭ ھۆكمىنى بايان قىلىۋەتكەندۇر، چۈنكى ئىسلام دىنى ئاخىرقى دىن، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تاكى قىيامەتكە قەدەر پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئەۋەتىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەردۇر. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدە تاماكا بولمىغىنى بىلەن باشقا ھارام ئىشلار بار ئىدى. باشقىلارنىڭ ھەققىنى ھارام يەۋالىدىغان ئىشلار بار ئىدى. ناۋادا ھارام ئىشتىن بىرىنى قىلىش ياكى ھارام بىر نەرسىنى ئىستېمال قىلىش بىلەن تاھارەت سۇنىدىغان بولسا ئىدى، بۇنى ئەلۋەتتە، شۇ چاغدىلا بايان قىلىپ يەتكۈزگەن بولاتتى، ئالىملىرىمىزمۇ بۇنى كىتابلىرىدا تاھارەت سۇنىدىغان ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزگەن بولاتتى.

تاھارەتنى نېمىلەر سۇندۇرۇدىغانلىقىنى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بەلگىلەيدۇ، بىز خالىغانچە بەلگىلىيەلمەيمىز. ھارام ئىشلارنى قىلىش بىلەن تاھارەت سۇنىدىغانلىقىنى دىن بەلگىلىمىگەن ئىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بىلەن تاھارەت سۇنمايدۇ.

مىسالغا ئالايلۇق: تاھارىتى بار كىشى بىر نامەھرەم ئايالنىڭ چېچىغا ياكى بىلىكىگە قارىسا تاھارىتى سۇنۇپ كېتەمدۇ؟ سۇنمايدۇ. نامەھرەم ئايالغا قاراش ھارام ئىشقۇ؟ يەنە ئوغرىلىق قىلىش ھارام، لېكىن تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. يەنە سېرىق ناخشىلارنى ئاڭلاش ھارام، لېكىن تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. بىر مۇسۇلماننى سەت تىل بىلەن تىللاش ھارام، لېكىن تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. غەيۋەت قىلىش ھارام، لېكىن تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ. بىرەرسىنىڭ مېلىنى ھارام يەۋالسا تاھارەت سۇنمايدۇ. باشقىلاردىن تارتىۋالغان جاينامازدا ناماز ئوقۇسا نامىزى دۇرۇس بولىدۇ، تارتىۋالغانلىقى ھارام بولىدۇ.

بىر نەرسىنىڭ ھاراملىقى باشقا گەپ، ئۇنىڭ تاھارەتنى سۇندۇرۇشى باشقا گەپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش يوق، شۇڭا، بىر نەرسىنىڭ ھاراملىقى بىلەن ئۇنىڭ تاھارەتنى سۇندۇرۇشىنى ئايرىش كېرەك.

دېمەك، دىنىمىزدا تاھارەتنى سۇندۇرۇدىغانلىقى بەلگىلەنگەن ئىشلاردىن باشقا ئىشلارنىڭ تاھارەتنى سۇندۇرۇدىغانلىقىغا دەلىل بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىز ئۆزىمىزنىڭ ئەقلى بويىچە تەھلىل قىلىپلا ئۇنى تاھارەتنى سۇندۇرۇدىغان نەرسىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈۋالساق گۇناھكار بولىمىز، شۇڭا، بىز بۇلارنى ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان ئىبادەت ئىشلىرىنى پەقەتلا ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان (تەۋقىيفىي) ئىشلار دەپ ئاتايمىز.

بۇنىڭغا دىققەت قىلىنمىغان تەقدىردە، كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن نۇرغۇن ئىشلارنى تاھارەت سۇندۇرۇدىغان قىلىۋالىدۇ، مەسىلەن، تىرناق ئالسا تاھارەت سۇنىدۇ، چاچ چۈشۈرسە تاھارەت سۇنىدۇ، بالا ئېمىتسە تاھارەت سۇنىدۇ، ئەمچەكتىن سۈت چىقسا تاھارەت سۇنىدۇ، تاماكا چەكسە تاھارەت سۇنىدۇ، كافىر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشسە تاھارەت سۇنىدۇ، يالىڭاچ ئايالىغا قارىسا تاھارەت سۇنىدۇ، ئىتنى تۇتسا ياكى مەينەت نەرسىنى تۇتسا تاھارەت سۇنىدۇ، قارت ئوينىسا تاھارەت سۇنىدۇ، خېنى قويسا تاھارەت سۇنىدۇ ياكى سۇنارمىش… دېگەندەك.

لېكىن، گۇناھ ئىشلاردىن بىرىنى سادىر قىلغان كىشى تاھارەت ئېلىۋېتىش ئەۋزەللىكىدە تالاش – تارتىش يوق، چۈنكى تاھارەت ئالسا يۇيۇلغان ئەزالاردىن گۇناھلار ساقىپ چۈشۈپ كېتىدۇ، يۇيۇلۇپ كېتىدۇ، دېگەن مەزمۇندا سەھىھ ھەدىسلەر بار.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۆمىن مۇسۇلمان تاھارەت ئېلىپ يۈزىنى يۇغاندا، ئىككى كۆزى بىلەن قاراپ قىلغان گۇناھىنىڭ ھەممىسى يۈزىدىن سۇ بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. ئىككى قولىنى يۇغاندا، ئىككى قولى بىلەن سادىر بولغان گۇناھنىڭ ھەممىسى سۇ بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. ئىككى پۇتىنى يۇغاندا، ئۇنىڭ بىلەن يامان ئىش تەرەپكە مېڭىش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھلارنىڭ ھەممىسى سۇ بىلەن ياكى سۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسى بىلەن چىقىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئۇ كىشى تاھارەتنى ئېلىپ بولغۇچە، ھەممە گۇناھلىرىدىن پاك – پاكىز بولۇپ كېتىدۇ».([1])

ئابدۇللاھ ئىبنى سۇنابىھى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۆمىن بەندە تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن ئاغزىنى چايقىغاندا، ئېغىز گۇناھلىرى ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىدۇ، بۇرنىغا سۇ ئالغاندا بۇرنى سەۋەبلىك ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھلار ئۇنىڭدىن چىقىپ كېتىدۇ. يۈزىنى يۇغاندا يۈزىنىڭ گۇناھلىرى تاكى كىرپىكلىرىنىڭ ئاستىدىكى گۇناھلارغىچە قالماي چىقىپ كېتىدۇ، ئىككى قولىنى يۇغاندا، قول ئارقىلىق سادىر بولغان گۇناھلار تاكى تىرناقلىرىنىڭ تېگىدىكى گۇناھلارغىچە قالماي چىقىپ كېتىدۇ. بېشىغا مەسىھ تارتقاندا، باش ئارقىلىق سادىر بولغان گۇناھلار باشتىن تارتىپ تاكى ئىككى قۇلىقىدىكى گۇناھلارغىچە قالماي چىقىپ كېتىدۇ. ئىككى پۇتىنى يۇغاندا، پۇتىنىڭ گۇناھلىرى ئىككى پۇتىدىن باشلاپ، تاكى تىرناق ئاستىلىرىدىكى گۇناھلارغىچە قالماي چىقىپ كېتىدۇ. ئاندىن ئوقۇغان نامىزى ۋە مەسچىت يولىدا باسقان قەدەملىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن (دەرىجىسىنى ئاشۇرىدىغان) نەپلە ئەمەل قاتارىدا بولىدۇ».([2])

دىيارىمىزدا تاماكا چەكسە تاھارەت سۇنىدۇ، دېگەن ھۆكۈم ئوتتۇرىغا چىققان ۋە تارقالغان، ئەمەلىيەتتە، تاھارەت سۇنىدۇ دېگەن بۇ ھۆكۈم كىشىلەرنى تاماكىدىن نەپرەتلەندۈرۈش، تەزدۈرۈش مەقسىتىدە بەزىلەر ياخشى نىيەت بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ قويغان بىر گەپ خالاس. خۇددى بۇرۇنقى دەۋرلەردە بەزى سۈرىلەرنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ھەدىس توقۇغانلاردىن بۇ يالغان ھەدىسنى نېمە ئۈچۈن توقۇدۇڭ؟ دەپ سورالغاندا ئۇلار: كىشىلەر قۇرئاننى ئوقۇمايدىغان بولۇپ كەتكەچكە، ئۇلارنى قۇرئان ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ ھەدىسلەرنى توقۇغان ئىدىم، دەپ جاۋاب بەرگەندەكلا بۇلارمۇ شەرئى جەھەتتىن ئىسپاتلانمىغان بىر ھۆكۈمنى كىشىلەرنى تاماكا تاشلاتقۇزۇش مەقسىتىدە ياخشى نىيەت بىلەن چىقارغان.

لېكىن، بۇ ھۆكۈم ياخشى نىيەت بىلەن چىقىرىلغان بولسىمۇ بەرىبىر خاتا ھۆكۈمدۇر. مەقسەتلىك چىقىرىلغان بولسا ئىنتايىن ئېغىر جىنايەت ھېسابلىنىدىغان خەتەرلىك ھۆكۈمدۇر، چۈنكى بۇ بىر تەرەپتىن ئاللاھ تائالانىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ھەققىگە تاجاۋۇز قىلغانلىق، يەنە بىر تەرەپتىن تاماكىنى تاشلىيالمىغان، ئەمما ناماز ئوقۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ نامازنىمۇ تاشلىشىغا سەۋەب بولغانلىقتۇر، خۇددى تاھارەت سۇنىدۇ، دېگەن كىشى تاماكا چەككەن كىشىگە: سەن تاماكىنى تاشلىيالمىغاندىن كېيىن نامازنىمۇ تاشلا دېگەندەكلا، مەن شەخسەن تاماكا چېكىدىغان ھەم ناماز ئوقۇيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ۋاقتى كەلگەندە تاھارىتى بار تۇرۇپ تاماكا چېكىپ قالغان ئىدىم، دەپ يا ناماز ئوقۇۋەرمەي ياكى تاھارەت يېڭىلاپ ناماز ئوقۇماي نامازنى قازا قىلىۋەتكەنلىكىنى كۆپ كۆرگەن، يەنە قارت ئويناپ بولۇپ ناماز ۋاقتى كىرگەندە تاھارىتىم سۇنۇپ كەتتى دەپ يېڭى تاھارەت ئېلىش ئېغىر كېلىپ ناماز ئوقۇمىغانلارنىمۇ كۆپ كۆرگەن. بۇ ئەمەلىيەتتە، جەمئىيىتىمىزدە كۆپ ئۇچرايدۇ، چۈنكى تاماكىنىڭ ھاراملىقىنى بىلىپ تۇرۇپ تاشلىيالمىغان كىشىدە ئادەتتە، ناماز ئوقۇشتىمۇ مەلۇم دەرىجىدە ھۇرۇنلۇق، سۇسلۇق ھەم سەل قاراش مەۋجۇت بولىدۇ. نەتىجە: تاماكىنى تاشلىماي نامازنى تاشلاش بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، تاماكا چەكسە تاھارەت سۇنىدىكەن، تاشلىمىساق نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇيالماي قالىدىكەنمىز، دەپ تاماكىنى تاشلىغانلارمۇ مەۋجۇت بولسا كېرەك، لېكىن تاماكىنىڭ ئورنىغا ناماز تاشلاش ئەھۋاللىرى كۆپرەك كۆرۈلگەن.

تاماكا چېكىدىغان مۇسۇلمانلارغا دەيدىغىنىمىز شۇكى: تاماكا چېكىش ھارام ئىشلاردىن بولغاچقا، داۋاملىق تاماكا چېكىش كىشىنى پاسىقلاشتۇرىدۇ، تەننى كېسەل قىلىدۇ، باشقىلارغا ئازار يەتكۈزىدۇ، ئىقتىسادنى كۆيدۈرىدۇ، قىيامەت كۈنى ئىسراپ قىلغان ئىقتىساد ھېسابىنى بېرىشكە دۇچار قىلىدۇ. شۇڭا، بۇنى قىلغان كىشى تەۋبە قىلىپ قايتا چەكمەسلىككە تىرىشىشى كېرەك.

تاماكا چېكىشنى تاشلاپ بولالمىغان تەقدىردە، ناماز ۋاقتى بولسا دەرھال تاھارەت ئېلىپ، تاھارىتى بولسا ئاغزىنىلا چايقىۋېتىپ مەسچىتكە كىرىپ جامائەت بىلەن نامازنى ۋاقتىدا ئوقۇۋالسا بولىدۇ، تاھارىتىنىڭ ئۈستىگە تاھارەت ئېلىۋەتسە تېخىمۇ ئەۋزەل.

تۆۋەندە ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن مەرھۇم شەيخ ئابدۇللاھ بىننى باز ۋە ئابدۇللاھ ئىبنى سۇلايمان ئەلمەنىي قاتارلىق ئالىملارنىڭ ۋە يەنە «سەئۇدى ئەرەبىستان لەجنە دائىمە» پەتىۋا ئورگىنىنىڭ تاماكا تاھارەتنى سۇندۇرمايدىغانلىقى ھەققىدە بەرگەن پەتىۋالىرىنى بىللە قىستۇرۇپ قويدۇم.

 

ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن مەرھۇم شەيخ ئابدۇللاھ بىننى باز پەتىۋاسى:

«تاماكا چېكىش تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ، لېكىن ئۇ ھارام سېسىق نەرسە بولۇپ ئۇنى تاشلاش ۋاجىپ. ئەمما، بىر كىشى ئۇنى چېكىپ ناماز ئوقۇسا نامىزى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ، تاھارىتىمۇ سۇنۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆسۈملۈكلەرنىڭ بىر تۈرى، ئۇ پەقەت زىيانلىق بولغانلىقى جەھەتتىنلا ھارام قىلىنغاندۇر».

«سەئۇدى ئەرەبىستان لەجنە دائىمە» پەتىۋا ئورگىنىنىڭ پەتىۋاسى:

سوئال: تۈرلۈك تاماكىلارنى ساتىدىغان كىشىگە شەرىئەت ھۆكمى قانداق؟ مەن تاماكا چېكىمەن، مۇئەززىننىڭ ئەزان توۋلىغىنىنى ئاڭلىغىنىمدا مەسچىتكە كىرىمەن، بۇنداق ئەھۋالدا، مەن قايتا تاھارەت ئېلىشىم كېرەكمۇ ياكى ئاغزىمنى چايقىۋەتسەملا بولامدۇ؟ مەن تاماكىنىڭ كۆپ كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

جاۋابى: بارلىق ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، تاماكىنى زىيانلىق بولغانلىقى جەھەتتىن سېتىش ھارام، ئۇنىڭ زىيىنى كۆپتۈر، ساتقان كىشى پاسىق ھېسابلىنىدۇ، تاماكا چېكىش بىلەن تاھارەتنى قايتا ئېلىش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن ئاغزىدىكى سېسىق پۇراقنى بىر نەرسە بىلەن يوقىتىۋېتىشى كېرەك، شۇنداقلا ئاللاھ تائالاغا بۇ قىلمىشىدىن تەۋبە قىلىشى كېرەك.

ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن «سەئۇدى ئەرەبىستان كاتتا ئالىملار ھەيئىتى» ئەزاسى شەيخ ئابدۇللاھ ئىبنى سۇلايمان ئەلمەنىي پەتىۋاسى:

سوئال: تاماكا ۋە چىلىم چېكىش تاھارەتنى سۇندۇرامدۇ؟

جاۋابى: تاماكا چېكىش تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ.

ھازىرقى زامان تونۇلغان فىقھىشۇناس ئالىم دوكتور ۋەھبە زۇھەيلىنىڭ پەتىۋاسى:

سوئال: يولدىشىم تاماكىنى بەك كۆپ چېكىدۇ، ئۇ ھەر بىر قېتىم تاماكا چەككەندە تاھارىتىنى يېڭىلىشى كېرەكمۇ؟

جاۋابى: تاماكا چېكىش يامان كۆرۈلىدىغان ئىش، زەرەرى ئىسپاتلانسا ھارام بولىدۇ، لېكىن ھەرقانداق ئەھۋالدا تاھارەتنى سۇندۇرمايدۇ، تاماكا چەككۈچىدىن ئۇنى چەكسە تاھارىتىنى يېڭىلاش تەلەپ قىلىنمايدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 10 – 20

————————-
([1]) «مۇسلىم»، 244 – ھەدىس.
([2]) «نەسائى»، 103 – ھەدىس. ئالبانى: «سەھىھ» دېگەن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز