(ھ. 1324 – 1392 / م. 1906– 1972)
ئۇنىڭ ئىسمى – ئاتىسى نىمموللا ئەلى بولۇپ، بەزىلەر ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ ئەھمەد ئىكەنلىكىنى ئېيتسا، يەنە بەزىلەر مۇھەممەد ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ كۇچا ۋىلايىتى باي – سايرام ناھىيەسىگە قاراشلىق تىزەكقايغۇ دېگەن جايدا تۇغۇلغان. دادىسى ئىلىم – مەرىپەتلىك يوقسۇل دېھقان بولۇپ، موللا ئەلى سايرامىي دېگەن نام بىلەن مەشھۇر ئىدى. نىمشەھىد دادىسىنىڭ ھىمايىسىدە چوڭ بولغان. دادىسى موللا ئەلى ئۇنىڭغا دىن، ھېساب ۋە يېزىقچىلىق بىلىملىرىنى ئۆگەتكەن. ئاندىن ئۇ يۇرتىدىكى پەزىلەتلىك ئالىم – ئۆلىمالاردىن ئىلىم ئالغان. ئاخىرىدا تارىمنىڭ شىمالىي ھاۋزىسى بولغان مۇنبەت ئىقلىم – كۇچا شەھىرىگە يۆتكەلگەن.
ئۇ ئەدەبىياتقا، بولۇپمۇ شېئىر – قەسىدىلەرگە ئىنتايىن ھەۋەس قىلاتتى، ئاساسىي دىنىي بىلىملەر، ئىسلام تارىخى، فىقھ، ھەدىس، تەفسىر، ئىستىلىستىكا ۋە لوگىكا قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگەنگەندىن تاشقىرى ئەرەب ئەدەبىياتى، ئەرەب تىلى ۋە ئۇنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرىنىمۇ ئۆگەنگەن. ئۇ باي، كۇچا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان ۋە يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئوقۇشىنى قەشقەردە تاماملاپ، 1928 – يىلى قەشقەر ئالىملىرىدىن رەسمىي ئىجازەتنامە ئالغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇ تېخى 22 ياشتىن ئاشمىغان ئىدى.
نىمشەھىد ئوقۇش پۈتتۈرۈشتىن بۇرۇنمۇ ۋە كېيىنمۇ ئۇجۇر – بۇجۇرىگىچە تولۇق بىلىدىغان ئۈچ خىل تىلدا ئەدەبىي تەرەپلەرگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن. 20 – يىللار تۈركىستاننىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. توغرىسى، بۇ دەۋرلەر تۈركىستان تارىخىدا ئىلىم – مەرىپەت ئىنتايىن گۈللەنگەن بىر دەۋر بولۇپ قالغانىدى، چۈنكى تۈركىستاننىڭ 10 ۋىلايىتىىنىڭ ھەممىسىدە زامانىۋى مەكتەپلەرنى ئېچىش دولقۇنى قوزغالغان. ھەممە پۈتۈن ئىمكانىيىتىىنى بۇنىڭغا بېغىشلىغان. ئېكساق، ئاستانە ۋە چۆچەك زامانىۋى تەلىم – تەربىيەنىڭ مەركەزلىرى بولۇپ قالغان. بۇ مەدرىسەلەردە ئافغانىستان، تۈركىيە ۋە تاتارىستان (قازان) لاردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. يەنە ئىككى ھەرەم (مەككە مۇكەررەمە ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەرە) دىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ئىككى ھەرەمدىن شەرقتىكى ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، بولۇپمۇ تۈركىستاننى كۆز ئوڭىدا تۇتۇپ كەلگەنىدى.
20 – يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاي ۋە رۇس مۇستەملىكچىلىرىگە قارىشى خەلق قوزغىلىڭى پارتىلاشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شۇنىڭغا ماس ھالدا ئىلمىي ئويغىنىشمۇ جانلانغانىدى. نىمشەھىد ئىجتىمائىي ئىشلارغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ھېسسىياتلىق شائىر بولغاچقا، كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى يازاتتى. خەلق ئېغىزىدا ئېقىپ يۈرگەن ھەر خىل ژانىردىكى رىۋايەتلەرنى خاتىرىلەيتتى. بۇ ئارقىلىق دىنىي، ئىقتىسادىي ۋە مەمۇرىي ئىشلاردا تەلىيى ئوڭدىن كەلمىگەن بۇ مىللەتنىڭ ئەلەملىك ئىچكى تۇيغۇلىرىنى ئىپادە قىلىپ بېرەتتى.
نىمشەھىد ئىلھامنى بۇ ئىلمىي ئويغىنىشلاردىن ھەمدە بۇ «قۇرئان» ئۈممىتىنىڭ تەلىم – تەربىيەسىنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن تۆلەنگەن بەدەللەر ۋە قۇربانلىقلاردىن ئالاتتى. 1933 – يىلى نىمشەھىد قەشقەر شەھىرىدە يۇقىرى باسقۇچتا ئوقۇۋاتقاندا، پارتىلىغان ئىسلامىي ئىنقىلابقا دۇچ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يالقۇنلۇق ھېسسىياتى ۋە تۇيغۇلىرىنى قەلەم ۋە ئەلەم بىلەن بىللىلا ئىپادىلەيدۇ. ئۇ جەڭلەرگە قاتنىشىدۇ ۋە سىناقلارغا دۇچ كېلىپ شەھىد بولۇشقا تاس قالىدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى – مەرھەمىتى بىلەن شىپا تاپقاندىن كېيىن «نىمشەھىد» يەنى يېرىم شەھىد دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ نام شۇنىڭدىن باشلاپ مەشھۇر بولۇشقا باشلايدۇ.
ئۇنىڭ ئىلمىي سەمەرىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
· «يۈسۈف – زۇلەيخا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى.
· «گۆر ئاغزىدىن قايتقۇچى» ناملىق تارىخىي شېئىرىي داستان.
· « پەرھاد – شېرىننىڭ مىڭ بىر مەنزىلى» ناملىق كىتاب.
· «لەيلى – مەجنۇن» ناملىق كىتاب.
· «پەرھاد – شېرىن» ناملىق فولكلور درامىسى شەكلىدە يېزىلغان كىتاب. بۇنى 1950 – يىلىدىن كېيىن قايتا تۈزىتىپ ۋە تەھرىرلەپ يەرلىك ۋەزىيەتكە ئۇيغۇن شەكىلدە تەييارلاپ «ئېلى گېزىتى»دە ئېلان قىلغان. كېيىن قېلىن ئۈچ توملۇق ھالىتىدە نەشر قىلىنىپ بازارغا سېلىنغان ۋە بىر ھەپتىدىلا سېتىلىپ تۈگىگەن.
نىمشەھىد قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلار 15 مىڭ بېيىتتىن ئاشىدىغان شېئىرىي مىراسلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇ 1935 – يىلىدىن تارتىپ كۇچا ۋىلايىتىدىكى قىزلار مەكتىپىدە مۇدىر بولۇپ، زامانىۋى تەلىم – تەربىيە كادىرلىرى باش ئىدارىسىدىكى كادىرلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. كېيىن «ئاقسۇ يېڭى خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1945 – يىلى زىققا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن ۋە ئانا يۇرتى باي ناھىيەسىگە قايتىپ كەتكەن. ئاللاھ بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇنىڭ كېسىلگە شىپا بېرىشنى ئىرادە قىلغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شىمالدىكى ئۈچ ۋىلايەتتىكى ئىنقىلاب بىلەن مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ «ئىسلامىي ئىنقىلاب ئۇچقۇنى جەمئىيىتى»گە قاتنىشىدۇ.
بۇ جەمئىيەت ئابدۇكىرىم ئابباس ۋە لۇتپۇللا مۇتەللىبنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا دۈشمەنلەرگە قارشى قورال كۆتۈرگەن ئىدى. 1945 – يىلىدىكى ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىدىن كېيىن ئۇ غۇلجا ۋىلايىتىگە چېكىنىدۇ ۋە «ئېلى گېزىتى»گە ئىشقا چۈشىدۇ. 1950 – يىلى يەنە يۇرتى بايغا قايتىپ ئىجتىمائىي ئىشلارنى ئىدارە قىلشقا مەسئۇل بولىدۇ. 1952 – يىلى خىتاي خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلىنىدۇ. 1953 – يىلى رايوننىڭ ئەدىبلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەزالىقىغا تاللىنىدۇ. كېيىن يەرلىك يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ ئىشلەيدۇ. ئۇنىڭ ئىلمىي ھاياتىنىڭ ئەڭ خەتەرلىك پەيتلىرى 1943 – يىلى بىلەن 1946 – يىلى ئارىسىدىكى ۋاقىتلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ ۋاقىتلاردا ئۇ قاماققا ئېلىنىپ قىيناشقا ئۇچرايدۇ ۋە يىراق چۆلگە تەخمىنەن بىر يىللىق پالىنىدۇ. ئۇ ئۆمۈر خۇلاسىسى ۋە ھايات سەرگۈزەشتلىرىنىڭ توپلىمىنى چىقارغان.
ئۇ 1972 – يىلى 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ۋاپات بولغان ۋە سەكراتتىكى ھالىتىدە ئانا يۇرتىغا، ئەدىب ئۇستاز مۇسا سايرامىينىڭ يېنىغا دەپنە قىلىنىشىنى ۋەسىيەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ۋەسىيىتى ۋاپاتىدىن بىرقانچە يىل كېيىن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.
تەرجىمەدە: بىلىميار