ئوت كۆچۈرۈشنىڭ ھۆكمى

ئوت كۆچۈرۈشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم، مەن ئەقلىمگە كەلگەندىن تارتىپ دىيارىمىزدا، كىچىك بوۋاق كەچ تەرەپتە بەك كۆپ يىغلىسا كۆز تېگىپتۇ دەپ ئوت كۆچۈرىمىز دەپ، بىر ۋاراق قەغەزنى 11 گە پارچىلاپ، ئوت كۆچۈرىدىغان ئادىتىمىز بار. مۇشۇ ئوت كۆچۈرۈشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابىي ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

يۇڭ تىلەپ، تەمەچ تېرىپ ئوت كۆچۈرۈش سىز سوئالىڭىزدا بايان قىلغىنىڭىزدەك دىيارىمىزدىكى كونا بىر ئادەت ياكى بىر خۇراپات. بۇ ئادەتنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. بەلكى بۇ ئىلگىرىكى بەزى دىن – ئېتىقادلاردىن قالغان قالدۇق بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ.

ھۆكمىگە كەلسەك، بۇ ئىشلارنى قىلىش ھارام بولۇپ، ئېتىقادىي جەھەتتىن شىرك ئېتىقادقا چېتىلىپ تەۋھىد ئەقىدىسىگە تاقىشىدىغان، ئىسلامدىن غەيرى بىر دىنغا، يات ئېتىقادقا باغلانغان بىر ئىش بولىدۇ. شۇڭا، بۇنداق خۇراپاتلىقلاردىن ساقلىنىش زۆرۈر.

ئەمەلىيەتتە، بالىنىڭ كۆپ يىغلىشى مەلۇم كېسەللىكتىن ياكى بىر يېرى ئاغرىغانلىقتىن بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بالىنى دوختۇرغا كۆرسىتىش بىلەن بىللە پاناھلىق تىلەش ئايەت – دۇئالىرىنى ئوقۇپ ھۈرۈپ قويسا، بىرنەرسىگە ئوقۇپ دەمىدە قىلىپ بەرسە بولىدۇ. بۇ ئايەت – دۇئالار دەمىدە قىلىش توغرىسىدىكى پەتۋادا بايان قىلىندى.

كۆز تېگىش دىنىمىزدا ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ھەقىقەت دەپ قارىلىدۇ.

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كۆز تېگىش راست بار ئىش» دېگەن ۋە بەدەنگە گۈل چەكتۈرۈشتىن توسقان.(1)

يەنە بىر ھەدىستە: ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كۆز تېگىش ھەقىقەتتۇر، ناۋادا قەدەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىدىغان بىرەر نەرسە بولسا ئىدى، ئەلبەتتە، كۆز ئۆتۈپ كەتكەن بولاتتى. سىلەردىن غۇسۇل قىلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنسا، غۇسۇل قىلىپ بېرىڭلار» دېگەن.(2)

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن كۆزى تەگكەن كۆزى يامان كىشى بىلىنسە، ئۇنىڭدىن غۇسۇل قىلىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ. غۇسۇل قىلىنغان بۇ سۇ كۆز تەگكەن كىشىگە قۇيۇلىدۇ.

دېمەك، شەرىئىتىمىز كۆز تېگىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەتىگەن – ئاخشامدا دۇئا ۋە زىكىرلەرنى ئوقۇپ تۇرۇشنى شۇنداقلا كۆز تەگكەن ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئەزىيىتىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قويغان.

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر!

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1432، 21 – شەۋۋال / م. 2011، 19 – سېنتەبىر

«پەتۋالار مەجمۇئەسى»، 1 – توم، 19 – نومۇرلۇق پەتۋا.

—————–
1. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (5740)؛ «مۇسلىم»، (2187).
2. «مۇسلىم»، (2188).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ