تەركىبىدە ئىسپىرت بار ئەتىر ئىشلىتىش توغرىسىدا

 سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئۇستاز! مەن ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، ئەتىر ئىشلىتىشتىمۇ مۇسۇلمانچە ئەتىر ئىشلىتەي دەپ ئادەتتىكى تاللا بازىرىدىن ئالماي، مەسچىت ئەتراپىدىكى مەخسۇس مۇسۇلمانچە بۇيۇملارنى ساتىدىغان دۇكانغا بېرىپ سېتىۋېلىپ ئىشلىتىپ كېلىۋاتاتتىم، يېقىندا ئەتىرنى ئىسپىرتسىز ياسىغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ماتېرىيال كۆرۈش ھەم ئەتىر ساتقۇچىلاردىن سوراش ئارقىلىق راستىنلا ئىسپىرتسىز ئەتىر ياساشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى بىلدىم، دېمەك، شۇ مەسچىتلەردە سېتىلىۋاتقان ئەتىرلەردىمۇ ئىسپىرت بار ئىكەن، مەسچىتتە ئەتىر ساتقۇچىلاردىن سورىساممۇ ئىسپىرت بارلىقىنى ئېيتتى. مۇشۇنداق ئەتىرنى ئىشلىتىشكە بولامدۇ بولمامدۇ؟ ئىسپىرت تەركىبىنى ئىچىش چەكلەنگەن بىلەن باشقا يەرگە ئىشلىتىش چەكلەنمەمدۇ يا؟

يەنە بىر سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، بىز يېقىندا ئەتىر ئىشلەپچىقارماقچى ئىدۇق، بىراق ئىسپىرت قوشماي ئىشلىگىلى بولمايدىكەن، بۇنىڭغا پەتىۋا سورىساق بەزى ئۆلىمالار بولمايدۇ دېسە، بەزى ئۆلىمالار بولىدۇ دەپ كەسكىن پەتىۋا بېرەلمىدى، شۇڭا، بۇ ئىشتا پەتىۋا سوراپ سىلىگە مۇراجىئەت قىلدۇق. سىلەرنىڭ تېزلىكتە كەسكىن دەلىل بىلەن جاۋاب بېرىشىڭلارغا تەقەززامىز، ئاللاھ كۆپ رەھمەت قىلسۇن!

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

ئىسپىرت ماددىسىنى ئىچىش ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن ھارام، چۈنكى ئۇ مەست قىلىدۇ، ھەدىستە مەست قىلىدىغان ھەرقانداق نەرسە ھارام دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئەمدى ئىسپىرت ماددىسى مەست قىلىدىغان ھاراق دائىرىسىگە كىرەمدۇ ياكى زەھەرلىك ۋە ياكى زىيانلىق ماددىلارغا كېرەمدۇ دېگەن جەھەتتىن ئالىملار بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ئوخشاش بولمىغان.

ئۇنى ھاراققا ئوخشاش دېگۈچىلەر ھاراقنىڭ نىجىسلىكىدە ئىختىلاپلاشقان. تۆت مەزھەپ ئىماملىرى ھاراق نىجىس دەپ قارىغان، ئۇلار جانابى ئاللاھنىڭ «مائىدە» سۈرىسى 90 – ئايىتىدىكى بۇ سۆزىنى دەلىل قىلغان: [ئى ئىمان ئېيتقانلار! ھاراق، قىمار، تىكلەنگەن تاشلار ۋە پال ئوقلىرى شەيتاننىڭ ئىشىدىن بولغان پاسكىنىلىقتۇر. شۇڭا، نىجاتلىق تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلاردىن يىراق بولۇڭلار!]

ئۇلار مۇنداق دېگەن: ئايەتتىكى «رىجس» دېگەن سۆز نىجىس، پاسكىنا ۋە مەينەت دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، شەرىئەت ھاراققا رىجس دەپ ھۆكۈم قىلغان ۋە ئۇنىڭغا يېقىن كەلمەسلىككە بۇيرۇغان ئىكەن ئۇ ھارام بولۇش بىلەن بىللە نىجىس، يەنى، مەينەت بولىدۇ، ھاراق بۇنداق بولسا ئىسپىرت ماددىسىمۇ ھارام بولىدۇ.

لېكىن، بۇ دەلىلگە باشقىلار مۇنداق دەپ رەددىيە بەرگەن:

بۇ ئايەتتىكى «رىجس» دېگەن سۆزدىن مەنىۋى نىجىسلىك مەقسەت قىلىنىدۇ، خۇددى «تەۋبە» سۈرىسىدىكى: [ئى ئىمان ئېيتقانلار! مۇشرىكلار نىجىستۇر] دېگەن 28 – ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ نىجىسلىكى مەنىۋى بولغاندەكلا، ئەلۋەتتە، ھەرقانداق ھارام نەرسە مەنىۋى جەھەتتىن نىجىس بولىدۇ. ئىلگىرىكى ئايەتتە ھاراق بىلەن بىللە بايان قىلىنغان قىمار، تىكلەنگەن تاشلار ۋە پال ئوقلىرى قاتارلىقلارنىڭ نىجىسلىكىنىڭ مەنىۋى ئىكەنلىكى بۇنى كۈچلەندۈرىدۇ، چۈنكى ھېچكىم بۇ نەرسىلەرنى ماددىي نىجىس دەپ قارىمىغان، شۇڭا، ھاراقنىڭمۇ نىجىسلىكى مەنىۋىدۇر، ماددىي ئەمەستۇر.

بۇنىڭغا ئاساسەن ھاراقنىڭ ئۆزى ماددىي نىجىس دېيىش دەلىلگە موھتاج.

ئەمما، ئىمام مالىكنىڭ ئۇستازى ئىمام رەبىيئە، لەيس ئىبنى سەئد، ئىمام شافىئىينىڭ شاگىرتى ئەلمۇزەنىي ۋە باشقا بىر قىسىم ئالىملار ھاراق پاكىز، دەپ قارىغان.

بۇلار ھاراقنىڭ پاكىزلىقىغا دەلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: ھاراق چەكلەنگەندە ساھابىلار ھاراقلارنى مەدىنە كوچىلىرىغا تۆكۈۋەتكەن، ھاراق مەينەت بولىدىغان بولسا يولغا تەرەت قىلىشنى توسقاندەك رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇلارنى توسقان بولاتتى، ئۇلارمۇ كوچىلارغا مەينەت نەرسىنى تۆكمىگەن بولاتتى.

ئىلگىرىكى قاراشتىكىلەر بۇلارنىڭ بۇ دەلىلىگە مۇنداق جاۋاب بەرگەن: مەدىنىدە پاسكىنا سۇلارنى ئېقىتىۋىتىدىغان تۇرۇبىلار يوق بولغاچقا، ساھابىلار ھاراقلارنى كوچىلارغا تۆككەن، بۇ ھاراقنىڭ نىجىس ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.([1])

دېمەك، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ دەلىللىرى بۇ ھەقتە كەسكىن ئەمەس، ئىلگىرىكى ئايەتتىكى نىجىس دېگەن سۈز ماددىي ۋە مەنىۋى نىجىسلىكنى ئېھتىمال قىلىدۇ، ھاراقنىڭ مەنىۋى نىجىسلىكى ئېنىق، ئەمما ماددىي نىجىسلىكنى بىلدۈرۈشتە ئايەتنىڭ لەۋزى كەسكىن ئەمەس، بەلكى ئېھتىماللىق.

يۇقىرىقى تالاش – تارتىشنىڭ ھەممىسى ئۈزۈم شەربىتىدىن ياسالغان ھاراقنىڭ نىجىسلىكىدە بولۇپ، كۆپچىلىك ئالىملار ئۇنداق ھاراقنى «نىجىس»، دەپ قارىغان.

ئەمما، ئارپا، ھەسەل، ئەنجۈر ۋە باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەر بولسا 3 مەزھەپ ئىماملىرى نىجىس دەپ قارىغان، ھەنەفىي مەزھەپتىمۇ نىجىس دەپ پەتىۋا بېرىلگەن، لېكىن ئۇ ھەنەفىي مەزھەپتىكى باشقا بىر قاراشتا پاك دەپ قارالغان.([2])

يۇقىرىقىدىن خۇلاسە: ھاراق كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ نەزىرىدە، نىجىس، ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئىسپىرتمۇ ئۇلارنىڭ قارىشىدا نىجىس بولىدۇ. باشقىلارنىڭ قارىشىدا، ھاراق پاكىز شۇڭا، ئىسپىرتمۇ پاكىز بولىدۇ.

بۇ، ئىسپىرتنى مەست قىلغۇچى ماددا دەپ قارىغانلارنىڭ نەزىرىدە شۇنداق، ئەمما ئىسپىرتنى زەھەرلىك ياكى زىيانلىق ماددا دەپ قارىغانلار بولسا، ئۇنى كۆكنار، ئەپيۈن ۋە باشقا زىيانلىق ماددىلاردەك پاكىز دەپ قارايدۇ، چۈنكى بۇ ماددىلار ھۆكۈم جەھەتتىن نىجىس دېيىلگەن بىلەن ھېچكىم ئۇنى ماددىي نىجىس دەپ قارىمايدۇ.

بۇ ئىلگىرىكىلەرنىڭ كۆزقاراشلىرى بولۇپ يېقىنقى زامان ئالىملىرىدىن ئىمام شەۋكانى، «سۇبۇلۇسسالام» مۇئەللىپى ئىمام سەنئانىي، «رەۋزەتۇلبەھىييە» مۇئەللىپى سىددىق ھەسەن خان قاتارلىق ئالىملار ھاراقنى پاكىز، دەپ قارىغان. تەپسىرى مانار مۇئەللىپى شەيخ مۇھەممەد رەشىد رىزا، ھازىرقى ئەسىر مۇجتەھىد ئىماملىرىدىن ئىمام يۈسۈپ قەرداۋى، شەيخ ئەھمەد شاكىر، دوكتور مۇستەفا ئەززەرقا ۋە كۆپلىگەن ئالىملار ئىسپىرت ماددىسىنى پاكىز، دەپ قارىغان.

ئۇلار تۆۋەندىكىلەرگە ئاساسلانغان:

ئەسلىدە ئۇ پاك، ئۇنداق بولىدىكە پاكلىقتىن نىجىسلىككە يۆتكەيدىغان سەھىھ ۋە ئېنىق بىر دەلىل بولمىسا، ئۇ پاكلىقىدا قالىدۇ، نىجىسلىكىگە دەلىل يوق بولىدىكەن ئۇ پاك بولىدۇ. ھاراقتىكى نىجىسلىق ھۆكمىي، مەنىۋى نىجىسلىقتۇر. يەنى، ئۇنىڭ ھۆكمى ھارام، كۆپلىگەن ماددىلاردا ئىسپىرت ماددىسى ئازدۇر – كۆپتۇر مەۋجۇت، ئۇ تازىلاش ۋە دېزىنفېكسىيە قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ يىرگىنىش پەيدا قىلىدىغان پاسكىنا نەرسە ئەمەس. ھازىر تېببىي ۋە پاكىزلىق ساھەلىرىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنى نىجىس ئەمەس دېيىش ھەرەج ۋە قىينىلىشنى يوقۇتۇشنى تەلەپ قىلىدىغان قۇرئان كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن.

شەيخ رەشىد رىزا تەپسىرىدە مۇنداق دەپ يەكۈنلەيدۇ: «ھاراقنىڭ نىجىسلىكىدە مۇسۇلمان ئالىملىرى ئىچىدە ئىختىلاپ بار، چۈلە قىلىپ ئىشلەنگەن ھاراق (نەبىيز) ئىمام ئەبۇ ھەنىفەنىڭ نەزىرىدە پاكىز، ئۇنىڭدا ئەلۋەتتە ئىسپىرت ماددىسى بار، ئىسپىرت بولسا ھاراق ئەمەس. ياۋروپا ئەتىرلىرى ساپ ئىسپىرتمۇ ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدا باشقا پاكىز ماددىلاردا بار بولغاندەك ئىسپىرت ماددىسىمۇ بار، ئىسپىرتنى نىجىس دەپ قاراش ئورۇنسىز، ھەتتا ھاراق نىجىس دەپ قارىغانلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ئىسپىرت نىجىس دېيىشكە بولمايدۇ».([3])

خۇلاسە: ئىسپىرت ماددىسىنى پاكىز دەپ قاراش ھازىرقى شارائىتتا قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ بەزىدە ھاراققا ئوخشاش ئىشلىتىلسىمۇ ھاراقنىڭ نىجىسلىكىدە ئالىملار بىرلىككە كەلمىگەن، بولۇپمۇ، ئۈزۈم شەربىتىدىن باشقا نەرسىلەردىن ئىشلەنگەن ھاراق بولسا تېخىمۇ شۇنداق، ئىسپىرت ھازىر تۈرلۈك ماددىلاردىن ئىشلەنمەكتە.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىسپىرتلىق ئەتىرلەر بەدەنگە ۋە كىيىم – كېچەككە چېچىلسا ئۇنى يۇيۇش كېرەك ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن ناماز دۇرۇس بولۇۋېرىدۇ.([4])

بۇ، ئىختىلاپ بولغان مەسىلە بولغاچقا، ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ۋە دەلىللىرى بايان قىلىندى، سورىغۇچى قايسى قاراشقا كۆڭلى خاتىرجەم بولسا شۇ قاراشنى ئالسا بولىدۇ.

ئىككى قاراشنىڭ بىرىنى تەرجىھ قىلىش توغرا كەلسە، ئىسپىرت نىجىس ئەمەس دېگەن قاراش كۈچلۈك. چۈنكى:

1. ئىسپىرتنى ئىچىشتىن باشقا ئىشقا ئىشلەتكەن ئەھۋالدا ئايەتتىكى ھاراق ھارام قىلىنىش ئىللىتى تېپىلمايدۇ.

2. ھاراقنىڭ نىجىسلىكى مەنىۋى. ئىسپىرتنى ھارام دېگەنلەرمۇ ئىسپىرتنى نىجىس دەپ ھارام دېگەن. بۇنىڭغا ئاساسەن ئەگەر ھاراقنى نىجىس ئەمەس دېگەن قاراشنى تۇتساق، بۇ ھۆكۈم يوقايدۇ. چۈنكى، ھۆكۈم ئىللىتى بىلەن تەڭ يوقىلىدۇ.

3. كولۇنيادىن باشقا ئەتىرلەردە ئىسپىرت پىرسەنتى بەك يۇقىرى ئەمەس، بەلكى گۈل سۈيى بىلەن ئارىلاش.

4. ئىسپىرت ھاراقتىكى بىر ماددا، لېكىن ھاراق ئۆزى ئەمەس.

5. ئىسپىرت نىجىس ئەمەس دېگەن قاراش ھازىرقى خېلى كۆپ ئالىملارنىڭ قارىشى. مەسىلەن يۇقىرىقىلاردىن سىرت: شەيخ ئۇسەيمىن، ئىبنى جىبرىن رەھمەتۇللاھى ئەليھىلەر، دوكتور ۋەھبە زۇھەيلى قاتارلىقلار.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، ئىسپىرتنى تېببىي ساھەدە تېرە، يارا ۋە ئۈسكۈنىلەرنى تازىلاشتا، مىكروبلارنى ئۆلتۈرۈشتە ئىشلەتسىمۇ، ئەتىر ۋە مايلاردا ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭدىن تاھارەتكە ياكى نامازغا تەسىر يەتمەيدۇ. ئىختىلاپ بولغان مەسىلىكەن دەپ ئىشلەتمەي دېسە ئۇمۇ مەيلى. ھازىر ئەرەب ئەللىرىدە گۈل سۈيىنى قاچىلاپ ئىسپىرت قوشماي سۈرتۈپ ئىشلىتىدۇ. ئەگەر پۈركۈپ چېچىش لازىم بولسىلا ئىسپىرت قاتىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011 – 10 – 28

————————————–
([1]) «تفسير القرطبي»، 6/288 «المجموع»، 2/520.
([2]) «بداية المجتهد»، 1/345 «المجموع»، 2/520 «الهداية»، 4/111 «الاختيار»، 4/107.
([3]) «تفسير المنار»، 4 – توم 500 – 821 – ۋە 866 – بەتلەرگە قارالسۇن.
([4]) يەنە ئىمام ئەبۇ بەكىر جەسساسنىڭ «تفسير أحكام القرآن»، 2/5 – 10، «المجموع»، 2/582 «حاشية ابن عابدين»، 6/449. «فتاوى الشيخ عطية صقر»، 1/427 – 430 – بەتلەرگە قارالسۇن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز