مۇفتى نىياز مۇھەممەد خوتەنىينىڭ تەرجىمىھالى

(1907-1992)

«ئىلاۋە: بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم. بۇ ھاياتتا شۇنداق ئىنسانلار بار، باسقان يېرىدىن گۈل ئۈنىدىغان، تاغقا چىقسا تاغنى تالقان، چۆلگە بارسا چۆلنى بوستان قىلىدىغان. 20 – ئەسىر قوينىدا شۇنداق بىر ئۇيغۇر ئالىمى ئۆتكەن. خوتەندىن چىققان بۇ مۈشكى ئەنبەر قىزىل كوممۇنىست خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ زۇلمى سەۋەبلىك خوتەننى خۇشپۇراققا تولدۇرۇشتىن مەھرۇم قىلىنىپ، پاكىستاننىڭ باهاۋالناگەر  شەھىرىنى خۇشپۇراققا تولدۇرغان. مۇنبەت خوتەن تۇپرىقى 32 يىلدا ئۆستۈرگەن بۇ ساغلام دەرەخ ھىندىستاندا 10 يىل چېچەكلەپ، پاكىستاندا 50 يىل مېۋە بەرگەن. تۆۋەندە سىلەرگە بىز ئۇيغۇرلارغا ئانچە تونۇشلۇق بولمىسىمۇ، لېكىن ھىندىستان ۋە پاكىستان دىنىي ساھەسىدە ئۆز دەۋرىدە خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئالىمى شەيخ مۇفتى نىياز مۇھەممەد خوتەنىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى سۇنىمىز».

 

ئۇيغۇر ئالىمى، ھەدىس ۋە تەپسىر پېشۋاسى، ماقالە ۋە نۇتۇق پىشۋاسى، ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلغۇچى شەيخ مۇفتى نىياز مۇھەممەد سابىت ئادەم تۈركىستانى 1907-يىلى خوتەن شەھىرىنىڭ شورباغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. بوۋىسى 350 مو يەرگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ۋە شۇ رايۇندىكى ئەڭ باي ۋە نوپۇزلۇق بولغان كىشىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ باياشات تۇرمۇشتا ئۆسۈپ يېتىلگەن.

نىياز مۇھەممەد خوتەنىينىڭ تەقى – تۇرقى

شەيخنىڭ ئوغلى ئۆز ئاتىسىنىڭ تەقى – تۇرقىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ھۆرمەتلىك ئاتام ئوتتۇرا بوي، گەۋدىلىك، يۈز تېرىسى ئاق سېرىق كەلگەن، جەلپكار ۋە كېلىشكەن كىشى ئىدى. كەڭ پىشانىسىدىن ئېسىل ئەخلاق – پەزىلىتى كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كۆرۈنۈشكىلا جاسارەتلىك ۋە كۈچلۈك ئىرادىلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. ساقاللىرى شالاڭ بولۇپ، ئاستى ئىڭىكىگە چۈشۈپ تۇراتتى. قوللىرى يۇمشاق ۋە سىلىق ئىدى.»

نىكاھ ئەھۋالى

شەيخ نىياز مۇھەممەد خوتەنىي ئۈچ قېتىم ئۆيلەنگەن، ئالدىنقى ئىككى ئايالى شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر، بىرىنچى ئايالى تاغىسىنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ توي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا كېسەل بىلەن ۋاپات تاپقان. ئىككىنچى ئايالى ئۇستازى سابىتۇللاھ داموللامنىڭ قىزى بولۇپ، توي قىلىپ بىر مەزگىلدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا قىزىل كوممۇنىزمغا قارشى ئىنقىلاب پارتلايدۇ. ئىنقىلابتا ئىنقىلاب يول باشچىسى، ئۇستازى، قېيىنئاتىسى بولغان سابىتۇللاھ داموللام ۋاپات بولىدۇ. سابىتۇللاھ داموللام ئىلگىرى: «ئەگەر مەن سىزنىڭ ئوقۇشىڭىز پۈتۈشتىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كېتىپ قالسام، ھىندىستانغا بېرىپ سەيىد مۇھەممەد ئەنۋەر شاھ كەشمىرى دېگەن كىشىدىن ئىلىم ئېلىڭ» دېگەن ۋەسىيەتنى قالدۇرغان ۋە شەيخ نىياز مۇھەممەد خوتەنىيمۇ ئورۇنداشقا ۋەدە بەرگەن. سابىتۇللاھ داموللام شېھىت بولغاندىن كېيىن ئۇ ئۇستازىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇندىماقچى بولىدۇ. ئەمما شەيخ ئايالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. ئايالى ئۇنىڭ ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئايرىلىشىغا رازىلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئايالىغا بولغان ھېسىياتىنىڭ ئۇستازىنىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنداشتىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن شەيخ ئىككى ئاي ئايالى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ۋە يولغا چىقىش ئالدىدا: «ئەگەر بەش يىلغىچە قايتىپ كېلەلمىسەم سىز ئەركىن.» دەيدۇ. ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئايالى بۇ جۇدالىققا بەرداشلىق بېرەلمەي تۆت يىلدىن كېيىن ۋاپات تاپىدۇ.

ئۈچىنچى ئايالى پاكىستاننىڭ ساهارەنپۇرلۇق قارى ئەبۇلھەسەن ساهارەنپۇرىنىڭ قىزى ئەممان جى بولۇپ، قىزنىڭ ئاتىسى شەيخنىڭ ئىلىملىك، پاراسەتلىك، ئىمانلىق ۋە تەقۋادار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى قىزىغا ئۆيلەپ قويىدۇ. شەيخ بۇ ئايالدىن يەتتە ئوغۇل ۋە ئۈچ قىز پەرزەنت كۆرىدۇ. ئوغۇللىرىدىن تۇنجىسى ئىككى يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، قالغانلىرىدىن بىر قىزى ساراڭلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆزلۈكسىز داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىپ ياشاپ كېلىۋاتقاندىن باشقا ھەممىسى ئاساسەن ئىلىمدە يېتىشكەن. ئۇلار ھازىرمۇ دىنىي ساھەدە ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.

شەيخنىڭ ئىلىم ئېلىش جەريانىدىكى جاپا – مۇشەققەتلىرى

شەيخ نىياز مۇھەممەد خوتەنىي 1930 – يىللىرى ئۇستازى ۋە قېيىنئاتىسى سابىتۇللاھ داموللامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى كەلگەندىن كېيىن قاتتىق قايغۇرىدۇ. ئۇستازى سابىتۇللاھ داموللام قەشقەرلىك بولۇپ، خوتەنگە كېلىشتىن ئىلگىرى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى ئايلانغان، بۇخاراغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان ۋە ھىندىستاندىكى دىيۇبەند دارۇلئۇلۇم ئىنستىتۇتىدا ناھايىتى كۆڭۈل قويۇپ ئىجتىھاد بىلەن بىلىم ئالغان ۋە شۇ يەردىكى ھەزرىتى مەۋلانە سەييىد مۇھەممەد ئەنۋەر شاھ كەشمىرىنىڭ تەسىرىگە خىلى قاتتىق ئۇچرىغان ۋە ئوقۇغۇچىسى نىياز مۇھەممەدنىڭ قەلبىدىمۇ ئۇ كىشىگە نىسبەتەن غايىۋى مۇھەببەت پەيدا قىلغان. ھەتتا ئەگەر تېخى ئوقۇشى تاماملانماي تۇرۇپ ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، ھىندىستانغا بېرىپ سەييىد مۇھەممەد ئەنۋەر شاھ كەشمىرى دېگەن كىشىدىن ئىلىم ئېلىشىغا ۋەدە ئالغان. شۇڭا شەيخ ئۇستازى سابىتۇللاھ داموللام ئۆلۈپ كېتىپ نەچچە ئايدىن كېيىنلا قىيىن ئىنىسى ۋە بىر نەچچە ساۋاقداشلىرى بىلەن ھىندىستانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ. ھىندىستانغا بېرىش يولى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، ھىمالايا تېغىنىڭ مۇز داۋانىدىن پىيادە ئىككى ئايدا مىڭ بىر مۇشەققەتتە ئۆتىدۇ ۋە بىر نەچچە ئايدىن كېيىن مۇبارەك رامىزاننىڭ ئاخىرلىرىدا، كەشمىردىن ئۆتۈپ ھىندىستانغا يېتىپ بارىدۇ ۋە بومبايغا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن دىيۇبەند دارۇلئۇلۇمغا كېلىدۇ. ئىلىم ۋە پاراسىتى بىلەن قەلبىدە ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت پەيدا قىلغان كاتتا مۇھەددىس دەپ نام ئالغان ھەزرەت مەۋلانە سەييىد مۇھەممەد ئەنۋەر شاھ كەشمىرىنى توختىماي سۈرۈشتە قىلىدۇ، ئەپسۇس ئۇ كىشىنىڭ ئىككى يىل ئاۋۋال ۋاپات تاپقانلىقىنى بىلىپ، پۈتۈن ئۈمىد – ئارزۇلىرى يوققا چىققاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىدۇ ۋە يۇرتىغا قايتىپ كەتمەكچى بولىدۇ. ئەمما مەۋلانە شەبىر ئەھمەد ئوسمانى بىلەن ھەزرەت مۇفتى مۇھەممەد شافىنىڭ نەسىھىتى ۋە باشقا تۈركىستانلىق ساۋاقداشلىرى ۋە ئىلگىرى كەلگەن تۈركىستانلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن تۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئوقۇشىنى تاماملاشقا ئىرادە باغلايدۇ. ئۇ 1934 – يىلى دىيۇبەند دارۇلئۇلۇم ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە 1942 – يىلى بۇ مەكتەپتە ھەدىس ۋە باشقا پەنلەر بويىچە ئوقۇش تاماملايدۇ، ئوقۇش تاماملىغاندىمۇ پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئەڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلار قاتارىدىن بولۇپ تاماملايدۇ. 1946 – يىلى دىپلوم ئالىدۇ ۋە يەنە ئىككى يىل باشقا پەنلەردە بىلىم ئاشۇرىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېببىي ئىلىم ئۆگىنىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئون يىلغا يېقىن ۋاقتىنى دىيۇبەندتە ئۆتكۈزىدۇ.

شەيخ دارۇلئۇلۇمنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. كېيىن ئۇنىڭ شۇ مەكتەپتىكى ئۇستازلىرىدىن بىرى بولغان شەيخ مەرسى پاكىستاننىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ پۈتۈن ئاھالىسى مۇسۇلمان بولغان باهاۋالناگەر  دېگەن بىر شەھىرىگە دارىلئۇلۇم ھېيتگاھ دەيدىغان بىر مەكتەپنى قۇرماقچى بولىدۇ، مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى ئىھتىياجلىق تۈپەيلى شەيخ مەرسى دىيۇبەند دارۇلئۇلۇمغا خەت يازىدۇ، ئۇستازلار شەيخنى كۆرسىتىدۇ. ئۇستازلار ئۇ يەردە ئاساسەن ئاددىي ئوردۇ تىلىنى قوللىنىدىغانلىقىنى، شەيخىنىڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۇستازلىرىدىن بىرىنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۇنى ۋە يەنە بىر ئوقۇتقۇچىنى پاكىستانغا يولغا سالىدۇ. ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن مەكتەپنىڭ دەسلەپكى ئۇل تېشىنى ھەممەيلەن شەيخنىڭ قويۇشىنى ئېيتىپ ئۇنى ئۇلتېشى قويغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەيخ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باهاۋالناگەر دا ھەم ئوقۇتقۇچى ھەم باشقۇرغۇچى بولۇپ 50 يىلنى ئۆتكۈزىدۇ. ئارىدا ئۆيلۈك ئوچاقلىق بولۇپ، توققۇز بالىغا ئاتا بولۇپ قاتارغا قوشىدۇ. باهاۋالناگەر  ھىندىستان چېگرىسىغا ئون نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان شەھەر بولغانلىقتىن، 1971 – يىلىدا باشلانغان دەھشەتلىك ھىندىستان ۋە پاكىستان ئۇرۇشىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. دارۇلئۇلۇم ھېيىتگاھ مەكتىپى تاقىلىپ قېلىش گىردابىغا كېلىپ قالغاندىمۇ، شەيخنىڭ ھەرتۈرلۈك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن داۋاملىق ئىچىلىدۇ ۋە ھازىرغا قەدەر كېڭىيىپ زورىيىپ باهاۋالناگەر  شەھىرىدىكى ئىككىنچى چوڭ دىنىي ئوقۇتۇش مەركىزىگە ۋە شەيخ ھايات ۋاقتىدىلا پۈتۈن پاكىستان دۆلىتىنىڭ دىنىي ئوقۇتۇشتا يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان ئىنستىتۇتلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىدۇ.

بۇ ئارىدا شەرقىي تۈركىستاندا قىزىل خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى قوزغىلاڭلار ئۈزۈلمەي داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى يەنىلا خوتەننى كونتىرۇل قىلىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن پۇقرالارنى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى بېجىرىشكە مەجبۇرلايدۇ، شۇ قاتاردا چەتئەلدە ھىندىستاندا تۇرىۋاتقان شەيخمۇ خىتاينىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن 1940-يىلى 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى خىتاي كىملىكىنى بېجىرىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئەمما شەيخ ئەمدى ۋەتەنگە قايتىپ بارسا ئەركىن بولغان بىر ئىسلامىي ھايات كەچۈرۈشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق تونۇپ يېتىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك كۆچمەن بولماقچى بولىدۇ، قىزىل خىتاي كوممۇنىستلىرى خوتەننى قولغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن نۇرغۇن دىنىي ئالىملارنى ۋە ئىنقىلاپقا قاتناشقان كىشىلەرنى قەتلىئام قىلىدۇ، شەيخمۇ ۋەتەندىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى دىنىي ئوقۇش بىلەن شۇغۇللانغاندىن باشقا يەنە ئىنقىلابقىمۇ قاتناشقانلىق سەۋەبىدىن ۋەتەنگە قايتىپ بېرىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى بىلەن ئايرىلىپ 60 يىل بولغاندا، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، نەۋرە سىڭلىسى سارە خېنىمدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋېلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا  1992- يىلى 6 – يانۋاردا 85 يېشىدا پاكىستاندا ۋاپات بولىدۇ.

شەيخ ئۆمرىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بىلىم ئېلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئىككىنچى ئايالىنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان تۇرۇپ يەنە بىلىم ئىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ئايرىلىشى، ئاچارچىلىق مەزگىللىرىدە ئوقۇغۇچىلىرىنى ئېلىپ دەريا بويىدا بىر كۈننىڭ ئىچىدە بىر بۆلۈكىنى يېرىم كۈن دەرس ئوقۇتسا، يەنە بىر بۆلۈكىنى بېلىق تۇتۇشقا ئەۋەتىپ تۇرۇپ ھەم ھاياتلىقنى ھەم ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ماڭغانلىقى، شۇنداق قىيىن شارائىتلاردىمۇ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى تاشلاپ قويمىغانلىقى ئالىمنىڭ بىلىم ئىشقىدا ئۆمرىنى پىدا قىلغانلىقىغا مىسال بولالايدىغان، ئەمما نۇرغۇن بىلىم ئالىمىز دېگەن كىشىلەر قىلالمايدىغان ئىشلاردىن سانىلىدۇ. خەلقىمىز ئىچىدىن چىققان مۇشۇنداق بىر ئالىمدىن پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئۇ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان كىشى بولسىمۇ، لېكىن باهاۋالناگەر گە كەلگەندىن كېيىن ئۇستازىغا ياردەملىشىپ ھەم ئوقۇتقۇچى ھەم باشقۇرغۇچى بولۇپ قالىدۇ. بولۇپمۇ مەكتەپ قۇرۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇستازى شەيخ مەرسى ئۇ يەردىن كۆچۈپ كېتىدۇ ۋە پۈتۈن مەكتەپنىڭ باشقۇرۇش ئىشلىرى شەيخكە قالىدۇ. كېيىنكى يىللاردا ئەسلىدىكى ئىككى ئىغىز ئۆيلۈك مەكتەپ زورىيىپ بىر يۈرۈش بىناسى بار مەكتەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ، تەبىئىيلا باشقۇرۇش ئىشلىرى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئوقۇتقۇچىلىق ئىشلىرىنى توختىتىپ قويمايدۇ. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا 14 پەن بويىچە دەرس بېرىدۇ، ھەريەردىن مەخسۇس دەرسۇ نىياز دەپ شەيخنى ئىزدەپ كەلگەن ھەرمىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۇنىڭدىن دەرس ئالىدۇ. ئۇ 50 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا ئاساسلىق تۆت پەن بويىچە دەرس بېرىدۇ، كېيىن ئىككى توم بۇخارىي شەرىفنىڭ ئۇستازلىقىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قىلىدۇ.

شەيخ نىياز مۇھەممەد خوتەنىي تەقۋادار كىشى بولۇپ قۇرئان ۋە سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىدىغان، خاراكتىرى كۈچلۈك، ھەق-ناھەق مەيدانى مۇستەھكەم كىشى ئىدى. ئۇ قۇرئاننى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، ھەركۈنى ئون پارە قۇرئان ئوقۇيتتى. نەگىلا بارسۇن قۇرئان يېنىدا بولۇپ، بوش ۋاقتى چىقسىلا قۇرئان ئوقۇيتتى ۋە تەپەككۇر قىلاتتى، سۈننەتكە چىڭ ئېسىلاتتى، ناھايىتى ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتى. سۆز قىلىش، مېڭىش – تۇرۇش، تاشقى كۆرۈنۈش، كېيىنىش، لېكسىيە سۆزلەش قاتارلىق ھەربىر ئىشىدا سۈننەتكە ئەگىشەتتى، مۇھىم سۆزلەرنى قىلغاندا ھەدىسكە ئاساسەن ئۈچ قېتىم تەكرارلايتتى.

شەيخ ناھايىتى كەمتەر، ئەپۇچان، يۇمۇرىستىك ۋە خۇشپېئىل كىشى بولۇپ، يۈرىكىدە قان سىرغىپ تۇرسىمۇ لەۋلىرىدە تەبەسسۇم كەتمەيدىغان پەزىلەتلىك كىشى ئىدى. تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، بىر مۇساپىر كىشىنىڭ ئۆزگە يۇرتتا، يەنە كېلىپ ھېچبىر تۇغقىنى يوق ياكى ۋەتەندىكىلەر بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى يوق ھالەتتە ئېسىل ئائىلىلەردىن بىرىگە كۈيئوغۇل بولۇشى، يەنە پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر يۇرت مۆتىۋەرلىرىدىن بولۇشى، شەھەر مەركىزى مەسچىتىدە 30 يىل ئىمام ۋە خاتىپ بولۇشى، يەنە شەھەر كىشىلىرىنىڭ ھېيت نامازلىرىغا ئىمام بولۇپ ياشىيالىشى ئاددى ئىش بولمىسا كېرەك. بۇ جەرياندا نۇرغۇن بەدەللەرنى تۆلىگەنلىكىنى ۋە قۇربانلىقلارنى بەرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ بولالماسلىقىمىز مۇمكىن.

ئەلۋەتتە شەيخنىڭ ئايالىمۇ پەزىلەتلىك ئايال بولۇپ، ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك مەنىۋى ۋە ماددىي يار – يۆلەكتە بولىدۇ. ئەر – ئايال ئىككىيلەن بالىلىرىنى تەربىيلەشكە ۋە باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىم – تەربىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشقا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ھاپىز سىراج ئەھمەد ئاخۇن قۇرئاننى پۈتۈنلەي يادلىغاندىن باشقا ھەدىس ئىلمىدىمۇ بەلگىلىك سەۋىيىگە ئىگە بولغان. كېيىن ئۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشتىن باشقا يەنە دارۇلئۇلۇم ھېيتكاھ ئىنىستېتۇتىنىڭ باشقۇرۇش خىزمىتىگە ياردەملەشكەن، باشقا ئوغۇللىرىدىن شەيخۇلھەدىس جەلىل ئەھمەد ئاخۇن، مۇفتى مۇنىر ئەھمەد ئاخۇن ۋە مۇفتى خالىق ئەھمەد ئاخۇن كاراچىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ھازىر پاكىستان تەۋەسىدە خىلى چوڭ تەسىرگە ئىگە ئىلىم ئەھلىلىرىدىندۇر. يەنە بىر ئوغلى جەمىل ئەھمەد ئاخۇن دوختۇر بولغان، يەنە بىر ئوغلى خەلىل ئەھمەد ئاخۇن ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن.

 

بۇ تەرجىمىھال شەيخنىڭ ئوغلى شەيخۇلھەدىس جەلىل ئەھمەد ئاخۇننىڭ «Mushk-Khotan» دېگەن كىتابىغا ئاساسەن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەييارلىغان.

تەييارلىغۇچى: تەزكىيە.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ