پىلسىرات كۆۋرۈكى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، پىلسىرات كۆۋرۈكىنىڭ سۈپەتلىرى قايسى؟ كىشىلەر ئۇنىڭدىن قانداق ئۆتىدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق قانداق ئايەت، ھەدىسلەر بار؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

پىلسىرات دوزاخ ئۈستىگە قويۇلغان بىر كۆۋرۈك بولۇپ، بۇ كۆۋرۈكتىن مۆمىن بىلەن كافىر ئۆتىدۇ. مۆمىن ئۆتۈپ جەننەتكە، كافىر بولسا ئۆتەلمەي دوزاخقا چۈشۈپ كېتىدۇ.

بەندىلەرنىڭ سىراتتىن ئۆتۈشىدىكى ھېكمەت شۇكى، مۆمىنلەرنىڭ دوزاختىن قۇتۇلىدىغانلىقى نامايان بولۇش، بىللە ئۆتكەن مۆمىنلەرنىڭ قۇتۇلۇپ كېتىشى بىلەن كافىرلارغا ھەسرەت – نادامەت بولۇشتۇر.

پىلسىرات ياكى قۇرئاندا كەلگەن ئىبارە بويىچە «سىرات» قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئېتىقاد قىلىش كېرەك بولغان غەيبىيات(1) قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى ئىنكار قىلغان كىشى كافىر بولۇپ كېتىدۇ.

ئايەت – ھەدىسلەردىن دەلىللەر: [سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ. بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر. ئاندىن تەقۋادارلارنى جەھەننەمدىن قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز].(2)

بۇ ئايەتتىكى «ۋۇرۇد» دېگەن سۆزدىن مەقسەت دوزاخقا كىرىشمۇ ياكى ئۈستىدىن ئۆتۈشمۇ؟ بۇ ھەقتە سەلەف ئالىملار ئوتتۇرىسىدا كۆزقاراش ئوخشاش ئەمەس. توغرا قاراش: «ۋۇرۇد» دېگەن سۆزدىن مەقسەت ئالدىغا بېرىش، سىراتتىن ئۆتۈش بولۇپ، بۇ دوزاخقا كىرىش ئەمەس. ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ھەسەن بەسرى، قەتادە قاتارلىقلار شۇنداق تەپسىر قىلغان.(3)

بۇ ئۆتۈشنىڭ ئۆزى ئاللاھ تائالانىڭ يۇقىرىقى ئايەتتە قىلغان قەسىمىنى بۇزمايدىغان دەرىجىدە(4) دوزاخ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قايسىبىر مۇسۇلماننىڭ ئۈچ بالىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولسا، دوزاخقا كىرمەيدۇ، پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ قەسىمى بۇزۇلمايدىغان بىر دەرىجىدە ئۈستىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.»(5)

ئىمام نەۋەۋى دەيدۇ: «توغرىسى، ئايەتتىكى «ۋۇرۇد» دېگەن سۆزدىن مەقسەت سىرات ئۈستىدىن ئۆتۈش بولۇپ، ئۇ جەھەننەم ئۈستىگە قويۇلغان بىر كۆۋرۈكتۇر، نەتىجىدە، دوزاخ ئەھلى ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ، باشقىلار ئۆتۈپ كېتىدۇ».(6)

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇممۇ بىشر ماڭا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: ئۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەفسەنىڭ قېشىدا مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «دوزاخقا دەرەخ ئاستىدا بەيئەت قىلغانلاردىن ھېچكىم كىرمەيدۇ». ھەفسە: ياق كىرىدۇ يارەسۇلەللاھ! دېۋىدى، رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا كايىدى. ھەفسە: [سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ] دېگەن ئايەتنى ئوقۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە مۇنداق دېگەن: [ئاندىن تەقۋادارلارنى جەھەننەمدىن قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز]» دېدى.(7)

سىراتقا يەنە «ياسىن» سۈرىسى 66 – ئايەت بىلەن «ساففات» سۈرىسى 23 – ئايەتلەردىكى سىرات سۆزىمۇ دالالەت قىلىدۇ.

سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: سەئىيد ئىبنى مۇسەييەب بىلەن ئەتا ئىبنى يەزىد ئەللەيسىي ئىككىيلەن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: كىشىلەر: يارەسۇلەللاھ! قىيامەت كۈنى رەببىمىزنى كۆرەمدۇق؟ دەپ سورىۋىدى. رەسۇلۇللاھ: «تولۇن ئاينى بۇلۇت توسۇۋالمىغان چاغدا كۆرۈشتىن گۇمانلىنامسىلەر؟» دېدى ئۇلار: گۇمانلانمايمىز يارەسۇلەللاھ! دېيىشتى. «بۇلۇت توسۇۋالمىغان چاغدا كۈننى كۆرۈشتىن گۇمانلىنامسىلەر؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار: ياق دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «ئۇنداق بولسا رەببىڭلارنى ئاشۇنداق ئېنىق كۆرۈسىلەر. قىيامەت كۈنى خالايىق مەھشارگاھقا توپلانغاندا ئاللاھ تائالا: «كىم نېمىگە ئىبادەت قىلغان بولسا شۇنىڭغا ئەگەشسۇن» دەپ جاكارلىغاندا، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قۇياشقا، بەزىلىرى ئايغا، بەزىلىرى بۇتلارغا ئەگىشىپ ماڭىدۇ، مۇشۇ ئۈممەتلا ئارىسىدىكى مۇناپىقلىرى بىلەن بىللە قالىدۇ. بۇ چاغدا ئاللاھ بۇ ئۈممەتكە كېلىپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار بولىمەن» دەيدۇ. ئۇلار: «رەببىمىز بىزنىڭ ئالدىمىزغا يېتىپ كەلگەنگە قەدەر مۇشۇ جايىمىزدا تۇرىمىز، رەببىمىز كەلسە ئۇنى بىز تونۇيمىز» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۆز سۈرىتىدە كېلىپ: «مەن سىلەرنىڭ رەببىڭلار» دەيدۇ، ئۇلار ئاللاھنى تونۇپ: «سەن بىزنىڭ رەببىمىز» دەيدۇ، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى چاقىرىدۇ. دوزاخنىڭ ئۈستىگە كۆۋرۈك سېلىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۈممىتىنى ئېلىپ ئەڭ ئالدىدا سىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتىدىغان كىشى مەن بولىمەن. بۇ يەردە پەيغەمبەرلەردىن باشقا ھېچ ئادەم سۆز قىلمايدۇ. پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىمۇ: «ئى ئاللاھ! ساقلىغايلا! ساقلىغايلا!» دېگەندىن ئىبارەت بولىدۇ. دوزاختا سەئداننىڭ(8) تىكىنىدەك قارماقلار بار، سىلەر سەئدان تىكىنىنى كۆرگەنمىدىڭلار؟». ساھابىلار: ھەئە «كۆرگەن» دېيىشتى. رەسۇلۇللاھ: «ئۇنداقتا ئۇلار سەئداننىڭ تىكىنىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ نەقەدەر چوڭلۇقىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. قارماقلار كىشىلەرنى قىلمىشلىرىغا قاراپ قاماپ ئالىدۇ، ئۇلاردىن قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلىنىدىغانلىرى، يەنە ئۇلاردىن قىچىنىڭ دانىسىدەك قىيما – چىيما قىلىپ تاشلانغاندىن كېيىن ئاندىن قوتۇلىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. ئاللاھ تائالا ئەھلى دوزاخ ئىچىدىن خالىغانلارغا رەھمەت قىلماقچى بولسا پەرىشتىلەرنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلارنى دوزاختىن ئېلىپ چىقىشقا بۇيرۇيدۇ. پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ پېشانىسىدىكى سەجدە ئىزلىرىدىن ئاللاھقا ئىبادەت قىلغانلىقىنى تونۇپ، ئۇلارنى دوزاختىن ئېلىپ چىقىدۇ. ئاللاھ دوزاخقا ئادەم بالىسىدىكى سەجدىنىڭ ئىزىنى كۆيدۈرۈشىنى ھارام قىلىۋەتكەن بولۇپ، شۇنداق قىلىپ ئۇلار دوزاختىن قۇتۇلىدۇ. ئادەم بالىسىنىڭ سەجدە قىلغان ئەزالىرىدىن باشقا ھەممە ئەزاسىنى دوزاخ كۆيدۈرىدۇ. ئۇلار دوزاختىن كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ھالەتتە چىقسا، ئۇلارنىڭ ئۈستى – بېشىغا ھاياتلىق سۈيى قۇيۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئەزالىرى، خۇددى كەلكۈننىڭ لاتقىلىرىدا ئۇرۇق ئۈنۈپ چىققاندەك، تېز ئۈنۈپ چىقىدۇ. ئاندىن ئاللاھ بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىشنى تاماملايدۇ. ئۇ چاغدا جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ ئارىسىدا دوزاخ تەرەپكە يۈزلىنىپ تۇرغان بىر ئادەم قالىدۇ، بۇ ئادەم جەننەتكە كىرىدىغان دوزاخ ئەھلىنىڭ ئاخىرقىسى بولىدۇ. ئۇ ئادەم: «ئى رەببىم! دوزاخنىڭ شامىلى دېمىمنى سىقىۋەتتى، يالقۇنى مېنى كۆيدۈرۈۋەتتى. شۇڭا، يۈزۈمنى دوزاختىن بۇراپ قويساڭ» دەيدۇ، ئاللاھ ئۇنىڭغا: «بۇ تەلىپىڭ ئورۇندالسا، بەلكىم باشقىنى سورارسەن؟» دەيدۇ. ئۇ ئادەم: «ئى ئاللاھ! ھەققى – ھۆرمىتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ھەرگىزمۇ باشقىنى سورىمايمەن» دەپ ئاللاھقا نۇرغۇن ۋەدە – قەسەملەرنى بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنى دوزاختىن بۇراپ جەننەتكە يۈزلەندۈرگەندە ئۇ جەننەتنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرۈپ بىر ھازا چىداپ جىم تۇرىدۇ. ئاندىن: «ئى رەببىم! مېنى جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئېلىپ بارساڭ» دەيدۇ. جانابىي ئاللاھ: «باشقىنى سورىماسلىققا ۋەدە – قەسەملەر بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟» دەيدۇ. ئۇ كىشى: «ئى رەببىم! مەن سېنىڭ ئەڭ شەقىي بەندەڭ بولمىغايمەن» دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: «ئەگەر سورىغان نەرسەڭنى بەرسەم، بەلكىم يەنە باشقىنى سورارسەن؟» دەيدۇ. ئۇ كىشى: «ياق، رەببىم! ھەققى – ھۆرمىتىڭ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن باشقا نەرسە سورىمايمەن» دەپ ئاللاھقا نۇرغۇن ۋەدە – قەسەملەرنى بېرىدۇ. ئاللاھ ئۇنى جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ، ئۇ جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، جەننەتنىڭ گۈل – چېچەكلىرىنى، ئۇنىڭدىكى گۈزەللىك ۋە شاد – خوراملىقنى كۆرۈپ بىر ھازا چىداپ جىم تۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن: «ئى رەببىم! مېنى جەننەتكە كىرگۈزگىن، دەيدۇ. ئاللاھ تائالا: ۋاي ئىسىت ساڭا! ئى ئادەم بالىسى، نېمە دېگەن گېپىڭدە تۇرمايدىغان ئادەمسەن، ئورۇندالغان تەلىپىڭدىن باشقا نەرسىنى سورىمايمەن، دەپ ۋەدە – قەسەملەرنى بەرمىگەنمىدىڭ؟» دەيدۇ. ئۇ ئادەم: «ئى رەببىم! مېنى ئەڭ شەقىي بەندەڭ قىلىپ قويمىغىن» دەيدۇ. ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇنىڭ ھالىدىن كۈلىدۇ. ئاندىن ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئىجازەت قىلىپ ئۇنىڭغا: «ئارزۇ – ئارمانلىرىڭنى دېگىن» دەيدۇ. ئۇ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ئېيتىپ رەببىدىن تىلەپ پەقەت قالمىغان چاغدا، ئاللاھ ئەززە ۋەجەللە ئۇنىڭغا: «ماۋۇ – ماۋۇلارنى ئارزۇ قىلغىن» دەپ ئۇنىڭ يادىغا سېلىپ قويىدۇ. ئاخىرى ئۇنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى تۈگەپ قالغاندا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: «بۇ ئارزۇ – ئارمانلىرىڭ سېنىڭ بولسۇن، يەنە ئۇنىڭ بىلەن بىر ھەسسىسى بىللە بولسۇن» دەيدۇ».(9)

ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «ماڭا يېتىپ كەلدىكى، كۆۋرۈك قىلدىنمۇ ئىنچىكە، قىلىچنىڭ بىسىدىنمۇ ئۆتكۈر».(10)

ئىمام نەۋەۋى دەيدۇ: «بۇ ھەدىستە سىراتنى ئىسپاتلاش بار بولۇپ، ھەق ئەھلىنىڭ مەزھىپى ئۇنى ئىپساتلاشتۇر، سەلەف ئۇنى ئىسپاتلاشتا بىردەك ئىجما قىلغاندۇر، ئۇ دوزاخ ئۈستىدىكى بىر كۆۋرۈك بولۇپ، بارلىق ئىنسانلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئۆتىدۇ. مۆمىنلەر بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئەھۋاللىرى، مەرتىۋىلىرىگە يارىشا قۇتۇلۇپ كېتىدۇ، باشقىلار ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ. كەرىم ئاللاھ بىزنى ئۇنىڭدىن ساقلىغاي! بىزنىڭ مۇتەكەللىملەر ۋە سەلەفلەردىن بولغان ئۇستازلىرىمىز ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ بابتا رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كەلگىنى بويىچە، سىرات قىلدىنمۇ ئىنچىكە، قىلىچنىڭ بىسىدىنمۇ ئۆتكۈر دەپ قارايدۇ. ۋەللاھۇ تائالا ئەئلەم».(11)

سىراتنىڭ بەزى تەپسىلىي سۈپەتلىرىدە ئالىملارنىڭ قاراشلىرى ئوخشاش ئەمەس. لېكىن، بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز كېرەك بولغىنى شۇكى، ئاخىرەتتە سىرات دېگەن نەرسە بار.

كىشىلەر دۇنيادىكى ئەمەللىرىگە قاراپ سىراتتىن ئۆتۈش ئەھۋالى ئوخشاش بولمايدۇ، ئۇلار ئىككى گۇرۇھ بولۇپ، بىرى، سىراتتىن دوزاخقا چۈشۈپ كېتىشتىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. يەنە بىرى، ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ.

دوزاخقا چۈشۈپ كەتكەن گۇرۇھمۇ ئىككى قىىسمغا ئايرىلىدۇ، بىر قىسمى كافىر، مۇناپىقلار بولۇپ، ئۇنىڭدا مەڭگۈلۈك قالىدۇ. يەنە بىر قىسمى ئاللاھ تائالا خالىغان مۇددەتكىچە دوزاختا تۇرۇپ ئاندىن چىقىدىغانلار. ئۇلار بولسا، مۆمىنلەرنىڭ ئاسىيلىرىدۇر.

دوزاختىن ئۆتۈش تېزلىكى بەزى ھەدىسلەردە لاپپىدە قارىغانغا شامالغا، ئۇچار قۇشقا، دۇلدۇلغا ئوخشىتىلغان بولسا، بەزىلىرى يۈگۈرۈپ، بەزىلەر مېڭىپ بەزىلەر ئۆمىلىگەن ھالدا ئۆتىدۇ، دېيىلگەن.

قىيامەت كۈنى بىر دەھشەتتىن ئۆتۈپ يەنە بىر دەھشەتكە، بىر قورقۇنچتىن يەنە بىر قورقۇنچقا ئۇچرايدىغان كۈن بولغاچقا، قەلبلەر دەھشەتكە تولۇپ قورقۇپ كېتىدۇ. سىراتتىن ئۆتۈش باسقۇچىمۇ ئاشۇ دەھشەتلىك باسقۇچلارنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيادا ئىمان ئېيتىپ، سالىھ ئەمەللەرنى قىلىشتا ساباتلىق بولغان ئادەم، قىيامەت كۈنىمۇ سىراتتا ساباتلىق بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن مۆمىنلەر يەنە بىر كۆۋرۈككە سولاپ قويۇلىدۇ.

ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۆمىن بەندىلەر دوزاخ ئۈستىدىكى پىلسىراتتىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، دوزاخ بىلەن جەننەت ئارىسىدىكى چوڭ بىر كۈۋرۈك ئۈستىدە توختىتىپ قويۇلۇپ، دۇنيادىكى چاغلىرىدا بىر – بىرىدە قالغان قىساس ۋە ھەقلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاخىرى پاكلانغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە ئىجازەت قىلىنىدۇ. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جېنى ئىلىكىدە بولغان زات بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇلارنىڭ بىرى جەننەتتىكى تۇرالغۇسىنى دۇنيادىكى ئۆيىدىنمۇ ياخشىراق تونۇيدۇ»(12)

قەدەملەر تېيىلىپ كېتىدىغان ئاشۇ دەھشەتلىك كۈندە ئاللاھ قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلسۇن، بىزنى ئۆز پەزلى كەرەمى بىلەن دوزاختىن قۇتقۇزۇپ جەننەت ئەھلىدىن قىلىۋەتسۇن! ئامىن.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 7. 7

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 20 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————————

1. غەيبىيات: ئىنسان ھېس – تۇيغۇلىرى بىلەن بىلەلمەيدىغان، پەقەتلا ۋەھىي ئارقىلىق بىلگىلى بولىدىغان مەلۇماتلار.
2. «مەريەم» سۈرىسى، 71 – 72 – ئايەتلەر.
3. «تفسير الطبري»، 16/110 «روح المعاني»، 16/121 «المحرر الوجيز»، 4/27.
4. يۇقىرىقى ئايەتتىكى ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ.] دېگەن سۆزى قەسەمدىن ئىبارەت بولۇپ، تەقۋادارلار پەقەتلا ئاللاھ تائالانىڭ ئاشۇ قەسىمى بۇزۇلمايدىغان بىر دەرىجىدە دوزاخ ئۈستىگە بارىدۇ. «غريب الحديث» ھىرەۋى 2/17.
5. «بۇخارىي»، 1251 – ھەدىس.
6. «شرح صحيح مسلم»، 16/58.
7. «مۇسلىم»، 2496 – ھەدىس.
8. سەئدان: ھەممە تەرىپى يوغان تىكەنلەر بىلەن قاپلانغان بىر خىل ئۆسۈملۈك. «شرح صحيح مسلم»، نەۋەۋى 3/21)
9. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 806 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 182 – ھەدىس. بۇخارىدىن نەقل قىلىندى.
10. «مۇسلىم»، 183 – ھەدىس.
11. «شرح صحيح مسلم»، 3/20.
12. «بۇخارىي»، 6535 – ھەدىس.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.