(ھىجرىيە 370 _ 428/ مىلادىيە 980 _ 1036)
ئىبنى سىنا ئىدىيە، مېدىتسىنا، پەلسەپە قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا يۈكسەك ئورۇن ئىگىلىگەن نامى ئۆلمەس ئالىملارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ يۇقىرى ساپالىق، نەزەر دائىرىسى كەڭ، كەم ئۇچرايدىغان ئىقتىدار ۋە يېتۈك تالانىت ساھىبىدۇر. ئانچە بەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمىگەنلىكىگە قارىماستىن ئۇنىڭ ھاياتى نۇرغۇن ئىجادىيەتلەر بىلەن تولغان مول – ھوسۇللۇق ۋە پائالىيەتچان بىر ھايات بولغان.
ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئىنتايىن مول ۋە خىلمۇخىل بولۇپ، پەلسەپە، مېدىتسىنا، تەبىئىي پەنلەر، ئىلاھىيات، پىسخىكا، مەنتىق، ماتېماتىكا، ئەخلاق قاتارلىق پەنلەرگە ئائىتتۇر. ئۇ بۇ ساھەلەردە 100 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ۋە رىسالىلەرنى يازغان. ئۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى ئېنسىكلوپېدىيە، بەزىلىرى قامۇس بولۇپ، ھېكمەت، پەلسەپە ۋە قەدىمكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ ھاسىلاتلىرى قاتارلىقلارغا لىققىدە تويۇنغان. ئۇ بۇ مىراسلارغا ئۆزىنى پىكىر ۋە ئىلىم ساھەسىدە ئۇنتۇلمايدىغان يۇقىرى نوپۇزغا ئىگە قىلغان ئاساسىي ۋە مۇھىم كۆزقاراشلىرىنى كىرگۈزگەن. بۇلار پروفېسسور جورج سارتون([1])نى «… ئىبنى سىنا ئەڭ كاتتا ئىسلام ئالىمى، ئەڭ مەشھۇر دۇنياۋى ئالىم…» دېگۈزگەن.
ئىبنى سىنانىڭ تالانتى شەرق – غەربتىكى شەرقشۇناسلار ۋە ئالىملارنى ھەيران قالدۇرغان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارستوتېلى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇقراتى دېگەن ناملار بىلەن ئاتاپ، بۇقرات بىلەن گالىينۇسنىڭ ئارىسىدىكى «دانتىي» قىلىۋالغان. دىيبور: «… ئىبنى سىنا دۇنيادىكى قىسقا ھەجىملىك، ئەمما مول مەزمۇنلۇق ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلاردىن كۆپ ئىلگىرىلەپ كەتكەن… » دېگەن ۋە ئۇنى بىلىمى مول، ئۆزى ياشىغان دەۋر روھىنىڭ سادىق «تەرجىمانى» ھېسابلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆرنىكى دەپ قارىغان. بۇ ئۇنىڭ تارىختا شانۇ – شەۋكەتلىك ۋە تەسىرى چوڭ شەخس بولغانلىقىدىندۇر. مونك ئىبنى سىنانى يېتۈك تالانت ئىگىسى، مول – ھوسۇللۇق يازغۇچى دەپ قارايدۇ. ئەمما ئېۋبىرۋىك مۇنداق دەيدۇ: «ئىبنى سىنا ئوتتۇرا ئەسىردە ئىنتايىن مەشھۇر بولغان، نامى ھەممىنىڭ ئېغىزىغا چىققان، ئۆز دەۋردىكى مۇتەپەككۇرلار قانداق قەدىر – قىممەتكە نائىل بولغان بولسا ئۇمۇ شۇنىڭغا نائىل بولغان. ئۇ مۇتلەق ھالدا ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ئەڭ كاتتا ئىنسانلارنىڭ بىرى».
جاھاندىكى پۈتكۈل ئالىملار ئىبنى سىنانىڭ ئوبدانلا قەدرىنى قىلغان ۋە ئىززەتلىگەن ھەمدە ئۇنىڭ تالانتى ۋە مول – ھوسۇللۇق ئەسەرلىرىدىن ئوبدانلا پايدىلانغان. ئۇ ھەقىقەتەن مېدىتسىنا، پەلسەپە، پىسخىكا قاتارلىق ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان.
ئىبنى سىنانىڭ ئۆزى قەلەمگە ئالغان تەرجىمىھالى
ئۇنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ ئەلى ھۈسەين ئىبنى ئابدۇللاھ ئەلى ئىبنى سىنا. گەرچە ئۇنى تونۇشتۇرۇش، پەزىلەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ يۈرۈش بىھاجەت بولسىمۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالى، تەرجىمىھالى ھەققىدە بىر ئاز توختالغان بولغاچقا بىزمۇ ئۇنىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى بايانلىرى بىلەنلا كۇپايىلىنىمىز. بۇ بايانلارنى ئەبۇ ئۇبەيدە جۇرجانى نەقىل قىلغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: پېشۋايىمىز (ئىبنى سىنا) مۇنداق دېگەن: «دادام بەلختىن. كېيىن نوھ ئىبنى مەنسۇر (976 _ 997) نىڭ دەۋرىدە بۇخاراغا كۆچۈپ بېرىپ، تەسەۋۋۇپ يولىغا ماڭغانىكەن. بۇخارانىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ئەفشەنە دېيىلىدىغان يېزىدا ئىش تاپقانىكەن. بۇ يەردە ئانام بىلەن توي قىلىپ، ئولتۇراقلىشىپ قاپتۇ. ئانام مېنى شۇ يەردە تۇغۇپتۇ. كېيىن ئىنىمنى تۇغدى. مەن بۇخاراغا بېرىپ ‹قۇرئان› مۇئەللىمى ۋە ئەدەبىيات مۇئەللىمىنىڭ دەرسلىرىگە قاتناشتىم. 10 ياشقا توشقاندا ‹قۇرئان›نى ۋە نۇرغۇن ئەدەبىيات بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ بولغانلىقىم ئۈچۈن باشقىلار ماڭا ھەۋەس قىلىشقا باشلىدى. دادام مىسىرلىق دەۋەتچىلەرگە، بەزى ئىسمائىلىيىلەرگە مەھلىيا بولغانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ ئۇلاردىن پىسخىكا، ئەقىل دېگەن ئاتالغۇلارنى ئۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە شەرھلىشى بويىچە ئاڭلاپ كەلگەنىكەن. ئىنىممۇ شۇنداق. ئۇلار ئۆزئارا مۇزاكىرە قىلىشقانلىرىدا مەن ئۇلارنى تىڭشايتتىم. ئۇلارنىڭ دەۋاتقانلىرىنى ئوبدانلا ئاڭقىرالايتتىم، ئەمما توغرا كۆرمەيتتىم. ئۇلار مېنىمۇ ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ تىللىرىدىن پەلسەپە، گېئومېتىرىيە، ھىندىستانچە ھېسابلاش دېگەندەك سۆزلەر چۈشمەيتتى. بىر كۈنى مېنى ئەقىل ھەققىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارىدىغان، ھىندىستانچە ھېسابقا ماھىر بىر كىشىنىڭ قېشىغا باشلاپ ئاپىرىپ شاگىرتلىققا تۇتۇپ بەردى. كېيىن بۇخاراغا ئەبۇ ئابدۇللاھ نائىلىي كەلدى. ئۇنى پەيلاسوپلۇق دەۋاسى قىلغۇچى دېيىشەتتى. دادام ئۇنى مېنىڭ ئۇنىڭدىن ئىلىم ئېلىشىمنى ئۈمىد قىلىپ ئۆيىمىزدە تۇرغۇزدى. ئۇ كېلىشتىن بۇرۇن مەن قېتىرقىنىپ ئىسمائىل زاھىدنىڭ قولىدا فىقھى ئىلمى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتىم. مەن بۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ ئەڭ بەك سېخىيلىرىنىڭ بىرى ئىدىم. چۈنكى، مەن شۇ ۋاقىتتىكى ئادەت بويىچە، مەقسەتكە يېتىش ۋە جاۋاب بەرگۈچىلەرگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ئۇسۇللىرىنى قەلەمگە ئالغانىدىم.
كېيىن بىز نائىلىينىڭ قولىدا «ئىيساغوجى»([2]) دېگەن كىتابنى ئوقۇشقا باشلىدۇق. ئۇ جىنسقا ‹ئۇ نېمە؟› دېگەن سوئالغا جاۋاب بولۇپ كېلىدىغان، تۈرداش بولمىغان كۆپ شەيئىلەرگە ئېيتىلىدىغان نەرسە، دەپ ئېنىقلىما بەرگەندە، مەن بۇ ئېنىقلىمىنى ئۇ ئاڭلاپ باقمىغان مىساللارغا تەتبىقلاشقا باشلىدىم. ئۇ مەندىن ئىنتايىن بەك ھەيران قالدى ۋە دادامغا مېنى ئىلىم ئوقۇشتىن باشقا ئىشقا سالماسلىقىنى جېكىلىدى. ئۇ ماڭا سۆزلىگەن ھەرقانداق مەسىلىنى مەن ئۇنىڭدىن ياخشىراق مۇلاھىزە قىلاتتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قولىدا لوگىكىنىڭ قىسقىچە نەزەرىيەسىنى ئوقۇدۇم. ئەمما ئەمەلىيەت قىسمىغا كەلسەك، ئۇنىڭ بۇ ھەقتە بەك ئىلمى يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن كىتابلارنى ئۆزۈم ئوقۇشقا باشلىدىم، شەرھىلەردىن پايدىلاندىم. نەتىجىدە، مەنتىق ئىلمىمنى پۇختىلىدىم. ئىقلىيدوسنىڭ كىتابىنىمۇ بېشىدىن بەش ياكى ئالتە فورمىنى[3] ئۇنىڭدا ئوقۇپ قالغان قىسمىنى پۈتۈنلەي ئۆزۈم ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئاندىن ‹ئەلمەجىستى›غا ئۆتتۈم. بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدىن باشلاپ ئوقۇپ گېئومتېرىيەلىك شەكىللەرگە كەلگىنىمدە، نائىلىي: ‹ئۆزۈڭ ھەل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆر. ئاندىن يېنىمغا كېلىپ ماڭا كۆرسەتكىن، توغرا – خاتاسىنى ئايرىپ بېرەي› دېدى.
كېيىن نائىلىي كاركىنجغا كەتتى. مەن بولسام تەبىئىي پەنلەر، ئىلاھىيەت پەنلىرى قاتارلىقلارغا ئائىت كىتابلارنى شەرھى – ئىزاھلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇش بىلەن مەشغۇل بولدۇم. ئىلىمنىڭ ئىشىكلىرى ماڭا بىر – بىرلەپ ئېچىلىشقا باشلىدى.
كېيىن مەن تېبابەتكە قىزىقىپ قېلىپ، ئۇ ھەقتە يېزىلغان كىتابلارنى ئوقۇشقا باشلىدىم. تېبابەت ئىلمى قىيىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا، قىسقىغىنا ۋاقىتتا كۆزگە كۆرۈنگەنلىكىكم ئۈچۈن تېبابەت ئاقساقاللىرى تېبابەت ئۆگىنىشكە كېلىشكە باشلىدى. كېسەللەرنى كۆرۈشكە باشلىدىم. ماڭا ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان تەجرىبىلەر جۇغلانمىسىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتلاردا فىقھى ئىلىمى ۋە ئۇ ھەقتىكى مۇزاكىرىلەرنىمۇ تاشلاپ قويمىدىم. شۇ چاغدا مەن 16 ياشتا ئىدىم.
ئاندىن مەن بىر يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئىلىم بىلەنلا مەشغۇل بولدۇم. مەنتىق ئوقۇشلۇقى تۈزۈپ چىقتىم، پەلسەپەنىڭ پۈتۈن تارماقلىرىنى توپلىدىم. بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئۇزۇن كېچىلەرنى بىدار ئۆتكۈزدۈم، كۈندۈزلىرىدىمۇ پەقەت شۇ ئىشنىڭ كويىدىلا بولدۇم، بىردەممۇ باشقا ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ قالمىدىم. ماڭا يارىغان ھەر قانداق پاكىت (حجة) نىڭ سېلىشتۇرما چوڭ – كىچىك ئاساس (مقدمات قياسية) لىرىنى چېڭىتىپ چىقتىم ۋە رەتلىدىم. يەكۈن چىقىش ئېھتىمالى بولغانلىرىنىڭ شەرتلىرىگە رىئايە قىلىپ كەلسەم، ئۇ مەسىلىدىكى ھەقىقەتنىڭ توغرا ئىكەنلىكى ئايان بولدى. ھەر قېتىم مەلۇم بىر مەسىلىدە سېلىشتۇرمىدىكى ئوتتۇرا ئاتالغۇ (الحد الأوسط) نى تاپالمىغىنىمدا قايتا – قايتا جامەگە بېرىپ ھەممىنى ئۆرنەكسىز ياراتقان (ئاللاھ) غا يېلىنىپ يالۋۇراتتىم – دە، مۈجمەللىكلەر يېشىلىپ، قىيىن جايلار ئاسانلىشىپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن كېچىنى كېچە دېمەي ئۆيگە قايتىپ چىراغنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ يېزىشقا، ئوقۇشقا باشلايتتىم. مۈگدەك باسقىنىدا ياكى بوشاڭلىق ھېس قىلغىنىمدا، بىرەر پىيالە شەربەت ئىچىپ تېتىكلىشىپ، ئاندىن داۋام قىلاتتىم. بولالماي يېنىككىنە بولسىمۇ ئۇخلاپ قالغىنىمدا بولسا، ئۇ مەسىلىنى پۈتۈن تارماقلىرى بىلەن چۈشەپ چىقاتتىم. خېلى كۆپ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرى مۇشۇنداق چۈشۈمدە ئايان بولاتتى. شۇنداق قىلىپ بارلىق ئىلىملەرنى پۇختىلاپ چىقتىم ۋە ئىنسانىي ئىمكانىيەتنىڭ يار بەرگىنىچە ئۇ ئىلىملەرنى ئىگىلىدىم. شۇ ۋاقىتتا بىلگەنلىرىم ھازىرمۇ شۇ پېتىچە، قىلچىلىكمۇ يېڭىدىن قوشۇلمىدى (يەنى بۇرۇنلا ئەڭ توغرىسىنى بىلىۋەتكەن). مەنتىق، تەبىئىي پەنلەر، ماتېماتىكا قاتارلىقلارنى پۇختىلىغاندىن كېيىن ئىلاھىيەت بىلىملىرىگە يۈزلەندىم ۋە «مېتافىزىكا (ما بعد الطبيعة)» دېگەن كىتابنى ئوقۇشقا باشلىدىم، ئەمما چۈشەنمىدىم، كىتابنى يازغۇچىنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى پەقەت بىلەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن 40 قېتىم ئوقۇدۇم، يادا بولۇپ كەتتى، ئەمما يەنىلا چۈشىنەلمەي ئۆزۈمدىن ئۈمىدسىزلەندىم ۋە دېدىمكى، «بۇ چۈشىنىش ئىمكانىيىتى پەقەتلا يوق بىر كىتابكەن». شۇنداق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئەسىر ۋاقتىدا مەن كىتابچىلارنىڭ قېشىغا بېرىپ قالدىم. بېدىكنىڭ قولىدا بىر كىتاب بار بولۇپ، ئۇنى ماڭا تەڭلىدى. مەن ئۇنى بۇ ئىلىمدە پايدا يوقلۇقىغا كەسكىن ئىشەنگەن كىشى كەبى رەت قىلىۋەتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماڭا: بۇنى سېتىۋالسىلا، بەك ئەرزان، ئۈچ تەڭگىگىلا بېرىۋېتىمەن. ئىگىسى بۇنىڭ پۇلىغا ئېھتىياجلىق، دېدى. ئۇنى سېتىۋىلىپ قارىسام ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ مېتافىزىكا ھەققىدىكى كىتابى ئىكەن. ئۆيگە ئالدىراپ قايتىپ ئوقۇشقا باشلىدىم. بۇ كىتابنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى ئىنتايىن ياخشى چۈشەندىم ۋە بەك خۇشال بولدۇم. ئەتىسى ئاللاھقا شۈكرى ئېيتقانلىق يۈزىسىدىن يوقسۇللارغا خېلى كۆپ نەرسە سەدىقە قىلدىم. شۇ ۋاقىتلاردا بۇخارا سۇلتانى نۇھ ئىبنى مەنسۇر بىر كېسەلگە دۇچار بولۇپ قالغان بولۇپ، ھەممە تېۋىپلەر بۇ كېسەلنىڭ ئالدىدا ئىلاجسىز ھالغا چۈشۈپ قالغانىكەن. مېنىڭ نامىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خېلى مەشھۇر بولغاچقا سۇلتاننىڭ ھۇزۇرىدا مېنى تىلغا ئېلىشىپ، مېنى چاقىرىشنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن كەلدىم ۋە ئۇنىڭ كېسىلىنى تېۋىپلار بىلەن بىرلىكتە پۈتۈن كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ داۋالاشقا باشلىدىم. بىر كۈنى مەن سۇلتاندىن ئۇلارنىڭ كۇتۇپخانىلىرىغا كىرىشكە، ئۇنىڭدىكى تېبابەتكە ئائىت كىتابلارنى كۆرۈشكە رۇخسەت سورىۋىدىم، رۇخسەت قىلدى. كىرسەم ھەربىر ھۇجرىسىدا نەچچە ساندۇق چىققۇدەك نۇرغۇن كىتابلار بار ئىكەن. ئۇ كىتابلارنى ئوقۇدۇم.
كېيىن دادام ۋاپات بولۇپ كېتىپ، مال – مۈلۈكلەرنىڭ تەسەررۇپى ماڭا قالدى. نۇرغۇن جايلارنى كەزدىم. كېيىن دەھستانغا كەلدىم ۋە ئاغرىپ قالدىم. كېيىن جۇرجانغا قايتتىم».
كېيىن ئىبنى سىنا ئەلائۇددىننىڭ قېشىغا بارىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشىپ خىزمىتىنى قىلىدۇ. ئۇ كۆپ سەپەر قىلىدىغان، كۆپ ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشى ئىدى. كېيىن ئۇ يەنە ھەمەدانغا بارىدۇ. ھالبۇكى، سالامەتلىكى چېكىنىپ كەتكەن ئىدى. بەزىلەر ئۇنىڭ يۇيۇنۇپ، تەۋبە قىلىپ پېقىرلارغا پۇل – پۇچەك سەدىقە قىلغانلىقنى، ھەق – ھوقۇقلارنى ئۆز ئورنىغا قايتۇرغانلىقىنى، قۇللىرىنى ئازاد قىلغانلىقىنى، قالغان ھاياتىنى «قۇرئان كەرىم» ئوقۇشقا ئاتىغانلىقىنى، ئۇنى ھەر ئۈچ كۈندە بىر تامام قىلىدىغانلىقىنى، بۇنى تاكى ھىجرىيە 428 -، مىلادىيە 1036 – يىلى رامىزان ئېيىنىڭ بىر جۈمە كۈنى 58 يېشىدا ۋاپات بولغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
ئىبنى سىنا «تېبابەت قامۇسى (القانون في الطب)» دېگەن كىتابى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
مەن بۇ كىتابنى تۆۋەندىكىچە بەش بۆلەككە بۆلدۈم:
بىرىنچى بۆلەك: تېبابەت ئىلمىدىكى ئاساسىي ئىشلار ھەققىدە
ئىككىنچى بۆلەك: يەككە دورىلا ھەققىدە
ئۈچىنچى بۆلەك: ئىنساننىڭ بېشىنىڭ يۆگىمىچىدىن پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە بولغان ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىدە كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئايرىم – ئايرىم بايانى ھەققىدە
تۆتىنچى بۆلەك: يېنىدىكى ئەزاغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدىغان كېسەللىكلەر ۋە ئوچۇق ئەزا([4])لاردىكى كېسەللىكلەر ھەققىدە
بەشىنچى بۆلەك: دورا تەركىبى (ياكى دورىگەرلىك) ھەققىدە
ئىبنى سىنا تېبابەت ھەققىدە بىر قانچە ئەسەرلەرنى يازغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر ئۇنى تىللاردا داستان قىلغان. ئۇنىڭ «تېبابەت قامۇسى (القانون في الطب)» دېگەن كىتابى ئۇنىڭ تېبابەتكە ئائىت ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى ۋە ئەڭ قىممەتلىكى بولۇپ، مېدىتسىنا ساھەسىدە ئەڭ كۆپ تارقالغان، نامى ئەڭ بەك مەشھۇر بولغان، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئەڭ كۆپ ئوقۇتۇلغان. بۇ كىتاب ياۋروپا ئالىملىرىنى ئىنتايىن جەلپ قىلغان بولۇپ، ھېلىھەممۇ ئۇلارنىڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان ۋە دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان كىتاب بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. جەيرارد ئوف كىرىيمونا بۇ كىتابنى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلغان بولۇپ، 1473 – يىلىدىن 1500 – يىلىغىچە ياۋروپادا 15 قېتىم بېسىلغان. كىتاب ئۆزىنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئىنتايىن رەتلىكلىكى، دەرسلىك قىلىشقا ئىنتايىن مۇناسىپلىقى بىلەن 17 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا قەدەر ياۋروپانىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دەرسلىك قىلىنغان.
بۇ كىتابتا ئىبنى سىنا ئىلگىرىكىلەرنىڭ مېدىتسىنا ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىنى، يېڭى پەيدا بولغان نەزەرىيەلەر، كۆزقاراشلار، مۇلاھىزىلەر ۋە بايقاشلارنى ھەمدە ھازىر كەڭ تارقالغان كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىنى كىرگۈزگەن. بۇ مېدىتسىنانىڭ بەزىلەرنى «مېدىتسىنا ئىبنى سىنا تولۇقلىغانغا قەدەركەمتۈك ئىدى» دېگۈزگۈدەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىشىنى ئاساس بىلەن تەمىن ئەتكەن.
شۇنىڭدەك ئىبنى سىنا «تېبابەت قامۇسى (القانون في الطب)» ناملىق كىتابىنى نۇرغۇنلىغان نەزەرىيۋى ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مۇكەممەل شەرھىلىگەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە دورا – ئۆسۈملۈكلەرنى ھازىرلاش ۋە ئىستىمال قىلىش ھەققىدىمۇ توختالغان. بۇنىڭغا ئۆزىنىڭ شەخسىي مۇلاھىزىلىرىنىمۇ قوشقان.
بۇ كىتابتا ئىبنى سىنانىڭ ئەسەر يېزىش ۋە مېدىتسىنا مەلۇماتلىرىنى، يېڭى نەزەرىيەلەرنى باب ۋە تۈرلەرگە ئايرىش ھەمدە ئۇلارنى مەنتىقىغا ئۇيغۇن رەۋشتە ئىپادىلەش قاتارلىق تەرەپلەردىكى تالانتى نامايان بولغان. ئۇنىڭ دەلىل – پاكىتى كۈچلۈك، كەسكىن ئىدى. بۇ تەرىپى ئۇنىڭ يازغانلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئالىملار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغۇچى بولۇشىغا سەۋەب بولغان. بۇ يەنە ۋېليام ئوسلىر ئەپەندىنى مۇنداق دېگۈزگەن: «‹تېبابەت قامۇسى› ھەقىقەتەن ئۇزۇن بىر مەزگىل تېبابەت ئىنجىلى بولغانىدى».
مەنبە: ئەھمەد مۇھەممەد ئەششىنەۋانىينىڭ «موسوعة عباقرة الحضارة العلمية في الاسلام» ناملىق كىتابى.
تەرجىمىدە: بىلىميار
([1]) جورج سارتون: ئامېرىكىلىق ئالىم، 1884 _ 1956 ياشىغان. ئەڭ كاتتا ئىلىم تارىخچىسىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئەڭ مۇھىم ئەسىرى «ئىلىم تارىخى تەتقىقاتغا مۇقەددىمە (مقدمة لدراسة تاريخ العلم)».
([2]) فورمال لوگىكىچى فورفوريوس مىلادى 3 – ئەسىردە تۈزگەن كىتاب بولۇپ، مەنتىق ئىلمىنىڭ مۇقەددىمىسى ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر ماقالىنىڭ ئەرەبچىسىدە «إيساغوس» دەپ يېزىلغان. بۇ مەتبە خاتالىقى بولسا كېرەك _ ت.
①[3] لوگىكىلىق فورما كۆزدە تۇتۇلغان.
([4]) چاچ، قاش – كۆز، تىرناق ۋە تېرە قاتارلىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئەزالار.