دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
بارلىق ھەمدۇسانا بىزلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغان، ھاياتىمىزنى ۋەھىي ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا بولسۇن. بىزگە ئىسلامنى تولۇق يەتكۈزگەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابە – كىراملىرىغا، شۇنداقلا تاكى قىيامەتكە قەدەر ئاشۇ پەيغەمبەرنىڭ تۇتقان يولىغا ئەگىشىپ ماڭغان مۆمىنلەرگە دۇرۇت ۋە سالاملار بولسۇن.
كۈندىلىك ھاياتىمىزدا قەرز بېرىپ تۇرۇش ياكى قەرز سوراشتىن ھېچبىر كىشى خالىي ئەمەس، ئىسلام شەرىئىتى قەرز بېرىپ تۇرۇشقا تەرغىب قىلغان. ئۇنىڭ ساۋابى ۋە پەزىلەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئەھكاملارنى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بايان قىلغان. مەيلى تىجارەتچى بولسۇن، مەيلى دېھقان ياكى ئۆي خانىمى ۋە ياكى ئوقۇغۇچى بولسۇن، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان شەخسلا بولىدىكەن، جازانە، زاكات، مىراس، مۇئامىلە ۋە تۆلەم قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارغا چېتىلغانلىقى جەھەتتىن قەرزگە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى بىلمىسە، شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە خىلاپ كېلىدىغان كۆپ ئىشلارنى سادىر قىلىپ سالىدۇ. جېدەل – ماجىرالاردىنمۇ خالىي بولالمايدۇ، شۇڭا، بۇ ماقالىمىزدا قەرزگە مۇناسىۋەتلىك بىلىۋېلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم مەلۇمات ۋە ئەھكاملارنى بايان قىلىمىز.
قەرزنىڭ ئېنىقلىمىسى
قەرز دېگەن كېيىن قايتۇرۇپ ئېلىش مەقسىتىدە بىر كىشىگە بەرگەن پۇل – مال قاتارلىق نەرسىلەردىن ئىبارەت.
قەرز كېلىشىمىنىڭ تۈرى
قەرز بېرىش ياردەم خاراكتېرلىك كېلىشىم بولۇپ، ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئەمەس. چۈنكى، قەرز بەرگۈچى ئۇنىڭ بەدىلىگە بىر نەرسە ئالمايدۇ. قەرز ئالغۇچىمۇ قەرزنى قايتۇرغانغا قەدەر ئۇنىڭدىن بەدەلسىز پايدىلىنىدۇ. قايتۇرغاندا باشقا نەرسىنى ئەمەس، قەرزنىڭ ئۆزىنى قايتۇرىدۇ([1]).
قەرزنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى ھېكمەت
ئىنسانلار ئادەتتە، باشقىلاردىن پۇل – مال سوراپ تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، قىينىلىپ قالماسلىق، تۇرمۇش ئىشلىرى ئۆز يولىدا مېڭىش ۋە قەرز بېرىپ ساۋابقا ئېرىشىدىغانلارنىڭ بۇ ساۋابلىق ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئەجىرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن قەرز بېرىش يولغا قويۇلغان.
قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى
قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ پەزىلەتلىك ئەمەل ئىكەنلىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىجماسى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان.
جانابىي ئاللاھ مۇنداق دېگەن: ﴿نەچچە ھەسسە قىلىپ قايتۇرىدىغانغا ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىپ تۇرىدىغان كىم بار؟﴾([2]).
بۇ ئايەتتە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سالىھ ئەمەللەر بىلەن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىنغان چىقىملارنى قەرز بېرىلگەن مال – مۈلۈككە، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ بېرىلگەن مۇكاپاتنى قەرزنىڭ بەدىلىگە ئوخشاتقان. ياخشى ئىشلارنى قەرز دەپ ئاتىغان. چۈنكى، ئۇنى قىلغۇچى ئۇنىڭ بەدىلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان. دېمەك، ئۇنداق كىشى بىر نەرسىنى قەرز بېرىپ، كېيىن ئۇ قەرزىنىڭ بەدىلىنى قايتۇرۇۋالغۇچىغا ئوخشىغان.
رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ قەرز ئالغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ئادەمگە مەلۇم بىر ياشتىكى تۆگە بېرىشى بار ئىدى. ئۇ ئادەم رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا تۆگىسىنى سۈيلەپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ساھابىلىرىگە: ›بۇ ئادەمگە تۆگىسىنى بېرىڭلار‹ دېدى. ساھابىلەر ئىزدەپ، ئۇنىڭ تۆگىسىگە ئوخشاش ياشتىكى تۆگىنى تاپالماي، ئۇنىڭ تۆگىسىدىن يېشى چوڭراق بىر تۆگىنى تاپتى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ›ئۇنىڭغا بېرىۋېتىڭلار‹ دېگەندە، ئۇ ئادەم: ›ھەققىمنى تولۇق بەردىلە، ئاللاھ سىلىگىمۇ تولۇق بەرگەي‹ دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ›ھەقىقەتەن ياخشىراقىڭلار قەرزنى ئەڭ ياخشى ئادا قىلغىنىڭلاردۇر‹ دېدى»([3]).
ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر مۆمىننى دۇنيا غەملىرىدىن بىرىدىن خالاس قىلسا، ئاللاھتائالا ئۇنى قىيامەتنىڭ غەملىرىنىڭ بىرىدىن خالاس قىلىۋېتىدۇ. كىمكى قىينىلىپ قالغان بىر كىشىگە قولايلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قولايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننى يۆگىسە، ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۆگەيدۇ. بەندە قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدىلا بولىدىكەن، ئاللاھ ئاشۇ بەندىسىنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ»([4]).
دېمەك، قەرز بېرىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، چوڭ غەمدىن خالاس قىلغاچقا، قەرز بېرىش تەرغىب قىلىنغان پەزىلەتلىك ئىش قاتارىغا كىرىدۇ. ساھابە كىراملارمۇ قەرز ئالغان ۋە قەرز بەرگەن. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە قەرز بېرىپ تۇرۇش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆگەنگەن ئادەمگەرچىلىك بولۇپلا قالماستىن، كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، خەير – ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەل ئىدى.
ھەدىستە مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: «كىمكى بىر مۇسۇلمانغا ئىككى قېتىم قەرز بېرىپ تۇرسا، بىر قېتىمقىنى سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ». بۇ سۆز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. شەيخ ئالبانى بۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسى ئىكەنلىكىنى تەرجىھ قىلغان([5]).
يەنە بىر ھەدىستە: «بىر نەرسىنى قەرز بېرىش سەدىقە بەرگەندىن ياخشىراق» دېيىلگەن([6]).
بۇنىڭ سەۋەبى ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «بىر كىشى جەننەتكە كىرىپ، ئۇنىڭ دەرۋازىسىغا ‹سەدىقىگە ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ، قەرزگە ئون سەككىز ھەسسە› دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن»([7]).
يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن كېچىسى بەيتۇلمۇقەددەسكە ئېلىپ بېرىلغىنىمدا جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىدە ‹سەدىقىگە ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ، قەرزگە ئون سەككىز ھەسسە› دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، جىبرىلدىن:
ــ ئى جىبرىل! قانداق بولۇپ سەدىقىگە ئون ھەسسە ساۋاب، قەرزگە ئون سەككىز ھەسسە ساۋاب بېرىلىدىغان بولغان؟ – دەپ سورىسام، ئۇ مۇنداق دېدى:
ــ سەدىقە دېگەن باينىڭمۇ، كەمبەغەلنىڭمۇ قولىغا چۈشىدۇ. قەرز دېگەن پەقەت موھتاجنىڭلا قولىغا چۈشىدۇ»([8]).
بۇ ھەدىسمۇ قەرز بېرىلگەن بىر تەڭگە سەدىقە قىلىنغان ئىككى تەڭگىگە باراۋەر كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، قەرزدە ھەم غەمدىن خالاس قىلىش، ھەم مۆھلەت بېرىشتىن ئىبارەت قوش ساۋابلىق ئىش بار. شۇڭا، ساۋابىمۇ قوش بولغان.
ھەدىستىكى «قەرزگە ئون سەككىز ھەسسە ساۋاب» قانداق بولۇپ ئون سەككىز بولۇپ قالغان دېيىلسە، بۇنى مۇنداق ھېسابلاپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن: قەرز بېرىلگەن بىر تەڭگە سەدىقە بېرىلگەن ئىككى تەڭگىگە باراۋەر دېسەك، «بىر سەدىقىگە ئون ساۋاب بېرىلىدۇ» دېگەن ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغىنىمىزدا، بىر تەڭگە قەرزنىڭ ساۋابى يىگىرمە بولىدۇ. «بىر سەدىقىگە ئون ساۋاب بېرىلىدۇ» دېگەندىن بىر تەڭگىگە توققۇز ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. يىگىرمە ساۋابتىن قەرز بەرگۈچىنىڭ قولىغا قايتقان بىر تەڭگە سەدىقە بېرىلگەن ئىككى تەڭگىگە باراۋەر بولغاچقا، ئۇ ئىككى تەڭگىنى قايتۇرۇۋالغان بولىدۇ. نەتىجىدە، ئىككى تەڭگە ئۈچۈن ئارتۇق ھەسسىلەپ بېرىلگەن ئون سەككىز ساۋابلا قالغان بولىدۇ([9]).
قەرز بېرىش سەدىقە بېرىشتىن ئەۋزەلمۇ؟
بەزى ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن: «قەرز بېرىش ئەۋزەل» دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر «كىمكى بىر مۇسۇلمانغا ئىككى قېتىم قەرز بېرىپ تۇرسا، ئۇنى بىر قېتىم سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ» دېگەن ھەدىسكە([10]) ئاساسەن: «سەدىقە بېرىش قەرز بېرىشتىن ئەۋزەل» دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر: «باش تەرىپىگە قارىساق قەرز بېرىش ئەۋزەل. چۈنكى، ئۇنىڭدا تىلەپ باقمىغان مۇسۇلماننىڭ يۈز – ئابرۇيىنى ساقلاش ئالاھىدىلىكى بار. ئاياغ تەرىپىگە قارىساق، سەدىقە ئەۋزەل. چۈنكى، سەدىقىدە بەرگەن نەرسىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «قايسىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بولىدۇ» دېگەن.
يەنە بەزىلەر: «سەدىقىنىڭ ئەجرى سەدىقە قىلغاندىلا يېزىلىدۇ، قەرزنىڭ بولسا ئۇ قەرز ئالغۇچىدىلا بولىدىكەن، يېزىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، قەرز بېرىش سەدىقىدىن ئەۋزەل» دەپ قارىغان. ئاخىرقى بۇ قاراش ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان([11]).
ئەمەلىيەتتە، قايسىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەربىر شەخس، شارائىت ۋە زامانغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، ئوخشاشمىغان ھەدىسلەرنىمۇ شۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ.
لېكىن، قەرز بېرىشتىن كېلىدىغان ساۋاب ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش نىيىتىگە باغلىق. قەرز بەرگۈچى بۇ ساۋابنى كۆزلىگەنلا بولسا بۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. ئىمام مالىك ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: «قەرز ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، سەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن قەرز بولۇپ، سەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىسەن. يەنە بىرى، سەن دوستۇڭنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن قەرز بولۇپ، سەن دوستۇڭنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىسەن. ئۈچىنچىسى، پاكنى بېرىپ ناپاكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بەرگەن قەرز بولۇپ، بۇ جازانىدۇر»([12]).
بۇنىڭدىن بىرەرسىگە ياخشىچاق بولۇشنى ياكى بىرەرسىنىڭ مىننەتدارلىقىنى كۆزلەپ قەرز بەرسە ساۋاب ئالالمايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق» دېگەن ھەدىسمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.
قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ ھۆكمى
قەرز بېرىپ تۇرغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قەرز بېرىش قەرز سورىغۇچىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش، خارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇش، غەمدىن خالاس قىلىش قاتارلىق ساۋابلىق ئىشلاردىن سانالغان بولغاچقا، قەرز بېرىشنىڭ ئۆزى مۇستەھەپ، ياخشى ئىش.
ئەمما، قەرز سوراش ئەھۋالىغا قاراپ قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ ھۆكمى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ھاراق ئىچىشتەك ئېنىق ھارام ۋە گۇناھ ئىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن قەرز سورىغان كىشىگە قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ ھۆكمى ھارام بولىدۇ. گۇناھقا ئىشلىتىپ قېلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولسا، مەكرۇھ بولىدۇ.
تىجارەتچى كىشى زۆرۈر ئېھتىياجى بولمىسىمۇ تىجارىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ كۆپرەك پايدا ئېلىش ئۈچۈن قەرز سورىغان بولسا، قەرز بېرىپ تۇرۇش مۇباھ بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، غەمدىن خالاس قىلىش، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك ئېسىل پەزىلەت بولمايدۇ.
قەرز سورىغۇچى قىيىن ئەھۋالدا قالغان، مەسىلەن، قەرز بېرىلمىسە ئاچ قالىدىغان، داۋالىنالماي ئۆلۈپ كېتىدىغان، ئىنتايىن قىينىلىپ قالىدىغان بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا قەرز بېرىپ تۇرۇش ۋاجىپ بولىدۇ. ئۇنداق جىددىي ئەھۋال بولماي، سەل قىينىلىدىغان، سەل ئاۋارە بولىدىغان ئەھۋاللاردا مۇستەھەپ بولىدۇ([13]).
ھازىرقى جەمئىيەتتە ئۇچراپ تۇرىدىغان قەرز بېرىپ تۇرسا كېيىن قايتۇرماي ئاۋارە قىلىدىغان، ئانچە جىددىي بولمىسىمۇ ئېلىۋېلىپ، قايتۇرماسلىقنى ئويلايدىغان كىشىلەرگە قەرز بېرىپ تۇرمىسىمۇ بولىدۇ.
قەرز ئېلىشنىڭ ھۆكمى
قەرز ئالغان تەقدىردە، قەرزنى كېيىنچە، قايتۇرۇشقا كۈچى يېتىدىغان كىشىنىڭ قەرز ئېلىشى مۇباھتۇر. ئەگەر قايتۇرالمايدىغان ئەھۋالدا بولسا، قەرز ئېلىشقا جىددىي ئېھتىياجى يوق تۇرۇپ قەرز ئېلىشى مۇباھ ئەمەس.
قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرزنى قايتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قەرز بەرسە، قەرز سورىغۇچىغا ھارام بولمايدۇ([14]).
قەرز ئالغۇچىنىڭ نىيىتىنىڭ مۇھىملىقى
سەھىھ ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، ئىنساننىڭ بارلىق ئەمەللىرى نىيىتىگە باغلىق بولۇپ، قەرز بەرگۈچىنىڭ بېرىشتىكى نىيىتى مۇھىم بولغىنىدەك، قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز ئېلىشتىكى نىيىتىمۇ قەرزنى قايتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى قايتۇرۇش نىيىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ پۇل – مېلىنى ئالسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا قايتۇرۇشىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. كىمكى ئۇنى بۇزۇپ – چېچىۋېتىش نىيىتى بىلەن ئالسا، ئاللاھ ئۇنى بۇزۇپ – چېچىۋېتىدۇ»([15]).
كىمكى قايتۇرۇش نىيىتى بىلەن قەرز ئالسا، ئاللاھ ئۇنى ساقلايدىغان، قوغدايدىغان، تاكى قەرزىنى قايتۇرغانغا قەدەر ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى مۇئەككەل قىلىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى سەھىھ ھەدىستە كەلگەن بىر ۋەقەلىك بايان قىلىدۇ:
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەنى ئىسرائىلدىن بىر كىشىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېگەن: «ئۇ بىر ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرز سورىغاندا، قەرز بەرگۈچى ›گۇۋاھچىلارنى ئېلىپ كەلسەڭ ئۇلارنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن بېرەي‹ دېۋىدى، ئۇ: ›گۇۋاھچىلىققا ئاللاھ يېتەرلىك‹ دېدى. قەرز بەرگۈچى: ›كېپىلنى ئېلىپ كەلسەڭ بېرەي‹ دېگەن ئىدى، ئۇ كىشى: ›كېپىل بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىك‹ دېدى. قەرز بەرگۈچى: ›راست دەيسەن‹ دەپ، ئۇنىڭغا پۇلنى مەلۇم مۇددەتكىچە بەردى. ئۇ ئادەم دېڭىزغا چىقىپ تىجارەت قىلىش ئارقىلىق ھاجىتىدىن چىقتى، ئاندىن پۇلنىڭ مۇددىتى توشۇپ پۇلنى ئاپىرىپ بېرىشكە كېمە ئىزدەپ تاپالماي، بىر ياغاچنى ئېلىپ ئۇنى ئويۇپ، ئۇنىڭغا تىللانى ۋە يازغان بىر پارچە مەكتۇپنى سالدى، ئاندىن مىخلىۋەتتى، ئاندىن ياغاچنى دېڭىزغا ئېلىپ كېلىپ: ›ئى ئاللاھ! مەن پالانچىدىن مىڭ تىللا قەرز سورىغاندا، ئۇ مەندىن كېپىل تەلەپ قىلىۋېدى، مەن ›ئاللاھ يېتەرلىك كېپىل‹ دېۋىدىم، ئۇ ساڭا رازى بولغانلىقىنى، مەندىن گۇۋاھ بولغۇچى سورىغاندا، مەن ئۇنىڭغا ›ئاللاھ يېتەرلىك گۇۋاھچى‹ دېسەم، شۇنىڭغا رازى بولغانلىقىنى بىلىسەن. ئامانەتنى ئەۋەتىش ئۈچۈن كېمە تېپىشقا ئۇرۇنغان بولساممۇ لېكىن، تاپالمىدىم. مەن ساڭا ياغاچتىكى پۇلنى ئامانەت قويدۇم‹ دەپ ياغاچنى دېڭىزغا تاشلىدى، ياغاچ دېڭىزغا چۈشتى. ئۇ ئادەم قايتىپ كېتىپ، يەنىلا قەرز بەرگەن ئادەمنىڭ شەھىرىگە چۈشۈپ بارىدىغان كېمە ئىزدەپ يۈردى. قەرز بەرگەن ئادەم ›قەرز ئالغۇچى ئامانەتنى كېمە بىلەن ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن‹ دەپ چىقىپ قاراپ تۇرغان ئىدى، توساتتىن ئېقىپ كەلگەن بىر ياغاچنى كۆردى ۋە ئوتۇن قىلىش ئۈچۈن ئۇ ياغاچنى ئېلىپ يارغان ئىدى، مىڭ تىللا بىلەن خەت چىقتى. ئاندىن كېيىن قەرز ئالغان ئادەم يەنە مىڭ تىللا بىلەن يېتىپ كېلىپ: ›ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئامانەتنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە چۈشۈپ كەلگۈدەك بىر نەرسە تېپىشقا ئۇرۇنغان بولساممۇ، لېكىن تاپالمىدىم‹ دەپ ئۆزرە ئېيتتى. قەرز بەرگۈچى: ›ماڭا بىر نەرسە ئەۋەتتىڭمۇ؟‹ دېۋىدى، ئۇ: ›مەن كەلگەن كېمىدىن بۇرۇن چۈشۈپ كېلىدىغان بىر نەرسە تاپالمىغانلىقىمنى ساڭا ئېيتتىم‹ دېدى. قەرز بەرگەن ئادەم: ›ھەقىقەتەن ئاللاھ ياغاچتا ئەۋەتكەن پۇلۇڭنى ماڭا يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق قەرزىڭنى سەندىن ئادا قىلدى. بۇ مىڭ تىللانى ئېلىپ يولۇڭغا ماڭغىن‹ دېدى»([16]).
بەلكى بۇ قىسسە ماددىيلىشىپ كېتىۋاتقان ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا ئىشەنگۈسىز تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئاللاھتائالانىڭ قەرزنى قايتۇرۇشنى نىيەت قىلغان كىشىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسا ھاجىتىنى راۋا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىمانغا، ئاللاھقا بولغان ئىشەنچكە بېرىپ تاقىلىدۇ. ھازىرقى كۈنىمىزدە كىشىلەر دۇنياۋى سەۋەبلەرگىلا تايىنىپ، پۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇشلار قولىدا بولغان ياراتقۇچى زاتقا تايىنىشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ.
بىرىنچى قېتىمقى قەرزنى ئالغان چاغدىكى نىيەت ئۇ قەرزنى قايتۇرۇشقىلا پايدىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى بۇ نىيەت ئارقىلىق كېيىنچە، يەنە بىر نەچچە قېتىم قەرز ئېلىشقىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى، قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرغان كىشى پۇلدىنمۇ قىممەتلىك بولغان بىر نەرسىگە ئېرىشىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسى.
داۋامى بار.
———————————————–
([1]) «بدائع الصنائع»، 7/396؛ «إعلام الموقعين»، 3/99.
([2]) «بەقەرە» سۈرىسى، 245 – ئايەتلەرنىڭ بىر قىسمى.
([3]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2305 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1601 – ھەدىس.
([4]) «مۇسلىم»، 1601 – ھەدىسنىڭ بىر قىسمى.
([5]) «صحيح الجامع»، 5769 – ھەدىس.
([6]) «سنن البيهقي الكبرى»، 10736 – ھەدىس. ئالبانى «ئاجىز» دەپ باھالىغان؛ «ضعيف الجامع»، 4085 – ھەدىس.
([7]) «شعب الإيمان»، للبيهقي، 3564 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دەپ باھالىغان؛ «السلسلة الصحيحة»، 3407 – ھەدىس.
([8]) «سنن ابن ماجه»، 2431 – ھەدىس. ئالبانى «ئىنتايىن ئاجىز» دەپ باھالىغان؛ «السلسلة الضعيفة»، 3637 – ھەدىس.
([9]) «الإنافة في الصدقة و الضيافة»، للإمام ابن حجر الهيثمي، 159 – بەت.
([10]) «سنن ابن ماجه»، 2430 – ھەدىس. ئالبانى «ھەسەن» دەپ باھالىغان؛ «الإرواء» 1389 – ھەدىس.
([11]) «الإنافة في الصدقة و الضيافة»، للإمام ابن حجر الهيثمي، 157 – بەت.
([12]) «موطأ مالك»، 1362 – ھەدىس.
([13]) «الموسوعة الفقهية الكويتية»، 33/113.
([14]) «الإنافة في الصدقة و الضيافة»، للإمام ابن حجر الهيثمي، 155 – بەت.
([15]) سەھىھەين: «بۇخارى»، 2387 – ھەدىس؛ «مۇسلىم»، 1601 – ھەدىس.
([16]) «بۇخارى»، 2291 – ھەدىس.