(ھ. 1209– 1311/ م. 1794 – 1893)
شەيخ، ئۇستاز ئال نەزەر ئىبنى مۇھەممەد نەزىر تۇرپانىي شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەشھۇر قەدىمىي شەھەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان تۇرپان شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ دىنىنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويىدىغان، قەۋمىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە ئەقىدىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھىممىتى يۈكسەك ئىسلامىي ھۆكۈمران زۇھۇرۇددىن ھەكىم بىلەن دەۋرداش ئىدى. ھەر ئىككىلىسى تۇرپانلىق بولۇپ، بىرىنچىسى يەنى شەيخ ئال نەزەر ئاخۇنۇم بىلىملىك، دىندار، شەھەرنىڭ ھىجرىيە 13 – ئەسىردىكى بىر بۆلۈك بۈيۈك ئۆلىمالىرىنىڭ ئۇستازى ئىدى. قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان زۇھۇرۇددىن ھەكىمنىڭ دوستلىرى ھىجرىيە 1244 – يىلى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنغان چاغدا، ئۇ شەيخ ئال نەزەر ئاخۇنۇمنى ئوقۇ – ئوقۇتۇش، سوت ۋە پەتۋا ئىشلىرىغا مەسئۇل قىلىش ئۈچۈن تۇرپاندىن قەشقەرگە كېلىشكە تەكلىپ قىلغان.
مۇفتى ئال نەزەر ئاخۇنۇم خۇلقى يېقىشلىق، قىياپىتى يېقىملىق، ئىلىملىك، ئەدەبلىك كىشى بولۇپ، ئەڭ ئادىل سوتچى ئىدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە قەشقەر شەھىرىدە ئىلىم بۇلاقلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان بولۇپ، تۈرلۈك ئىلىم – مەرىپەت ساھەلىردە كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك تەرەققىياتلار مەيدانغا كەلگەن ئىدى. مەن قەشقەردىكى ئىلمىي يۈكسىلىش دەۋرى ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىسلام ماياكى، ئىلىم – مەرىپەت ئوچىقى بولغان قەشقەرگە قەدەم بېسىشى بىلەن باشلانغان دەپ قارايمەن. شۇ دەۋرلەردە قەشقەر شەھىرى ئىلمىي ئورگانلارنىڭ كۆپلۈكى، پەن تۈرلىرىنىڭ موللىقى بىلەن ئىلىم – مەرىپەت جەھەتتە «سانىي بۇخارا ‹ئىككىنچى بۇخارا›» دەپ ئاتالغان. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھىجرىتىدىن مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى 3 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا يېتىپ كەلمەي تۇرۇپلا، قەشقەر شەھىرىدە تۈرلۈك ئىلىم – مەرىپەت بىلىملىرىگە لىققىدە تولغان 17 دىنىي ئىنستىتۇت بارلىققا كېلىپ بولغان ئىدى.
رەھمەتلىك شەيخ بۇرۇنقى تۇرپان شەھىرىدە تەقۋالىقى بىلەن تونۇلغان، يالغۇز تۇرپاندىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە جايلىرىدا دېگۈدەك بايدىن تارتىپ كەمبەغەلگىچە، پۇقرادىن تارتىپ ھۆكۈمرانغىچە بولغان بارچە خەلق ئارىسىدا بەلگىلىك ئورنى بولغان مەرىپەتلىك ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ دەسلەپكى ساۋادىنى ئاتىسىدا چىقارغان. ئاندىن شانلىق تارىخقا ئىگە تۇرپان مەدرىسەلىرىدە چوڭ ئۇستازلارنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن. ئۇنىڭ ئىلىم – مەرىپەت، ئەدەب – ئەخلاق، ۋەز – نەسھەت ساھەلىرىدە بىلىمى بارغانسېرى مۇكەممەللىشىپ بارغان. ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مۇراجىئەت قىلىنىدىغان نۇرلۇق ماياكى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ قولىدا كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر ۋە پەزىلەتلىك ئالىملار يېتىشىپ چىققاندىن كېيىن ئىلىمنىڭ، مائارىپنىڭ كەلگۈسىگە ھەمدە ئاۋام – خەلقنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ توغرا يۆنىلىشتە مېڭىشىغا نىسبەتەن بىر ئاز خاتىرجەم بولغان ئىدى. چۈنكى، كەڭ – كۆلەملىك ئويغىنىش ئىلىمى ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا قاراشلىق ئىدى. ۋەھالەنكى، بۇ ئويغىنىش ۋە ئىسلاھات ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغانغا ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ۋاپا قىلىدىغان ئەركەكلەر بار بولغان ئىدى. ئۇ دوستى (زۇھۇرۇددىن ھەكىم) ھوقۇقتىن چۈشۈپ بۈيۈك تۈركىستاننىڭ غەربىدىكى پەرغانىگە كەتكەندىن كېيىن، قورۇسىدا تاكى ھىجرىيە 1279 – يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئىبادەت، مۇتالىئە قىلىش، پەتۋا بېرىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان.
ئاللاھ تائالا مەرھۇمغا رەھمەت قىلغاي!
بىزنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشتىن بولغان مەقسىتىمىز 20 – ئەسىردىكى تۈركىستان دىيارىدا ئۆتكەن ئالىملارنىڭ تەرجىمىھالىنى توپلاش ئىدى. بىزنىڭ بۇ شەيخىمىزمۇ دەل شۇ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئۆتكەن. مەرھۇم ئۇستازىمىز بۈيۈك شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرق ۋە غەربتىكى ئاۋغات تاجاۋۇزچىلارنىڭ نىجىس قەدەملىرى تېگىشتىن بۇرۇنقى گۈللەنگەن، ئالتۇن دەۋرىدە ئىلىم – مەرىپەت جەھەتتىكى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆلمەس ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. شۇڭا، ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۇنىڭ ئىلىمىي گۈللىنىشتىكى بۈيۈك خىزمىتى، ئاۋام ئارىسىدىكى ئورنى، ئەدەب – ئەخلاق ۋە ئىلىم – مەرىپەت ھەمدە ئىسلامىي ھۆكۈمرانلىق، ساغلام ئەقىدىنى ھىمايە قىلىش قاتارلىق تەرەپلەردىكى قوشقان تۆھپىسىنى قىسقىچە بۇ كىتابتا بايان قىلىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز دەپ قارىدۇق.
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەد قاسىم ئەمىن تۈركىستانىينىڭ «بىر قىسىم تۇركىستان سەرخىللىرىنى تونۇشتۇرۇش / الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» تەرجىمە قىلدى.