شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(7)

شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(7)

قۇربانلىق ھەققىدە «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»غا كەلگەن بەزى سوئاللارغا ئىخچام جاۋابلار:

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

قۇربانلىق ھەققىدە «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى»غا كەلگەن بەزى سوئاللارغا ئىخچام جاۋابلار:

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئۆيدىكىلەر بىلمەستىن قۇربانلىققا ئاتاپ قويغان قوينىڭ يۇڭىنى قىرقىپ قويۇپتۇ، ئەمدى بۇ قوينى يەنىلا قۇربانلىق قىلساق بولارمۇ؟ باشقىلار: «بولىدۇ، ئەمما ساۋابى كېمىيىپ كېتەرمىكىن» دەيدۇ. بۇ گەپ راستمىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! قۇربانلىققا ئاتىغان مالنىڭ يۇڭىنى قىرقىغان ئەھۋالدا، قىرقىغان يۇڭنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ. لېكىن، بۇ قۇربانلىق مالنى قۇربانلىق قىلىۋەرسىڭىز بولىدۇ. يۇڭىنى قىرقىش قۇربانلىققا توسالغۇ بولمايدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! قۇربانلىق قىلىشقا قادىر بىر ئوقۇغۇچى قاھىرەدە ئوقۇۋاتىدۇ، بىراق بالىلىرى ۋەتەندە چوڭلار بىلەن بىللە تۇرۇۋاتماقتا. بۇ كىشى قۇربانلىقنى قەيەردە قىلسا توغرا قىلغان بولىدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! ئەسلىدە يۇرتى بولسۇن ياكى سەپەردىكى ھالەتتە تۇرۇۋاتقان يۇرت بولسۇن، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا قۇربانلىق قىلىدۇ. بىرەر زۆرۈرىيەت بولسا باشقا جايدا قىلسىمۇ بولىدۇ. بالا – چاقىلىرى يۇرتتا قالغان بولسا، قايسى جايدا قۇربانلىق قىلسا بولۇۋېرىدۇ. لېكىن، بالا – چاقىلىرى تۇرۇۋاتقان جايدا چوڭلار قۇربانلىق قىلىدىغان بولسا، مۇساپىر ئوقۇغۇچى ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا قۇربانلىق قىلغىنى ئەۋزەل. ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرى قۇربانلىقتىن بەھرىمەن بولسا ياخشى. ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە قۇربانلىق قىلالمايدىغانلار خېلى كۆپ بولغانلىقىمۇ ئەۋزەللىكنى تەكىتلەيدۇ.

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم! بىز ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن مۇساپىرمىز. ئائىلىمىز ھەم بار. قولىمىزدا ئىقتىساد يوق. ۋەتەندىكى چوڭلار ئەھۋالغا قاراپ، بۆلۈپ – بۆلۈپ پۇل سېلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا بىزگە قۇربانلىق قىلىش ئالدىنقى ئورۇندا تۇرامدۇ ياكى باشقا ئىشلىرىمىزغا سەرپ قىلساقمۇ بولارمۇ؟ ئەتراپىمىزدا بەزى قېرىنداشلىرىمىز «بىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا توپلىغان مېلىمىز يوق ھەمدە بىز مۇساپىر» دەپ، قۇربانلىق ئورنىغا باشقا ئىشلارنى قىلىدىكەن. مەسىلەن، بۇنىڭ قاتارىدا ساياھەت قىلىشتەك. بۇ توغرىمىدۇ ياكى ئاتا – ئانا، قېرىنداشلىرىمىز سالغان پۇل بىزگە تەئەللۇق بولۇپ، قۇربانلىق قىلىشىمىز ئەۋزەلمۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى قۇربى يېتىدىغان تۇرۇقلۇق قۇربانلىق قىلمايدىكەن، بىزنىڭ نامازگاھىمىزغا يېقىن يولىمىسۇن» دېگەن(1). مانا بۇ ھەدىستىكى تەھدىت پەقەتلا ۋاجىبنى تەرك قىلىشقىلا مۇناسىپ كېلىدۇ.

ئالىملار قۇربانلىق قىلىدىغان كىشىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ئۆلچىمى توغرىسىدا توختالغان. بەزى ئالىملار بۇ ئىقتىسادنى زاكات بېرىش ئۆلچىمى بىلەن مۆلچەرلىگەن. يەنە بەزىلەر: «ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق ئېھتىياجىدىن ئاشسا» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «ھېيت كۈنلىرى ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئېھتياجىدىن ئاشسا» دېگەن. بۇلارنىڭ قاراشلىرى ئاساسەن ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ زۆرۈر ئېھتياجىدىن ئارتۇق ئىقتىسادى بولغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاتا – ئانا سالغان پۇل سىزگە تەئەللۇق. زاكات ئۆلچىمىگە يەتسە، بىر يىل ئۆتسە زاكىتىنى بېرىسىز، قۇربانلىقمۇ قىلىسىز.

سوئال: مەلۇم بىر قوينى قۇربانلىق قىلىمەن دەپ ئاتىغان بولسا، بۇ نەزر بولۇپ قالامدۇ؟ ئاندىن ئۇ كىشى ئۇ قۇربانلىقنى يېمەمدۇ؟ ئادەتتە قۇربانلىق قويىنى ئۆزى باققانلار شۇنداق دەپ باقىدۇ.

جاۋاب: بۇ نەزر بولۇپ قالمايدۇ. ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ.

سوئال: بۇ يىل ۋەتەندە نامازنى 7 – چىسلا ئوقۇيدىكەن، بۇ خىل ئەھۋالدا ھېيت نامىزىنى سەئۇدىدىكى ۋاقىت بويىچە ئىككىنچى كۈنى ئوقۇپ، ۋەتەندىكى ۋاقىت بويىچە قۇربانلىقنى بىر كۈن بۇرۇن قىلساق بولامدۇ؟

جاۋاب: قۇربانلىقنى قىلىش ئۈچۈن ھېيت نامىزىنى ئوقۇش شەرت ئەمەس. قۇربانلىقنىڭ نامازدىن يانىدىغان چاغدىن كېيىن بولۇشى شەرت. شۇڭا، بۇ ئەھۋالدا قۇربانلىق جايىدا بولغان بولىدۇ، شارائىت سەۋەبىدىن ئىككىنچى كۈنى ھېيت نامىزىنىڭ قازاسىنى قىلغان بولىدۇ.

سوئال: بىر كىشىنىڭ بۇرۇن قازا قىلىۋەتكەن قۇربانلىقىنىڭ قازاسىنى ئادا قىلىشتا قۇربان ھېيتتا قىلسا ئەۋزەلمۇ ياكى باشقا ھەرقانداق ۋاقىتتا قىلسىمۇ ساۋابى ئوخشاش بولامدۇ؟

جاۋاب: قايسى ۋاقىتتا قىلسا بولۇۋېرىدۇ. ئەمما، ئالدىرىغان ياخشى.

سوئال: كىشىنىڭ قەرزى بار تۇرۇپ، قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلسا دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: قەرزىنى قايتۇرۇش ۋاقتى كەلگەن بولسا، قەرزنى قايتۇرۇشى لازىم. ۋاقتى كەلمىگەن بولسا، قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.

سوئال: مېنىڭ ئېشىنچا پۇلۇم بار، بىراق بانكىدا قەرزىممۇ بار. ئېشىنچام قەرزىمگە يەتمەيدۇ، قەرزىمنى ئايمۇ – ئاي تۆلەۋاتىمەن، ئېشىنچامغا زاكات كېلەمدۇ؟ مەن قۇربانلىق قىلسام بولامدۇ؟

جاۋاب: قۇربانلىق قىلسىڭىز بولىدۇ. قەرزىڭىزگە پۇلىڭىز يېتىشمىسە ئېشىنچا بولمىغان بولىدۇ. يەنى سىزگە زاكات كەلمەيدۇ.

سوئال: ئاتا – ئانامنىڭ قۇربانلىق قىلىدىغانغا قۇربى يېتىدۇ. ئۇلارغا قۇربانلىق ئېلىپ بەرسەم، ئۇلار ئېلىپ بەرگەن مالنى قۇربانلىق قىلسا، قۇربانلىق دۇرۇس بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ.

سوئال: ساغلىق (چىشى) قوينى قۇربانلىق قىلىشقا بولامدۇ؟ ئېرىك ھايۋاننى قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: ھەر ئىككىسى يېشىغا توشقان بولسا قۇربانلىققا يارايدۇ. قۇربانلىق قوي ساغلىق ياكى ئېرىك بولسا بولمايدۇ، دەيدىغان چەكلىمە يوق.

سوئال: قۇربان ھېيتتىن ئون كۈن بۇرۇن پەقەت قۇربانلىق قىلىدىغان ئائىلە باشلىقىلا چاچ، تىرناق ئالمامدۇ ياكى خوتۇن – بالىلىرىمۇ بىللە ئالمامدۇ؟(ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلماقچى بولسا)

جاۋاب: كۈچلۈك قاراشتا ھەممەيلەن ئېلىۋەرسە بولىدۇ. «ئالسا بولمايدۇ» دېگەن قاراشنى تاللىسا، ئۆيدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ ئېلىشى چەكلىنىدۇ.

سوئال: قۇربانلىق قىلغان قوينىڭ گۆشىنى چوقۇم ئۈچكە بۆلۈش كېرەكمۇ؟ يەنى ئۈچتىن بىرىنى ئۆيدىكىلىرىگە، ئۈچتىن بىرىنى مېھمانلارغا، قالغان ئۈچتىن بىرىنى كەمبەغەللەرگە بېرىش كېرەكمۇ؟

جاۋاب: چوقۇم ئۈچكە بۆلۈش كېرەك ئەمەس، ئۈچ تەرەپ ئېغىز تەگسە بولىدۇ.

سوئال: بىر كالىنى بىرسى 4500 سومغا قۇربانلىققا سېتىۋىلىپ، 4000 سوم بېرىپتۇ. مالنى قۇربانلىق قىلغاندا تېرە – ئۈچەيلىرى 500 سوم ھېسابىدا مال ساتقۇچىغا قالىدىكەن. مال قۇربانلىق قىلغۇچە مال ساتقۇچىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىكەن، بۇ سودا دۇرۇسمۇ؟

جاۋاب: دۇرۇس ئەمەس.

سوئال: ئايالىم تۈنۈگۈن، يەنى 22 – چىسلا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ساق – سالامەت قىز تۇغۇۋالدى. مېنىڭ ئازراق قەرزىم بار ھەم ئىجارە ئۆيدە ئولتۇرۇۋاتىمەن. ھەر يىلى قۇربانلىققا يېتىشەلمەي كېلىۋاتىمەن. ئىنشائاللاھ 29 – چىسلا ئەقىقە قىلغىنىمدىن 26 – چىسلا قۇربانلىق قىلاي، دەپ ئويلاۋاتىمەن. بۇنىڭغا شەرىئەت قانداق قارايدۇ؟ گۆشنى مېھمانلار ئۈچۈن داستىخانغا قويۇپ، قالغىنىدا ئايالىمنى باقسام بولارمۇ؟

جاۋاب: ئىككىسىگە بىر نىيەت قىلىپ، ھەم قۇربانلىق، ھەم ئەقىقە دەپ قان قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. بىرىنى دېمەكچى بولسىڭىز قۇربانلىق دەيسىز. چۈنكى، قۇربانلىق ۋاجىب، ئەقىقە سۈننەت. ياكى قايسى بۇرۇن بولغان بولسا شۇنى قىلىسىز.

سوئال: قەرزدار ئادەم قۇربانلىق قىلسا گۇناھكار بولامدۇ؟

جاۋاب: قەرز ئىگىسى ئالدىراتماي مۆھلەت بەرگەن ئەھۋالدا، قۇربانلىق قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى، قەرز ئېلىپ قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.

سوئال: «قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە ھېچنېمە يېمەي، قۇربانلىق قوينى بوغۇزلاپ، ئاندىن جىگىرىدە ئىفتار قىلسا بىر كۈنلۈك رامازانغا ھېساب بولىدۇ» دەپ ھەدىس ياكى دەلىل بارمۇ؟

جاۋاب: ئۇنداق ھەدىس يوق. ھېيت كۈنى روزا تۇتۇش ھارام. لېكىن، «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىقىنىڭ جىگىرىدە ناشتا قىلغان» دەپ ھەدىس بار. بۇ يەردىكى «ئىفتار» دېگەن سۆز «ناشتا قىلىش» دېگەن مەنىدە.

سوئال: ئەگەر نامازدىن كېيىن قۇربانلىق قوينىڭ جىگىرىنى يېيىشتىن بۇرۇن بىرەر نەرسە يېسە چەكلىنەمدۇ؟

جاۋاب: چەكلەنمەيدۇ. سۈننەتنى تۇتمىغان بولىدۇ.

سوئال: ئەگەر «پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قوينىڭ جىگىرىدىن يەپتىكەن» دەپ يېسە ساۋاب بولامدۇ؟

جاۋاب: ئەلبەتتە. سۈننەتنى تۇتۇش ساۋابلىق.

سوئال: يېڭىدىن توي قىلغان، قولىدا نەق قىرىق مىڭ سوم پۇل بار، لېكىن ئۆزىنىڭ ئۆيى يوق بولسا، قۇربانلىق ۋاجىب بولامدۇ؟ ئۆزلىرىنىڭ «قۇربانلىق ئەھكاملىرى» دېگەن يازمىلىرىنى ئوقۇدۇم، لېكىن يەنىلا قىلىش – قىلماسلىقنى بىلەلمىدىم.

جاۋاب: قۇربانلىق قىلىدۇ.

سوئال: ئىككى ياكى ئۈچ قوي قۇربانلىق قىلغان كىشى تېرىسىنى سېتىپ، پۇلغا يەنە بازاردىن گۆش سېتىۋېلىپ تۇل خوتۇن، يېتىم بالىلارغا بەرسە بولامدۇ ياكى تالىبۇل ئىلىملەرگە بەرسە ئەۋزەلمۇ ۋەياكى تېرىنىڭ ئۆزىنى بېرىۋەتكەن ئەۋزەلمۇ؟ كۆپىنچە ئەھۋالدا تېرىنى بەرسە، ئۇ پېقىرلار ياخشى ساتالمايدىكەن.

جاۋاب: ئۇلار ياخشى ساتالمايدىغان بولسا، سېتىپ پۇلىنى بەرسە ئەۋزەل. ئاشۇلارنىڭ قايسىسىغا بەرسە بولۇۋېرىدۇ.

سوئال: «قۇربانلىق مال سىراتتا ئۇلاغ بولىدۇ» دېگەن گەپ توغرىمۇ؟

جاۋاب: بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىس بەكلا زەئىف.

سوئال: بىزنىڭ ئۆيدە شەھەردىكى قوي بېقىش ئىمكانىيىتى بولمىغان تۇغقانلارغا قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن، شۇلارنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە ئۈچ تۇغقىنىمىزغا ئۈچ تۇياق قوي بېقىپ قويغان ئىدۇق. ئۈچ – تۆت ئاي باقتۇققۇ دەيمەن. بۇنداق ئىش بىرنەچچە يىل تەكرارلانغاچقا، بۇ تۇغقانلارنىڭ ئىقتىسادىي ئالاقە جەھەتتىكى بەزى ئىشلىرى بىزگە خېلى تونۇش بوپقالدى. يەنى ھېيت كېلىپ قوينى ئەكەتكەندە، قوينى ئەينى ۋاقىتتا سېتىۋالغاندىكى باھا بويىچىلا پۇل بېرىپ ئەكېتىدۇ. قوينىڭ ئۈچ – تۆت ئاي جەريانىدىكى يەم – خەشەك ۋە باشقا چىقىملىرىنى ئويلىغۇدەك كاللىسى يوق. ئاناممۇ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئەسلىدىكى باھانىلا دەيدۇ. بۇ يىلمۇ يەنە ئۈچ تۇياق قوي بېقىپ قويغان ئىدۇق. ئەمما، ئانامنىڭ ئاچچىقى كەلگەن بولسا كېرەك، بۇ قېتىم قوينىڭ ئەسلى باھاسىغا باھا قوشۇپ، يەنى 750 سومغا ئالغاننى 850 سومغا، كىچىك چېغىدا 1450 سومغا ئالغان ئىككى تۇياق قوينى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 1250 سوم ۋە 1200 سوم دەپ باھا قويۇپ بەردى. (بۇ ئىككى قوينى ئېلىپ باققىلى يېرىم يىلدەك بولغانغۇ دەيمەن) ئەمما، بۇ باھانى دېگەندە: «مەن مۇشۇ پۇلغا سېتىۋالغانتىم» دېدى. بۇ باھانى قوي ئېلىپ ساتىدىغان بىر كىشى: «بازاردىمۇ مۇشۇ باھادا ئالغۇدەك» دەپ باھا قويۇپ بېرىپتىكەن. بۇ ئىشتا مەن قانداق قىلىشنى بىلەلمىدىم. يەنى بۇ پۇللار بىزگە ھالالمۇ؟ مۇشۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟

جاۋاب: بۇ پۇل ھالال بولمايدۇ. توغرىسى — «يەم – خەشەككە پۇل كەتتى» دەپ پۇل ئېلىش ياكى «بېقىپ بېرەلمەيمەن» دېيىش ياكى پۇل ئالماي بېقىپ بېرىش.

سوئال: قۇربانلىق قوينىڭ تېرىسىنى مەسجىد قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتسە بولامدۇ؟

جاۋاب: بولىدۇ.

سوئال: قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ قولىدىكى ئېشىنچا پۇل 200 دىرھەمگە يەتسە، ئاندىن قۇربانلىق قىلىش ۋاجىب بولىدىكەن. دىرھەم دېگەن قانداق پۇل، خەلق پۇلىدا قانچە پۇل؟

جاۋاب: تەخمىنەن 3 گىرام كۈمۈشتە سوقۇلغان تەڭگە پۇل. 200 دىرھەم 595 گىرام كۈمۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇرۇن زاكات بېرىشتە 200 دىرھەم بايلىق ئۆلچىمى ئىدى. ھازىر كۈمۈش باھاسى چۈشۈپ كەتتى.

سوئال: قۇربان ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىغا ناشتا قىلماي، ھېيت نامىزىدىن كېيىن بىزنىڭ ئۆيدە قۇربانلىق قىلىپ، شۇ قۇربانلىق قوينىڭ جىگىردىن ئىسسىق ۋاقتىدا خام يەۋالىدىغان ئىش بار ئىدى. يېقىندا بۇرادەر باللار ئاڭلاپ ھەيران قالدى ھەم «يېسە بولماسمىكىن، ئىزدىنىپ باقايلى» دېگەن، بۇنىڭ ھۆكمى نېمە؟ قوينىڭ قۇيرۇق مېيى، بۆرەك مېيى دېگەندەك ياغلىرىنى خام يېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: تىببىي جەھەتتىن زىيانلىق تەرىپى ئىسپاتلانسا مەكرۇھ بولىدۇ، بولمىسا مۇباھ.

سوئال: مەن ئىچكىرىدە ئوقۇيتتىم. بۈگۈن ھېيت نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ قارىسام، مەسجىدتە قۇربانلىق قويلار كۆپ ئىكەن. ھەممىسى دېگۈدەك سەندۇڭ قويى ئىكەن. بەزى قېرىنداشلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل قويلارغا باشقا خىل ھايۋانلارنىڭ گېنى ئۇرۇلغان دېگەندەك گەپلەر بار ئىكەن. بۇ خىل قاراشلارنىڭ ئاساسى بارمۇ؟ ئەگەر بولغان تەقدىردە، بۇ خىل قوينىڭ ھۆكمى قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: ھازىرغا قەدەر ئاساسى يوق. قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.

سوئال: بىز ھازىر بىر كافىر دۆلىتىدە ھىجرەت يولىنىڭ يېرىمدا تۇرۇۋاتىمىز. بىرنەچچە قېرىنداشلار قۇربانلىق قىلماقچى ئىدۇق (قۇربانلىق قىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭمۇ پەقەت ئازراق ئىقتىسادىي ئىمكانىيىتى بار). لېكىن، ئارىمىزدا ئىقتىسادتىن قىينىلىدىغان قېرىنداشلار خېلى بار. شۇڭا، ھەممىسىگە قۇربانلىق مال ئالماي، بىر قىسىمىغا قۇربانلىق مال ئېلىپ، قالغىنىنى شۇ قېرىنداشلارغا ياردەم قىلساق بولامدۇ؟

جاۋاب: قۇربانلىق قىلالايدىغانلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشى ۋاجىب. قۇربانلىق قىلىپ، گۆشىنى ئېھتىياجى بارلارغا تارقىتىپ بەرسە بولىدۇ. پۇل بىلەن قىلىنغان ياردەم قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.

سوئال: بىرسى قۇربانلىق قىلالمايدىغان بىر ئادەمگە «قۇربانلىق قىلىڭلار» دەپ بىر قوي بەرسە، ئۇ ئادەم ئۇ قوينى قۇربانلىق قىلسا، قۇربانلىق قىلغۇچىغا قۇربانلىق قىلغاننىڭ ئەجرى بولامدۇ؟

جاۋاب: سەدىقىنىڭ ئەجرى بولا.

سوئال: بىزنىڭ 100 مىڭ سوم ئەتراپىدا قەرزىمىز بار. لېكىن، قەرزنى سۈيلىمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ قول ئىلكىدە بار تۇغقانلىرىمىز. بىزنىڭ ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىمىز ئىجارە ئۆي، بىز بەش جان بولۇپ، ئۈچ ئوغۇل ۋە ئاتا – ئاناملار. ئىككى – ئۈچ مىڭلارغا قۇربىمىز يېتىدۇ، بىر قۇربانلىق قىلساق بولامدۇ، يوق؟

جاۋاب: قەرز ئىگىلىرى قەرزنى سۈيلەپ ئالدىراتمايدىغان بولسا قۇربانلىق قىلساڭلار بولىدۇ.

سوئال: مەن ب شەھەردە ئوقۇيمەن، ئاتا – ئانام ئا شەھەردە تۇرىدۇ. ئاللاھ خاھلىسا بۇ يىل قۇربان ھېيتتا ئۇلار مېنىڭ قېشىمغا كەلمەكچى ئىدى. شۇڭا، مۇشۇ قۇربانلىقنى قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدۇق؟

جاۋاب: قۇربانلىقنى سىز تۇرغان جايدا قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. قولاي بولمىسا، يۇرتتىكى تۇغقانلارنى بۇيرۇساڭلار، شۇلار قىلىپ قويسا بولىدۇ.

سوئال: قوتازنىمۇ قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: قوتازمۇ كالىنىڭ بىر تۈرى، قۇربانلىق قىلسا بولىدۇ.

سوئال: بىر قېرىندىشمىز بىرسىدىن 80 مىڭ سومدەك قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋالغان ئىكەن. ئۇ قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئۆزىگە ۋاجىب ئەمەسلىكىنى بىلىدىكەن. ھازىرقى كىرىمى بىلەن قەرزنى بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا تۆلەپ بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ، قۇربانلىق قىلسا ئەۋزەلمۇ ياكى پۇلنى قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن يىغسا ئەۋزەلمۇ؟

جاۋاب: يىغسا ياخشى.

سوئال: يېڭى تۇغۇلغان قوزىلارنى ئانىسىدىن ئايرىۋىتىپ، چوڭ قىلىش ۋە بورداش قاتارلىق مەقسەتلەر بىلەن بىرقانچە ئاي چوشقىنى ئەمدۈرىدىغان، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا يەم – خەشەك بېرىپ چوڭ قىلىنغان قويلارنى يېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: بۇ تۈرلۈك قويلارنى يېيىشنىڭ ھۆكمى ھارام. يېمەك – ئىچمەك مەسىلىلىرىدە بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئالاھىدە بولغاچقا، بۇ يولنى تاقىۋېتىش لازىم. بۇ تۈرلۈك قويلارنى ساتقاندىمۇ شۇ ئەھۋالنى خېرىدارغا دېمەي ساتسا بولمايدۇ.

سوئال: چوشقىلار بىلەن چېتىشتۇرغان قويلارمۇ دىيارىمىزدا كۆپىيىپ قاپتۇ. ئۇ قويلارنىڭ شەكلى ۋە چوڭ – كىچىكلىكى چوشقىغا ئوخشاپ قالىدىكەن. چىقىدىغان گۆشمۇ ئادەتتىكى قويلارنىڭكىدىن خېلى كۆپ ئىكەن. بۇنداق قويلارنى ئىستېمال قىلىشنىڭ ھۆكمىچۇ؟

جاۋاب: ئۇنداق چېتىش ھارام. بىيولوگىيە نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، چوشقا بىلەن قوينى چاتقىلى بولمايدۇ. بۇنى تېخىمۇ ئېنىقلاپ باققايسىز.

سوئال: ياۋروپادا ئاشخانا ياكى قاسساپخانا ئاچىدىغان لىۋانلىق ياكى باشقا يەرلىك شىئەلەرنىڭ ئاشخانىلىرىدىن تاماق يېسەك بولامدۇ؟ ئۇلار ئىسپىرتلىق ئىچىملىك ساتمىسا، گۆشىنىڭ ھالاللىقىنى سورىساق «ھەئە» دېسە، گېپىگە ئىشەنسەك بولامدۇ؟

جاۋاب: شىئەلەرنىڭ بەزى تائىپىلىرى بارلىق ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن كافىر بولغاچقا، يەنە بەزى تائىپىلىرىنى بەزى ئالىملار كافىر دېسىمۇ، ئالدىراپ كافىر دەۋەتكىلى بولمىغاچقا، بەزى ئالىملار «ئۇلار مۇسۇلمانمۇ ياكى ئازغۇن پاسىقمۇ؟» دېگەن نۇقتىدا ئىككى خىل قاراشتا بولۇپ قالغان.

يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، بەزىلەر: «ئۇلارنىڭ بوغۇزلىغانلىرىنى يېيىشكە بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ. بەزىلەر: «يېسە بولىدۇ» دەيدۇ. لېكىن، شىئەلەرنىڭ يالغانچى، كاززابلىقىدا شەك يوق. شۇڭا، مۇمكىنقەدەر يېمىگەن تۈزۈك.

سوئال: قوچقار ۋە بۇقىنىڭ تاش بۆرىكىنى يېيىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ باشقا يۇرتلاردا قوي، كالا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئۇرۇقدىنىنى يېمەيدىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇندىن باشقا مەلۇم بىر مەسجىدتە ئىمام بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، بۇنى يېيىشكە بولمايدىغانلىقىنى دەپتۇ. بۇ ھەقتە دىنىمىز نېمە دەيدۇ؟

جاۋاب: ھايۋاننىڭ ئۆت، دوۋساق، بەز، ماتكا، زەكەر ۋە ئۇرۇقدان(تاشاق) لىرى مەكرۇھ. چۈنكى، بۇ نەرسىلەر ئىنسان كۆڭلى تارتمايدىغان نەرسىلەردۇر. يەنە بەزى ئالىملار بۆرەكنى سۈيدۈككە يېقىن بولغانلىقتىن «مەكرۇھ» دېگەن. يەنە بەزى ئالىملار يۈرەك دالانچىسىنى زىيانلىق بولغانلىقتىن مەكرۇھ، دەپ قارايدۇ.(2) دەلىلنىڭ بىرقانچە ئېھتىماللىقى بار. شۇڭا، كۆڭلى كۆتۈرسە، شۇنداقلا زىيانلىق بولماي پايدىلىق تەرىپى بولسا، يېسە بولىدۇ.

سوئال: ئادەتتە بەزى ھايۋانلارنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق. شۇڭا، بەزى كىشىلىرىمىز قۇربانلىق قوينىڭ قېنىنى پۇت – قول ئاغرىقلىرىغا شىپا دەپ قاراپ، بوغۇزلاپ بەدەن سىرتىدىن ئاققۇزىدۇ. بۇ دۇرۇسمۇ، ئەمەسمۇ؟

جاۋاب: ھارام نەرسىلەرنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغان ھالال دورا بولمىسا، داۋالىنىش ئېھتىياجى ئۈچۈن قۇش، ھايۋانلارنىڭ قېنىنى بەدەنگە ئېقىتىپ داۋالىنىشقا بولىدۇ. كېيىن بەدەننى پاكىز يۇيۇۋەتسە بولىدۇ.

ۋەللاھۇ ئەئلەم.

 

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»


1. «ئەھمەد»، (8256). ئالبانىي: «ھەسەن» دېگەن.
2. ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 6/449؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 9/67؛ مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىير»، 5/245؛ ئىبنى قۇدامە: «ئەلمۇغنىي»، 9/342.

 

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ