(1320-1379ھ)
(1902-1959م)
شەيخنىڭ ئەسلى ئىسمى ئوبۇلقاسىم ئابىد ئەمىن بولۇپ، ھىجىرىيە 1320-يىلى ئىلى ۋىلايىتى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ساۋاتىنى غۇلجىدىكى تاتارلار ئاچقان يەرلىك مەدرىستە ئوقۇغان. كېيىن ھىجىرىيە 1346-يىلى ئاقسۇ كۇچارغا كىلىپ بىرقانچە يىل دىنى ئىلىملارنى ئوقۇغان. بەزىلەر ئۇنى مۇدەررىسلىك ئىجازىتىنى ئالغان دەپ قارايدۇ.
-1354يىلىدىن باشلاپ غۇلجىدا مۇدەررىس ۋە ئىمام بولغان. بىر مەزگىل شەرئى مەھكىمىدە قازى بولۇپ ئىشلىگەن.
شەيخ ئوبۇل قاسىم ناھايىتى ئەدەپ–ئەخلاقلىق، فەقىھ كىشى بولۇپ، بىر ئۆمۈر تەلىم–تەربىيە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
ھىجىريە1379-يىلى ۋاپات بولغان ۋە غۇلجىغا دەپنە قىلىنغان.
ئاللاھ بۇ كىشىگە رەھمەت قىلغاي! ئامىن.
ئەدىب ئۇستاز مۇھەممەت قاسىم ئەمىننىڭ «الإعلام لبعض رجالات تركستان» ناملىق كىتابىدىن «ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» تەرجىمە قىلدى.