ئەزان توۋلىنىۋاتقاندا جىم تۇرۇشنىڭ ھۆكمى

ئەزان توۋلىنىۋاتقاندا جىم تۇرۇشنىڭ ھۆكمى

سوئال: ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئەزان توۋلىنىۋاتقاندا گەپ قىلماي جىم تۇرمىسا گۇناھ بولامدۇ؟

جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ.

بارلىق ھەمدۇسانالار جانابى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇد ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىزگە، ئۇ زاتنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ئەسھابلىرىغا ۋە ئۇ زاتقا تاكى قىيامەتكىچە ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن!

ئەزان (الأَذَانُ) — نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەنلىكىنى ساھابەلەردىن يېتىپ كەلگەن سۆز – جۈملىلەر بىلەن ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئېلان قىلىشتۇر. ئەزان توۋلاش مۇشۇ ئۈممەتكە خاس ئالاھىدىلىكلەردىن بىرى بولۇپ، ئەزان تەۋھىد ئەقىدىسى ئاساسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىغا جاكارلىنىدىغان بولغاچقا، ئىسلام شوئارىغا ئايلانغان.

ئەزان ۋە تەكبىر ئوقۇش بەش ۋاقىت ناماز ۋە جۈمە نامىزى ئۈچۈن سۈننەتتۇر. پەرز كۇپايە دېگەن قاراشمۇ بار. ھەنەفىي مەزھەبنىڭ بۇ يەردە سۈننەت دېگىنى ئىككىنچى قاراشتىكى پەرز كۇپايە مەنىسىگە يېقىن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن ئەزاننى بارلىق مۇسۇلمانلار تاشلاپ قويسا قەتئىي بولمايدۇ، بىرەر جامائەت ئەزان توۋلىمىغان تەقدىردە، ياخشى قىلمىغان بولىدۇ(1).

ئەزان ئاڭلىغاندا نېمە قىلىش ھەققىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەﺯﺍننى ئاڭلىساڭلاﺭ، مۇئەززىن نېمە ﺩېسە، شۇنى ﺩﻩڭلاﺭ» دەپ كۆرسەتمە بەرگەن(2).

بۇ ھەدىسكە ئاساسەن، ئەزان ئاڭلىغۇچى جىم تۇرۇشقا ئەمەس، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى جۈملىمۇ – جۈملە تەكرارلاشقا بۇيرۇلغان.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزىمۇ مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى تەكرارلايتتى. ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇئەززىن ئەزاننى تۈگىتىپ جىم بولغانغا قەدەر نېمە دېسە شۇنى دەيتتى» دېگەن(3).

لېكىن، «مۇئەززىنگە ئەگىشىپ تەكرارلاشنىڭ ھۆكمى نېمە؟» دېگەن مەسىلىدە قاراشلار ئوخشاش ئەمەس.

ھەنەفىي مەزھەب باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئالىملار: «ئەزان ئاڭلىغۇچىنىڭ ئەزاننى مۇئەززىنگە ئەگىشىپ تەكرارلىشى ۋاجىبتۇر. ھەدىس شۇنىڭغا بۇيرۇغان بولۇپ، بۇ يەردە ھەدىستىكى بۇيرۇقنى مۇستەھەبلىككە ئاپىرىدىغان بىرەر قەرىينە(4) بولمىغاچقا، ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدۇ» دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئەززىنگە ئەگىشىپ دېمىگەن كىشى پەرۋا قىلمىغاندەك، باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغاندەك كۆرۈنىدىغان بولغاچقا، ئەيىبلىنىشى جەھەتتىن ۋاجىبلىق تەرىپى كۈچلىنىدۇ. بۇ قاراش بەزى مالىكىي ئالىملارنىڭ، زاھىرىي مەزھەبنىڭ شۇنداقلا بەزى سەلەفلەرنىڭ قارىشىدۇر(5).

بۇ قاراشقا ئاساسەن، ئەزان ئاڭلاۋاتقاندا، قۇرئان ئوقۇۋاتقان كىشى ئوقۇشنى توختىتىشى، سۆزلەۋاتقان كىشى سۆزىنى، سالام بەرمەكچى ياكى قايتۇرماقچى بولغان كىشى توختاپ تۇرۇشى، شۇنداقلا ئەزاننى تەكرارلاشقا توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق ئىشىنى توختىتىشى ۋە ئەزاننى تەكرارلىشى كېرەك بولىدۇ.

ھەنەفىي مەزھەبتىكى ئىمام تاھاۋىي باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم ئالىملار بىلەن باشقا مەزھەبلەردىكى كۆپچىلىك ئالىملار: «مەزكۇر ھەدىستىكى بۇيرۇق ۋاجىبلىقنى ئەمەس، مۇستەھەبلىكنى بىلدۈرىدۇ» دەپ قارىغان ۋە ئەزاننى ئاڭلىغان كىشى ئەزاننى تەكرارلاشقا بىرەر توسالغۇ بولمىسىلا، مەيلى تاھارەتلىك بولسۇن ياكى تاھارەتسىز بولسۇن، ھەيزدار بولسۇن ياكى جۇنۇب كىشى بولسۇن، ھەربىرىنىڭ مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى تەكرارلىشى مۇستەھەب دېگەن(6).

ئەزاننى تەكرارلاشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىشلار: ھاجەتخانىدا، ئەر – خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە، نامازدا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان ئىشلاردا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر.

كۆپچىلىك ئالىملار مەزكۇر بۇيرۇقنى ۋاجىبلىقتىن مۇستەھەبلىككە يۆتكەشكە ئوخشىمىغان قەرىينەلەرنى كۆرسىتىپ باققان. مەسىلەن، ئەزاننىڭ ئۆزىنىڭ ھۆكمى سۈننەت ياكى پەرز كۇپايە، يەنى ئەزان توۋلاشنىڭ ۋاجىبلىقىدا ئىجماﺋ يوق. ئۇنى تەكرارلاشمۇ ئۇنىڭ ھۆكمىگە تەۋە بولغاچقا، ئاڭلىغۇچىنىڭ ئەزاننى تەكرارلىشى ۋاجىب بولۇپ كەتمەيدۇ(7).

ئۇلار كۆرسەتكەن قەرىينىلەردىن يەنە بىرى بولسا ئىمام مالىكنىڭ سەئلەبەدىن قىلغان مۇنۇ رىۋايەتىدۇر: «ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولغان چاغلاردا كىشىلەر جۈمە كۈنى ئۆمەر جۈمەگە چىققۇچە ناماز ئوقۇيتتى. ئۆمەر مۇنبەرگە چىقىپ ئولتۇرغىنىدا مۇئەززىنلەر ئەزان توۋلىشاتتى. بىز ئولتۇرۇپ ئۆزئارا پاراڭلىشاتتۇق. مۇئەززىنلەر جىم بولغاندىن كېيىن ئۆمەر ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە سۆزلەشكە باشلىغاندا، جىم ئولتۇرۇپ قۇلاق سېلىپ تىڭشايتتۇق، ھېچبىرىمىز گەپ – سۆز قىلمايتتۇق»(8).

دېمەك، ساھابەلەرنىڭ ئەزان ئوقۇلۇۋاتقاندا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشى يۇقىرىدىكى بۇيرۇقنىڭ ۋاجىبلىقنى ئەمەس، مۇستەھەبلىكنى بىلدۈرىدىغانلىقىغا قەرىينە بولىدۇ(9).

بۇ نۇقتىنى خۇلاسىلىسەك، ئەزاننى مۇئەززىنگە ئەگىشىپ تەكرارلاش ۋاجىب بىلەن سۈننەت ۋە مۇستەھەب ئوتتۇرىسىدا بولغاچقا، ئەزاننى تەكرارلاشقا توسالغۇ بولىدىغان زۆرۈر ئىشى بولمىغان كىشى ئەزاننى تەكرارلىغىنى تۈزۈك. ئەزاننى تەكرارلاش زىكىر دائىرىسىدىكى ئەمەل بولغاچقا، مەيلى تاھارەتلىك بولسۇن، مەيلى جۇنۇب بولسۇن، مەيلى ھەيزدار بولسۇن، ئەزاننى ئاڭلىغان ھەر كىم ئەزاننى تەكرارلايدۇ. يول يۈرۈۋاتقان ياكى بىرەر ئىش قىلىۋاتقان كىشى مېڭىشىنى ۋە ئىشىنى توختىشى كېرەك ئەمەس، يولىنى ماڭغاچ، ئىشىنى قىلغاچ ئەزاننى تەكرارلىسا بولىدۇ.

«ئەزاننى ئاڭلىغان كىشى نېمە دەپ ئەزاننى تەكرارلايدۇ؟» دېگەن مەسىلىدە ئالىملارنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمىغان. بۇنىڭ سەۋەبى ھەدىسلەر ھەر خىل كەلگەن. «مۇئەززىن نېمە دېسە شۇنى دەڭلار» دېگەن يۇقىرىقى ھەدىس، مۇئەززىن توۋلىغان ئەزان ئىبارىلىرىنى ئەينەن تەكرارلاشنى كۆرسەتسە، يەنە بەزى ھەدىسلەردە ئەزاننى باشتىن ئەينەن تەكرارلاپ، پەقەتلا «حَيَّ عَلَى الصَّلاَةِ / نامازغا كېلىڭلار» بىلەن «حَيَّ عَلَى الْفَلاَحِ / نىجاتلىققا كېلىڭلار»نى ئاڭلىغاندا، «لاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إِلاَّ بِاللَّهِ / ئاللاھنىڭ ئىرادىسىسىز ھېچقانداق كۈچ – قۇۋۋەت يوقتۇر» دەيدىغانلىقى كەلگەن(10).

ئىككى جۈملىنى ئاشۇ تەرىقىدە پەرقلىق دېيىش، كۆپچىلىك ئالىملار تاللىغان كۈچلۈك قاراشتۇر.

«بۇخارىي»دىكى بىر ھەدىستە: «مۇئاۋىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇئەززىن ‹ھەييە ئەلەسسالات (نامازغا كېلىڭلار)› ﺩېگەندﻩ: ‹ﻻ ھەﯞلە ﯞﻩﻻ قۇﯞﯞﻩتە ئىللا بىللاھ (ئاللاھنىڭ ئىرﺍﺩىسىسىز ھېچ كۈﭺ – قۇﯞﯞﻩﺕ يوقتۇﺭ)› ﺩﻩﭖ، ‹بىز پەيغەمبىرىڭلاﺭ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەمنىڭ شۇندﺍﻕ ﺩەۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاﻥ› ﺩېگەﻥ»(11).

«مۇسلىم»دىكى بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مۇئەززىن ئەزان ئوقۇپ ‹ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر› دېگەندە، بىرىڭلار چىن دىلىدىن: ‹ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر› دېسە، ئاندىن ‹ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھ› دېگەندە: ‹ئەشھەدۇ ئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھ› دېسە، ئاندىن ‹ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ› دېگەندە: ‹ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ› دېسە، ئاندىن ‹ھەييە ئەلەسسالات› دېگەندە: ‹لا ھەۋلە ولا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ› دېسە، ئاندىن ‹ھەييە ئەلەلفەلاھ» دېگەندە: ‹لا ھەۋلە ولا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ› دېسە، ئاندىن ‹ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر› دېگەندە ‹ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر› دېسە، ئاندىن ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ› دېگەندە: ‹لا ئىلاھە ئىللەللاھ› دېسە، جەننەتكە كىرىدۇ»(12).

يەنە مۇنداق دېگەن: «كىمكى مۇئەززىننىڭ ‹أَشْهَدُ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ› دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ‹وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ له وَأَنَّ مُحَمَّدًا عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ رَضِيتُ بِاللَّهِ رَبًّا وَبِمُحَمَّدٍ رَسُولًا وَبِالْإِسْلَامِ دِينًا / يەنى ھېچقانداق شېرىكى يوق يەككە – يېگانە ئاللاھتىن ئۆزگە ھەق ئىلاھ يوقتۇر، مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر، ئاللاھنىڭ پەرۋەردىگارىم، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ پەيغەمبىرىم، ئىسلامنىڭ دىنىم بولغانلىقىغا (چىن دىلىمدىن) رازى بولدۇم› دېسە، ئۇنىڭ گۇناھى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»(13).

يەنە بەزى ئالىملار: «خاھلىسا ئەينەن تەكرارلايدۇ، خاھلىسا ئىككى جۈملىنى پەرقلىق تەكرارلايدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ھەر ئىككى خىل ھەدىسكە تەڭ ئەمەل قىلىش يۈزىسىدىن ئۇ ئىككى ئىبارىنى ئەينەن تەكرارلاپ بولۇپ، ئارقىدىن ‹لا ھەۋلە ولا قۇۋۋەتە ئىللا بىللاھ› دەپ قوشۇپ قويىدۇ» دېگەن(14).

بامداتتىكى ئەزاندا مۇئەززىن «الصَّلَاةُ خَيْرٌ مِنَ النَّوْمِ / ناماز ئۇيقۇدىن ياخشىدۇر)» دېگەندىمۇ، بەزى ئالىملار: «ئۇنى ئەينەن تەكرارلايدۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ئۇنى ئاڭلىغاندا: ‹صَدَقْتَ وَبَرِرْتَ / راست ئېيتتىڭ› دەپ جاۋاب بېرىدۇ» دەيدۇ. يەنە بەزىلەر: «‹ھەييە ئەلەلفەلاھ / نىجاتلىققا كېلىڭلار›نى ئاڭلىغاندا، ‹ماشائەللاھۇ كانە / ئاللاھ خاھلىغىنى بولىدۇ› دەيدۇ» دەپ قارىغان. لېكىن، بۇنداق دېيىشلەر بىرەر ھەدىستە كەلمىگەن. پەقەتلا مەزمۇن جەھەتتىن شۇنداق دېيىش مۇناسىپ دەپ قارالغان(15).

تۆۋەندە كۆپ ئۇچرايدىغان بىرقانچە مەسىلىدە ئەسكەرتىش بېرىشنى مۇناسىپ دەپ قارايمەن:

1) جۈمە كۈنى مەسجىدتە جۈمەدىن بۇرۇن ۋەز – تەبلىغ قىلىنىۋاتقان بولسا، ۋەزخاننىڭ ئەزاننى تەكرارلىماي سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇشى تۈركىيەگە ئوخشاش ھەنەفىي مەزھەب بويىچە ئىش تۇتىدىغانلارغا نىسبەتەن زەئىف قاراشنى تۇتقانلىق ھېسابلىنىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ قارىشىنى تۇتقان ئەھۋالدا جائىز ئىش بولىدۇ.

2) ئەزان چىقىۋاتقاندا مەسجىدكە كىرگەندە ئۆرە تۇرۇپ ئەزاننى تەكرارلىۋېتىپ، ئاندىن «تەھىييەتۇلمەسجىد» ئوقۇشقا تۇرىدۇ. شۇنداق قىلغاندىلا «بىرىڭلار مەسجىدكە كىرسە، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇمىغىچە ئولتۇرمىسۇن»(16) دېگەن بۇيرۇققىمۇ، مۇئەززىنگە ئەگىشىپ ئەزاننى تەكرارلاش توغرىسىدىكى بۇيرۇققىمۇ تەڭ ئەمەل قىلغىلى بولىدۇ.

3) ئارقىمۇئارقا بىرنەچچە مەسجىدتىن چىققان ئەزاننى ئاڭلىغاندا، بەزى ئالىملار: «ھەممىسىنى تەكرارلايدۇ» دېسە، بەزىلەر: «دەسلەپكىسىنى تەكرارلايدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ مەسىلىدە سەلەفلەر ئارىسىدىمۇ قاراشلار پەرقلىقتۇر. «دەسلەپكىسىنى تەكرارلىسا بولىدۇ» دېگەن قاراش كۈچلۈك.

يېقىن مەسجىدلەرنىڭ ياڭراتقۇلىرىدىن بىرنەچچە مۇئەززىننىڭ توۋلىغان ئەزانلىرى تەڭ ئاڭلانغان بولسا، بىر قېتىم تەكرارلىسا يېتەرلىكتۇر(17).

4) «ئەزان توۋلىنىۋاتقاندا گەپ قىلغان كىشى ئۆلۈش ئالدىدا شاھادەت كەلتۈرەلمەيدۇ»، «ئەزان توۋلىنىۋاتقاندا گەپ قىلغان كىشىگە پەرىشتىلەر لەنەت قىلىدۇ» دېگەندەك مەزمۇنلاردا ھەدىس كەلمىگەن بولۇپ، بۇ تۈرلۈك توقۇلما ھەدىسلەر ۋەز – تەبلىغلەردە ئۇچرىشى مۇمكىن.

5) ناماز ۋاقتى ئۈچۈن يانفۇن ياكى رادىئودىن ئاۋازغا ئېلىنغان ئەزان ئاڭلانغاندا، ئەزاننى تەكرارلايدۇ. ناماز ۋاقتىدىن باشقا چاغلاردا توۋلانغان بولسا تەكرارلىمىسىمۇ بولىدۇ.

6) ئەزاندىكى «ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دېگەن شاھادەتنى ئاڭلىغاندا، ئىككى باش بارمىقىنى سۆيۈپ، ئىككى كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئالىقىنىنى كۆزىگە سۈرتۈش ھەققىدە بەزى كىتابلاردا بىرقانچە ھەدىس بار دېيىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ سەھىھ ئەمەس. شۇڭا، ئۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ(18).

ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندا بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە دۇرۇد ئېيتىلىدۇ. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دېگەنكى: «ئەزاننى ئاڭلىغان چېغىڭلاردا، مۇئەززىن نېمە دېسە شۇنى دەڭلار، ئاندىن ماڭا دۇرۇد ئېيتىڭلار. كىمكى ماڭا بىر دۇرۇد ئېيتسا، شۇ بىر دۇرۇدى ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا ئون رەھمەت ئاتا قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن، ئاللاھ تائالادىن مەن ئۈچۈن ‹ۋەسىلە› تىلەڭلار. ‹ۋەسىلە› دېگەن جەننەتتىكى بىر مەرتىۋە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىدىن بىرىگىلا بېرىلىدۇ. شۇ بەندىنىڭ مەن بولۇپ قېلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن، كىمكى ئاشۇ مەرتىۋىنىڭ ماڭا نېسىپ بولۇشىنى تىلىسە، ئۇ كىشىگە مېنىڭ شاپائىتىم نېسىپ بولىدۇ»(19).

يەنە دېگەنكى: «كىمكى ئەﺯﺍننى ئاڭلاﭖ بولغاندىن كېيىن: ‹ئى مۇشۇ مۇكەممەﻝ چاقىرىقنىڭ ﯞﻩ ئوقۇلغۇسى ئۇشبۇ ناماﺯنىڭ پەﺭﯞﻩﺭﺩىگاﺭﻯ ئاللاھ! مۇھەممەﺩكە جەننەتتىكى ئالىي ئوﺭﯗﻥ بىلەﻥ فەزل – مەرھەمەتلەر ئاتا قىلغىن! ئۇنى سەن ﯞﻩﺩﻩ قىلغاﻥ، مەدھىيەلىنىدىغان ماقامغا([20]) ^يەتكۈزگىن!› ﺩېسە، قىيامەﺕ كۈنى ئۇنىڭغا مېنىڭ شاپائىتىم نېسىپ بولىدۇ». يەنى «ئەي مۇشۇ مۇكەممەل چاقىرىقنىڭ (ئەزاننىڭ) ۋە ھازىر ئوقۇلماقچى بولغان نامازنىڭ ئىگىسى ئاللاھ! مۇھەممەدكە ‹ۋەسىيلە› ناملىق مەرتىۋىنى ۋە يۈكسەك پەزىلەتنى ئاتا قىلغىن، مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى سەن ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان مەدھىيەگە لايىق ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت قىلىش مەرتىۋىسىگە) يەتكۈزگىن› دېگەن مۇشۇ دۇئانى ئوقۇسا، قىيامەت كۈنى ئۇ كىشىگە مېنىڭ شاپائىتىم نېسىپ بولىدۇ»(21).

يەنە ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: ««مەﻥ مۇئاﯞىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفياننىڭ جۈمە كۈنى مۇنبەﺭﺩﻩ ئولتۇﺭﯗﭖ مۇئەﺯﺯىن ئەﺯﺍﻥ ئېيتىپ: ‹ئاللاھۇ ئەكبەﺭ! ئاللاھۇ ئەكبەﺭ!› ﺩېگەندﻩ، مۇئاﯞىيەنىڭمۇ: ‹ئاللاھۇ ئەكبەﺭ! ئاللاھۇ ئەكبەﺭ!› ﺩېگەنلىكىنى، مۇئەﺯﺯىن: ‹ئەشھەﺩﯗئەن لا ئىلاھە ئىللەللاھ / ئاللاھتىن ئۆزگە ھەق ئىلاھ يوﻕ ئىكەنلىكىگە گۇﯞﺍھلىق بېرىمەﻥ› ﺩېگەندﻩ، مۇئاﯞىيەنىڭمۇ: ‹مەنمۇ› ﺩېگەنلىكىنى، مۇئەﺯﺯىن: ‹ئەشھەﺩﯗ ئەننە مۇھەممەﺩﻩﻥ ﺭﻩسۇلۇللاھ / مۇھەممەﺩنىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇﯞﺍھلىق بېرىمەﻥ› ﺩېگەندﻩ، مۇئاﯞىيەنىڭمۇ: ‹مەنمۇ› ﺩېگەنلىكىنى، ئەﺯﺍﻥ ئېيتىلىپ بولغاندﺍ مۇئاﯞىيەنىڭ: ‹ئى جامائەﺕ! مەﻥ ﺭﻩسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەمنىڭ مۇئەﺯﺯىن ئەﺯﺍﻥ ئېيتقاندﺍ سىلەﺭ مەندىن ئاڭلىغاﻥ سۆﺯلەﺭنى ﺩېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمەن› ﺩېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم»(22).

ئەزاندىن كېيىن يەنە خاھلىغانچە دۇئا قىلىۋالسا بولىدۇ. چۈنكى، بۇمۇ دۇئا ئىجابەت بولىدىغان پەيتلەرنىڭ بىرىدۇر.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما رىۋايەت قىلىدۇكى: «بىر كىشى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە:

— ئى رەسۇلۇللاھ! مۇئەززىنلەرنىڭ دەرىجىسى بىزدىن ئارتۇق بولىدىكەن، — دېگەن ئىدى. پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۇ كىشىگە:

— مۇئەززىننىڭ دېگىنىنى تەكرارلىغىن. ئەزان تۈگىگەندىن كېيىن، ئاللاھ تائالادىن نېمە سورىساڭ، شۇنى بېرىدۇ، — دېدى(23).

يەنە بىر ھەدىستە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «ئەزان بىلەن تەكبىر ئارىسىدا قىلىنغان دۇئا رەت قىلىنمايدۇ» دېگەن([24]).^

ۋەللاھۇ ئەئلەم بىسسەۋاب / توغرىسىنى ئاللاھ بىلۇر.

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

ھ. 1439، 27 – سەفەر / م. 2017، 16 – نويابىر


1. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت ﻓ. ﺋﯧ.»، 2 – ج، 357 -، 358 – بەت.
2. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (611)؛ مۇسلىم (383).
3. ئىبنى خۇزەيمە (413).
4. قەرىينە (القَرِيْنَةُ): دەلىلدىكى ئېھتىماللىقلاردىن بىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى نەرسە.
5. ھەسكەفىي: «ئەددۇررۇل مۇختار»، 1 – ج، 399 – بەت؛ ئىبنۇ نۇجەيم: «ئەلبەھرۇررائىق»، 3 – ج، 22 – بەت؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5 – ج، 118 – بەت؛ ھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 1 – ج، 442 – بەت؛ ئىبنى ھەزم: «ئەلمۇھەللا»، 3 – ج، 148 – بەت.
6. ئىبنى قۇدامە: «ئەلكافىي»، 1 – ج، 106 – بەت؛ قۇرتۇبىي: «ئەلجامىئۇ لىئەھكامىل قۇرئان»، 6 – ج، 230 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3 – ج، 126 – بەت؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5 – ج، 118 – بەت.
7. مۇناۋىي: «فەيزۇلقەدىر»، 1 – ج، 379 – بەت؛ ھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 1 – ج، 442 – بەت.
8. مالىك (233). نەۋەۋىي («خۇلاسەتۇل ئەھكام»، 2 – ج، 808 – بەت): «سەھىھ» دېگەن.
9. ھەتتاب: «مەۋاھىبۇل جەلىل»، 1 – ج، 448 – بەت.
10. ئىبنى رۇشد: «بىدايەتۇل مۇجتەھىد»، 1 – ج، 79 – بەت.
11. بۇخارىي (613).
12. مۇسلىم (385).
13. مۇسلىم (386).
14. شەۋكانىي: «نەيلۇل ئەۋتار»، 2 – ج، 36 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1 – ج، 397 – بەت.
15. نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3 – ج، 124 – بەت؛ سانئانىي: «سۇبۇلۇسسالام»، 1 – ج، 127 – بەت؛ ئەينىي: «ئۇمدەتۇلقارىي»، 5 – ج، 118 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1 – ج، 397 – بەت.
16. بىرلىككە كېلىنگەن: بۇخارىي (1163)؛ مۇسلىم (714).
17. ئىززۇددىن ئىبنى ئابدۇسسالام: «فەتاۋا»، 57 – پەتۋا، 86 -، 87 – بەت؛ نەۋەۋىي: «ئەلمەجمۇﺋ»، 3 – ج، 126 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1 – ج، 397 – بەت.
18. ئەجەلۇنىي: «كەشفۇلخەفاﺋ»، 2 – ج، 271 – بەت؛ ئىبنى ئابىدىن: «راددۇل مۇھتار»، 1 – ج، 398 – بەت.
19. مۇسلىم (384).
20. مەدھىيەلىنىدىغان ماقام (الْمَقَامُ الْمَحْمُودٌ): قىيامەت كۈنىدىكى ئەڭ بۈيۈك شاپائەت ماقامى بولۇپ، ئۇ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە مەخسۇس ئاتا قىلىنغان، مەھشارگاھ ئەھلىنى ھېساب ئېلىنىش ۋە ھۆكۈم قىلىنىش دەھشەتلىرىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان كاتتا مەرتىۋەدۇر. جىمى پەيغەمبەرلەر ئۆزرە ئېيتقاندىن كېيىن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەھشەرگاھ ئەھلىگە شاپائەت قىلىدۇ. بۇ پەزىلەتلىك ۋە شاراپەتلىك كاتتا مەرتىۋە ئاللاھ تائالانىڭ: ﴿نەفلە (ئىبادەت) قىلىشىڭ ئۈچۈن، كېچىنىڭ بىر قىسىمىدا (ناماز ئوقۇشقا، قۇرئان ئوقۇشقا) ئويغانغىن، (ئى مۇھەممەد‍!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ سېنى مەدھىيەلىنىدىغان ئورۇنغا (يەنى بۈيۈك شاپائەت ماقامىغا) تۇرغۇزۇشى ھەقىقەتتۇر﴾(17/«ئىسراﺋ»: 79) دېگەن ئايەتىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئەزاننى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن بۇ مەرتىۋەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تىلىگەن كىشىنىڭ ئۇ زاتنىڭ شاپائىتىگە نائىل بولىدىغانلىقى ھەدىسلەردە بايان قىلىنغان. قاراڭ: ئىبنى ھەجەر: «فەتھۇلبارىي»، 3 – ج، 339 – بەت؛ «ﺋﻮ. ﺋﯩ. ﺋﯧ»، 1594 – بەت.
21. بۇخارىي (614).
22. بۇخارىي (914).
23. ئەبۇ داۋۇد (524). ئالبانىي: «ئىسنادى ھەسەن» دېگەن.
24. ئەبۇ داۋۇد (521). ئالبانىي: «سەھىھ» دېگەن.

 

ئاۋازلىق نۇسخىسى:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ