گېنېرال داۋۇد ئوسمان ئۈرۈمچىي

گېنېرال داۋۇد ئوسمان ئۈرۈمچىي

داۋۇد ئوسمان شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇپ، شوپۇرلۇق مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 30 – يىللاردا ئۈرۈمچىدىكى ساقچى ئىدارىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن. ئۇ خىزمەتنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەخلاق – پەزىلەتلىك، ھەرىكەت قىلىپلا تۇرىدىغان كىشى ئىدى، دائىم ئۆزىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ تۇرۇپ باشلىقىنى رازى قىلىشقا كۈچەيتتى. ئۇنىڭغا كۆپ قېتىم ساقچى – ئوفېتسېرلار ئارىسىدا مەنسەپكە ئېرىشىش پۇرسىتى كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئوقۇش تارىخى توغرا كەلمەي قالغانىدى. نېمىلا بولمىسۇن ئۇ ئازغا قانائەت قىلىدىغان كىشى ئىدى. ئۇ ساقچىخانىدا ئەڭ تۆۋەن مەرتىۋىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ كىچىك پېئىل ئائىلىدىن كېلىپ چىققان ئىدى. ئۇنىڭ قىياپىتىدىن غايىلىكلىكى، ئېسىللىقى چىقىپ تۇراتتى. دائىم دېگۈدەك باشقىلار ئۈچۈن قۇربانلىق بېرەتتى، كۆپ ۋاقتىنى دەرىجىسى يۇقىرى، ياشقا چوڭ خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ئۆتكۈزەتتى. ئۇ چىن تىلىنى شۇنداق پۇختا بىلەتتىكى بەئەينى چىنلىقلارنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇنى خىزمەتداشلىرى بولسۇن ياكى باشقا كىشىلەر بولسۇن ھەممە ياقتۇراتتى. ئۇ ئاددى خىزمەتچى بولۇش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى، يۇقىرى مەنسەپكە ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ھەۋەس قىلمايتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈشى ۋە ئۆزىنىڭمۇ كىشىلەرنى ياخشى كۆرۈشى بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى، چۈنكى ئۇ ئاتا – ئانىسىدىن كىچىك قالغان ۋە ئانا تەرەپ تاغىلىرىنىڭ قېشىدا چوڭ بولغان.

كۈنلەر تا 1945 – يىلىغىچە مۇشۇنداق ئۆتىدۇ. شۇ يىلى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىللەنگەندە چىندىن دوكتور مەسئۇد سەبرىي، ئۇستاز مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇستەقىللىققا ياكى مىللىي مۇختارىيەتكە چاقىرغۇچى ئۇستازلار يېتىپ كېلىدۇ. داۋۇدنىڭ تەبىئىتى خىزمەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارغىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلارمۇ ئۇنى ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ئۇ تولۇق ئالتە يىلنى ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئالتە يىلدا ھۆكۈمەتتە ۋە ھۆكۈمرانلاردا، چىن – تۈركىستان بىرلەشمە ھۆكۈمىتى ۋە شىمالدىكى ئىنقىلابچىلار ۋەزىيىتىدە، ئاندىن مەسئۇد سەبرىي باشچىلىقىدىكى يەرلىك ھۆكۈمرانلىقتا، ئاخىرىدا بۇرھان شەھىدىي ھۆكۈمرانلىقىدا بىر قاتار ئىشلار بولۇپ ئۆتىدۇ. ماۋزېدوڭنىڭ قوشۇنلىرى ۋەتەنگە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن مەزكۇر ئاقساقاللار ۋەتەندىن ھىجرەت قىلىپ كېتىشنى قارار قىلىشىدۇ. داۋۇدمۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ بىللە ھىجرەت سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە مېڭىشنى تاللىغان ئىدى.

ئۇ ئۇلار بىلەن 1949 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا كەشمىر ۋادىسىغا يېتىپ بارىدۇ. غەرب ئەلچىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سەپىرىگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ۋە ئۆزلىرىگە قىلغان خىزمەتلىرىنى كۆرگەن داۋۇد ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ئوقۇغۇسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ ۋە نۇرغۇنلىغان ياشلار بىلەن بىللە ئامېرىكىغا قاراپ ئاتلىنىدۇ. ئۇنىڭ ھەربىي خىزمەت ئۆتىگۈسى بار بولغاچقا، بىر يىلدىلا ئىنگلىز تىلى ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ ئارزۇسى بويىچە ھەربىي خىزمەتكە كىرىشىپ كېتىدۇ. ئۇ ۋاشىنگتوندىكى ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئامرىكىدا قېلىشنى تاللايدۇ. ئۇ ھەربىي مەكتەپكە 1956 – يىلى كىرگەن ئىدى.

ئۇ فېدراتىسىيە ئارمىيەسىدە بىرقانچە رەھبەرلىك مەنسىپىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. كېيىن ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ يېشىل بەلۋاغ رايونلىرى ھېسابلىنىدىغان شەرقتە تەيۋەندىن باشلىنىپ ھىندىستان، چىن، ئەرەب، ئىران، تۈركىيە، گرېتسىيە ۋە بېرلىن قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ، شىمالدا فىنلاندىيەگىچە سوزۇلغان كوممۇنىسىت رايونلارنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشقان ھەربىي بازىلىرىنىڭ باش ھەربىي مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلىنىدۇ. 1968 – يىلىدىن 1975 – يىلىغىچە داۋاملاشقان ۋېتنام ئۇرۇشىغا باشتىن – ئاخىر قاتنىشىدۇ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى قوشۇن چېكىندۈرۈشكىمۇ قاتنىشىدۇ. ئۇ 60 – يىللاردا ئىرانغا ماڭغان ياكى ئىراندىن قايتقان سەپىرىدە تونۇش – بىلىشلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا زىيارەتكە كەلگەنىدى.

ئۇ قولىدا مۇسۇلمان بولغان ئامېرىكىلىق بىر قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىر قىز، ئىككى ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن. ھەممە پەرزەنتى ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغان. قىزى ئالتە يىلدىن بېرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدە. بىر ئوغلى ھاۋا ئارمىيە قورال – ياراغ خىزمىتى قىسمىدا، يەنە بىرى نيۇيوركقا يېقىن يەردىكى قورال – ياراغ ئىنژىنېرلىرى قىسمىدا ئىشلەيدۇ.

داۋۇد 1980 – يىلى پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، ئۆزىنىڭ دىنىنى، ئەقىدىسىنى ۋە ئانا ۋەتىنى تۈركىستاننى بىردەممۇ ئەستىن چىقارمىغان، دىنىي ۋە مىللىي بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمەسىنى قايتا باسقۇزۇپ تۈركىستانغا 50 مىڭ نۇسخىدىن كۆپرەك تارقاتقان. ئۇستاز ئەھمەد فەرىد بەگ ئۆز قولى بىلەن سىزىپ چىققان شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەرىتىسىنى چوڭ – كىچىك شەكىلدە باستۇرغان. ئوغۇللىرىغا دىنى ۋە ئەقىدىسى ھەققىدە تەلىم بەرگەن.

ئۇ 1984 – يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئۆمرە ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ۋە دوست – بۇرادەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە مىللىي ۋە دىنىي خىزمەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ قېپقالغان ھاياتىنى مۇشۇنداق خىزمەتلەرگە ئاتىۋەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن، قەلبىنى ئىمان ۋە دىن ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلغاي!

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى. تەرجىمەدە: بىلىميار

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ