دەججال چىقىش ئالدىدا كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دەججال چىقىش ئالدىدا قانداق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ؟ ئەگەر ئۇ چىقسا قانداق قىلىپ پىتنىسىدىن ساقلىنىمىز؟ ئۇنى قانداق تونۇيمىز؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانا جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولسۇن.

دەججال دېگەن سۆز: يالغانچى، كاززاپ، كۆز بويامچى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئارىلاشتۇرىۋەتكۈچى، قاپلىۋەتكۈچى دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئۇنىڭ پىتنىسى پۈتۈن دۇنيانى قاپلايدىغان بولغاچقا، شۇنداق دېيىلگەن. يەنە ئۇ يەكچەشمە بولۇپ، ئوڭ كۆزىنىڭ ئورنى سۈرتۈلگەندەك تۈپتۈز بولغاچقا، مەسىھ دەپ ئاتالغان.(1)

قۇرئان كەرىم دەججالنىڭ چىقىشىغا مۇنداق ئىشارەت قىلغان:

[رەببىڭنىڭ بەزى ئايەتلىرى كېلىدىغان كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ].(2)

ئابدۇراھمان ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «تاكى دەۋاسى بىر بولغان ئىككى چوڭ مۇسۇلمانلار جامائىتى ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ ئوتتۇرىسىدا چوڭ قىرغىنچىلىق بولمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. يەنە ھەر بىرى مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دەپ دەۋا قىلىدىغان ئوتتۇزغا يېقىن كاززاپ دەججال ئوتتۇرىغا چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. يەنە ئىلىم كۆتۈرۈلۈپ، يەر تەۋرەش كۆپىيىپ، ۋاقىت قىسقىراپ، پىتنىلەر ئاۋۇپ، قىرغىنچىلىق كۆپ بولۇپ، مال – مۈلۈك كۆپىيىپ ئېشىپ تاشمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا مال – دۇنيا كۆپىيىپ ئېشىپ – تېشىپ، مال – دۇنيا ئىگىسى سەدىقىسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم ئىزدەپ باش قاتۇرىدىغان، ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭغا سەدىقىسىنى تەڭلىسە، ئۇ ئادەم: بۇنىڭغا ھاجىتىم يوق، دېمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. يەنە كىشىلەر ئېگىز ئىمارەتلەرنى سېلىش بىلەن پەخىرلەنمىگىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. يەنە بىر كىشى بىر كىشىنىڭ قەبرىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ (غەم – ئەندىشىسىنىڭ كۆپلۈكىدىن): ئۇنىڭ ئورنىدا بولغان بولسامچۇ؟ دەپ قالمىغىچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. يەنە تاكى قۇياش كۈنپېتىشتىن چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ. قۇياش چىقىپ خالايىق ئۇنى كۆرگەندە زېمىن ئۈستىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئىمان ئېيتىدۇ. مانا ئاشۇ چاغ [ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ](3) دېگەن چاغدۇر.

قىيامەت چوقۇم ئىككى كىشى رەختلىرىنى ئالدىلىرىغا يېيىپ تېخى سودىسىنى پۈتتۈرۈپ ياكى ئۇنى قاتلاپ يىغىپ بولغىچە قايىم بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم كىشى سۈتلۈك تۆگىسىنىڭ سۈتىنى سېغىپ قايتىپ تېخى ئۇنى ئىچىپ بولغىچە بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم ئۇ كىشى ئوقۇرىغا لاي سۇۋاۋېتىپ تېخى ئۇنىڭدا ئۇلىغىنى سۇغارماستىنلا قايىم بولۇپ كېتىدۇ. قىيامەت چوقۇم كىشى لوقمىسىنى ئاغزىغا ئاپىرىشىغا قايىم بولۇپ كېتىپ ئۇنى يېيەلمەي قالىدۇ».(4)

يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ئۈچ نەرسە باركى ئۇلار چىقسا [ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغان كىشىگە ئۇ كۈندە ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ]. بىرى، كۈننىڭ مەغرىبتىن چىقىشى، يەنە بىرى، دەججالنىڭ چىقىشى ۋە زېمىن ئۇلىغىنىڭ(5) ئورتىغا چىقىشى».(6)

يۇقىرىقى ھەدىسلەردە دەججال چىقىش ئالدى – كەينىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ چاغقا قەدەر ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ئىمان ئېيتىشى كار قىلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

دېمەك، ئايەتتە دەججال توغرىسىدا «رەببىڭنىڭ ئايەتلىرى» دەپ ئاشۇنداق بايان كەلگەن. بۇ ئايەتلەرنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئەنە شۇنداق تەپسىر قىلغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، دەججالنىڭ چىقىشى كېلەچەكتە بولىدىغان بىر غەيب، قىيامەتنىڭ بىر ئالامىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن قۇرئاندىمۇ، مۇتەۋاتىر ھەدىسلەردىمۇ كەلگەن بىر ھەقىقەتتۇر.

تۆۋەندە دەججال ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەردىن يەنە بىرقانچە مىسال ئېلىپ ئۆتەيلى، بۇنىڭ بىلەن دەججالنى ئىنكار قىلغان خاۋارىجلار، جەھمىييەلەر ۋە بەزى مۆتەزىلىلەرگە، شۇنداقلا ئۆزىنى قۇرئانچىلار دەپ ئاتىۋالغان بۇزۇق تائىپىگىمۇ رەددىيە بەرگەن ھەمدە ئەھلى سۈننە مەزھىپىنى ئىسپاتلىغان بولىمىز.

فاتىمە بىنتى مۇنزىر رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىزى ئەسما رەزىياللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: كۈن تۇتۇلغاندا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئايالى ئائىشەنىڭ يېنىغا كەلسەم كىشىلەر ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن. ئۇمۇ تۇرۇپ ناماز ئوقۇۋېتىپتۇ، مەن: «كىشىلەرگە نېمە بولدى؟» دېسەم، ئائىشە ئاسمانغا ئىشارەت قىلىپ: «سۇبھانەللاھ!» دېدى. مەن: «كۈننىڭ تۇتۇلۇش ئالامىتىمۇ؟» دېسەم ئائىشە بېشىنى لىڭشىتىپ: «ھەئە» دېدى. مەن دەرھال نامازغا تۇردۇم، ئاخىرى بېشىم قېيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى، مەن بېشىمغا سۇ قۇيغىلى تۇردۇم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم نامازدىن يېنىپ ئۇلۇغ ئاللاھقا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ ھەمدۇسانا ئېيتقاندىن كېيىن: «مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان شەيئىلەرنىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا جەننەت بىلەن دوزاخنىمۇ مۇشۇ ئورنۇمدا كۆردۈم، ئاندىن ماڭا شۇنداق ۋەھىي قىلىندىكى، سىلەر قەبرەڭلاردا دەججالنىڭ پىتنىسىگە ئوخشايدىغان – ياكى يېقىن كېلىدىغان – (فاتىمە: ئەسمانىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق دەيدۇ) پىتنە بىلەن سىنىلىسىلەر، بىرىڭلار كەلتۈرۈلۈپ ئۇنىڭدىن: «بۇ ئادەمگە قانداق قارايسەن؟» دەپ سورىلىدۇ. مۆمىن ئادەم – ياكى جەزمەن ئىشەنگۈچى – (فاتىمە: ئەسمانىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق دەيدۇ) بولسا: «ئۇ بولسا بىزگە ئېنىق مۆجىزىلەر ۋە ھىدايەت بىلەن كەلگەن ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدتۇر، بىز ئۇنىڭ دەۋىتىگە ئاۋاز قوشتۇق ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق» دەيدۇ. ئۇ ئادەمگە: «سەن سالىھ بەندىلەردىن بولغان ھالىتىڭدە ئۇخلىغىن، سېنىڭ پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۈرىدىغانلىقىڭنى بىز بىلەتتۇق« دېيىلىدۇ. مۇناپىق – ياكى شەكلەنگۈچى – (فاتىمە: ئەسمانىڭ بۇ ئىككى سۆزنىڭ قايسىنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق دەيدۇ) بولسا: »بىلمەيمەن، كىشىلەر نېمە دېگەن بولسا، ئاڭلاپ شۇنى دېدىم» دەيدۇ» دېدى.(7)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم (نامازدا) مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: «ئى ئاللاھ! ھۇرۇنلۇقتىن، بەك قېرىپ كېتىشتىن، گۇناھتىن، قەرزدارلىقتىن، قەبرە سىنىقىدىن، قەبرە ئازابىدىن، دوزاختىكى سوئال – سوراق سىنىقىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، بايلىق سىنىقىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، يەنە نامراتلىق سىنىقىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن، ئى ئاللاھ! مەندىن گۇناھلىرىمنى قار، مۆلدۈر سۇلىرى بىلەن يۇيۇۋەتكەيسەن، دىلىمنى گۇناھلاردىن خۇددى ئاق كىيىمدىن كىرنى تازىلىۋەتكەندەك تازىلىۋەتكەيسەن، مەن بىلەن گۇناھلىرىمنىڭ ئارىسىنى خۇددى مەشرىق بىلەن مەغرىب ئارىسىنى يىراق قىلغىنىڭدەك يىراق قىلىۋەتكەيسەن».(8)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بۇ كېچە چۈشۈمدە ئۆزۈمنى كەئبىنىڭ يېنىدا كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بۇغداي ئۆڭ كىشىلەر ئىچىدە كۆرۈپ باققان ئەڭ چىرايلىق بۇغداي ئۆڭ بىر كىشىنى كۆردۈمكى، ئۇنىڭ سەن كۆرۈپ باققان چاچلار ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق چاچتەك چېچى بار، چېچىنى يۇيۇپ – تارىۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن سۇ تامچىپ تۇرىدۇ. ئىككى ئادەمگە – ياكى ئىككى ئادەمنىڭ مۈرىسىگە – تايىنىپ تۇرۇپ، بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىۋېتىپتۇ. مەن ئۇنى كۆرۈپ: بۇ كىم؟ دەپ سورىسام: مەريەمنىڭ ئوغلى مەسىھ، دېيىلدى. ئاندىن كېيىن شۇنداق قارىسام كەينىدە چاچلىرى ئەلتېرىدەك بۈدۈر، ئوڭ كۆزى كور، ئۇنىڭ بىر كۆزى خۇددى پۇلتىيىپ چىققان بىر تال ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ. مەن ئۇنى كۆرۈپ: بۇ كىم؟ دەپ سورىسام: مەسىھ دەججال، دېيىلدى».(9)

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامىزىدا دەججالنىڭ سىنىقىدىن پاناھ تىلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان.(10)

ئەبۇ ئالىيە رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: بىزگە پەيغەمبىرىڭلارنىڭ تاغىسىنىڭ ئوغلى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «ئىسرا كېچىسى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىلغىنىمدا مۇسانى كۆردۈم. ئۇ بۈدۈر چاچ، قارامتۇل، خۇددى شەنۇئەلىكلەردەك ئېگىز بوي ئىدى. يەنە ئەيسانى كۆردۈم، ئۇ ئارا بوي، ئاق پىشماق، قىزغۇچراق، چېچى سېلىنىپ تۇرىدىغان كىشى ئىدى. يەنە دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتە مالىكنىمۇ، دەججالنىمۇ كۆردۈم». شۇ قاتاردا ئاللاھ رەسۇلۇللاھقا يەنە بىر مۇنچە ئالامەتلەرنى كۆرسەتتى. شۇڭا، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇسانى كۆرگەنلىكىدىن شەكلەنمە.

ئەنەس ۋە ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «پەرىشتىلەر مەدىنىنى دەججالنىڭ كىرىشىدىن ساقلايدۇ».(11)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ ئوغلى زەيد ئاتىسى ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، بىز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئارىمىزدىكى چاغدا ھەججەتۇل ۋىدا دەپ پاراڭلىشاتتۇق، ئەمما ھەججەتۇل ۋىدانىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئاتالغانلىقىنى بىلمەيتتۇق. ئاشۇ ھەجدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاجىلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ ئاللاھقا لايىق رەۋىشتە سانا ئوقۇدى. ئاندىن مەسىھ دەججالنى تىلغا ئېلىپ ئۇزۇن توختىلىپ: «ئاللاھ ئەۋەتكەنلىكى پەيغەمبەر ئۆز قەۋمىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان. نۇھمۇ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى پەيغەمبەرلەرمۇ ھەم ئۆز قەۋملىرىنى دەججالدىن ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا چىقىدۇ، ئۇنىڭ ئەھۋاللىرىنى بىلەلمەي قالغىنىڭلار بىلەن رەببىڭلارنى بىلمەي قالمايسىلەر. رەببىڭلار سىلەرگە ناتونۇش ئەمەستۇر، – بۇنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىدى – رەببىڭلار يەكچەشمە ئەمەس، دەججال بولسا ئوڭ كۆزى كوردۇر، ئۇنىڭ بىر كۆزى خۇددى پۇلتىيىپ چىققان بىر تال ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ».(12)

ئۇبەي ئىبنى كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھۇزۇرىدا دەججالنىڭ گېپى بولۇۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «كۆزى شېشىدەك ياپ – يېشىل» دېگەن.(13)

قەتادە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھەرقانداق بىر پەيغەمبەر ئۆز ئۈممىتىنى يەكچەشمە كاززاپتىن (دەججالدىن) ئاگاھلاندۇرغان، بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ يەكچەشمىدۇر. رەببىڭلار بولسا يەكچەشمە ئەمەستۇر. دەججالنىڭ قوشۇمىسىغا «كافىر» دەپ يېزىلغان». بۇ ھەقتە يەنە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالار رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ھەدىس رىۋايەت قىلغاندۇر.(14)

يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «دەججالنىڭ قوشۇمىسىغا «كافىر» دەپ يېزىلغان، ئۇنى ئۇنىڭ ئىشىنى يامان كۆرگەن ھەر بىر كىشى – ياكى مۆمىن – ئوقۇيدۇ». يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىلىۋېلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ھېچقايسىڭلار تاكى ئۆلگەنگە قەدەر رەببى ئەززە ۋەجەللەنى ھەرگىز كۆرمەيدۇ».(15)

يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن دەججالنىڭ سۈپەتلىرى مەلۇم بولىدۇ. ئۇنىڭ چاچلىرى ئەلتېرىدەك بۈدۈر، ئوڭ كۆزى كور، سول كۆزى ياپ – يېشىل بولۇپ خۇددى پۇلتىيىپ چىققان ئۈزۈمگە ئوخشايدۇ. قوشۇمىسىغا «كافىر» دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇنى ساۋاتلىق ياكى ساۋاتسىز ھەر بىر مۆمىن ئوقۇيالايدۇ.

يەنە يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن دەججالنىڭ چىقىشىنىڭ قىيامەتنىڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ.

يەنە ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە دەججالنىڭ تۇغماس ئىكەنلىكى ۋە مەككە بىلەن مەدىنىگە كىرەلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.(16)

ئىسھاق رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەن: «مەككە بىلەن مەدىنىدىن باشقا ھەرقانداق شەھەرگە پات ئارىدا دەججال دەسسىمەي قالمايدۇ. مەدىنىنىڭ ھەربىر كىرىش ئېغىزىدا سەپ – سەپ پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلار مەدىنىنى قوغدايدۇ، ئاندىن مەدىنە پۈتۈن ئاھالىسى بىلەن ئۈچ قېتىم قاتتىق تەۋرىلىپ، (ئاخىرقىسىدا) ئاللاھ بارلىق كافىر، مۇناپىقلارنى مەدىنىدىن چىقىرىۋېتىدۇ».(17)

ئۇبەيدۇللاھ ئىبنى ئابدۇللاھ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ سەئىيد ئەلخۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە دەججال توغرۇلۇق ئۇزۇن سۆز قىلىپ بەرگەن، بىزگە سۆزلەپ بەرگەنلىرىنىڭ بىر قىسمىدا مۇنداق دېگەن: «دەججال مەدىنىگە كىرىش ئۈچۈن، مەدىنىنىڭ شورلۇق بىر يېرىگە كېلىدۇ، ۋەھالەنكى دەججالغا مەدىنە كوچىلىرىغا كىرىش ھارام قىلىنغان. ئاشۇ كۈنى دەججالنىڭ ئالدىغا كىشىلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى بىر ئادەم چىقىپ: گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، سەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىزگە گېپىنى قىلىپ بەرگەن دەججالدۇرسەن، دەيدۇ. دەججال ئەگەشكۈچىلىرىگە: ئېيتىڭلارچۇ، مەن بۇ ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن تىرىلدۈرسەم، بۇ ئىشتىن (ئىلاھلىقىمدىن) شەكلىنەمسىلەر؟ دېگەندە، ئۇلار: ياق، شەكلەنمەيمىز، دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن دەججال ئۇ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن تىرىلدۈرىدۇ. ئۇنى تىرىلدۈرگەندە ئۇ كىشى يەنە: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن دەججالنى بۈگۈنكىدەك ئوبدان تونۇپ باقمىغان، دەيدۇ. دەججال: مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن دېسەممۇ ئۆلتۈرەلمەيمەنغۇ؟ دەيدۇ».(18)

ھافىز ئىبنى ھەجەر مۇنداق دەيدۇ: «ئۆلتۈرۈپ، تىرىلدۈرۈش پەيغەمبەرلەرنىڭ كاتتا مۆجىزىلىرىدىن تۇرسا، ئىلاھلىق دەۋاسى قىلىدىغان بىر كاززاپ ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىدۇ؟ جاۋاب: بۇ بەندىلەرنى سىناش ئۈچۈن بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ قولىدا ئۇنىڭ قىلغان دەۋاسىدا ھەقسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان، ئۇنىڭ يەكچەشمە ئىكەنلىكى، قوشۇمىسىغا «كافىر» دەپ يېزىقلىق ئىكەنلىكى، ئۇنى ھەر بىر مۇسۇلمان ئوقۇيالايدىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتلار بار بولغاچقا، ئۇنىڭ دەۋاسى كۇپۇرلۇق بەلگىسى، ئۆزىنىڭ ۋە قەدىر – قىممىتىنىڭ كەمتۈكلۈكى بىلەن بىرلىكتە ئاقمايدۇ. شۇڭا، ئىككىنچى قېتىم ئۆلتۈرەي دەپمۇ ئۆلتۈرەلمەيدۇ. ناۋادا ئۇ ئىلاھ بولغان بولسا، ئۇ خەتنى يۈزىدىن يوقىتىۋەتكەن بولاتتى. پەيغەمبەرلەرنىڭ مۆجىزىلىرى بولسا زىتلىقتىن خالىيدۇر».(19)

يەنە فاتىمە بىنتى قەيس رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىستە دەججالنىڭ ھايات ئىكەنلىكى، سولاپ قويۇلغان بولۇپ، كېيىن مەشرىق تەرەپتىن چىقىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.(20) يەنە بىر ھەدىستە ئۇنىڭ خوراساندىن چىقىدىغانلىقى، ئىسفاھانلىق يەھۇدىيلاردىن يەتمىش مىڭى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.(21)

يەنە دەججالغا نۇرغۇن ئاياللار ئەگىشىدىغانلىقىمۇ بايان قىلىنغان.(22)

«مۇسلىم»دىكى بەزى ھەدىسلەردە دەججال مۇسۇلمانلار بىلەن رىملىقلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان چوڭ جەڭلەردىن كېيىن چىقىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. بۇ جەڭلەردە مۇسۇلمانلار ئولجا ئېلىپ غەنىيمەتلەرنى تەقسىم قىلىۋاتقاندا دەججال چىقتى دەپ خەۋەر كېلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.(23)

دەججال ئېلىپ كېلىدىغان پىتنىلەر ھەققىدە مۇنداق سەھىھ ھەدىسلەر بار:

رىبئىي ئىبنى ھىراش رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۇقبە ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: بىزگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغانلىرىڭنى ئېيتىپ بەرمەمسەن؟ دېۋىدى، ئۇ: مەن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «دەججال چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئوت بىلەن سۇ بولىدۇ. كىشىلەر ئوت دەپ قارىغىنى ئەمەلىيەتتە، سوغۇق سۇدۇر. كىشىلەر سوغۇق سۇ دەپ قارىغىنى بولسا ئەمەلىيەتتە، كۆيدۈرىدىغان ئوتتۇر. قايسىڭلار بۇ ئەھۋالغا يولۇقسا، ئوت دەپ قارىغاننى تاللىسۇن، چۈنكى ئۇ تاتلىق سوغۇق سۇدۇر».(24)

قەيس رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، مۇغىرە ئىبنى شۇئىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ماڭا مۇنداق دېدى: ھېچكىم رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن دەججال ھەققىدە مەن سورىغاندەك كۆپ سوراپ باقمىغان، ئۇ مەندىن: «ئۇنىڭ ساڭا نېمە زىيىنى بار؟» دەپ سورىغانتى، مەن: كىشىلەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە تاغدەك نان، دەريادەك سۇ بار، دېيىشىۋاتىدۇ، دېسەم، رەسۇلۇللاھ: «ئۇ ئاللاھقا ئۇنچىلىك بولۇشتىنمۇ قەدىرسىزدۇر» دېدى.(25)

دەججالنىڭ پىتنىسىدىن تۆۋەندىكى ئىشلار بىلەن ساقلانغىلى بولىدۇ:

1. «كەھف» سۈرىسىنىڭ بېشىدىن ياكى ئاخىرىدىن ئون ئايەت يادلاش. ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى «كەھف» سۈرىسىىنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت يادلىسا، دەججالدىن ساقلىنىپ قالىدۇ» يەنە بىر رىۋايەتتە: «كىمكى «كەھف» سۈرىسىىنىڭ ئاخىرىدىن ئون ئايەت يادلىسا، دەججالدىن ساقلىنىپ قالىدۇ» دېگەن.(^26])

«بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەسھابۇل كەھف ۋەقەلىكىدە نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ ئىشلار، مۆجىزىلەر بولغان. بۇلارنى ياخشى چۈشىنىپ ئاڭقىرىغان، مەزمۇنىنى ئۆزلەشتۈرگەن كىشى ئاگاھ بولۇپ، دەججال پىتنىسىدىن گاڭگىراپ قالماي، ئۇنىڭ پىتنىسىدىن ساقلىنالايدۇ».(27)

شۇڭا، يەنە بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالسا، ئۇنىڭغا كەھف سۈرىسىىنىڭ بېشىدىن ئون ئايەت ئوقۇسۇن» دېگەن.(28)

2. ئۇنىڭدىن نېرى تۇرۇش. ئۇممۇ شەرىيك رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىشىلەر دەججالدىن قېچىپ تاغلارغا كېتىشىدۇ» دېگەن. ئۇممۇ شەرىيك رەزىيەللاھۇ ئەنھا: ئۇنداق بولسا ئۇ كۈندە ئەرەبلەر قەيەردە؟ دەپ سورىغاندا رەسۇلۇللاھ: «ئۇلار بەك ئاز» دېگەن.(29)

3. مەككە، مەدىنىگە بېرىپ پاناھلىنىش. يۇقىرىدا دەججالنىڭ مەككە، مەدىنىگە كىرەلمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەدىسلەر بايان قىلىندى. يەنە مۇنداق كەلگەن:

ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەدىنىگە مەسىھ دەججالنىڭ قورقۇنچىسى كىرەلمەيدۇ، ئۇ كۈندە ئۇنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولىدۇ، ھەر بىر دەرۋازىدا ئىككى پەرىشتە قوغداپ تۇرىدۇ».(30)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەدىنىنىڭ كىرىش ئېغىزلىرىدا مۇھاپىزەتچى پەرىشتىلەر بار، مەدىنىگە ۋابامۇ، دەججالمۇ كىرەلمەيدۇ».(31)

4. دەججالغا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭغا: يالغان ئېيتتىڭ، رەببىم ئاللاھ! مەن ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلدىم دېيىش. بۇنداق دېسە دەججال ئۇنىڭغا زىيان ئۇرالمايدۇ، ياكى پىتنە سالالمايدۇ. سەھىھ ھەدىستە شۇنداق كەلگەن.(32)

5. دەججال پىتنىسىدىن پاناھلىق تىلەپ تۇرۇش. يۇقىرىدا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ نامازدا: «مەسىھ دەججال سىنىقىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سەندىن پاناھلىق تىلەيمەن» دەپ دۇئا قىلغانلىقى بايان قىلىندى.(33)

ئەلۋەتتە، ئەقىلنىڭ ئىسلامدا ئالاھىدە ئورنى بار، بارلىق تەكلىپلەر ئەقىلگە باغلىق. لېكىن، ئەقىل چەكلىك بولغاچقا، غەيبىياتنى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئەقىل ئۆزى يالغۇز بىلىپ بولالمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كىتابلارنى نازىل قىلغان. ئۇنداق بولغان ئىكەن، نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلانغان دەججال ۋەقەلىكىنى ئىنكار قىلىش ياكى رەت قىلىش توغرا يولدىن چەتنەپ كەتكەنلىك بولىدۇ.

 شەيخ مۇھەممەد ئەبدۇھ دەججالنى ئىنكار قىلغان. ئۇنىڭ شاگىرتى رەشىدى رىزامۇ دەججال ھەققىدىكى بەزى ھەدىسلەردىن شەكلەنگەن.(34) ھەدىسنى ئىنكار قىلىدىغان قۇرئانچىلار تائىپىسىمۇ دەججال قۇرئاندا تىلغا ئېلىنمىغان دەپ رەت قىلغان.

ئەمەلىيەتتە، دەججال ھەققىدە كەلگەن ھەدىسلەر مۇتەۋاتىر دەرىجىسىگە يېتىدۇ. يەتمەيدۇ دېگەن تەقدىردىمۇ «سەھىھەين»دىكى نۇرغۇن ھەدىسلەر بۇنىڭغا ئىشىنىشكە كۇپايە قىلىدۇ. بۇ ھەدىسلەر دەججالنىڭ قانداق مەخلۇق ئىكەنلىكى، سۈپەتلىرى، چىقىش ئورنى ۋە ۋاقتى، قولىدىن كېلىدىغان ئاجايىپ – غارايىپلار ھەققىدە بىر – بىرىگە زىت ئەمەس. شۇڭا، ئەقىلگە زىت كېلىدۇ دەپ ياكى قۇرئاندا ئېنىق بايان قىلىنمىغان دەپ دەججال ۋەقەسىنى رەت قىلىش نادانلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

دەججالنىڭ ھالاكىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانى ئاخىرىدا چۈشۈشى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر بىلەن زىچ باغلانغان، چۈنكى دەججال ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ.(35)

دېمەك، بۇ ئىككى مەسىلە ئەھلى سۈننە ئېتىقادى بويىچە ئىمان ئېيتىش كېرەك بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە غەيبكە ئىشىنىش مۆمىنلەرنىڭ ئالاھىدە سۈپىتىدۇر.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

2011. 7. 17

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 21 – نومۇرلۇق پەتۋا.

——————————

1. «لسان العرب»، 13/543؛ «شرح صحيح مسلم»، نەۋەۋى 1/79؛ «عمدة القاري»، 2/94.
2. «ئەنئام» سۈرىسى، 158 – ئايەت.
3. «ئەنئام» سۈرىسى، 158 – ئايەت.
4. «بۇخارىي»، 7121 – ھەدىس.
5. بۇ ئۇلاغ «نەمل» سۈرىسى، 82 – ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىمام ئىبنى كەسىر مۇنداق دەيدۇ: »بۇ ئۇلاغ زامانى ئاخىرىدا ئىنسانلار بۇزۇلۇپ ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تاشلىۋەتكەن، ھەق دىننى ئۆزگەرتىۋەتكەن چاغدا چىقىدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا زېمىندىن بىر ئۇلاغ چىقىرىدۇ، ئۇلاغ ئۇلارغا سۆز قىلىدۇ». «تفسير ابن كثير»، 3/375.
6. «مۇسلىم»، 158 – ھەدىس.
7. «بۇخارىي»، 1053 – ھەدىس.
8. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 6368 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 589 – ھەدىس.
9. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 6999 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 169 – ھەدىس.
10. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 7129 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 587 – ھەدىس.
11. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 3239 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 165 – ھەدىس.
12. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 4402 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 169 – ھەدىس.
13. «مسند أحمد»، 21184 – ھەدىس. ئالبانى «سەھىھ» دېگەن. «السلسلة الصحيحة»، 1863.
14. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 7131 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 2933 – ھەدىس.
15. «مۇسلىم»، 169 – ھەدىس.
16. «مۇسلىم»، 2927.
17. «بۇخارىي»، 1881 – ھەدىس.
18. «بۇخارىي»، 1882 – ھەدىس.
19. «فتح الباري»، 13/103.
([20]: «مۇسلىم»، 2942 – ھەدىس.
21. «مۇسلىم»، 2944 – ھەدىس.
22. «مسند أحمد»، 5353 – ھەدىس. ئالبانى: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
23. «مۇسلىم»، 2898 -، 2899 -، 2900 -، 2920 – ھەدىسلەرگە قارالسۇن.
24. «بۇخارىي»، 3450 -، 3451 – ھەدىس.
25. «بۇخارىي»، 7122 – ھەدىس.
26. «مۇسلىم»، 809 – ھەدىس.
27. «شرح صحيح مسلم»، 6/93.
28. «مۇسلىم»، 2937 – ھەدىس.
29. «مۇسلىم»، 2945 – ھەدىس.
30. «بۇخارىي»، 1879 – ھەدىس.
31. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 1880 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1379 – ھەدىس.
32. «مسند أحمد»، 16304. ئالبانى «السلسلة الصحيحة»دە «سەھىھ» دېگەن. 2808 – ھەدىس.
33. سەھىھەين: «بۇخارىي»، 6368 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 589 – ھەدىس.
34. «تفسير المنار»، 3/317، 9/408 – 416.
35. «مۇسلىم»، 2937 – ھەدىسكە قارالسۇن.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ.