شەرىئەتتە قەرز ئەھكاملىرى(1)

شەرىئەتتە قەرز ئەھكاملىرى(1)

دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

بارلىق ھەمدۇسانا بىزلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلغان، ھاياتىمىزنى ۋەھيى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالاغا بولسۇن. بىزگە ئىسلامنى تولۇق يەتكۈزگەن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابە – كىراملىرىغا، شۇنداقلا تاكى قىيامەتكە قەدەر ئاشۇ پەيغەمبەرنىڭ تۇتقان يولىغا ئەگىشىپ ماڭغان مۇئمىنلەرگە دۇرۇد ۋە سالاملار بولسۇن.

كۈندىلىك ھاياتىمىزدا قەرز بېرىپ تۇرۇش ياكى قەرز سوراشتىن ھېچبىر كىشى خالىي ئەمەس، ئىسلام شەرىئىتى قەرز بېرىپ تۇرۇشقا تەرغىب قىلغان. ئۇنىڭ ساۋابى ۋە پەزىلەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن ئەھكاملارنى ئايەت ۋە ھەدىسلەردە بايان قىلغان. مەيلى تىجارەتچى بولسۇن، مەيلى دېھقان ياكى ئۆي خانىمى ۋەياكى ئوقۇغۇچى بولسۇن، ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان شەخسلا بولىدىكەن، جازانە، زاكات، مىراس، مۇئامىلە ۋە تۆلەم قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلارغا چېتىلغانلىقى جەھەتتىن قەرزگە مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى بىلمىسە، شەرىئەت كۆرسەتمىسىگە خىلاپ كېلىدىغان كۆپ ئىشلارنى سادىر قىلىپ سالىدۇ. جېدەل – ماجىرالاردىنمۇ خالىي بولالمايدۇ. شۇڭا، بۇ ماقالىمىزدا قەرزگە مۇناسىۋەتلىك بىلىۋېلىش زۆرۈر بولغان مۇھىم مەلۇمات ۋە ئەھكاملارنى بايان قىلىمىز.

قەرزنىڭ ئېنىقلىمىسى

قەرز كەلىمەسى ئەرەب تىلىدا: ئەرەب تىلىدا: «كەسمەك، ئۈزمەك ۋە ئۆتنە بېرىپ تۇرغان پۇل – مال» دېگەن مەنىدە،  شەرىئەت ئىستىلاھىدا: كېيىن ئوخشىشىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە ياخشىلىق قىلىش مەقسىتىدە باشقىلارغا ئۆتنە بەرگەن پۇل – مال قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئېھتىياج كۆرۈلگەندە (ئۆسۈمسىز) قەرز ئېلىش جائىز، قەرز بېرىپ تۇرۇش پەزىلەتلىك مۇستەھەب ئەمەلدۇر(1). باشقا تىللاردىكى (كىرېدىت / Credit) كەلىمەسىمۇ مۇشۇ ئەرەبچە كەلىمەدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ.

قەرز كېلىشىمىنىڭ تۈرى

قەرز بېرىش ياردەم ۋە ئېھسان خاراكتېرلىك كېلىشىم بولۇپ، ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئەمەس. چۈنكى، قەرز بەرگۈچى ئۇنىڭ بەدىلىگە بىرنەرسە ئالمايدۇ. قەرز ئالغۇچىمۇ قەرزنى قايتۇرغانغا قەدەر ئۇنىڭدىن بەدەلسىز پايدىلىنىدۇ. قايتۇرغاندا باشقا نەرسىنى ئەمەس، قەرزنىڭ ئۆزىنى قايتۇرىدۇ(2).

قەرزنىڭ يولغا قويۇلۇشىدىكى ھېكمەت

ئىنسانلار ئادەتتە باشقىلاردىن پۇل – مال سوراپ تۇرۇشقا ئېھتىياجلىق بولغاچقا، قىينىلىپ قالماسلىق، تۇرمۇش ئىشلىرى ئۆز يولىدا مېڭىش ۋە قەرز بېرىپ ساۋابقا ئېرىشىدىغانلارنىڭ بۇ ساۋابلىق ئىشنى قىلىش ئارقىلىق ئەجىرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن قەرز بېرىش يولغا قويۇلغان.

قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ پەزىلىتى

قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ پەزىلەتلىك ئەمەل ئىكەنلىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەر، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىجمائسى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. ئاللاھ تائالا: ﴿نەچچە ھەسسە قىلىپ قايتۇرىدىغانغا ئاللاھقا ياخشى قەرز بېرىپ تۇرىدىغان كىم بار؟﴾(2/«بەقەرە»: 245) دېگەن.

بۇ ئايەتتە ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا سالىھ ئەمەللەر بىلەن ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىنغان چىقىملارنى قەرز بېرىلگەن مال – مۈلۈككە، ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ بېرىلگەن مۇكاپاتنى قەرزنىڭ بەدىلىگە ئوخشاتقان. ياخشى ئىشلارنى قەرز دەپ ئاتىغان. چۈنكى، ئۇنى قىلغۇچى ئۇنىڭ بەدىلىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قىلغان. دېمەك، ئۇنداق كىشى بىرنەرسىنى قەرز بېرىپ، كېيىن ئۇ قەرزىنىڭ بەدىلىنى قايتۇرۇۋالغۇچىغا ئوخشىغان.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەممۇ قەرز ئالغان. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بىر ئادەمگە مەلۇم بىر ياشتىكى تۆگە بېرىشى بار ئىدى. ئۇ ئادەم رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىغا تۆگىسىنى سۈيلەپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ ساھابەلىرىگە: ‹بۇ ئادەمگە تۆگىسىنى بېرىڭلار› دېدى. ساھابەلەر ئىزدەپ، ئۇنىڭ تۆگىسىگە ئوخشاش ياشتىكى تۆگىنى تاپالماي، ئۇنىڭ تۆگىسىدىن يېشى چوڭراق بىر تۆگىنى تاپتى. رەسۇلۇللاھ:

— ئۇنىڭغا بېرىۋېتىڭلار، — دېگەندە، ئۇ ئادەم:

— ھەققىمنى تولۇق بەردىلە، ئاللاھ سىلىگىمۇ تولۇق بەرگەي! — دېدى. نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:

— ھەقىقەتەن ياخشىراقىڭلار قەرزنى ئەڭ ياخشى ئادا قىلغىنىڭلاردۇر، — دېدى»(3).

ئىمام مۇسلىم «سەھىھ»ىدە رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىر مۇئمىننى دۇنيا غەملىرىدىن بىرىدىن خالاس قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇنى قىيامەتنىڭ غەملىرىنىڭ بىرىدىن خالاس قىلىۋېتىدۇ. كىمكى قىينىلىپ قالغان بىر كىشىگە قولايلاشتۇرۇپ بەرسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە قولايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. كىمكى بىر مۇسۇلماننى يۆگىسە، ئاللاھ ئۇنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە يۆگەيدۇ. بەندە قېرىندىشىنىڭ ياردىمىدىلا بولىدىكەن، ئاللاھ ئاشۇ بەندىسىنىڭ ياردىمىدە بولىدۇ»(4).

دېمەك، قەرز بېرىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، چوڭ غەمدىن خالاس قىلغاچقا، قەرز بېرىش تەرغىب قىلىنغان پەزىلەتلىك ئىش قاتارىغا كىرىدۇ. ساھابە كىراملارمۇ قەرز ئالغان ۋە قەرز بەرگەن. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە قەرز بېرىپ تۇرۇش رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئۆگەنگەن ئادەمگەرچىلىك بولۇپلا قالماستىن، كىشىلەرنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىپ، خەير – ئېھسان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەمەل ئىدى.

ھەدىستە مۇنداق رىۋايەت قىلىنغان: «كىمكى بىر مۇسۇلمانغا ئىككى قېتىم قەرز بېرىپ تۇرسا، بىر قېتىمقىنى سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ». بۇ سۆز رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىنمۇ، ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان. شەيخ ئالبانىي بۇنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسى ئىكەنلىكىنى تەرجىھ قىلغان(5).

يەنە بىر ھەدىستە: «بىرنەرسىنى قەرز بېرىش سەدىقە بەرگەندىن ياخشىراق» دېيىلگەن(6).

بۇنىڭ سەۋەبى ئەبۇ ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق بايان قىلىنغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «بىر كىشى جەننەتكە كىرىپ، ئۇنىڭ دەرۋازىسىغا ‹سەدىقەگە ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ، قەرزگە ئون سەككىز ھەسسە› دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن» دېگەن(7).

يەنە ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «مەن كېچىسى بەيتۇلمۇقەددەسكە ئېلىپ بېرىلغىنىمدا جەننەتنىڭ دەرۋازىسى ئۈستىدە ‹سەدىقەگە ئون ھەسسە ساۋاب بېرىلىدۇ، قەرزگە ئون سەككىز ھەسسە› دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرۈپ، جىبرىلدىن:

— ئى جىبرىل! قانداق بولۇپ سەدىقەگە ئون ھەسسە ساۋاب، قەرزگە ئون سەككىز ھەسسە ساۋاب بېرىلىدىغان بولغان؟ – دەپ سورىسام، ئۇ مۇنداق دېدى:

— سەدىقە دېگەن باينىڭمۇ، كەمبەغەلنىڭمۇ قولىغا چۈشىدۇ. قەرز دېگەن پەقەت موھتاجنىڭلا قولىغا چۈشىدۇ»(8).

بۇ ھەدىسمۇ قەرز بېرىلگەن بىر تەڭگە سەدىقە قىلىنغان ئىككى تەڭگىگە باراۋەر كېلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، قەرزدە ھەم غەمدىن خالاس قىلىش، ھەم مۆھلەت بېرىشتىن ئىبارەت قوش ساۋابلىق ئىش بار. شۇڭا، ساۋابىمۇ قوش بولغان.

ھەدىستىكى «قەرزگە ئون سەككىز ھەسسە ساۋاب» قانداق بولۇپ ئون سەككىز بولۇپ قالغان دېيىلسە، بۇنى مۇنداق ھېسابلاپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن: قەرز بېرىلگەن بىر تەڭگە سەدىقە بېرىلگەن ئىككى تەڭگىگە باراۋەر دېسەك، «بىر سەدىقەگە ئون ساۋاب بېرىلىدۇ» دېگەن ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغىنىمىزدا، بىر تەڭگە قەرزنىڭ ساۋابى يىگىرمە بولىدۇ. «بىر سەدىقەگە ئون ساۋاب بېرىلىدۇ» دېگەندىن بىر تەڭگىگە توققۇز ھەسسە ئارتۇق ساۋاب بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. يىگىرمە ساۋابتىن قەرز بەرگۈچىنىڭ قولىغا قايتقان بىر تەڭگە سەدىقە بېرىلگەن ئىككى تەڭگىگە باراۋەر بولغاچقا، ئۇ ئىككى تەڭگىنى قايتۇرۇۋالغان بولىدۇ. نەتىجىدە، ئىككى تەڭگە ئۈچۈن ئارتۇق ھەسسىلەپ بېرىلگەن ئون سەككىز ساۋابلا قالغان بولىدۇ(9).

قەرز بېرىش سەدىقە بېرىشتىن ئەۋزەلمۇ؟

بەزى ئالىملار يۇقىرىقى ھەدىسلەرگە ئاساسەن: «قەرز بېرىش ئەۋزەل» دېگەن. يەنە بەزىلەر يۇقىرىقى «كىمكى بىر مۇسۇلمانغا ئىككى قېتىم قەرز بېرىپ تۇرسا، بىر قېتىمقىنى سەدىقە قىلغاندەك بولىدۇ» دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن: «سەدىقە بېرىش قەرز بېرىشتىن ئەۋزەل» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «باش تەرىپىگە قارىساق قەرز بېرىش ئەۋزەل. چۈنكى، ئۇنىڭدا تىلەپ باقمىغان مۇسۇلماننىڭ يۈز – ئابرۇيىنى ساقلاش ئالاھىدىلىكى بار. ئاياغ تەرىپىگە قارىساق، سەدىقە ئەۋزەل. چۈنكى، سەدىقەدە بەرگەن نەرسىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «قايسىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ئالغۇچى بىلەن بەرگۈچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ بولىدۇ» دېگەن. يەنە بەزىلەر: «سەدىقەنىڭ ئەجرى سەدىقە قىلغاندىلا يېزىلىدۇ، قەرزنىڭ بولسا ئۇ قەرز ئالغۇچىدىلا بولىدىكەن، يېزىلىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، قەرز بېرىش سەدىقەدىن ئەۋزەل» دېگەن. ئاخىرقى بۇ قاراش ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىنمۇ رىۋايەت قىلىنغان(10).

ئەمەلىيەتتە، قايسىسىنىڭ ئەۋزەللىكى ھەربىر شەخس، شارائىت ۋە زامانغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ، ئوخشاشمىغان ھەدىسلەرنىمۇ شۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ.

لېكىن، قەرز بېرىشتىن كېلىدىغان ساۋاب ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەش نىيىتىگە باغلىق. قەرز بەرگۈچى بۇ ساۋابنى كۆزلىگەنلا بولسا بۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. ئىمام مالىك رىۋايەت قىلغانكى، ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما: «قەرز ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، سەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن قەرز بولۇپ، سەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىسەن. يەنە بىرى، سەن دوستۇڭنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ بەرگەن قەرز بولۇپ، سەن دوستۇڭنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىسەن. ئۈچىنچىسى، پاكنى بېرىپ ناپاكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بەرگەن قەرز بولۇپ، بۇ جازانەدۇر» دېگەن(11).

بۇنىڭدىن بىرەرسىگە ياخشىچاق بولۇشنى ياكى بىرەرسىنىڭ مىننەتدارلىقىنى كۆزلەپ قەرز بەرسە ساۋاب ئالالمايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ. «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق» دېگەن ھەدىسمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ.

قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ ھۆكمى

قەرز بېرىپ تۇرغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قەرز بېرىش قەرز سورىغۇچىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش، ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش، خارلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قويۇش، غەمدىن خالاس قىلىش قاتارلىق ساۋابلىق ئىشلاردىن سانالغان بولغاچقا، قەرز بېرىشنىڭ ئۆزى مۇستەھەب، ياخشى ئىش.

ئەمما، قەرز سوراش ئەھۋالىغا قاراپ قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ ھۆكمى ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، ھاراق ئىچىشتەك ئېنىق ھارام ۋە گۇناھ ئىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن قەرز سورىغان كىشىگە قەرز بېرىپ تۇرۇشنىڭ ھۆكمى ھارام بولىدۇ. گۇناھقا ئىشلىتىپ قېلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولسا، مەكرۇھ بولىدۇ.

تىجارەتچى كىشى زۆرۈر ئېھتىياجى بولمىسىمۇ تىجارىتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ كۆپرەك پايدا ئېلىش ئۈچۈن قەرز سورىغان بولسا، قەرز بېرىپ تۇرۇش مۇباھ بولىدۇ. چۈنكى، بۇنداق ئەھۋالدا، غەمدىن خالاس قىلىش، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك ئېسىل پەزىلەت بولمايدۇ.

قەرز سورىغۇچى قىيىن ئەھۋالدا قالغان، مەسىلەن، قەرز بېرىلمىسە ئاچ قالىدىغان، داۋالىنالماي ئۆلۈپ كېتىدىغان، ئىنتايىن قىينىلىپ قالىدىغان بولسا، بۇنداق ئەھۋالدا، ئۇنىڭغا قەرز بېرىپ تۇرۇش ۋاجىب بولىدۇ. ئۇنداق جىددىي ئەھۋال بولماي، سەل قىينىلىدىغان، سەل ئاۋارە بولىدىغان ئەھۋاللاردا مۇستەھەب بولىدۇ(12).

ھازىرقى جەمئىيەتتە ئۇچراپ تۇرىدىغان قەرز بېرىپ تۇرسا كېيىن قايتۇرماي ئاۋارە قىلىدىغان، ئانچە جىددىي بولمىسىمۇ ئېلىۋېلىپ، قايتۇرماسلىقنى ئويلايدىغان كىشىلەرگە قەرز بېرىپ تۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

قەرز ئېلىشنىڭ ھۆكمى

قەرز ئالغان تەقدىردە، قەرزنى كېيىنچە، قايتۇرۇشقا كۈچى يېتىدىغان كىشىنىڭ قەرز ئېلىشى مۇباھتۇر. ئەگەر قايتۇرالمايدىغان ئەھۋالدا بولسا، قەرز ئېلىشقا جىددىي ئېھتىياجى يوق تۇرۇپ قەرز ئېلىشى مۇباھ ئەمەس.

قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرزنى قايتۇرالمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قەرز بەرسە، قەرز سورىغۇچىغا ھارام بولمايدۇ(13).

قەرز ئالغۇچىنىڭ نىيىتىنىڭ مۇھىملىقى

«سەھىھ» ھەدىستە بايان قىلىنغاندەك، ئىنساننىڭ بارلىق ئەمەللىرى نىيىتىگە باغلىق بولۇپ، قەرز بەرگۈچىنىڭ بېرىشتىكى نىيىتى مۇھىم بولغىنىدەك، قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز ئېلىشتىكى نىيىتىمۇ قەرزنى قايتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «كىمكى قايتۇرۇش نىيىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ پۇل – مېلىنى ئالسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا قايتۇرۇشىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. كىمكى ئۇنى بۇزۇپ – چېچىۋېتىش نىيىتى بىلەن ئالسا، ئاللاھ ئۇنى بۇزۇپ – چېچىۋېتىدۇ» دېگەن(14).

كىمكى قايتۇرۇش نىيىتى بىلەن قەرز ئالسا، ئاللاھ ئۇنى ساقلايدىغان، قوغدايدىغان، تاكى قەرزىنى قايتۇرغانغا قەدەر ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى مۇئەككەل قىلىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى «سەھىھ» ھەدىستە كەلگەن بىر ۋەقەلىك بايان قىلىدۇ:

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەنى ئىسرائىلدىن بىر كىشىنى تىلغا ئېلىپ دېگەنكى: «ئۇ كىشى بىر ئادەمدىن مىڭ تىللا قەرز سورىغاندا، قەرز بەرگۈچى:

— گۇۋاھچىلارنى ئېلىپ كەلسەڭ، ئۇلارنى گۇۋاھلىتىپ بېرەي، — دېۋىدى، ئۇ:

— گۇۋاھچىلىققا ئاللاھ يېتەرلىك، — دېدى. قەرز بەرگۈچى:

— كېپىلنى ئېلىپ كەلسەڭ بېرەي، — دېگەنىدى، ئۇ كىشى:

— كېپىل بولۇشقا ئاللاھ يېتەرلىك، — دېدى. قەرز بەرگۈچى:

— راست دەيسەن، — دەپ ئۇنىڭغا پۇلنى مەلۇم مۇددەتكىچە بەردى. ئۇ ئادەم دېڭىزغا چىقىپ تىجارەت قىلىش ئارقىلىق ھاجىتىدىن چىقتى، ئاندىن پۇلنىڭ مۇددىتى توشۇپ پۇلنى ئاپىرىپ بېرىشكە كېمە ئىزدەپ تاپالماي، بىر ياغاچنى ئېلىپ ئۇنى ئۇيۇپ، تىللانى ئۇنىڭغا يازغان بىر پارچە مەكتۇب بىلەن سالدى، ئاندىن مىخلىۋەتتى، ئاندىن ياغاچنى دېڭىزغا ئېلىپ كېلىپ: ‹ئى ئاللاھ! مەن پالانچىدىن مىڭ تىللا قەرز سورىغاندا، ئۇ مەندىن كېپىل تەلەپ قىلىۋېدى، مەن ”ئاللاھ يېتەرلىك كېپىل“ دېسەم، ئۇنىڭ ساڭا رازى بولغانلىقىنى، ئۇ ئادەم مەندىن گۇۋاھ بولغۇچى سورىغاندا، مەن ئۇنىڭغا ”ئاللاھ يېتەرلىك گۇۋاھچى“ دېسەم، شۇنىڭغىمۇ رازى بولغانلىقىنى بىلىسەن. ئامانەتنى ئەۋەتىش ئۈچۈن كېمە تېپىشقا ئۇرۇنغان بولساممۇ، لېكىن تاپالمىدىم. شۇڭا، مەن ساڭا ياغاچتىكى پۇلنى ئامانەت قويدۇم› دەپ ياغاچنى دېڭىزغا تاشلىۋىدى، ياغاچ دېڭىزغا چۈشتى. ئۇ ئادەم قايتىپ كېتىپ يەنىلا قەرز بەرگەن ئادەمنىڭ شەھىرىگە چۈشۈپ بارىدىغان كېمە ئىزدەپ يۈردى. قەرز بەرگەن ئادەم ‹قەرز ئالغۇچى ئامانەتنى كېمە بىلەن ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن› دەپ چىقىپ قاراپ تۇرغان ئىدى، توساتتىن ئېقىپ كەلگەن بىر ياغاچنى كۆرۈپ ئوتۇن قىلىش ئۈچۈن ئۇ ياغاچنى ئېلىپ يارغانىدى، مىڭ تىللا بىلەن خەت چىقتى. ئاندىن كېيىن قەرز ئالغان ئادەم يەنە مىڭ تىللا ئېلىپ يېتىپ كېلىپ:

— ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئامانەتنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە چۈشۈپ كەلگۈدەك بىر نەرسە تېپىشقا ئۇرۇنغان بولساممۇ، لېكىن تاپالمىدىم، — دەپ ئۆزرە ئېيتتى. قەرز بەرگۈچى:

— ماڭا بىر نەرسە ئەۋەتتىڭمۇ؟ — دېۋىدى، ئۇ:

— مەن كەلگەن كېمىدىن بۇرۇن چۈشۈپ كېلىدىغان بىر نەرسە تاپالمىغانلىقىمنى ساڭا ئېيتتىم، — دېدى. قەرز بەرگەن ئادەم:

— ھەقىقەتەن ئاللاھ ياغاچتا ئەۋەتكەن پۇلۇڭنى ماڭا يەتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق سەندىن ئادا قىلدى، بۇ مىڭ تىللانى ئېلىپ يولۇڭغا ماڭغىن، — دېدى»(15).

بەلكى بۇ قىسسە ماددىيلىشىپ كېتىۋاتقان ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا ئىشەنگۈسىز تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئاللاھ تائالانىڭ قەرزنى قايتۇرۇشنى نىيەت قىلغان كىشىنى قوغدايدىغانلىقىنى، ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسا ھاجىتىنى راۋا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىمانغا، ئاللاھقا بولغان ئىشەنچكە بېرىپ تاقىلىدۇ. ھازىرقى كۈنىمىزدە كىشىلەر دۇنياۋى سەۋەبلەرگىلا تايىنىپ، پۈتۈن ئورۇنلاشتۇرۇشلار قولىدا بولغان ياراتقۇچى زاتقا تايىنىشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ.

بىرىنچى قېتىمقى قەرزنى ئالغان چاغدىكى نىيەت ئۇ قەرزنى قايتۇرۇشقىلا پايدىسى بولۇپ قالماستىن، بەلكى بۇ نىيەت ئارقىلىق كېيىنچە، يەنە بىرنەچچە قېتىم قەرز ئېلىشقىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. چۈنكى، قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرغان كىشى پۇلدىنمۇ قىممەتلىك بولغان بىرنەرسىگە ئېرىشىدۇ، ئۇ بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسى.

داۋامى بار…

«ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى»

———————————
1. قاراڭ: «ئومۇمىي ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 1133 – بەت، «مىسىر ئەۋقاف (ۋەقفلەر) مىنىستىرلىكى». قاهىرە، م. 2003.
2. كاسانىي: «بەدائىئۇسسەنائىئـ»، 7/396؛ ئىبنۇلقەييىم: «ئېئلامۇل مۇۋەققىئىن»، 3/99.
3. بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس: «بۇخارىي»، (2305)؛ «مۇسلىم»، (1601).
4. «مۇسلىم»، (1601).
5. «ئىبنى ماجه»، (2430). ئالبانىي: «سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، (5769).
6. بەيھەقىي: «ئەسسۈنەنۇل كۇبرا»، (10736). ئالبانىي («سەھىھۇلجاﻣﯩﺌ»، 4085): «زەئىف» دېگەن.
7. بەيھەقىي: «شۇئەبۇل ئىمان»، (3564). ئالبانىي («ئەسسىلسىلەتۇسسەھىھە»، 3407) «ھەسەن» دېگەن.
8. «ئىبنى ماجه»، (2431). ئالبانىي: («ئەسسىلسىلەتۇززەئىفە»، 3637): «ئىنتايىن زەئىف» دېگەن.
9. ئىبنى ھەجەر ئەلھەيتەمىي: «ئەلئىنافە / الإنافة في الصدقة و الضيافة»، 159 – بەت.
10. ئىبنى ھەجەر ئەلھەيتەمىي: «ئەلئىنافە / الإنافة في الصدقة و الضيافة»، 157 – بەت.
11. «مالىك»، (1362).
12. ئىلمىي گۇرۇپپا: «كۇۋەيت فىقھىي ئېنسىكلوپېدىيەسى»، 33/113.
13. ئىبنى ھەجەر ئەلھەيتەمىي: «ئەلئىنافە / الإنافة في الصدقة و الضيافة»، 155 – بەت.
14. «بۇخارىي»، (2387).
15. «بۇخارىي»، (2291).

Please follow and like us:

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز