Ümmitige_méhriban_peyghember

ئۈممىتىگە مېھرىبان پەيغەمبەر

دوكتور راغىب سەرجانىي

دەرھەقىقەت، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر – شەپقىتى ھەرگىز ئۆز زامانداشلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى يىراق – يىراق ماكانلار، ئۇزاق زامانلار مابەينىدىكى بارلىق ئىنسانىيەتكە تا قىيامەتكىچە داۋاملاشقۇچىدۇر. ئۇ زاتنىڭ ئەسھاب كىرامغا قىلغان مېھرىبانلىقى ئۆزىدىن كېيىن كەلگەن ۋە ھەمىشە ياخشىلىق ئۈستىدە بولغان بارچە ئۈممەتكە ئورتاق ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايدىڭ. چۈنكى، ئۇ زات بىلەن ساھابە كىراملار ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەنلەر ئۇلار ياشىغان زامانغىلا خاس بولماي، بەلكى قىيامەتكە قەدەر ھەممە قوبۇل قىلىدىغان پۇختا شەرىئەت بولۇپ بەلگىلەنگەندۇر.

ئاللاھنىڭ ئىنايىتى بىلەن بىز بۇ ماقالىمىزدە سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر – شەپقىتىنىڭ ئۆز زامانداشلىرىغىلا ئەمەس، كېيىنكىلەرگىمۇ ئۆچمەس نەمۇنە ئىكەنلىكىنى، ھەرگىزمۇ دۇنياغا مەشھۇر كاتتىباشلاردەك ئۆز زامانىسىدىكى خالايىقلارنىڭ ئەھۋالىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ، كېلەچەك بوغۇنلارغا سەل قارايدىغان شۇنداقلا ئويلاشمايدىغانلاردىن ئەمەسلىكىنى بايان قىلىمىز.

پەيغەمبىرىمىز جىمى زامانلاردىكى ئۈممەتنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەمىشە ئۇلارنى ئويلاپ تۇراتتى. بۇ ھالەت تۈرلۈك ئورۇنلاردا ناھايىتى كۆپ نامايان بولىدۇ.

1. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈممىتىگە بولغان مېھرىبانلىقىنىڭ بايانى

مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر – بىرىگە دۈشمەن قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈردى(1).

خرىستىيان پوپ ئەزىز(2) كولبمان جامائىتىگە ناھايىتى كەسكىن ۋە قاتتىق جازالارنى بەلگىلەپ، ئىبادەت خورى باشلانغاندا كىم يۆتەلسە ياكى تەبەسسۇم قىلسا، ئالتە قامچا، راھىبلار تاماقتىن ئىلگىرى قىلىنىدىغان دۇئانى ئۇنتۇسا 12 قامچا، ئىبادەتكە كېچىكسە 50 قامچا، تالاش – تارتىش قىلىشقانلارغا 100 قامچا، ئاياللارغا ئۇياتسىز سۆز قىلغانلارغا 200 قامچا ئۇرۇش جازاسىنى بېكىتكەن ئىدى، لېكىن ئىسلام دىنىمىز ئۇنداق قىلمىدى(3).

ھەقىقەتەنمۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىگە بولغان مېھرىبانلىقى ئەقىل تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئىدىكى، بۇ كۆيۈنۈش مەيلى دىندا ياخشى كۆرۈلگەن، ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئىشلاردا بولسۇن، مەيلى ئۈممىتى بۇيرۇلغان ئىشلاردا بولسۇن، ئۈممىتىگە ئېغىر كېلىشتىن تولىمۇ ئېھتىيات قىلاتتى. ئۇ زات ئۈممىتىگە ئېغىرچىلىق كېلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن، ئۇ ئېغىرچىلىق تۈپەيلى ئۇلارغا بىرەر مالاللىق ۋە كېسەللىكلەرنىڭ يېتىپ قېلىشىدىن ياكى ئۇلارغا ئىنسان قۇدرىتىدىن تاشقىرى بىرەر ئىشلارنىڭ يۈكلىنىپ قېلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيتتى.

كۆپىنچە ۋاقىتلاردا پەيغەمبىرىمىزنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشلارنى قىلىشتىن پەقەت ئۈممىتىگە جاپا بولۇپ قېلىش ئەندىشىسىدىن باشقا نەرسە توسۇپ قالالمىغانلىقىنى كۆرىمىز.

بۇ ھەقتە مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىرەر ئەمەلنى قىلىشنى ياخشى كۆرگەن تۇرۇقلۇق، كىشىلەرنىڭ (رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ) ئۇنى قىلىشى بىلەن ئۇلارغا پەرز قىلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇ ئەمەلنى تەرك ئېتەتتى»(4). يەنە بىر رىۋايەتتە مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ بېكىتىلگەن پەرزلەر ئىچىدە كىشىلەرگە ئەڭ يەڭگىلىنى ياخشى كۆرەتتى»(5).

دەرۋەقە، بىرەر ئىشنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۈممىتىگە مۇشەققەت يېتىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ: «ئەگەر ئۈممىتىمگە مۇشەققەت بولمىغىنىدا» دېيىش ئارقىلىق بۇ ئۈممەتكە بولغان مېھرىبانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ كىشىلەرنىڭ ھەر قېتىم چوقۇم جەڭگە چىقماي قالمايدىغان بولۇپ ھەرەج تارتىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بەزى جەڭلەرگە چىقماسلىقى نېمە ۋەجىدىن؟! خۇپتەن نامىزىنى كېچىنىڭ يېرىمىغا كېچىكتۈرمەسلىكى، مۇسۇلمانلارغا پەرز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ رامازان ئېيىدا تاراۋىھ نامىزىغا چىقماسلىقى، تەكرار – تەكرار يىلدا ھەج قىلىش مەسىلىسىنى سورىغۇچىنىڭ سوئالىغا، ئۈممىتىگە پەرز بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، سوئالىنى جاۋابسىز قالدۇرۇشى نېمە ۋەجىدىن؟! بۇ ئۈممەتكە قىلىنغان مېھرىبانلىقنىڭ نامايەندىسى ئەمەسمۇ؟!

پەيغەمبىرىمىزنىڭ مېھىر – شەپقەت گۈلخانىنىڭ ئۇچقۇنلىرىدىن: «ناﯞﺍﺩﺍ ئۈممىتىمگە ئېغىرچىلىق بولىدﯗ ﺩېمىسەﻡ، ئۇﻻﺭنى ھەﺭ ناماﺯ بىلەن بىللە مىسۋﺍﻙ ئىشلىتىشكە بۇيرﯗيتتىم»(6) ۋە يەنە: «ئەگەر ئۈممىتىمگە مۇشەققەت بولمىسا ئىدى، ھەر ناماز باشلاشتىن ئىلگىرى مىسۋاك ئىشلىتىشكە بۇيرۇيتتىم ۋە خۇپتەن نامىزىنى كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىگىچە كېچىكتۈرگەن بولاتتىم»(7) دېيىشلىرىنى قانداق چۈشىنىسىز؟!

پەيغەمبىرىمىزنىڭ بۇ ئۈممەتكە غەمخورلۇق قىلىش ئۇسلۇبى ناھايىتى ئوچۇق ۋە ئۆزگىچىدۇر.

سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى پېقىر – مىسكىنلەردىن تارتىپ تاكى قىيامەتكىچە كېلىدىغان كەمبەغەللەرگە بولغان ھېسداشلىقى ۋە ئىللىق مۇئامىلىسى مېھرىبانلىقنىڭ يەنە بىر نامايەندىسىدۇر.

پەيغەمبىرىمىز بۇ ئۈممەتنىڭ پېقىر – مىسكىنلىرىنى بىر دەقىقىمۇ ئېسىدىن چىقارغان ئەمەس، بەلكى ئۇلار ھەققىدە ئۈممىتىگە ئېنىق تەۋسىيەلەرنى قىلىپ، ئۇلارغا سەل قارىماسلىقنى جېكىلىگەن. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز ئۈممەتنىڭ بايلىرىنى پېقىر – مىسكىنلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ئۈندەپ مۇنداق دېگەن: «بەندىلەر تاڭ ئاتقۇزغان ھەر كۈنى ئىككى پەرىشتە چۈشۈپ، بىرى: ‹ئى ئاللاھ! (مېلىنى خەيرلىك ئىشلارغا) سەرپ قىلغۇچىغا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن› دەيدۇ. يەنە بىرى: ‹ئى ئاللاھ! (مېلىنى خەيرلىك ئىشلارغا سەرپ قىلماي) چىڭ تۇتۇۋالغان كىشىگە تالاپەت ئەۋەتكىن› دەيدۇ»(8). ۋە يەنە رەسۇلۇللاھ ئەسماﺋ رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا، پېقىر – مىسكىنلەرگە نەپىقە قىلىنسا، ئاللاھ ھېسابسىز ئەجىر بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا نەسىھەت قىلىپ: «خەجلەڭ، ساناپ بولدى قىلىۋالماڭكى، ئاللاھمۇ سىزگە ساناپ بەرمىگەي، چىڭ سىقىپ ساقلىۋالماڭكى، ئاللاھمۇ سىزگە بەرمەي سىقىۋالمىغاي» دېگەن(9).

شۇنىڭدەك، جانابى رەسۇلۇللاھ پېقىر – مىسكىنلەرنىڭ ئۆزلىرىنى باي كىشىلەردىن تۆۋەن ھېس قىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى مەنىۋى ئېھتىياجلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. بۇ بارىدىكى ئەڭ يارقىن كۆرۈنۈشلەردىن بىرى، رەسۇلۇللاھنىڭ ئازادگەردىسى ئەبۇ رافىئ‍ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇربان ھېيت كۈنى ناھايىتىمۇ كۆركەم، مۈڭگۈزلۈك ئىككى سېمىز قوچقار سېتىۋالدى ۋە ھېيت نامىزى ئوقۇدى، ئاندىن ئۆزى نامازگاھتا تۇرۇپ كىشىلەرنى قوچقارلاردىن بىرىنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇدى ۋە ئۆز خەنجىرى بىلەن بوغۇزلاپ: «ئى ئاللاھ! بۇ قۇربانلىقىم سېنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىڭغا ھەم مېنىڭ ئۆزۈڭ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن ئەلچى ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بەرگەن بارچە ئۈممەت ئۈچۈندۇر» دېدى. يەنە بىرسىنىمۇ بوغۇزلاپ: «بۇ قۇربانلىقىم مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئۈچۈندۇر» دېدى ۋە ئۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى كەمبەغەللەرگە يېگۈزدى، ئۆزى ۋە ئائىلىسىمۇ يېدى(10).

پەيغەمبىرىمىز مېھرىبانلىقنىڭ شۇ قەدەر يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن ئىدىكى، ئۇ زاتنىڭ مېھرىبانلىقى ماددەن ۋە جىسمانەنلا ئەمەس، بەلكى ئەقلەن ۋە قەلبەنمۇ سېزىلەتتى. كىم بولمىسۇن پەيغەمبىرىمىزگە ئۆز ھاجىتىنى بايان قىلىدىكەن، ئۇ زات مېھرىبانلىقى بىلەن ئۇنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلاتتى ۋە باشقا مۇئمىنلەرنىمۇ موھتاجلارغا ياردەم بېرىشكە ئۈندەيتتى.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇسۇلمانلارئارا سەدىقە ئۇقۇمىنى ناھايىتى كەڭ ئىزاھلاپ، ئۇنىڭ تەڭگە – تىللالارنىلا ئەمەس، بەلكى بارلىق ئەمەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى توغرىسىدىكى سۆزى نېمىدېگەن قالتىس ئېيتىلغان – ھە! رەسۇلۇللاھ ئىنسانلارئارا مېھىر – شەپقەتنى يېيىشتا موھتاج ۋە يوقسۇللارنىڭمۇ ئايرىلىپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ: «قېرىندىشىڭنىڭ چىرايىغا قاراپ تەبەسسۇم قىلىشىڭمۇ سەدىقە، ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇشۇڭمۇ سەدىقە، ئازغانلارغا يول كۆرسىتىپ قويۇشۇڭمۇ سەدىقە، كۆزى ئاجىز كىشىنى يېتىلىۋېلىشىڭمۇ سەدىقە، يوللاردىكى تاش – تىكەن ۋە سۆڭەكلەرنى ئېلىۋېتىشىڭمۇ سەدىقە، ئۆزۈڭنىڭ چېلىكىدىن قېرىندىشىڭنىڭ چېلىكىنى تولدۇرۇپ قويۇشۇڭمۇ سەدىقەدۇر»(11) دېگەن.

ئەجەبا، مۇشۇ كۆرسەتمىلەر مېھرىبانلىق ۋە كۆيۈمچانلىقنىڭ نامايەندىسى ئەمەسمۇ؟!

ئۇشبۇ مەنادىكى ئېسىللىك ۋە مېھرىبانلىق رەسۇلۇللاھنىڭ ھاياتىدا تولىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇنى ئەسلىگەندە دىللار ئېرىپ، تىللار ئۇنى سۈپەتلەشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ. بەلكى بۇ مېھرىبانلىقنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ، ئىنسانىيەت، ھايۋانات ۋە ئۇچار – قۇشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دەيدۇ: «قايسىبىر مۇسۇلمان بىر كۆچەت تىكسە ياكى بىر زىرائەت تېرىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر قۇش، ئىنسان ياكى ھايۋان يەيدىكەن، شۇ ئىشى سەۋەبلىك ئۇنىڭغا سەدىقە ساۋابى بولىدۇ»(12).

مۇشۇ ئۇسۇل تەتبىقلانغان ۋە مۇشۇ مېھرىبانلىق تارالغان بىر ئالەمنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى! بۇلار نۇرغۇن كىشىلەر ئىزدەپ تاپالمايۋاتقان بەخت – سائادەتنىڭ سەۋەبكارى بولالماسمۇ؟!

سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ئۈممىتىنىڭ ھالاكەت ۋە زاۋاللىققا ئېلىپ بارغۇچى ھەرقانداق سەۋەبكە دۇچار بولۇپ قېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيتتى. شۇڭا، دائىما بۇ ئۈممەتنى ئاشۇ كۈلپەت ۋە گۇناھ – مەئسىيەتلەردىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى. گەرچە گۇناھ – مەئسىيەت كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈممەتكە ئېلىپ كېلىدىغان خېيىم – خەتىرىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيتتى: «كىچىك گۇناھلاردىن ساقلىنىڭلار! كىچىك گۇناھلار خۇددى بىر ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ، بىرسى ئۇ ياندىن، بىرسى بۇ ياندىن ئوتۇن تېرىپ توپلاپ، نېنىنى پىشۇرغان قەۋمنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. كىچىك گۇناھلار گۇناھكارنى ھامان بىر كۈنى ھالاك قىلىدۇ»(13).

پەيغەمبىرىمىز يەنە ئۈممىتىنى جازانىدىن توسۇپ مۇنداق دەيتتى: «بىر دىنارنى ئىككى دىنارغا، بىر دىرھەمنى ئىككى دىرھەمگە، بىر سائنى ئىككى سائغا ساتماڭلار. مەن سىلەرنىڭ جازانىغا چۈشۈپ قېلىشىڭلاردىن ئەنسىرەيمەن»(14).

پەيغەمبىرىمىز ئۈممىتىنى رىياغا يېقىن يولاپ قېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ:

ــ مەن سىلەردە كىچىك شىركنىڭ سادىر بولۇپ قېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرەيمەن، ــ دېۋىدى، ساھابەلەر:

ــ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! كىچىك شىرك دېگەن نېمدۇر؟ ــ دەپ سورىدى. رەسۇلۇللاھ ئېيتتى:

ــ ئۇ بولسىمۇ رىيادۇر، ئاللاھ قىيامەت كۈنى رىياخورلارنىڭ ئەمەلى ئۆلچەنگەندە: ‹سىلەر دۇنيادا رىيا قىلغان كىشىلىرىڭلارنىڭ يېنىغا بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆزۈڭلارنىڭ رىيا ئەمەللىرىڭلارنىڭ مۇكاپاتىنى تاپالامسىلەر قېنى؟› دەيدۇ(15).

يەنە پەيغەمبىرىمىز بۇ ئۈممەتنى ئازغۇن ئىماملارنىڭ قايمۇقتۇرۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن ۋە ئۇلاردىن ئاگاھ بولۇش توغرىسىدا مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەر ئۈچۈن ئازدۇرغۇچى ئىماملاردىن بەك ئەنسىرەيمەن»(16).

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئۈممەتنى بۆلۈنۈش، تالاش – تارتىش ۋە ئاداۋەتلىشىشتىن كۆپ ئاگاھلاندۇراتتى. كىشى ئۇ زاتنىڭ ئۈممىتى ھەققىدە سۆزلىرىگە يوشۇرۇنغان ئاجايىب غەم – ئەندىشە، چوڭقۇر ئىزتىراپ ۋە ھەقىقىي ئەنسىرەشنى ھېس قىلىدۇكى، گويا ئۇ زات چوقۇم يۈز بەرگۈسى بىر ھادىسىنى ئىنچىكە تەھلىللەپ چىققاندەك.

پەيغەمبىرىمىز ئۈممەتنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مەن ھەققىڭلاردا پېقىرلىقتىن ئەنسىرىمەيمەن، لېكىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە دۇنيا كەڭ – كۇشادە بېرىلگەندەك، سىلەرگىمۇ دۇنيا كەڭ – كۇشادە بېرىلىپ، ئىلگىرىكىلەر ئۇنى تالاشقاندەك تالىشىپ، ئىلگىرىكىلەر ھالاك بولغاندەك ھالاك بولۇپ كېتىشىڭلاردىن قورقىمەن»(17).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بۇ ئۈممەتنى: «مەندىن كېيىن بىر – بىرىڭلارنىڭ بوينىنى چاپىدىغان كافىرﻻﺭﺩىن بولۇﭖ كەتمەڭلاﺭ» دەپ مېھرىبانلىق ۋە مۇھەببەت بىلەن ئاگاھلاندۇراتتى(18).

پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆز ئۈممىتىگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتى، مەڭگۈلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە ئۈممەتنى كېلەچەكتە يۈز بەرگۈسى ئىشلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇشتەك ھەمىشە غەمگۈزارلىق قىلىش ئادىتى مۇشۇلاردىن نامايان بولىدۇ.

مانا بۇلار بىز مۇسۇلمانلارغا ئۆز ئاتا – ئانىلىرىمىزدىنمۇ بەكرەك كۆيۈمچان، ھەتتا بىزلەرگە ئۆزىمىزدىنمۇ بەك – بەك مېھرىبان بولغان بىر قەلبتىن ئۇرغۇپ چىققان تەۋسىيەلەردۇر.

پەيغەمبىرىمىز بۇ ئۈممەتنىڭ كەلگۈسىنى ۋە دۇچ كېلىدىغان دىشۋارچىلىقلارنى بىلگەچ، ئاشۇ قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە پېشكەللىكلەردىن سالامەت قۇتۇلۇپ چىقالىشى ئۈچۈن بۇ ئۈممەتنىڭ ھالىنى ناھايىتى ئىنچىكە سۈپەتلەپ: «تاكى دەۋاسى بىر بولغان ئىككى چوڭ (مۇسۇلمان) گۇرۇھ ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ ئوتتۇرىسىدا چوڭ قىرغىنچىلىق بولمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، يەنە ھەربىرى ئۆزىنى ‹ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى› دەپ دەۋا قىلىدىغان ئوتتۇزغا يېقىن كاززاپ دەججال ئوتتۇرىغا چىقمىغۇچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(19) ۋە: «سىلەر يەھۇدىيلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، ھەتتا ئارقىسىغا يەھۇدىي يوشۇرۇنۇۋالغان تاش: ‹ئى مۇسۇلمان! ماۋۇ يەھۇدىي ئارقامدا، ئۇنى ئۆلتۈرگىن!› دېمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ»(20) دەيدۇ.

مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۈممەتنىڭ كەلگۈسىنى سۈپەتلەپ بېرىدىغان ھەدىسلەر بۇ ئۈممەت باشتىن كەچۈرگۈسى مۈشكۈلچىلىكلەرنى ۋە ئۇنى قانداق ھەل قىلىپ، غەلىبىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈشىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ناھايىتى تەپسىلىي بايان قىلغان. رەسۇلۇللاھنىڭ: «مەن سىلەرنى كېچىسىمۇ كۈندۈزگە ئوخشاش يوپيورۇق بىر يول ئۈزرە قويۇپ كەتتىم، مەندىن كېيىن بۇ يولدىن پەقەت ھالاك بولغۇچىلارلا چىقىپ كېتىدۇ»(21) دېگەن سۆزى دەل شۇنى تەكىتلەيدۇ.

ئەلبەتتە، پەيغەمبىرىمىز ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان ئۈممەتنىڭ غېمىنى يېگەن، كۆيۈنگەن ۋە ئۇلارنىڭ ساق – سالامەتلىكىنى تىلىگەن. ھەتتاكى رەسۇلۇللاھ ئۈممىتىگە بولغان ئىشتىياقىنىڭ قاتتىقلىقىدىن، بۇ ئۈممەتنى يۈزتۇرانە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ:

ــ مەن قېرىنداشلىرىم بىلەن دىدار كۆرۈشۈشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، ــ دەپ كەتكەن ئىدى. ساھابە كىرام:

ــ ئى رەسۇلۇللاھ! بىز سىلىنىڭ قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. رەسۇلۇللاھ:

ــ سىلەر مېنىڭ ئەسھابىمسىلەر، مېنىڭ قېرىنداشلىرىم سىلەردىن كېيىن كېلىدىغانلاردۇر، ــ دېگەندە، ساھابەلەر:

ــ ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! بىزدىن كېيىن كېلىدىغان بۇ ئۈممەتنى قانداق تونۇيلا؟ ــ دەپ سورىدى، پەيغەمبىرىمىز دېدىكى:

ــ بىر كىشىنىڭ ئاق قاشقىلىق ئارغىمىقى بىر ئۈيۈر قاپقارا ئاتنىڭ ئارىسىدا بولسا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ ئېتىنى تونۇيالامدۇ؟ ــ دېۋىدى، ساھابەلەر:

ــ ئەلبەتتە تونۇيدۇ، ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ــ دېيىشتى. پەيغەمبىرىمىز يەنە:

ــ مېنىڭ ئاشۇ قېرىنداشلىرىم ئالغان تاھارەتنىڭ تەسىرىدىن خۇددى ئاق قاشقىلىق ئارغىماق كەبى چىرايى نۇرلۇق كېلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا ھەۋزى كەۋسەر بويىغا بارىمەن ۋە خۇددى ئادىشىپ يۈرگەن تۆگىسىنى قىچقىرغان چۇپاندەك، ئۈممىتىمنى قىچقىرىپ «بۇياققا كېلىڭلار» دەپ توۋلايمەن، شۇ چاغدا پەرىشتىلەر ماڭا: «ئۇلار سەندىن كېيىن ساڭا قىلغان ئەھدىسىدە تۇرمىغانلاردۇر» دەيدۇ، مەن ئۇلارغا: «ئۇنداق بولسا يىراق تۇرۇڭلار، يىراق تۇرۇڭلار!» دەيمەن(22) — دېدى.

بىز سۆزىمىزنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆز ئۈممىتىگە قىلغان چەكسىز ھىممەت ۋە رەھمىتىنى شۇنداقلا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ سۇبھانە ۋە تائالانىڭ ئۇ زاتنىڭ ئۇشبۇ رەھمىتىنى قانداق جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان بىر بايان بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىبراھىم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ: ﴿ئى پەرۋەردىگارىم! بۇ بۇتلار نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، كىمكى ماڭا ئەگەشسە، ئۇ مېنىڭ دىنىمدىدۇر، كىمكى ساڭا ئاسىيلىق قىلسا، سەن ئەلبەتتە، مەغپىرەت ۋە مەرھەمەت قىلىشقا قادىرسەن﴾(14/«ئىبراھىم»: 36) دېگەن سۆزىنى ۋە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: ﴿ئەگەر ئۇلارغا ئازاب قىلساڭ، ئۇلار سېنىڭ بەندىلىرىڭدۇر، ئەگەر ئۇلارغا مەغپىرەت قىلساڭ، سەن غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇرسەن﴾(5/«مائىدە»: 118) دېگەن سۆزىنى تىلاۋەت قىلدى ۋە ئاندىن ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ: «ئى ئاللاھ! ئۈممىتىم، ئۈممىتىم» دەپ يىغلاپ كەتتى. ئاللاھ دېدىكى: «ئى جىبرىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بار، ئۇنىڭدىن نېمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقىنى سورا؟ ھالبۇكى پەرۋەردىگارىڭ (ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن يىغلىغانلىقىنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر». جىبرىل ئەلەيھىسسالام كەلدى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇنىڭغا ئۆز مەقسىتىنى يەتكۈزدى، ھالبۇكى ئاللاھ ياخشى بىلگۈچىدۇر. (جىبرىل ئاللاھنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن) ئاللاھ: «ئى جىبرىل! مۇھەممەدنىڭ يېنىغا بار ۋە دېگىنكى، ئۈممىتىنىڭ ئىشىدا بىز سېنى رازى قىلىمىز ۋە تەشۋىشلەندۈرمەيمىز» دېدى(23).

بۇنىڭدىن ئارتۇق مېھرىبانلىق بارمۇ؟!

جانابى ئاللاھ سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنى: ﴿بىز سېنى پۈتۈن ئالەملەرگە پەقەت رەھمەت قىلىپلا ئەۋەتتۇق﴾(21/«ئەنبىياﺋ»: 107) دەپ سۈپەتلەپ ھەقىقەتەن راست ئېيتقان.

مەنبەسى: د. راغب السرجاني: رحمة النبي بأمته

https://ar.islamway.net/article/26453/

تەرجىمىدە: مېھرى ئەزىم

 


1. ئېمىل دېرمىنغام: ئېمىل دېرمىنغام: «مۇھەممەدنىڭ ھاياتى»، ئەرەبچە تەرجىمىسى: ئادىل زۇئەيتەر، 2 – باسمىسى،  183 – بەت.
2. خرىستىيانلىقتا ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا سادىق بولۇپ، ئىمان ۋە پەزىلەت بىلەن دۇنيادىن ئۆتكەن «سالىھ» كىشىگە بېرىلگەن نام. – تەرجىماندىن.
3. ۋىل ۋە ئارىيېل دىيۇرانت: «مەدەنىيەتنىڭ ھېكايىسى»، 14/365.
4. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي 1177؛ مۇسلىم 718.
5. ئەھمەد 24603. ئىبنى خۇزەيمە 2104. شۇئەيب ئەرناۋۇت: «بۇخارىينىڭ شەرتى بويىچە ئىسنادى سەھىھ» دېگەن.
6. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي 887؛ مۇسلىم 252.
7. تىرمىزىي 26. تىرمىزىي: «ھەسەن سەھىھ ھەدىس» دېگەن.
8. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي 1442؛ مۇسلىم 1010.
9. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي 2591؛ مۇسلىم 1029.
10. ئەھمەد 27234؛ ھاكىم 3478. ئىسنادى سەھىھ.
11. تىرمىزىي 1956. ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.
12. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي 2320؛ مۇسلىم 1553.
13. ئەھمەد 22860. ئىبنى ھەجەر: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
14. ئەھمەد 5885. شۇئەيب ئەرناۋۇت: «ئىسنادى زەئىف» دېگەن.
15. ئەھمەد 23686. شۇئەيب ئەرناۋۇت: ئىسنادى سەھىھ، دېگەن.
16. ئەھمەد 27525. شۇئەيب ئەرناۋۇت: سەھىھ لىغەيرىھى، دېگەن.
17. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي 3158؛ مۇسلىم 2961.
18. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي 121؛ مۇسلىم 65.
19. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي 3609؛ مۇسلىم 157.
20. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي 2926؛ مۇسلىم 2922.
21. ئەھمەد 17182. شۇئەيب ئەرناۋۇت: سەھىھ لىغەيرىھى، دېگەن.
22. مۇسلىم 249.
23. مۇسلىم 202.