شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى(6)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

قۇربانلىق مالنى بوغۇزلاپ بەرگەن قاسساپنىڭ ئىش ھەققىگە تېرىسىنى ياكى گۆشىنى بەرسە بولامدۇ؟

مەيلى تېرىسى بولسۇن، مەيلى گۆشى، كاللا – پاقالچىقى ياكى ئېگەر – توقۇملىرى بولسۇن، قۇربانلىق مالنىڭ ھەرقانداق بىر قىسمىنى قاسساپنىڭ ئىش ھەققىگە ھېسابلاپ بېرىشكە بولمايدۇ، بەلكى پۇل ياكى باشقا نەرسىدىن بېرىلىدۇ.

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى ھەدىيە قۇربانلىق تۆگىلەرنىڭ ئۈستىدە قاراپ تۇرۇشقا، تۆگىلەرنىڭ قاسساپچىلىق ئىش ھەققىگە قۇربانلىقتىن ھېچ نەرسە بەرمەسلىككە بۇيرۇدى». «مۇسلىم» رىۋايىتىدە: «بىز ئۇنىڭغا يېنىمىزدىن بېرىمىز» دەپ كەلگەن([1]).

ئەمما، قاسساپنىڭ تېگىشلىك ئىش ھەققىنى تولۇق بېرىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا گۆشتىن بىرەر پارچە بەرسە ياكى تېرىسىنى ھەدىيە ياكى سەدىقە قىلسا ۋە ياكى ئىش ھەققىگە قوشۇپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ مالنى سويۇش جەريانىدا گۆشكە كۆزى چۈشۈپ يېگۈسى كېلىدۇ. سەدىقە ياكى ھەدىيە ئالىدىغانلار بىلەن ئەھۋالى ئوخشاش بولغان تەقدىردە، مالنى ئۆز قولى بىلەن سويغان بولغاچقا، سەدىقە ياكى ھەدىيە ئېلىشقا قاسساپ ئەڭ ھەقلىق بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى بەرگەنلىكتىن ئىش ھەققى ئادەتتىكىدىن كېمىيىپ كەتسە، يەنىلا ئىش ھەققىنىڭ بىر قىسمىغا بەرگەن بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، بۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىم.

قۇربانلىقنى ئۆزى تۇرغان يۇرتتىن باشقا يۇرتتا قىلدۇرسا بولامدۇ؟

ھاجىلار ھەج تەمەتتۇ ۋە ھەج قىران ئۈچۈن، شۇنداقلا ھەجدە بىرەر ۋاجىپنى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن قىلىدىغان فىدىيە قۇربانلىقلىرىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مىنا ۋە مەككىدىن باشقا يەردە قىلىشقا بولمايدۇ، بۇنىڭدا ئالىملار ئىتتىپاق. چۈنكى، بۇ قۇربانلىقلار ھەرەمگە ئاتالغان ۋە ھەرەمگە خاس قۇربانلىقلاردۇر. ئۇنى ھەرەم سىرتىدا قىلىشقا بولمايدۇ([2]).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ئاندىن ئۇنىڭ (يەنى، قۇربانلىقنىڭ) بوغۇزلىنىشى ھالال بولىدىغان جايى قەدىمىي بەيتۇللاھتۇر﴾([3])، ﴿ئېھرامدىكى ھالىتىڭلاردا ئوۋ ھايۋانلىرىنى ئۆلتۈرمەڭلار. سىلەردىن كىمكى ئۇنى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، قىلمىشىنىڭ ۋابالىنى تېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا سىلەردىن ئىككى ئادىل كىشىنىڭ باھالاپ ھۆكۈم قىلىشى بويىچە ھېلىقى ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانغا تەڭ – باراۋەر ئۆي ھايۋانلىرىدىن بىرنى كەئبىگە ھەدىيە ئېلىپ ئاپىرىپ قۇربانلىق قىلىش جازاسى كېلىدۇ ياكى مىسكىنلەرگە ئاش بېرىش ياكى ئۇنىڭ تەڭ – باراۋىرىدە روزا تۇتۇشتىن ئىبارەت كەفارەت كېلىدۇ﴾([4]).

ئەمما، ھەجدىكى قۇربانلىقلاردىن باشقا ئادەتتىكى قۇربان ھېيتنىڭ قۇربانلىقلىرى ھەققىدە يۇقىرىقىدەك مەخسۇس ئورۇن بېكىتىلمىگەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربانلىقىنى مەدىنىدە ئۆزى قىلغان. بەزى ئالىملار زاكاتقا ئوخشىتىپ قۇربانلىقنى ئېھتىياجلىق ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا، يوقسۇل مۇسۇلمانلارغا، ئاچارچىلىق يۈز بەرگەن باشقا دىيارلارغا يۆتكەش جائىز، دەپ قارىغان([5]).

ئادەتتە، خىتايدا، ياۋروپادا ياكى ئەرەب يېرىم ئارىلىدا تۇرىدىغان بەزى كىشىلەر ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا قۇربانلىق قىلماي، قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى تۇغۇلغان يۇرتىغا، ئانا ۋەتىنىگە ياكى باشقا ئېھتىياجلىق مۇسۇلمانلار دىيارىغا ئەۋەتىپ بەرسە تېخىمۇ پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ قىسمەن ئەھۋالدا، مەلۇم شارائىتتا ياشايدىغانلار ئۈچۈن مۇۋاپىق بولسا كېرەك.

لېكىن، نورمال ئەھۋالدا بىر دىياردا نامرات مۇسۇلمانلار بار تۇرۇپ، قۇربانلىقنى باشقا دىيارغا يۆتكىۋەتسە بولمايدۇ. چۈنكى، ھەر يۇرتنىڭ نامراتلىرى شۇ يۇرتتىكى قۇربانلىققا ئەڭ ھەقلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق دېگەن گۆش تارقىتىشلا ئەمەس، بەلكى قۇربانلىقتا ئاللاھنىڭ نامىنى زىكىر قىلىپ تەكبىر ئېيتىش، ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ شوئارلىرىنى ئۇلۇغلاش، شەرىئەتنى ئىزھار قىلىپ، ئىسلامىي پائالىيەتلەرنى نامايەن قىلىش قاتارلىق مۇھىم مەقسەتلەر بار.

بەزى جايلاردا قۇربانلىققا قوي تاپقىلى بولماي قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن، ئىچكىرىنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ بەزى شەھەرلىرىدە قۇربانلىق قوي تېپىش قىيىن ياكى تاپقان تەقدىردىمۇ بوغۇزلىغىلى قويمايدۇ. بوغۇزلاش ئۈچۈن نەچچە يۈز كىلومېتىر يول يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

قۇربانلىقنى باشقا يۇرتقا يۆتكىگەن ئەھۋالدا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. قۇربانلىقنىڭ پۇلىنى قۇربانلىق مالنى سۈپەتكە لايىق سېتىۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىشەنچلىك كىشىگە تاپشۇرۇش لازىم.

2. قۇربانلىق مالنىڭ باھاسىنى ئېنىق ئۇقتۇرۇپ توغرىلاش لازىم. چۈنكى، بەزى يۇرتتا بىر قوي كەلگەن پۇلغا باشقا يۇرتتا بىر قوي كەلمەي قالىدۇ.

3. قۇربانلىق مالنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كېچىكتۈرمەستىن بوغۇزلاش لازىم. «قۇربانلىقنىڭ پۇلى قولىمىزغا تەگمىدى» دەپ، قۇربانلىق ۋاقتىدىن كېچىكىپ قالسا بولمايدۇ. قۇربانلىق قىلمىغان تەقدىردە، ئىگىسىگە قىلالمىدۇق دەپ ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇش لازىم. قۇربانلىق ۋاقتىنى بېكىتىشتە، قۇربانلىق قىلغۇچى تۇرۇۋاتقان جاينىڭ ئەمەس، قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاينىڭ ۋاقتى ھېساب بولىدۇ.

4. قۇربانلىق گۆش قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە تارقىتىلىشى كېرەك.

 

ھەج – ئۆمرەدىكى فىدىيە قۇربانلىقنى ھەرەمدىن باشقا جايلاردا قىلسىمۇ بولامدۇ؟

فىدىيەسى ئۈچۈن قان قىلىشنى تاللىغان ئەھۋالدا، بۇ تۆلەم ئۈچۈن سويۇلغان مال بولغاچقا، ئۇنىڭ گۆشىدىن يېسە، بىرەرسىگە ھەدىيە قىلسا بولمايدۇ.

ھەنەفىي ۋە شافىئىي ئالىملار ئۇنى پەقەتلا مەككىدە سويۇپ، گۆشىنىڭ ھەممىنى ھەرەم پېقىرلىرىغا تارقىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىمام مالىك قاتارلىقلارنىڭ كۈچلۈك قارىشىغا ئاساسەن، ئۇنى مەككىدە سويۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سويسا بولىدۇ. لېكىن، ئۆزى ئۇنىڭدىن يېمەي، ھەممىنى پېقىرلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، قۇرئان ۋە ھەدىستە بۇنى ھەدىيە دەپ ئاتىماي، قۇربانلىق دەپ ئاتىغان. قۇربانلىق دېگەن قەيەردە سويۇلسا بولىدۇ. ئىمام ئەھمەدمۇ ھەرەم سىرتىدا قىلىنغان خىلاپلىق قىلىش فىدىيەسى ھەرەم سىرتىدا بوغۇزلىنىدۇ، دەپ قارايدۇ.

كەئىب ئىبنى ئۇجرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغىمۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ياكى ساڭا ئاسان كەلگەن نەرسىنى قۇربانلىق قىل» دېگەن([6]) ۋە ھەرەمدە قۇربانلىق قىلىشنى شەرت قىلمىغان. ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ ھەزرىتى ھۈسەين رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ سۇقيا دېگەن جايدا چاچ چۈشۈرگەن فىدىيەسى ئۈچۈن ھەرەمنىڭ سىرتىدا قۇربانلىق قىلغانلىقى بىزگە يېتىپ كەلگەن. مۇجاھىد: «فىدىيە سەن خالىغان يەردە بولىدۇ» دېگەن. ئىبراھىم نەخەئىي: «فىدىيە سەدىقىسى، روزىسى ۋە قۇربانلىقى خالىغان يەردە بولىدۇ» دېگەن([7]).

قۇربانلىق پۇلىنى باشقا جايغا ئەۋەتمەكچى بولغاندا قايسى جاينىڭ باھاسى بويىچە بولىدۇ؟

باشقا جايدىكى ئائىلە ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىرى موھتاج بولغان ئەھۋالدا، ئۇلارغا قۇربانلىق پۇلىنى ئەۋەتسە، ئۇلار قۇربانلىق قىلسا ئەۋزەل. چۈنكى، بۇ، قۇربانلىق بىلەن بىللە سىلە – رەھىم قىلغانلىق بولىدۇ.

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قۇربانلىق مال باھاسى ئوخشاش بولمايدۇ. قۇربانلىق پۇلىنى باشقا جايغا ئەۋەتكەندە قايسى جاينىڭ باھاسىنى ھېساب قىلىش ھەققىدە بىرەر كۆرسەتمە ياكى بىرەر ئالىمنىڭ پەتىۋاسىنى ئۇچراتمىدىم. بەزىدە تۇرۇۋاتقان جايدىن باشقا جايغا پۇل ئەۋەتكەن تەقدىردە، بىر قوينىڭ پۇلىغا ئىككى قوي كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. لېكىن، بۇ يەردە مەقسەت قۇربانلىق قىلىش بولغاچقا، مەيلى قايسى جايدا قۇربانلىق قىلىنسا بۇ ئىبادەت ئادا بولىدىغان بولغاچقا، قۇربانلىق قىلىنىدىغان جايدا قۇربانلىق شەرتىگە توشىدىغان بىر مال كېلىدىغان پۇل بولسا بولۇۋېرىدۇ. شۇڭا، پۇلنى بەلگىلەشتە قۇربانلىق مال سېتىۋېلىنىپ، قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاينىڭ باھاسى ھېساب قىلىنسا بولىدۇ.

بەزىدە تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئىككى قوينىڭ پۇلىغا قۇربانلىق قىلماقچى بولغان جايدا بىر قوي كېلىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدىمۇ قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاينىڭ پۇلىنى ئەۋەتىش لازىم. ئۇنداق بولمىغاندا قۇربانلىق مال سېتىۋالالماي، قۇربانلىق قىلالماي قالىدۇ ياكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان مال بوغۇزلىنىدۇ.

قۇربانلىق ماللارنىڭ تېرىلىرىنى توپلاپ سېتىپ، پۇلىنى سەدىقە قىلسا بولامدۇ؟

بىز يۇقىرىدا قۇربانلىقنىڭ ھېچبىر پارچىسىنى سېتىپ خەجلەشكە بولمايدىغانلىقىنى بايان قىلدۇق. قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى، تېرىسىنى ھەتتا ئارغامچا، جابدۇقلىرىنىمۇ سېتىپ خەجلىسە بولمايدۇ. گۆشىنى ئۆزى يېسە ياكى باشقىلارغا ھەدىيە، سەدىقە قىلسا بولىدۇ. تېرە ۋە باشقا نەرسىلەردىنمۇ ئۆزى پايدىلانسا بولىدۇ. لېكىن، سېتىپ خەجلەشكە بولمايدۇ.

بەزى دۆلەتلەردە تېرىلەرنى توپلاپ سېتىپ، پۇلىنى مەسجىد، مەدرىسە، ۋەخپە، ئوقۇغۇچىلار ياتاقلىرى، پېقىر – مىسكىنلەر، يېتىم بالىلار ۋە خەير – ساخاۋەت ئورۇنلىرىغا ئىشلىتىدىغان ئەھۋاللار بار. بۇنداق ئەھۋالدا، قۇربانلىق قىلغۇچى تېرىنى ئۆزى ساتماي، تېرە توپلايدىغان ئاشۇنداق ئورۇنلارغا ھەدىيە ياكى سەدىقە بەرسە، ئاندىن توپلىغانلار تېرىلەرنى سېتىپ، پۇلىنى يۇقىرىقى ئورۇنلارغا سەرپ قىلسا بولىدۇ.

قۇربانلىق قىلغۇچى تېرىنى پېقىرغا بەرسە، پېقىر سېتىپ خەجلىسە ھەم بولىدۇ. بۇ يەردىكى چەكلىنىش پەقەتلا ئۆزى سېتىپ خەجلىمەسلىكتىن ئىبارەت.

ئىمام ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ئالىملار قۇربانلىق قىلغان كىشى تېرىنى ئۆزى سېتىپ، پۇلىنى سەدىقە قىلسا بولىدۇ، دەپمۇ قارىغان. ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلىدۇكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بىر كالىنىڭ تېرىسىنى سېتىپ، پۇلىنى سەدىقە قىلىۋەتكەن([8]).

دېمەك، قۇربانلىق قىلغۇچى ئۆزى سېتىپ خەجلىمەستىن، تېرىنى مەلۇم ئورۇنغا ياكى پېقىرگە سەدىقە ياكى ھەدىيە قىلسا، ئۇلار تېرىنى سېتىپ يۇقىرىقىدەك خەيرلىك ئىشلارغا خەجلىسە بولىدۇ. تېرىنى پېقىرغا ۋاقتىدا بېرىش ياكى پېقىرنىڭ ئۇ تېرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا، قۇربانلىق قىلغۇچى تېرىنى سېتىپ، پۇلىنى سەدىقە قىلسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى، بۇ پېقىرلارغا پايدىلىق ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بەزى شەھەرلەردىكى پېقىرلار تېرىدىن بىۋاسىتە پايدىلىنالمايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالدى.

قۇربانلىق گۆش سەدىقە قىلىنغان شەخس ئۇنى ساتسا بولامدۇ؟

قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىق گۆشنى ساتسا بولمايدۇ. مەدرىسە، مەسجىد، ۋەخپە، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى ياكى باشقا پېقىرلارغا ھەدىيە ياكى سەدىقە قىلسا، ئۇلار گۆشنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلسا بولىدۇ. قۇربانلىق گۆشى بۇ جەھەتتىن، زاكات، سەدىقە ۋە ھەدىيەگە ئوخشاش.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەرگەن بىر ئېتىنى ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا بىر كىشىنىڭ مىنىشى ئۈچۈن سەدىقە قىلغان ئىدى. كېيىن ئۆمەرگە «ھېلىقى ئادەم ئاتنى ساتىدىغانغا تۇرغۇزۇپ قويۇپتۇ» دېگەن خەۋەر يەتتى. ئۆمەر رەسۇلۇللاھتىن ئۇنى سېتىۋېلىش توغرىسىدا سوئال سورىۋېدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئۇنى سېتىۋالما، بەرگەن سەدىقەڭدىن ھەرگىز يېنىۋالما» دېدى.([9]) بۇ ھەدىستە ئات سەدىقە قىلىنغان ئادەم سەدىقە ئالغان ئاتنى سېتىشقا چىقارغان ۋە چەكلەنمىگەن.

قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئالدىغا گۆش كەلتۈرۈلگەن ئىدى، ›بۇ دېگەن بەرىرەگە قىلىنغان سەدىقە‹ دېيىلدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بۇ ئۇنىڭغا سەدىقە، بىزگە ھەدىيە» دېدى.([10]) بۇ ھەدىستىمۇ بەرىرە سەدىقە ئالغان گۆشنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلغان.

نەزىر قۇربانلىق ماللاردىن پايدىلانسا بولامدۇ؟

بىر كىشى قۇربانلىق قىلىشنى ئۆزىگە نەزىر([11]) قىلىۋالغان ئەھۋالدا، بۇ قۇربانلىقنى قىلىشى بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ۋاجىپتۇر. لېكىن، «بۇ نەزىر قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن نەزىر قىلغان كىشى يېسە بولامدۇ، بولمامدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە ئالىملار ئىككى خىل قاراشتا بولغان. لېكىن، كۆڭۈل خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە، ئۇنىڭدىن ھېچنەرسە يېمەي، بايلارغىمۇ ھەدىيە قىلماي، ھەممىنى سەدىقە قېلىۋېتىش تېخىمۇ مۇۋاپىق. چۈنكى، بۇ قۇربانلىق سەدىقىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇنىڭدىن ئۆزى يەپ سالسا، يېگىنىنىڭ پۇلىنى سەدىقە بېرىدۇ([12]).

مېيىتنىڭ نامىدا قۇربانلىق قىلىپ قويسا، مېيىتكە ساۋابى يېتەمدۇ؟

مېيىت ۋاپات بولۇش ئالدىدا قۇربانلىق قىلىشنى ۋەسىيەت قىلغان بولسا، بۇنى قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن ئاشمايدىغان مىقداردا چىقىم قىلىپ، ئادا قىلىش لازىم بولىدۇ. بۇنىڭدا باشقىچە قاراش يوق.

ئەمما، ۋەسىيەت قىلمىغان بولسىمۇ، بىرى: «مەن مېيىت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ قويىمەن» دەپ قالسا، بۇ مەسىلىدە ئالىملار ھەر خىل قاراشتا بولغان. بىر بۆلۈك ئالىملار: «مېيىت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىش مەكرۇھ» دېگەن. دەلىل جەھەتتىن كۈچلۈك بىر قاراشتا بەزى ئالىملار: «كىشى ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن يېقىن تۇغقانلىرى ئۈچۈن خۇددى ھەج قىلىپ، روزا تۇتۇپ، سەدىقە قىلىپ قويسا بولغاندەك، قۇربانلىق قىلىپ قويسىمۇ بولىدۇ. قۇربانلىق قىلىپ قويۇشمۇ بىر خىل سەدىقە» دېگەن. بۇ قاراشنى كېيىنكى ئالىملاردىن ئىمام ئىبنى تەيمىيە، شەيخ بىننى باز قاتارلىق ئالىملار تەرجىھ قىلغان.

ھەنەش رىۋايەت قىلىدۇكى: «مەن ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: ›بۇ نېمە؟‹ دەپ سورىسام، ئۇ: ›رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۆزى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشىمنى ۋەسىيەت قىلغان، شۇڭا، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىمەن‹ دېگەن». بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي، ئەھمەد، بەيھەقىي ۋە ھاكىم قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان بولۇپ، بۇ ھەدىسكە ھۆكۈم قىلىشتا ھەدىسشۇناسلار ئوخشىمىغان قاراشتا بولغان. بەزىلەر ئاجىز، دەپ باھالىغان بولسىمۇ، بىر بۆلۈك ئالىملار سەھىھ ياكى ھەسەن، دەپ باھالىغان. ئەبۇ داۋۇد بۇنىڭغا قارىتا ئۆز قائىدىسى بويىچە باھا قويمىغان. بۇ سەھىھ ياكى ھەسەن دەپ باھالىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە ھاكىم، زەھەبىي ۋە ئەھمەد شاكىر قاتارلىقلار سەھىھ دەپ قارىغان.

ئىمام بەيھەقىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ھەدىس سەھىھ دەپ ئىسپاتلانسا، مۇسۇلمانلاردىن بۇ دۇنيادىن ئۆتكەنلەر ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ قويسا بولىدىغانلىقىغا دەلىل بولالايدۇ».

ئىمام تىرمىزى مۇنداق دەيدۇ: «بەزى ئەھلى ئىلىملەر ئۆلۈپ كەتكەنلەر ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا بولىدۇK دەپ رۇخسەت قىلغان، يەنە بەزىلەر بۇنى توغرا تاپمىغان. ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: ›ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماي، سەدىقە قىلىپ قويسا ئەۋزەل دەپ قارايمەن. ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، ئۇنىڭدىن ئازراقمۇ يېمەي، ھەممىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ‹ دېگەن»([13]).

يەنە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزى ھەم ئۈممىتى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغانلىقى سەھىھ ھەدىسلەردە كەلگەن بولۇپ، ئۈممىتى ئىچىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات چېغىدا ۋاپات بولغانلارمۇ بار ئىدى. دېمەك، ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھەدىسى ئاجىز بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ سەھىھ ھەدىس ئۇنىڭغا شاھىت بولالايدۇ. يەنە «مېيىت باشقىلارنىڭ ئىشلىرىدىن مەنپەئەتلىنىدۇ» دېگەن ئومۇمىي قائىدە ئاستىغا كىرىدۇ([14]).

مېيىت ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقنىڭ گۆشى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ؟

سەلەفلىرىمىزدىن ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك: «مېيىت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا ئۇنىڭدىن ھېچنەرسىنى يېمەيدۇ، ھەممىنى سەدىقە قىلىۋېتىدۇ» دېگەن.([15]) بۇ قاراشتا بەلكىم قۇربانلىقنى ھەممە جەھەتتىن سەدىقىگە ئوخشاتقان بولۇشى مۇمكىن.

ئىلگىرىكى شافىئىي ئالىملاردىن قاففال مۇنداق دەپ قارىغان: مېيىت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ قويغان ئەھۋالدا، قۇربانلىق قىلىپ قويغۇچىنىڭ ئۇنىڭدىن يېيىشى ھارام بولىدۇ. چۈنكى، بۇ مېيىت ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلىق بولغاچقا، ھايات كىشى ئۇنىڭ ئىجازىتىسىز يېيەلمەيدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ ئىجازىتىنى ئېلىش مۇمكىن ئەمەس، ئۇنداق بولغان ئىكەن، ھەممىنى سەدىقە قىلىۋېتىش ۋاجىپ بولىدۇ([16]). لېكىن، بۇ قاراشنىڭ كۆرسەتكەن سەۋەبىگە ئاساسلانغان ئەھۋالدا، مېيىتنىڭ ئىجازىتىسىز ھەممىنى سەدىقە قىلىۋېتىشىمۇ دۇرۇس بولماسلىقى كېرەك.

كېيىنكى ئالىملاردىن ئەللامە ئىبنى ئابىدىن مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مېيىتنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە، ۋارىسى مېيىت ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا، ئۇنىڭدىن يېمەي ھەممىنى سەدىقە قىلىۋېتىشى لازىم. ئەگەر ۋەسىيەت قىلغان ئەھۋال بولماي ھايات كىشى مېيىت كىشى ئۈچۈن ئۆزلۈكىدىن قۇربانلىق قىلغان بولسا، ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ قۇربانلىق ئاشۇ قۇربانلىق قىلىپ قويغان ھايات كىشىنىڭ مۈلكىدىن قىلىنغان بولىدۇ، ساۋابى مېيىتكە بولىدۇ»([17]).

ئىمام بەھۇتىمۇ مۇنداق دەيدۇ: «مېيىتكە ئاتاپ قىلىنغان قۇربانلىق يېيىش، سەدىقە قىلىش ۋە ھەدىيە قىلىش جەھەتتە تىرىكنىڭ قۇربانلىقىغا ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىنىدۇ»([18]).

مېنىڭچە، كېيىنكى قاراش مۇۋاپىق. خۇددى ئۆزىنىڭ قۇربانلىقىدىن ئۆزى يېسە، باشقىلارغا ھەدىيە ياكى سەدىقە قىلسا بولغاندەك، مېيىت ئۈچۈن قىلغان قۇربانلىقتىن ئۆزى يېسە، باي – كەمبەغەللەرگە ھەدىيە قىلسا، كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇ دېگەن قۇربانلىق. قۇربانلىق ئەنە شۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. قۇربانلىق قىلىپ قان ئېقىتىشنىڭ ساۋابى بولسا مېيىتكە بولىدۇ.

مېيىت ۋەسىيەت قىلغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنىڭ ھۆكمىمۇ ھايات كىشى مېيىت ئۈچۈن قىلىپ قويغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنىڭ ھۆكمىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك. ئەگەر مېيىت بۇرۇن: «قۇربانلىق قىلىپ، گۆشىنى مۇنداق بىر تەرەپ قىلىڭلار» دېگەن بولسا، ياكى: «قۇربانلىق قىلىپ، گۆشىنىڭ ھەممىنى نامراتلارغا سەدىقە قىلىڭلار» دەپ تاپىلىغان بولسا، دېگىنى بويىچە قىلىش لازىم. ئۇنداق تاپىلىمىغان ئەھۋالدا، ۋەسىيەتنى ئورۇندىغۇچى قۇربانلىقنى بىر تەرەپ قىلىشتا مېيىتنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. بەزى ئالىملار: «ۋەسىيەت قىلىنغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن قۇربانلىق قىلىپ قويغۇچى يېسە بولمايدۇ» دەپ قارايدۇ.

ئايرىم – ئايرىم ئىككى ئۆيدە تۇرىدىغان ئىككى ئايالى بار كىشى ئىككى قۇربانلىق قىلىشى كېرەكمۇ؟

ئىككى ئايالى بىر ئۆيدە بولسۇن ياكى ئارىلىقى يىراق، ئايرىم – ئايرىم ئىككى ئۆيدە بولسۇن، بىر ئائىلىگە بىر قۇربانلىق كۇپايە قىلىدۇ. بۇ كىشىنىڭ نەچچە خوتۇنى بولسا ھەممىسى بىر ئائىلە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ھەربىر ئۆيىگە ئايرىم – ئايرىم قۇربانلىق قىلسىمۇ ھەم دۇرۇس بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ۋە پۈتۈن ئائىلە – تاۋابىئاتى ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلغان. يەنە بەزى چاغلاردا ئاياللىرى ئۈچۈن كالا قۇربانلىق قىلغان.

ئىمام شەۋكانى مۇنداق دەيدۇ: «توغرىسى، يۈز ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر ئائىلە بولسىمۇ، قۇربانلىققا بىر قوي يېتەرلىك. ھەدىسلەر شۇنداق بايان قىلغاندۇر»([19]).

 

مۇشۇنىڭ بىلەن «شەرىئەتتە قۇربانلىق ئەھكاملىرى» سەرلەۋھىلىك بۇ يىغىنچاق ماقالە تۈگىدى. جانابىي ئاللاھ بۇنى خالىس ئەمەللىرىمىز قاتارىدا قوبۇل قىلغاي، سەۋەنلىكلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىۋەتكەي، بارلىق مۇسۇلمانلارنى ياخشى ئىشلارغا مۇۋەپپەق قىلغاي! شۇنداقلا بارلىق پەيغەمبەرلەرگە دۇرۇت – سالاملار بولغاي، ئامىن! ئاخىرىدا دەيدىغىنىمىز شۇكى، جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر.

 

ھىجرىيە 1431 – يىلى، زۇلقەئدەنىڭ 22 – كۈنى

مىلادىيە 2010 – يىلى 29 – ئۆكتەبىر

————————————————
([1]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1716 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1317 – ھەدىس.
([2]) «الموسوعة الفقهية الكويتية»، 42/250، 251.
([3]) «ھەج» سۈرىسى، 33 – ئايەت.
([4]) «مائىدە» سۈرىسى، 95 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
([5]) «المجموع»، 8/316؛ «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4/282.
([6]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 1815 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1201 – ھەدىس.
([7]) «موطأ الإمام مالك»، 1/388؛ «تفسير الطبري»، 2/240؛ «أحكام القرآن»، أبو بكر الجصاص، 1/352؛ «تفسير القرطبي»، 2/385؛ «المحلى»، 7/213؛ «التلقين في الفقه المالكي»، 1/217؛ «زاد المستقنع»، 1/88.
([8]) «تحفة المودود»، 8/316؛ «تبيين الحقائق»، 6/9؛ «نيل الأوطار»، 5/221.
([9]) «بۇخارى»، 2775 – ھەدىس.
([10])»سەھىھۇل بۇخارى»، 2775 – ھەدىس.
([11]) نەزىر قىلىش ــ كىشىنىڭ شەرىئەت ئۇنىڭغا ۋاجىپ قىلمىغان بىر ئىشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۆزىگە ۋاجىپ قىلىۋېلىشىدىن ئىبارەت. مەسىلەن: «مەن چوقۇم ئاللاھ ئۈچۈن بىر قوي قۇربانلىق قىلىمەن» دېگەندەك.
([12]) «حاشية ابن عابذدين»، 6/327؛ «المجموع»، 8/310؛ «المغني»، 9/362.
([13]) «سنن الترمذي»، 4/84.
([14]) «المغني»، 2/225؛ «بدائع الصنائع»، 5/72؛ «الحجج القوية والأدلة القطعية في الردّ على من قال إن الأضحية عن الميت غير شرعية»، للشيخ علي بن حواس، 16 – 48؛ «الفقه الإسلامي وأدلته»، 4/282؛ «حاشية الدسوقي»، 2/122؛ «منهاج الطالبين»، 1/142.
([15]) «سنن الترمذي»، 4/84.
([16]) «نهاية المحتاج»، 8/144.
([17]) «حاشية ابن عابدين»، 6/335.
([18]) «شرح منتهى الإرادات»، 1/612.
([19]) «نيل الأوطار»، 5/211.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز