باھائۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم يۇرۇڭقاش

باھائۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم يۇرۇڭقاش

(ھ. 1237 – 1330 / م. 1821 – 1911)

 

مۇھەممەد ئەمىن ئوغلى باھائۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيەسىنىڭ يۇرۇڭقاش دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان. بىلىمنى خوتەندە ئالغان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن قازىلىق، پەتۋا ئىشلىرى قاتارلىق بىرقانچە ئىشلاردا رەھبەرلىك رولىنى ئۆتىگەن. ھىجرىيە 13 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ھەج قىلىش ئىستىكىدە سەپەرگە ئاتلانغان. ھىندىستانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن شۇ ۋاقىتتىكى ھىندىستان مۇفتىسى ئابدۇلھەي مەۋلەۋىي بىلەن كۆرۈشكەن، دىيۇبەند، لوكىنھۇ قاتارلىق ئىلىم دىيارلىرىدىكى مەشھۇر ئالىملار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان.

شەيخ باھائۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم ئىسىمدىشى شەيخ باھائۇددىن مەخسۇم بىلەن باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئېسىلزادىلەرچە ياشاش، ئىلىم سورۇنلىرىدىكى سۆزمەنلىكى ۋە ئالاھىدە تالانتىنىڭ بارلىقى، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى مەسىلەن، تۇرالغۇ، كىيىم – كېچەك، يېمەك – ئىچمەك… قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە بىر – بىرىگە ئوخشىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىرى مول بىلىمگە ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە، ياخشى ئىشلارغا بارلىقىنى بېغىشلايدىغان، بولۇپمۇ تەلىم – تەربىيە تەرەققىياتى، مەكتەپ – مەدرىسەلەر، ئىلمىي ئاكادىميە ۋە ئىنستىتۇتلار كەبى ئىلىم – مەرىپەت بۇلاقلىرىنى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە چامىنىڭ يېتىشىچە كۈچ چىقىرىدىغان كىشىلەر ئىدى.

مەرھۇم ئەرەب – ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىلغار ئوقۇ – ئوقۇتۇش پىروگراممىلىرى بىلەن تونۇشۇپ، ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلىم – مەرىپەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۇسلۇبلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن شۇ پىروگراممىدىن پايدىلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇ – ئوقۇتۇشى خوتەن ۋىلايىتىدىكى خانلىق مەدرىسەدە بولغانىدى. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، يۇرتنىڭ ھۆكۈم ۋە پەتۋا ئىشلىرىغىمۇ ئىگە بولغانىدى. بۇ 1931 – يىلىدىكى ئىنقىلابتىن بىر يىل بۇرۇنقى ئىشلار ئىدى.

رەھمەتلىك باھائۇددىن ئەئلەم ئاخۇنۇم ھ. 1330 – يىلى 100 ياشقا يېقىن ئۆمۈر كۆرۈپ ۋاپات بولغان.

جانابى ئاللاھ تائالادىن مەرھۇمغا رەھمەت قىلىشىنى، ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمىز.

ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ